tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 08:44:51

ئۇيغۇرلارنىڭ قايماق تارىخى

قايماق- كالا ، ئۆچكە ، قوي قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ سۈتىدىن ئېلىنىدىغان ھەر خىل ۋىتامىنلارغا تويۇنغان بىر خىل ئەلا سۈپەتلىك ياغ بولۇپ ، ئۇ قەدىمكى ۋە بۈگۈنكى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە بىرىنچى دەرىجىلىك ھۆل تەبىئەتلىك ئىسسىق بولۇپ ، كونىرىغانچە ئىسسىقلىقى بىلەن ھۆللۈكى كېمىيىدۇ ۋە سەپراغا مايىل بولىدۇ ، دەپ قارالغان . بۇ ئەلا سۈپەتلىك ياغ ماددىلارنى پىشۇرۇش ، بەدەننى سەمرىتىش ، توسالغۇلارنى ئېچىش ، گالنىڭ يىرىكلىكىنى يوقىتىپ ، ئاۋازنى ساپ قىلىش ، قۇرۇق يۆتەلنى پەسەيتىش ، ئىچكى – تاشقى ئىششىقلارنى تارقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە دەپ قارىلىپ ، شۇ خىل كېسەلگە بۇيرۇلىدۇ .
قايماق يۇقارقىدەك ئەلا سۈپەتلىك دورىلىق قىممىتى بىلەن قەدىمكى زامانلاردا ئوتتۇرا ئېقلىم تېۋىپلىرىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتقان . جەنۇبىي سۇلالىلەر دەۋرىدە ئۆتكەن تاۋخۇڭجىڭ دېگەن كىشى غەربىي يۇرت تېۋىپلىرى ھەققىدە يازغان ‹‹ مەشھۇر تىۋىپلار خاتىرىسى ›› ناملىق ئەسىرىدە غەربىي يۇرتتىن كىرگەن داڭلىق دورا قايماق ھەم ئۇنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيىتىنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرا ئېقلىم تىۋىپلىرىغا تونۇشتۇرغان .
مىلادىيە 6 – ۋە 7 – ئەسىرلەردىن باشلاپ ، يىپەك يولىنى بويلاپ شىنجاڭدىن ئوتتۇرا ئېقلىمغا ئېلىپ بېرىلغان تىببى دورا – دەرمەكلەر قاتارىدا قايماقمۇ ئىچكىرى جايلارغا تونۇلغان . ھەتتا ‹‹ ئاممىباپ ماقالىلەر ›› قاتارلىق كىتاپلاردا قايماقنى ‹‹ غەلىتە يېمەكلىك ›› دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئاتاپ ، قايماقنى تىۋىپلاردىن باشقىلار چۈشەنمەيدىغانلىقى يېزىلغان .
تاڭ دەرۋرىدە قەشقەردە تۇغۇلغان بۇددىزم تەرجىمەشۇناسى ، نوم – تەپسىرلەر شەرھى ئۇستازى پىرخۇيلان ‹‹ بارلىق نوم تەپسىرلىرى ›› ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە قايماق ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن . شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تېۋىپ خەنباۋ ‹‹ يەن دورىگەرلىكى ›› دېگەن كىتابىدا ، ‹‹ قايماق مايغا ئوخشاش بولۇپ ، قىشتا ئۇيۇمايدۇ ، يازدا ئېرىپ كەتمەيدۇ ، غەربىي دىياردىن كېلىدىغان ئېسىل دورا بولغاچقا ، ئاز پۇلغا سېتىۋالغىلى بولمايدۇ ›› دەپ يازغان .
شىنجاڭدىن چىقىدىغان قايماق مىلادىيە 6 – ۋە 7 – ئەسىرلەردىن باشلاپ ئوتتۇرا ئېقلىم تېۋىپلىرىنىڭ تېببىي ئەسەرلىرىدە كۆرۈلۈپ ، ‹‹ ئېسىل دورا ، قالتىس شىپالىق ، ھەممە دورىلاردىن ئەلا ›› دېگەندەك ماختاشلارغا سازاۋەر بولۇپلا قالماي ، بەلكى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە تەرجىمە قىلىنغان بۇددىزىم نوم – سۇترالىرىدىمۇ ‹‹ ئۇيغۇر قايمىقى ›› دېگەن نام بىلەن ياخشى ئىش ، ياخشى ئادەملەرگە تەمسىل قىلىدىغان ئادەتمۇ شەكىللەنگەن .
شىنجاڭنىڭ قايمىقى يەنە ياپونىيىگىمۇ تارقىلىپ ، قالتىس شۆھرەتكە ئېرىشكەن . مەسىلەن : تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى ۋە بەش دەۋرى مەزگىلىدە ياپونىيىنىڭ 60 – ئەۋلات پادىشاھى ئۆزىگە ‹‹ قايماق ›› دەپ ئىسىم قويغان . بۇ سۆز ئەڭ ياخشى پادىشا دىگەن مەنىنى بىلدۈرگەن . مىلادىيە 5 – ئەسىرگە كەلگەندە قايماق دورىلىق بۇيۇم سۈپىتىدە يىپەك يولى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئېقلىمغا تارقىلىپ ئىشلىتىلگەن . مىلادىيە 8 – ۋە 9 – ئەسىردە شىنجاڭنىڭ قايماقلىرى يىپەك يولى ئارقىلىق تاكى ياپونىيىگە تارقىلىپ بارغان .
ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە قايماق ئىزچىل ئىشلىتىپ كېلىنگەن ۋە نۇرغۇن رېتسىپلارغا كىرگۈزۈلىشى بىلەن بىللە ، دورا – دەرمەكلەرگە ئارىلاشتۇرۇپ ، ئىستېمال قىلىشمۇ تەۋسىيە قىلىنغان . مەسىلەن : قايماقنى مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل بىلەن يىسە ، كۆكرەكتىكى ئارتۇق خىلىتلارنى پىشۇرۇپ چىقىرىدۇ . قايماقتا سۈتنىڭ تەركىبىدە بولىدىغان ۋېتامىنلار ، يەنى نىكوتىن كىسلاتاسى ، كاروتىن قاتارلىق ۋىتامىنلار بار
مەنبە:يىمەك- ئىچىمەك تورى

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 09:13:55

تارىخىنى ئاز دەپ قويۇپتىمۇ نىمە؟ (ماقالىنى خەن يازغاندەك بىلىندى شۇڭا...:shutup:) ===============
بايقاش تورىنىڭ خەۋىرىدىن كۆرە، لوپنۇر رايۇنىدىكى كىچىك دەريا (ساي) قەبرىستانلىقىدا بايقالغان مەلىكىنىڭ بوينىدا بىر تىزىق قايماق ئېسىغلىق تۇرغان. بۇ مەلىكىنىڭ تارىخىيېشى 3600يىل . خەن-تاڭ سۇلالىرى كېيىنكى گەپلەر {:90:}

http://news.discovery.com/history/archaeology/lumps-of-oldest-cheese-found-on-mummies-necks-140227.htm

albAX يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 15:03:01

« مەلىكىنىڭ بوينىدا بىر تىزىق قايماق ئېسىغلىق تۇرغان.   »قايماق ئەمەس قايماق قۇرۇت دىيىلىشى توغرا بولسا كىرەك .

isyankar731 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 15:55:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   isyankar731 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-10-30 15:59

albAX يوللىغان ۋاقتى2014-10-30 15:03 static/image/common/back.gif
« مەلىكىنىڭ بوينىدا بىر تىزىق قايماق ئېسىغلىق تۇرغان.   ...


مۈچۆلۆمۇ يا؟

albAX يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 15:57:01

isyankar731 يوللىغان ۋاقتى2014-10-30 15:55 static/image/common/back.gif
قايماق ئەمەستەك قىلىدۇشۇ !قۇرۇتمۇ ياكى مۈچۆلۆدەك قى ...

مۈچۆلۆ دىگەن نىمە ئەمدى ؟

isyankar731 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 16:01:15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   isyankar731 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-10-30 16:24

albAX يوللىغان ۋاقتى2014-10-30 15:57 static/image/common/back.gif
مۈچۆلۆ دىگەن نىمە ئەمدى ؟

مەن خاتالىشىپ قاپتىمەن...ھازىرئاپامغا تېلفون قىلىپ سورىۋىدىم ، ئاپاممۇ مۈچۆلۈنىڭ تەييارلىنىش جەريانىنىتەپسىلي ئۇقمايدىكەن، شۇڭا تاغدىكى تۇغقانلارغا تېلفون قىلىپ سوراپ بىلىۋالدىم.قۇرۇت بىلەن مۈچۈلۆ ئىككىسىنىڭ خام ماتېرىيالى ۋە تەييارلىنىش جەريانى ئازراق پەرقنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئاساسەن ئوخشاشكەن.. بىزنىڭ تاغدىكى ئۇيغۇرلار مۈچۈلۆ دەيدىكەن ، قازاقلار قۇرۇت دەيدىكەن...قازاقلارنىڭ ياسىغىنىنىڭ رەڭگى ئاققا مايىلراق ، تەمىچۈچۈمەل ،ئۇيغۇرلانىڭ ياسىغىنىنىڭ رەڭگى مېغىز رەڭگە مايىلراق، تەملىك! قازاقلارنىڭ ياسىغىنىدەك چۈچۈمەل ئەمەس..يۇقىرقى پەرىقلەر سەۋەبلىكمەن كىچىكىمدىن تاكى بۈگۈنگىچەمۈچۈلۆبىلەن قۇرۇت ئايرىم يېمەكلىك دەپ بىلىپ كەپتىمەن...

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 16:55:28

albAX يوللىغان ۋاقتى2014-10-30 15:03 static/image/common/back.gif
« مەلىكىنىڭ بوينىدا بىر تىزىق قايماق ئېسىغلىق تۇرغان.   ...

قايماقنى قۇرۇتسا قۇرت بولىدىغاندۇ،:lolئەينى زاماندا بۇ نەرسە بىرەر قۇت سىمۇۋۇلى بولسا كىرەك .
بۇ خەۋەر بۇ يىل خېلى غۇلغۇلا قوزغىغان :
دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمى قۇرت تېپىلدى
世界上最古老的奶酪被发现
http://tech.sina.com.cn/d/2014-03-04/09459209923.shtml

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 17:43:53

قۇرۇت،سېرىق ماي،قايماق( خام قايماق، پىششىق قايماق )، سۈزمە،ئېرىمچىك،قېتىق{:87:}نىمە پەرقى بار زادى ...
خەنسۇچە 奶酪,干酪 دىگىنى قۇرۇتمۇ ياكى ئېرىمچىكمۇ ؟
ماۋۇ سۈرەتتىكىسىچۇ ؟

ئېرىمچىك تۈرلىرىدە ئىتالىيەلىكلەر ئەڭ ئۇستىمىكىن، ھەرۋاق تامىقىدا چوقۇم بار، تۈرلىرى نەچچە يۈز خىل. ئىنگىلسچە
cheese دەپ قويىدىكەن.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 18:20:22

   قۇرۇتنىڭ گېپى چىقسىلا مەمەتتۇسناخۇنىكام ئىسىمگە كىلىۋالىدۇ:L    @Birzat

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 18:22:43

qassap يوللىغان ۋاقتى2014-10-30 18:20:22 static/image/common/back.gif
   قۇرۇتنىڭ گېپى چىقسىلا مەمەتتۇسناخۇنىكام ئىسىمگە كىل
:o:o:o

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 18:35:24

qassap يوللىغان ۋاقتى2014-10-30 18:20 static/image/common/back.gif
قۇرۇتنىڭ گېپى چىقسىلا مەمەتتۇسناخۇنىكام ئىسىمگە كىل ...

تورداشلار دۇكانغا كەلسە سوراپ قويىدۇ، قاسساپ قۇرتنى ئەكىلىپ بەردىمۇ ، قوتاز گۆشىنىچۇ دەپ. ئىشقىلىپ يىل ئۆرۈلگىچە بىر گەپ بولامىكىن دەپ قويغاچ تۇردۇم.:lolباللىرىممۇ سوراپ قويىدۇ تاغلىق قاسساپ توردىشىڭ ئاكاش قايماقلىق قۇرتنى تېخىچە ئەكەلمىدىما دەپ. :lol
ھازىر سوغۇق چۈشۈپ قوتاز موزىيىنىڭ گۆشىنى يەيدىغان ۋاقىت كىلىپ قالغان ئىدى.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 18:37:05

ئەتىلا بىر غەيرەت قىلىۋېتىدىغاندەك تۇرامسىلە نېمە ئەلپازىڭلاردىن{:87:}{:92:}

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 20:21:41

يەرلىك قۇرۇت تېپىش تەسلىشىپ كەتتى.بۇرۇنلاردا ئۆيدە خالتا خالتىدا تۇرىدىغان.قىرغىزىستاننىڭ قۇرۇتلىرىنى يىمەيلا ھەقىچان. :lol   سەۋىر قىلىپ تۇرسىلا.:L

nur000 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 08:32:27

بۇرۇنلاردا ئۆيدە خالتا-خالتىدا يىل بويى تۇراتتى ھازىر بازارلاردىنمۇ ئالدىراپ تاپقىلى بولمايدىكە قۇرۇتلارنى

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 13:30:37

nur000 يوللىغان ۋاقتى2014-10-31 08:32 static/image/common/back.gif
بۇرۇنلاردا ئۆيدە خالتا-خالتىدا يىل بويى تۇراتتى ھازىر...

غۇلجىدا قۇرتنىڭ دانىسى 5كوي بولۇپ كەتتى ھازىر، بۇرۇن بەك ئەلۋەكچىلىكتى...
بەت: [1]
: ئۇيغۇرلارنىڭ قايماق تارىخى