bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 17:22:46

ئەجەل ھودۇقىشىدا



مۇسسۇلىنى گىتلېرغا زېنت توپ ، زەمبىرەك، ئايروپىلان ئەۋەتىپ ، ئىتالىيىنى مۇھاپىزەت قىلىش توغرىسىدا قەتئىي تەلەپ قويغان . مۇسسۇلىنىڭ بۇ تەلىپى گىتلېرنىڭ ئومۇمىي بۆلۈمىنى ھەيران قالدۇرغان.

                   – گېزىت خەۋىرى


نىئاپولدىن بېنتون مۇسسۇلىنى ئۆلە-تىرىلىشىگە باقماستىن «رىم نەدىسەن ؟ » دەپ سېمىز قورسىقىدا توختىمىغان ئىشتىنىنى كۆتۈرگەن پېتى ۋارقىراپ چاپتى .
- ۋاي خالايىق، ئوتتۇرا دېڭىز كۆيۈۋاتىدۇ!
- ھە، نېمە بولدى؟
- ئوتتۇرا دېڭىزغا ئوت كەتتى!…

مۇسسۇلىنى ئارقىسىغا قاراپ-قاراپ قوياتتى. بونا ئارىلىدا، بىزېرتا چوققىلىرىدا ئېتىلغان توپلارنىڭ ئاسماننى تىترىتىپ، قارا ئىس-تۈتەكلەرنى ئەرشىئەلاغا كۆتۈرۈپ ھەيۋەت بىلەن ئېتىلىشلىرىنى كۆرۈپ تېخىمۇ ئالدىراپ چاپتى. ھېرىپ بارغان بويىچە گىتلېرنىڭ قوينىغا ئېتىلدى. مۇسسۇلىنى ئەركىلەپ ئۆكسۈپ يىغلىۋەتتى . گىتلېر ئۇنى پەپىلەپ بەزلەشكە باشلىدى :
- دۈپدۈگىلەك پور سېمىز مۇسسۇلىنىم ، يىغلىما ، نېمىگە يىغلايسەن ؟
- مەن يىغلىماي كىم يىغلىسۇن . ئىتالىيە تىررىن دېڭىزى ۋە ئادرىئاتىك دېڭىزىدىكى خۇددى بىر ئۆتۈكنى سۇغا چىلاپ قويغاندەك يەر تۇرسا ، ئۇنىڭغا ئوت تۇتىشىپ كەتسە قانداق قىلىمەن؟
- ئەخمەق ئىكەنسەن ،- دېدى گىتلېر ،- ئۆتۈككە ئوخشىغان ئارالدىنمۇ غەم قىلامسەن؟
- ئەمىسە قانداق قىلىمەن ؟
- مەن كىيىۋالىمەن تامام !
- ئۇنى كىيىشكە بولمايدۇ !
- نېمىشقا ؟
- ئۇنىڭ سىجىلىيە دېگەن چەمى ئاجراپ كەتكەن .
- كىيسەم نېمە بولىدۇ؟
- پۇتۇڭغا ئوت تۇتىشىدۇ . پۇتى كۆيگەن توخۇ ماڭالمايدۇ …

بۇلار كۆپ تالاشتىن كېيىن ئايرىلدى . گىتلېر يولىغا راۋان بولدى . مۇسسۇلىنى ئۆز ئوردىسىغا گاۋجانى، كاپىلو، داپىنو، كاۋىكالىيا ناملىق مارشاللارنى يىغىپ ، ئىتالىيىنى «قۇتقۇزىدىغان» باش ھەربىي ئىشلار ئۆمىكى تەشكىل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرىنى بەلگىلەپ بېرىپ چىقىپ كەتتى . مارشاللار ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىپىلىرىگە ئائىت نەرسىلەر ئۈستىدە سۆزلىشىپ كەتتى.
- سەن كاپىلو، يۇگۇسلاۋىيىنىڭ جۇغراپىيە ئەھۋالى بىلەن تونۇشامسەن؟
- نېمىشقا تونۇشمايمەن! يۇگۇسلاۋىيە تاغلىق رايون . يۇگۇسلاۋىيە پارتىزانلىرى بىر تاغنىڭ ئىچىگە سولىۋېلىپ مېنىڭ ئاكامنىڭ پۈتۈن بىر دىۋېزىيىسىنى قىرىپ تاشلىغان .
- داپىنو ، سېنىڭ گرېتسىيە ھەققىدە مەلۇماتىڭ قانداق ؟
- يامان ئەمەس ، مېنىڭ دادامنى گرېكلار ئاپىنا غارىدىن دېڭىزغا تاشلىۋەتكەن !
- سەن كاۋىكالىيا ، جەنۇب تەرەپتە خېلى بولغانغۇ ؟ قانداق ، ئۇياق بىلەن چىقىشالامسەن ؟
- 5-ماي كۈنىدەك ئىتتىپاقچىلارنىڭ ئەسكەرلىرى قوغلىمىسا ، نېگىرلارنى قاقشىتىپ ئويناش كۆڭۈللۈك ئىدى .
- گاۋجانى ، سەن رۇمىنىيىدە ، رۇسىيە جەڭ مەيدانلىرىدا بولدۇڭ ، رۇسلاردىن ئەسىر ئېلىپ باقتىڭمۇ ؟
- ھە، ئەلۋەتتە. سەن رۇسلارنى تۇتۇۋالغىنىڭ بىلەن ئۇلار سېنى قويۇپ بەرمەيدىكەن .

مارشال كاۋىكالىيا سۆزگە ئارىلىشىپ قالدى :
- بىز ئافرىقىدىن قاچقاندا ، قورققانغا قوش كۆرۈنۈپ ، ئافرىقا چۆللىرىدە ئۆسىدىغان ئادەمگە ئوخشايدىغان كاكتۇس ئۆسۈملۈكىگە چاس بەرگەندەك بولۇپتۇ-دە ، كېرەك يوق .
- ئەمىسە ، ئىتالىيىدىن تىنچ يەر يوق دېگىنە؟- دەپ سورىدى بىرى .
- گىتلېر كىيىۋالىمەن دەيدىغۇ ؟
- مانا بۇ مۇتلەق قاملاشمايدۇ !
- نېمىسى قاملاشمايدۇ ؟
- ئۆتۈكنى قۇرۇق كىيسە پۇتنى غاجايدۇ ، ئۇنىڭغا بىر نېمە ئوراش كېرەك .
- بىزنى ئورايدىكەن-دە !…
- ئۇلۇغ رىمغا شۈكۈر !…
- مۇسسۇلىنىغا شۈكۈر- دە، ئەخمەق !…
- ئۇ ئۆلۈپ كەتسىچۇ ؟
- ئاندىن ئىمپېرىيىگە شۈكۈر دېسەڭ بولىدۇ…
- ئۇقماپتۇق…

مۇسسۇلىنى ئۇخلىيالمىدى . ئۇ چۈش كۆردى ، چۈشىدە مانا مۇنداق ئىش كۆردى : مانا نىئاپول ئۈستىدە نەچچە مىڭلىغان ئىتتىپاقچىلار ئايروپىلانلىرى ئۇچۇپ يۈرىدۇ . مانا بومبىلار ياغدۇردى . مانا كۈچلۈك پارتلاشلار ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى . مانا ، ئوتتۇرا دېڭىزدا توشقان پاراخوت …. ئەنە، ئەسكەرلەر قىرغاققا دەسسىدى . مانا، ئوردىنىڭ زور بىناسى ئۆرۈلۈپ كەتتى …

مۇسسۇلىنى قورقۇپ :
- ۋاي ھېتەك ( گىتلېر ) !- دەپ ۋارقىرىۋەتتى.
- ۋالاقلىماي جىم يات !- دېدى گىتلېر بوغۇق ، سەت ئاۋاز بىلەن .
ئىككىسى بىر-بىرىگە يات ئادەمدەك ماي تارتىشىپ قارىشىپ ، خورازلاردەك بوغۇشۇپ ، ئوتتۇرا دېڭىز تەرەپتىكى دېرىزىدىن كىرىۋاتقان شامالدا مۇزلىغاندەك غوللىرىنى چىقىرىپ ھودۇقۇپ گاڭگىراشتى . گىتلېر ئاستاغىنا دېدى :
- ھۆكۈمرانلىق ھارۋىمىز پاتقاققا پاتتى . بىر چاقى شەرقتە ، يەنە بىر چاقى غەربتە …
- پېتىش بۇ ياقتا تۇرسۇن، ئوقمۇ سۇندى …
- ئوق سۇندى ؟!…

ئىككىسىنىڭ كۆزى ئالاق-جالاق بولۇپ كەتتى
____________________________________

ئوت يۈرەك شائىر ، دىراماتورگ ، رەسسام ، ئىنقىلابىي جەڭچى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان ئوغلانى لۇتپۇللا مۇتەللىپ ( 1922~ 1945) قىسقىغىنە 23يىللىق ھاياتىنىڭ توققۇز يىلىدا ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ «يىللارغا جاۋاب » ، «خىيالچان تىلەك » ناملىق شېئىرلارنى ، «تاھىر-زۆھرە » ، «سامساق ئاكاڭ قاينايدۇ » ناملىق درامىلارنى ، «ئەجەل ھودۇقىشىدا » ، «پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ » ناملىق فېليەتونلارنى ۋە باشقا ئىلمىي ماقالىلەرنى يازغان .

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-11-1 13:14:38

ئالدىنقى ئەسىردىكى زىيالىيلىرىمىز دىنىي ئىلىمدىن خەۋەردار، ئەدەبىيات ۋە تىل ماھارىتىدە يېتىشكەن، دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە سىياسىي ۋەقەلەرگە پىششىق، ھەم يەنە شۇنچىلىك ئۈمىدۋار ۋە ئىرادىلىك ياشاپتىكەن، مۇشۇنداق روھنى ئەينى زامان شارائىتىدىن ئايرىپ چۈشىنىشكە قادىر بولالمىدىم...{:112:}

zapar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-1 13:28:28

مەرھۇم قالتىس كىشى ئىكەندۇق، رەھمەتلىكنىڭ قەبرىسىنى يوقلىمىغىلمۇ نە جاھان بولۇپتۇ.

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-11-1 15:24:29

شۇ ۋاقىتا تور بولمىسا بۇلار دۇنيا خەۋەرلىرىنى نەدىن بىلىدىغان بولغىيىتتى..:lol:lol
ئا ئىككىسىنىڭ نېمە دېگىنىنىمۇ بىلىدىكەن تېخى {:90:}

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-11-1 15:25:14

باشلانغۇچنىڭ قايسى يىللىقىدا بار ئىدى بۇ ؟:o:o:o

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-11-1 17:43:53

ErkinQush يوللىغان ۋاقتى  2014-11-1 15:25 static/image/common/back.gif
باشلانغۇچنىڭ قايسى يىللىقىدا بار ئىدى بۇ ؟

تولۇقسىز يا تولۇق ئوتتۇرىنىڭ دەرسىدە بارتى

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-1 18:10:09

سامۇرايلا ئېغىر ھالسىرايدۇ دەپ يېزىپتىكەن لىكىن تەرەققى قىپ كەتتى.
ئەسەرنىڭ ئەدەبى قىممىتىلا قالغاندەك

19881266 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-1 20:53:42

               راۋابىڭنى كۈرەش مۇقامىغا   سازلىمىساڭ
               كونا مۇقام دوستۇم ، قۇلاققا خوش ياقماس ،
               باغ ياساپ ، گۈللەر تېرىپ ياشناتمىساڭ
               غازاڭلىقتا بۈلبۈلمۇ  قانات قاقماس .

      ل . مۇتەللىپ .

gitlr يوللانغان ۋاقتى 2014-11-1 21:07:44

لۇتۇن ئەپەندى ھەققىقەن ئۇيغۇر ياشلارنىڭ ئىچىدىن چىققان بىر مەشھۇر زىيالى  ئۇتتۇرا ئاسيانىڭ رۇس مىللەتچىلك تەربىيەسىنى قۇبۇل قىلغان ئادەم  بۇلغاچقىمۇ بۇ ئەسىرىدە  گېتلىرنى بەك كەم سۇندۇۋەتكەن  

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2014-11-1 21:36:53

     لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ياشلىق مەزگىلى روسلارنىڭ ئىدولوگىيەسى ئوتتۇرا ئاسىيانى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان ، پۈتۈن خەۋەرلەر شۇلارنىڭ ھېسياتى بويىچە كېلىدىغان دەۋىردە ئۆتكەن بولغاچقا بۇ فىليەتوندىمۇ شۇ دەۋىرنىڭ تامغىسى بېسىلغان . لۇتپۇللا مۇتەللىپ زاماندىشى مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋە ئىمىن تۇرسۇنلاردەك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلىگەن بولسا بەلكىم ئىدىيەسى باشقىچە بولاتتى .

ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-1 21:41:42

دىمەك، ھەممە بىلىش دائىرىسى ئىچىدە ياشايدۇ...

matu يوللانغان ۋاقتى 2014-11-1 23:25:29

بۇنى بىر يەرلەردىن تەرجىمە قىلغانمىكىن دەيمەنغۇ؟

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-1 23:37:38

گەپنىڭ راستىنى قىلغاندا ئۇ زاماندىكى زىيالىلىيلارنىڭ زاماننى چۈشىنىشى ئىنتايىن چولتا،  ھازىرغۇ زىيالىي دىگىدەك زىيالىيمۇ يوق.  
لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئۇ ئەسەرلىرى سوۋېت ئىتتىپاقدىن كەلگەن كوممۇنىزىمنىڭ تەربىيەسى ۋە خەۋەرلىرىدىنىڭ ئىلھامى خالاس، ئۆزىنىڭ كۆرۇپ بىلىپ، ئويلىنىپ ئاندىن چىققان ئەسەرلەر ئەمەس. ئوردا شائىرى

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 01:30:30

arslan428 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-01 23:37:38 static/image/common/back.gif
گەپنىڭ راستىنى قىلغاندا ئۇ زاماندىكى زىيالىلىيلارنىڭ
ئابدۇخالىق ئۇيغۇرمۇ ئوردا شائىرىمۇ؟

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

elqut يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 13:21:08

salambay يوللىغان ۋاقتى  2014-11-2 01:30 static/image/common/back.gif
ئابدۇخالىق ئۇيغۇرمۇ ئوردا شائىرىمۇ؟

ياق ئابدۇخالىق ئويغۇر موللا شائىر ئىدى

esyankar75 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 14:17:54

شائىرىمىزنىڭ تالانتىنىلا ئەمەس ، ئۈلۈمدىن قورقمايدىغان جەڭگىۋار روھىنى  نەچچە يۈز يىل ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئۈلگە قىىلىپ كۆكتە كۆتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ ،ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن مەنىۋى زوق بولالايدۇ . كۇنۇپكا تاختىسى ئالدىغا كىلىۋىلىپ  مەن ئۇ زاماندا تۇغۇلمىغان دىگەندەك گەپلەرنى قىلىپ يۈرمەيلى !

tuz يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 14:54:27

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

ئىتتىن قورقۇپ قاچىدىغان قۇرقۇنچاقلار ، ئۆلۈمدىن قۇرۇقماي مەردانىلىق بىلەن جىنىنى ئەزىز خەلقىنىڭ ھۆرلىكىگە ، ئەركىنلكىگە ئاتىۋەتكەن باتۇر مۇنەۋۋەر بىر پەخىرلىك ئوغلانىمىزنىڭ ئوبرازىنى سەلبى تەرەپكە قەستلەپ گەپ قىلۋىتىپتۇ . توۋا ...

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 15:20:02

لۇتپۇللا مۇتەللىپ،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر،مەمېتىلى توختاجى....قاتارلىقلار ئەينى دەۋردە ئۆزىنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن شېئىر يازغان ھەقىقى شائىرلاردۇر.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 18:04:50

تارىخ  ئۇلارغا تېگىشلىك باھايىنى يازىدۇ...
بەت: [1] 2
: ئەجەل ھودۇقىشىدا