waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-11-1 02:50:56

يىڭى پەسىلدىكى ‹‹ئۇچار يولۋاس›› ئەزمەتلىرى بىلەن تۇنۇشۇڭ

   يىڭى پەسىلدىكى ‹‹ئۇچار يولۋاس›› ئەزمەتلىرى بىلەن تۇنۇشۇڭ

  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ‹‹ئۇچار يولۋاس›› ۋاسكېتبول كۇلۇبى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى بىلەن شىنجاڭ گۇاڭخۇي كەسپىي مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىرلىكتە قۇرغان كەسپىي ۋاسكېتبول كۇلۇبى بولۇپ، كۇلۇب قۇرۇلغان 15 يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ئارقىسىدا، مەملىكەتلىك ۋە خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە زەپەر قۇچۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئۈچۈن زور شان – شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈردى.
شىنجاڭ گۇاڭخۇي ‹‹ئۇچار يولۋاس›› ۋاسكېتبول كوماندىسى يېڭى مۇسابىقە پەسلىدە  تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن، كوماندىنىڭ تىرېنېر ۋە تەنھەرىكەتچىلىرىنى تەڭشىدى. باش تىرېنېرلىق ئورنىغا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان (CBA) ياشلار بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ گۇاڭخۇي ياشلار كوماندىسىنى يېتەكلەپ ئۇدا ئىككى نۆۋەت چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن تىرېنېر گاۋ شۇمىننى تەكلىپ قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا گىرېتسىيەلىك تېخنىكا مەشقاۋۇلى مايكلىس، ئامېرىكىلىق كۈچ مەشقاۋۇلى مايكول كوكىس شۇنداقلا ئەسلىدىكى كوماندا يېتەكچىسى دىڭ ۋېي قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ تۆت كىشىلىك تىرېنېرلار گۇرۇپپىسى تەشكىللىدى. تەنھەرىكەتچىلەردىن شىرئەلىجان مۇختەر، قىرانبېك ماقان، سۇ ۋېي، تاڭ جېندۇڭ قاتارلىقلاردىن باشقا، دۆلەت ئىچىدە زور شۆھرەت قازانغان بېك ليۇ ۋېي، يېڭى يۇلتۇز ساۋ فېي، ‹‹كىچىك ياۋمىڭ›› دەپ تەرىپلىنىۋاتقان جۇ چى قاتارلىق مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەر بىلەن توختاملاشتى. چەت ئەللىك ماھىرلىردىن NBA (ئامېرىكا ئەرلەر كەسپى ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى)دىن تەكلىپ قىلىنغان 28 ياشلىق ئاندىرى بىراچ بىلەن 26 ياشلىق جوردان كىراۋفورد بولۇپ، بۇ ئىككى ماھىر نۆۋەتتە (CBA) بىرلەشمىسىدىكى تەكلىپ قىلىنغان چەت ئەللىك ماھىرلار ئىچىدىكى ياش قۇرۇلمىسى، تېخنىكا ئالاھىدىلىكى، چىدامچانلىقى ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارى ئەڭ يۇقىرى ماھىرلار ھېسابلىنىدۇ.


   2014- 2015-پەسىللىك يىڭىدىن تەشكىللەنگەن  شىنجاڭ گۇاڭخۇي تەڭرىتاغ يىزائىگىلىك سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ تىرىنىر ۋە ئەزالىرى

   

1. گاۋ شۇمىن،  1964-يىلى تۇغۇلغان. دۆلەت دەرىجىلىك تىرىنىر، 2011-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ گۇاڭخۇي ياشلار كوماندىسىنىڭ باش تىرىنىرلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇ ئۈچ يىل ئىچىدە، بىر ئۈچۈنچى دەرىجىلىك ياشلار كوماندىسى دەرىجىسىنى ئۇدا ئۈچ دەرىجە ئۆستۈرۈپ، مەملىكەت بۇيىچە كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرگۈزگەن. 2014-يىلى ياشلار بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ گۇاڭخۇي ياشلار كوماندىسىنى يېتەكلەپ ئۇدا ئىككى نۆۋەت چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن. 2014-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ شىنجاڭ گۇاڭخۇي تەڭرىتاغ يىزائىگىلىك سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ باش تىرىنىرلىقىغا تەيىنلەنگەن.

   

2. دىڭ ۋېي ،  1968-يىلى 2-ئاينىڭ 12- كۈنى تۇغۇلغان. 2010-يىلى 4-ئايدىن  2012-يىلى 5-ئايغىچە جېجىياڭ  ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ باش تىرىنىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 2012-يىلى 7-ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ گۇاڭخۇي ‹‹ئۇچار يولۋاس›› ۋاسكېتبول كۇلۇبنىڭ ياردەمچى تىرىنىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىۋاتىدۇ.

   

3.  جوردان كىراۋفورد، بوي ئىگىزلىكى 1 مىتىر 93 سانتىمىتىر،  بەدەن ئېغىرلىقى 89 كىلوگىرام، 12-نۇمۇرلۇق كىيىم كىيىدۇ،  1988-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى ئامرىكانىڭ مىچىگان شىتاتى دېترويتدا تۇغۇلغان، نۇمۇر ئالغۇچى ۋە توپ كونتۇرۇل قىلغۇچى ئارقا بىك، ئالدىنقى پەسىلدە NBA قەھرىمانلار كوماندىسى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ، ئوتتۇرچە ھەر مەيداندا 8.4 نۇمۇر ۋە 1.4 ياردەمچى پاس بەرگەن.
جوردان كىراۋفورد 2010-يىلى  NBA  بىرلەشمىسىگە تاللانغان. ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ سار كوماندىسى، تالانتىلىقلار كوماندىسى، كەرت ئادىمى كوماندىسى، قەھرىمانلار كوماندىسى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان، كەسپىي ھاياتىدا ئوتتۇرچە 12.2 نۇمۇر، 2.6 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالغان، 1.4 ياردەمچى پاس بەرگەن.  يەككە مەيداندا 41 نۇمۇر ئېلىپ ئۆزىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى نۇمۇر ئېلىش رىكوتىنى ياراتقان. ھۇجۇم قىلىش كۈچى كارامەت ياخشى ماھىر ھىساپلىنىدۇ.
  2014-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، قەھرىمانلار كوماندىسى  جوردان كىراۋفورد بىلەن داۋاملىق توختاملىشىشتىن ۋاز كەچكەنلىگى ئۈچۇن ئۇ پۇتۇنلەي ئەركىن توپچىغا ئايلانغان.
2014-يىلى 9-ئايدا  جوردان كىراۋفورد ئۈرۈمچىگە يىتىپ كىلىپ شىنجاڭ گۇاڭخۇي ‹‹ئۇچار يولۋاس›› ۋاسكېتبول كوماندىسىغا قۇشۇلغان.

   

4.  ئاندىرى بىراچ ، بوي ئىگىزلىكى 2 مىتىر 11 سانتىمىتىر،  بەدەن ئېغىرلىقى 118 كىلوگىرام، 0-نۇمۇرلۇق كىيىم كىيىدۇ، 1986-يىلى8-ئايدا ئامرىكانىڭ نىيۇرۇك شەھرىدە تۇغۇلغان، مەيداندىكى ئورنى ئالدى سەپ ھۇجۇمچى.
  ئاندىرى بىراچ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۇتتۇرگەندىن كىيىن بىۋاستە  NBA  بىرلەشمىسىگە تاللانغان. ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ تالانتىلىقلار كوماندىسى ۋە توركوماندىسى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان، تالانتىلىقلار كوماندىسىدىكى ۋاختىدا ئوتتۇرچە 16.8 نۇمۇر، 8.3 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالغان.  
  2014-يىلى 6-ئايدا فىلىپپىن دۆلەت تەۋەلىكىگە كىرگەن، يەنە فىلىپپىنگە ۋەكىل بولۇپ بۇ قېتىم ئىسپانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەرلەر ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان. ئەرلار ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسىدا 28 ياشلىق بۇلاچ كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ھەربىر مەيداندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 21.2 نومۇر ۋە 13.8 گار توپ ئالغان. بۇ نەتىجىسى بىلەن نۇمۇر ئېلىش رەت تەرتىۋىدە ئىككىنچى ئورۇندا، گاردىن قايتقان توپ ئىلىشتا بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.
  2014-يىلى 9-ئايدا  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ‹‹ئۇچار يولۋاس›› ۋاسكېتبول كوماندىسىغا قۇشۇلغان.

     

5. جۇ چى، 1996-يىلى 1-ئايدا تۇغۇلغان، خېنەن ئۆلكىسىدىن، بوي ئىگىزلىگى 2.17 مىتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 95 كىلوگىرام، غۇلاچ ئۇزۇنلۇقى 2.37 مىتىر، مەيداندىكى ئورنى ئالدى سەپ ھۇجۇمچى، 9-نۇمۇرلۇق كىيىم كىيىدۇ.
ئۇ 2011-يىلدىن باشلاپ دۆلەت ياشلار ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىغا تاللىنىپ، خەلىقئارا مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىلەرگە ئىرىشكەن.
بۇ يىل يازدا  جۇڭگۇ ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىغا تاللىنىپ  كورىيە رېن چۇەن  ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنىغا قاتناشقان.
  2014-يىلى 1-ئايدا  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ‹‹ئۇچار يولۋاس›› ۋاسكېتبول كوماندىسىغا قۇشۇلغان.

   

6. ليۇۋېي  1980-يىلى 1-ئايدا تۇغۇلغان، شاڭخەي شەھرىدىن، بوي ئىگىزلىگى 1.89 مىتىر، بەدەن ئېغىرلىقى82 كىلوگىرام، مەيداندىكى ئورنى ئارقا مەيدان بىكى، 8-نۇمۇرلۇق كىيىم كىيىدۇ.
ليۇۋېي داڭلىق ۋاسكېتبول تەنھەركەتچىسى، دۆلەت كوماندىسىنىڭ چىكىنگەن ئەزاسى، ئىلگىرى شاڭخەي كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، 2001-2002 پەسىللىك مۇسابىقىدە ياۋمېڭ بىلەن بىرلىكتە شاڭخەي كوماندىسىنى چىمپىيۇنلۇققا ئىرىشتۈرگەن. CBA تارىخىدا بۇسۇپ كىرىپ نۇمۇر ئىلىشتا ئۇمۇمى نۇمۇرنى 7000 نۇمۇرغا يەتكۇزگەن تۇنجى بېك ھىساپلىنىدۇ.
  ليۇۋېي 1996-يىلى شاڭخەي ياشلار كوماندىسىغا كىرىپ 1996-يىلى شاڭخەي ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىغا كىرگەن، شۇنداقلا كەلگۈسى 20 يىللىق كەسپىي ھاياتىدا ئۆزىنىڭ يۇقىرى توپ ماھارىتى، نومۇر ئېلىش ۋە مۇسابىقىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىغا تايىنىپ دۆلەت ئىچىدىكى ۋاسكېتبول ساھەسىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى مۇنەۋۋەر توپچىغا ئايلاندى، ئۇ يەنە ئىلگىرى دۆلەت كوماندىسىغا قاتنىشىپ كوماندا باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.
2014-يىلى 7-ئايدا  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ‹‹ئۇچار يولۋاس›› ۋاسكېتبول كوماندىسىغا قۇشۇلغان.

   

  7. قىرانبېك ماقان،  قىرغىز، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاستى ئاتۇش شەھرىدىن، 1992-يىلى 9-ئايدا تۇغۇلغان،  بوي ئىگىزلىگى 1.96مىتىر، بەدەن ئېغىرلىقى88 كىلوگىرام، مەيداندىكى ئورنى ئالدى مەيدان ھۇجۇمچى، 13-نۇمۇرلۇق كىيىم كىيىدۇ.
  قىرانبېك ماقان 2008-2009 مۇسابىقە پەسلىدىن باشلاپ CBA بىرلەشمىسىگە قۇشۇلۇپ، شىنجاڭ كوماندىسىدا ئۈچ پەسىل مۇسابىقىگە قاتناشقاندىن كىيىن، 2011-2012 پەسىللىك مۇسابىقىدە شەنشى كوماندىسىغا ۋاكالىتەن بىر پەسىل مۇسابىقىگە قاتناشقان. 2012-2013 پەسىللىك مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىغا قايتىپ كىلىپ ھازىرغىچە شىنجاڭ كوماندىسىدا توپ ئويناۋاتىدۇ.  2013-يىلى 4-ئايدا دۆلەت ئولىمپىك ۋاسكىتبول كوماندىسىغا كىرگەن.  2014-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ دۆلەت كوماندىسى ۋە دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسى بىلەن بىرگە يىغىلىپ مەشىققە قاتنىشىپ خەلىقئارالىق بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان.

   

8. سۇ ۋېي، شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن، 1989-يىلى 7-ئايدا تۇغۇلغان،  بوي ئىگىزلىگى 2.16 مىتىر، بەدەن ئېغىرلىقى126 كىلوگىرام، مەيداندىكى ئورنى ئوتتۇرا مەيدان ھۇجۇمچى، 10-نۇمۇرلۇق كىيىم كىيىدۇ.
سۇ ۋېي نۆۋەتتە شىنجاڭ گۇاڭخۇي ‹‹ئۇچار يولۋاس›› ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى، ئەسلى گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ئىدى. شۇنىڭدەك دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. دۆلەت كوماندىسىدا 13-نۇمۇرلۇق كىيىم كىيگەن. 2013-يىلى9-ئايدا گۇاڭدۇڭ كوماندىسىدىن  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ‹‹ئۇچار يولۋاس›› ۋاسكېتبول كوماندىسىغا  يۆتكەلگەن.

  

9.  تاڭ جېندۇڭ جىياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنجىڭ شەھرىدىن، 1982-يىلى 9-ئايدا تۇغۇلغان،  بوي ئىگىزلىگى 2.13 مىتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 140  كىلوگىرام، مەيداندىكى ئورنى ئوتتۇرا مەيدان ھۇجۇمچى، 11-نۇمۇرلۇق كىيىم كىيىدۇ.
  تاڭ جېندۇڭ 1995-يىلدىن باشلاپ مۇنتىزىم ۋاسكىتبول مەشىقىنى قۇبۇل قىلغان، كىيىن جىياڭسۇ كوماندىسىغا كىرگەن. كۆپ قىتىم دۆلەت كوماندىسىغا تاللانغان. 2004-2005 پەسىللىك CBA دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ MVP بۇلۇپ باھالانغان.
2011-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ گۇاڭخۇي ‹‹ئۇچار يولۋاس›› ۋاسكېتبول كوماندىسىغا  يۆتكەلگەن.

   

10. ساۋ فېي  جىياڭسۇ ئۆلكىسىدىن، 1991-يىلى 5-ئايدا تۇغۇلغان، بوي ئىگىزلىگى 1.94 مىتىر، بەدەن ئېغىرلىقى84 كىلوگىرام، مەيداندىكى ئورنى ئارقا مەيدان بىكى، 23-نۇمۇرلۇق كىيىم كىيىدۇ.
2014-يىلى8-ئايدا جېجىياڭ كوماندىسىدىن  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ‹‹ئۇچار يولۋاس›› ۋاسكېتبول كوماندىسىغا  يۆتكەلگەن.

   

11. شىرئەلىجان مۇختەر، ئۇيغۇر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى قەشقەر ۋىلايىتىدىن، 1991-يىلى 1-ئايدا تۇغۇلغان، بوي ئىگىزلىگى 1.92مىتىر، بەدەن ئېغىرلىقى85 كىلوگىرام، مەيداندىكى ئورنى ئارقا مەيدان بىكى، 20-نۇمۇرلۇق كىيىم كىيىدۇ.
شىرئەلىجان مۇختەر دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ تەنھەركەتچىسى، يىراقتىن توپ ئېتىش تەنھەركەتچىسى، 2008-2009 مۇسابىقە پەسلىدە ئۆزىنىڭ كەسپىي ساپاسىنى يىۇقۇرى كۆتۈرۈپ يۇقۇرى نەتىجە ياراتقان. كىيىنكى مۇسابىقىلەردىمۇ ئىپادىسى ئىزچىل مۇقىم بۇلۇپ كەلگەن. CBA چولپانلار مۇسابىقىسىگە قاتناشقاندىن كىيىن دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىغا ئەزا بۇلۇپ كىرگەن ۋە ئادىلجان سۇلايمان، دۇفىڭدىن كىيىنكى يەنە بىر ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىن چىققان ۋاسكىتبول چولپىنىغا ئايلانغان.

  

12. يۈچاڭدۇڭ، شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن، 1991-يىلى 10-ئايدا تۇغۇلغان،  بوي ئىگىزلىگى 2.06 مىتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 110 كىلوگىرام، مەيداندىكى ئورنى ئوتتۇرا مەيدان ھۇجۇمچى، 7-نۇمۇرلۇق كىيىم كىيىدۇ.
يۈچاڭدۇڭ 2008-2009 مۇسابىقە پەسلىدە شەنشى كوماندىسىغا قۇشۇلۇپ تۇنجى CBA ھاياتىنى باشلىغان. 2011-يىلى5-ئايدا شەنشى كوماندىسىدىن  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ‹‹ئۇچار يولۋاس›› ۋاسكېتبول كوماندىسىغا  يۆتكەلگەن.

   

13. لىيۇشۇنەن لىياۋنېڭ ئۆلكىسىدىن، 1990-يىلى 10-ئايدا تۇغۇلغان،  بوي ئىگىزلىگى 2.00 مىتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 95 كىلوگىرام، مەيداندىكى ئورنى ئالدى مەيدان ھۇجۇمچى، 51-نۇمۇرلۇق كىيىم كىيىدۇ.
لىيۇشۇنەن 2012-2013 مۇسابىقە پەسلىدە 1-ئاۋغۇسىت كوماندىسىدا توپ ئوينىغان. 2013-2014 پەسىللىك مۇسابىقىدە شىنجاڭ گۇاڭخۇي ‹‹ئۇچار يولۋاس›› ۋاسكېتبول كوماندىسىغا  يۆتكەلگەن.

   

14. سۈن مېڭياڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن، 1994-يىلى 1-ئايدا تۇغۇلغان،  بوي ئىگىزلىگى 2.08 مىتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 120 كىلوگىرام، مەيداندىكى ئورنى ئوتتۇرا مەيدان ھۇجۇمچى، 21-نۇمۇرلۇق كىيىم كىيىدۇ.
سۈن مېڭياڭ ئىلىگىرى شىنجاڭ گۇاڭخۇي ‹‹ئۇچار يولۋاس›› ياشلار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى بۇلۇپ  2012-2013 مۇسابىقە پەسلىدىن باشلاپ شىنجاڭ گۇاڭخۇي ‹‹ئۇچار يولۋاس›› ۋاسكېتبول كوماندىسىغا  كىرگەن.

   

15. يۈچاڭچۈن لىياۋنېڭ ئۆلكىسىنىڭ دالىيەن شەھرىدىن، 1991-يىلى 8-ئايدا تۇغۇلغان،  بوي ئىگىزلىگى 1.98مىتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 90 كىلوگىرام، مەيداندىكى ئورنى ئالدى مەيدان ھۇجۇمچى، 35-نۇمۇرلۇق كىيىم كىيىدۇ.
  يۈچاڭچۈن 2005-يىلى 14ياشتىن باشلاپلا شىنجاڭ گۇاڭخۇي ‹‹ئۇچار يولۋاس›› كۇلۇبى تەرىپىدىن تاللىنىپ تەربىيەلەنگەن.  2012-2013 مۇسابىقە پەسلىدىن باشلاپ شىنجاڭ گۇاڭخۇي ‹‹ئۇچار يولۋاس›› ۋاسكېتبول كوماندىسىغا  كىرگەن.

  

16. لىيۇفىڭبو جىلىن ئۆلكىسىدىن، 1993-يىلى 8-ئايدا تۇغۇلغان،  بوي ئىگىزلىگى 1.98مىتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 89 كىلوگىرام، مەيداندىكى ئورنى ئالدى مەيدان ھۇجۇمچى، 2-نۇمۇرلۇق كىيىم كىيىدۇ.
2014-2015 مۇسابىقە پەسلىدىن باشلاپ شىنجاڭ گۇاڭخۇي ‹‹ئۇچار يولۋاس›› ۋاسكېتبول كوماندىسى تىزىملىگىگە  كىرگەن. ئەسلى شىنجاڭ گۇاڭخۇي ‹‹ئۇچار يولۋاس›› ياشلار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-1 13:10:13

جاپا چېكىۋاتىسىز. مۇسابىقىنى بۈگۈن باشلايدىغۇ دەيمەن.:handshake

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-11-1 13:39:03

تەڭرىتاغ سودا بانكىسى دېگەنمۇ گۇاڭخۈينىڭ ئىكەندە :shutup:

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 12:14:51

بۇ پەسىل ئازراق ئۈمۈد بارمۇ نىمە قارىغاندا...

adl228 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 12:59:06

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   adl228 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-2 13:02  

新疆队天生亚名
بۇ ئالدىنقى قېتىملىق CBAئاياغلاشقاندا جۇڭگۇ تاراتقۇلىرىدا مودا بولغان بىر جۈملە سۆز
ئەگەر بۇ سۆزنى تەرجىمە قىلىش توغرا كەلسە تۆۋەندىكىدەك تەرجىمىلىنىشى مۇمكىن
شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ پىشانىسىگە ئىككىنچىلىك پۈتۈلگەن ياكى شىنجاڭ كوماندىسى بۇ دۇنياغا ئىككىنچى بۇلۇپ تۇغۇلغان……… دېگەندەك

Alexander يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 13:32:49

ئ‍اۋۇ ئ‍ىككى چەتئ‍ەللىكنىڭ يىللىق مائ‍اشى قانچىلىكتۇ؟

waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 13:55:11

  

   ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛  ئۈرۇمچى ۋاقتى 11- ئاينىڭ 2- كۈنى كەچ سائەت 30؛5 دە ،  2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ بىرىنچى  ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ،  شىنجاڭ گۇاڭخۇي تەڭرىتاغ يىزائىگىلىك سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا  سىچۋەن ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن تۇنجى مەيدان مۇسابىقسىنى ئوينايدۇ. ۋاختىدا كۈرۈشىڭلارنى تەۋىسىيە قىلىمىز.

كۈرۇش ئادىرىسى؛ http://waskitbol.com/plugin.php?id=damei_tv:tv

BlackHand يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 16:16:54

يولۋاسمۇ ئ‍ۇچامدا؟
ئ‍اجايىپ ئ‍ىسىمدە بۇ!
بەت: [1]
: يىڭى پەسىلدىكى ‹‹ئۇچار يولۋاس›› ئەزمەتلىرى بىلەن تۇنۇشۇڭ