mehzuni يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 09:02:20

ئانىڭىز تۈگەپ كەتسە...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mehzuni تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-3 09:05  

                                                                             ئانىڭىز تۈگەپ كەتسە...
                                                                                        جېلىلى

ئانىڭىز تۈگەپ كەتسە قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن يالغۇز قالىسز، كۆڭۈللۈك دەملىرىڭىز ئاخىرلىشىدۇ. ئانارنىڭ دانىسىدەك قىزىرىپ تۇرغان مەڭزىڭىز سارغىيىشقا باشلايدۇ، كۆزلىرىڭىز ئولتۇرۇشىدۇ، ئۇرۇقلايسىز. ئانىڭىز تۈگەپ كەتكەن كۈنى ئۇنىڭ خۇددى دائىمقىدەك ئۇخلاۋاتقاندەك ھالىتىنى كۆرۈپ ئۇنى ئۇخلاۋاتىدۇ دەپ خىيال قىلىپ باقىسىز، لېكىن ئانىڭىز «ئۇيقۇسى» دىن ئويغانمايدۇ، ئورنىدىن تۇرمايدۇ، ئاستا قوپۇپ چاچلىرىڭىزنى سىيلاپ سىزگە تاماق سېلىپ بەرمەيدۇ. ئۆيگە نۇرغۇن ئادەم يىغىلىدۇ، يىغا-زارە ئىچىدە كۆز ياشلىرىڭىزنى يامغۇردەك تۆككىنىڭىزچە ئولتۇرسىز، يەلكىڭىز خۇددى كەچكۈزدىكى شۈرمەلگە چۈشۈپ كەتكەن ئاسلاندەك تىترەيدۇ. ئانىڭزنىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىشىنى ئۈمۈت قىلىسىز، ئانىڭىزنىڭ چىرايىغا تويماي قارايسىز، ئانىڭىزدىن ھېچقانداق سادا كەلمەيدۇ، ئۇنى تىنىق ئېلىۋاتقاندەك ھېس قىلىسىز لېكىن ئانىڭىز ئاللىقاچان نەپەستىن توختىغان. ئۆلۈم بىلەن ھاياتلىقنىڭ ئارلىقىدا تېڭرىقايسىز، كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ كۈلۈمسىرەۋاتقاندەك ياتقان ئانىڭىزنىڭ چىرايىغا ھەيرانلىق بىلەن قارايسىز. يۈەكلىرىڭىز مۇجۇلىدۇ، كىملەردىندۇر بىرى كېلىپ سىزنى ئانىڭىزنىڭ يېنىدىن يۆلەپ ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ. سىزنى ۋە قېرىنداشلىرىڭىزنى باشقا ئۆيگە ئاچىقىپ تاماقلاندۇرىدۇ، لېكىن گېلىڭىزدىن تاماق ئۆتمەيدۇ، ئەمدى ئانىڭىز ئەتكەن تاماقنى مەڭگۈ يېيەلمەيسىز، ئانىڭىز ئەتكەن تاماقتىن مەھرۇم قېلىشىڭىز دەل مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئانىڭىز بار چاغدىكىدەك تاماق تاللىيالمايسىز، سەي يىمەيمەن دەپ قەغىشلىك قىلىپ ئەركىلىيەلمەيسىز، «ئۇھ... ئانام بولغان بولسىمۇ ئەتكەن تامىقىنى يەپ كېلەر ئىدىم... ئانام ئەتكەن تاماقنى ئەجەپ سېىغىندىم...» دەپ قالىسىز. شۇنداق بولىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن «بالام تامىقىڭىنى يىدىڭمۇ؟» دەپ سىزگە كۆڭۈل بۆلدىغان، كەچ قالسىڭىز بالام قاچان كېلەر دەپ يۈرەكلىرى سەكپارە بولۇپ تۈن كېچىكەرنى ئۇيۇقسىز ئۆتكۈزىدىغان ئادەم بولماي قالىدۇ. «بالام مۇنداق تاماققا ئامراق ئىدى...» دەپ قازان قاينىتىپ يولىڭىزغا قاراپ تۇۋاقنى ئاچماي  سىزگە تەلمۈرىدىغان ئانىڭىز ئەمدى بولمايدۇ. تاماق ئېتىشنى ئۈگىنىسىز، ئانامدەك مەززىلىك تاماق ئېتەي دەپ ئويلايسىز لېكىن ئېتەلمەيسىز، قوللىرىڭىز خېمىر يۇقى سىرتلارغا چىقىپ قالىسىز. ئانىڭىزنى ھايات دەپ ئويلايسىز، لېكىن نۇرغۇن ئاياللار ئۇنى غەسلىگە ئېلىپ ئاپئاق رەختكە ئوراپ قويىدۇ، ئاندىن نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ كېپەن ئىچىگە ئېلىنغان ئانىڭىزنى تاۋۇتقا سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز، يۈرىكىڭىز ئاغىدۇ، ئانام تىنالماي قالغانمىدۇ دەپ ئويلاسىز، لېكىن ئانىڭىز ئەمدى نەپەس ئالالمايتتى، ئۇلار ئانىڭىزنى تاۋۇتقا سېلىپ ئىشىكتىن ئېلىپ چقىپ كېتىۋاتقاندا يۈركىڭىزمۇ ئىشىكتىن تەڭلا سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ كېتىدۇ، بۇ ئانىڭزنىڭ بۇ ئىشىكتىن ئەڭ ئەخىرقى قېتىم، ئەبەدىي قايتىپ كەلمەيدىغانغا چىقىشى ئىدى. شۇ ھامان ئۆيدە ئاياللارنىڭ شۇنداق بىقۇۋۇللارچە ئېزىلىپ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلايسىز، شۇندىلا ئەمدى ئانىڭىزنىڭ ئەمدى بۇ ئۆيگە ئەمدى قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىسىز. ئۇلار ئانىڭزنى مەسجىتكە ئېلىپ بارىدۇ، ئۇ يەردە ئانىڭىز ئۈچۈن دادىڭىزنىڭ جامائەتتىن رازىلىق ئېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلايسىز، شۇنىڭدىن كېيىن ئانىڭىزنىڭ نامىزى چۈشۈرىلىدۇ، ئاندىن ئۇلار ئانىڭىزنىڭ تاۋتىنى ئېلىپ قەۋرىستانلىققا قاراپ ماڭىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىسىز، ئاتىڭىزغا، قېرىنداشلىرىڭىزغا قارايسىز، ئۇلارنىڭ چىرايىدىكى قايغۇدىن يۈرىكىڭىز ئېزىلىدۇ، قېرىنداشلىرىڭىزنى مەسۇم چىرايىغا قاراپ پۇچىلىنىسز. شۇنداق بولىدۇ، ئۇلار ئانىڭىزنى يەرنىڭ تېگىگە-خۇددى چامغۇر ئورىسىدەك بىريەرگە ئەكىرىپ كېتىدۇ، دەرھاللا ئانىڭزنىڭ نۇرلۇق چىرايى، يارىشىملىق كىيىملەردىكى ھالىتى ئېسىڭىزگە كېلىدۇ، چىدىيالماي قالىسىز ئۈنسىز يىغلايسىز، ئانىڭىزنىڭ ئەمدى بايىقىدەك «ئۇخلاۋاتقان» دەك ھالىتىنىمۇ كۆرەلمەيسىز. كىملەردىندۇر بىرى ئاپىڭىز بىلەن خوشلىشىۋېلىڭ دەيدۇ، بۇرۇنلاردا خىيال قىلسىڭىزمۇ قورقۇنۇچتا جېنىڭىز چىقىپ كېتىدىغان لەھەت ئىچىگە ئۆمىلىپ كىرىسىز، لەھەت ئېغىزىدىن ئاران چۈشۈپ تۇرغان ئاجىز يۇرۇقلۇقتا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ لەھەت تەكچىسىگە قويۇلغان ئانىڭزنىڭ چىرايىنى ئىزدەيسىز. نىھايەت، ئاجىز يۇرۇقلۇقتا ئاپئاق رەخت ئىچىدە بېشىنى قىبلىگە قىلىپ قويۇلغان ئانىڭىزنىڭ چىرايىنى ئاران كۆرىسىز، دەھشەتلىك يىغا ئۆپكىڭىزنى قىسىۋېتىدۇ، ئانىڭىزنىڭ چىرايىغا قارايسىز، بۇ قېتىمقىسى ئانىڭزنىڭ چىرايىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرىشىڭىز بولۇپ قالىدۇ. شۇنداق بولىدۇ، ئاندىن سىز ئانىڭىز ئۈگىتىپ قۇيغان كەلىمىلەرنى ئوقۇپ ئانىڭىزغا ھۈرۈيسىز، ئاتراپقا قارايسىز، لەھەتنىڭ تۆت تېمىدىن يامغۇرغا ئوخشاش چۈشۈۋاتقان غېرىپلقتىن كۆڭلىڭىز شۇنداق سۇنۇدىكى: « يا ئاللاھ... غېرىپلىقنى مۇشۇ يەرگىلا بەرگەنمىدىڭ؟...»دەپ قالسىز، ئاخىرقى قېتىم ئانىڭزنىڭ يۈزىنى كۆرۈپ «ئاللاھقا ئامانەت» دەپ لەھەتتىن يېنىپ چىقىسىز، لەھەت تاملىرىدىن يامغۇردەك چۈشىۋاتقان غېرىپلىقىن ئېلىپ يېنىپ چىقىسىز، يەتتە كەتمەن توپا تاشلىنىدۇ، قارىيلار خەتمە قۇرئان قىلىشىدۇ، شۇنداق قىلىپ ئانىڭىز يەرنىڭ تېگىگە كىرىپ كېتىدۇ، ئانىڭىز كىرىپ كەتكەن ئەشۇ يەرگە ھۆرمەت بىلەن قارايسىز. كىملەردۇر بىرى سىزنى يېتىلەپ ئۆيىڭىزگە ئېلىپ كېتىدۇ. كەچ كىرىدۇ، ئۇرۇق-تۇققان، دوست- بۇرادەرلىرىڭىز قايتىپ كېتىدۇ، ئۆيىڭزدە ئاتىڭىز، قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن قالسىز، ھەر تەرەپكە قارايسىز، ئارىڭىزدا بىر ئادەمنىڭ كەملىكىنى بايقايسىز، ئانىڭىز ياتقان ئۆيگە قارايسىز، ئاشخانىغا قاراپ ئۆزىڭىزگە ئەڭ يېقىن، سىزئەڭ ئامراق گەۋدىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلسىز، قايسىدۇر بىر ياتاق ئۆيدىن ئانىڭىزنى ساپما كەش بىلەن چىقىپ كېلدىغاندەك قىلسىز، لېكىن چىقمايدۇ. ئەتتىگەنلىرى «پاقلىنىم، ئوغۇلچىقىم، ئوينىڭىژدىن تۇيۇڭ، ئالىم بولىدىغان بالام، كۆز نۇرۇم...» دەپ سىزنى ئەركىلىتىپ ئويغىتىدىغان ئانىڭىز بولمايدۇ، ئەتىگىنى ئانىڭىزنىڭ شۇ تاتلىق گەپلىرىدىن ھوزۇرلىنالمايسىز، ئېغىناپ ئەركىلەپ «جېنىم ئانا، بىردەم يېتىۋالايچۇ...» دەپ بەخت ئىلكىدە تولغىنالمايسىز، گاھ سەھەردە، گاھ كۈن چىقىپ كەتكەندە ئويغىنىسىز، ئانىڭىزنىڭ ئىللىق چىرايىنى كۆرۈشنى ئىستەيسىز، ئانىڭىز دەملىگەن ئىسسىق چايدىن ئوتلىماق بولىسىز، لېكىن ئۇ نەرسىلەر ئاللىقاچان سىزنىڭ شىرىن ئارزۇلىرىڭىزغا ئايلىنىپ كەتكەن بولىدۇ. غېرىپ كۈنلىرىڭىز باشلىنىدۇ، سىرتتىن براۋلارنىڭ گەپلەشكەنلىكىنى ئاڭلاپ قۇلاقلرىڭىزنى دىڭ تۇتۇپ كېتىسىز، ئۇ ئاۋازنى ئانىڭىزنىڭ ئاۋازىغا ئوخشىتىپ كېتىسىز، لېكىن ئانىڭز ئەمەس، بىر كلىملەرنىڭ ئاياق تىۋىشىنى ئاڭلايسىز، خۇددى ئانىڭىزنىڭ ئاياق تىۋىشىدەك بىلىنىدۇ، ھېلىلا قولىدا سەي-كۆكتات ياكى ئاللىقانداق نەرسىلەر سېلىنغان خالتىنى كۆتىرىۋالغان ئانىڭىزنى كىرىپ كېلىدىغاندەك تەلمۈرىسىز لېكىن كىرمەيدۇ. ئاچقۇچلارنىڭ شاراقشىغىنى ئاڭلىنىدۇ، لېكىن خوشنىڭىز بولۇپ چىقىدۇ...شۇنداق بولىدۇ، دادىڭىزنىڭ چاچلىرىنىڭ بىر كېچىدىلا ئاقىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسىز، قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ غەمكىن كۆزلىرىگە قارايسىز، ئۇلارنى مەيۈسلۈكتىن قۇتۇلدۇرماقچى بولسىز، ئۆيىڭىزدە سۇلغۇنلۇق، غېرىپلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ. كوچىلاردا كېتىۋاتقىنىڭىزدا خۇددى ئانىڭىزغا ئوخشايدىغان بىرەرسى ئۇچراپ قالسا يۈرىكىڭىز «جىغغىدە» قىلىپ قالىدۇ، ئۇنى ئاناممىكى دەپ قالىسىز، لېكىن ئۇ سىزگە قاراپمۇ قويماي ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئانىڭىز ھايات ۋاقتىدىكى تۇققانلرىڭىزمۇ ئەمدى بۇرۇنقىدەك ئۆيىڭىزگە جىق كەلمەيدۇ، سىزگە ئېتىۋارسىز مۇئامىلە قىلدۇ، تۇققانسىرايسىز، توي-تۆكۈنلەردە كۆز ئالدىڭىزچىلا بالىلىرىنىڭ ياقىسىنى تۈزەشتۈرىۋاتقان تۇققانلىرىڭىزنى كۆرگىنىڭىزدە، ئاتا-ئانىسى بار تۇققانلىرىڭىزنىڭ سىزگە قارىغاندا تېخىمۇ ئەتىۋارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭىزدە چەكسىز غېرىپلىقنىڭ قەلبىڭىز تامان يۇپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايقايسىز، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئانىڭىزنى ئىزدەيسىز، لېكىن ئۇنى تاپالمايسىز، ئېغىزىنىڭ ئۇچچىدىلا رەسمىيەت يۈزىسىدىن سۇرالغان تېنىچلىق-ئامانلىقىن قەلبىڭىزدە قىشنىڭ سۇغىقىدىنمۇ بەتتەر سۇغاقلىقنى ھېس قىلسىز، ئاتا-ئانىڭىز بار چاغدىكىدەك قىزغىنلىقتىن بەھرىمان بولالمايسىز، شۇندىلا «ئۈزى يوقنىڭ يۈزى يوق»لىنقىنى بايقايسىز. ھېيت كۈنلىرى ئۆيىڭىزگە ھېيتلاپ كېلدىغان ئادەملەرنى ساقلاپ ئىشىككە تەلمۈرىسىز، لېكىن ھېيتنى ئۈمۈتسىزلىك، غېرىپلىق، مىسكىنلىك ئىچىدە ئۆتكۈزىسىز، بۇرۇن ئاتا-ئانىڭىز بارىدا بۇسۇغىڭىزدىن كەتمەيدىغان تۇققانلرىڭىز «ھېيت كۈنى بارساق سىلەر يوق...» دەپ قاراپ تۇرۇپ يالغان ئېيتىپ سىلەرنى ئالدىماقچى بولىدۇ، ئۆيۈڭلارنى «تاپالمايدىغان» تۇققانلرىڭىز ھاجىتى چۈشۈپ قالسا ئۆيىڭىزنى تېپىپ كېلىدۇ، خۇددى قۇياش پارلىغاندەك بولىدۇ، تۇققانلرىڭىزنىڭ سىزنى ئىزدەپ كەلگەنلىكىدىن بېشىڭىز ئاسمانغا تاقىشىدۇ، ئىش تۈگىگەندە ئۇ تۇققىنىڭىزمۇ غايىپ بولىدۇ، تاسادىپەن ئۇنى كوچىلاردا ئۇچرىتىپ قالسىڭىز كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ، پەقەت بولمىغاندا «ئىزدەپ بولالمىغانىلىقى»نى، «كۆڭلىدە بار»لىقىنى ئېيتىپ ئۆزرە سورايدۇ.  شۇنداق بولىدۇ، قەلبىڭىز شۇنداق چەكسىز بىر مېھرىبالىقنى ئىزدەيدۇ، لېكىن تاپالمايسىز، كىشىلەرگە خۇددى قەرزىڭىز باردەك تۈۋەنچىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ قالسىز، ئۇلارنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشقا ئالدىرايسز، نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدىغانلىقىڭىزنى دەسلەپتە بىلمەيسىز، كېيىنچە سىز مۇشۇ ئارقىلىق شۇ كىشىلەردىن سىز ئېھتىياجلىق بولغان ياخشى مۇئامىلە، كۈلۈمسىرەش ۋە ئىللىقلىقنى ئارزۇ قىلىپ شۇنداق قىلىۋاتقانلىڭزنى ھېس قىلىپ قالىسىز، لېكىن شۇنى ھېس قىلغان ۋاقتىڭىزدا سىز ئىزدەۋاتقان بۇ مېھرىبانلىقنى ئانىڭىزدىن باشقا ھېچقانداق ئادەمنىڭ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئاخىرى چۈشىنىپ يېتىسىز. ئۆيىڭىزنى ئانىڭىز بار چاغدىكىدەك ئاۋۇندۇرۇشنى ئويلايسىز، لېكىن ئۇنداق قىلالمايسىز، بىز كۈنلەر كېلىپ دادىڭىزدىنمۇ ئايرىلىپ قالسىز، شۇنداق قىلىپ قارا يىتىم بولىسىز. يىغلامسىراپ تۇرغان تام، مۇڭلىنىپ تۇرغان گۈللەر سىزگە ھەمراھ بولىدۇ، ئاپىڭىزنى بەك سېغىنىپ كەتكەندە ئۇنىڭ كىيىملىرىنى ئەپ چىقىپ ھىدلايسىز، ئۇنىڭدىن ئانىڭىزنىڭ ھىدىنى قانماي پۇرايسىز، كۈنلەر ئۆتۈپ ئۇ كىيىلەردىنمۇ ئانىڭزنىڭ ھىدىنى تاپالمايسىز، قەلبىڭىزگە غېرىپلىقنىڭ مەڭگۈلۈك تامغىسى بېسىلىپ كېتىدۇ. كىنولاردا، ياكى ئەتراپىڭىزدا تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەر ئۇچرىسا، بىرەر ناخشا ئاڭلىسىڭىز تېگى يوق بىرخىل ھەسرەتنىڭ قەلبىڭىزنىڭ ئەڭ چوقۇر قاتلاملىرىدىن پارتلاپ چىقىپ يىغا بېسىپ كېتىدىغان بولۇپ قالىسىز. ئانىڭىز سىزدىن ئەنسىرىگەندەك قېرىنداشىرىڭىزدىن ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالسىز، قېرىنداشلىرىڭىز سىزگە ئازار بەرسە ئۇلارنى ئاپىڭىزغا ئوخشاشلا كەچۈرىۋېتىسىز، ئاپىڭىزنىڭ ئورنىدا كۆينىشكە تىرىشىسىز، لېكىن ۋايىغا يەتكۈزەلمەيسىز. كېچىلىرى قېرىنداشلىرىڭىزدىن ئەنسىرەپ تېلىفۇنىڭىزنى ئەتمەي ياتىسىز، ئاخىرى بېرىپ بۇ سىزگە ئادەت بولۇپ قالىدۇ. قايەردىن قانداق شۇم خەۋەر كېلىپ قالار دەپ ئەندىشە ئىچىدە خۇددى كۈز شاماللىرىدا ئۇچۇۋاتقان خازاندەك ياشايسىز. شۇنداق بولىدۇ، ئانىڭىز تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن «ئۇ يېرىم ئاغرىپ قالدى، بۇ يېرىم ئاغرىۋاتىدۇ...» دېگەندەك گەپلىرىڭىزنى دەپ بېرىدىغان ئادىمىڭىز بولماي قالىدۇ، باشقىلارغا دېسىڭىز «پالانى يەردە ئۇستا دۇختۇر بار...» دەپ سىزگە دۇختۇرخانىنى كۆرسىتىپ قويىدۇ، قولىڭىزدىن يىتىلەپ دۇختۇرخانىغا ياكى تىۋىپنىڭ ئالدىغا ئاپىرىدىغان ئانىڭىز بولمايدۇ، خۇددى باشقىلار ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى چوڭ شەھەرلەرگە ئاپىرىپ داۋالىتىپ ئەكەلگەندەك  بىرەرسىنىڭ سىزنىمۇ چوڭ دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىپ داۋالىتىپ ئەكىلىشىنى ئارزۇ قىلىپ قالسىز، لېكىن سىزگە ئۇنداق ئادەم چىقمايدۇ، شۇنداق قىلىپ بىر يېرىڭىز ئاغرىسىمۇ دەيدىغان ئادەم يوق بىرەرسىگە دىمەي كۆنۈپ كېتىسىز، ئاخىرى كىشىگە ساق ئۆزىڭىزگە ئاغرىق يۈرىسىز. شۇنداق بولىدۇ، ئانىڭىز تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن ھايات يولىڭىز ئۆزگىرىدۇ، باشقىچە ھاياتتا ئۆز كۈچىڭىزگە تايىنىپ ياشايسىز، خۇتۇن ئالسىز، بالىلىق بولسىز، ئېسىل ئۆيلەردە ئولتۇرغاندا، ئېسىل ماشنىلاردا ئولتۇرغاندا، كاتتا ئاشخانىلاردا ئېسىل تاماقلاردىن غىزالىنىۋاتقان چېغىڭىزدا، بالىلىرىڭىزنىڭ تاتلىق كۈلكىسىدىن ھوزۇرلانغاچ ۋاپادار ئايالىڭىزنىڭ بىر پىيالە شېرىن چېيىنى تامشىپ-تامشىپ ئىچىۋاتقان چاغلىرىڭىزدا «ھەتتىگىنەي... ئاتا –ئانام بولغان بولسا مۇشۇ بەختتىن تەڭ بەھرىمان بولسا قانداق ياخشى بولاتتى-ھە!» دەپ قالىسىز، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئارمانلىرىنى قۇچاقلاپ ياشايسىز، بالىلرىڭىزغا ئۇلارنىڭ ئېسىل خسلەتلىرىنى ھېكايە قىلىپ بېرىسىز، يېشىڭىز چوڭايغانسېرى ئۇلارنى تېخىمۇ بەك سېغىنىدىغان بولۇپ قالىسىز، بىرەر قېتىم بولسىمۇ چۈشىڭىزدە كۆرىۋېلىشنى ئارزۇ قىلسىز، ئۇلارغا دۇئا قىلىسىز ، سەۋر قىلىسىز، «ئاللاھ سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللە» دېگەن كەلىمىگە سادىق بولسىز، بالىلىرىڭىزنى باشلاپ قەبرىستانلىققا بېرىپ ئۆلۈم بىلەن ھاياتلىقنىڭ ھېكمىتىنى بالىلىرىڭىزغا ھېس قىلدۇرىسىز، خۇددى پەيغەمبىىرىمىزگە ئوخشاش: «ئەي قەبرە ئەھلى، سىلەر بىزدىن بۇرۇن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتتىڭلار، بىزمۇ ئاز كۈندىن كېيىن سىلەرگە قوشىلىمىز، سىلەرگە ھەم ئۆزىمىزگە ئۇلۇغ ئاللاھتىن مەغفىرەت تەلەيمىز...» دەپ ئاتا-ئانىڭىزغا ۋە بارلىق قەبرە ئەھلىگە دۇئا قىلسىز. شۇنداق بولىدۇ، «بىز ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، بىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز»، چەكسىز، چەكسىز شۈكرىكىم مۇسۇلمان يارتىلغانلىقىمىزغا ۋە كەرەملىك ئاللاھنىڭ ھىممىتىگە... ئۇلۇغ ئاللاھتىن بارلىق ئانىلارغا ئۇزۇن ئۆمۈر، بەخت-سائادەت ۋە ۋاپاردار پەرزەت تىلەيمەن...
ئەسكەرتىش: ئىلگىرى مەلۇم بىر ئۈندىدار سۇپىسىدىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ماۋزۇدىن بىرنى كۆرگەندەك قىلغان ئىدىم، لېكىن ئۇنى ئوقۇپ باقمىغان ئىكەنمەن. ئەگەر بۇ يازما شۇ يازمىغا ئوخشاپ قالغان ياكى قىسمەن ئوخشاپ قالغان بولسا بۇ پۈتۈنلەي تاسادىپىيلىق، ئىلگىرى مەن كۆرگەن ئۇ يازمىنى ئوقۇپ باقمىغاچقا مېنىڭ يازغىنىم شۇنىڭغا ئوخشاپ قالدىمۇ-يوق؟ بۇنى بىلمەيمەن، مەن پۈتۈنلەي ئۆز كەچۈرمىشلرىمنى يازىدىم. شۇڭا باشقىلارنىڭ مېنى كۆچۈرمىكەشلىكتە ئەيىپلەپ ئاۋارە بولۇپ يۈرمەسلىكىنى ئۈمۈت قىلىمەن، ناۋادا شۇنداق دەيدىغانلار چىقىپ قالسىمۇ ھېچقىسى يوق، مېيىقىمدا كۈلۈپ قويىمەن، خالاس...

2014-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى   چەرچەن
                                                            ـــــــــــــ جېلىلى

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 09:27:48

ئانا ئۈلۈپ كەتسە بالىلار تارقاپ كېتىدىكەن . دادا تۈگەپ كەتسە ئانا بالىلارنى يىغىپ ئۆينى چۆرگىلىتىپ تۇرالايدىكەن

pari87 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 09:29:14

ئانىسى تۈگەپ كەتكەنلەرنىڭ   ھېسياتىنى ئانىسىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان  مىسكىن دىللار ھېس قىلمىسا باشقىلارنىڭ ھېس قىلالىشى ناتايىن ....

sohrat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 09:51:34

مەن پۈتۈنلەي ئۆز كەچۈرمىشلرىمنى يازىدىم.
:'(:'(:'(:handshake

tuz يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 10:12:54

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

ھەممىدىن بەك ئانىڭىزدىن ئايرىلغان شۇ كۈندىن باشلاپ جەننەتنىڭ ئىككى قاناتلىك ئىشكىنىڭ بىر قانىتى سىز ئۈچۈن تاقالدى ..... يەنى بىر قانات ئىشىك تاقالغىچە ( يەنى دادىڭىز) نىڭ خىزمىتىنى ئوبدان قىلىپ دۇئاسىنى ئىلۋىلىشقا رازىلىقىنى ، خۇرسەنلىكىنى ھەرگىزمۇ - ھەرگىز قولدىن بەرمەسلىككە تىرشىڭ .....

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 12:03:25

باشقا گەپ قىلغۇم يوق....ئەلا...

bedexshan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 12:17:03

راستلد ئەلاغا لايىقكەن. ئانىڭىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن. ئىچىم،ئېچىشىپ كۆزۈمگە ياش ئولىشىپ،كەتتى

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 12:47:05

مېنىڭ ئاپام ھايات.بىراق شۇ مەنزىرىلەر كۆز ئالدىمغا كېلىپ يېشمىنى توختىتالمىدىم.

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 12:55:08

دادام ئۆلۈپ كەتكەن كۈنى مەن ئۆزۈمنىمۇ ئۆلۈپ كەتكەندەك ھېس قىلغان ئىدىم .....

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 14:13:33

koygandengiz يوللىغان ۋاقتى  2014-11-3 12:55 static/image/common/back.gif
دادام ئۆلۈپ كەتكەن كۈنى مەن ئۆزۈمنىمۇ ئۆلۈپ كەتكەندەك  ...

بۇ ئىنكاسقا ئەگەشتىم.
شۇنىڭدىن بېرى جېنىمنىڭ يېرىمى يوقىدى.

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 15:22:30

باشقا چاغدا بىلنەشمىگەن بىلەن ھېيت-ئايەمدە بىلنىشىدۇ يىتىملىك دېگەن

paylasof يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 18:01:56

بەك ياخشى يىزىلىپتۇ. يىتىملىك ھەر ۋاقىت بىلىنىدۇ،   

Qumaltag يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 18:32:03

‏ساۋاقداشلارغا ئۇقۇپ بەرسەم ،ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتتى .

udun0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 18:41:50

لىكىن.........................:(
جىلىلى  دىگەن گەپنى چۈشەنمىدىمغۇ؟ يەر-جاي ناملىرىمۇ ياكى؟:o

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 23:38:58

كەلمەكنىڭ كەتمىكى بار، ئۆلۈم ئىنساننىڭ خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى تاللىشى

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2014-11-4 09:32:44

choice يوللىغان ۋاقتى  2014-11-3 14:13 static/image/common/back.gif
بۇ ئىنكاسقا ئەگەشتىم.
شۇنىڭدىن بېرى جېنىمنىڭ يېرىمى ي ...

ئاشۇ دەمدىن باشلاپ ھاياتىمدا باھار بۇلۇپ باقمىدى.

rasheed يوللانغان ۋاقتى 2014-11-4 12:10:10

بۇ تېمىنى ناھايىتى تەستە ئاچتىم. يۈرىكىم دۈپۈلدەپ كەتتى... ئانامغا ۋە ئانىلارغا ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە سالامەتلىك تىلەيمەن!
تېما ھەقىقەتەن ئېسىل تېما ئىكەن!
بەت: [1]
: ئانىڭىز تۈگەپ كەتسە...