waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 20:37:40

شىنجاڭ كوماندىسى سىچۋەن كوماندىسنى يىڭىپ تۈنجى مەيدان غەلبە قىلدى

    ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛  ئۈرۇمچى ۋاقتى 11- ئاينىڭ 2- كۈنى كەچ سائەت 30؛5 دە ،  2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ بىرىنچى  ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ،  شىنجاڭ گۇاڭخۇي تەڭرىتاغ يىزائىگىلىك سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا  سىچۋەن ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. تۆت باسقۇچلۇق كەسكىن رىقابەتتىن كېيىن شىنجاڭ گۇاڭخۇي تەڭرىتاغ يىزائىگىلىك سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى 109-101 نەتىجە بىلەن رەقىبى  سىچۋەن ۋاسكېتبول كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، بۇ پەسىللىك تۈنجى مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۇردى.
   بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن  تۆت ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى   ئاندىرى بىراچ  31 نومۇر، 14 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ جوردان كىراۋفورد  22 نومۇر، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە  ۋە 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛  قىرانبېك ماقان 13 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  ليۇۋېي  10 نومۇر، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 1 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى،  2 قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ جۇ چى 9 نومۇر، 9 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  شىرئەلىجان 9 نومۇر،  1  قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 1 قېتىم توپ تارتىۋالدى؛  ساۋ فېي 5 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 1 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ سۈن مىڭياڭ 4 نومۇر،  5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ لىيۇشۇنەن 4 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ  ئالدى.
  سىچۈەن كوماندا ئەزاسى ۋىيبا 25 نومۇر، 10 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ ئالتاي 23 نومۇر، 7 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە تۆت قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ چېن شياۋدۇڭ 14 نومۇر ئالدى؛ ۋۇنەن 8 نومۇرئالدى؛ جيا چېڭ 7 نومۇرئالدى؛ يۈشۇلۇڭ 7 نومۇرئالدى؛  جاڭ زۇڭشيەن 4 نومۇرئالدى.
  يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەرتىپى بويىچە 11-ئاينىڭ 5-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا چۇڭچىڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php

function يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 23:31:26

شىرئەلىنىڭ يۈزىدىكى نېمە باللا ئۇ؟

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 23:45:45

function يوللىغان ۋاقتى  2014-11-02 23:31:26 static/image/common/back.gif
شىرئەلىنىڭ يۈزىدىكى نېمە باللا ئۇ؟
قاڭشىرىنى قوغدايدىغان نىقاپمىكى. nba  دىكىلەر تولا تاقىۋالىدىكەن. كوبىمۇ، جامىسمۇ بىر چاغدا تاقىغان. بۇقا كوماندىسىدا بىك ئوينايدىغان بىرسى ئۇ يىلدىن_بۇ يىلغا سالماي تاقىۋالىدۇ. شۇنىڭغا قارىغاندا بەلەن نەرسە ئوخشايدۇ.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 23:47:31

NBA دىن سىچۈەنگە قېتىلغان 37_نومۇرنى ئالتاي دەپ ئاتاپسىلەرغۇ؟ تازا توغرا بولمىدىمۇ قانداق؟

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 08:23:41

مۇبارەك بولسۇن!

Gulam615 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 14:56:42

يارايسىلە ئەزىمەتلەر.بۇيىللىق چىمپىيونلۇقنى ئىلىشنىڭ تۇنجى قەدىمنى ئوڭۇشلۇق بىسىپسىلەر.غەلبە سىلەرگە مەنسۇپ .ئالغا ئالغا .ھۇررا ھۇررا

yaxar48 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 21:15:18

  قىزىق ئۇيۇندە بۇ....ماۋۇ بەشى  ئۆزىنىڭ تۈشىكىگە سولايمەن دەپ يۈگۈرسە، ئاۋۇ بەشى جان-جەھلى بىلەن خەقنىڭ تۈشۈكىنى قوغداپ ھالىدىن كېتىدىكەن....:lol;P;P;P;P

atarut يوللانغان ۋاقتى 2014-11-5 22:03:17

شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئىسمى ھەجەپ ئۇزىراپ كىتىپتۇ.
بەت: [1]
: شىنجاڭ كوماندىسى سىچۋەن كوماندىسنى يىڭىپ تۈنجى مەيدان غەلبە قىلدى