qaptikax يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 14:48:25

سىز قانداق ياشاۋاتىسىز؟

ھەممە ئادەمنىڭ گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرى، ئۇلۇغۋار نىشان مەقسەتلىرى بولىدۇ، ئەمما تۇرمۇشتىن ئىبارەت كەڭ ۋە مۇرەككەپ سەھنە ئادەمنى نۇرغۇن رول ئېلىشقا قىستىغانلىقتىن بەزىدە ئادەم ئۆزىمۇ بىلىپ-بىلمەي، ئۆز خاراكتىرى ۋە مىجەر خۇلقىغا ماس كەلمەيدىغان رول ئېلىشقىمۇ مەجبۇر بولىدۇ،  بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ نىشانى بىر ياقتا قېلىپ، ناتونۇش بىر يولدا تەمتىرەپ مېڭىپ، نەگە بېرىپ نەدە توختاشنى ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان ئايىغى چىقماس سەپەر باشلىنىدۇ.
كىچىكلىكىمدە مەيدە يانچۇقىغا بەش ئالتە قەلەمنى قاتارىسىغا قىستۇرۋالغان كۆزەينەك تاقىۋالغان مۇئەللىملەرنى، يوغان قاسقان شەپكىسىنى كىيىپ ھەيۋەتلىك، مەغرۇر ماڭغان ساقچىلارنى، ئاپائاق خالىتىنى كيىپ، قۇلىغىغا تىڭشىغۇچ تاقىۋالغان دوختۇرلارنى، ئېسىل پىكاپلارغا ئولتۇرۇپ خىزمەت تەكشۈرۈشكە ماڭغان باشلىقلارنى كۆرسەم، مەنمۇ چوقۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ياراملىق ئادەم بولۇپ، ھەممە ھەۋەس قىلغۇدەك قالتىس ئادەم بولسامكەن دەپ ئويلاپ كېتەتتىم، ئايلار، يىللار ئادەمنىڭ ئارزۇسىغا باقماي ئۆتىۋېرىدىكەن، يىگىتلەرنىڭ ئاپئاق چىرايىغا ساقال-بۇرۇت، قىزلارغا قورۇق چۈشۈپ، كۈنسىرى قېرىۋاتقانلىقىمىزنى، ھاياتىمىزنىڭ دەقىقە مىنوتلاپ ئاز قېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدىكەن،
بۇنىڭدىن ئون يىل « 30 ياشتىن بۇرۇن مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش ياكى مەغلۇپ بولۇشنى بەلگىلەپ بولسىڭىز» دېگەندەك ماقالىلەرنى ئوقۇپ، « 30ياشقىچە بىر ئىشنىڭ پىشىنى ئوڭلاپ تۇتالمىسا ئۆزىنىڭ پىشانىسىدىن كۆرمەي كىمدىن كۆرىمىز» - دەپ ، بىر ئىككى بالىغا ئاتا بولۇپمۇ، ئۆزىنى تۈزەپ بولالمىغانلارنى مەسخىرە قىلغانىدىم، 24 يېشىمدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈردۈم، 27 ياشتا توي قىلدىم، 28 ياشتا بىر بالىغا ئاتا بولدۇم، ئويلاپ باقسام  ئارىدىكى بۇ ئون ئاققان سۇدەك ناھايىتى تېزلا ئۆتۈپ كەتتى، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بەش يىلغىچە چوقۇم ئۆي، ماشىنا مەسىلەمنى تولۇق ھەل قىلىۋېتىمەن دېگەنىدىم،  ئالدىنقى ئۈچ يىلدا يىغقان تەرگىنىم، ئاتا-ئانامنىڭ يىغقىنىنى قوشۇپ ئاران توي قىلىۋالدىم، قەرىز ئېلىپ بولسىمۇ ئۆي ئېلىۋالدىم، ئەمما  ماشىنا ئالالمىغان بولساممۇ، ئىككى چاقلىق موتۇسىكىلىتقا ئېرىشتىم،  « ئىككى كىشلىك مائاش بىلەن ئۆينى چوقۇم راۋرۇس تۇتۇپ كېتىمەنغۇ» دەپ ئيلىغان ئىدىم، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بولمىدى، تۈگىمەس ئادىمگەرچىلىك،  ئۆينىڭ چىقىمى، ئىككى چوڭ ئۆيدىكىلەرنىڭ ھالىدىن ھەۋەر ئېلىش، خوتۇننىڭ قىممەت باھالىق كىيىم غەلۋىسى بىلەن يەتتە مىڭ يۈەنگە يېقىن مائاش ئالىدىغان بۇ ئائىلىنى كۆڭلۈمدىكىدەك چۆرۈپ كېتەلمەستىن، چوڭلاردىن پۇل سوراپ خەجلىگىلى تاس-تاسلا قېلىۋاتىمەن. كوچا-كويلاردا كېتىۋېتىپ، ئەتراپتىكى باققاللارغا ، توۋلامچى سېتىمچىلارغا قاراپ كېتىمەن، بەزىلىرى بىلەن پاراڭلىشىپمۇ قالىمەن، ئۇلارنىڭمۇ ھالى ئۆزىگە چۈشلۇق ئىكەن كۈنىگە 100 يۈەن تاپاۋەت قىلالىسا شۈكرى دەيدىكەن، ئەمما مەن شۈكرى قىلاي دېسەممۇ شۈكرى قىلالمايۋاتىمەن. بەزى يېشىمىز تەڭ قۇرداشلىرىنىڭ يۇقىرى ئىستىماللىق ھالاۋەتلىك تۇرمۇشىغا، ئېسىل ماشىنىلىرىغا قاراپ ئۆزۈمگە باھا بېرىپ كېتىمەن، بۇنىڭغا خوتۇننىڭ كىيىم غەلۋىسى قوشۇلۇپ « خان بېسىمى»بولىدۇ. ئۆزۈمنىڭ ياراملىق ياكى يارامسىزلىقى ھەققىدە ئازاپلىق ئويلىنىشقا دۇچ كېلىمەن.
نۇرغۇن كىشى ئۈچۈن، زاۋۇت، كان-كارخانىلىرى ئاز، سودا تىجارەت تازا گۈللەنمىگەن، ئستېمال سەۋىيىسى يۇقىرى، قاتنىشى سەل قولايسىز جەنۇبىي شىنجاڭدا ھۆكۈمەتنىڭ تۆمۈر دەپتىرىدىن ئورۇن ئېلىپ، « ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى»نى يەپ، مۇقىم خىزمەت قىلىپ ئۆتۈش بىر خىل بەخت ھېسابلىنىشى مۇمكىن، ئەمما مەن بۇنداق ھېس قىلمىدىم. ئەتتىگىنى خىزمەتكە بېرىش، كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ بىكار لاغايلاش، ئاخشىمى تېلېۋىزور كۆرۈش ماڭا بارغانسىرى مەنىسىز تۇيۇلىدىغان بولۇپ كەتتى.يېقىندا مۇنداق بايانلارنى كۆردۈم، «20 يېشىڭىزدا پۇلىڭىز بولمىسا نورمال، 30 يېشىڭىزدا پۇلىڭىز بولمىسا بەلكىم ئائىلە شارائىتىڭىزنىڭ سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن. 40 يېشىڭىزدا پۇلىڭىز بولمىسا سەۋەبىنى پەقەت ئۆزىڭىزدىن ئىزدىمەي ئامال يوق».  بۇ بايانلار مېنى خېلى چۆچىتىپ قويدى.
ھۆكۈمەتنىڭ تۆمۈر تاۋىقىدىن ئاش يەۋاتقان « ئايلىقچى» دوستلىرىم، سىلەر قانداق ياشاۋاتىسىلەر؟  خىزمەتتىن باشقا نىمە ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتىسىلەر؟ خەنزۇ تىلى، كومپىيۇتېر بىلىدىغان، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن، جەنۇبىي شىنجاڭ شارائىتىدا ئىشتىن سىرىت قانداق ئىشلارنى قىلغاندا ئىگىلىك تىكلىگىلى ھېچ بولمىغاندا قۇشۇمچە كىرىم قىلغىلى بولىدۇ؟  تورداشلار بىلەن مۇشۇ ھەقتە پاراڭلىشىپ باقسامكەن دەيمەن.



تولۇقلىما مەزمۇن (2014-10-31 14:41):
مۇمكىن بولسا ياشرا چوڭراق، ئۆز ئەقىل پاراسىتى بىلەن ئۇتۇق قازانغان قېرىنداشلىرىمىز ئىنكاس قايتۇرساڭلا

function يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 00:39:48

ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ مەن بايقىغان ئالاھىدىلكىرى:
1. مۇئاشى بۇ ئايدىن ئۇ ئايغا ئۇلاشمايدۇ
2. زور كۆپچىلىكىنىڭ قەرزى بار
3. زور كۆپچلىكى شۇ خىزمەتكە مۇستەھكەم باغلىنىپ كەتكەن، ئايرىلىپ قالسا ياشىيالمايدىغاندەك ھېس قىلىدۇ
4. كەسپى ئورۇندىكىلەرنىڭ ئىشى سامانەك جىق،  مەمۇرىي ئورۇندىكىلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى بارمىكى دەي دېسە تىلغا ئالغۇدەك ئىشى يوق، يوق دەي دېسە باردەك...
5...

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 01:31:11

كىمدە يوق بۇ خەم  بۇگۇن خوتون قىشلىق كىيىمنىڭ خەلۋىسىنى قىلىپ بىشەملىك قبپتى بىر شاپىلاق ئۇرۇپ چىكەتكەن  تالا شۇنداق سوغوق بىرخىل ئچىم پۇشۇپ قالدى  ئويلىسام ھەر يىلى كۇز پەسلىدە ھاۋا سوۋىغاندا بىرخىل چۇشكۇن بوپ قالدىكەنمەن ئچىم سىقىلىش پۇشۇش دىگەندەك

bura010 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 02:00:51

مەن ‹‹داشقازاندىن››ۋاز كىچپ سودا قلۋاتقلى نەچچە يل بولدى.ئەمما ئىشلار كۈڭۈلدىكدەك بولمايۋاتدۇ ..ھەي نىمە دىسەم بۇلار.. شۇنداق كۆپ گەپلرىم بار ئىدى.. ئەمما سورۇن مۇۋاپق كەلمەيدىغان چىراي .. بۇ تىمڭىزنى ياقتۇردۇم قېرىندىشم ..بۇ تىمڭىزغا بىرىنچى بۇلۇپ مەن ئىنكاس يېىزىپتمەن. سىزگە دىسەم مۇشۇ يللاردا ھەممىزنڭ ھالى چاغلق .
دۆلەت مەمۇرلرى ۋە كەسپى ئۇرۇنلاردىكى مۇتلەق كۆپ قىسم قېرىنداشلرىمىزنڭ ئەھۋالى سىزگە ئوخشاش.
پەقەت ئازساندىكى ئەمەلدارلارنڭ ھال كۈنى يامان ئەمەس شۇ.. ئۇلار ئەڭ بولمغاندا‹‹ خەقلەر يەپ ئىشپ قالغان ئاشنى يىيش
ياكى قاچنى يالاش پۈرىستگە ئىرىشۋاتدۇ››ئەمما بۇمۇ ئاسان كەلمەيدۇ .نۇرغۇن قېرىنداشلرىڭىزنڭ قان تەرى ۋە كۆز يېشى بەدىلگە كەلگەن بۇ بايلقمۇ قانداق كەلگەن بولسا شۇنداق كىتدىغان چىراي  

rose16 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 08:56:13

بىر ئىككى يىلدىن بۇيان دۇكان ئېچىپ تىجارەت قىلىۋاتقانلارنىڭ كۈنىمۇ بەك تەسلىشىپ كېتىپ بارىدۇ. پۇل قايانغا ئېقىپ كىتىۋاتىدىكىن تاڭ. تىجارەت قىلىۋاتقانلار مائاشلىقلارنىڭ كۈنى ياخشىدەك ھېس قىلىپ كېتىپ بارغان...

wuyyu يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 08:57:54

شىن يۇڭ كا خەجلەۋاتىمىز...

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 09:02:39

wuyyu يوللىغان ۋاقتى  2014-10-31 08:57 static/image/common/back.gif
شىن يۇڭ كا خەجلەۋاتىمىز...

{:92:} پوچىلىقىنى.

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 09:04:29

مەن شۇ ئايلىق ئىش ھەققىمنى 30كۈنگە بۈلۈپ ياشاۋاتىمەن{:87:}{:87:}ئەتە ئۈچۈن تۈزۈپ قويغان نۇرغۇن پىلانلىرىم بار،بىراق شۇ بۈگۈندىن ئېشىنالمايلا ئۆتۈپ كىتىۋاتىمەن،بەزىدە خوتۇنغا چاقچاق قىلىپ دەپ قويىمەن:سەن بىلەن توي قىلىپ بالىلىق بولمىغان بولسام يا كۇلىيچى بولاردىم،يا سودىگەر بولاردىم،يا بولمىسا چېگرادىن قاچارتىم دەپ:lol:lol:lolدىمىسىمۇ جان باقماق تەسلىشىپ كەتتى،ئىككى بالامغا قاراپ ئويلىنىپ قالىمەن،مەنغۇ مۇشۇنچىلىك ياشاپتىمەن،سىلەر مىنىڭ يېشىمغا كەلگەندە تەغدىرىڭلار قاندان بۇلۇپ كىتەر دەپ ئۇھسىنىمەن،بەزىدە ئويلاپ قالىمەن:بىر ھىساپتا يەككە -يىگانە يالغۇز ياشاشمۇ بولىدىغان ئادەتكەن دەپ.....................................

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 09:26:18

wuyyu يوللىغان ۋاقتى  2014-10-31 08:57 static/image/common/back.gif
شىن يۇڭ كا خەجلەۋاتىمىز...

ۋۇييۇ

safiya816 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 09:27:04

قارىسا ھەممە ئادەمنىڭ كۈن ئالمىقى تەسلىشىپ كەتكەندەك، ئالىي مەكتەپتە شۇنچە تىرىشىپ ئوقۇغانغا چۇشلۇق «تۆمۈر تاۋاق' قا باغلىنىپ قالغىنىمنى ئويلىسام تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن،  ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغىنى ئۆگەنگەنلىرىمنىمۇ يەپ بولاي دىدىم مانا...
لىكىن شۇنچە سوغۇقتا تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە كىچىككىنە بالىلىرىنى يېنىدا ئولتۇرغۇزىۋېلىپ ئۇششاق تىجارەت قىلىۋاتقانلارنى كۆرسەم، يەنىلا ھازىرقى كۈنۈمگە شۈكرى دەيمەن، گەرچە شۇ مۇئاشتىن باشقا كىرىمىمىز بولمىسىمۇ، ئادەتتە ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئائىلە باشقۇرۇپ، قىممەت كىيىم دەپ ئىرىمنىڭ بېشىنى ئاغرىتماي، بارىغا شۈكرى دەپ ياشاۋاتىمەنغۇ شۇ

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 09:36:10

wuyyu يوللىغان ۋاقتى  2014-10-31 08:57 static/image/common/back.gif
شىن يۇڭ كا خەجلەۋاتىمىز...

ۋۇييۇ

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 09:39:39

بىزنىڭ  بىر  يىگىرمە  يىللىقتىن  ئارتۇق  خىزمەت  سىتاژى بار بىر  ئەپلەندى مۇشۇ 20نەچچە  يىلدا بىر  ئۆي ئاپتىمەن مىنىشىم  بىر  موتو ماشىنىغا  چىكەتمىدىم بانكىدىكى  پۇل 3تۈمەنگە ئاران  ئۇلىشىدۇ  دەپ  قاقشاپ  بىرىپتىكەن دادامغا .شۇنى  ئاڭلاپ  تۇسىمۇ يانا بىر مەمۇر  بوساڭ  بولىتى  دەپ  تۇرىدۇ

niyat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 09:41:10

مەنمۇ نەق مۇشۇنداق ياشاۋاتىمەن … ئارتۇق گەپنى قىلسا كۆڭۈل يېرىم بوپ قالىدىغان گەپكەن … شۈكرى …ئاللە

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 10:54:16

پارتىيە مەكتەپتىن بىر خىزمەت چىقىپ قېلىۋاتىدۇ، قانداق قىلاي؟:lol

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 11:24:17

سىز قانداق ياشاۋاتىسز؟تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز،رەھمەت!

qaptikax يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 13:46:04

قېرىنداشلار، قارسىام ھەممىزنىڭ ئەھۋالى ئوخشاشتەك، مېنىڭچە جېنىمىز تېنىمىزدە، ئەركىنلىكىمىز قولىمىزدىلا بولىدىكەن، تىرىشساق بولاتتى، ھەي، قەرىز قايتۇرۇپ، ئازغىنە مائاشنى قىسىپ يۈرۈپلا ئۆتەرمىزمۇ، دۇنيا بىۋاپا دۇنيا،    مۇشۇ تېمىدا ئوبدانراق پاراڭلىشىپ باقساق بولاتتى.

qaptikax يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 14:45:16

safiya816 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-31 09:27 static/image/common/back.gif
قارىسا ھەممە ئادەمنىڭ كۈن ئالمىقى تەسلىشىپ كەتكەندەك، ...

كۆز ئالدىكى قىينچىلىقنى كۆرۈپ تۇرۇپ، قىممەت باھالىق كىيىم غەلۋىسى قىلىدىغان ئايال زادى قانداق ئايال كىشىدۇ؟

qaptikax يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 14:54:13

bura010 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-31 02:00 static/image/common/back.gif
مەن ‹‹داشقازاندىن››ۋاز كىچپ سودا قلۋاتقلى نەچچە يل بو ...

ئاشۇ يۇقىرى ئىستىماللىق كىشىلەر پۇلنى نەدىن سۈپۈرۈپ كېلىدىغاندۇ دەيمەن، سىز تىجارەتچى ئوخشايسىز، ئوخشاش بىر مەھسۇلاتنى سېتىۋالماقچى بولساق تاس قالىمىز توردىكى باھاسىدىن بىر ئىككى ھەسسە باھادا قىممەت ئالغىلى، ئايال كىشىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىغۇ خوتەندە ناھايىتى قىممەتكەن، شۇڭا خوتۇن بىلەن بازار چۆرگىلەشكىمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالدىم. شۇنىڭغا قاراپ تىجارەتچىلەرنى تازا بايمىكىن دەپ ئويلايتتىم، سىلەرنىڭمۇ ئۆزەڭلەرگە چۇشلۇق دەردىڭلار باركەن،

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 14:55:48

يىرتىپ ياشاۋاتىمەن .

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 15:17:47

dawanqi يوللىغان ۋاقتى  2014-10-31 09:26 static/image/common/back.gif
ۋۇييۇ

{:181:} {:181:} {:194:}  تولا كۈلۈپ چىشىم چۈشۈپ قالىدىغان بولدى بۇ ئىنكاسقا
بەت: [1] 2 3 4
: سىز قانداق ياشاۋاتىسىز؟