tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 09:53:47

بەدەل (ھېكايە) ساجىدە سۇلايمان

تېخى ئاش پىشمىدىمۇ؟ قاچانلا قارىسا مىدىرلاپلا يۈرگىنىڭنى كۆرۈمەن، يا قولۇڭدىن ئىش چىقمايدۇ،  بىر تۇرۇپ ئاللاھ سېنى ماڭا چېتىش بىلەن مېنى جازىلىغانمىكىن؟ دەيمەن. يۈرىكىم يەنە قاتتىق ئاغرىپ كەتتى، ھەر قېتىم ئۇنىڭ ئاشۇنداق ئورۇنسىز چالۋاقاشلىرىنى ئاڭلىساملا يۈرىكىم ئاغرىپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى. قولۇمدىكى بايىلا قويغا ئوت ئېلىپ كىرگەن سېۋەتنى قوتاننىڭ يېنىغىلا  تاشلىدىم. ــــ نېمىگە زەردە قىلىسەن؟ يالغانمىدى؟ خەخنىڭ سەندەك خوتۇنلىرى بۇ كەمگىچە نەچچە يۈز كوي تاپىدىكەن  كېۋەز تېرىپ، سەنچۇ؟ كەچكىچە مىسىلداپلا يۈرگىنىڭ يۈرگەن.  بۇ قېتىم ئۇنىڭ چىرايىغا زادىلا قارىغۇم كەلمىدى، بالام قاتتىق يىغلاپ كەتتى. ـــ ھەي ئاۋۇ بىر نېمەڭنىڭ زۇۋانىغا بىر نېمە سالساڭچۇ؟ بېشىمنى ئاغرىتىپ يەنە ھاڭرىغىلى تۇردى، شۇڭىمىغۇ كىرگۈم كەلمەيدۇ بۇ سوغۇق گۆرگە.  ئېرىم ھويلىدا چۆجىلىرىنى كەينىگە سېلىپ يەرلەرنى تاتىلاپ دان تېپىپ يەۋاتقان مىكىياننى بىرلا تېپىپ ۋالاقشىتىۋېتىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. مېنىڭ تاماق ئەتكۈم يوقمۇ؟ مېنىڭ قۇرسىقىم ئاچمامدۇ؟ ھەتتا ئاۋۇ يىغلاۋاتقان بالامغا ئىمىتكىدەك سۈتمۇ چىقمايدۇ مەندىن. ئالدىنقى قېتىم كېۋەز تىرىپ تاپقان پۇلۇمنى ئېلىپ چىقىپ كېتىپ تۈنۈگۈن ئەتىگەن قايتىپ كەلگەن ئېرىم، ئەتىگەن ئەتكەن ئوماچنى ئىشتىھاسىزلا ئىچىپ چىقىپ كەتكەنچە يوقالغان ئىدى، مانا ئەمدى يەنە سۈر ھەيۋە بىلەن قايتىپ كەپتۇ.  ئۆيگە كىرىپ بۆشۈكتىكى بالىنىڭ ئاغزىغا قۇرۇق ئىمزىگىنى سېلىپ بىردەم تەۋرىتىۋىدىم ئۇخلاپ قالدى، ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئۆيىمىزدىكى بىردىن بىر ئېسىل سەرەمجىنىمىز بولغان 15 يىلنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر ئېلىپ بەرگەن تىكلىمە  ئىشكاپنىڭ ئالدىغا كەلدىم، ئۇنىڭ خېلى كۆپ يەرلىرىنىڭ سىرى چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ بىراق قەددىنى تىك تۇتۇپ تۇيراتتى، توساتتىنلا ئالدىمدا تۇرغان بىر ئەرۋاھقا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى، ئۇنىڭ چاچلىرى چۇۋۇلغان، رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن گىرىپ كوڭلىكىنىڭ مەيدىلىرى  ئوچۇق، قوللىرى ئىسكىلىتنىڭ قوللىرىدەك ئايرىلىپ تۇراتتى،  مەن قۇرقۇپ كەتمىدىم، چۈنكى ئۇ مەن ئىدىم.  ئۆتكەندە ئوتتۇرا مەكتەپتە بىرگە ئوقۇغان بىر ساۋاقدىشىم بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىۋىدىم، سالام قىلسام  ماڭا بىلىپ بولمايدىغان بىر خىل ئىپادە بىلەن قاراپ كەتكەندە تولىمۇ كۆڭلۈمگە كەلگەن ئىدى، بوپتۇ، كىشىلەرنى بىلىپ بولمايدۇ، 15 يىل خىزمىتىنى قىلىپ ئۈچ بالا تۇغۇپ بېرىپ، ياشلىقىمنى ئاتىغان ئېرىمنىڭ ھالى ئاۋۇ، باشقىلاردىن رەنجىشكە ھەققىم بارمىدى؟  ـــ ئانا بىز كەلدۇق، قورسىقىمىز ئېچىپ كەتتى، يەنە ئاش ئەتمەپسەنغۇ؟ دەرىزىنىڭ ئەزەلدىن ئەينەك سېلىنىپ باقمىغان راملىرىدىن باللىرىمنىڭ بېشى كۆرۈندى.  ـــ بولىدۇ بالام ھازىرلا تەييار قىلىپ بېرىمەن، سەل تۇرۇپ تۇرۇڭلار، دېدىم جىددىيلىشىپ، شۇ دەقىقىدە ھەممىنى ئۇنتۇپ تولىمۇ قەيسەر بولۇپ كەتكەن ئىدىم، دەرھال ئىشىك ئالدىدىكى باراڭدىن بىر كاۋىنى ئۈزدۈمدە ئۇنىڭغا نەچچە باش قوناق بېشىنى ئۈزۈپ كىرىپ قاينىتىپ بەردىم، بالىلار ئىشتاھا بىلەن يېيىشىپ كېتىشتى. چوڭ ئوغلۇم بەك قىزىقچى، سىڭلىسىنىڭ بۇرنىغا كاۋا سۈركەپ قويۇپ ئۇنى قېقىتىپ بىرمۇنچە تە قىلدى. قارىسام قىزىمنىڭ يۈزلىرىنىڭ ھەممە يېرى كاۋا بولۇپ كېتىپتۇ. ھەممىمىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق. ـــ ئانا بودۇقى بازار كۈنى ئاياغ ئېلىپ بېرىمەن دېگەن ئىدىڭ، ئۇنتۇلۇپ قالمىغانسەن-ھە؟ ــ دېدى قىزىم. ــ ماڭا چۇ؟ ماڭا ئىشتان ئېلىپ بېرىمەن دېگەن ئىدىڭ، قارا ماۋۇ ئىشتىنىمنىڭ تولا ياماۋىرىپ ئېغى تۇرمايدىغان بولۇپ كەتتى. ـــ دەيدۇ چوڭ ئوغلۇم. ـــ ماقۇل باللىرىم ئېلىپ بېرىمەن، مۇشۇ تۈگىمەس ئۆي ئىشلىرى بىلەن بازارغا بېرىشقا ۋاقتىم زادىلا چىمايۋاتىدۇ. شۇنداق دېمەي نېمە دەيمەن ئۇلارغا، بىراق بىر ئامال قىلىپ ئۇلارنى خۇش قىلىشقا ئىشەنچىم بار. ـــ ئەمىسە سىڭلىم ئىككىمىز بۈگۈن كەچتىن باشلاپ ئىشلىرىڭنى قىلىشىپ تۈگىتىشىپ بېرەيلى، بولامدۇ ئانا؟ ـــ بولىدۇ بالام، بولىدۇ، مېنىڭ باللىرىم ئەجەپ ئىشقا يارايدىغان بولۇپ كېتىپتۇ- دېسە؟! ــ دېدىم ئۇلارغا  مەستلىكىم كېلىپ، دېمىسىمۇ ئۇلار بەكلا ئوماق، ئۇلارنى كۆرسەملا ھەممىنى  ئۇنتۇپ كېتىمەن. ـــ ئەكبەر! ماڭامسەن؟ ــ دېدى ئىشىكتە تۇرۇپ ئوغلۇمنىڭ دوستى. ــ ماڭىمەن، ــ دېدى ئوغلۇم بىر قولىغا قوناقتىن بىر باشنى ئېلىۋېلىپ، قىزىممۇ ئاكىسىغا ئەگىشىپ چىقىپ كەتتى. ھەي... بۇ كۈنلەرنى، نېمىشقا ئىلگىرى باسمايدىغاندۇ كىشى، «چاشقان يىغىدۇ، پاقا ئۇسۇرىدۇ» دېگەندەك، كېۋەز تىرىپ تاپقان پۇلۇپ ئۇنىڭ قىمار ئوينىشىغا يەتمىسە، ئوينىما دېسەم تاياق يېسەم، ئوينى تاشلاپلا چىقىپ كېتەي دېسەم ئاۋۇ قوزىلىرىمنى قانداق قىلىمەن؟ تۇغقانلىرىمنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىشتىنمۇ ئۇياتلىق ھېس قىلىدىغان بولۇپ كەتتىم. بۇ كۈنلەر مۇشۇنداق ئۆتۈپ نەگىمۇ بارار ئەمدى؟ «توۋا، شۇنچە دەرت تارتىپمۇ مۇشۇنداق تۇرىسىز» دەيدۇ ئارقا ھويلىدىكى بىرەۋىخان، تۇرماي نەگە كەتسەم بولىدىغاندۇ؟ مەنغۇ بالىلىرىمنىڭ قورسىقىنى تويغۇزساملا ھەممىنى ئۇنتۇپ قالىمەن، شۇنچىلىك ئىشلارنىمۇ دەرت – ھەسرەت دەيدىكەن بۇ خەخلەر. قورساق تويسا يەنە نېمە غەم بولاتتى؟ بازار كۈنىگە يەنە ئۈچ كۈن بار، قانداق قىلارمەن؟ بۈگۈنغۇ تېخى يىگىدەك نەرسە بار بولدى ئۆيدە، بالىلار نەزىردىن ئېلىپ كەلگەن ئاۋۇ پولۇنى مەززە قىلىپ بىر يېۋىلىپ مەكتىپىگە ماڭسۇن، ئەتىچۇ؟ مەن ئازراق بولسىمۇ كېۋەز تېرىپ بالىلارغا كېيىم ئالغىدەك بىر نەرسىنىڭ غېمىنى قىلاي. بۈگۈن ھاۋا بەك ئوچۇق، كىچىك بالامنى كۆتۈرۈپ كېۋەزلىككە كەلدىم، كىشىلەر قاينام تاشقىنلىق بىلەن ئىشلەپ كېتىپتۇ، ھەي... يەنىلا كېۋەزلىك يېقىشلىقكەن جۇمۇ، ئىشلىسىلا پۇل، ئاخشامدا يانچۇق توم ئۆيگە قايتىدىغان گەپ، خۇدايىم ئېرىمنى يەنە نەچچە كۈن سىرتلاردا ئېزىقتۇرۇپ تۇرسا، باللىرىمنىڭ كېيىمىنىڭ غېمىنى قىلىۋالسام  تاياق يېگەنگە ئۆلمەيدىكەن كىشى، بالامنى قېلىن پاختىلىق كۆرپىگە چىڭ يۆگىدىم، 11 – ئاي مەزگىلىدە ئاپتاپ چىققاندەك تۇرغان بىلەن يەنىلا سوغۇق بار، «قىشنىڭ ئاپتىپىغا ئىشەنمە، دۈشمەننىڭ كۈلگىنىگە» دەيدۇ ئەمەسمۇ كونىلار؟ بالامنى كۆرپىسىگە چىڭ يۆگەپ قىردىكى سەل ئويمانراق يەرگە ياتقۇزۇپ قويۇپ، غەيرىتىمنى يىغىپ كېۋەز تېرىشنى باشلىۋەتتىم، بۈگۈن قەيەردىن كەلگەن كۈچكىن، ھېچ ھارىدىغاندەك قىلمايمەن، كۈندە يىغلاپ قاپاق مېڭەمنى يەپ كېتىدىغان بالام بۈگۈن ئاپتاپ خۇش ياقتىمۇ تىنماي ئۇخلاپ بەردى، بىر سول چىقىپ تەرگەن پاختام يېرىم تاغار كەپتۇ، بۈگۈن خېلى پۇل بولىدىغاندەك قىلىدۇ، ئۈمىد بىلەن يەنە بىر سول ماڭدىم، ئاپلا... ئەجەپ ئۇخلىدى دەپ ئۆزۈمنىڭ كۆزى دەگدى مانا، «بوپتۇ، يىغلاپ تۇر، ئاخشاملىققا تاتلىق سۈت ئېمىسەن بالام» دەپ قويۇپ پاختامنى تىرىۋەردىم، يىغلىغانغا ئۆلۈپ قالامتى؟ ـــ بالىڭىز بەك يىغلاپ كەتتى، ئىمىتەمسىز، يا قانداق قىلىسىز؟ بىر پەس قىلىپ قويۇپ تەرسىڭىزمۇ بوپتىكەنمۇ نېمە؟ ــ دەيدۇ ئاياغدا پاختا تېرىۋاتقان ئايال. ـــ ۋاي جا...ن! ئۇ بالا ئاشۇنداق تولا يىغلايدىغان بالا، سەل تۇرۇپ بېسىقىپ قالىدۇ. ــ دېدىم ئۇنىڭغا جاۋابەن، ئۇمۇ گەپ قىلمىدى. يەنە بىر سول تېرىپ، بىر مۇنچە پاختىنى دۆۋىلىۋەتتىم، روھىم تولىمۇ كۆتۈرەڭگۈ. ـــ ۋاي ماۋۇ نېمىش؟ ۋاي ئادەم بارمۇ؟ قاراپ بېقىڭلار كۆپچىلىك!  ۋاي خۇدايىم، نېمانچە ۋارقىرايدىغاندۇ ئادەم ئۆلگەندەك...؟ توۋا ھەممىسى كېتىشىۋاتىدۇيا ئاۋۇ تەرەپكە؟ نېمىش بولغاندۇ؟ ۋارقىرىشىپ بالامنى ئويغىتىشىدىغان بولدى بۇ خەخ. مەنمۇ قاراپ باقايچۇ؟ ئادەم يىغىلغان يەرگە كەلسەم بالامنى ياتقۇزۇپ قويغان يەردىكى بالامنىڭ كۆرپىسىنىڭ چۇۋۇلۇپ كەتكەن يۈزىدىلا بىر قول تۇرىدۇ، كۆرپىمۇ قانغا بويىلىپ كېتىپتۇ، بالام قەنى؟ دەپ بىر چىرقىراپلا ئۆزۈمنى بالامغا ئاتتىم، بالامنى قۇچاقلاپ باغرىمغا باستىم.  ـــ ئاپلا بۇ ھايۋان كىمنىڭ ئىتى بولغىيدى؟ بىر بالىنى يەپ بىر قولىنى قويۇپتۇ. ــ ماۋۇ خوتۇننىمۇ ئادەم دېگىلى بولامدۇ؟ شۇمۇ ئانا بولدىمۇ؟ بالىنىمۇ مۇشۇنداق يەرگە ياتقۇزۇپ قويامدۇ؟ ـــ بالىنى قويۇپ كېۋەز تىرىمەن دېگۈچە بالىسىنى باقسىچۇ بۇ خوتۇن؟ تازىمۇ بىر تويماس خوتۇنكەن بۇ. ـــ ئېسىت! ئېسىت! بىر بالىنى ئىت يەپ كەتكىچە تۇيمىغان قانداق ئانا سىز؟  ـــ ۋاي بىچارە ئەمدى قانداق قىلارسىز؟ ۋاي خالايىق ماۋۇ خوتۇننى تۇتۇۋېلىڭلارچۇ! توۋا بۇ خەخلەر ساراڭ بولۇپ قالدىمۇ نېمە؟ ھەممىسى قالايمىقان گەپ قىلىپ قولۇمدىن بالامنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇيا؟ ــ بۇ مېنىڭ بالام! ساراڭ بولۇپ قالدىڭلارمۇ؟ بۇ مېنىڭ بالام! ھازىرلا ئىمىتىپ مۇشۇ يەردە ياتقۇزۇپ قويغان. ــ دەپ چىڭ تۇردۇم. ـــ ھەسرەتتە ئەقلىدىن ئېزىپ قاپتۇ بۇ بىچارە خوتۇن، ـــ دەپ يىغلىشىپ كېتىۋاتىدۇ ئۇلار، كىشىلەرمۇ بەك يىغىلىپ كەتتى. ھەممىسى ساراڭ بوپتۇ بۇلارنىڭ، بالامنى تارتىۋالىمەنلا دەيدا؟ ئەڭ ياخشىسى مەن بۇيەردىن كېتەي،  بۇ ساراڭلار نېمىش قىلىسسا قىلىشسۇن، دېدىم – دە بالامنى باغرىمغا بېسىپ يۈگۈرگەن پېتى چاتقاللىق تەرەپكە قاچتىم، ئۇلار ۋارقىرىشىپ يىغلىغان پېتى مېنى قوغلاپ كېلىشىۋاتىدۇ.  مەن كۈچۈمنىڭ بارىچە قاچتىم، قېچىۋاتىمەن ئۇلار قوغلاۋاتىدۇ، نېمە گۇناھ قىلغانغا ئۇلارنىڭ مېنى مۇنچە قوغلايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، لېكىن قاچمىسام ئۇلار بالامنى تارتىۋالىدۇ، شۇڭا ئۆزۈمنى دالدىغا ئېلىشىم كېرەك.  ـــ نېمە ساراڭ بولۇپ قاپتۇ دەمسىز؟ ئۆزىڭىز ساراڭ بوپسىز. توۋا ھەممىسى ساراڭ بوپتۇ بۇلارنىڭ...  
مەنبە : يازغۇچىلار تورى

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 11:18:07

تەۋپىقنىڭ يوللىغان تېمىسى 100 دىن ئاشقانمىدۇ؟ بولسا 1000 غا يەتكۈزۈپ رېكوت دېگننى ژىتىۋىتىڭ.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 12:01:33

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erktekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-31 12:19  


ماۋۇ  تەۋپىق دىگەن  كۆچۈرمىكەشقۇ Ctrl+V  بىلەن  جان  باقسۇن ،

asman يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 12:12:23

نورمال ئىنكاس نېمىشقا تەستىقلانمايدۇ؟

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

pari87 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-1 15:50:03

مەن ئوقۇپ بوپتىكەنمەن ......

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-11-2 12:45:18

ھازىر لالما ئىتلار جىقلاپ قوي باققۇچىلار دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتە قويلارنى تالاپ كېتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىۋاتىدۇ.دىيارىمىزدا بىر بوۋاقنىڭ مۇشۇ پاجىئە بىلەن تۈگەپ كەتكەنلىكىنىمۇ ئاڭلىدۇق.
دىققەت قىلغۇلۇق.
بەت: [1]
: بەدەل (ھېكايە) ساجىدە سۇلايمان