xinjiangtour يوللانغان ۋاقتى 2014-11-1 00:36:01

ئات ۋە ئات كۆندۈرگۈچى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xinjiangtour تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-1 00:42  

ئات ۋە ئات كۆندۈرگۈچى
بىر دوستۇم خېلىدىن بىرى ئايالىغا ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئايالىغا كۆڭلىدىكى گەپنى دەپتۇ بىراق ئايالى ئۇنى چۈشەندىمۇ ياكى چۈشەنسىمۇ بىلمەسكە سېلىۋالدىمۇ ،قىلچە ئۆزگىرىش بولماپتۇ .شۇڭا ماڭا ئۇشبۇ يازمىنى يوللاپ بېرىپتىكەن ،سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
بۇ بىر ئوخشىتىش ،ئەرلەرنى ناھايىتى كېلىشكەن ياۋا ئاتقا ئوخشاتساق ،ئېرىنى ھەمىشە باشقۇرۇشقا ئامراق ئاياللارنى ئات كۆندۈرگۈچى دېسەك ،ئۇ ئات كۆندۈرگۈچى بىر كۈن بازاردىن ناھايىتى كېلىشكەن ئاتتىن بىرنى سېتىۋاپتۇ .
ئۇ ئاتنى سېتىۋالغان تۇنجى كۈنى ئۇ ئاتنىڭ قۇلىقىغا ئاستا پىچىرلاپ تۇرۇپ«سەن ناۋادا مېنى تېپىپ ياكى چىشلىۋېلىپ قالساڭ مەن سېنى سېتىۋىتىمەن» دەپتۇ .بۇنى ئاڭلىغان ئاتنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەپتۇيۇ ئۆز ئۆزىگە «بۇ ئات كۆندۈرگۈچى مېنى يېڭىدىن سېتىۋالغاچقا مېنىڭ ياۋاش يۇمشاقلىقىمنى تېخى بىلمەيدۇ ،مەن بۇ ئات كۆندۈرگۈچىگە ئۆزۈمنىڭ سېلىق سىپايە ،ئەدەپ قائىدىلىك ئىكەنلىكىمنى كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن بىلدۈرىمەن »دەپتۇ.
شۇ كۈنى ئات ياخشى يەپ-ئىچىپ ئارام ئاپتۇ .ئەتىسى سەھەردە ئات كۆندۈرگۈچى ئاتقا باشقىچە مۇئامىلە قىلىشقا باشلاپتۇ:
-ھەي قوتۇر ئېشەك مېنى كۆرۈش ھامان يېنىمغا كۈچۈكلىنىپ كەلمەمسەن.مەن دېگەن سېنىڭ خوجايىنىڭ سەن ھەر بىر قەدەمنى مېنىڭ چىراي ئىپادەمگە قاراپ باسىسەن. ناۋادا ئازراقلا خاتالىق سادىر قىلىدىغان بولساڭ ،ئانىماناڭنى كۆزۈڭگە كۆرسىتىمەن .
بۇنى ئاڭلاپ ئات ئۆزىنىڭ كېيىنكى كۈنلىرىنىڭ بۇ جەددال بىلەن ياخشى ئۆتمەيدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپتۇ ،شۇنداقتىمۇ يەنىلا«بوپتۇ دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلىمىغان بولاي ،كېيىنچە كۈنلىرىم خەيىرلىك بولىشى مۇمكىن »دەپ ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ ،قۇلىقىنى دىڭگايتىپ ھەربىيلەردەك تىك تۇرۇپتۇ.
ئاتنىڭ بۇ قىلىقىنى كۆرگەن ئات كۆندۈرگۈچى تېخىمۇ روھلىنىپ ،ئۆيىگە كىرىپ كېتىپتۇ .
ئۆيگە كىرسە ئاتا-ئانىسى ۋە سەھرادىن كەلگەن بىر تاغىسى بۇ ئات كۆندۈرگۈچىنى يوقلاپ كەلگەنىكەن.ئۇلارنى كۆرگەن بۇ نادان ئۇلارغا  «مەن قايسى كۈنى بازاردىن بىر ئاتنى سېتىۋالغان ئىدىم . ئۇنىڭغا ئۇنى سېتىۋالغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە پوپوزا قىلىپ كۈندە بۇ جانىۋارغا ئارام بەرمەيۋاتىمەن. بۇ جانۋار گېپىمنى ئاڭلاپ چۈشەنگەن ئوخشايدۇ ،ئەلپازىمدىن قورقۇپ يىپەكتەك بولۇپكەتتى مانا ،ئەمدى بۇ جانىۋار كۈندە ساۋىداپ تۇرۇپ ،بارچە نەيرەڭلىرىمنى ئىشقا سېلىپ تۇرۇپ ماڭا قەتئىي كۆز ئالايتمايدىغان ،تېپىپ ياكى چىشلەپ قويمايدىغان قىلىشىم كېرەك»دەپتۇ.
بۇنى ئاتا ئانىسى « ياخشى قېلىپسەن بالام ،ئات دېگەننى شۇنداق باشقۇرمىساڭ ،كېيىن سېنى يولدا تاشلاپ قويۇپ بېشى قايغان تەرەپكە قېچىپ كېتىدۇ ،ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلما» دەپ گەپ ئۈگىتىپتۇ.
تاغىسى بولسا« ھاي ئۇنداق قىلىۋەرسەڭ ،ئۇ سېنىڭ بۇنداق قورقۇتۇشلىرىڭدىن جاق تويۇپ كەتمىسۇن ،ئۇنىڭغا خۇددى ئۇ سېنىڭ يېقىن دوستۇڭ ،سىردىشىڭ ۋە ھەمراھىڭدەك مۇئامىلە قىلساڭ ،ئۇ سېنى بىر كۈنلۈك يىراقلىقتىكى مۇساپىگە بىر نەچچە سائەتتىلا ئاپىرىپ قويىدۇ.ناۋادا يامان نىيەتلىك كىشىلەر سېنى بوزەك قىلماقچى بولسا ئۇ سېنى بارچە كۈچى بىلەن قوغدايدۇ. يولدىن ئېزىپ قالساڭ ئۇ ساڭا ئۆزى بىلىدىغان توغرا يولغا باشلايدۇ.ئومۇمەن ئۇ ساڭا يامانلىقنى قەتئىي ئويلىمايدۇ.» دەپ نەسىھەت قىپتۇ بىراق بۇ گەپلەر ئات كۆندۈرگۈچىنىڭ قۇلىقىغا كىرمەپتۇ ۋە تاغىسىنىڭ نەسىھەت قىلغىنىدىن ئاغرىنىپ ،ئاتا-ئانىسىدىن خۇرسەن بوپتۇ.
كۈنلەر ئۆتۈپتۇ ،ئايلارمۇ ئۆتۈپ تالاي يىللارمۇ ئۆتۈپتۇ .ئات ياخشى كۆنۈپتۇ.خوجايىنى ئاتنى دۆشكەلەپ ،ئۇرۇپ تىللىسىمۇ خوجايىنىغا قىلچە يامانلىق قىلماپتۇ .ئىگىسىنى بارماقچى بولغان يەرلىرىگە كېچىكتۈرمەي ئاپىرىپ ،تونۇش بىلىشلەر ئارىسىدا ياخشى ئات دېگەن نامنى ئاپتۇ .
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئات كۆندۈرگۈچى ئاتقا«ھەي بەتبەشىرە مەخلۇق ،سەن باشقىلارنىڭ ئاتلىرىدەك بىرەر ياۋايىلىق قىلىشنىمۇ بىلمەيدىكەنسەن.باشقىلارنىڭ ئاتلىرى ئانچە مۇنچە ئىگىسىنى تېپىپ قويىدىكەن ياكى قېچىپ كېتىدىكەن.بىراق سەندە ئۇ ئاتلاردا بولۇشقا تېگىشلىك بىرەر خۇي پەيلىمۇ يوقكەن»دەپ تىللاپ دۇمبالاپتۇ .
بۇ قېتىم بۇ تىل ئاھانەت ،دۇمبالاشلار جان جېنىغا ئۆتۈپ كەتكەن جانىۋارنىڭ خۇيى تۇتۇپ «ھۇ ياخشىلىق ياراشمايدىغان ئادەمسىمان مەخلۇق ،يىللاردىن بېرى ساڭا ياخشى ئات بولىمەن دەپ قىشنى قىش دېمەي توڭلىساممۇ ساڭا بىلدۈرمەي ،ھارساممۇ ھارمىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ سەن ئۈچۈن ياخشى ئات بولىمەن دەپ، يېمىگەن تايىقىم قالمىدى .شۇنچە يىللاردىن بىرى ساڭا ياخشى ئات بولالماپتىمەن، مانا ئەمسە مېنىڭ تېپىشىمنى خالىساڭ »دەپلا كېلىشتۈرۈپ بىرنى تېپىپتىكەن ،ئات كۆندۈرگۈچى مېيىپ بولۇپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قاپتۇ ،ئاتا-ئانىسى بالىسىغا توغرا نەسىھەت قىلمىغىنىدىن پۇشايمان يەپتۇ.

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-1 21:24:33

ئەر ئايالنى كۆندۈرەمدۇ يا ئايال ئەرنىمۇ؟

ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-1 21:37:51

كۆندۈرۈشنى ئىنسانلارغا تەدبىقلىساق، خاتالىق چىققۇدەك!

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-1 21:42:43

توغرىدەك قېلىدۇ.{:92:}

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 07:47:57

شەھلاخانغا يېقىپ كەتتى مانا  :P

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 10:34:24

توۋا ! نىكاھ مۇناسىۋېتى بىر-بىرىگە گېپىنى ئۆتكۈزىۋېلىش ئۈچۈنلا قۇرۇلىۋاتىدۇ مۇشۇ كۈنلەردە

tuz يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 14:27:01

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

توغرا يول تۇتماسلىق ھامان بىر كۈنى بىزنى يۈز بىرىشكە تېگىشلىك بولمىغان ئىشقا ئېرىشتۈردۇ ......
بەت: [1]
: ئات ۋە ئات كۆندۈرگۈچى