ABC يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 11:52:21

ئاتامنىڭ تەلىمى ( ھېكايە)

ئېتىز بېشىغا چىقىپلا يەر قوشنام ئەسمەت موزدوزنىڭ ، ئىككىمىزنىڭ ئېتىز پاسىلى قىلىپ قويغان قىر بىشىغا ئۆزىنىڭ تەك بارىڭىنىڭ تۈۋرۈكلىرىنى تىكىۋالغىنىغا قاراپلا جۇدۇنۇم تۇتتى. بىزنىڭ بۇ يەر قوشنىمىزنىڭ يەر قورۇيدىغان ئەسكى مىجەزى بار ئىدى  . ئادەتتە قائىدە بويىچە پاسىل قىر دېگەن قوشنا بولغان ئىككى ئېتىزنىڭ ئىگىسىگە يېرىمدىن تەڭ تەۋە بولىدۇ . لېكىن بۇ ئەسمەت موزدوز تۈۋرۈكىنى قىرنىڭ ئوتتۇرىدىنمۇ ئۆتكۈزۈپ بىز تەرەپكىرەك تىكىۋالغانىدى . بىز تېخى يەر سۇغارغاندا يار ئېلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن يېرىم مېتىردەك يەرنى ئېھتىيات ئۈچۈن ئېلىپ قويغانىدۇق. يەنە ئاچكۆزلۈك قىلىپ ئۇ يەرنىمۇ ئىگىلىۋالماقچى بولغىنىنى بۇنىڭ !
بۇ قېتىم قەتئىي يول قويمايمەن ! ئۇنىڭ ئاتام بىلەن تەڭ دېمەتلىكىگە قارىماي، يۈزۈمنى قايرىپ قويۇپ ئۈنۈمنى بولىشىغا قويىۋېتىپ توۋلىدىم : _ ئەسمەتكا ، مۇنۇ جايىدا تۇرالمايدىغان تۈۋرۈكلىرىڭنى  نېرى ئاپار!  بولمىسا ھەممىنى يۇلۇپ تاشلاپ پىقىرىتىپ ئاتىمەن يىراققا !  
ئۇ ئېگىلىپ كەتمەن چېپىۋاتقان يېرىدىن دەرھال بېشىنى كۆتۈردى . ئۇنىڭ پەيلىمۇ بوش ئەمەستەك قىلاتتى: _ نېمىنى ئاتىسەن ئۇكا ؟ پاسىل قىر دېگەن ئىككى تەرەپكە تەڭ تەۋە ، مەن ئۆزۈمگە تەۋە يەرگە تۈۋرۈك تىكتىم ، سېنىڭ يېرىڭگە ئۆتۈپ كەتكەن يېرىم يوق ! _ بۇ قىر ئەسلى ئۇنچىلىك چوڭ ئەمەس ، بىز ئىككى تەرەپكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن يېرىم ئېھتىيات يېرى چىقىرىپ قويغان ئەمدى سەن بۇنىمۇ ئۆزۈڭنىڭ قىلىپ ئىگىلىۋالماقچىما؟ ئۇ بىردىنلا ئاچچىقى بىلەن كەتمىنىنى تاشلاپ ئالدىغا ئىككى قەدەم دېۋەيلەپ كەلدى : _ مېنىڭ يېرىم ، مېنىڭ يېرىملا دەيدىكەنسەن ، سېنىڭ يېرىڭ بولسا ئۆيۈڭگە ئەكىتىپ قازنىقىڭغا سولاپ ساقلىمامسەن بولمىسا ! ئۇنىڭ بۇگېپى جان – جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى. ئۇنىڭ  يەرنى ئىگىلىۋالغاننىڭ ئۈستىگە  يەنە ئۆكتەملىك قىلغىنىغا پەقەتلا چىدىمىدىم-دە ، قولۇمدىكى گۈرجەكنى كۆتۈرگىنىمچە ئۇنىڭغا ئېتىلدىم : _ سەن ئۇششۇقنىڭ خېلى گېپىڭ بار ئوخشىمامدۇ . بۈگۈن سېنىڭ بىلەن بىر دېيىشىپ باقمىسام !
_ مەن شۇنداق دەپ ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ بولغۇچە ئەتراپتىكى قوشنا يەرلەردە ئىشلەۋاتقان مەھەللىلىكلەر كېلىپ ، مېنى تۇتىۋىلىپ سالا قىلىشقا باشلىدى: _ ھەرنېمە بولسا چىرايلىقچە دېيىشىپ ھەل قىلمامسىلەر ؟ قوشنا تۇرۇپ بۇنداق قىلىشساڭلار سەت تۇرمامدۇ؟ _ مەھەللىلىكلەر بىر ئېغىزدىن نەسىھەت قىلىشىپ مېنى  پەسكويغا چۈشۈرگەن بولدى . لېكىن ئۇ   يەنە كۆكەمىلىك قىلىۋاتاتتى: _ بۇ خەق بىلەن چىرايلىقچە دېيىشكىلى بولمايدۇ زادى. _ قېنى كېلە ئەمىسە ، قانداق دېسەڭ شۇنداق دېيىشىمىز ! – مەن شۇنداق دېگىنىمچە ئۇنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدىم . _ قولۇڭنى تارت !
_ قاياقتىندۇر ئاتام پەيدا بولدى، قارىغاندا مەھەللىلىكلەر بۇ ئىشنى ئاتامغا يەتكۈزگەن چېغى. ئاتام يۈگۈرۈپ كەلگىنىچە قولۇمنى سىلكىپ ئۇنىڭ ياقىسىدىن ئاجراتتى . « ئەمدى بولدى- دېدىم ئىچىمدە ، – ئاتامنى كارىزچى ئابدۇل دېسە بۇ يۇرتتا تونۇمايدىغىنى يوق . ئادەتتىكى كىشلەرلا ئەمەس، كەنت باشلىقلىرىمۇ ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرىشىدۇ . قېنى ئەمدى ھۆرۆ – پۆرۆ دېگىنىڭنى بىر كۆرەي ، » مەن ئەمدى ئاتام ئۇنىڭ كۆرگۈلۈكىنى كۆرسىتىدۇ دەپ ئويلاپ، مەغرۇرانە ھالەتتە ئاتامنىڭ كەينىگە ئۆتتۈم . _ خاپا بولما ئەسمەت ئاداش ، _ دېدى ئاتام ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭ  قولىنى ئۆزى تارتىپ ئەكىلىپ ئىككى قولىنىڭ ئارىسىغا قىسىپ تۇرۇپ، _ بالا كىچىكلىك قىلىپ قويۇپتۇ . مەن ئاتامنىڭ گېپىدىن ھەيران بولغىنىمچە داڭقېتىپ تۇرۇپ قالدىم . مەن ئەسلى ئاتامنى ئۇنىڭ يەتمىش پۇشتىنى كۆزىگە كۆرسىتىدۇ دەپ ئويلىغانىدىم . ئەمما ئاتام مېنى ئوسال بولسۇن دېگەندەك قىلىپ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراۋاتمامدۇ ؟ _ بۇ ئۇنچىلىك قىلىپ كەتكۈدەك ئىش ئەمەس . – دېدى ئاتام گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ، _ ياشلارنىڭ قېنى قىززىق بولىدىكەن ، بالىنىڭ قىلىقىنى سەن كۆڭلۈڭگە ئېلىپ كەتمە . بالا ئۈچۈن مەن ساڭا ناماقۇل بولاي . _ ئاتامنىڭ تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورىشىدىن ئۇمۇ خىجىل بولدى بولغاي، جاۋابەن دېدى:
_ مەنمۇ ئۇنداق يەرنى قورۇپ كەتمىسەم بولاتتى ، تەك بارىڭىمنىڭ ئارىلىقى سەل تار بولۇپ قاپتىكەن، شۇ كەڭرەك قىلىمەن دەپ قىر بېشىغا تۈۋرۈك تىككەن ئىدىم ، بولدى مەن ئەتىلا تۈۋرۈكلىرىمنى جايىمغا يۆتكىۋالاي . _ بولدى تۈۋرۈكىڭمۇ تۇرىۋەرسۇن ، مۇنداق قىلايلى ، بۇ يېرىم مېتىر يەرگە سەنمۇ ئازراق يەر قوشۇپ چۆنەك تارتىپ ، كۆكتات تېرىپ قويايلى ، قۇلۇم – قوشنىلار بىلەن بىللە يېمەمدۇق ، قانداق دېدىم ؟ _ ئاتامنىڭ بۇ پىلانىغا ئەسمەتكاممۇ قوشۇلۇپ ، ئەتراپتىكىلەرمۇ ئاتامنىڭ بۇ ماجرانى ئەپچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلغىنىغا ئاپىرىن دېيىشتى. ھەممىمىز قايتتۇق. يولدا كېتىۋىتىپمۇ مېنىڭ ئەلىمىم زادى بېسىلمايۋاتاتتى. چىدىماي ئاخىرى ئاتامغا ئېغىز ئاچتىم: _ ئاتا سېنىڭ قانداق قىلغىنىڭ بۇ ، شۇ يەرنى دەپ مەن خەق بىلەن بىر مۇنچە جېدەللەشسەم ، سەن كېلىپ مېنى ئوسال قىلغاندەك يەرنى خەققە بېرىۋەتتىڭغۇ ؟ ئاتام توختاپ ماڭا كۈلۈمسىرىگىنىچە جاۋاب بەردى : _ بېرىۋەتمىدىم ، تېگىشتۇق ! _ نېمىگە تېگىشتۇق ؟ -  ھەيران بولۇپ سورىدىم مەن . _ ئىناقلىققا تېگىشتۇق!-  دېدى ئاتام كۆزۈمنىڭ ئىچىگە تىكىلىپ تۇرۇپ، - يەر دېگەننى سەن بىر يەرگە يۆتكەپ كۆچۈرۈپ ئەكىتەلمەيسەن ، دېھقان بولغانىكەنسەن،  بىر ئۆمۈر شۇ يەر قوشناڭ بىلەن بىللە يەر تېرىيسەن . ئۇ ئازغىنە يەرگە سەن بىر نەرسە تېرىپ پايدىلىنالمايسەن . ئەسمەتمۇ  پايدىلىنالمايدۇ . بۇ پەقەت سېنىڭ خىيالىڭدىكى  قانائەتلىنىش تۇيغۇسى خالاس. يەرنى ئۇنىڭغا ئۆتۈنۈپ بەرسەڭ نېمە بوپتۇ ، ئۇ يەرنى كۆتۈرۈپ بىر يەرگە ئەكىتەلەمتى ؟ يەر يەنىلا شۇ جايىدا پاسىل قىر بولۇپ تۇرىۋېرىدۇ . سەن بولساڭ شۇ يەرنى ئۇنىڭ دەپ قويغىنىڭ بەدىلىگە ئۇنىڭ بىلەن ئىناق قوشنا بولۇپ ئۆتىۋېرىسەن . شۇ يەرنىڭ بەدىلىگە سەن مەڭگۈلۈك خاتىرجەملىككە ئېرىشىسەن. ئېسىڭدە چىڭ تۇت ئوغلۇم ، بۇ دۇنيادا خاتىرجەم ياشايمەن دەيدىكەنسەن ئۆي قوشناڭ بىلەن ، يەر قوشناڭ بىلەن ، دوستلۇرۇڭ ، ئۇرۇق – تۇققىنىڭ بىلەن ، مەيلى كىم بولسۇن ئەتراپىڭدىكى تونۇيدىغان ، تونۇمايدىغان ھەربىر ئادەم بىلەن ئىناىق ئۆتمىسەڭ بولمايدۇ . ئىناقلىق خاتىرجەم تۇرمۇشنىڭ كاپالىتى ، بىلدىڭمۇ ئوغلۇم ؟ ئاتام ئاستا يۈرۈپ كەتتى ، مەن ئاتامنىڭ كەينىدىن قاراپ شىۋىرلىغىنىمچە  تۇرۇپ قالدىم: « ئەسلى مەقسىتىڭ مۇنداقكەندە ! ئەمدى بىلدىم ئاتا، بۇ دۇنيادا ئەڭ مۇھىم نەرسە ماددىي مەنپەئەت ئەمەس، بەلكى ئادىمىيلىك ئىكەن.  سەن ئېسىل پەزىلىتىڭ بىلەن مېنى  بۈيۈك بىر مەنزىلگە باشلاپ مېڭىپسەن ...  مەنبە : تۇرپان گېزىتى 8- ئاۋغۇست سانى.

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 14:02:01

«زېمىنغا تىنچلىق ئالماشتۇرۇش سىياسىتى»

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-11-1 14:44:49

مەزمۇنى ئاددىي بولسىمۇ ، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار ھېكايىكەن

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

بەت: [1]
: ئاتامنىڭ تەلىمى ( ھېكايە)