heqteyur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 08:25:33

#NET C. مۇھىتىدا WebService قۇرۇش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار:بۈگۈنكى يازمىمىزدا .NET C# مۇھىتىدا WebService قۇرۇش توغرىسىدا توختىلىمىز.(ئەلۋەتتە VB.NET مۇھىتىدا يازساڭلارمۇ ئوخشاش، كۆپ پەرق يوق)WebService دېگىنىمىزنى قىسقىچە مۇنداق چۈشەندۈرەي، يەنى بىز WebService دىن پايدىلىنىپ ئوخشاش بولمىغان سۇپا، ئوخشاش بولمىغان تىل، ئوخشاش بولمىغان پروگراممىلار ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى ناھايىتى قولايلىق ھالدا ئىشقا ئاشۇرالايمىز. بۇ ئۇچۇر ئالاقە كۆپىنچە تور مۇھىتىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. چۈنكى WebService بولسا Http كېلىشمى ئاساسىغا قۇرۇلغان SOAP دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئۇچۇر ئالاقە كېلىشى ھىسابلىنىدۇ. ئەگەر WebService توغرىسىدا تېخىمۇ ئىنچىكە ئۇقۇمغا ئىگە بولماقچى بولساڭلا ئىزدەش ماتۇرىدىن WebService دەپ ئىزدىسەڭلا تەپسىلى بايانلارغا ئىگە بولىسىلە، بىز بۈگۈن ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلدا WebService قۇرۇشنى ئۆگىنىپ چىقىمىز.ئالدىن بىلەن VS2013 نى قوزغىتىپ يېڭى تور پروگراممىسى قۇرۇش دېگەن تۈردىن تۆۋەندىكىدەك تاللاپ بىر قۇرۇلۇش قۇرىمىز.ئاندىن تۆۋەندىكى تاللاش بويىچە قۇرىمىز.بۇ يەردە شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەك، يەنى .NET نىڭ 2.0 نەشرىنى تاللايمىز، بۇنداق قىلىشىمىزدىكى سەۋەپ 4.0 نەشرىدە ASP.NET Web Service نىڭ ئورنىنى تېخىمۇ يېڭى بولغان WCF دېگەن تېخنىكا ئىگەللىگەن، ئەلۋەتتە 4.0  ھالەتتە تىمۇ ASP.NET Web Service قۇرۇشقا بولىدۇ، ئەمما يول سەل ئەگرى، ئەمدى نىمىشقا WCF نى سۆزلىمەي بۇ ۋاقتى ئۆتكەن Web Service نى سۆزلەپ قالدىڭىز دېسەڭلا، ئەمەلىيەتتە Web Service نىڭ ھەرگىزمۇ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتمىدى، يەنە نۇرغۇن ساھەلەردە ئىشلىتىلىپ كېلىنىۋاتىدۇ، يەنە كېلىپ ئىشلىتىشنى ئۆگىنىش WCF قا قارىغاندا كۆپ ئاسان، .NET مۇھىتىدىن باشقا ساھەلەردىمۇ مەسىلەن Java,PHP دېگەندەك مۇھىتلاردىمۇ داۋاملىق ئىشلىتىلىۋاتقان تېخنىكا ھىسابلىنىدۇ. گەپ ئارىلاپ كېتىپ قالدۇق، داۋام قىلايلى ئەمىسە.تاللاشنى يۇقۇرىدا رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك تاللاڭ، قۇرۇلۇشقا ئىسىم قويۇپ جەزم قىلساق قۇرۇلۇش تۆۋەندەكىدەك قۇرۇلغان بولىدۇ.بۇ يەردە VS بىز ئۈچۈن بىر دانە WebService ھۆججىتى قۇرۇپ بەردى، يەنى Service.asmx   دېگەن ھۆججەت شۇ بولىدۇ، ھەم ئىچىگە بىر تال WebService فۇنكىسىيەسى قۇرۇپ بەردى، يەنى HelloWorld دېگەن شۇ، قارىساقلا بىلىمىزكى، WebService فۇنكىسيەسىنىڭ ئادەتتىكى فۇنكىسىيەدىن كۆپ پەرقلىق يېرى يوق، پەقەتلار فۇنكىسىيەنىڭ ئۈستىدە دەيدىغان بەلگىسى بار، مۇمۇ بەلگە ئارقىلىق، ئادەتتىكى مۇشۇ كىلاس ئىچىدە ياكى تۈر ئىچىدە ئىشلىتىدىغان فۇنكىسيە بىلەن سىرتقا WebService ئېغىزى قىلىپ ئېچىپ بەرمەكچى بولغان فۇنكىسىيەلارنى ئايرىۋالىمىز، يەنى ئەگەر دېگەن بەلگىنى قويمىساق بۇ فۇنكىسيە سىرتقا قارىتا ئېچىلغان بولمايدۇ.ئەمدە بىز بۇ تۈرنى ئادەتتىكى تور پروگراممىسى تۈرىنى قوزغاتقاندەك قوزغىتىپ باقايلى.تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئۇسۇلدا قوزغاتساق بولىدۇ.قوزغاتقاندىن كېيىن كومپيۇتېردىكى تور كۆرگۈچ قوزغىلىپ مۇنۇ بەت ئېچىلىدۇ.تور كۆرگۈچنىڭ ئادرېس ئورنىدىنلا بىلىۋالالايسىلە بۇ ئادەتتىكى تور پروگراممىسىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، (ئەمەلىيەتتىمۇ ئاساسەن ئوخشاش)، بۇ يەردە پەقەت يەرلىكتە سىناۋاتقان بولغاچقا ئاشۇنداق غەلىتەرەك ئادرېس بېرىلگەن. Service.asmx دېگىنى بولسا يۇقۇرىدىكى مەزمۇندا تىلغا ئالغان بىز قۇرغان WebService ھۆججىتى شۇ بولىدۇ، HelloWorld بولسا بىز بەلگىسى ئارقىلىق سىرتقا ئېچىپ بەرگەن ئېغىز فۇنكىسيەسى شۇ بولىدۇ. ئەمدى بىز HelloWorld دېگەن خەتنى بېسىپ سۇ فۇنكىسىيەنى ئىجرا قىلدۇرۇپ نەتىجىسىنى كۆرۈپ باقساق بولىدۇ.يەنى يۇقۇرىدىكى رەسىمدىكى 调用 دېگەن خەتنى باسساق HelloWorld دېگەن فۇنكىسىيەنى ئىجرا قىلدۇرغان بولىمىز، نەتىجىسى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك كۆرىنىدۇ.قىزىل رامكىغا ئېلىنغان مەزمۇن بولسا دەل شۇ HelloWorld دېگەن فۇنكىسىيەنى ئىجرا قىلدۇرغاندا قايتقان قىممەت بولىدۇ.شۇنداق قىلىپ ئەڭ ئاددىي بولغان بىر WebService قۇرۇلۇشىنى قۇرۇپ تەڭشەپ سىناش باسقۇچى تامام بولدى دېگەن سۆز. ئەمەلىي قوللىنىشتا VS قۇرۇپ بەرگەن WebService ھۆججىتىنى يەنى Service.asmx نى ئۆچۈرىۋېتىپ ئۆزىمىزدىن يېڭىدىن قۇرۇپ ئىشلەتسەكمۇ ياكى شۇنىڭ ئىچىگە داۋاملىق بەلگىسى بار فۇنكىسيەلەرنى قوشۇپ ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ، ئەگەر يېڭىدىن قوشماقچى بولساق تۆۋەندىكىدەك قوشىمىز:يەنى قۇرۇلۇشنىڭ ئۈستىدە مائۇسنى ئوڭ تەرەپنى بېسىپ يۇقۇردىكى تۈرلەر بويىچە تاللاپ تۆۋەندىكى كۆزنەكتىن مۇنداق تاللاپ ئىسىم قويۇپ جەزملەشتۈرسەك بولىدۇ:جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن KoklenWebService.asmx دېگەن نامدا بىر دانە WebService ھۆججىتى ھاسىل بولىدۇ. تۆۋەندىكىدەك:ئەمدى ئەمەلىي ئېھتىياجىڭلاغا ئاساسەن بەلگىسى بار فۇنكىسيەلارنى خالىغانچە قوشۇپ يازساڭلا بولىدۇ، دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىش، يازماقچى بولغان فۇنكىسىيەلارنى يۇقۇردىكى يېشىل رامكا ئىچىدە كۆرسىتىلگەن مۇناسىۋەتلىك مەنبە كود ھۆججىتى ئىچىگە يازساڭلا بولىدۇ، بۇ يەردىكى asmx ھۆججتىنى ئېچىپ قارىساڭلا ئىچىدە بىر قۇرلا مەزمۇن بار، يەنى قايسى مەنبە كود ھۆججىتى بىلەن باغلانغان ئىكەنلىكىلا يېزىلغان، شۇڭا بۇ يەرگە يۇقمايمىز.بارلىق WebService ھۆججىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئېغىز فۇنكىسىيەلارنى يېزىپ بولۇپ ئادەتتىكى تور پروگرامملىرىنى تورغا ئارتقانغا ئوخشاش يوسۇندا تورغا ئارتىپ ئېغىز تەمىنلەشنى باشلىساڭلا بولىدۇ.يۇقۇرىدا سۆزلەنگىنى WebService قۇرۇلۇشى قۇرۇش ۋە سىناش باسقۇچى بولۇپ، بۇ ئېغىزلارنى ئەمەلىي پروگراممىلاردا چاقىرىپ ئىشلىرىشنى ئايرىپ يەنە بىر يازمىدا سۆزلەيمىز.كۆكلەن بلوگىدىن ئېلىندى www.koklen.net

pirogrammer يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 14:01:48

بەلەن ئىشكەن بۇ، ئىنكاس ئارقىلىق ساقلىۋالاي
بەت: [1]
: #NET C. مۇھىتىدا WebService قۇرۇش