ozhal يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 21:23:06

(ئۆزھال) يىپەك يولى ساداسى قانداراق بوپتۇ ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ozhal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-31 21:25  

بۇ سەھىپە چىققاندىن كىين مەيلى ئىجابى جەھەتتىن مەيلى سەلبى جەھەتتىن بولسۇن بەرىبىر پىكىر بۇلىشى ئېنىق ،  شۇڭا مەن بۇ ھەقتە ئايرىم تىما قىلىپ ئولتۇرمايلا تورداشلار بىلەن كاللىمىزغا كەلگەننى بىر باشتىن دەپ باقايلى دەپ ئويلىدۇم  ،  مىنىڭچە پىرگىراممىنىڭ باشلىنىشى خىلى ھەيۋەت بوپتۇ . ئاندىن ھەر بىر چولپاننىڭ بىردىن ناخشىسىنى ئىيتىپ باشلىشى ماڭا ياقتى . باھالىغۇچىلارنىڭ كىينىشلىرى ۋە تاللىغان ناخشىلىرى جايىدا بوپتۇ . ئەركىننىڭ كۆز ئەينىگى نۇرغۇن ئادەمگە ياقمىدى ھەقچان :lol  :lol :lol  قىنى داۋاملىق كاللىغا كەلگەننى دىيشكەچ كۆرەيلى .

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 21:28:56

ھازىر كۆرۋاتىمەن. خېلى ياخشى بوپتۇ. باھالىغۇچىلارمۇ ئەركىن-ئازادە پىكىر قىلىۋاتىدۇ. چۇقۇم خەلقىمىز قەلبىگە ياققۇدەك پىروگرامما بولۇپ قالىدۇ.

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 21:40:54

توردا بىۋاستە قايسى قانالدا بېرىدىكەن؟

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 21:43:30

amanpahri يوللىغان ۋاقتى  2014-10-31 21:40 static/image/common/back.gif
توردا بىۋاستە قايسى قانالدا بېرىدىكەن؟

مانا
http://uyntv.cntv.cn/live/xjtv9/index.shtml

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 21:45:26

توردىن كۆرۇش ئادېرىسىنى تەمىنلەپ بەك ياخشى قىلدىڭلا

Tuwatur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 21:50:27

ئابدۇللانىڭ كانىۋاي كۆڭلىكىنى ياقتۇردۇم

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 21:56:28

ئاۋۇ قىزچاق ئېيتقان خەنزۇچە ناخشىنىڭ ئۇچۇرىنى خاتا يېزىپ قويۇپتۇ، ئېيتقىنى خۇاڭ چىشەننىڭ ناخشىسى ئىكەن ئەمما ناخشا ئېيتىشقا باشلىغاندا چىقىدىغان ئۇچۇردا ۋاڭفېڭ بولۇپ قاپتۇ.

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 21:56:30

ئاساسەن تايىنى يوقكەن.
نەق مەيدان ئۈنگە ئېلىشتىمۇ ياكى تارقىتىشتىمۇ بىلمىدىم، ئاۋاز بىر دەم چىڭ بىر دەم بوش.
مۇزىكا بىلەن ناخشىنىڭ تازا ماسلاشمىغىنى ياخشى ئاكورتلاشتۇرمىغان دەيمىزما.
ئەڭ ناچار يېرى ھەر بىر ناخشىغا بېرىلگەن ۋاقىت ۋاي نىمانچە ئۇزۇن، بۇ دۈم تاللاش دېگەندە ئوبدانراق  ناخشا بولسىغۇ مەيلى، ماز ناخشا بولسا چىداپ تۇرۇپ ئاڭلايمىزما؟
ما تۆت نەپەر مەلىم گەپ تالىشىپ يۈرۈيدا تېخى.

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 21:59:09

كېچىلىكتە  ناخشىدىن چولپانلىرىمىزنىڭ پارىڭى بەكرەك قىزىدى مەنچە . قىنى داۋاملىق .
  

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 22:04:29

ئابدۇللا ئاكىمىز ۋەھشىي قىزىقچىكەنغۇ؟!:lol

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 22:07:39

ئەڭ كەم سۆز ئىدەم سوروننى قىزىتتىغۇ

يىغىپ ئىيتقاندا ياقمىدى ، قوتاكەن ، مەنغۇ بۇنداق پىروگىراممىلارنى ئانچە كۆرۈپ كەتمەيتىم ، خەلق ئۈچۈن ئىشلەپتىكەن ، كۆرۈپ باقاي دەپ باشلانغائدىن تۈگىدى دىگۈچە قايغۇنى قەبىھ كۈچكە ئايلابدۇرۋەتتىم

muhammatali يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 22:09:06

راس چولپانلانىڭ پارىڭى قىززىتتى بۇ خۇش ئاۋازنى

aptap1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 22:11:38

مۇقام بىلەن ئۆتكەن ھاياتنىڭ داۋامىي .   سەنئەت بىلەن ئۆتكەن ھايات بوپتۇ .      
ئۇلارنىڭ  تالىشىپ شاگىرت قوبۇل قىلىشى ، چاقچاقلىرى ۋە قاتناشقان ماھىرلارنىڭ ئىپادىسى ياخشى بوپتۇ . بولۇپ ئادەمنى جىددى سىناش ، ھودۇقدۇرۇش ئىشلىرىمۇ ياخشى ماڭا ياقتى . ئەۋەن تاپىمىز دىسەك  كىپەكتەك كۆپ تىپىۋىتىمەن ئەمما .

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 22:13:17

كۆرەلمىدىمدە مەن... تورغا يوللاپ قويسا ئاندىن كۆرەي، ئاڭقىچە گەپ تۈگەيدۇ بۇ يەردە.

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 22:22:17

تۈگۈدىمۇ؟ئەمدى توردىن كۆرەي دىسەم؟
قاچانلىققا تەكرارىنى بېرىدۇ؟

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 22:52:43


بىر يىرىم ئاي بۇرۇن شىئىر يىزىپ يوللاپ قويۇپ ئۇنتۇپ قاپتىمەن.2-3كۈننىڭ ئالدىدا تىما ساندۇقىنى ئىچىپ قاراپ باقسام ھىلىقى تىما تىخىچە تەستىقلىنىۋىتىپتۇ.
بىر تىمىنى بىر يىرىم ئاي تەستىقلاش ھەقىقەتەن باشقۇرغۇچىدىن كۆپ كۈچ ۋە جاسارەت تەلەپ قىلىدۇ.

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 23:00:36

umun99 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-31 22:52 static/image/common/back.gif
بىر يىرىم ئاي بۇرۇن شىئىر يىزىپ يوللاپ قويۇپ ئۇنتۇپ قا ...

تېما كۈن ئاتلاپ كەتسە ئارقا بەتتە كۆرۈنمەيدىغان ئوخشايدۇ، لېكىن ئەزالار تېمام دېگەن تۈرنى ئاچسا يوللىغان تېمىسى كۆرىنىدىكەن ھەمدە تەستىقلىنىۋاتىدۇ دېگەن ھالىتى يوقاپ كېتىدىكەن.

qedem يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 23:01:02

مېنىڭچە ناھايىتى غەلبىلىك بولدى دېيىشكە بولىدۇ ، ئۇيغۇر قانىلىمىزدە يەنە بىر ياخشى مەزمۇن بار بوپتۇ ، ئەلۋەتتە بۇ تېخى تۇنجى سانى ، كېيىنكى سانلىرى بەلكىم تېخىمۇ ياخشى چىقىشى مۇمكىن ،توۋا…،بەزى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ غەيۋەتتىن باشقىسىغا قىزىقمايدىغانلىقىغا ھەيرانمەن ،  يوقنى خىيال قىلىپ ئولتۇرغىچە بارنىڭ قەدرىگە يەتكەن تۈزۈك ، مېنىڭچە ئۇستاز ۋە ماھىرلارنىڭ ئىپادىسى  ئوخشاشلا ناھايتى ياخشى بولدى ،ھەر بىرىنىڭ ئۆزگىچە خاسلىقى باركەن ،  بۇ ياخشى ئىشقۇ، كۆزئەينەك تاقاشمۇ كانىۋاي كىيىشمۇ شەخىسنىڭ قىزىقىشى ،ئارزۇسى ياكى ئېھتىياجى ، كۆزىگە سىغمىغۇدەك يېرى يوق ، مېنىڭ ئۇلارنى قوللاش قولۇمدىن كەلمەسلىكى مۇمكىن ،بىراق ھەرگىزئۇلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلمايمەن … بۇ پروگىرممىنىڭ ساغلام تەرەققى قىلىپ ھامان خەلقىمىزگە ياخشى  تەرەپلەردىن نەپ ئېلىپ كېلدىغانلىقى ئىشىنمەن…

qedem يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 23:01:08

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qedem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-31 23:13  

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 23:09:58

ئۈچ ئاپقۇر ئىچىپ باسقان قەدەم چىغىۋا  ما ئاداشنىڭ
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8 9 10
: (ئۆزھال) يىپەك يولى ساداسى قانداراق بوپتۇ ؟