tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 14:56:39

ئاشقازان –ئۈچەي ئاغرىقىغا ياخشى داۋا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tadubeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-30 14:12  

ئاشقازان –ئۈچەي ئاغرىقىغا ياخشى داۋا
بۇ نۇسخىدىكى رېتسىپ ئاشقازان ،ئۈچەي كېسەللىكلىرىگە ياخشى مەنپەئەت قىلىۋاتقان بولۇپ،نۇسخىنى ئورتاقلىشىشنى توغرا تاپتىم.
سېرىقماي 666 گرام، دارچىن 333 گرام، زەنجىۋىل 266 گرام، كۇندۇر 266 گرام ، مەرۋايىت 222 گرام، قىزىل بەھمەن 222 گرام، ئاق بەھمەن 222 گرام، قاقىلە 133 گرام، دۇرنەج ئەقرەبى 133 گرام، كەرەپشە ئۇرۇقى 133 گرام ، مىخدارچىن 133 گرام، زۆرەنباد 133 گرام، شاترەنجى ھىندى 133 گرام، جۇيۇز 133 گرام، بەسباسە 132 گرام ، ئاقىرقەرھا 111 گرام.
يۇقارقى دورىلاردىن زەنجىۋىل، شاترەنجى ھىندى، كەرەپشە ئۇرۇقى، جۇيۇز، بەسباسە، مىخدارچىن قاتارلىق ئالتە خىل دورېغا سۇ قۇيۇپ ئايرىم ئايرىم ھالدا بىرىنچى قېتىم ئىككى سائەت، ئىككىنچى قېتىم بىر يېرىم سائەت، ئۈچىنچى قېتىم بىر سائەت قاينىتىپ، قاينىتىلغان سۈيىنى بىرلەشتۈرۈپ  قۇيۇق ھالغا كەلگۈچە سۇس ئوتتا قاينىتىمىز. مەرۋايىتنى ئايرىم سالايە قىلىپ ئۇپىدەك ھالەتكە  ئەكىلىمىز، قالغان دورىلارنىمۇ يۇمشاق سۇقۇپ مۇۋاپىق چەككىلەنگەن ھەسەل، باشتىكى دورا قايناتمىسى، سېرىقماي ۋە مەرۋايىتلار بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز .
بۇ دورا تالنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئاشقازاننى قىزىتىدۇ، سوغۇقتىن بولغان ئاشقازان ئاغرىقى، ئىچى سۈرۈش، ئىشتىھاسىزلىق، ئاشقازان-ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى،ئادەتلەنگەن بويىدىن ئاجراش  قاتارلىقلارغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
سەھىيە مىنىستىرلىكى دورا ئۆلچىمى ئۇيغۇر تېبابەت دورا قىسمىدىن ئېلىندى.
تادۇبەگ شىپاخانىسى http://www.4tadu.com/?p=1248
مەنزىل :ئۈرۈمچى نەنمىن تادۇبەگ شىپاخانىسى
تادۇ بىئو-پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئالاقە:1242717272-18690143938 18999997719
تور بېكەت :- WWW.4TADU.COM
ئۈندىدار سۇپىسى:- TADUBAG

Kamdidar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 15:58:30

يېقىندىن بۇيان چىشىپ تۇرۇپ-تۇرۇپ ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى، بەك قاتتىق ئەمەس، لېكىن ئادەمنى بېئارام قىلىدۇ. ئەينەككە قارىسام چىشى مېلىكى تەرەپ ئازراق ئاقىرىپ قاپتۇ. ئايالىم چىش مىلىكى ياللۇغى ئوخشايدۇ، چىش دوختۇرىغا بېرىپ كۆرۈنۈپ باقسىلا دەيدۇ. تادۇبەگ ئۇستازنىڭ بۇنىڭغا ياخشى ئامالى بارمىدۇ؟

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 16:27:54

ئاۋۇ سان _سېپىرلار نېمىدىگەن گۈزەل.
       ھە راس، سوغۇق باشلىنىشى بىلەن زۇكام كۆپ بولۇپ كەتتى. ھەم بۇ تولا ئۇچرايدىغان كېسەلكەن. مۇشۇنىڭ ئۈنۈملۈك، ئاددىي چارىلىرى بارمىدۇ؟

atux0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 19:15:33

ئاشقازاندىن ئاچچىق يېنىش ئەھۋالىغا قانداق دۇرا ئەڭ تىز مەنپەت قىلىدۇ ؟؟

AZIZA97 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-4 10:32:30

يۇقىردىكى رىتسىپ ھامىلدارلىقتكى ئاشقازان ئاغرىقغىمۇ بۇلامدۇ ؟



tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-4 12:30:43

Kamdidar يوللىغان ۋاقتى  2014-11-3 15:58 static/image/common/back.gif
يېقىندىن بۇيان چىشىپ تۇرۇپ-تۇرۇپ ئاغرىيدىغان بولۇپ قا ...

ئاۋال چىش دوختۇرىغا كۆرۈنۈڭ،ئاندىن ئۇچۇر قالدۇرۇڭ.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-4 12:32:52

atux0908 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-3 19:15 static/image/common/back.gif
ئاشقازاندىن ئاچچىق يېنىش ئەھۋالىغا قانداق دۇرا ئەڭ تى ...

نارپىننە شەربىتى ، جاۋارىش كۇمۇنى،جاۋارىش مەرۋايىت،پىننە گۈلقەنتى دېگەنلەر بولىدۇ.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-4 12:33:05

AZIZA97 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-4 10:32 static/image/common/back.gif
يۇقىردىكى رىتسىپ ھامىلدارلىقتكى ئاشقازان ئاغرىقغىمۇ  ...

بولىدۇ.

azizim يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 18:39:05

جىغان دېگەن ئۆسۈملۈك مۇشۇ ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى، ئۈچەي ياللۇغى دېگەنلەرنىڭ دورىسى بۇ. مانا بۇ جىغان چوڭلارنىڭ ئاشقازىننى ياخشى قىلىۋەتتى. ئەگەر ئاشقازان، ئۈچەي دىگەنلەردە مەسىلە بارلار جىغاننى يەپ بېقىڭلار، يولداشلار بەك يەيدىكەن بۇنى . ھازىر مۇشۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ھاراق ياساپتۇ يولداشلار، باھاسى نەچچە مىڭ يۈەنكەن، مىللىيلاردىنمۇ بىر-نەچچە شىركەت بار يېڭى قۇرۇلغان، جىغاندىن پايدىلىنىپ مەھسۇلات چىقارغان. كۇچادا ئەلقۇت شىركىتى، ئاندىن ئۈرۈمچىدە بىرسى بار ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. باھاسىمۇ قىممەت ئەمەسكەن 25 كويكەن بىر بوتۇلكىسى، ساپ جىغانكەن.  {:112:}
ئەسكەرتىش: 10 ياشتىن تۈەن بالىلار، ھامىلدارلار ئىستىمال قىلسا بولمايدىكەن.  
مەن چوڭلارغا ئېلىپ بېرىپ ئۈنىمى كۆرۈلگەچكە تەۋسىيە قىلىپ قويدۇم، خاتا كۆز قاراش شەكىللەنمىسە

yawoz يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 05:12:32

اشقازان يالېلغۇغا  مەنپەت قىلارمۇ

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-8 14:04:42

چۈشەندۈرۈشنى ئوقۇيالىدىڭىزمۇ؟
بەت: [1]
: ئاشقازان –ئۈچەي ئاغرىقىغا ياخشى داۋا