tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-1 13:44:18

شىركەت نامىنىڭ شىنجاڭ ياكى ئۈرۈمچى بولۇشىنىڭ...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tadubeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-1 16:43  

شىركەت نامىنىڭ ئۈرۈمچى ياكى شىنجاڭ دەپ رويخەتكە  ئېلىنىشىنىڭ قانداق پەرقى ، پايدا زىيىنى بار مۇشۇ ھەقتە  بىر پىكىرلىشىپ باققان بولساق،كەسپ ئەھلىلىرى مەرھەمەت:...

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-1 15:22:21

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   otanqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-1 15:25  

جۇڭگۇ ئېغىر سانائىتى گورۇھى  دىگەن بىلەن
گۇۋاڭدوڭ ئېغىر سانائىتى دىگەننىڭ قانداق پەرقى  بار ؟
قەشقەر خەلىق ھۆكىمىتى دىگەن بىلەن
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلىق ھۆكىمىتى نىڭ قانداق پەرقى بار؟

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-11-1 15:29:07

شىنجاڭ تادۇبەك سەكسەن خالتىخانىسى دېسىڭىز ھەيۋەت ئاڭلىنىدۇ. بىزمۇ بەك چوڭ شىركەتكەن 80000 خالتىسى بولىشى مۇمكىن دەيمىز. :lol
ئۈرۈمچى  تادۇ 80 خالتىخانسى دېسىڭىز ، ھە ئۈرۈمچىنىڭ بىر خالتا كۇچىسىدىكى دۇكانكەن دەيمىز:lol
ئەگەر داۋانچىڭ ، ياكى ئەرگۇڭ 80 خالتىخانسى دېسىڭىز، بىز ھەممىمىز ھەقىچان ئىسىمنى چوڭڭ قۇيىۋالغىنى بىلەن خالتىسى 80 گە يەتمەيدىغان يايما دەيمىز.:lol

ئېغىز تىلىدىكى پەرقى شۇ {:92:}{:92:}{:92:}

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-11-1 15:29:39

پەرقى بار

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-11-1 15:30:05

بىر مۇنچە ئىنكاس يازسام ئىز دېرەكسىز يۈتۈپ كەتتى  توۋا :'(

Aqsu يوللانغان ۋاقتى 2014-11-1 17:27:11

شىنجاڭ دەپ ئېلىنغاندا پۈتۈن شىنجاڭدا سىز قوللانغان ماركىنى ئىشىلتىش ھوقوقى سىزنىڭ قولىڭىزدا بولىدۇ.
ئۈرۈمچى دەپ ئالسىڭىز سىزنىڭ قوللغانغان ماركىڭىز پەقەت ئۈرۈمچى شەھەر تەۋەسىدىلا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
سىز شىنجاڭ دەپ شېركەت نامىنى تىزىملىتىپ بولغان بولسىڭىز باشقىلار ئوخشاش ئىسىمنى قوللىنىش ئۈچۈن
شىنجاڭ دەپ قوللىنالمايدۇ ياكى ئۈرۈمچى ياكى ئاقسۇ، قەشقەر دېگەندەك ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەر نامىنى بېشىغا
ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ............

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-11-1 17:47:07

2009- يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى شىركەت نامىغا «شىنجاڭ» نى قوشۇش نى ئالاھىدە تەرتىپ بىلەن باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. ئادەتتىكى شىركەتلەر «شىنجاڭ» دېگەن نامنى ئېسىش ئۈچۈ كەم بولغاندىمۇ 10 مىليون يۈەن كاپىتالنى رويخەتكە ئالدۇرۇشى كېرەك. مەبلەغ 10 مىليونغا يەتمەيدىغان كارخانىنى «شىنجاڭ» دەپ قۇرغىلى بولمايدۇ. شىركەت نامىنى «شىنجاڭ» دەپ باشلاشقا ھەۋەس قىلىدىغانلار ئەڭ كەم بولغاندىمۇ ئىككى مىليون يۈەن مەبلەغنى نەخلەپ قالغان سەككىز مىليون مەبلەغنى بەش يىل ئىچىدە تولۇقلاشقا ۋادە قىلىشى كېرەك.

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-11-1 17:48:09

تولۇق مەزمۇنى مانا
http://www.okya.cn/mulazimat.asp?id=3

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-11-1 17:53:10

مۇناسىۋەتلىك تېما :
شىركەت قۇرۇشنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرى
http://www.raziman.com/?p=2904

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-1 18:06:13

مېنىڭچە خېلە چوڭ پەرقى بار.
چېچى بار ئادەم بىلەن تازراق ئادەمدەكلا {:136:}

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-1 18:08:59

ئۇ بەلگىلىمە بىكار قىلىنىپ بولغىلى خېلى بولدى. ھازىر 30 مىڭ يۈەن بولسىلا شىنجاڭ دەپ قۇرغىلى بولىدۇ.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-1 19:55:52

ئوقيادىكى  مەزمۇنلارنى كۆرگەن، ئۇنىڭدا مەن بىلمەكچى بولغان مەزمۇنلار يوق.

Erkbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-1 20:54:49

قەشقەر ئونىۋېرستىتى دېگەن گەپ بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭ ئونىۋېرستىتىنىڭ قانداق پەرقى بار! شىنجاڭ دېگەن بۇ نام ئازاتلىقتىن بۇرۇن قويۇلغان،ئازاتلىقتىن كېيىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بولۇپ ئۆزگەرگەن.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-1 21:20:48

بىر تونۇشۇم شىنجاڭ*******  دەپ شىركەت قۇرغانتى، يېقىندا خوتەندىن  تۈرگە ئىلتىماس قىلغانكەن، شىركەتنى خوتەنگە يۆتكەيسىز دەپتۇ،  قارىغاندا  تۈر مەبلىغى ھەل قىلىش، قەرىز ئېلىشتا ئوخشىماسلىق بارمىكى.

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-1 21:43:56

مەن بۇ يىلنىڭ بېشىدا بىر ۋاكالەتچىلىك شىركىتىدە ئاز مەزگىل ئىشلىگەن شۇيەردىكى ۋاقتىمدا قەشقەردە چىلان سودىسى قىلىدىغان بىر خەنزۇ بىر دوستىنى ئاتايەن  خوتەنگە كىرگۈزۈپتۇ   خوتەن xxx چىلانچىلىق شىركىتى دەپ شىركەت قۇرماقچى ئىكەن ، مەن ھەيران بولۇپ سورۇدۇم  قەشقەردە قۇرىۋەسە بولمامدۇ دىسەم  خوتەننىڭ چىلىنى داڭلىق بولغاچقا  شىركەت ئىسمى خوتەن دەپ باشلانغان شىركەت قۇرۇپ خوتەنگە قەدەم باسمايلا قەشقەردىن ئىچكىرگە خوتەن چىلىنىنى يۆتكەپ ساتىدىكەن .     

سىزگە تەۋسىيە خوتەن دەپ باشلانغان ئىسىم بىلەن قويۇڭ چۈنكى سىز ئۇيغۇر تىبابەت كەسىپى بىلەن شۇغۇللانغانكىن باشقا تەشۋىق ۋاستىلىرى تەشۋىق قىلىپ بىرىدۇ.............................

مەن ھىس قىلغان پەرقى شۇ

terjime يوللانغان ۋاقتى 2014-11-1 22:53:37

تادۇبەگ ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ خوتەن دەپ شىركەت قۇرۇش ئۈچۈن خوتەندىن شىركەت ئورنى تېپىشى كېرەك . بۇ تەرپى ئوڭ كەلمەيدۇ . شىنجاڭ دەپ قۇرۇشتىكى مەبلەغ تەلپى ئەمەلدىن قالغان بولسا كېرەك ، دىققەت قىلسام ئىنتايىن كىچىك شىركەتلەرمۇ شىنجاڭ دەپ قۇرۇلۋىتىپتۇ يېقىندىن بېرى .
بەلكىم ئېلىندىغان باج ياكى رەسمىيەت تەرەپتىن شىنجاڭ دەپ قۇرسا بەزى تەلەپلەر ئارتۇق قويۇلىشى مۇمكىن . ئەمليەتتە ئەگەر ئارتۇق چەكلىمە ياكى تەلەپ بولمىسا شىنجاڭ دەپ قۇرغان بىلەن ئۈرۈمچى دەپ قۇرغاننى جۇڭگۇ دىسە چوڭ بۇلامدۇ ياكى ئۈرۈمچى دىسە چوڭ بولامدۇ دەپ بۇنداق ئايرىش تازا توغرا ئەمەسمىكى ، چۈنكى جۇڭگۇ دىگەن شىركەتنى قۇرۇش پەقەت ساناقلىق ئادەملەرگىلا مەنسۇپ .
ئۇيغۇرلار قۇرغان شىركەتنىڭ سەكسەن پىرسەنتى  سودا شىركىتى ئىكەن ، شۇنىڭغا قارىغاندا سودا شىركىتىنىڭ شۇغۇللىنىدىغان  كەسپىگەى قارتا چەكلىمە ئاز بولسا كېرەك . مىنىڭچە بەزى ئېنىق بولمىغان مەسىلىلەرنى سودا _ سانائەت ئىدارسىدىكىلەرمۇ توغرا چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەسلىكى مۇمكىن . بۇقانۇننىڭ مۇكەممەل بولمىغانلىقىدىن ئۇنداق بولسىمۇ توغرا بۇنداق  بولسىمۇ توغرا بولغانلىقىدىن .
ئۈزۇن ئىنكاس يازسسا تەستىق كۈتۈپ قالىدىكەن ، قالغىنىنى شىركەت قۇرۇپ ئىسم ياكى تېجارەت دائىرسى تەرەپتىن چەكلىمىگە ئۇچراپ باققانلار بىر نەرسە دەپ باقسا بولىتى .

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 16:51:24

رەھمەت سىلەرگە :)

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 17:38:16

Ependi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 18:12:57

مېنىڭ بىلىدىغىم : شىنجاڭ دەپ تىزىمغا ئالدۇرسىڭىز كېيىن تەرەققىي قىلسىڭىز باشقا ۋىلايەتلەردە تارماق شىركەتلەرنى قۇرغىلى بولىدۇ . ئەگەر ئۈرۈمچى دەپ ئالدۇرسىڭىز . باشقا ۋىلايەت ، شەھەرلەردە تارماق شىركەت قۇرغىلى بولمايدۇ .
بەت: [1] 2
: شىركەت نامىنىڭ شىنجاڭ ياكى ئۈرۈمچى بولۇشىنىڭ...