bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 07:59:01

NASA: خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا قاراپ ماڭغان راكېتا پارتلاپ كەتتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-10-30 08:06

خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا قاراپ ماڭغان راكېتا پارتلاپ كەتتى

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى

بۈگۈن (2014-10-29) ناسا نىڭ 1-قول باشلىقى چارلىس بولدېن (Charles Bolden)بارلىق ناسا خادىملىرىغا بىر پارچە ئېلخەت يېزىپ، 10-ئاينىڭ 28-كۈنى خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا چىقىرىلىدىغان «سىگنۇس» (Cygnus) ناملىق ئالەم ئۇچقۇرىنى ئېلىپ ماڭغان بىر راكېتا يەردىن قوزغۇلۇپ 10 سېكۇنت ئۆتكەندە پارتلاپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى .ھەمدە كائىناتقا ئالەم ئۇچقۇرى چىقىرىشنىڭ بىر ئىنتايىن قىيىن ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى، ناسا كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بەزىدە مۇشۇنداق ھادىسىمۇ يۈز بېرىپ قالىدىغانلىقىنى، بۇ قېتىم ھېچ قانداق ئادەم چىقىمى سادىر بولمىغانلىقى ھەممەيلەن ئۈچۈن بىر خوش-خەۋەر ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى.

بۇ راكېتا «ئوربىت ئىلىملىرى» (Orbital Sciences)دەپ ئاتىلىدىغان بىر خۇسۇسىي شىركەتنىڭ راكېتاسى بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىنىڭ ۋىرگىنىيە (Virginia) شتاتىنىڭ ۋاللوپس ئارىلىدىن ئېتىلغان.بۇ قېتىمقى ۋەقەدە بىرەرئادەم زەخمىلەنمىگەن.شۇنداقلا بۇ قېتىمقى يۈكنىڭ خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا ۋاقتىدا يېتىپ بارماسلىقى تۈپەيلىدىن ئۇ يەردە ئاشلىق ياكى ئىچىملىك يېتىشمەسلىكتەك باشقا بىرەر خەۋپمۇ يۈز بەرمەيدىكەن.لېكىن، بۇ قېتىم ئىشلىتىلگەن راكېتا ئېتىش ئۈسكۈنلىرى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان.

بۇ راكېتىنىڭ ئىسمى «ئانتارېس» (Antares) بولۇپ، بۇ خىلدىكى راكېتالار 2013-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ ئىشلىتىلىشكە باشلىغان.بۇ قېتىمقىسى ئاشۇ خىلدىكى راكېتىنىڭ بەشىنچىسى بولۇپ، بۇرۇنقى 4 قېتىمدا بۇنداق ۋەقە يۈز بېرىپ باقمىغانىكەن.بۇ قېتىمقى خەۋەرلەردە بۇ راكېتىنىڭ پارتلاپ كېتىش سەۋەبى ھەققىدە ھېچ قانداق مەزمۇن يوق ئىكەن (بۇ تېخى تۆنۈگۈن يۈز بەرگەن ۋەقە بولغاچقا، ناسا دىكىلەر ئۇنىڭ سەۋەبىنى تېخى تېپىپ چىقىپ بولالمىغان بولۇشى مۇمكىن).
ناسا بۇ يىل جەمئى 19 قېتىم خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا يۈك چىقارغان بولۇپ، بۇ قېتىم مەغلۇپ بولغىنى 20-قېتىملىق يۈك چىقىرىش مەشغۇلاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
تۆۋەندىكى رەسىملەردە كۆرسىتىلگىنى «ئانتارېس» راكېتاسىنىڭ بىر قانچە كۆرۈنىشلىرى.

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

Orbital’s Antares fails seconds after launch


Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 08:54:18

جوڭگۇنىڭمۇ مەغلۇپ بولۇپ باققانمىدۇ؟ ھېلىغىچە ھەممىسىلا مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى دەپ ئاڭلايمىز! مەغلۇبىيەت- مۇۋاپىقىيەتنىڭ ئانىسى دەيتۇق ، جوڭگۇنىڭ مۇۋاپىقىيىتىنىڭ ئانىسى نېمىدۇ؟

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 09:39:41

خەلقئارا ئالەم پونكىتى يەنە 5-6يىلدىن كېيىن براك قىلىنىپ تاشلىۋېتىلىسە، دۆلىتىمىز 0202-يىلى ئەتراپىدى ئۆزىنىڭ شەخسى ئالەم پونكىتىنى قۇرۇشنىپىلانلاپ مەزمۇت قەدەم بىلەن ئىلگىرلەۋاتسا، يېقىن كەلگۈسىدە ئالەم تېخنىكىسى جەھەتتە بىرىنجى ئورۇننىڭ ئىگىسى ئالمىشامدۇ نىمە؟ :lol
=======
«بايقاش» ناملىق ئالەم ئايرۇپىلانىدىن چاتاق چىققاندىن بېرى،بۇ پونكىتقا روسسىيەنىڭ «بىرلەشمە» ناملىق ئالەم ئايرۇپىلانى بىلەن ئوزۇق-تۈلۈك يەتكۈزەتتى، روسسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بۇزۇلغاندىن كېيىن،ئەشيالارنى ئالەم ئايرۇپىلانى بىلەن ئەمەس راكىتا بىلەن توشۇيدىغان بوپتىكەندە .

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 10:41:57

pis-pas يوللىغان ۋاقتى2014-10-30 09:39 static/image/common/back.gif
خەلقئارا ئالەم پونكىتى يەنە 5-6يىلدىن كېيىن براك قىلىنى ...


ئالەم ئۇچقۇرىنى بىر راكېتا يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى ئاجىز جايغىچە ئاپىرىپ قويمىسا، ئۇ خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا ئۆزى مۇستەقىل ھالدا ئۇچۇپ بارالمايدۇ.

Gulam615 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 10:50:24

رەخمەت سىزگە ئەركىن ئەپەندى .ئەڭ يىڭى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپسىز. مەن تۈنۈگۈن خەۋەردە كۆرگەن ئىدىم. لىكىن چۈشەنمىگەن مۇنداق ئىككى مەسىلە بار. بىرسى ئامىرىكا نىمە ئۈچۈن شىخسى شىركەتلەرنىڭ ئالەم قاتنىشىغا قاتنىشىشىنى رىغبەتلەندۈرىدۇ؟يەنە بىرى مۇشۇ قىتىمقى راكىتانى ئامىرىكا ئۆزىنىڭ قۇيۇپ بىرىش دەمدۇ بىلمىدىم بىرنەرسىسى بىلەن چىقىرىپتىمىش.بۇرۇن روسىيەنىڭكىدە چىقىرامىش .بۇنى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز. مەن خەۋەرنى كۈرۈپ ئانچە چۈشەنمەي قالدىم. رەخنەت

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 10:54:53

سەۋەبىنى تۇغرا تاپالىسىمۇ چوڭ بىر ساۋاققا ئىرىشكەن بولىدۇ. بەزى ئىشلاردا 10000دىن بىر قىسمى خاتا بولسىمۇ، خاتا بولغان (يەنى تۇغرابولماي قالغانئەشۇ 10000دىن بىرى) كۈچكە ئىگە بولۇپ ، نەتىجىسىدە چوڭ بىر ساۋاق بېرىپ قۇيىدىكەن. ئىجىتمائىي مەسىلىلەرنىڭ كۆپۈنچىسىە تەخمىنەن تۇغرا بولسىلا ناھايىتى تۇغرا ھىساپلىنىپ كېتىدۇ.(ھەتتا خاتسىغا كۆز يۇمۇپ ئۆتىدۇ، ھەتتا تېخى خاتانىمۇ تۇغرا دەپ خاتا ئىكەنلكىنى سەزمەي ئۆتىىغان ئىشلارمۇ بولىدۇ).پەن-تېخنىكا ئىشىدا، تەخمىنەن تۇغرا بولسىلا ھىساپ بولمايدىكەن.
كۈندلىك بەزى مۇلازىمەت ئىشلىرىدىمۇ، 99 پىرسەنت ياخشى ئىشلەپ،قالغانبىرىدە سەۋەنلىك ئۆتكۈزسە، ئەشۇ سەۋەنلىك 99 پىرسەنت ياخشى ئىشلىگەننى ئىنكار قىلىۋېتەلەيدىكەن. شۇڭا، مەيلى نىمىلا خىزمەت ئىشلىسەك، ناھايىتى ئەستايىدىل ئىشلەش لازىمكەن. چۈنكى، سەۋەنلىكلەر كۆپۈنچە ئەستايىدىلىقنىڭ كەمچىللىكىدىن چىقىدىكەن.
بىر راكىتانىڭ بەدىلىگە يېڭى بىر ساۋاققا ئېرىشىدىغان بوپتۇ. قارىغاندا بۇ بەدەلمۇ كىچىك ئەمەسكەن. ھەر قېتىملىق مەغلۇبىيەتتىن تۇغرا ساۋاققا ئېرىىشەلىگەنلەر غەلىبىگە تېخىمۇ يېقىنلاشقانلىقى ھىساپلىنىدۇ.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 11:01:03

bilimxumar يوللىغان ۋاقتى2014-10-30 10:41 static/image/common/back.gif
ئالەم ئۇچقۇرىنى بىر راكېتا يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى ئ ...

شۇنداقمۇ، كەچۈرۈڭ ئەركىن ئاكا ، مەن خاتا چۈشۈنۈپ قالغاندەك تۇرۇمەن .:loveliness:

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 11:01:47

نەچچە يىللار ئىلگىرى، 2003-يىلىغۇ دەيمەن، ئامىرىكا مارسقا چىقارغان ماشىنىدىن كاشىلا چىقىپ مۇددەتتىن توختاپ قاپتىكەن. ئۆتكەن يىللار پىروگرامما ۋە يۇمشاق دىتاللارنىڭ كەم-كۈتىسىزلىكىنى تەكشۇرۇش دىگەن دەرستە پىراففىسور شۇ ماشىنىدىن چىققان كاشىلىغا يۇمشاق دىتالدىكى بىر خاتالىق سەۋەب بولغانلىقىنى مىسال قىلغان ئىدى. نىمە خاتالىق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. بەلكىم بۇ راكىتانىڭ پارتلىشىغا ئاشۇنداق مىليوندىن بىر ئېھتىماللىقتا خاتالىق كۆرۇلىدىغان يۇمشاق دىتال خاتالىقى سەۋەب بولغان بۇلىشى مۇمكىن. ھازىر مىخانىكىلىق كاشلىلاردىن يۇمشاق دىتالدىكى كاشىلا بايقاش تەس، قىيىن نوقتا بۇلۇپ قالغاندەك قىلىدۇ.{:92:}

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 11:01:55

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-10-30 11:02

ماۋۇ رەسىمدىكىسى كىنۇلاردىكى فانتازىيەمۇ ؟ياكى ھازىر راسلا چوڭ تىپىتىكى ئايرۇپىلانلار ئارقىلىق ،ئالەم ئايرۇپىلاننى مەلۇم بىر ئۇربىتىغا كىرگۈزگىلى بۇلامدۇ؟

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 11:18:07

talmas1 يوللىغان ۋاقتى2014-10-30 11:01 static/image/common/back.gif
ماۋۇ رەسىمدىكىسى كىنۇلاردىكى فانتازىيەمۇ ؟ياكى ھازىر...


ناسا دىكىلەر «پىنسىيەگە چىققان» ئالەم كېمىسىنى مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن ئالەم مەركىزى جايلاشقان بىر جايدىن مۇزىخانا جايلاشقان يەنە بىر شەھەرگە يۆتكىگەن.شۇڭا بۇ راست رەسىم.

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 11:35:03

Gulam615 يوللىغان ۋاقتى2014-10-30 10:50 static/image/common/back.gif
رەخمەت سىزگە ئەركىن ئەپەندى .ئەڭ يىڭى ئۇچۇر بىلەن تەمى ...

«ئوربىت ئىلىملىرى» دېگەن شىركەت ئامېرىكىنىڭ شىركىتى بولۇپ، ئانتارېس ناملىق راكېتادا ئىشلەتكەن ماتورنى سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئۇكرائىنالىق ئالىملار لاھىيلىگەن ئىكەن.سوۋېت ئىتتىپاقى بۇرۇن «N-1F» تىپلىق راكېتانى ياساپ، 4 قېتىم سىناق قىلىپ، ھەممىسىدە مەغلۇپ بولۇپ، شۇنىڭبىلەن 1970-يىلى ئۇ راكېتانى ياساپ چىقىشنى توختاتقان ئىكەن.كېيىن ئاشۇ راكېتادا ئىشلىتىلگەن ماتور ئاساسىدا «NK-33» تىپلىق ماتورئىشلەپ چىقىرىلىپ، ئاندىن «NK-33» ئاساسىدا «AJ26-58» تىپلىق ماتور ياسالغان ئىكەن.مەن پايدىلانغان مەنبەدە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كېيىن قالغان ماتورلارنى كىملەر ياساپ چىققانلىقى ھەققىدە ھېچ نېمە دېيىلمەپتۇ.بۇ قېتىم ئانتارېس ناملىق راكېتا ئىشلەتكىنى ئەنە شۇ «AJ26-58» تىپلىق ماتور ئىكەن.

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 11:38:15

Gulam615 يوللىغان ۋاقتى2014-10-30 10:50 static/image/common/back.gif
رەخمەت سىزگە ئەركىن ئەپەندى .ئەڭ يىڭى ئۇچۇر بىلەن تەمى ...


ئالەم تېخنىكىسىغا ئىشلىتىلىدىغان بىر قىسىم نەرسىلەرنى ياساپ چىقىشتا شەخسىي شىركەتلەرنىڭ ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى، چىقىمى تۆۋەن، ۋە سۈرئىتى تېز بولىدىغان بولغاچقا، ناسا ھازىر بارغانسېرى شەخسىي شىركەتلەردىن كۆپلەپ پايدىلىنىش تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 12:02:29

bilimxumar يوللىغان ۋاقتى2014-10-30 11:38:15 static/image/common/back.gif



ئالەم تېخنىكىسىغا ئىشلىتىلىدىغان بىر قىسىم نەرسىلەر
مۇشۇ قېتىم قانچە پۇل زىيان بولغاندۇ؟ زىيان شەخسى شىركەتكە بولامدۇ؟ ھۆكۈمەت تولۇقلىما بېرىدىغان ئىش بارمۇ؟

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 13:36:53

ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى تەكشۈرىدىغان، شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ ئىش ھەققىدىن تۇتۇپ جازالايدىغان، بىرەر ئىككى ئاي سىياسىي ئۆگىنىش قىلىپ، سەلبى نەق مەيدان يىغىنى ئاچىدىغان ئىش يوقمۇ؟

Gulam615 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 14:20:53

bilimxumar يوللىغان ۋاقتى2014-10-30 11:38 static/image/common/back.gif
ئالەم تېخنىكىسىغا ئىشلىتىلىدىغان بىر قىسىم نەرسىلەر ...

رەخمەت سىزگە .ئارامىڭىزنى بۇزۇپ ، ئۆزۈمگە ئىنىق بولمىغان سۇئالنى سوراپ ،ئاۋارە قىلدىم . ئاللا رازى بولسۇن . ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق، تىنىڭىز سالامەت بولسۇن.

Holmes يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 14:21:05

پارتىلاپ كېتىش سەۋەبى جىددى تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ......

Gulam615 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 14:29:19

bilimxumar يوللىغان ۋاقتى2014-10-30 11:35 static/image/common/back.gif
«ئوربىت ئىلىملىرى» دېگەن شىركەت ئامېرىكىنىڭ شىركىتى...

   ئۇنداقتا ئامىرىكا يەنىلا روسىيەنىڭ ‹‹ ئانتارېس ناملىق راكېتا ئىشلەتكىنى«AJ26-58» تىپلىق ماتور››نى ئىشلىتىپتىكەندە. بۇرۇنمۇ روسىيەنىڭكىنى ئىشلىتەمتى ياكى مۇشۇ قىتىم ئىشلىتىپ ،ھادىسە كۆرۈلدىمۇ؟مىنىڭ يەنە سورايدىغىنىم ،ئامىرىكىنىڭ ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان راكىتاسى ياكى ئالەم بوشلۇقىغا ئىلىپ چىقىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان راكىتانىڭ ماتورىنى ئۆزلىرى ياساپ چىقالمىدىما؟ئۇنداقتا بىزنىڭ دۆلىتىمىز بىلەن نىمە پەرقى؟

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 16:00:16

تۈنۈگۈن خەۋەر تورىدا كۆرگەنتىم. ناسانىڭ باشلىقى ئېلخەتنىڭ نەچچە يېرىدە «بىرمۇ ئادەم زەخمىلەنمىدى، ھەممەيلەن ساپ- ساق» دەپ پىكىر بايان قىپتۇ. باشقا دۆلەتلەر بولىدىغان بولسا «مانچىلىك بىۋاستە ئىقتىسادى زىيان بولدىيەي، تەرەققىياتىمىز چېكىنىپ كەتتىيەي» دەپ دوكلات بېرىشەتتى.
ئوقۇپ بىر خىل بوپ قالغانتىم.

tiroy يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 18:54:50

ئەركىنكامنىڭ مۇنبەردە بۇلۇشىغا سېلىشتۇرغاندا بۇ خەۋەر سەل كىيىن يوللىنىپ قالدى دىسەم ئۇشۇق كەتمەس ھە...!
مەن تۆنۆگۈن نۇر تورىدا كۆرگەن ئىدىم بۇ خەۋەرنى ناساغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۈررۈپ دەرھال ئىزدىنىش،مىسرانىم،باغداش قاتارلىق تور بەتلەرگە كىرسەم خەۋەردىن ئىز دىرەك يوق........:lol

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 19:25:03

Uyghur يوللىغان ۋاقتى2014-10-30 08:54 static/image/common/back.gif
جوڭگۇنىڭمۇ مەغلۇپ بولۇپ باققانمىدۇ؟ ھېلىغىچە ھەممىسى ...

دۆلىتىمىز بۇرۇنلا تۈمۈر تاۋلاشتا سەت مەغلوپ بولغان ئەمەسمۇ، بىزنىڭ بۇ يەرلەر باكادىن قاقاسلىشىپ كەتكەن ئەمەسقۇ...
چەت ئەللىكلەردە يەككە شەخىس مەغلوپ بولسا دۆلىتىمىزدە شۇ چاغدا دۆلەت بۇيىچە چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش ھەركىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يەنە نىمىلەردۇر سەۋەپلەر بىلەن ئەسلىدىكى تەرەققىياتتىنمۇ 40 يىللىق كەينىدە قالغان دەۋاتقاندەك قىلغان...
بەت: [1] 2
: NASA: خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا قاراپ ماڭغان راكېتا پارتلاپ كەتتى