karam يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 17:01:25

ئامازون جۇڭگوغا بىۋاسىتە مال سېلىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويىدۇ


10-ئاينىڭ 29-كۈنى ئامازون بېيجىڭدا چەتئەلدىكى تور بېكەتلىرىدىن جۇڭگوغا بىۋاسىتە مال ئەۋەتىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، ئامازون خەنزۇچە «چەتئەلدىن مال سېتىۋېلىش» (海外购) تور بېكىتىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويىدىكەن.

كېلىش ئالدىدىكى «11-ئاينىڭ 11-كۈنى» مەزگىلىدە، ئامازون جۇڭگو  تور بېكىتى 300 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق ماركا بىلەن بىرلىشىپ سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇ كۈنىدىن باشلاپ ئامازون ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئىسپانىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە ئىتالىيە تور بېكەتلىرى جۇڭگوغا بىۋاسىتە مال ئەۋەتىش كەسپىنى ئېچىۋېتىدىكەن. ئىستېمالچىلار ئامازوننىڭ چەتئەلدىكى ئالتە چوڭ تور بېكىتىدىن 25 مىليون خىل ئامېرىكا مېلى، 12 مىليون خىل گېرمانىيە مېلى، 12 مىليون خىل ئىسپانىيە مېلى، 10 مىليون خىل ئەنگلىيە مېلى، 8 مىليون خىل ئىتالىيە مېلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 80  مىليون خىلدىن ئارتۇق  مالنى تاللاپ سېتىۋالالايدىكەن.   بۇ ماللار ئاياغ، كىيىم-كېچەك، ئانا-بالىلار بۇيۇملىرى، ساغلاملىق ئوزۇقلۇقلىرى ۋە شەخسىي پەرۋىش بۇيۇملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئامازوننىڭ چەتئەلدىن بىۋاسىتە مال ئەۋەتىش مۇلازىمىتى ئىستېمالچىلارنىڭ ماللارنى  تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيەتلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ بېرىدىكەن. يېقىندا ئامازون ئامېرىكا تور بېكىتى جۇڭگوغا بىۋاسىتە مال ئەۋەتىش ھەققىنى تۆۋەنلەتكەن، مال يەتكۈزۈش ۋاقتىنىمۇ زور دەرىجىدە قىسقارتقان بولۇپ، ماللارنىڭ ئوتتۇرىچە يەتكۈزۈلۈش ۋاقتى 9-15 كۈنگىچە، ئەڭ قىسقا بولغاندا 3 خىزمەت كۈنىدە ئىستېمالچىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدىكەن.
مەنبە:ئەرقال تاراتقۇسى

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 17:04:24

ئەمدى ئۆيدە تۇرۇپلا چەت-ئەلنىڭ ماللىرىنى توردىن ئالغىلى بولدىكەندە ...{:92:}

mewize يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 18:24:22

چەتنىڭ ماللىرنى ئېلىش ئىمكانىيتى بار بوپتۇ،ئەمما مال يەتكۈزۈش ئىشلىرى قانداق بولا ؟ ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەرگە كىلىپ تۇختاپ قالماس،كىچىك ناھىيلەرگىمۇ يەتكۈزۈش ئىمكانىيتى بولارمۇ ؟ مال يەتكۈزۈش ھەققىدىكى ئۇچۇرلاردىن خەۋەر بارمىدۇ ؟

terjime يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 18:53:36

ئۈرۈمچىدە بىر ئورۇننى ئېلىپ چەتئەلدىن سېتىۋالغان مالنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇپ ئېلىپ تارقىتىدىغان قىلسا ، توردىن مال سېتىۋىلشنى ئۇقمايدىغانلارغا ۋاكالىتەن مال تاللىشپ ئېلىپ بەرسە  بۇ سودىمۇ ئەپلەشكىدەك . كىيىنچە گوگلىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلاندا مال يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بۇ تەرەپلەرگىمۇ يېتىپ قالسا بىرەر كەڭ مەيداننى ئىجارىگە ئېلىپ  مۇقىم كوردىناتنى ئۇلارغا تەمىنلەپ ۋاكالىتەن مال قوبۇل قىلىپ بەرسىمۇ بوپ قالىدىكەن .
شۈنفىڭ تىز يوللانما شىركىتى قۇرغان  توردىن سېتۋىلىش بىلەن تىز يەتكۈزۈشنى بىرلەشتۈرگەن 黑客 زەنجىرسىمان دۇكىنىنىڭ سودا ئەندىزىسىدىن ئۆرنەك ئېلىشقا بولىدۇ .

ace يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 18:56:43

مىنىڭچە پەقەت ئۈرۈمچىگىلا سالىدۇ

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 19:15:17

ئامازون تورى ئىچىلمايۋاتاتتى.

ئىچكىرى ئۆلكىدىنمۇ بەزى ئىلىكتىرۇن مەھسۇلاتلىرىنى خوتەنگە مۇلازىمەت يوق دەپ سىتىشنى خالىمايۋاتسا...........


ئامازوندىكىلەر ساتىمىز دىگەن بىلەن چىگرا ئىچىدە بىز سىتىۋالغۇچىنىڭ قولىغا بىۋاستە تىگىشى قانداق بولاكىن.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 19:20:22

ئامازون تورىدىن مال سىتىۋالساق  支付宝 نى قوللامدىغاندۇ؟

kuysoyar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 19:43:38

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-2 19:20 static/image/common/back.gif
ئامازون تورىدىن مال سىتىۋالساق  支付宝 نى قوللامدىغاندۇ؟  ...

پايپالنى قوللاپ قالار ،ئەمما ئالىپاينى قانداق بولاركىن؟

TARiMBOY يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 20:05:31

ئەمدى ئۆيدە تۇرۇپلا چەت-ئەلنىڭ ماللىرىنى توردىن ئالغىلى بولدىكەندە ...
بەك ياخشى بوپتۇ ،  ئەمدى مالنى قانداق سېتىۋېلىش ھەققىدە ئامازون تورىدىنمالسېتىۋېلىش باسقۇچلىرىنى بىر تۇنۇشتۇرىۋەتمەمسىز .
چۇنكى بۇ توربەتنىڭ مال سېتىۋېلىش جەريانى سەل مۇرەكگەپكەن  ئۇنىڭ ئۇستىگە بىر قېتىمدا بىرنەچچە خىل مالنى تەڭ سېتىۋالسا بۇنى قاندق قىلىدۇ   بۇنىڭ،ھىساۋاتىنى بىراقلام ئوتىگىلى بۇلامدۇ ياكى ئايرىم ئايرىم ھىساۋات قىلساق مال  ئەۋەتىلگەندە بىرگە ئەۋەتىلەمدۇ

TARiMBOY يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 20:05:33

ئەمدى ئۆيدە تۇرۇپلا چەت-ئەلنىڭ ماللىرىنى توردىن ئالغىلى بولدىكەندە ...
بەك ياخشى بوپتۇ ،  ئەمدى مالنى قانداق سېتىۋېلىش ھەققىدە ئامازون تورىدىنمالسېتىۋېلىش باسقۇچلىرىنى بىر تۇنۇشتۇرىۋەتمەمسىز .
چۇنكى بۇ توربەتنىڭ مال سېتىۋېلىش جەريانى سەل مۇرەكگەپكەن  ئۇنىڭ ئۇستىگە بىر قېتىمدا بىرنەچچە خىل مالنى تەڭ سېتىۋالسا بۇنى قاندق قىلىدۇ   بۇنىڭ،ھىساۋاتىنى بىراقلام ئوتىگىلى بۇلامدۇ ياكى ئايرىم ئايرىم ھىساۋات قىلساق مال  ئەۋەتىلگەندە بىرگە ئەۋەتىلەمدۇ

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 20:14:48

kuysoyar يوللىغان ۋاقتى  2014-11-2 21:43 static/image/common/back.gif
پايپالنى قوللاپ قالار ،ئەمما ئالىپاينى قانداق بولارك ...

پايپال بىلەن ئالىپاي ئىككىسى بىر ئەمەسمۇ؟

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 20:15:39

kuysoyar يوللىغان ۋاقتى  2014-11-2 21:43 static/image/common/back.gif
پايپالنى قوللاپ قالار ،ئەمما ئالىپاينى قانداق بولارك ...

پايپالنىڭ جۇڭگۇدىكى مۇلازىمەت تور بانكىسى ئادرىسى بارمۇ؟

پايپالغا قانداق تىزىملىتىدىغاندىمىز؟

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 20:18:41

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-2 22:29  

kuysoyar يوللىغان ۋاقتى  2014-11-2 21:43 static/image/common/back.gif
پايپالنى قوللاپ قالار ،ئەمما ئالىپاينى قانداق بولارك ...

https://www.paypal-biz.com/

https://www.paypal.com/c2/webapps/mpp/home
تور ئادرىسى مۇشۇ  شۇما؟

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 20:19:32

ئۈرۈمچىگە كىلەلىگەن مال خوتەنگىمۇ بارالايدۇ.

kuysoyar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 23:05:17

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-2 20:14 static/image/common/back.gif
پايپال بىلەن ئالىپاي ئىككىسى بىر ئەمەسمۇ؟

پايپال خەلىقارالىق پۇل كىرىم -چىقىم قىلىشقا بولىدۇ ،ئالىپاي پەقەت چىن دۆلىتىدىلا.

hakaniye يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 06:51:49

ساخـتا مال دۇنياسىدىن ازراق قۇتۇلىدىكەنمىز دە،لىكىن بەزىلەرسەزگۈرلاشتۇرىۋالمىسىلا

adreamofmine يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 08:26:29

ئامازوننىڭ شىنجاڭغا مال يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى يوقتەكلا يادىمدا.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 08:50:07

ebay دىن بىر تاسما ئالغان ئىدىم، پاي پال بىلەن  پۇل تۆلەپ ، ئەتە ياكى ئۆگۈن كېلىدۇ . نەشىرىيات بويۇملىرى كىلەلەمدىغاندۇ بىلمىدىم .:shutup:

Tugrul يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 16:33:49

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-2 20:14 static/image/common/back.gif
پايپال بىلەن ئالىپاي ئىككىسى بىر ئەمەسمۇ؟

پايپالدا دوللار خەجلەيلا.  ئالىپايدا خەلىق پۇلى خەجلەيلا. پەرقى خېلى بار

Tugrul يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 16:35:22

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-2 20:15 static/image/common/back.gif
پايپالنىڭ جۇڭگۇدىكى مۇلازىمەت تور بانكىسى ئادرىسى با ...

https://www.paypal.com
بەت: [1] 2
: ئامازون جۇڭگوغا بىۋاسىتە مال سېلىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويىدۇ