dardiyok يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 15:33:10

ياغاچ گېنېرال(ھېكايە)

                                                              ياغاچ گېنېرال(ھېكايە)
                                                                ئاپتورى : dardiyok
تۆت ئەتىراپىغا قېلىن ئورمان قويۇلغان ،يۇچۇقلار  جىگدە شاخلىرى قىستۇرۇلۇپ  ھىم ئېتىلگەن قورۇ -جاينى كاندىكى ھەممە «قەلئە»دەپ ئاتىشىدۇ.ئەگەر تەلىيىڭىز ئوڭدىن كېلىپ«قەلئە»گە كىرىش پۇرسىتىگە ئېرىشسىڭىز ئوڭ قول تەرەپكە قاتار سېلىنغان بىر نەچچە ئېغىز ئۆي بىلەن ئۆيگە يانداش قىلىپ كىچىك دېرىزىلىك قىلىپ سېلىنغان بىر نەچچە ئېغىز قوتان ھەم گويا جىنايەتچىلەردەك ئاشۇ كىچىك دېرىزىلەردىن نۆۋەت بىلەن مارىلىشىپ تۇرغان قويلار كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ؛يەنە ئىچكىرىلەپ ماڭسىڭىز ھەر خىل كۆك تات تېرىلغان كىچىك-كىچىك ئېتىزلار ئېتىزلىقنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا ياغاچ بىلەن ياسىلىپ ئۈستى ئوت-چۆپلەر بىلەن يېپىلغان راۋاق كۆر ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ،راۋاق ئىچى خېلى كۆڭۈل قويۇپ ياسالغان بولۇپ يەرگە بىر پارچە كونا گىلەم سېلىپ ئوتتۇرىغا يۇمىلاق ئۈستەلدىن بىرى قويۇلۇپ  ئۇنى چۆرىدەت قويۇلغان بىر نەچچە ئورۇندۇق شۇنداقلا ، ئاچىغا ئېسىلغان بىر دانە دۇتار،بىر دانە راۋاپ ۋە بىر دانە غېجەك،ياغاچتا سىپتا قىلىپ ياسالغان قىلىچ ،بىر دانە ئۇزۇن كالتەك  سىزنى ئىختىيارسىز ئۆزىگە تارتىدۇ...
ئەمدى گېپىمىزنىڭ نەق ئۆزىگە كەلسەك،كاننىڭ ئىشچىسى ئەمەتجان بۇندىن بىر نەچچە  يىللار ئىلگىرى ،ئىش ئۈستىدە يارىلانغان بولغانلىقتىن كان رەھبەرلىرى   ئارامغا چىقىش تەكلىپىنى بېرىشكەندى  بىراق :
- مەن ئىش ئۈستىدە ئوڭ پۇتۇمنىڭ بارماقلىرىدىن ئايرىلدىم،ھەرگىزمۇ دەم ئېلىشقا چىقمايمەن ،ئەگەر شۇنداق دەپ تۇرۇۋالىدىغان بولساڭلار پۇتۇمنىڭ بارماقلىرىنى تۆلەپ بېرىڭلار دەپ تۇرۇۋالغاچقا كان رەھبەرلىرىمۇ ئامال قىلالمىغان.ۋە ئۇنىڭ ئاغزىنى ئېتىش ئۈچۈن ئۇنى قوغداش بۆلۈمىگە ياردەمگە چىقىرىپ كېچىلىرى كان رايونىنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاش ئىشىغا   قويغاندى.ئۇ قوغداش بۆلۈمىگە چىقىپ ئەتىسىلا:
   ماڭىمۇ فورما بېرىڭلار دەپ غەۋغا قىلغانلىقى ئۈچۈن قوغداش     بۆلۈمى رەھبەرلىرى ئۇنىڭغا كونا ساقچى كىيىمىدىن بىر يۈرۈش،ۋە بىر دانە كونا قاسقان شەپكە تېپىپ بېرىشكەندى.شۇندىن باشلاپ ئۇ فورمىسىنى كېيىپ،بېلىگە تاسمىسىنى تاقىغان،تاسمىغا بېكىتىلگەن خروم غىلاپقا بىر دانە ياغاچتىن ياسالغان تاپانچىنى قىستۇرۇپ،ئوڭ قولىدا كالتەك سول قولىدا قول چىرىغىنى تۇتقان قىياپەتتە قىشمۇ -ياز كېچىلىرى كان رايونىنى ئايلانغىنى ئايلانغاندى، كىشىلەر ئۇنى«ئەمەتجان ساقچى» دەپ ئاتىشىدىغان بولۇپ قېلىشقانىدى.ئەگەر بىرەرسى ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۇنىڭ ئىسىمنى ئۇدۇللا ئاتاپ قويدىمۇ ئۇنىڭ قاپىقى تۈرۈلۈپ چىرايى قارىداپ چىشلىرى كاراسلاپ كېتەتتى،ساقچى دېگەن سۆزنى ئاڭلىدىمۇ بولدى ئۇ ئۆزىنى قويىدىغان جاي تاپالماي قىلمىغانلىرى قالمايتتى،  خۇشاللىقىدا ئۇلارنى«قەلئە»گە باشلاپ  كەلسە-كەلمىسە دۇتار،راۋاپ،غېجەكلەرنى چېلىپ بېرىش،قوي قوتانلىرىنىڭ دېرىزىلىرىنى نېمە ئۈچۈن شۇنچىۋالا كىچىك قويغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشتىن  باشقا جانبازلىق ھۈنىرىنىمۇ كۆرسىتىپ قويىدۇ تېخى...
    كونا پاسوندىكى ساقچى كىيىمى كېيىۋالغان، ئوڭ قولىدا رېزىنكە كالتەك، سول قولىدا قول چىراق كۆتۈرۈۋالغان ،ئوڭ بېقىنىغا ياغاچ تاپانچا ئېسىلغان بۇ ئورۇققىنا ،قارامتۇق،قاڭشارلىق ،قوي كۆزلۈك،ئېگىز بوي  كىشىنىڭ ھەرىكىتىمۇ  غەلىتە بولغاچقا كىشىلەر ئۇنى«ياغاچ گېنېرال»
دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن...
                               1
غەربكە قىيسىيىشقا باشلىغان قۇياشنى كۈلكە قىستىدى بولغاي چوغدەك قىزىرىپ ئۆزىنى ئاستا-ئاستا تاغ كەينىگە يوشۇرۇشقا باشلىدى. بىر نەچچە قوينى ئالدىغا سېلىپ چىغىر يولنى بويلاپ  ، ئېگىز-پەس دەسسىگىنىچە سازلىق تەرەپتىن بىرى چىقىپ كەلدى.قارا پاقلاندىن باشقا قويلار دۈمبىلىرىگە بىر باغلامدىن چۆپ ئارتىۋېلىشقان، قارىغاندا ئۇلار كەچلىك ئوزۇقلىرىنى يۈدۈپ كېتىشىۋاتقاندەك قىلاتتى.ھېلىقى كىشى تۇرۇپ-تۇرۇپ:
__ «مېڭىشە!جانىۋارلار»دەپ بۇيرۇق قىلاتتى، قويلارمۇ خۇددى كوماندىرغا بويسۇنۇشقان ئەسكەرلەردەك بىر خىل رېتىمدا ئالغا ئىلگىرىلەيتتى،ئۇلار  قېرى سېدىنىڭ يېنىغا كەلگەندە بىر قوي بېشىنى ئىچىگە تىقىۋېلىپ ئوتلاشقا باشلىدى، قالغانلىرىمۇ تەڭلا ئۇنىڭغا ئەگەشتى.
_مېڭىشە جانىۋارلار تېز مېڭىش! ئەتىدىن-كەچكىچە باقساممۇ قۇرساقلىرىڭ تويۇشمىدىمۇ ؟  قويلار مېڭىشقاباشلىدى.بىر،ئىككى،بىر...
   چىغىر يولدىن ئۆتۈپ كوچا دوقمۇشىغا يېقىنلاشقاندا ئۇ بىرەر ئىشنى ئەسلىگەندەك بولدى-دە،ئۆشنىسىدىكى بىر باغلام چۆپنى ھېلىقى قارا پاقلاننىڭ دۈمبىسىگە ئارتىپ قويدى.بىچارە پاقلان گويا :
- مەن تېخى كىچىك  ئۇستىخىنىممۇ قاتمىغان تۇرسا بۇنچىلىك چۆپنى ئارتىپ قويساڭ قانداق بولىدۇ؟ دېگەندە مەرەشكە باشلىدى.
_ نېمە بولدى، ھە بۇ چۆپنى مەن يەمدىم ياكى سەنمۇ؟ئۇ زەردە بىلەن   پاقلانغا ئالايدى ۋە مېڭىش بۇيرۇقىنى بەردى،جانىۋارلار ئىلاجىسىز ئىگىسىنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىشىپ ئىلگىرىلەشكە باشلىدى.ئۇ  قويلارنى ئالدىغا سېلىپ كوچا دوقمۇشىدىن مەھەللە تەرەپكە ئەگىلىگىلىشىگە:
_تېز قاچايلى!تېز،«ياغاچ گېنېرال»كەلدى دەپ چۇرقىراشقىنىچە بىر توپ بالىلار تەرەپ -تەرەپكە پېتىراپ قېچىپ كېتىشتى...
-ۋوي ھارامزادىلەر -يوقۇلۇش كۆزۈمدىن،ھېلى بىكار شۇنداق دېگىنىچە مەھەللە ئىچىگە كىرىپ كەلدى ئۇ.
    يولنىڭ قىرىدا ئولتۇرۇشۇپ جاھاننىڭ پاراڭلىرىغا چۈشكەنلەر:  
_"توۋا بۇ كىشىنىڭ قىلىقلىرى-زە،ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ" دېيىشكىنىچە ياقىلىرىنى تۇتۇشۇپ ،ئۆز-ئارا نېمىنىدۇر پىچىرلاشتى.ئۇ ئولتۇرغانلارنى كۆرمىدى بولغاي قويلىرىنى ھەيدىگەنچە كېتىپ قالدى...
  ھايال ئۆتمەي،سول قولىدا قول چىراغنى يورۇتقان،ئوڭ قولىدا رېزىنكا كالتەكنى تۇتقان ،بېلىگە ياغاچ تاپانچا ئاسقان قاسقان شەپكىلىك بىرى بىر پۇتىنى سەل سۆرىگەن قىياپەتتە چىقىپ كەلدى،كوچا چىرىغىنىڭ يورۇقىدا  "غەيۋەت قازانلىرى"نى قاينىتىشىپ ئولتۇرۇشقانلار «ياغاچ گېنېرال»ئىشقا چۈشتى دەپ ئاستا كۈلۈشتى...
ئۇ ئېگىز-پەس دەسسىگىنىچە ئولتۇرغانلارغا  يېقىن  كەلگەندىن كېيىن قەدەملىرىنى سەل ئاستىلاتتى ۋە خۇددى" چالا بوغۇزلانغان خوراز"غا ئوخشاش بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ ئۆتۈپ كەتتى.ئارىدىن ساقاللىرى ئۇشتەك ئاقارغان بىرى.
_ھە ئەمەتجان!- ئۇكا ئىشقا ماڭدىڭمۇ دېدى .
_شۇنداق يۇقىرىدىن تەكشۈرۈپ كېلىدىكەن بالدۇرراق بارمىسام بولمايدۇ،بۇمۇ ھەر قايسىڭلارنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن- يولىغا راۋان بولدى . ئولتۇرغانلار يەنە بىر قېتىمدىن كۈلۈشتى...                                
   «ياغاچ گېنېرال» تۆۋەنكى مەھەللىنى ئايلىنىپ بولۇپ يۇقارقى مەھەللە تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى.تۈن پەردىسى يېيىلىشقا باشلىغان مەزگىلدە ئۇ قازاق مەھەللىسىگە يېقىنلاشتى،ناۋايخانىنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىشى بىلەن بىر قارا سايە كۆزىگە چېلىقتى.-مانا تەلىيىم ئوڭدىن كېلىدىغان بولدى،بۇ ئوغرىنى تۇتۇپ قوغداش بۆلۈمىدىكىلەرنى ھەيران قالدۇرمايمۇ؟دەپ ئويلىدى ئۇ.
-توختا !دەپ ۋارقىرىدى .ھېلىقى ئادەم ئالدى-كەينىگە قارىماي يۇقارقى مەھەللىگە قاراپ قاچتى،-توختا!بولمىسا ئوق چىقىرىمەن ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ھېلىقى كىشىنى جېنىنىڭ بارىچە قوغلاشقا باشلىدى.
ئۇ بىردىنلا كوچا دوقمۇشىدىن ئۆتۈپ بويتاقلار ياتىقى تەرەپكە قېچىشقا باشلىدى.
توختا!بولمىسا ئوق چىقىرىمەن-ھوي ئوغرى،سەن تېخى مەندىن قېچىپ قوتۇلماقچىمۇ؟ئۇ ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ  ياتاققا يېقىنلاشتى،لېكىن ھېلىقى سايە كۆزدىن غايىپ بولدى،شۇنداقتىمۇ بۇ ساقچى ئۇنى تۇتۇش نىيىتىدىن يانمىغانىدى.تۇيۇقسىز، يول بويىدىكى چىراق يورۇقىدا  ئولتۇرغان بىرى كۆزگە چېلىقتى، -شۇ بولسا كېرەك مېنىڭ ئوق چىقىرىشىمدىن قورقۇپ ئولتۇرۇۋالغان چېغى دېگەنلەرنى خىيال قىلغاچ  يېقىنلاشتى.
سالامۇ ئەلەيكۇم ئەمەتجانكا!.
-سەن كىم؟تۇرە ئورنىڭدىن قۇلۇڭنى كۆتەر!ئولتۇرغان كىشىنى كۈلكە قىستاشقا باشلىدى،شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ :
-مېنى تونۇمىدىڭىزمۇ ؟-دېدى بېشىنى كۆتۈرۈپ.
-سەنمىدىڭ ئۇكا،باياتىن بىر ئوغرى قېچىپ موشۇ تەرەپكە كەتكەندى كۆردۈڭمۇ؟-سورىدى ئۇ.
- بىرى يۈگۈرگىنىچە ئورمانلىق تەرەپكە كېتىپ قالغاندەك قىلدى.
-شۇنداقمۇ؟
-شۇنداق.
-بوي تۇرقى قانچىلىك بار؟
-مەنچىلىك.
-دەل ئۆزى شۇ،ئۇ شۇنداق دېگۈچە ئورمانلىق تەرەپكە پۇتىنى سۆرىگىنىچە  چاپتى.ھايال ئۆتمەي«ياغاچ گېنېرال»نىڭ سايىسى كۆزدىن غايىپ بولدى.
-توۋا!بۇ ئاكىمىزغا قارىمامدىغان،قىززىقى كىشى-دە،ئۇ ئىختىيارسىز كۈلۈۋەتتى  .ئەسلىدە ئۇ ،قۇربان توڭنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ چارلاپ يۈرگەن ئەمەتجاننى ئەخمەق قىلىش ئۈچۈن  ئۇنىڭ ئالدىغا چۈشۈپ قېچىپ موشۇ يەردە ئولتۇرۇۋالغاندىن.
                             2
  بۈگۈن ئۇ يەنىلا كۈدىلىك ئادىتى بويىچە مەھەللىنى ئايلىنىشقا باشلىدى.
بويتاقلار ياتىقىغا يېقىنلاشقاندىن كېيىن،تۇيۇقسىز بىر ئىنى ئېسىگە ئالغاندەك بولدى-دە،قەدىمىنى ئاستىلىتىپ ياتاق دەرۋازىسىدىن كىرىپ كەتتى.
-ئىشىكنىڭ چېكىلىشى بىلەن كىتاب كۆرۈپ ئولتۇرغان ئەرشىدىن بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى.
-مەن ساقچى بولىمەن.ئەرشىدىن ھېچ نەرسىنى چۈشىنەلمىدى شۇنداقتىمۇ ھەيرانلىق ئىلىكىدە بۇ ناتونۇش كىشىنى ياتاققا تەكلىپ قىلدى.ئۇ پۇتىنى سۆرىگىنىچە ئۈستەلنىڭ يېنىغا قويۇلغان ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردى.
-چاي ئىچكەچ ئولتۇرۇڭ -ئەرشىدىن بىر ئىستاكان چاينى ئۇزارتتى.
-رەھمەت ئۇكا-سىز يېڭىدىن كەلگەن ئوخشىمامسىز؟
-شۇنداق ئون كۈنچە بولدى.
-نەدىن كەلدىڭىز؟
-شەھەردىن.
-قايسى مەكتەپنى ئوقۇغان.
-كۆمۈركان مەكتەپنى.
-قانداق بۇ جاي بولامدىكەن؟
-ھەر ھالدا بولىدىكەن.
-كۆنۈپ قالدىڭىزمۇ؟
-شۇنداق.
-كاننىڭ بالىلىرى سەل ئەسكى ،بوزەك قىلمىغاندۇ؟
-ياق -بوزەك قىلمىدى.
-ئەگەر ئۇلار بوزەك قىلماقچى بولسا مېنى ئىزدەڭ-ئىسمىم ئەمەتجان ساقچى بولىدۇ،شۇنداق دېسىڭىز كاندا مېنى بىلمەيدىغانلار يوق.
ئەرشىدىن زۇۋان سۈرمىدى.
-قاراڭ ئۇكام مەندېگەن ئاپتونوم رايون بويىچە داڭلىق ساقچى بولىمەن.
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە سۆزلەشكە باشلىدى.-بۇندىن ئىككى يىل بۇرۇن شەھەرگە كىرگەندىم.ج.خ نازارىتىگە يېقىنلاشقاندا،ساقچى كېيىمى كىيگەن بىرى ئۇدۇل تەرەپتىن چىقىپ كەلدى،قارىغاندا ئۇ مېنىڭ  بەستىمدىن سەل ھودۇققان بولسا كېرەك مېنى كۆرۈپلا   ھودۇقۇپ غال-غال تىترەشكە باشلىدى.مەن ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملىدىم-دە:
-توختا!قولۇڭنى كۆتۈر -دېدىم.شۇ ئان ئۇ ئارقىغا بۇرۇلۇپ قاچماقچى بولدى،مەن چەبدەسلىك بىلەن ئۇنى پۇتلاپ يېقىتتىم-دە،قولىنى باغلاپ ئۇدۇل ج.خ .نازارىتىگە ئېلىپ كىردىم،ئەسلىدە ئۇ ئىچكىرى ئۆلكىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قېچىپ كەلگىنىگە بىر نەچچە يىل بولغان جىنايەتچى ئىكەن،شۇنىڭ بىلەن نازارەت  رەھبەرلىرى ماڭا بارىكاللا ئېيتىشتى ھەمدە مېنىڭ ئىش-ئىزلىرىمدىن ئۆگىنىش ھەققىدە پۈتۈن ساقچىلارغا ئۇقتۇرۇش چىقاردى.ئۇ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئەرشىدىنگە مەغرۇرانە قاراپ قويدى.ۋە ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئۇنىڭغا بىر نەچچە رەت ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن:
-ئۇكا ،ئەمىسە مەن چىقىپ باقاي-ھەرقانداق ئىشىڭىز بولسا مېنى ئىزدەڭ دەپ تاپىلىغاندىن كېيىن چىقىپ كەتتى.
                                     3
جىلغىدىكى چىراغلار ئۆچكەنىدى لېكىن ھېلىقى« ئەخمەت چوكان»نىڭ  چىرىقلا غۇۋا يورۇپ تۇراتتى، -بۇ قانداق ئىش ئەمدى؟ مەن تېخى تۈنۈگۈنلا ئۇ بالىنىڭ شەھەرگە كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەندىمغۇ .ئۆيىگە ئوغرى كىرمىگەندۇ- يا؟ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا تازىمۇ ياخشى ئىش بولغان بولاتتى. مەن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئوغرىنى تۇتۇۋالسام كان رايونىدىكىلەر ياق پۈتۈن شەھەردىكىلەر مىنىڭ ئىقتىدارلىق ساقچى ئىكەنلىكىمنى بىر بىلىپ قېلىشمامدۇ؟"دېگەنلەرنى ئويلاپ بىر بېسىپ،ئىككى بېسىپ قوروغا يېقىنلاشتى نەدىن كىرگەندۇ دېگەن خىياللار بىلەن دەرۋازىغا قول چىرىغىنى ئېھتىيات بىلەن يېقىپ كۆردى ،قۇلۇپ يوققۇ؟قارىغاندا ئوغرى قۇلۇپنى چېقىۋەتكەن ئوخشايدۇ ئۇ تەرلەشكە باشلىدى،سەل ئۆزىنى تۇتۇۋالغاندىن كېيىن نېمىدىن قورقاتتىم ؟ -مەن دېگەن جانباز تۇرسام دىگىنىچە يېنىدىن ھېلىقى يالغان تاپانچىسىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ دەرۋازىنى ئۇرۇشقا باشلىدى.
_كىم؟
_چىقە بۇياققا، -مەن  ساقچى بولىمەن كېچىدە كىشىنىڭ ئۆيىدە نېمە قىلىسەن؟ ۋارقىرىدى.
_ئەخمەت چوكاننى كۈلكە قىستىدى، شۇنداقتىمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالدى ۋە دەرۋازىنى ئاچقاچ  -ۋوي  ئەمەتجان ئاكام كۈنغۇ؟چارلاۋاتماسىز دېدى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ.
_قانداق ئەھۋالىڭ ئۇكا! - مەن سېنى شەھەردىن چىقىپ بولالمىغان چېغى دەپ باشقىچە خىياللاردا بولۇپ كېتىپتىمەن.مېنىڭ كۆز ئالدىمدىن قېچىپ قۇتۇلىدىغان ئوغرى تېخى تۇغۇلغىنى يوق شۇنداقتىمۇ ھەر-ھالدا ئېھتىيات قىلغان تۈزۈك ئۇ مەغرۇرانە سۆزلىگەن پېتى ھېلىقى «ياغاچ تاپانچىسىنى»قېپىغا سېلىشقا تەمشەلدى.
_يۈرۈڭ ئۆيگە كىرىپ بىردەم-يېرىمدەم ئارامىڭىزنى ئېلىۋېلىڭ!
_شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆيگە قاراپ ماڭدى.مېھمانخانىغا كىرىپلا كىرسلودا ئولتۇرغان كىشى بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈپ كەتتى،مېھمان بىر دەم ئاغىينىسىگە بىردەم "ساقچى"غا قاراپ قوياتتى.چاي قۇيۇلغاندىن كېيىن «ئەخمەت چوكان»قېنى ئەمەتجانكا   قورۇمىلاردىن ئالغاچ ئولتۇرۇڭ دېگەچ سۆزىنى داۋام ئەتتى.-بۇياق مىنىڭ ساۋاقدىشىم بولىدۇ بىز كۆمۈركان مەكتىپىدە بىرگە ئوقۇغان، شەھەردىن مەن بىلەن بىرگە چىقتى ئىسىمى ئۆمەر بولىدۇ .
_ھە قېنى قۇيە ئۇكا ھارىقىڭنى ئۇ سۆزلەۋاتقان ئەخمەتكە قارىدى.«ئەخمەت چوكان» رومكىنى قولىغا ئېلىشىغا.
-ئا! ئۇكام تولا ئادەم زاڭلىق قىلغاندەك ئىش قىلماي پىيالىگە قۇي -مەن ئۇ "يىلىم چۈچۈكى"دەك نەرسەڭدە ئىچەلمەيمەن دېدى ئورنىدا سەل مىدىرلاپ قويۇپ.«ئەخمەت چوكان»پىيالىنى ئۇنىڭغا ئۇزارتتى ئۇ پىيالىنى قولىغا ئېلىپ:
-ئۇكا مېنىڭ ئىسمىم ئەمەتجان ساقچى بولىدۇ بۈگۈن سەن بىلەن تونۇشۇپ قالغىنىمدىن خۇشالمەن - قېنى بىر قەدەھتىن ئېتىۋېتەيلى -دېگىنىچە پىيالىنى قۇرۇقداپ ساقىيغا ئۇزارتتى.رومكىلار ئىشقا چۈشۈپ چوكىلار ھەرىكەتلىنىشكە باشلىدى."ھاراق دېگەن كاساپەت" رومكىنىڭ ئىچىدە جىم تۇرغىنى بىلەن قورساقتا جىم تۇرمايدۇ-دە، ئەمەتجان ساقچى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي پو ئېتىشقا باشلىدى،مېھمان بىلەن ساھىبخان ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپلا قېلىشتى...
ساھىبخان بىر قەدەھتىن  قۇيدى" ئەمەتجان ساقچى" پىيالىنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ:
   مەي قۇيۇپ ساقىي كېلىپ
بۇ كۆڭۈلنى ئالغۇدەك .
گەر بۇ مەينى ئىچمىسەم،
سورۇندا قورققان بولغۇدەك.ئۇنىڭ رۇبائىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ساقىي بىلەن مېھمان تەڭلا چاۋاك چېلىشىپ كۈلۈشتى.ئۇ رومكىنى قۇرۇقداپ ساقىيغا ئۇزارتتى ۋە جانبازلىق توغرىسىدا سۆزلەشكە باشلىدى،مېھمان ئۇنى گەپكە سېلىش مەقسىتىدە:
_ئاكا ئەگەر قولۇمدىكى بۇ چوكىنى پىچاق دەپ قىياس قىلساق بىرى سىزگە ئۇنى تەڭلەپ كەلسە قانداق قىلىسىز؟ دېدى.مېھماننىڭ سۆزى ئاخىرلىشىشىغا ئۇ مېھماننىڭ قۇلدىن "كاپلا"قىلىپ تۇتتى-دە،كۈچەپ ئۆزى تەرەپكە تارتىپ يانپاشقا ئېلىپ يەرگە زەرب بىلەن ئۇردى، ئارقىدىنلا ئۇنىڭ مەيدىسىگە قاتتىق بىرنى تىزلاپ قولىدىكى چوكىنى تارتىۋالغاندىن كېيىن.
-مۇشۇنداق قىلىمەن ئۇكا دېگىنىچە ئۈستەلگە چوكىنى تاشلىدى كۆرەڭلىگەن قىياپەتتە. مېھمان نەپەس ئالالماي قالدى بىر ھازادىن كېيىن ئۇ"ئۇف"دەپ بىرنى تىنىپ شۈكلەپ قالدى"ياغاچ گېنېرال"خوش ئۇكا مېنىڭ يەنە باشقا ئىشىم بار قالغىنىنى كېيىن ئۆگىتىپ قوياي دېگىنىچە چېقىپ كەتتى."ئەخمەت چوكان"ساۋاقدىشىنى يۆلىگىنىچە قانداق قىلارىنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدى.

                                    4
«ياغاچ گېنېرال»نىڭ بالنېستتا يېتىۋاتقىنىغا بىر ھەپتىدىن ئاشتى،بۈگۈن ئۇ كارىۋىتىدىن چۈشكەن پېتى قولىغا رېزىنكا كالتەك ۋە قول چىرىقىنى ئالغىنىچە سىرتقا چىقىپ كەتتى،ياتاقداشلىرى ئۇنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىدىن ھەيران قېلىشتى.تۈن نىسبىي بىلەن ئۇ ھاسىراپ-ھۆمۈدىگىنىچە ياتاققا كىرىپ كەلدى:
ــ« تۇر !ئورنۇڭدىن»دېگەن پېتى بىر بىمارنىڭ قولىدىن تارتىشقا باشلىدى.
ــ نېمە بولدى،قانداق ئادەمسىز؟ئادەمنى ئارام ئالغىلى قويماي بۇنداق ۋارقىراپ-جارقىراپ يۈرسىڭىز بولامدۇ؟دېدى -زەردە بىلەن بىمار.
ــ مەن بىكاردىن -بىكار ۋارقىرىمىدىم،كارىدوردا گۇمانلىق ئادەم باردەك قىلىدۇ شۇڭلاشقا ياردەملىشىپ بېرەرمىكىن دەپ سىزنى چاقىردىم.بولۇڭ تېز!
ھېلىقى بىمار نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدى.
ــ نېمانداق ئەزۋەيلەپ تۇرىدىغانسىز بولۇڭ دەيمەن بولمىسا ئۇ قېچىپ كېتىدۇ،تېز بۇلۇڭ،ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ھېلىقى بىمارنىڭ قولىدىن تارتقان پېتى سىرتقا قاراپ يول ئالدى.كارىدور  ئادەمنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى.ــ ھىم ئۇ سىرتقا چىقىپ كەتكەن ئوخشايدۇ،ساقاللىق،چېقىر كۆز،ئۇزۇن چاپان كىيىۋالغان بىرى ئىدى.چوقۇم ئۇ« تېررورچى»-ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ئوڭ پۇتىنى سۆرىگەن قىياپەتتە ھېلىقى كىشىنىڭ قولىدىن سۆرەپ سىرتقا ئېلىپ چىقتى،سۈزۈك ئاسماندىكى سانسىزلىغان يۇلتۇزلار ئۇلارنىڭ بۇ بىمەنە قىلمىشلىرىنى زاڭلىق قىلىنىۋاتقاندەك ئۆزئارا كۆز قىسىشقا باشلىدى.مەيىن شامال كىشنىڭ يۈزلىرىنى يېنىك سۆيۈپ ئۆتەتتى ئۇلار گۈللۈكنى بىر قۇر ئارىلاپ چىققاندىن كېيىن قايتىپ كېلىشتى.  شۇنداق قىلىپ «ياغاچ گېنېرال»بىر كۈنى«تېررورچى كەلدى»،«بىر كۈنى ئوغرى كەلدى»،يەنە بىر كۈنى«جىن كەلدى»دېگەندەك گەپ-سۆزلەرنى قىلىپ ياتاقداشلىرىغا ئارام بەرمىدى،ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرىغا تاقەت قىلالمىغان بىمارلار دوختۇرخانا رەھبەرلەرگە ئەرىز قىلىشتى.
                       5
  شەرقتىن بالقىغان قۇياش،دېرىزە پەردىلىرىدىن مارىلاشقا باشلىدى،سېستىرا دورا قاچىلانغان ھارۋىسىنى ئىتتىرىشىپ كىرىپ كەلدى ۋە دورىلارنى ھەر قايسى بىمارلارنىڭ ئۈستىلىگە قويۇشقا باشلىدى،سېستىرا ئەمدىلا دورىنى قويۇپ ئارقىغا يېنىشىغا:
ــ ئۇكام بۇياققا قارىسىلا دېدى«ياغاچ گېنېرال.» سېستىرا قانداق ئىش بولغانلىقنى بىلەلمەي ھەيرانلىق بىلەن ئاۋاز كەلگەن تەرەپكە نەزىنى ئاغدۇردى. قاراڭ ئۇكام تۈنۈگۈنمۇ سېرىق،يېشىل دورىلارنى بەرگەندىڭىز بۈگۈنمۇ شۇنداق دورىنى بېرىپ چىقىپ كېتىۋاتىسىزغۇ؟ ئادەمنى كۆزگە ئىلمىغاندەك،بىلىپ قويۇڭ مەن دېگەن ئەمەتجان« ساقچى» بولىمەن.ئۇنىڭ كۆزىدە غەزەپ ئوتى يالقۇنجاۋاتاتتى.
ــ دوختۇر قانداق دورىنى يازسا شۇنداق دورنى ئەكىرىپ بېرىمەن دېيەلىدى سېستىرا ئارانلا.
ــ نېمە دېگىنىڭىز بۇ دوختۇر قانداق دورىنى يازسا شۇندىقنى ئەكىرىپ بېرىمەن دېگەنمۇ گەپمۇ؟ئېلىڭ بۇلارنى كۆزۈمدىن يوقۇتۇڭ،بولمىسا ئۈستىڭىزدىن ئەرىز قىلىمەن،شۇنداق دېگەن پېتى ئۇ سېستىراغا دورىنى تۇتقۇزۇپ قويدى. سېستىرا نېمە دېيىشنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدى....
  بۈگۈن ئۇ يالغۇز كىشىلىك ياتاققا يۆتكەلدى :
ــ ئەسلىدە مۇشۇنداق قىلىشىڭلار توغرا ئىدى مەن دېگەن ئادەتتىكى ئادەم بولمىسام،پېشقەدەم «ساقچى» ئىكەنلىكىمنى بىلمەي مېنى ئاشۇ« پېتى تۇماقلار» بىلەن ياتقۇزۇپ قويغىنىڭلار نېمىسى؟ئەمدى ئەقلىڭلارنى تاپقان ئوخشايسىلەر دىدى مەغرۇر قىياپەتتە،ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن سېستىرا ئۆزىنى كۈلكىدىن ئارانلا توختىتىۋالدى ۋە شۇنداق دېگەندەك بېشىنى لىڭشىتقىنىچە چىقىپ كەتتى...
  چۈشكە يېقىن كارىدوردا يەنە ۋاراڭ-چۇرۇڭ كۆتۈرۈلدى،بىرى ئوڭ پۇتىنى سۆرىگەن قىياپەتتە بىر نەچچە سېستىرانى قوغلىغان پېتى ئاغزىغا كەلگىنى بىلەن تىللاشقا باشلىدى،بىمارلار ياتاقلىرىدىن چىقىشىپ بۇ «پۇلسىز»كىنونى كۆرۈشكە باشلىدى.
ــ ھە سەنلەر كېسەل داۋالامسەن ياكى نېمىش قىلىشىسەن؟ئەتىدىن كەچكۈچىلار بىرخىل سۇيۇقلۇقنى ئۇرىۋېرىشەمسەن،ئاخشاممۇ شۇ خىل سۇيۇقلۇقنى ئۇرۇشتۇڭ ئەتىگەنمۇ شۇ،ئەمدى يەنە شۇ خىلىنى ئەكىرىشىپسەن،ئەكىرىشكەن سۇيۇقلۇقۇڭدا «يېڭىلىق» دېگەن نەرسە يوق...
ئوكۇل -دورىلىرىڭدا يېڭىلىق يوق .مەن سەنلەرنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشىمەن.
دوختۇرلار ئۇنىڭدىن زېرىكتى بولغاي،ئۇنى بالدۇرلا بالنېستىن چىقىرىۋېتىشنى.
                                 6
«ياغاچ گېنېرال» بالنېستىن چىققاندىن كېيىن ئۆيدىكىلەرگە بىر كۈنى دۇئانىڭ«قوش تىل»دا  قىلمىدىڭلار.يەنە بىر كۈنى ئەتكەن تامىقىڭدا «يېڭىلىق »يوق دېگەندەك تېتىقسىز سۆز -ھەرىكەتلىرى بىلەن ئارام بەرمىدى،ئەگەر ئۇ قوي ياكى كالا بولۇپ قالغان بولسا ئېلىشىغا سېتىۋەتكەن بولاتتى  ...                          
يېقىندىن ئۇ ناماز باشلىدى،بۇ ھال ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى خۇش قىلىۋەتتى بىراق بۇ خۇشاللىق ئۇزۇنغا بارمىدى .بۈگۈن خۇپتەندىن يېنىپ ئۇ ئىمامنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە كۈلۈمسىرىگەن قىياپەتتە:
ــ ئىمام ئاخۇنۇم نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىز قوش تىلغا يۈزلىنىۋاتسا سىز يەنە نېمىشقا نامازنى «قوش تىل»دا ئوقۇمايسىز؟دىدى تىكىلىپ تۇرۇپ.ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن غەيرىيلىك ھېس قىلغان ئىمام ئاخۇنۇم ئاچچىقتىن يېرىلىپ كەتكۈدەك بولدى لېكىن شۇنداقتىمۇ ئۇ«ياغاچ گېنېرال»بىلەن تەڭ تۇرۇشنى خالىمىدى بولغاي تىترەۋاتقان ساقىلىنى تۇتقان پېتى، چاپىنىنىڭ پېشىنى قاققىنىچە كېتىپ قالدى. بامدات نامىزىنىڭ پەرىزى ئوقۇۋاتاتتى تۇيۇقسىز بىرى:
ــ توختىسىلا ئىمام ئوقۇغان نامازلىرىدا« يېڭىلىق يوق» ئاخشاممۇ موشۇ سۈرىنى ئوقۇغاندىڭىز يەنە موشۇ سۈرىنى ئوقۇۋاتىسىز،ناماز دېگەننى نىمىشقا «قوش تىل»دا ئوقۇمايدىلا دەپ ۋارقىرىدى،جامائەتنى كۈلكە قىستىدى،نامازدىن يېنىپ بىر نەچچە كىشى غەزەپ بىلەن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشتى-دە،پۇت-قولىدىن تۇتقىنىچە كۆتۈرگىنىچە مەسچىتتىن چۆرۈۋېتىشىم،ئۇنىڭ بېشى يەرگە قاتتىق تەگدى كونا  قاسقان   شەپكىسى  دوملاپ يولنىڭ قىرىغا بېرىپ توختىدى،سەھەردە يېمەكلىك ئىزدەپ يۈرگەن كۈچۈك شەپكىنى چىشلىگىنىچە بەدەر قاچتى.ــ ھەي !ساراڭلار قىلمىشلىرىغا پۇشايمان قىلىشىسەن،ھەر قايسىڭ بۈگۈن ماڭا ئوخشاش بىر خەلق ساقچىسىغا بى ھۆرمەتلىك قىلىشتىڭ خەپ دېگىنىچە ئورنىدىن تۇردى-دە شىلەپىسىنى ئېلىپ قېچىۋاتقان كۈچۈكنىڭ كەينىدىن قوغلاشقا باشلىدى. تۇيۇقسىز بىر توپ بالىلار :«ياغاچ گېنېرال»كەلدى تېز قېچىڭلار دىگىنىچە ھەر تەرەپلەرگە قېچىشتى.«ياغاچ گېنېرال»
-ئەكەل شەپكەمنى ...ئەكەل! بولمىسا ئوق چىقىرىمەن دېگىنىچە كۈچۈكنىڭ كەينى قوغلاپ كەتتى...

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-4 02:34:14

- دېمەك، ئەدىبلەر كۆپىيىۋاتىدۇ.

nizafat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-4 07:37:34

شەيخىم يادىمدىن كەچتى ،

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-11-4 08:05:00

jan يوللىغان ۋاقتى  2014-11-4 02:34 static/image/common/back.gif
- دېمەك، ئەدىبلەر كۆپىيىۋاتىدۇ.

:lol

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-11-4 08:53:34

بۇ ھىكايە يازغۇچىلار مۇنبىرىدىكى پەرھاد جەمشىت نامىدا ئىلان قىلىنغانىكەن دەردى يوق ئەپەندىم ئىككىڭلار بىر ئادەممۇ ؟

http://bbs.xjzjxh.com/forum.php?mod=viewthread&tid=13291

Toghrak يوللانغان ۋاقتى 2014-11-4 09:30:17

پەرھات جەمشىت؟ ۋۇي ۇنداقتاجىيەنىم شىرنىڭ تاغىسىكەنسىزغۇ؟!  شەھلا قېنىسەن اداش، قېيناكاڭ كىرىپتۇ،كىلە بىللە قارشى الىمىز!

Toghrak يوللانغان ۋاقتى 2014-11-4 09:38:58

دەردى يوق كىشى پەرھات جەمشىت بولماي قاسا ۈزرە جۇمۇ{:140:}

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-4 09:41:43

مەن دەردى يوق ئەپەندىنىڭ راستىنلا ئاكام ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگىچە سۈكۈت قىلغاچ تۇراي! ئەگەر ئىككىسى بىر ئادەم بولماي قالسا ئەسەرنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

dardiyok يوللانغان ۋاقتى 2014-11-4 09:54:35

توۋا ما ئىشنى تورداشلارنىڭ ئەسەرگە باھا بېرىپ باقماي،ئەسەرنىڭ ئاپتورى ھەققىدە تالاش-تاتىش قىلىپ يۈرگىنى نېمىسى؟
مەنچە بولغاندا ئالدى بىلەن كەڭ تورداشلار ئەسەر ئۈستىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىپ باھا بەرگەن بولسا تولىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى...

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-4 09:56:00

مەن يەنىلا سۈكۈتتە...

Toghrak يوللانغان ۋاقتى 2014-11-4 10:19:08

يۇمۇرىستىك تىل بىلەن تەسۋىرلەنگەن ياغاچ گېنرالنى بالىلىقىمدا مەلىمىزدىىكىلەر بولۇپمۇ ۇشاق باللا بوزەك قىلىپ وينايدىغان نېرۋىسى اجىز بىرسىگە وخشاتتىم ۋە ۇ رەھمەلىكنى  ەسلەپ قالدىم. مىنىڭچە بۇ ھېكايە ياخشى يېزىلىپتۇ.

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-4 10:33:07

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئوبرازلىق چىقىپتۇ، ئىشقىلىپ ماڭا يارىدى. ئاۋۇ قوشتىللىق ناماز كىملەرنى قانداق ئويلارغا سېلىۋېتەر ئەمدى:)

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-11-4 11:13:54

dardiyok يوللىغان ۋاقتى  2014-11-4 09:54 static/image/common/back.gif
توۋا ما ئىشنى تورداشلارنىڭ ئەسەرگە باھا بېرىپ باقماي، ...

تورداشلارنىڭ نىمىنى مۇلاھىزە قىلىشىنى باشقۇرغىلى بولمايدۇ . پەرھاد جەمشىت سىز بولسىڭىز مەن شۇ دىسىڭىز ، سىز بولمىسىڭىز مەن ئەمەس دەۋەتسىڭىزلا بۇلىدىغۇ .... يازغۇچىلار مۇنبىرىدە ئىسمىنى ئاشكارە قالدۇرغان ئاپتۇر ما مۇنبەردە قالدۇرمىغىنى ماڭا يۇچۇنلا تۇيۇلدىغۇ

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-4 11:46:30

ئاخشام كۆرۈپ تازاكۈلۈپتىمەن

dardiyok يوللانغان ۋاقتى 2014-11-4 12:29:29

   izdan0998    ئاخشام كۆرۈپ تازاكۈلۈپتىمەن
ھۆرمەتلىك تورداش ھېكايەم سىزگە كۈلكە ئاتا قىلالىغان بولسىلا ياخشى سىزنىڭ داۋاملىق خۇش كەيپىياتتا بولۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن.

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-11-4 14:01:31

توختى پوكاننى ئەسلەپ قالدىم

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 11:30:41

MSM يوللىغان ۋاقتى  2014-11-4 14:01 static/image/common/back.gif
توختى پوكاننى ئەسلەپ قالدىم

يوقاپ كەتتىغۇ راس،شەيخىممۇ؟

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 13:16:09

dawanqi يوللىغان ۋاقتى  2014-11-5 11:30 static/image/common/back.gif
يوقاپ كەتتىغۇ راس،شەيخىممۇ؟

«مېھمانخانىغا» كىرىپ چىقتى دەپ ئاڭلىغان، كېيىن قانداق بولدى بىلمىدىم

elqut يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 13:27:29

بۇ يىل مىھمانغا كىرگەنلەر ئۇنداق تىز چىقمىدىغۇ

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 13:30:44

MSM يوللىغان ۋاقتى  2014-11-05 13:16:09 static/image/common/back.gif


«مېھمانخانىغا» كىرىپ چىقتى دەپ ئاڭلىغان، كېيىن قاندا
توختى پوكاننىڭ كاساپىتى ئوخشىمامدۇ؟ ماۋۇ جاھاننى...
بەت: [1] 2
: ياغاچ گېنېرال(ھېكايە)