شىنجاڭ ئىچىدىكى ئايروپىلان بېلىتى «سامان نەرخىدە» سېتىلىدۇ
كېلەر ئايدا شىنجاڭ ئىچىدىكى ھاۋا يولى ئايروپىلان بېلىتى «سامان نەرخىدە» سېتىلىدۇ
10-ئاينىڭ 29-كۈنى مۇخبىرنىڭ جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى، تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىدىن ئۇقۇشىچە، 11-ئايدا، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئايروپىلان بېلىتى باھاسى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشىدىكەن، كۆپ ساندىكى ھاۋا يولى ئايروپىلان بېلىتى %20 تىنمۇ تۆۋەن ئېتىبار باھادا، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 150 يۈەندىن 400 يۈەنگىچە، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 130 يۈەندىنمۇ تۆۋەن باھادا سېتىلىدىكەن.
11-ئايدىكى كۆپ قىسىم ۋاقىتتا، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچى—غۇلجا ئايروپىلان بىلىتىنى 129 يۈەنلىك باھادا ساتىدىكەن، 100 يۈەنلىك ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇش ھەققى بىلەن يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققىنى قوشقاندا جەمئىي 229 يۈەن بولىدىكەن. سېلىشتۇرۇپ كۆرگەندە، ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغىچە بولغان قاتتىق كارىۋاتلىق پويىز بېلىتى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 150 يۈەن، يۇقىرى بولغاندا 161 يۈەن (پويىز قېتىمى ۋە ۋاقتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن بېلەت باھاسى ئوخشاش بولمايدۇ) بولۇپ، نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلىتىدىن يۇقىرى بولىدىكەن.
مەنبە:ئەرقال تاراتقۇسى قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە قانچە سوم بولا......؟ بولسا ، 11 - ئاي ئىچىدىكى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايرۇپىلاننىڭ بىلەت باھاسىنى يوللاپ قويساڭلار ! ArslanTekin يوللىغان ۋاقتى 2014-10-31 00:04 static/image/common/back.gif
بولسا ، 11 - ئاي ئىچىدىكى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەر قاي ...
نەگە بارىسىز؟ بولسا ئاشۇ 129 يۈەنلىك غۇلجىنىڭ بېلىتىدىن ئىككىنى سېتىۋالسام بولىتى . ئاۋۇ 150 يۈەننى بىكارغىلا ئېلىۋالىدۇ دېسە. قەشقەر بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ بىلەت باھاسى ئەرزان بولسا بولىتى . يامان قىممەت :funk::funk: 11-ئايدىكى سەپىرىڭلار خەيرىلىك بولسۇن {:92:} sipartak يوللىغان ۋاقتى 2014-10-30 23:30 static/image/common/back.gif
قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە قانچە سوم بولا......؟
360 مەن بىلەت ساتىمەن..... ھازىر باھا راسلا تۆۋەب بىزگە كىلدىغان پايدىمۇ بەك تۆۋەن. يۇقۇردا دىيلگەن باھاغا يەنە ئايرۇدۇرۇم قۇرلۇش پۇلى 50 كوي بىلەن ماي يىقىلغۇ پۇلى 110 كوينى قوشىمىز... غۇلجىنىڭ يىقىلغۇ پۇلى ئەرزان 60 كوي .. باشقا يەرلەرنىڭ جەمئىي 160 كوي يىقىلغۇ پۇلىمۇ بالدۇرقىدىن 10 سوم چۈشتى.. قەشقەر ئۈرۈمچى بىلەت 360 ئۇرۈمچى ئاۋئئاتسىيە شىركىتىنىڭ، ئۈرۈمچى قەشقەر بىلەت ئەڭ ئەرزان بولغاندا 300 سوم چىقىۋاتىدۇ... قوشۇمچە پۇللىرى قوشۇلۇپ....... بۇيىل ئايرۇپېلان بىلتى بىر نەچچە ھەپتىنى ھېسابقا ئالمىغاندا بەكلا ئەرزان بولدى.... پايدىمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ چۈشتى .:)
قاچاندىن بىرى ئىنكاس تەستىقلندىغان بولدى جانابلار.. aptap1 يوللىغان ۋاقتى 2014-10-31 09:40 static/image/common/back.gif
قەشقەر بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ بىلەت باھاسى ئەرزان بولسا بول ...
360 ، 460 چىقۋاتىدىغۇ .. . . مۇشۇ توردىن بېلەت سېتىۋېلىش قەدەم باسقۇچلىرىنى بىر چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار ئەزىزلەر ساماننىڭ باھاسىنىڭ بۇنچە ئۆسۈپ كەتكىنىنى بىلمەي قاپتىمەن:lol ۋاقتىدا ئۇچسىلا بولاتتىدە، كەمىنە بالدۇر بارىمەن،-دەپ؛ كۇچادىن ئۈرۈمچىگە، ئۈچۈش ئەمەلدىن قالدى، كېچىكتۈرۈلدى...دەپ يۈرۈپ ۋاقىتى ھىسابىدا ئۈچ كۈندە كەپتىمەن.
جەنۇپ ئەۋئاتسىيىسى تازا ياخشى ئەمەسمۇ قانداق؟ توردا، نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ۋاقتىدا ئۇچۇش پىرسەنتى بار، يۈز، توقسەن بەش دېگەندەك.. مەنمۇ مۇشۇ«سامان نەرخى »دە قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە ئەرزانلا كىلىۋالدىم.
بەت:
[1]