halis123 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 12:02:23

ئىزدىنىش تورىدىكى ئىزدەنگۈچىلەرگە ئۈچ سوئال

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   halis123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-3 12:11  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !  ئىزدىنىش تورىدىكى بارلىق تورداشلار !

مەن ئىزدىنىش تورىنىڭ كونا ئوقۇرمىنى بولساممۇ ، مەندىن بىلىم جەھەتتە قابىلىيەتلىك تورداشلاردىن كۆپرەك ئۆگۈنۈش ئۈچۈن، تېما يوللىماي پەقەت كۆرۈپلا كەلگەنتىم ، بۇ مېنىڭ ئىزدىنىشقا يازغان تۇنجى تېمام، مەن بۈگۈن تورداشلارغا مەن ۋە باشقىلار ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان ئۈچ سوئالنى ئېلىپ كەلدىم، تورداشلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ، بىلىدىغانلىرىنى ئايىماي جاۋاب بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن،  گەرچە بۇ سوئاللارغا ئۆزۈم مەلۈم دەرجىدە جاۋاب تېپىپ بولغان بولساممۇ، بىلىم جەھەتتە مەندىن ئارتۇق بولغان ھەرقايسىڭلارنىڭ كۆز-قارىشىنى ئاڭلاپ باقماقچىمەن .

1- سوئال : ئىنسانلارنىڭ ئەقلى قابىليىتى كۈندىن-كۈنگە ئېشىۋاتامدۇ ياكى تۆۋەنلەۋاتامدۇ ؟
ئېشىۋاتقان بولسا نېمە ئۈچۈن ھازىرىقى كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۆز كۆز-قارىشىنى كونىلارنىڭ ئەسەرلىرى ۋە سۆزلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلايدۇ  ؟     تۆۋەنلەۋاتقان بولسا  نېمىشقا بۇرۇن پەن-تېخنىكا ھازېرقىدەك تەرەققىي قىلمىغان ؟

2- سوئال : بىلىمنى زادى پۇلغا سېتىش كېرەكمۇ - ياقمۇ ؟  
سېتىش كېرەك بولسا  پۇلنىڭ كۆپ قىسمى يامان نىيەتلىك كىشلەرنىڭ قولىدا، ئۇ ۋاقىتتا بىلىم زىيانلىق نەرسىگە ئايلىنىپ قالمامدۇ ؟
ساتماسلىق كېرەك بولسا جاپا-مۇشەققەتتە بىلىم ئۈگەنگەن ئادەم تۇرمۇشىنى قانداق قامدايدۇ ؟

3- سوئال :  توغرا ياشاش بىلەن كۆپ پۇل تېپىش بىر-بىرگە زىددىيەتلىكمۇ ؟
ئەلى قۇربان بىر لېكسىيەسىدە ‹‹ يا كارخانىچى بول، ياكى ياخشى ئادەم بول ›› دەيدۇ .  ئەگەر ياخشى ئادەم بولۇش بىلەن كۆپ پۇل تېپىش زىددىيەتلىك بولسا نېمىشقا  ھازىرقى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ياخشى ئادەم بولغۇسى يوق ؟  زىددىيەتلىك بولمىسا ياخشى ئىش قىلىپ كۆپ پۇل تاپقىلى بولدىغان ئىشلار قايسى ؟

يۇقارقى سوئاللار بەلكىم غەلىتە تۇيۇلىۋاتقان بولىشى مۇمكىن ، لېكىن ئوبدان ئويلاپ باقساق ئەتراپىمىزدىكى مۇھىم ئىشلار .

yadlan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 14:33:52

توغرا ياشاش بىلەن كۆپ پۇل تېپىشنى  مەن بىر-بىرىگە زىت دەپ قارىمايمەن .
توغرا ياشاش بىرئادەمنىڭ ،ئۆسۈپ يىتىلىشى ،ئالغان تەلىم تەربىيەسى ،ياشاۋاتقان مۇھىتى ، ئىتقادى ،دۇنيا قارىشى ...قاتارلىق  بىرقاتار ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك .
كۆپ پۇل تېپىش بولسا ،شۇئادەمنىڭ غايىسى ،تىرىشچانلىقى ،ئەقىل پاراسىتى......قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك .

biotech0990 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 15:02:48

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 18:36:03

biotech0990 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-3 17:02 static/image/common/back.gif
مەنچە سىزنىڭ ئاۋۇ ئۈچىنچى سوئالىڭزدىكى ئەلىنىڭ نەزىرى ...

300 ياش پەرىق قىلامدىكەن:lol

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 19:14:19

ئىلگىرى ‹‹شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتى›› دا مۇشۇنداقراق مۇنازىرىلەر ئۆتكۈزۈلۈپ تۇراتتى. مەن بىر قانچىسىگە باھالىغۇچى كۆرۈرمەن{:90:} بولۇپ قاتناشقان. مەسىلەن: بىلىم موھىممۇ پۇلمۇ دېگەنگە ئوخشاش. بۇۇنداق مۇنازىرىلەرنىڭ ئاساسەن يېڭىپ چىققۇچىسى بولمايدىكەن. لىكىن ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى توغرا دېگۈچىلەر چوقۇم ئىسپات توپلاپ سۆزمەنلىك قىلىشى كېرەك بولاتتى. بۇنداق سۇئاللار ئەسلىدىنلا بىر-بىرىگە زېت ، ‹‹غەلىتە›› سۇئاللار بولغاچقا تەپەككۇرنى ئانچە-مۇنچە غىدىقلىغاندىن باشقا پايدىلىق جاۋاپ چىقىشى ناتايىن ئىدى. خۇددىي ‹‹سىز ئاۋۋال ئۇيغۇرمۇ ياكى مۇسۇلمان؟›› دېگەن مۈجمەل سۇئالغا ئوخشاش.

halis123 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 20:05:51

مەن شۇ ھەرقايسى تورداشلارنىڭ كاللىسىنى غىدىقلاپ ھەرخىل كۆز-قاراشلارنى بىلەي دىگەن مەخسەتتە يوللىغان, لېكىن ئىزدىنىشتىكىلەرنىڭ كاللىسى مېنىڭكىدىن 300 كىچىكمۇ يا تۈزۈك ئىنكاس چۈشمەپتۇ .

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 20:17:01

چۈنكى تادۇ ئىككىڭلار بىزدىن ئۈچيۈز يىل ئىلگىرى كېتىپ قاپسىلەر {:92:}

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 20:45:07

يامان چوڭ سوئالكەن. كىشىگە كىبىر قىلىدىغان، پۇلۇم بار دەپ ئادەمنى ئادەم ئەتمەيدىغان،كىشىنىڭ ھەققىنى يېيىشنى پاراسەت دەپ بىلىدىغان كارخانىچى(ئەمەلىيەتتە بىزدىكى تولىسى كارخانىچى ئەمەس، سودىگەر)دىن ئىتنىڭ پوقى ياخشىراق.

454603066 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 20:57:26

1.  تۇۋەنلەۋاتىدۇھەم ئېشىۋاتىدۇ.  چۇنكى ئۇلارنىڭ قارشى، ئوخشىغانلىغى ئۇچۇن بولسا كېرەك. كونىلار نەچچە يىل ئىزدىنىپ، ھەقىقەتنى ئەمىليەتتىن ئوتكۇزۇپ سوزلىگەن بولسا .ھازىرقىلار ئۇزىنىڭ ئوقۇغان كىتابى  ،چۇشەنچىسىنى ئەمىليەتتىن ئوتكۇزدۇ. بۇرۇنقىلار يازغان، كىتاپلار 50 ياكى 100يىللاردىن كېيىن ئالقىشلانغان بولسا ھازىر كىتابى پۇتمەي تۇرۇپ ئالقىشلىنىدۇ.   بۇرۇنقىلار ئوزىنىڭ كۇنىنى كۇچىنىڭ يېتىشىچە تۇزلەپ ماڭغان ،
تۇزلىنىپ بۇلۇنغان كۇندە ئەۋلاتلىرى ماڭغان. باشتا پىيادە ماڭغان بولسا كېيىن ئاتلىق ماڭغان كېينچۇ ئەلۋەتتە ماشىنىدا ،ئايريپىلاندا ماڭدىدا.
2. بۇنىڭغا ياق دەيمەن. ئادەم چىقىش يولىنى ئۇزى بەلگىلەيدۇ.
3.ياق . بۇنىڭدا سىز نىڭ قانداق قىلىشىڭىزغا باغلىق .  سىز باشقىلارنىڭ ئھتىياجى چۇشكەن ، ئالماشتۇرۇش
سودىسىنى ياكى باشقىلاردا يوق. سىز دە بار بولغان. باشقىلارغا زىيان يەتكۇزمەيدىغان، ئىشلارنى قىلسىڭىز بۇلدۇ.





umun99 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 21:49:51

پۇلنىڭ كۆپ قىسمى يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ قولىدا دەپ قويۇڭ.ئەلۋەتتە ماركىسىزىمنىڭ كوممۇناغا يىتىش نەزىريىسى بىلەن قارىساق بايلار يامان ئادەملەر،قەمبەغەللەر  شەرەپلىك ئىنسانلار.
مۇشۇنداق كىتىۋەرسىڭىز بايلىق،كاپىتالىزىم دىگەندەك تىرمىنلارنىڭ مەشھۇر ئىنكارچىسى بولىشىڭىزدا گەپ يوق.

ئەلۋەتتە ياخشى بىر ئانارشىست بولۇش ئۈچۈن باسقان قەدەملىرىڭىز بىكارغا كەتمىگەي.

begmurad يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 21:51:39

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆپچىلىك، مەن بۇ يىل 28 ياشقا كىرگىنىمگە قارىماي سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىپ باقاي.
خالىس قېرىندىشىمىزنىڭ باش ئۈچ سۇئالى بىلەن يانداش سۇئاللېرىدا زىددىيەت بار.
بىرىنچى سۇئالدىكى زىددىيەتكە 《بىلىم ئەقىل چىرىقى 》دىگەن ئەقلىيەن مۇۋاپىق كۆردۈم. شۇنداق بىز نۇرغۇن ۋاقىت چىقىرىپ باشقىلار ئاللىبۇرۇن ئىسپاتلىغان ، ئۇلار تەجرىبە قىلىپ يەكۈنلىگەن نەرسىلەرنى ئۈگىنىمىز ئەمما بىزدە يەنە باغلانما تەسەۋۋۇر بار بىز ئۇلارنىڭ بىلىملېرىنى ئۈگىنىش ئارقىلىق ئەقىل ئىشلىتىشنى ئۆگىنىمىز، ھەمدە باشقىلارنىڭ بىلىمى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ بىلىم ۋە ئەقلىنى قۇشۇپ يىڭى بىلىملەرنى ھاسىل قىلالايمىز. ئۇندىن باشقا ئىنسانلار بارغانسىرى قۇرساق بىقىشتىن كۆرە تىخىمۇ ياشاشقا ئىنتىلىدىغان بۇلۇپ كەتتى، بىلىم ۋە ئەقىلنىڭ رولى كۈچەيمەكتە.
ئىككىنچى سۇئالدىكى زىددىيەت پۇل يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ قۇلىدا ئەمەس ئىقتىدارلىق كىشىلەرنىڭ قۇلىدا ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ قۇلىدا. بىلىمنى پۇلغا سىتىشقا بۇلىدا ئالغۇچىنىڭ ئىھتىياجى بولسا ھەرئىككى تەرەپ خالىسا سىتىشقا بۇلىدۇ.
ئۈچىنچى سۇئالدىكى زىددىيەت تۇغرا ياشاش بىلەن ياخشى ئادەم زىددىيىتى ، بۇلار بىر گەپ ئەمەس ياكى كۆپ قىسىم ۋاقىتلاردا بىر گەپ بولمايدۇ دەپ قارايمەن.
بۇ سۇئالنىڭ جاۋابى تۇغرا ياشاش بىلەن كۆپ پۇل تىپىش ، كارخانىچى بۇلۇش زىددىيەتلىك ئەمەس. چۈنكى شۇ كارىانىچى لار بولمىسا بىز ئاددىيسى تور، كومپىيوتىر ، يانفۇن ئىشلىتەلمەيتتۇق. قۇرساق ئاچقاندا تەييار ئارمان قۇۋۋەت تالقىنى ، ئىخلاس فىرىمانى ناشتىلىق قىلالمايتتۇق.

yanhin918 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-4 07:41:32

پۇل   يامان   ئادىمزاتلارنىڭ   قولىدا   دىگەن   گەپنى   پۈتۈنلەي   خاتاغا   چىقرىۋەتسەك   مۇنبەرگە   خەت   يېزىپ   ئاۋارە   بولمىساقمۇ   بولىدۇ ............
....
......

halis123 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-4 08:37:28

umun99 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-3 21:49 static/image/common/back.gif
پۇلنىڭ كۆپ قىسمى يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ قولىدا دەپ  ...

پۇلنى كونتىرول قىلىۋاتقان مۇستەبىت ھۆكۈمەت، پارىخور ئەمەلدار، ئىجارىكەش باي، ھايانكەش سودىگەر ، خەلىقنىڭ ھاياتى بىلەن ئوينىشىپ زەھەرلىك يىمەكلىك، ساختا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىچى دىگەندەك كىشلەرنى ياخشى نىيەتلىك ئادەملەر دىيىشكە تىلىم بارمايدۇ ،قارىغاندا بەزى تورداشلار  ‹‹ ئاق مۇشۇك، قارا مۇشۇك، چاشقان تۇتقان ياخشى مۇشۇك .›› دەپ قارايدىغان
چېغى .  
مېنىڭ خارەكتىرىمگە كەلسەك ھېچقانداق ئىزىملارنىڭ ئەگەشكۈچىسى ياكى چاقىرىقچىسى ئەمەس، پەقەت شۇ ھەممە ئادەم بەلەن بولسا ،جاھان تېنچ-خاتىرجەم بولسا دەپ قارايدىغان ئاددىي ئىنسان .   

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-4 09:32:14

ئەڭ ياخشىسى سىز باي بولماڭ ، پۇلمۇ تاپماڭ ، چۈنكى
سىزمۇ كېيىن يامان نىيەتلىك كىشىلەردىن بولۇپ قالىسىز

HAliS98 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-4 20:45:45

بۇ ۋەزنى بار سۇئال بۇپتۇ جاۋاپ بىرىڭلار قېرىنداشلار

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 16:29:45

  ھاياتلىقتا شۇنداق بىر ئالدىنقى شەرت بار ، ياشاش كېرەك !
ياشاش ئۈچۈن يوقىتىپ تۇرىمىز ، يوقىتىش جەريانىدا ئېرىشىپ تۇرىمىز . قىز - قىزلىق ئىپپتىتىنى يوقىتىپ ئاياللىق شەرىپىگە ئېرىشىدۇ ، ئايال چىرايلىق قامىتىنى يۇقىتىش بەدىلىگە ئانىلىق شەرىپىگە ئېرىشىدۇ ، ئايال گۈزەل رۇخسارىدىن ئايرىلىش بەدىلىگە مومىلىق شەرىپىگە ئېرىشىدۇ ......
خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش ، يۇقۇرىدىكى سوئاللىرىڭىز قانداقتۇر بىر - بىرىگە زىت ئەمەس ،پەقەت ھاياتلىقنىڭ تەبىئىي قانۇنىيىتى بويىچە يۇقىتىش ھەم ئېرىشىشتىنلا ئىبارەت .

terhemek يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 16:41:18

1- سوئال : ئىنسانلارنىڭ ئەقلى قابىليىتى كۈندىن-كۈنگە ئېشىۋاتامدۇ ياكى تۆۋەنلەۋاتامدۇ ؟
ما قىززىق سۇئالكەن ... :lol

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 16:55:26

halis123 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-3 20:05 static/image/common/back.gif
مەن شۇ ھەرقايسى تورداشلارنىڭ كاللىسىنى غىدىقلاپ ھەرخى ...

ھەرقايسى تورداشلارنىڭ كاللىسىنى غىدىقلىغۇدەك سوئال سورىيالىغۇدەك بولىشىڭىز ئۈچۈن يەنە 300 يىل ئۆگىنىش قىلسىڭىز بولىدۇ...

halis123 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 18:09:06

Comeon يوللىغان ۋاقتى  2014-11-5 16:55 static/image/common/back.gif
ھەرقايسى تورداشلارنىڭ كاللىسىنى غىدىقلىغۇدەك سوئال  ...

ھازىر ئىزدىنىشتىكى كۆپ قىسىم تورداشلارنىڭ كاللىسىنى پەقەت ئۆزى ياقتۇردىغان داڭلىقلارنىڭ تەرپىنى قىلىدىغان تېما بىلەن، ئۆزى ياقتۇرمايدىغان داڭلىقلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىدىغان تېمىلار غىدىقلىيالايدىغان ئوخشايدۇ .

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 18:33:38

‏كىشىلەرنىڭ ئاڭ سەۋىيىسى دەرۋەقە يىللارسېرى ئېشىپ مېڭىۋاتىدۇ، پىسخولوگلارنىڭ ئىلمىي تەجرىبىلەردىن ئىسپاتلىشىچە1950- يىلىدىن كېيىن كىشىلەر تېز سۈرئەتتە ئەقىللىقلىشىش باسقۇچىغا كىرگەن ئىكەن. لېكىن بۇ ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ يىللارسېرى ئەقىللىقلىشىپ ماڭىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىكەن، پەقەت زامانىۋىي قۇرۇلمىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئوخشاش مىقدارلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇرەككەپلىشىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر خىل ۋاستىلىق ئەقىللىقلىشىش ئىكەن، يەنە بىر جەھەتتىن، بىلىمنىڭ يەنىمۇ جۇغلىنىشىغا ئەگىشىپ، تەپەككۈر ئۇسۇللىرىدىمۇ زور يېڭىلىنىش، قولايلىشىش بولدى. بۇمۇ ئادەمنىڭ يىلدىن- يىلغا ئەقىللىقلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇلارنىڭ ھەممىسى تاشقى مۇھىتنىڭ تەسىرى. ئادەمنىڭ ھەقىقىي فىزىلوگىيىلىك نۇقتىسىدىن ئەقىللىقلاشقان - ئەقىللىقلاشمىغانلىقىغا كەلسەك، بۇ تېخى تالاش- تارتىشتىكى مەسىلە بولۇپ، تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيىسىنى قوللايدىغانلار ئەقلىي كۈچ زامانسېرى تەرەققى قىلىدۇ، دەپ قارىسا، سوغۇققان ئالىملار يەنىلا تەتقىقات ئۈستىدە ئىكەن.
‏تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئادەم نېرۋا توقۇلمىلىرى سانىنىڭ كىچىككىنە ئېشىشى ئۈچۈنمۇ مىليونلارچە ۋاقىت كېتىدۇ. لېكىن بىز بىلىدىغان مەدەنىيەت تارىخى بىر نەچچە مىڭ يىل بولۇپ بۇنداق يوقىلاڭ ۋاقىت بىلەن بۇنى ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ.
بەت: [1] 2
: ئىزدىنىش تورىدىكى ئىزدەنگۈچىلەرگە ئۈچ سوئال