enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 17:17:47

‏بىلىم ئېرسىيەت قالامدۇ؟

‏بىلىم ئېرسىيەت قالامدۇ؟

‏يېقىندا شىنجاڭ تېلېۋېزىيىسى بىلەن شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن قەشقەر پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتىدا سۈرەتكە ئېلىنىپ تارقىتىلغان «ئىستىقبال سەھنىسى» پىروگراممىسىدا تونىلىۋاتقان ياش پىسخولوگىمىز ئەلى قۇربان مەكتەپتە ئۆگەنگەن كەسپىي بىلىمىگە ماس كەلمەيدىغان خىزمەتكە دۇچ كېلىپ، بۇنىڭدىن ئەپسۇسلىنىپ قېلىۋاتقان بىر ياش ئىستىقبال ئىزدىگۈچىگە تەخمىنەن مۇنداق بىر مەزمۇندا گەپ قىلغان ئىدى: «ئۆگەنگەن بىلىمىم ئىسراپ بولۇپ كېتەمدىكىن دەپ ئنسىرىمەڭ، سىز ئىشلىتەلمىسىڭىز، كاللىدىكى بىلىم بالىغا ياكى مەلۇم بىر كۈنلەردە بىر نەۋرىڭىز ياكى چەۋرىڭىزگە مىراس قالىدۇ، بۇنىڭ ئىسپاتلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئىشەنچلىك ماتېرىياللار بار». ئەسلىدە ھازىر پىسخولوگىمىز ئەلى قۇرباننىڭ مەزكۇر سۆزىنى شۇ سان پىروگراممىنى  قايتا كۆرۈش ئارقىلىق سۆزمۇ- سۆز كۆچۈرۈپ ئاندىن مىسالغا ئالسام ياخشى بولاتتى، لېكىن تېلېۋېزوردىن قايتا كۆرۈش ئىمكانىيىتىم بولمىغاچقا ئېسىمدە قالغىنىغا ئىشەنچ قىلىپ، شۇ بويىچە مىسالغا ئېلىپ، بۇ سۆزگە پۈتۈنلەي گۇمانلىنىدىغىنىمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەلى قۇرباننىڭ ئۆزىدىن ۋە بىلگەجاندەك بۇ ساھەنىڭ ئالىي مۇتەخەسىسلىرىدىن گۇمانىمنىڭ يېشىلىشى ئۈچۈن ياردەم سورايمەن .
‏   مەن ئەلى قۇرباننىڭ مەزكۇر سۆزىنى تۇنجى ئاڭلىغاندىن كېيىنلا ئۇ گەپنىڭ توغرىلىقىدىن قاتتىق گۇمانلىنىپ، ئۆيۈمدىكى پىسخولوگىيىگە ئائىت كىتاپلارنى ئاختۇرۇپ كۆرگەن ئىدىم، لېكىن بىلىمنىڭ گېن ئارقىلىق مىراس قالىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىرەر مەلۇماتقا ئېرىشەلمىدىم، شۇ چاغدا تور تاقاق بولغاچقا توردىن ماتېرىيال ئاختۇرۇپ كۆرەلمىدىم، مانا ئەمدى تور ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن بىر قۇر ماتېرىيال ئاختۇرۇپ يەنىلا ئوخشاش جاۋاپقا ئېرىشىپ ئولتۇرۇپتىمەن: ئادەمگە گېن ئارقىلىق ئېرسىيەت قالىدىغىنى تۇغما ئىقتىدار، چىراي، قەددى- قامەت ۋە ئەقلىي قابىلىيەت (زېھنىي كۈچ) دېگەندەك نەرسىلەر بولۇپ، بىلىمنىڭ گېن ئارقىلىق مىراس (ئېرسىيەت) قالىدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات يوق ئىكەن.
‏   تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇكى، ناۋادا «بىلىم ئېرسىيەت قالىدۇ» دېگەن مۇشۇنداق بىر ھۆكۈم راستىنلا ئىسپاتلانغان بولسا پۈتۈن دۇنيانى زىل- زىلىگە سالىدىغان بىر خەۋەرگە ئايلىنىپ پۈتۈن تېلېۋېزور ۋە تورلارنى قاپلىغان بولاتتى، چۈنكى ھازىرقى بيولوگىيە ۋە پىسخولوگىيە پەنلىرىگە نىسبەتەن ئاشۇنداق بىر خىل بايقاشقا ئېرىشىش خۇددى بۇ ئالەمدە تۇرۇپ ئۇ ئالەمدىكى جەننەتنىڭ دەرۋازىسىنى ئادەتتىكى كۆز بىلەن كۆرەلەيدىغان بىر تەرەققىياتقا ئېرىشكەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ. لېكىن توردا ئۇ توغرىلىق بىرەر خەۋەر- ئۇچۇر يوق.
‏   مەن ئەلى قۇربانغا كەسكىن پوزېتسىيىدە بىر رەددىيە بېرىشنى ئويلىغان ئىدىم، لېكىن يەنىلا ئۇنىڭ «بۇنىڭ ئىسپاتلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئىشەنچلىك ماتېرىياللار بار» دېگەن سۆزىدىن ئىككىلىنىپ قېلىپ، شۇ «ئىشەنچلىك ماتېرىياللار»نىڭ زادى قانداق ئىشلىقىنى بىر ئېنىقلىۋالاي دەپ قالدىم.
‏   ئەلى قۇربان ئەپەندى، بۇ توغرىسىدا ئېنىقراق بىر مەلۇمات بېرەلەرسىزمۇ؟
‏   بىلگەجان، سىزنىڭمۇ ئادەم مېڭىسىنى تەتقىق قىلىدىغان دۇنياۋىي ئالدىنقى سەۋىيىدىكى تەتقىقات ئورنىدا ئىشلەيدىغان بىر ياش تەتقىقاتچى ئالىم بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن سۇئالىمنىڭ يۇقۇرى ئېنىقلىقتا جاۋاپقا ئېرىشىشى ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقىڭىزنى ئاجرىتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

‏      

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 20:30:51

بىلىمنىڭ ئېرسىيەت قېلىشىنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىمكەن.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 20:49:19

بىلگەجان قانداق جاۋاپ بېرىدىكىن. ساقلاپ باقايلى. ئىرسىيەت بەك مۇرەككەپ ئىشتەك ھېس قىلىمەن.  فانتازىيە ئەسەرلىرىدە ئۇچىرايتى، كېلون ئادەم بۇرۇنقى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئېسىگە ئالالايدىغان ئىشلار.
بىلىم بىر ھېساپتا ئادەمنىڭ ئېسىدە قالغان، تەرتىپلىك، قانۇنىيەتلىك خاتىرە.
بىرەر ئاساسى بولۇپ قالمىسۇن يەنە.

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 20:54:25

ئەلىنىڭ بەزى سۆزلىرى ئىلىمدە بولۇشى مۇمكىن، بىراق يەنە بەزى سۆزلىرى ئۆزىنىڭ ھېسسىي يەكۈنى. شۇڭا بۇنچىۋالا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ كېتىشكە ئەرزىمەيدۇ. سىز بىزلەر ئۇنىڭدىن كىچىك تۇرساق، قانداقمۇ ئۇنىڭ سىرىنىڭ تېگىگە يېتەلەيمىز.

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 21:00:42

       مېنىڭچە ، بىلىم بوي ئىگىزلىكى ، تەقى-تۇرقى ... قاتارلىقلار ئىرسىيەت قالغاندەك ئىرسىيەت قالمايدۇ
ئەگەر «بالىنىڭ مىجەزى ئاتا-ئانىسىغا ئوخشاپ قالىدىغۇ ؟بىلىم نىمىشقا مىجەز-خاراكتېردەك ئىرسىيەت قالمايدۇ ؟» دەپ سورالسا «مىجەز ئىرسىيەت قالمايدۇ ، يۇقىدۇ » دەپ جاۋاب بىرىشىم مۇمكىن .
      مەلۇم كەسپنىڭ ئەھلىنىڭ پەرزەنتىنىڭمۇ شۇ كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىشى ، ھەتتا شۇ كەسپتە «تالانتى » بۇلىشىمۇ ، مېنىڭچە ، ئاتا -ئانىسىنىڭ تەسىرىدىن . ھەرگىزمۇ «بىلىمنىڭ ئىرسىيەت قالغانلىقى »دىن  ئەمەس
       مېنىڭچە بىلىم ئۈگىتىش ، باشقىچە ھالەتتە ساقلاش (مەسىلەن : كىتاب ) قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق «ئىرسىيەت قالىدۇ »
      

oghuzxan68 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 21:02:00

بۇ مەسىلىنى گېنىتىكا بىلەن چۇشېندۇرسە بەك مۇرەككەپلىشىپ كېتىشى مۇمكىن .
،.ەلى مۇەللىم وزى بىرچۇشەنچە بەرسە بولغىدەك.

Uyghurking يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 21:03:52

ئۆگەنگەن بىلىم ھامان ئەس قاتىدۇ دەپ چۈشەنسەكلا بولمىدىمۇ {:92:}

454603066 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 21:05:47

‏بىلىم ئېرسىيەت قالسا ئوقۇماي تۇرۇپ ياشاپ كەتكىلى ئويلاشماي تۇرۇپ  بىلىپ كەتكىلى بولمامدۇ ؟{:92:}

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 21:11:42

سىز بىلىملىك بولسىڭىز، شۇ بىلىمىڭىزنىڭ تەسىرى بالىڭىزنىڭ تەربىيىسىدە ئەكىس ئېتىدۇ دېگەننى چۈشەندۈرمەكچى بولسا كېرەك.

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 21:12:36

مۇزىكا بىلىم دەپ قارالسا ئىرسىيەت قالامدۇ نىمە ، قىزىمنىڭ ئۇدار سىزىمى مىنىڭكىدىن ياخشىراق تۇرىدۇ:lol

454603066 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 21:18:30

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2014-11-3 21:11 static/image/common/back.gif
سىز بىلىملىك بولسىڭىز، شۇ بىلىمىڭىزنىڭ تەسىرى بالىڭىز ...

ئادەم پىخسىكىسىدا قالىدۇدىمەكچىكەندە  ئەسلى ، خاتا چۇشىنىۋاپتىمەن.

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 21:23:28

ھازىرقى كىچىك بالىلارنىڭ ئەقىلىگە قاراپ بۇ گەپنىڭ ئاساسى بارمىكىن دەپ ئويلاپ قالىدىكەن. مېڭە دېگەن بىلىم ئۈگەنگەنسىرى ئېچىلىدىغان نەرسە. كۆپ بىلىم ئۈگەنگەن ئادەمنىڭ مېڭىسىنىڭ مەلۇم قىلىسمى غىدىقلىنىپ ئېرسىيە ئارقىلىق بالىسىغا ئۆتۈشىمۇ مۇمكىن. ئەلۋەتتە بۇ بىر كومپىيۇتېردىن يەنە بىر كومپىيۇتېرغا ھۈججەت كۆچۈرگەندەك ھەممىنى بالىغا كۆچۈردۇ دېگەنلىك بولمىسا كېرەك.
يېقىنقى يۈز يىل مابەينىدىكى كەشپىيات ئىختىرالار ئىنسانىيەتنىڭ ئۇنىڭ ئالدىدىكى مىڭ يىللىق كەشپىياتلىرىدىن كۆپ.
قېنى مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئىنكاسنى ئاڭلاپ باقايلى.

454603066 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 21:28:26

گەپ ئۇزۇراپ كېتەمدۇ قانداق ؟ ئالدىرماي ئولتۇرۇپ كۇرەي {:92:}

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 21:28:29

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-3 22:33  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم enwerjula،

گەرچە شەخىسلەرنىڭ مەلۇم قاراشلىرىنى تالاش-تارتىش قىلىشنى ۋاقىت ئىسراپچىلىقى دەپ قارىساممۇ، سىزنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىڭىز ۋە مەندىن كۈتكەن ئۈمىدىڭىزنى يەردە قويماسلىق، ئەڭ مۇھىمى ئۆز كەسپىمدىن مۇشۇ پۇرسەتتە ئازراق بىلىم يەتكۈزۈش ئۈچۈن بۇ سوئالغا جاۋاب بەرسەم بېرەي.  ئەمما مۇمكىن بولسا ئەلى قۇرباننىڭ زادى ئېنىق نېمە دېگەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى چۈنكى سىز مەلۇم گەپلەرنى چۈشۈرۈپ قويغان ياكى قېتىپ قويغان ئېھتىمالىڭىز بولسا بۇنى مۇنازىرە قىلغاننىڭ كۆپ پايدىسى يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن تەۋسىيەم ئەلى قۇربان مۇنبەردە بولغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇ سوئالىڭىزغا قارىتا ئۆزى بىر چۈشەنچە بەرسە ئاندىن مەن پىكىرىمنى ئوتتۇرىغا قوياي.

سىزگە بىر ئەسكەرتىش: ئېرسىيەت قىلىشنىڭ ھازىر ئىككى خىل يولى بارلىقى ئايدىڭ، بۇنىڭ بىرى ئەجدادنىڭ گېنى ئەۋلادقا ئېرسىيەت قىلىش ئارقىلىق (گېنتىكىلىق ئېرسىيەت)؛ يەنە بىر يولى بولسا ئەجداد ئۇچراشقان مۇھىتنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئۆزگەرگەن گېننىڭ ئىپادىلىنىش شەكلىنىڭ ئېرسىيەت قىلىشى (ئېپىگېنتىكىلىق ئېرسىيەت). مېنىڭ دوكتورلۇقتا ئۆگەنگىنىم دەل ئېپىگېنتىكىلىق ئېرسىيەتنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئاساسلىرنى تېپىپ چىقىش بولسا، نۆۋەتتىكى دوكتور ئاشتى تەتقىقاتىم ئېپگېنتىكىلىق ئېرسىيەتنىڭ مولىكۇلالىق مېخانىزىملىرىنى ئېنىقلاش ئۈستىدە كېتىپ بارىدۇ. ئەمما تا ھازىرغىچە «بىلىمنىڭ ئەۋلادقا ئېرسىيەت قالىدىغانلىقى» ھەققىدىكى مەلۇماتلاردىن خەۋەرسىزكەنمەن. بىلىم دېگەن سۆزنى چۈشىنىشتىكى ئوخشىماسلىق ۋە سۆزلىگۈچىنىڭ زادى نېمە دېگەنلىكىنى ئۇ جۈملىدىن ئېنىق بىلگىلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن مۇنازىرە سوئالى ئېنىق بولسا بۇ جەھەتتە مەن چوقۇم سىزگە قايىل قىلارلىق جاۋاب بېرىمەن.

قوشۇپ قويىدىغىنىم، ئىلمىي ئاساسي بار دەپ ئېيتىلغان گەپلەرنى يەڭگىلتەكلىك بىلەن دېيىش ئىلىم ئەھلىگە ياراشمايدۇ، باشقىلارنىڭ سىز دېگەن سۆزنى «تەرجىمە» قىلىپ چۈشىنىش مەسئۇلىيىتى يوق. بۇ يەردە ئېرسىيەت قالىدۇ دېيىلگەنىكەن ئەلۋەتتە گېنتىكا ئىلىمى بىلەن چۈشەندۈرۈش زۆرۈر بولىدۇ. ھازىر بىر ئادەم دېگەن گەپنى باشقىلار چۈشىنەلمەيدىغان دەۋىر ئۆتۈپ كەتتى. پەقەت ئۆگەنگەن بىلىمىنى كەسىپ ئەھلى ئەمەس كىشىلەرمۇ بىلەلىگۈدەك چۈشەندۈرەلەيدىغان ئادەملا شۇ كەسىپنى تېگىدىن چۈشەنگەن بولىدۇ. باشقىلار چۈشىنەلمەيدىغان دەرىجىدە يېزىش ۋە سۆزلەش ئاللىقاچان دۇنيا ئىلىم ساھەسىدە مودىدىن قالغان ئىش (ئەمەلىيەتتە بۇنداق يېزىش ۋە سۆزلەش ئازراق كەسىپ بىلگەن كىشى ئۈچۈن تولىمۇ ئاسان، مەن مۇشۇ مۇنبەردىكى 99.99% كىشى چۈشەنمەيدىغان ماقالىدىن نەچچە ئوننى يېزىۋىتەلەيمەن، ئەمما ئۇنداق قىلىش ئەخمىقانلىق دەپ قارايمەن). بىر قىسىم بىلىم ئىگىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ سەۋىيىسىنى بەك يۇقىرى چاغلاپ بىلىمىنى باشقىلارغا ئاددىي قىلىپ دەپ بېرەلمەي قېينىلىپ كېتىشى ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ بىلىمىنىڭ چوڭقۇرلۇقتىن يىراق ئىكەنلىكى ۋە ئۆزىنىڭمۇ كەسپىنى ئوبدان چۈشىنەلمەي قېينىلىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى. بىر كىشى ھەممىنى بىلىپ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، خاتا سۆزلەپ قويۇشى ئەلۋەتتە مۇمكىن. مۇھىمى، خاتالىقىنى ئېتراپ قىلىشقا جۈرئەت قىلىش ۋە خاتالىقنى  تەكرارلىماسلىق. ئەگەر «بىلىم ئېرسىيەت قالىدۇ» دەپ شۇ سۆز مەنىسى بويىچە چۈشەنسەك، بۇنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ھەمىمىز ئاسانلا بايقىيالايمىز، پەقەت نۇرغۇن بىلىملىك ئادەملەرنىڭ بالىلىرىنىڭ بىلىمسىز ئىكەنلىكىلا بۇنى ئىنكار قىلىشقا يېتەرلىك. ئەمما بىز بۇ مەسىلە ئارقىلىق شەخىسنى تەنقىدلەش نەزىرىدە ئەمەس، ئەگەر راستىنلا يېڭى بىلىم بولسا ئۆگىنىش ياكى بىلىنگەن بىلىملەرنى ئۆز-ئارا يەتكۈزۈش، چۈشەنچىمىزنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ مۇنازىرە قىلساق ھەممەيلەنگە پايدىلىق. ئېرسىيەت دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەيدىغانلار مۇنازىرىدە قۇلاق موللىسى بولسا ئەڭ ياخشى.



taxtapan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 21:47:11

ئەسلى تېكىست ئېنىقراق بولغان بولسا بىلگەجاننىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىدىن يەنە بىر قىسىم بىلىم ئىگەللەپ قالاركەنمىزتۇق. ئەلى مۇئەللىمنىڭ بۇ تېمىغا كىرمەسلىكى ئېھتىمالغا يېقىنراق، قېنى باشقىلار ئەسلى گەپنى تېپىپ چىقىشقا بىر كۈچىۋەتمەمدۇق.

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 21:52:28

بىلگەجاننىڭ ئىنكاسى ئورۇنلۇق،ھەقىقى كەسپ ئىگىسىگە خاس پوزىتسىيە بوپتۇ.

begmurad يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 22:07:00

مەن قانداقتۇ بۇ تېمىنىڭ خاتا يىزىلىپ قالغانلىقىنى ھىس قىلدىم. ئەلى مۇئىللىمنى بۇنچىلىك ھەر بىر سۆزىگىچە تەتقىق قىلغانغا قارىتا ئۇ ھەقىقىقەتەن زور كۆپچىلىككە قاتتىق تەسىر كۆرسىتىپتۇ. ئەلى مۇئەللىمنىڭ خاتا سۆزلەپ قويغان يېرى بۇلىشى مۇمكىنغۇ بىز نىمە ئۈچۈن مەخسۇس ماقالە يىزىپ ئۇنىڭ خاتا ياكى تۇغرا دىگەنلىكىنى ياكى قانداق خاتالاشقانلىقىنى تەھلىل قىلىمىز. ئەمەلىىيەتتە ئۇنىڭ ئۇيغۇرچىنى تەلەپپۇز قىلىشىدىمۇ خاتالىق باردەك بىلىنىدۇ ئەمما قەستەنلىك بۇنى ئۇنىڭ خاسلىقى دەپ قارىدىم. شۇڭا بەزەن سۆزلەرنى قەستەن خاتا دىگەن بۇلىشىمۇ مۇمكىن.

aragon121 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 22:20:16

‏‏بىلىم ئېرسىيەت قالىدۇ دەپ ئاڭلىمىغان، لېكىن بىلىمنى ئىگەللەش ئۇسۇلى شۇنداق بولىشى مۇمكىنمىكىن دەپ ئويلايمەن ، مەن مۇنداق دىمەكچى :
‏مېنىڭ نەۋرە ئاكام مەن بىلەن بىرگە بىر ئۆيدە چوڭ بولغان ، كىچىك چېغىمىزدا ئۇ قۇلىقىغا نائۇشنىك تىقىۋېلىپ مۇزىكا ئاڭلاپ تۇرۇپ دەرىس يادلايتى،مۇزىكا ئاڭلاپ ماتىماتىكا ھېسابلىرىنى ئىشلەيتى،ھازىر قارىسام ئۇنىڭ باشلانغۇچ تۆتىنچى يىللىقىدا ئوقۇيدىغان ئوغلىمۇ شۇنداق ئۆگىنىش قىلدىكەن.مەن ئاكامدىن ما ئىشنى سەن ئۆگەتتىڭمۇ؟دەپ سورىسام ئۇ ياق دەيدۇ....بەلكىم مۇشۇمۇ ئېرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇ ياكى ئەمەستۇ ،،قالغىنىغا  كەسىپ ئېگىلىرىنىڭ مەسلىھەتىنى ئاڭلاپ باقساق بولاتتى..
‏   بېلگەجان ئەپەندىدىن سوراپ باقسام مەسىلەن: ئۇرۇق ئەۋلادىدىن باشلاپ مەلۇم بىر كاتىگورىيەنىڭ ئىچىدە ياشىغان ، مەلۇم بىر تىل سېسستىمىسى مۇھىتىدا ھېچقانداق بىر تىل تەرىپىدىن ئاسسىملاتسىيە قىلىنماي كەلگەن بىر مىللەت ئىچىدىكى بىر ئايال بوشانغاندىن كېيىن(دېمەكچى بوۋاق تۇغۇلۇپلا)  بوۋاقنى شۇ ۋاقىت ئىچىدە يەنە بىر ئوخشىمىغان تىل مۇھيتىغا يۆتكىۋاتسەك ، بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى جەريانىدا ئۆز تىلىنى ئۆگىنىشى تېز بولامدۇ ياكى تۇغۇلغاندىن كېيىنكى تۇرغان شۇ مۇھىيتىدىكى تىل سېستىمىسىنى ئۆگىنىشى تېزراق بولامدۇ؟؟؟
‏  جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن رەھمەت!

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 22:27:59

ئەلى مۇئەللىمنىڭ جاۋابىنى كۈتەيلى... بىلگەجان ئەپەندىممۇ ناھايىتى ئېسىل ئىنكاسلارنى  يېزىپتۇ، ھارمىغايسىلەر.

biotech0990 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 22:59:13

بەت: [1] 2 3
: ‏بىلىم ئېرسىيەت قالامدۇ؟