ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 22:52:07

شۋېتسىيە پەلەستىننى ئېتىراپ قىلدى

شۋېتسىيە  پەلەستىننى ئېتىراپ قىلدى

30- كۈنى شۋېتسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلدى- پەلەستىننى ئېتىراپ قىلغان تۇنجى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا غەرب دۆلىتى بولدى. پەلەستىن تەرەپ بۇنى "تارىخىي" قارار، دەپ مەدھىيىلىدى. ئىسرائىلىيە "فاجىئە" دەپ ئەيىبلىدى.

شۋېتسىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى Vahlstrom  "كۈندىلىك خەۋەرلەر" دە ئېيتىشىچە، بۈگۈن شۋېتسىيە ھۆكۈمىتى پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىشنى قارار قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: "بۇ پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم قەدىمى، باشقا دۆلەتلەرگە ئۈلگە بولىشنى ئۈمىد قىلىمىز".

پەلەستىن ئەلباشى ئابباس شۋېتسىيەنىڭ ھەرىكىتىنى "جەسۇرلۇق ۋە تارىخىي" قارار دەپ مەدھىيىلىگەن ھەمدە باشقا دۆلەتلەرنى ئەگىشىشكە چاقىرغان.

ئابباسنىڭ باياناتچىسى، 1967- يىلدىكى چېگرانى، شەرقىي قۇددۇسنى پايتەخت قىلغان پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلمىغان دۆلەتلەرنى شۋېتسىيەنىڭ قارارىغا ئەگىشىشنى چاقىرغان.

ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى Lieberman شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىش قارارىنى ئەيپلەپ، ئۇشبۇ قارار پەلەستىن- ئىسرائىلىيە توقۇنۇشنى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، دېدى. ئۇ باياناتىدا، شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىش قارارى "فاجىئە"،"بۇ ئاشقۇنلارنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولىدۇ، پەلەستىن تېخىمۇ ئاسان رەت قىلىدىغان بولىدۇ ".

http://news.sohu.com/20141030/n405621154.shtml

sipartak يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 23:39:19

بىزنىڭ سۆيۈملۈك دۆلىتىمىزمۇ ئىتىراپ قىلغانما..؟

ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 23:44:51

sipartak يوللىغان ۋاقتى  2014-10-30 23:39 static/image/common/back.gif
بىزنىڭ سۆيۈملۈك دۆلىتىمىزمۇ ئىتىراپ قىلغانما..؟

1988- يىلى تۇنىسىيەدە دۆلەت قۇرغاندىن بۇيان، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان 126 دۆلەت پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلغان.

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 01:35:06

ئسرائىللار

President يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 02:31:24

ب د ت گە كىرەلمىسە يەنىلا «رەسىمىي دۆلەت» ئەمەس.
ئەنگىلىيەمۇ ئېتىراپ قىلدى بولغاي راست...

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 08:51:12

قايسى بىر يىلى ب د ت يىغىنىدا ئاۋازغا قويغاندا قوللىغۇچى دۆلەتلەرنىڭ سانى كۆپ بولسىمۇ ئوبامانىڭ ئىككى ئېغىز سۆزى بىلەن رەت قىلىنغانتىغۇ ....
ب د ت دىگەنلىمۇ ياڭزا ئوخشايدۇ

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 08:58:38

ھازىر پەلەستىننى ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەر 140تىن ئاشىدۇ.
شىۋىتسىيەنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ياۋرۇپا ئىتتىپادىكى تۇنجى مەملىكەت بولغاچقا ، سەل-پەل غۇلغۇلا قوزغىشى مۈمكىن .  سام تاغا بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىمىغان دەپ  ئەيىپكە ئۇچرىشى مۈمكىن :lol

Erkbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 09:15:26

isis نى ھېچ قايسى دۆلەت ئېتراپ قىلمىسمۇ،تۈۋرۈكتەك تۇرمامدۇ.

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 09:18:49

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2014-10-31 08:58 static/image/common/back.gif
ھازىر پەلەستىننى ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەر 140تىن ئاشىدۇ. ...

ۋۇييۇ .... چاۋشەن پەلەستىن تەرەپكەن {:181:}

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 09:37:08

Erkbeg يوللىغان ۋاقتى  2014-10-31 09:15 static/image/common/back.gif
isis نى ھېچ قايسى دۆلەت ئېتراپ قىلمىسمۇ،تۈۋرۈكتەك تۇرما ...

«پىچكا » پىچكىلىق رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.  بۇلارنى يوقىتىش ئۇرۇشى - مۇساپە ئۇزۇن، يوللار ئەگرى توقاي .  :lol

yulghun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 09:59:25

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2014-10-31 09:37 static/image/common/back.gif
«پىچكا » پىچكىلىق رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.  بۇلارنى ي ...

بۇلارنىڭ پىچكا ياكى ئەمەسلىكىگە تارىخ ھۆكۈم قىلىدۇ.

yulghun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 10:01:54

ezimet7102 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-30 23:44 static/image/common/back.gif
1988- يىلى تۇنىسىيەدە دۆلەت قۇرغاندىن بۇيان، جۇڭگونى ئۆ ...

تۇنجى قېتىم پەلەستىن تۇپرىقىدا قۇرۇلمىغانمۇ؟

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 10:02:51

قانداق بولسا دۆلەت ھىساپلىنىدۇ؟

yulghun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 10:05:29

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2014-10-31 09:37 static/image/common/back.gif
«پىچكا » پىچكىلىق رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.  بۇلارنى ي ...

1956- يىلىدىكى ۋېنگىرىيە ۋەقەسى، سوۋىت-ئافغانىستان ئۇرۇشى...... كۆپلىگەن تارىخى ۋەقەلەر ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قانداقلىقى ئايان بولدى.

yulghun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 10:06:17

فاجىئە ئەمەس پاجىئە دەيدىغاندىمىز؟:o

yulghun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 10:07:36

86 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-31 10:02 static/image/common/back.gif
قانداق بولسا دۆلەت ھىساپلىنىدۇ؟

بايرىقى، بەلگىسى، مەمۇرى ئاپاراتلىرى، تىرىتورىيىسى....... بولسا

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 11:04:32

86 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-31 10:02 static/image/common/back.gif
قانداق بولسا دۆلەت ھىساپلىنىدۇ؟

خەلقئارانىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا  بايرىقى شۇ ب د ت بىناسىنىڭ ئالدىدىكى خادىدىن ئورۇن ئالسا دۆلەت بولىدىغان گەپ ئوخشايدۇ .

aLKaMaL1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 11:25:25

مەنمۇ ئىتراپ قىلىمەن

buyukturn يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 11:32:55

ئۆز ۋاقتىدا ھەممە ئەرەپ دۆلەتلىرى ئىتراپ قىلغان بولغىيمىتى ؟

bilhux يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 13:22:35

yulghun1 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-31 10:07 static/image/common/back.gif
بايرىقى، بەلگىسى، مەمۇرى ئاپاراتلىرى، تىرىتورىيىسى.. ...

ئەڭ مۇيۇمى قوشۇنى بولسا . !  بايرىقى ، تىرىتورىيسى بار .  بەلگىسى بولسىلا دولەت بولدىغان ئۇندا ئاسان ئىش يوق
بەت: [1] 2
: شۋېتسىيە پەلەستىننى ئېتىراپ قىلدى