جىگەر يېگۈمىز كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى
گۆش ئالغاندا قاسساپلار تارازىدا كەملىگىنىگە جىگەر قوشۇپ ساتسا كىشىنىڭ ھەققىنى يېگەن بولمامدۇ دېگەندەك پاراڭلارنى بىر زامان ئىزدىنىشتا قىلىشقان ئىسىمدە. ھازىر بازاردا گۆش باھاسى سەل تۆۋەنلەپ جىگەر يۇقۇرلاپ ئىككىسىنىڭ باھاسى تەڭلىشىپ قالغاندەك. قۇربانلىق قوينىڭ جىگىرىنى غول پىياز، كۆكمۇچ، شوخلا، زېرە دېگەندەك خۇرۇچلار بىلەن قورۇپ ئېغىزىغا بەك تېتىپ كەتكەنمۇ قانداق باللارنىڭ ئانىسى يېقىندىن بىرى تولا جىگەر بۇيرۇيدىغان بولىۋالدى. نېمە قىممەت، قىس بولسا شۇنى يېگۈڭ كىلىپ كېتىدىكەن- خەقتەك، دەپ چاقچاق قىلغاچ قاسساپلاردىن ساغلام جىگەر بولسا ئالاي دەپ سوراپ قويىمەن ئۇيان-بۇيان ئۆتكۈچە. تولا ۋاقىتلاردا جىگەر تۈگەپ كەتكەن دېگەن جاۋابنى ئالىمەن. بۈگۈن ئەتتىگەن قاسساپتىن سورىسام ، بىر تال جىگەرنى جىڭلاپ خالتىغا سىلىپ قولۇمغا بەردى، گۆش نەرقىدە پۇلىسىنى بىرىپ ئۆيگە ئىلىپ بارسام، باللارنىڭ ئانىسى تاماق قىلىدىغان ۋاقىتتا ، ماۋۇنىڭغا قارىسىلا دەپ كۆتۈرۈپ ئالدىمغا كەپتى، قارىسام قاپلىق قۇرت كېسىلى بولغان جىگەر ئىكەن. قۇرتلىرىنى تازىلىۋېتىپ بىر چىرايلىق خالتىغا سىلىپ بىرىپتۇ. كۆڭلۈمدە بىر يېقىمسىز تۇيغۇ بىلەن قاسساپلارغا ئىنساپ تىلىدىم.جىگەرنى خالتىغا سال، دۆشە، پىچاقنى قايناق سۇدا پاكىز يۇيىۋەت دەپ خوتۇننى ئازىراق قورقۇتۇپ قويغاچ جىگەرنى ئىلىپ قاسساپ يېنىغا چىقتىم.
- ئۇستووووووم، مۇشۇنداق جىگەرنىمۇ ساتلىما؟ ئۈستى پىچاقتا تىلىقلىق تۇرىدۇ، كۆرەپتىكەنلا بوممىسا...سېتىشقا قانداقمۇ كۆڭۈللىرى ئۇنىغاندۇ؟!!!
- ئەتتىگەن دوختۇر كۆرەپ ساتساڭ بولىدۇ دەپ تامغا بېسىپ بەرگەن قايسىلا.
- مەنمۇ دوختۇر قايسىلا، مانداق جىگەرنى يەپ كېسەل يۇقۇپ قالسا سىلى دېگەن دوختۇر ئارا تۇرۇپ بولالمايدۇ. بۇندىن كىيىن دېققەت قىلسىلا، ساتمىسىلا ماندا جىگەرنى جۇما. سىلە پاكىز بالا، ياخشى ئادەمنىڭ بالىسى...
- ئۆزەمنىڭمۇ كۆڭلۈمدە بىر قانداقتەك تۇرغان، مەسىلە ما پۇللىرىنى ...
..........
شۇنىڭ بىلەن جىگەرگە بولغان زوقىمىز، ئىشتىھايىمىز پەسلەپ قالغان بولدى. ئۆيگە ئېكىرىپ يېسەكقۇ مەسىلىسى بار جىگەرنى كۆرۈپ قالىدىكەنمىز سەللا دىققەت قىلساق، لىكىن ئاشخانا، كاۋاپخانىلاردا خوجايىنلارنىڭ ئىنسابى بولمىسا ئادەمگە ھەر نەرسىلەرنى يېگۈزىۋېتىدىكەن جۇما، دېيىشكەچ ھەممىمىزگە ئىنساب، ئىيمان تىلىدۇق. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Birzat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-3 14:46
ئەسكەرتىش:
1. تېمىدا دېيىلگەن قاسساپ ماۋۇ ئىزدىنىشتىكى قاسساپ ئەمەس جۇما ، ئۇ دېگەن جىگەر قاپلىق قۇرتى ئەمەس قايماقلىق قۇرتى، قوتاز موزىيى گۆشى ئەكىلىپ بەرمەكچى بولغان ياخشى قاسساپ ئۇ :lol
قايماقلىق قۇرۇت مەندە بارتى ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
يامان نەسە مەخپى قالمىسۇن بىر زات ئەپەندى ، نوبىشى ئەتراپىدىكى قاسساپتەك قىلىدۇ ، بىزمۇ دەسسەپ قالمايلى دەۋەتمەمسىز ، تونۇۋالىلى ئۇ گۇيتۇزىنى :lol ھەي مۇشۇ ئاشخانىلاردا تاماق يىگەندە دىققەت قىلساقمۇ بىزلەر بىلەلمەيمىز ئاشخانىلاردا ئەرزان ماي ئازگال مىي ئىشلىتشى تۇرغانلا گەپ ئاللاھ كوڭلىگە ئىنساپ بەرگەي شۇ ئاشپەز قاسساپلارنىڭ بازارلاردىكى توخۇ ئۆردەكلەرنىغۇ يىگىلى بولماسلا بولدى خۇدا ساقلىسۇن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Birzat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-3 15:10
tuz يوللىغان ۋاقتى 2014-11-3 14:57 static/image/common/back.gif
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
يامان نەسە مەخپى قالمىسۇن بىر زات ...
نوربېشىدىن مۇشلۇق بىر قاسساپتىن باشقا قاسساپتىن ئالدىراپ گۆش ئالمايتتىم. بەزىدە سەمەن مۇساچوڭ دوقمۇشى كالتە بازاردىكى ئىلى قاسساپتىن گۆش ئەكىرەتتىم ئاتايىن چىقىپ.
ئىشقىلىپ نوربېشىدىن گۆش ئالمىسا بولغۇدەك دېگۈزىۋېتىدۇ ئادەمنى. paylasof يوللىغان ۋاقتى 2014-11-3 14:59 static/image/common/back.gif
ھەي مۇشۇ ئاشخانىلاردا تاماق يىگەندە دىققەت قىلساقمۇ ب ...
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
بۇرۇنقى ئەجداتلىرىمىز بازارلاردىكى ئاشخانىلاردىن تاماق يىگەن ئادەمنى قەتتى ئارىغا ئالماي ، «بازار تامىقى يەيدىغان » كىشى ئۇ دەپ مەسخىرە قىلاتتىكەن . ھازىر قارايدىغان بولساق بازار تامىقىغا شۇنداق كۆنۈپ كەتتۇقكى ، ئائىلە بويىچە سەپ تارتىپ يەپ كىتىۋاتمىز ...........
نۆۋەتتە بىر قىسىم سودىگەرلىرىمىز پۇل ئۈچۈن ھەممىنى قىلىدىغان بولۇپ كەتتى.بۇنىڭغا نېمە چارە ئەمدى ... يولۋاسجاندىن ئالمىغانلا گوشنى جىگەرلا ئەمەس ئىچكىرىدىن چىقىدىغان توڭلىتىلغان گۆش ساتىدىغان ئىنساپسىز قاسساپلارمۇ جىقلاپ كەتتى… ئۆستەڭ بويىدىكى ئېلى قاسساپتىن ئالسىلا، قىژمەترەك بولغان بىلەن بەلەن مالنىڭ گوشىنى ساتىدۇ ھە راست ،ھېلىقى يىتىپ تۇرۇپ مىنىدىغان توكلوك ھارۋىلىرى بولغانكىن ، گوش ئەكىلىشمۇ ئېغىر كەلمەيدۇ ،
يەنە بىر ھە راست ، قۇربان ھېيىتتا جىگەرنى ئۆزلىر ى
بىژ قوللوق قورۇپ بەگەن ئوخشىماملا ruslan007 يوللىغان ۋاقتى 2014-11-3 15:55 static/image/common/back.gif
يولۋاسجاندىن ئالمىغانلا گوشنى
قادىر تاللا بازىرى›› غا بوتكىسىنى چاپلىۋالغان قاسساپكەن. ئىسمىنى بىلمەيمەن. ئادەتتىمۇ نوربېشىدىن گۆش ئالمايمەن زادى. ruslan007 يوللىغان ۋاقتى 2014-11-3 16:00 static/image/common/back.gif
ھە راست ،ھېلىقى يىتىپ تۇرۇپ مىنىدىغان توكلوك ھارۋىلىر ...
رۇسلان ئىنكاس يازدى دېگەن ئۇچۇرنى كۆرۈپ چاقچاققا باسىدىغان بولدى بۇ دەپ كىرسەم چاقچاق ياق، سەل ‹‹بىنۇرمال›› ھېس قىلىپ بەتنى يېڭىلىسام، چاقچاق قىلماي چىقىپ كېتىشكە كۆڭلۈڭلا ئۇنىماپتۇ دە، يەنە شۇ يېتىپ تۇرۇپ مىنىدىغان توكسىكلىتنىڭ گېپىما؟:lol
بىرەر قېتىم مىنىپ باققان بولساڭلازە بىر ئۆمۈر گۈزەل ئەسلىمە قوينىدا ياشاكەنسىلە:lol ;P :lol :lol ساۋاقداش باللانىڭ جىگەر كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ دېگەن گېپى بىلەن ھەپتە ئارىلاپ ئىككى-ئۈچ زىغ يەپ قۇياتتىم. خام پېتى ئالغانلار ئازراق دىققەت قىلسىلا جېگەرنىڭ قانداقلىقىنى بىلەلگۈدەك. لېكىن مەندەك سېرتتىن كاۋاپچى ئۇستاملار پىشۇرۇپ بەرگەندە يەيدىغانلارنىڭ پەرق ئەتمىكى تەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرخىل دارا-دەرمان، ئاچچىق-چۈچۈكلەرنى قوشۇپ ئەسلى تەمىنى بىلمەس قىپ قۇيىدۇ. قارىغاندا، ئەمدى بۇ ئوقەتنى يىمىسەم بولغۇدەك.{:90:}:shutup:
RE: جىگەر يېگۈمىز كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى
ruslan007 يوللىغان ۋاقتى 2014-11-3 16:00 static/image/common/back.gifھە راست ،ھېلىقى يىتىپ تۇرۇپ مىنىدىغان توكلوك ھارۋىلىر ...
بەزىدە قاقشاپ قويىدۇ، بىرەر قېتىم تاماق ئىتىپ بەرگەن بولسىلا، دەپ. بولىدۇ خوتۇن، بىر تەخسە قورۇما قورۇپ بىرەي.
_ ۋاي، ھەجەپ ياخشى.
- قازاننى يۇيۇپ، سەي ئادالاپ يۇيۇپ، توغراپ بەرسەڭ، چۆمۈچنى ئەپچىل ئوينىتىپ قورۇپ بىرەي.
- :dizzy: قازاننى يۇيۇپ، كۆكتاتنى ئادالاپ، توغراپ بەرسە قورۇيلا، ئومدانلىقىنى كۆسىلە مانىڭ:( شۇڭا مەن ئەزەلدىن يېمەيمەن شۇ جىگەر دېگەن نەرسىنى. wuyyu يوللىغان ۋاقتى 2014-11-3 16:11 static/image/common/back.gif
شۇڭا مەن ئەزەلدىن يېمەيمەن شۇ جىگەر دېگەن نەرسىنى.
ھايۋانلار ياش ، ساغلام بولسا ئىچ ئەزالىرىنى مىزاجىغا مۇۋاپىق تاللاپ يەپ بەرسە كۆپ مەنپەئەتلىك.
Birzat يوللىغان ۋاقتى 2014-11-3 16:20 static/image/common/back.gif
ھايۋانلار ياش ، ساغلام بولسا ئىچ ئەزالىرىنى مىزاجىغا ...
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
شىنجاڭ خەلىق رادۇيى ئۇزىلىدىكى كېسەلنى كۆرمەي ، ئاۋازىدىن دىياگۇنۇز قويۇپ دورا داۋراڭ قىلدىغان تىۋىپلار ، كاللا - پاقالچاق ، ئۆپكە - ھېسىپ قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزەلىرنى يىيىش خەتەرلىك دەيدىكەنغۇ بىرزات ئەپەندىم ؟