yadlan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-1 23:34:02

2010/ Office word 2003/2007 نىڭ خەت يۆلىنىشىنى تەڭشەش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى ئەزىز قېرىنداشلار  يېڭى ئەزا  (يادلان ) دىن ھەممىڭلارغا سالام .
كومپىيوتىرنىڭ كەڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ ،word  يېزىق بىتەرەپ قىلىش سېستىمىسى ،بىز تۇرمۇشىمىزدا ئايرىلالمايدېغان  ھەمراھىمىزغا ئايلاندى . مەن تۈۋەندىكى تىما ئارقىلىق ، 2010/ Office word 2003/2007 لەردە  ئۇيغۇرچە خەتنى نورمال كىرگۈزگىلى بولمىغاندا  قانداق تەڭشەشلەرنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىمىزنى چۈشەندۈرۈپ  ئۆتىمەن .

2007 ۋە 2010 دا سىستىما قاچىلانغاندىن كىيىن سىستىمىنى قوزغاتساق تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگندەك ھالەتنى كۆرىمىز .


بۇرەسىمدە ئوڭدىن سولغا تەڭشەش كۆزنىكى يوق ، دىمەك ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشتە ئاۋارچىلىق بار دىگەن گەپ . ئەمدى بىز بۇمەسىلىنى ھەل قىلىمىز .

1.ئالدى بىلەن office قۇرال تىزىملىكىدىن تىل تاللاش دىگەن كۆزنەكنى چىكىمىز .تۈۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ .



كۆپىنچە باشلاش تىزىملىكىدىن تاپقىلى بولىدۇ .

2. يىڭىدىن ئېچىلغان كۆزنەكتىن تىل تەڭشەش دىگەن خەتنى چىكىپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان تىللار تىزىملىكىدىن ئەرەپ ، ياكى پارىس تىلىنى قۇشۇپ ئاندىن جەزىملەيسىز .


يەنى سول تەرەپتىن ئەرەپ ،ياكى پارىس تىلىنى تاللاپ« قۇشۇش »نى باسىسىز . ئاندىن جەزىملەيسىز .

3. كومپىيوتىرىڭىزنى قايتا قوزغىتىپ ھەيران قالىسىز …..


قارايدىغان بولسىڭىز خەت يۆلىنىشىنى ئوڭدىن سولغا ياكى سولدىن ئوڭغا قىلىپ تاللايدىغان كۆزنەكنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بايقايسىز .

office 2010 بىلەن office 2007نىڭ مەشخۇلات تەرتىپى ئوخشاش .

ئەمدى سۆزلەيدىغىنىمىز word 2003نىڭ خەت يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىنى تەڭشەش .

ئالدى بىلەن word2003 نى قوزغىتىمىز ئاندىن « قۇرال» تىزىملىكى ئىچىدىن «تىل -يېزىق » نى چىكىپ چىققان تىزىملىكلتىن يەنە «تىل يېزىق تەڭشىكى » نى چىكىمىز . تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ .



ئاندىن  تۆۋەندىكىدەك  دىئالوگ  رامكىسى چىقىدۇ .  بۇيەردە  «ئەرپ يېزىقى » نى تاللاپ  جەزىملىۋەتسىڭىز  بولىدۇ .



ئەمدى كومىيوتىرىڭىزنى قايتا قوزغىتىپ ھايران قالىسىز ……..






ئەسلى مەنبە : يادلان بلوگى   http://www.yadlan.com/?p=129

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 07:25:16

كۆپ رەھمەت،  بەزىدە مۇشۇنداق كىچىكىنا ئىشلارمۇ ئادەمنى خېلى ئاۋارە قىلاتتى.
ئەزالىق سوۋغىڭىزغا تەشەككۈرلەر بولسۇن،  يەنە تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى يوللىغايسىز.

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 08:24:29

ھازىرغىچە 2007 دە بۇنى تاپالمىغان ئەسلى بۇيەدىكەندە

kitabhumar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 08:32:22


بۇنى تاپالمايۋاتىمەن

kitabhumar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 08:41:10

ئاخىرى تاپتىم ...

tumurjan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 09:15:19

بۇ بۇلىدىغان ئامالكەن، رەھمەت سىزگە.

begmurad يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 14:14:54

مەن قېرىنداشلارغا libré  offié نى ئىشلىتىپ بىقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن . بىرىنچىدىن ھەقسىز ، ئىككىنچىدىن مەشغۇلات سىستېمىسى تاللىمايدۇ، ئۈچىنچىدىن ئۇيغۇرچىنى ياخشى قوللايدۇ، ئىشلىتىش قۇلاي.

yadlan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 15:48:51

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yadlan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-2 15:50  


بۇنى تاپالمايۋاتىمەن
C:\ProgramData\Microsoft\Windows\Start Menu\Programs\Microsoft Office\Microsoft Office 2010 工具  
مۇشۇيەردە بار .(مەن ئىشلىتىۋاتقىنى  ۋېندوۋىس 8 ) ،باشقا سېستىمىلاردىمۇ Microsoft Office  غول ھۆججەت  مۇندەرىجىسى ئىچىدىن تاپقىلى بۇلىدۇ .

musapir123 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 16:24:15

بۇمۇ بىلىشكە تېگىشلىك بىلىمكەن،  

kitabhumar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 16:41:39

yadlan يوللىغان ۋاقتى  2014-11-2 15:48 static/image/common/back.gif
C:\ProgramData\Microsoft\Windows\Start Menu\Programs\Microsoft Office\Microsoft Office 2010 工具  
...

كۆپ رەھمەت سىزگە ....

yadlan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 18:15:20

كۆپ رەھمەت سىزگە ....
رەھمەت دىمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ ،ئىلگىرى مەنمۇ شۇنداق مەسىلىگە يۇلۇقۇپ پەقەت ئامال قىلالمىغان ،كىينچە ئىزدىنىپ  ھەل قىلىش يولىنى بېلىۋالدىم ،شۇڭا كۆپچىلىكنى پايدىلانسۇن دەپ ،بۇيەرگە يوللاپ قويدۇم .

ئەلدىن- ئەلگە نەپ .

tekin3 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 18:57:15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tekin3 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-2 19:55  

رەھمەت سىزگە

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 19:10:35

تىما ئىگىسىنىڭ ئوتتورىغا قويغان مەزمۇنىدىن باشقا تىخىمۇ ئاددى، ھەقىقەتەن ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنىڭ بىرى:  试图  تىزىملىكىنى چىكىپ، 工具栏  نى تاللاپ، چىققان كۆرۆنمە تىزىملىكتىن 自定义 نى تاللىساق، بىر تەھرىرلەش قوراللىىرىنى تاللاش كۆرۆنمە رامكىسى چىقىدۇ.
بۇ رامكىدىكى 命令 نى تاللىساق، ھەرخىل تەرىرلەش قوراللىرى چىقىدۇ.
بىز بۇ تەھرىرلەش قوراللىرىنى ئىھتىياجىمىزغا ئاساسەن، ۋوردنىڭ تەھرىرلەش قوراللىرى ئارىسىغا خالىغانچە قىستۇرالايمىز.
دىققەت:  تەھرىرلەش قوراللىرىنى مائۇس كونوپكىسى بىلەنلا سورەپ چىقپ خالىغانچە قىستۇرسىڭىز بولىدۇ.

yadlan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 19:18:35

تىما ئىگىسىنىڭ ئوتتورىغا قويغان مەزمۇنىدىن باشقا تىخىمۇ ئاددى
سىزدىگەن  ئۇسۇلنى پەقەت ، ئەرەپ ،پارىس قاتارلىق  ئوڭدىن سولغا يازىدىغان  يېزىقلار قېتىلغاندىلا ئاندىن ئېلىپ بارغىلى بۇلىدۇ ،بولمىسا ئۇكۆزنەكلەر  يورىمايدۇ . يەنىلا  مەزكۇر يازمىدىكى ئۇسۇلغا مۇھتاج بۇلىسىز .... كەچۈرۈڭ بىلەرمەنلىك قىلدىم .  مەنمۇ نۇرغۇن قېتىم سىز قوللانغان ئۇسۇلدا قلالماي  ئاندىن ........

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 20:38:52

yadlan يوللىغان ۋاقتى  2014-11-2 21:18 static/image/common/back.gif
سىزدىگەن  ئۇسۇلنى پەقەت ، ئەرەپ ،پارىس قاتارلىق  ئوڭدى ...

مىنىڭكىدە نورمالغۇ ئەمىسە.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 20:40:38

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-2 22:42  

Office word 2003 نى 2004 - يىلى ئىنتايىن پىششىق ئۈگەنگەن ئىدىم. تا ھازىرغىچە ئىسىمدىن چىقىپ كەتكىنى  يوق.
ھازىرمۇ ئىشلىتىمەنغۇ؟   
بۇ ئىشلارنى بىلمەيدىغانلار يەنىلا  ھەقىقەتەن كۆپكەن.

ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 22:42:29

بايىلا office 2013 نى قاچىلىدىم، سىز دىگەن ئۇسۇلنى سىناي دىسەم، باشلاش تىزىملىكىدە office 2013 يوق، كەچ بولۇپ، قالدى. ئەتىگە قالدۇردۇم.
بەت: [1]
: 2010/ Office word 2003/2007 نىڭ خەت يۆلىنىشىنى تەڭشەش