nurlan13 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-1 18:23:24

ساغلام تۇرمۇش يولى _ ئوغۇللارغا يۈز نەسىھەت

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nurlan13 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-1 18:26  

   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىشتىكى تورداشلار! سىىلەرگە مەندىن ئوتلۇق سالام !   ئويلاپ باقسام مۇشۇ مۇنبەرگە ئەزا بولغاندىن بويان بىرەر تېما يوللاپ باقماي باشقىلارنىڭ تېمىسىدىن ھۇزۇرلىنىپلا كەپتىمەن . قارىسام بۈگۈن ئازراق بىكار بولۇپ قاپتىكەنمەن شۇڭا مەندىن ئۆزگىلەرگە مەنپەئەت يىتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ قولۇمدىكى كىتابنىڭ مەزمۇنلىرىنى سىلەر بىلەن ھەمبەھىرلىنەي دەپ ئولتۇرۇپتىمەن . قېنى ئەمىسە قۇرۇق گەپنى قويۇپ تېمامنىڭ ئۆزىنى  باشلاي :
        
ساغلام تۇرمۇش يولى _ئوغۇللارغا يۈز نەسىھەت

بىرىنچى نەسىھەت
      ئەي ئوغلۇم بىر كىشى ئىككىنچى كىشىگە سالام بەرسە ،ئۇنى دەرھال ئىلىك ئېلىپ ،سالامنىڭ جاۋابىنى بەرگەي .سالامنى تولۇق ‹‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ››دەپ ئېيتقاي .‹‹ئەسسالامۇ ئەلەيكە ››دىيىش توغرا ئەمەس.‹‹سالام  ئەلەيكۇم ››ياكى‹‹سالام››ياكى‹‹ئەلەيكەس سالام››ياكى‹‹سالام باردۇق››دېيىشكە بولمايدۇ.سالامنىڭ جاۋابى ‹‹ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام››بولۇپ ،بۇنى‹‹ئەلەيكۇم سالام››،‹‹ئەلەيكەس سالام››ياكى پەقەت‹‹ئەلەيكۇم››دەپلا قويۇش توغرا ئەمەستۇر.‹‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم››ئەرەپچە سۆز بولۇپ ،‹‹سىزگە تىنىچ ئامانلىق بولسۇن››دىمەكتۇر(ئاپتورنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن كىتاپتىكىنى ئۆزئەينى يازدىم ئوخشىمايدىغان پىكرى بارلار توغرا چۈشىنەسلە).‹‹ۋەلەيكۇم ئەسسالام››بولسا ‹‹سىزگىمۇ تىنىچ -ئامانلىق بولسۇن››دىگەن سۆزدۇر.

ئىككىنچى نەسىھەت

     ئەي ئوغلۇم ، سەككىز خىسلەت ئادەمنى ئابرويلۇق قىلىدۇ ، بۇلار : بىرىنچى ، ياخشىلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇپ ، ياخشى ئىش ئەمەللەر بىلەن شوغۇللىنىش؛ ئىككىنچى ، سەمىمىي بولۇش ، بېشىغا قېلىچ تەڭلەنسىمۇ راست سۆزلەش ؛ ئۈچىنچى ، ئىلىم ئۆگىنىشنى ۋە ئۆگىتىشنى ياشاش مىزانى قىلىش ؛ تۆتىنچى ، ھاۋايى-ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرمەسلىك ، نەپسانىيەتچىلىكتىن يىراق تۇرۇش ؛ بەشىنچى، ئىشتا مىننەت قىلماسلىق، خالىس ، ئادىل بولۇش؛ ئالتىنچى ، بولمىغۇر گەپ-سۆزلەردىن خالىي بولۇش ، كىشىلەرگى ئازار بەرمەسلىك ؛ يەتتىنچى ،ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلاش ، باشقىلارنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرۈش ؛ سەككىزىنچى ، شەرمىي-ھايالىق بولۇش .

ئۈچىنچى نەسىھەت
     ئەي ئوغلۇم ، تىل دىگەن سېنىڭ ئادەملىكىڭنىڭ مۇھىم بەلگىسى . ئانا تىل سېنىڭ قېنىڭ ۋە جېنىڭغا ئوخشاش ،تەپەككۇرۇڭ ئانا تىل بىلەن يۇغۇرۇلغان . ئانا تىل ئەجدادلىرىمىز مۇشۇ زېمىنغا تۆرەلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە خەلقىمىزنىڭ تۈرلۈك ئالاقە ئىشلىرىنى قامداپ كەلدى. ئانا تىلىڭ شۇنچىلىك باي ، ئىپادىلەش كۈچى شۇنچىلىك زور مەدەنىي تىل .شۇ تىل بىلەن ئاجايىپ بۈيۈك جاھانشۇمۇل  ئەسەرلەر بارلىققا كەلگەن. ئانا تىلدىن ياتلىشىش ، ئانا تىلدىن يىراقلىشىش ئۆزىمىزدىن ، مەدەنيىتىمىزدىن ،ئەجدادلاردىن يىراقلىشىش بولۇپ ھىسابلىنىدۇ . ئانا تىلدىن ئاينىش مىللىتىڭگە قىلىنغان ئەڭ چوڭ ئاسىيلىقتۇر.

تۆتىنچى نەسىھەت
     ئەي ئوغلۇم توغرا، ھەق مەيداندا تۇرغىن،كۆڭۈل ۋە تىلىڭنى دۇرۇس تۇت.كۆڭۈل ۋە تىلىڭنى كىچىك تۇت،بېشىڭ ھەرقانچە ئاسمانغا تاقاشسىمۇ چوڭ سۆزلىمە.دۇنيانى دەپ ئۆزۈڭنى ئوتقا ئۇرما.كىشىلەرنىڭ مېلىنى زورلۇق قىلىپ تارتىۋالما.ھالالدىن پۇل تاپ،ئۇنى جايىدا ئىشلەت،ئورۇنلۇق ئىشىلتىشنى بىلسەڭ، بۇ دۇنيادا خارلىق كۆرمەيسەن. ئىقتىسادىڭنى ياخشى باشقۇرماي بۇزۇپ چاچساڭ تاغمۇ توشىمايدۇ،ئاخىرىدا خار بولۇپ قالىسەن.ئىش-ھەركىتىڭ توغرا بولسۇن،بۇ دۇنيادا خوشال ياشىيالىشىڭ دۇرۇسلۇقۇڭغا باغلىق.باي بولۇش تىلىكىڭ بولسىمۇ ،يەنىلا دۇرۇس يول تۇتۇش ئارقىلىق ئۇ تىلىكىڭ ھاسىل بولسۇن.

بەشىنچى نەسىھەت
     ئەي ئوغلۇم ، پۇل توپلاشتىن بۇرۇن خۇلقۇڭنى ياخشى قىل. خۇلقۇڭ ياخشى بولسا پۇل تېپىشتىنمۇ غەم قىلما.يامانلارغا بايلىق ياراشمايدۇ.ھەرقانداق ئىشنى ھودۇقماي ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن قىل. باشقىلار بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا ئوچۇق ، شىرىن سۆزلۈك بول،تىلىڭنى ياخشى كۆزەت ، ئۆزۈڭنى ئەسكى ئىشلارغا قاراتما ، تائام يىگەندە ئاستا ھەم ئاز-ئاز يىيىشكە ئادەتلەنگىن. كۆپ تاماق يىيىش ۋاپا  قىلمايدۇ ، ئۇ مىجەزىڭنى بۇزۇپ كىسەلگە گىرىپتار قىلىدۇ. قۇرۇق ھاۋايى-ھەۋەسنىڭ كەينىە كىرمە، ھەرقانداق ئىشقا كىرىشتىن بۇرۇن ئاخىرقى نەتىجىسىنى ياخشى ئويلان. ئىككى ئىشنى ھەرگىز ئۇنۇتما. بىرى ، ئۆلۈمنى ئۇنتۇپ قالما. يەنە بىرى، ئۆزۈڭنى ۋە ئۆزۈڭنىڭ ئەسلىنى ئۇنتۇپ قالما.

                                                                                                    كىتاب تۈزگۈچى : ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن


بۈگۈن ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مەشەگىچە يوللاپ تۇراي . ئەگەر ياقتۇرساڭلار قالغان 95 نەسىھەتنى داۋاملىق يوللايمەن.


     
  

Erkbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-1 20:49:00

ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام!ياخشى ئويلاپسىز،سىزمۇ ئەمگىكىڭزنىڭ مېۋسىنى كۆرسىز.

AAA يوللانغان ۋاقتى 2014-11-1 21:21:47

سارتىكىن :  ئۈزى مۇستەققىل بىرەر جۈملە تۈزەلمىگەن بىلەن، تۈزگەن كىتاپ 35 كە ، ئۇيغۇر تىبابەتىگە ئائىت يېزىلغىنى 5 تىن ئاشىدۇ ، لىكىن ئۈزىنىڭ ئوقۇغان ، قىلىۋاتقان كەسپى ھەم ھاياتى ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ يېنىدىنمۇ ئۈتۈپ باقمىغان .
ئەمدى مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن بۇ ‹ھېكمەت› لەرنى يوللايمەن دەپ ئاۋارە بوپ قالالىمۇ .

ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-1 22:23:14

خاتتىڭتوننىڭ «مەدەنىيەتلەر توقۇنىشى»دا ئوقۇدىممۇ ئېسىمدە يوق، مەنەن ئېيتسام: «جەمىيئەت بىز ئۈچۈن بىر ئابىدە تىكلىدى، ھەممىنى ئۇنىڭدەك بولىشقا چاقىردى، ئەمما ھېچكىم ئۇنداق بولالمايدۇ، ئىنسان مۇكەممەل بولمايدۇ...»

بىز نۇرغۇن ھېكمەتلەرگە نائىل جەمىيئەتتە ياشاۋاتىمىز. لىكېن بۇنى ئەمەلدە ئاشۇرۇرۇش سااناقلىق كىشىگە نىسىپ بولىشى مۈمكېن...

nurlan13 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 06:40:46

AAA يوللىغان ۋاقتى  2014-11-1 21:21 static/image/common/back.gif
سارتىكىن :  ئۈزى مۇستەققىل بىرەر جۈملە تۈزەلمىگەن بىلە ...

قېرىندىشىم  ، نمە مەقسەتتە بۇ گەپلەرنى دەۋاتسىز مەن بىلمىدىم.  تېمامدا مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىپ ئۆتتۈم . مەن ئويلايمەن نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ كىتاب ئوقۇشتىن تورغا چىقىشقا سەرىپ قىلىدىغان ۋاقتىمىز كۆپرەك ، شۇڭا قايسى بىر قېرىندىشىم تور ئارلىغاچ بۇلارغا كۆز يۈگۈرتۈپ ئانچە-مۇنچە پايدىغا ئىرىشەمىكىن دىگەن ئىدىم.

nurlan13 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 06:43:56

ezimet7102 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-1 22:23 static/image/common/back.gif
خاتتىڭتوننىڭ «مەدەنىيەتلەر توقۇنىشى»دا ئوقۇدىممۇ ئېس ...

دىگەنلىرىڭىزگە مەنمۇ قوشۇلىمەن ،كىتابتا دىيىلگەن ھەممە ھىكمەتلەرنى ئەمەليىتىگە ئاشۇرماق ھەقىقەتەن تەس ئىش ..

nurlan13 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 06:47:00

AAA يوللىغان ۋاقتى  2014-11-1 21:21 static/image/common/back.gif
سارتىكىن :  ئۈزى مۇستەققىل بىرەر جۈملە تۈزەلمىگەن بىلە ...

مەن سىزنىڭ گەپلىرىڭىزنى ئەمدى چۈشەندىم :lol :lol   مەن بۇ سارتىكىن دىگەن ئادەم توغۇرلۈق ئانچە كۆپ بىرنەسە بىلمەيدىكەنمەن .

yawa يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 07:47:11

سارتېكىن قايچا بىلەن شېلىمدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغانمىش، ئاڭلىشىمچە.

function يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 10:12:10

كىتاب يېزىش بىلەن تۈزۈشنىڭ زادى قانداق پەرقى بار؟

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 11:13:15

بىراق مەن «بېشىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى» (بۇ قەسەم قىلىش شەكلى ئېلى قۇرباندىن ئۆزلەشتۈرۈلدى) بۇ نەسىھەت كىتابلارنى ئوغۇللىرىمغا ھەرگىزمۇ ئوقۇتمايمەن. چۈنكى ئوغۇللىرىمنىڭمۇ ئۆز بېشى بار، تەپەككۇرى بار. قالدىسىغا ياراتقان ئاللاھى بار!!!!!!!!
ئەگەر نەسىھەت خۇمارى تۇتۇپ كەتكەنلەر بولسا بۇ ئىنكاسىمنى ئۆزىگە ئېلىۋالمىغاي. :@

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 11:23:30

نېمىشقا بۇنداق دەيمەن:
بىرىنچىدىن، (نىنچى قويۇشۇم بىلەن تەڭلا خىيالىمغا توخۇتۇر بۇرادەر كەلدى) بۇنداق پەلىپەتىش نەسىھەت كىتابلاردا قانچە ياشلىق بالىلارغا نەسىھەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچلىرى بىلەن كارى بولمىغان. ئىلمىيلىك يوق.
ئىككىنچىدىن، مەزمۇندا ئىزچىللىق يوق. ھېلى يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك، ھېلى ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئېمىندەك، ھېلى روزى سايىتتەك، ھېلى تاشمۇھەممەت باتۇردەك سۆزلەيدۇ. زامان ۋە ماكان ئىزچىللىقى نەزەرگە ئېلىنمىغان.
ئۈچىنچىدىن، بالىلارنى دۆتلەشتۈرۈش رولىنى ئۆتەيدۇ. راست گەپنى دېگەندە بۇ كىتابلارنى بالىلارغا ئېلىپ بەرگەن ئاتا-ئانىلارمۇ بۇ كىتابلارنى ئوقۇشتىن زېركىپ كېتىدۇ ياكى بىرەر قېتىممۇ ئوقۇپ باقمايدۇ.
تۆىتىنچىدىن بۇ كىتابتىكى نۇرغۇن مەزمۇنلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىيتۇرمۇشىمىز بىلەن ئىلمىي باغلىنىشلىقى يوق. نوقۇللا نەسىھەت خاراكتېرىنى ئالغان. بالىلىرىمىزنى قىلچىلىك قىزىقتۇرالمايدۇ.
بەشىنچىدىن....
ئالتىنچىدىن، ئەگەر مۇشۇ تۈردىكى كىتابلارنى كۆپلەپ ئوقۇتۇپ بالىلىرىنى ياراملىق قىلىۋەتكەن ئۈلگىلىك ئاتا-ئانىلار بولسا قېنى، پاكىتنى سۆزلەپ باقسۇن! مەن دەرھال جىم بولىمەن!!!:funk:

begmurad يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 14:55:47

مەن ئۇيغۇر ئەمما ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى مەن ئەمەس.
مەن بۇنداق پەندى نەسھەتلەرنى ئازراق ئۇقىغان ياخشى دەپ قارايمەن.

tuz يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 16:13:25

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

بۇ نەسىھەتلەرنى ئادەم مىڭىسى تەتۈرسىگە تەرجىمە قىلىپ چاتاق چىقارمۇ :lol

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 18:54:05

:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 01:14:09

ئەي ئوغلۇم تېما كۆرگەندە ئنكاس يېزىشنى ئۇنۇتما

putaki يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 10:57:21

AAA يوللىغان ۋاقتى  2014-11-1 21:21 static/image/common/back.gif
سارتىكىن :  ئۈزى مۇستەققىل بىرەر جۈملە تۈزەلمىگەن بىلە ...

بۇرادەر،سىلىمۇ سارتىكىن بىلەن بىر سىنىپتا ئۇقۇغانما ؟:lol

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

بەت: [1]
: ساغلام تۇرمۇش يولى _ ئوغۇللارغا يۈز نەسىھەت