bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 07:29:51

NASA: «بۇ يىل دېكابىردا قۇياش 6 كۈن تولۇق تۇتۇلىدۇ» دېگەن خەۋەر يالغان

«بۇ يىل دېكابىردا قۇياش 6 كۈن تولۇق تۇتۇلىدۇ» دېگەن خەۋەر يالغان

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى


بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا تورلاردا «ناسا 2014-يىلى 12-ئايدا قۇياش 6 كۈن تولۇق تۇتۇلىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈردى» دېگەن تېمىدىكى بىر خەۋەر تارقالغان بولۇپ، بەزى قېرىنداشلار بۇ خەۋەرنى فېيىسبۇكقىمۇ ئۇلۇنۇش قىلىپ چىقىرىپ قويدى .  ئادەتتە بۇنداق بىر چوڭ ئىش بولغاندا، بىزگە ناسا نىڭ باش شتابىدىن چوقۇم ئۇچۇر كېلەتتى.  لېكىن بۇ قېتىم بىزگە ئۇنداق ئۇچۇر كەلمىدى.  شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ خەۋەرنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ بېقىش ئۈچۈن تورلارنى ئىزدەپ كۆردۈم.  نەتىجىدە مەزكۇر خەۋەرنىڭ يالغان خەۋەر ئىكەنلىكىنى بىلدىم .  

ئەسلىدىكى خەۋەر «huzlers.com» دېگەن تور بېتىغا چىقىرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە بۇ يىل 12-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە كۈن تولۇق تۇتۇلۇپ، شۇنىڭ بىلەن 6 كۈن يەر شارىنى قاراڭغۇلۇق قاپلايدىكەن.  بۇ ھادىسىنى «كۈن بورىنى» (solar storm)  كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئاشۇنداق بوران پەيدا قىلغان چاڭ-توزاڭ ۋە ئالەم بوشلۇقى زەررىچىلىرى كۈن نۇرىنىڭ 90 پىرسەنتىنى توسۇۋالىدىكەن.  شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن يەر شارى 6 كۈن قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قالىدىكەن.  ئۇ ئۇچۇردا دېيىلىشىچە بۇ خەۋەرنى ناسا جەزىملەشتۈرۈپتىمىش.  بۇ خەۋەرگە تېخى تۆۋەندىكى 1-رەسىم قوشۇپ بېرىلىپتۇ:


1-رەسىم: يالغان خەۋەرگە قوشۇپ قويۇلغان «راست رەسىم».

ئەمەلىيەتتە بولسا «huzlers.com» دېگەن تور بېتى يالغان خەۋەرلەرنى توقۇپ چىقىرىدىغان تور بېتى بولۇپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار بۇرۇنمۇ يۈز بەرگەن.  يەنى، بۇرۇن بىر قېتىم بەزى جۇڭگولۇقلار مۇشۇنداق يالغان خەۋەرنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ، ئاندىن ئۇنى بەزى ئۇيغۇر تورداشلار ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تىلىدىكى تورلاردا بىر خىل ۋەھىمە پەيدا قىلغانىدى.  «huzlers.com» دېگەن تور بېتى ئۆزىنىڭ «كۈرەش نىشانىسى» نى مۇنداق دەپ بايان قىلىپتۇ: «دۇنيانى تەۋرىتىدىغان ھەقىقىي خەۋەرلەر بىلەن  ساتىرىك (ھەجۋىي، مەسخىرلىق) قىزىقچىلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئېلان قىلىپ، بۇ تور بېتىنىڭ زىيارەتچىلىرىنى بىر خىل گۇمانلىق ياكى ھەيرانلىق ھالىتىدە ساقلاش.»


ئالدىنقى ھەپتە ئىچىدە تورلاردا «ناسا تارقاتقان، خەلقئارا ئالەم پونكىتىدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ ۋىدەئو فىلمىدا بىر ئۇچار تەخسە كۆرۈنۈپتۇ» دېگەن يەنە بىر خەۋەرمۇ تارقىلىپتۇ .  ھەتتا بۇ ئىشنى تۈركىيە قاتارلىق بەزى ئەللەردىكى تېلېۋىزورلارمۇ مەخسۇس خەۋەر قىلىپ بېرىپتۇ.  مەن تورلارنى ئىزدەپ، ناسا دىكىلەر بۇ ئىش ھەققىدە ھېچ نېمە دەمىگەنلىكىنى بايقىدىم.  ھازىرغىچە بۇ ئىش «ئۇچار تەخسە» ھەۋەسكارلىرىنىڭ تور بەتلىرىدىكى قىزىق تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ناسا ياكى باشقا بىرەر ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئۇ ھەقتە بىر نەرسە دېمەپتۇ.  


2-رەسىم: ناسا ۋىدېئوافىلمىدىكى «ئۇچار تەخسە».

ئەگەر سىز يۇقىرىقىدەك خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ راست-يالغانلىقىنى بىلەلمىسىڭىز، مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ.  مەن ئۇنى ئېنىقلاپ بېرىشكە تىرىشىمەن.

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

NASA Confirms Earth Will Experience 6 Days of Total Darkness in December 2014!


NASA: Viral news on days of darkness in December is hoax


'UFO' appears to watch NASA astronauts on ISS spacewalk
http://www.chron.com/news/strange-weird/article/UFO-watches-NASA-astronauts-on-ISS-spacewalk-5821899.php#photo-6998154

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 10:36:45

2-خەۋەرنى مەن ئۆيدە cctv نىڭ خەۋىرىدە كۆرگەن ھەم سىزنى مۇشۇ توغۇرلۇق چوقۇم بىر تېما يازىدۇ دەپ ئويلاپمۇ ئۈلگۈرگەن .

aral52 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 10:46:51

گۈرۈچ كەلمەي تۇرۇپ ، پولو دەم يەپ بولدى دىگەن ئۇشبۇ ماقال قاچان تارقالغان بولغىيتى...كىم ئىجاد قىلغان بولغىيتى

paylasof يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 11:17:41

رەھمەت خەۋەرلەرنىڭ راس  يالغانلىقىغىمۇ  ئىشەنگىلى بولمايدىكەندە

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 13:12:10

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   86 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-30 13:14  

پەن -تېخنىكا نەتىجىلىرى، ھادىسىلىرى  تۇغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ راست-يالغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ بىلمەكقۇ سەل ئاساندۇ. ئەممازە، مۇشۇ يەر شارىدا  سىياسىيي، دىن تۇغرۇلۇق تەشۋىقات ۋاستىلىرىدە تارقىتىلىۋاتقان خەۋەرلەردە بېرىلگىنىگە كۆرە ، ئىشنىڭ ئەينەنسىنى  بىلمەك ئاسان ئەمەستۇر.

kalamyar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 14:28:24

aral52 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-30 10:46 static/image/common/back.gif
گۈرۈچ كەلمەي تۇرۇپ ، پولو دەم يەپ بولدى دىگەن ئۇشبۇ ماق ...

«دول» ئەپەندىم، تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ھالدا ئىنكاسىڭىزغا ئىنكاس قايتۇرسام:
بىزدە «گۈرۈچ كەلمەي تۇرۇپ، پولو دەم يەپ بولدى» دېگەن ماقال-تەمسىل يوقتۇ؟ مەن ئاڭلىماي قالغان چېغىمبا؟ مېنىڭ ئاڭلىشىم «سەۋزىدىن خەۋەر يوق گۈرۈچ دەم يەپتۇ» ئىدى،شۇناقمۇ يە؟

aral52 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 15:05:49

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aral52 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-30 15:09  

kalamyar يوللىغان ۋاقتى  2014-10-30 14:28 static/image/common/back.gif
«دول» ئەپەندىم، تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ھالدا ئىنكاسىڭى ...

مەن دىگىنى تاغا تۇرا نۇسقىسى ...سىلىنىڭ ئەسلى ماقال..:lol .لكىن سەۋزە بولىمىسمۇ گۈرۈچ دەم يەۋىردىغانلىقى راس،ئامما گۈرۈچ بولىمىسا قايسى گۈرۈچ دەم يەيدۇ.:lol . .. گەپكە كەلسەك يۇقارقى تىمىدا دىيلگەندەك  مۇشۇنداق ئىلىمىي ئىشلارغا يالغان گەپ قېتىلمىسكەن دەيمەن.....

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 17:03:19

بىر ھەپتە ئىشقا بارمايدىغان بولدۇم دېسەم...

abudu210 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 17:34:19

ئەمما يالغان خەۋەرنى راستەكلا ئىشلىۋېتىدىكەن جۇما!
ئەگەر شۇ خەۋەر  راس بوپقالسا نىمە ئىشلار بوپكىتە........؟:funk::funk:

TEWBE يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 03:07:33

دىمەك، س س ت ۋ ۋە تۈركىيەنىڭ تىلۋىزور قاناللىرىدىن تارتىپ ئۇچار تەخسە كۆرۈندى دەپ راست يالغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلماستىن ئىلان قىلغان بولسا، بۇ خۇددى ئىراننىڭ دۆلەتلىك گىزىتلىرىدە ۋاھابىلار ئەنگىلىيەنىڭ جاسۇسلىرى دىگەننى چىنلىقىنى سۈرۈشتۈرمەستىن ئىلان قىلغانغا ئوخشاش مەسئۇلىيەتسىز ئىش بوپتۇ. شەرق تەرەپنىڭ مىدىيالىرى سەل مەسئۇلىيەتسىز كىلەمدۇ نېمە؟ cctv  دا خەۋەر بىرىلگەن كائىنات خەۋەرلىرىمۇ يالغان چىققىلى تۇرسا.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 16:28:15

cctv نىڭ خەۋەرلىرىنى  « بۇ خەقنىڭ خەۋەرلىرىنىڭ ھەممىسى يالغان» دەپ قويۇپ مىدىرلىماي كۆرەتتى دادام ...

qedem يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 23:10:37

خۇداغا شۈكرى ،مەن تېخى راس ئوخشايدۇ دەپتىمەن ، رەھمەت سىزگە…

uyghur2014 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 11:46:23

بەت: [1]
: NASA: «بۇ يىل دېكابىردا قۇياش 6 كۈن تولۇق تۇتۇلىدۇ» دېگەن خەۋەر يالغان