choice يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 10:50:17

گەر چۈشەنمىسەڭ مەن رەنجىمەيمەن

گەر چۈشەنمىسەڭ مەن رەنجىمەيمەن.(مويەننىڭ  شۇ ناملىق شېئىرىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىندى)

پىنھانلار باركى ھەركىمگە تالىق
ھىچكىم كىرەلمەس، ئۆزى چىقالماس.
ھاڭدەك چوڭقۇركى  كۆڭۈل سىرلىرىم،
گەر چۈشەنمىسەڭ مەن رەنجىمەيمەن.

يارىسى باردۇ يەنە ھەركىمنىڭ
بەزىسى يەڭگىل ، بەزىسى ئېغىر
تېڭىقتا تاڭغانغا  كۆرمەي قالدىڭسەن
ئەمما يارىلاردا قان ئىزلىرى بار
گەر چۈشەنمىسەڭ مەن رەنجىمەيمەن.

ھەركىمنىڭ باردۇ  ئاشىق سۆيگۈنى
مۇھەببەت كويىدا سەرسان بولغىنى
يالقۇنلىرىمنى يوشۇرۇپ قويدۇم،
گەر چۈشەنمىسەڭ مەن رەنجىمەيمەن

ھەركىمنىڭ باردۇر ئاچچىق كۆز يېشى
كەچمىشتۇر ئۇنىڭ ھەر بىر تامچىسى
ئازاپلىرىمنى يوشۇرۇپ قويدۇم
گەر چۈشەنمىسەڭ مەن رەنجىمەيمەن.

ھەركىمنىڭ باركى ئاشىق خەتلىرى
يۈرەكنىڭ توختاۋسىز دۈپۈلدەشلىرى
لىرىكىلىق يۈرەك سۆزلەرنى قەيەرگە تۆكتۈم
گەر چۈشەنمىسەڭ مەن رەنجىمەيمەن.

سەن يوق چاغلاردا سۆيگۈم كۈچلىنەر
شۇئۈچۈنكى سۆيگىنىمنى بىلەلمىدىڭسەن
يالغۇزلىقىمنى ھىچ بىر بىلمىدىڭ،
سەنسىز قالغىنىمدا  ئەڭ يىگانىمەن

بەلكىم ھەسرەتلىرىمنى يوشۇرۇپ يۈرەرمەن،
ۋە بەلكىم يارامغا داۋا ئىستەرمەن،
باقسام  خىياللىرىڭ ئەينىكدە—
بىر ئۆزىنىلا سۆيىدۇ دەپسەن
شۇ سەۋەپ ھىسلىرىمغا پەرۋا قىلمايسەن.
ئويلايپسەنكى يارىلىرىم تېزلا ساقىيىپ
«شۇنداق ئاسانلا» ئەسلىگە كېلىمەن

يامغۇرلۇق يوللاردا، قۇياش نۇرىدا
پاتقاق ئىچىدە، شاماللار ئارا
ھەممىسىدە ئىزلىرىم قالدى
گەر چۈشەنمىسەڭ مەن رەنجىمەيمەن.

كەڭ قورساقلىقىمنى كۆز كۆز قىلمايمەن
كۆز كۆز قىلماسمەن مەردلىكىمنى ھەم
سەن بىلەن بىلدىمكى يەنە شۇلارنى
ناۋادا مۇھەببەت ھىسلىرى ئۆلسە
ئەيىپلەشكىمۇ ئورۇن قالماسكەن.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 18:48:06

شىئىرنى تەرجىمە قىلسا نەسىر بولۇپ قالمامدىغاندۇ دەپ ھەيران قالاتتىم بۇرۇن

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 08:09:34

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2014-10-30 18:48 static/image/common/back.gif
شىئىرنى تەرجىمە قىلسا نەسىر بولۇپ قالمامدىغاندۇ دەپ ھ ...

{:147:} يەنىلا نەسىردەك تۇرامدۇ
بەت: [1]
: گەر چۈشەنمىسەڭ مەن رەنجىمەيمەن