راست گەپ ۋە ھەق گەپ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tohotur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-10-30 22:311.بۇگۇنبىكاچىلىقتا تور ئارىلاۋېىتپ ، ئوكيان تورىنىڭ ئېلكىتاپ سەھىپىسىدە يېى جۇڭتىيەن ئەپەندىمنىڭجۇڭگو مائارىپى بالىلارنىڭ كاللىسىنى بۇزىۋەتتى .دىگەن بىي ماقالىسى باركەن . شۇنى ئوقىغان . ئەلۋەتتە ئىلگىرىمۇ بۇ مەشھور زاتنىڭ ئابلەت ئابدۇرېىشت بەرقى ئەپەندىم تەرجىمە قىلغان جۇڭگولۇقلار ؟ دىگەن بىر كىتاۋىنى ئوڭ تەتۇر ئوقۇپ سىزىپ جىجاپ خېلىۋەك تەسىراتلارغىمۇ ئىگە بولغانىمەن .ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن ماندا كۆڭلىمىگە ياققان ياقمىغان ھادىسە كىتاپ ۋاھا كازالارنى كۆرگەندە ئاددى بولسىمۇ تەسىرات يوللاپ قويىدىغانئادىتىمنىڭ بارلىقىنى سىلەرمۇ بىلىسىلەرئەمدى . شۇ كىتاپنى ئوقۇغاندا بىر كىتاپ ئوقۇش تەسىراتىدەك بىرنىمە يازىمەن دەپ ئارلىقتا قاناسقا بىېرىپ كىلىدىغان ئىشلار بىلەن ۋاقتىنى ئۆتكۇزىۋەتتىم.ما نەچچە كۇندىن يەنە شۇ تەسىراتىمنى يېزىشىنى ئويلاپ توختاپ يەنە ئويلاپ يەنەتوختاپ قالدىمدە . ئۆزىمىزدىن چىققان بىر مەشھور ھەقىدە ئازراق بىر نەرسە يېزىۋىدىم بىراقلا سەن مەندىن ئۇچ يۇز ياش كىچىك دىگەن گەپنى ئاڭلىۋالدىم .ئەمدى ماۋۇ يې جۇڭتىيەن يازغان كىتاپقا بىر تەسىرات يېزىپ قويسام ، سەن مەندىن ئۇچ مىڭ ياش كىچىك دەپ قويامۇ دىگەندەك ئويلار بىلەن تۇرۇپ كۇلكەم قىستاپ تۇرۇپلا ما ئشىنى ئوبدانراق ئويلۇسلا توخوتۇر ئاخۇندىگەندەك ئويلار بىلەن يۇرگەندە باشتا دىگەندەك يەنە يې جۇڭتىيەن ئەپەندىمنىڭ جۇڭگو مائارىپى باللارنىڭ كاللسىنى بۇزىۋەتتىسەرلەۋھىلىك ماقالىسى بىلەن يۇز كۆرۇشۇپ قالدىمدە .
2.مانا ماۋۇ ئادرىس
http://eser.okyan.com/eser/ebook/2014/1011/160.htmlئوكيان تورى ئېلكىتاپ سەھىپسىىدە
3. بۇ ماقالىدە يې ئەپەندىم ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى سۆزلەپ كىلىپ بالىلارنى راست سۆزلىك ، ئاقكۆڭۆل ساغلام شاد خورام ياشىشىنى ئۈمۇت قىلىدىىغانلىقىنى سۆزلەپ كىلىپ راست سۆزلەش دىگەنگە ئېنىقلىما بىرىپ راست ھەر ۋاقىت راست گەپ قىلىش كېرەك .نەس باسىدىغانلىقىنى سىزىپ قالغاندا ئۇ گەپنى دىمىسىلا بولمىدىمۇ .يې ئەپەندىم يەنە غەرىپ نامدارى كانىتنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىپ چوقۇم راست گەپ قىلىش كېرەك ، ئەمما چوقۇم راست گەپنىڭ ھەممىسىنى دىيىش مەجبوريىتىمىز يوق .شۇنداق قارىماققا بۇ گەپ بولدىغاندەك ،دەسلەپتە ئوقۇغاندا تازا سەڭگەرمەپتىمەن . كىيىن تۇيۇقسىزلا ئويلاپ قالدىم .ھەممە ئادەم نەس بېسىشتىن قورقۇپ ئىچىدىكى راست گەپنىڭ بىر قسىمىنى دىمىسە، ھەمدە موشۇنداق بىر قسىىم راست گەپنى ئىچىڭلاردا ئېلىپ قېلىڭلار دەپ بالا تەربىيلىسەك زادى قانداق بولار .
4.ئىچىمدەئويلاپ قالدىم .بىزنىڭ دەۋىرلەردىن كەلگەن كىلاسسىك مەدىنيىتىمىزدە راست گەپ قىلىش ۋە ھەق گەپ قىلىش دەيدىغان بىر قاتار ئۇقۇملار بار . راست گەپ قىلىشقۇ بېشىڭدىن كەچۇرگەنگە يالغاننى ئارلاشتۇرماي نىمە بولسا شۇنى دە دىگىنى ، ھەق گەپچۇ ، ھەق گەپ ئۇقۇمىھەقىدە ھەقنى دىمەكلىك ئاچچىق يىمەكلىك .دىگەن ھىكمەتلەر ھەم بار .بالامنى راستىنلا مەنپەئەتىڭگە تاقاشسا سېنى نەس باسسا ئۇ ھالدا ئۆزەڭ بىلىدىغان راست گەپنى دىمەي جىم تۇرىۋال دەپ تەربىيە بىرىشىم كېرەكمۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
5.خۇددى پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمىدەك ھەممە ئادەم ئەخمەق ئاتىلىپ قېلىشىتىن ، دىشۋارچىلىقتىن ، نەس بېسشتىن قورقۇپ راست گەپنى قىلماي جىم تۇرىۋالسا بۇ جەميەت زادى قانداق جەميەت بولۇپ قالار . گۇۋاھتۇرمەن گۇۋاھتۇرمەن گۇۋاھلىقىم رىيا ئەمەس دىگەن ئاتىلار سۆزى نەلەردە قالدى ئەمدى ؟ سىزنى ئۆزىدىن 300 ياش كىچىك دېگەن كىشى چەكسىز يالغۇزسىراش ھالىتىدە ئۆزىنى ئالداش ئۈچۈن دەپ قويغان گەپ خالاس. كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ بولدى. ئىزدىنىشتىكى مودا گەپلەردىن بىرى بوپ قالىدىغان بولدى بۇ «300ياش كىچىك » دېگەن گەپ، خۇددى سەللىمازا..دېگەندەك.. راست گەپ قىلغاندا ،بەزى تورداشلار ھەقىقەتەنمۇ ئەلىدىن« «300ياش كىچىك ». بەزى تورداشلارنىڭ ‹‹300ياش كىچىك ›› ئىكەنلىكىگە مەنمۇ ئىشىنىپ قىلۋاتمەن شۇڭلاشقا ‹جەننەت›- ‹دوزاق › ئىنىق ئايرىلغانمىكىن .{:90:}
بۇ يەردە ئويلاپ باقسام راست گەپ قىلىشنى شەخىسى تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك راست گەپ قىلىشتا ئۆزىنىڭ شەخسى سىرى توغۇرلۇق جىم تۇرۇۋالسا بولىدىغاندەكمۇ تۇرىدۇ ،
ئەمما ئەل جامائەتنىڭ مەنپەئەتى ۋە گۇۋاھلىققا چاقىرىلغاندا ، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي يەنە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالغاندا ، ئۆزى زىيان تارتىدىغانئىش بولسىمۇ راست گەپ قىلىش يەنى لىللا گەپ قىلىش مانا بۇ ئۇيغۇر مەدىنيىتىدە زامان زامانلاردىن بۇيان كىلىۋاتقان بىر يول. ئىشقىلىپ يالغان گەپقىلمىسىلا بولىدۇ ... تۇخۇتۇرنىڭ ئەلى مۇئەللىمنىڭ لېكىسيەسى ھەققىدە يازغان تەسىراتى بىر قېتىملىق بەس-مۇنازىرىگە سەۋەپ بولغان ئىدى،ئەمدى ماۋۇ تەسىراتى يەنە قانداق بەس-مۇنازىرىگەسەۋەپ بولار؟ مەن توخۇتۇردىن‹ 301 ياش › كىچىككەنمەن قانداق چاغدا قانداق كىشىلەرگە يالغان گەپ قىلسا بولىدىغانلىق توغرىلىق بىر جۈمەدە سۆزلەنگەنتى، تولۇق يەتكۈزەلەيدىغانغا 300 ياش كىچىك چاغلىدىم ئۆزۈمنى. ئېنىق بىلىدىغانلار يوللاپ قويساڭلار بولارمۇ؟ Tuwatur يوللىغان ۋاقتى2014-10-31 21:48 static/image/common/back.gif
قانداق چاغدا قانداق كىشىلەرگە يالغان گەپ قىلسا بولىدى ...
1.ئايالىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن
2.جەڭدە تاكتىكا قوللىنىش ئۈچۈن
3.ئىككى ئادەمنى ياراشتۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن ئەلىدىن 300 كىچىك كىشىلەر ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ 300 ياش كىچىك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلالماسلىقىدا . بىزدە مۇنداق بىر گەپ بار ‹‹ ئەقىل ياشتا ئەمەس ، باشتا ›› دەپ .
مەن ئۆمۈر يېشىمدا ئەلىدىن 6- 7 ياش چوڭ بولىشىم مۈمكىن . ئەمما مەن ئۆزەمنىڭ ئۇنىڭدىن ھەقىقەتەن 300ياش كىچىك بولمىساممۇ ھىچ بولمىغاندا 150 ياش كىچىك ئىكەنلىكىمنى ئېتىراپ قىلىمەن .
چۈنكى بىز كۆرەلمىگەن ياكى كۆرۈشكە ئۈلگىرمىگەن ۋە ياكى پاكىزلا خەۋەرسىز بولغان 19 - 20 - ئەسىر دۇنيا يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان پەلسەپە ئېقىملىرى ، پىسخولوگىيە ئىلمى بىلەن ئۇ ئىنتايىن ياخشى تونۇش بولىشى مۈمكىن دەپ قارايمەن . مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ ‹ مەن سەندىن 300 ياش چوڭ ›› دەپ ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا ئېيتىشلىرىغا يېتىدۇ . ئەلى بىلگەننىڭ بەزىسىنى مەن بىلمەيمەن، مەن بىلىدىغاننىڭ بەزىسىنى ئۇ بىلمەيدۇ. مەن ئەلىدىن 500 ياش كىچىكمىكى. ئۇ ئۈچ كۈندە بىر كىتاب ئوقۇيدىكەن. مەن ھازىرقى سۈرئىتمدە ئوقۇسام ئۇ ئوقۇمىسا شۇنچىلىك ۋاقىت كېتەر.
بەت:
[1]