jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 01:20:03

مازار چاشقىنى (ھېكايە)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jaggiwar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-30 01:26  

مازار چاشقىنى
(ھېكايە)
ئەركىنجان ئەمەت/align]




سىرتتا شارقىراپ يامغۇر يېغىۋاتاتتى. قاڭقى مەمەت تامچە ئۆتۈپ تۇرغىلى بولماس بولۇپ كەتكەن ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىدا شۈمشىيىپ ئۇخلاۋاتاتتى. يامغۇر تامچىلىرىنىڭ داسقا، قاچىغا تېمىۋاتقان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ھۆرى موماي بىر بۇلۇڭدا چەكچەيگىنىچە تىترەپ ئولتۇراتتى. يامغۇرنى تىللاپ غۇتۇلدىغان چاغدا يۈزىدىكى قورۇقلار تەڭ مىدىرلايتتى. ئۇ ئورنىدىن تۇرمايلا ھاسىسىنى ئۇزىتىپ نەۋرىسى قاڭقى مەمەتنى تۈرتتى. قاڭقى قوپمىدى. موماي قاڭقىنىڭ بېشىغا بىر سېلىۋىدى، قاڭقى ئىتتىك ئورنىدىن تۇردى.
       - ھەي تاز، قاچانغىچە ئۇخلايسەن، قوغۇنلار يېرىلىپ تۈگەيدىغان بولدى.
       موماينىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ قاڭقى كىگىز، پالاز، تاغارلارنى يىغىشتۇرۇپ، ئەلەڭلەپ مېڭىپ چىقىپ كەتتى. ئۇ پالاخشىپ قوغۇنلۇققا باردى. قوغۇنلارغا يەتكەن يەرگىچە ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرنى ياپتى.《قوغۇن تازا پىشىدىغان چاغدا يامغۇر ياغقىنىنى دەپ غۇتۇلدىدى. قوغۇنلار ئەمدى سارغىيىشقا باشلىغان، ئۆزىمۇ تېخى بىرەرنى يەپ باقمىغانىدى. مۇشۇنداق يېغىۋەرسە قوغۇنلارنىڭ ھەممىسى يېرىلىپ كېتەتتى.
      -چۆنەكلەر سۇغا توشۇپ كەتتى، قوغۇننىڭ تەمىمۇ قالمايدىغان بولدى،-دېدى ئۇ  يېنىدا بىرى باردەك ئاۋازىنى چىقىرىپ. ئەتراپنى يامغۇرنىڭ پىلەكلەرگە شارىلداپ ئۇرۇلغان ئاۋازى قاپلىغان، ھاۋانىڭ قاپىقى بەك تۈرۈكلۈك ئىدى. قاڭقى مەمەت چاپىنىنى، ئىشتىنىنى سېلىپ قوغۇنغا ياپتى. بىر ئۇيان، بىر بۇيان چېپىپ يۈرۈپ ھاردى-دە، يالىڭاچ پىتى ئولتۇرۇپ قالدى. «قوغۇن يېرىلىپ كەتسە، ساتمىسا قىمارغا پۇلنى نەدىن ئالىدۇ. بۇدا مامۇت كۈرۈككە ئۇتتۇرغان پۇلنى چوقۇم قايتۇرۇپ ئالىمەن» بىر تۇرۇپ ئۇ موماينىڭ پۇلنى تارتىۋىلىشىدىن ئەنسىرەپ قالدى.  ھېلىمۇ ياخشى موماي بازارغا بارالمايدۇ، ئۇ ئىچىدە خوش بولدى. ئارقىدىنلا چىرايى تاتاردى. شۇ موماي دائىم قارغىغاچ ئۇتتۇرۋاتىمەن، دەپ موماينى ئىچىدە تازا تىللىدى. ئۇ موماينىڭ تېخىچە ئۆلمىگەنلىكىگە ھەيران بولاتتى.
چاقماق چىقىپ ئەتراپنى يورۇتىۋەتتى. يىقىندىكى قوغۇنلار پىچاق ئۇرۇۋەتكەندەك يېرىلىپ كەتكەنىدى. ئۇ يامغۇرنىڭ ئۇرۇۋاتقانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالدى. مامۇت كۈرۈك ئانسى ئۆلگەندىن كىيىن ئانىسىنىڭ تىقىپ ساقلىغان تىللالىرىنى تېپىۋىلىپ باي بولۇپ كەتتى. قاڭقى مومىسىنىڭ تىقىپ قويغان نەرسىسى بارلىقىدىن گۇمانلىناتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ سىزغان سىزىقىدىن چىقماي كۆرۈپ باقاي، دەپ ئويلاپ باقاتتى. لىكىن ئارقىسىدىنلا يەنە بۇ ئالجىغان موماينىڭ گىپىنى ئاڭلىغان ھەرقانداق ئادەم ساراڭ بولۇپ قالىدۇ، دىگەن يەرگە كەلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇرۇن ئۇ موماينى  كۆپ خاپا قىلغان. ئەمدى ياخشىچاق بۇلۇۋالسا چىنىپ قالىدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە… ئۇ تەڭقىسلىقتا قالغاندەك ئەتراپقا ‪ئىتتىك قارىۋالدى‬، چىشلىرى كاسىلداپ كەتتى. ئۇنىڭغا سوغوق ئۆتكەنىدى. تۇيۇقسىزلا ئىتقا كۆزى چۈشتى. كاتىكى سۇغا تۇشۇپ كەتكەن ئىت سىرتتا تىترەپ تۇراتتى. تۈكلىرى قۇتۇر دۈمبىسىگە چاپلىشىپ كەتكەن بولۇپ، قۇيرۇقىنى چاترىقىغا قىستۇرۇۋالغانىدى. قاڭقىغا ئىت توڭلاپ ئۆلۈپ قالىدىغاندەك تۇيۇلدى. ئىت ئۆلۈپ قالسا، قوغۇنلۇققا ئۇنىڭ ئۆزىنى باغلاپ قويسا… قاڭقى ئۆزىنى يالىڭاچ ھالدا زەنجىرگە باغلاقلىق قىياپەتتە كۆز ئالدىغا كەلتۈرۋىدى، تىخىمۇ توڭلاپ، تىترەپ كەتتى. ئۇ چاغدا ئىت چىۋىنلىرى ئولىشۋالسا قانداق قىلار؟ ئىتنىڭغۇ قۇيۇقى بار. قاڭقى قانداقمۇ قورۇيالىسۇن؟ ئۇ ئورنىدىن چاچراپ تۇردى. چاپاننى ئېلىپ، يېرىلساڭ يېرىل، دەپ پېلەكلەرنى پىتىقلاپ ئىتنىڭ قىشىغا باردى. ئۇ ئىتنىڭ مۇنچىۋالا قېرىپ كەتكىنىگە ھەيران بولدى. ئىتنىڭ ئۈستىگە چاپاننى ياپتى. بىچارە ھايۋان ئانچە خوشال بولغاندەك قىلمايتتى، ئۇ چاپاننىڭ تۈگمىسىنى ئىتنىڭ قۇرسىقىدىن ئېتىپ قويدى. ئاندىن يۈگۈرۈپ بېرىپ  يىپىپ قويغان ئەسكى كىگىزنىڭ بىر بۇرجىكىدىن تۇتۇپ پېلەكنى مالتىلاپ ئىچىگە كىرۋىدى، ئۇ تەرىپىدىن بېشى چىقىپ قالدى. ئۇ مەيلى بېشىم يېرىلمايدۇ، دەپ بېشىغا پىلەكنى تارتىپ ئۇخلاپ قالدى.
      ھۆرى موماي يامغۇر سەل پەسەيگەندە ئۇسساپ كەتتى. شۇ چاغقىچە بىرمۇ خەمەك-سويما تۇتقۇزمىغان قاڭقى تازنى مىڭنى تىللىدى. كونا تور رومىلىنى ئارتىپ پاتقاق كېچىپ قوغۇنلۇققا باردى. قارىسا كىگىز، پالاز، تاغار… لار قالايمىقان يىپىقلىق تۇرۇپتۇ. قوغۇنلارنىڭ يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى ئىلغا قىلالمىدى. ئۇنىڭ كۆزى تۈن قاراڭغۇسىدا ئەتراپنى ئارانلا پەرق قىلالايتتى. ھامىنى يېگەندىكىن يېرىلمىغاننى يەي، دەپ كىگىزنىڭ بىر بۇرجىكىدىن چىقىپ تۇرغان بىرىنى تاپتى. تىزىنى قۇيۇپ بىرنى تارتتى. غەيرى بىر ئاۋاز چىقىپ كىگىز ئاستىدىكى پىلەكلەر مىدىرلاپ كەتكەندەك بولدى. موماي بىرلا چىقىراپ ئورنىدىن تۇردى. ھاسىسىنى پىرقىرتىپ چۆرۈۋەتتى.  نىمىلەرنىدۇر دەپ ئارقىسىغا قاراپمۇ قويماي ئۆيىگە قاراپ بەدەر قاچتى. قاڭقى كىگىز ئاستىدىن سۇغۇرۇلۇپ قارىغاندا، قاراڭغۇلۇقتا ئالچاڭلاپ قىچىپ كېتىۋاتقان «ئەرۋاھ»نى كۆردى. قاڭقىنىڭ يۈرىكى « قارت» قىلىپ قالدى. قورقۇپ كىگىزنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى.
     قاڭقى پاتقاقلىقتا بەدەن شەكلىنى قالدۇرۇپ قوپتى. دەلدۈگۈنۈپ بېرىپ ئىشتانلىرىنى كىيدى. چاپىنىنى ئىتنىڭ تېگىدىن تارتىپ ئېلىشقا كۆزى يەتمەي، ئۆيگە قاراپ ماڭدى. يول بەكمۇ پاتقاق ئىدى. ئۇ ئۆيگە كىرىپ كۆردىكى، موماي بىر دۆۋە ئەسكى-تۈسكى نەرسىنىڭ تىگىدە كۆرۈنمەيلا قالغانىدى. قاڭقى ئۇيۇقتىن بىر زاغرىنى ئېلىپ تاۋاققا چىلىدى. چاي يوق ئىدى. ئۇ موماينى ئىچىدە راسا تىللاپ، سوغوق سۇ قۇيدى، ئاندىن بىردەم ئولتۇرۇپ قوغۇنلۇققا چىقىپ كىگىز- كېچەكلەرنى يىغىشتۇرۇپ كەلدى. يولدا موماينىڭ كالىچىنى تېپىۋالدى. ئۇ چاي ئىچكەچ بۇ قېرى قاچاندا قوغۇنلۇققا بارغاندۇ، دەپ غۇتۇلدىدى.
       تاڭ تېخى يورۇمىغان، ھاۋا يەنىلا سوغوق ئىدى. ئۇ ئادىتى بويىچە موماينىڭ قېشىغا كەلدى. موماي قۇرۇپ كەتكەندەك بولۇپ قالغان ئۆپكىسىنى تىترىتىپ ئۇخلاۋاتاتتى. قاڭقى ئۇنىڭ بەد بەشرە تۇرقىغا بىردەم قاراپ تۇردى. ئاندىن ئاستا تۈرتتى.
     - ھەي موما، قوغۇنلۇققا نىمىشقا باردىڭ؟ - دەپ سورىدى. قاڭقى مامۇت كۈرۈكنىڭ ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، موماينىڭ ئۇخلىغاندا گەپ سورىسا جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى تاسادىپەن بىلۋالغانىدى. موماي ئاغزىنى تامشىتىپ قۇيۇپ جىمىپ قالدى. قاڭقى يەنە سورىدى.
     - ھەي، ھۆرەك، قوغۇنلۇققا نىمىشقا باردىڭ؟
    - سويما يېگىلى.
     - نىمىشقا كالىچىڭنى چۈشۈرۈپ قويدۇڭ؟ - قاڭقى ئاۋازىنى سەل كۆتۈرۈپرەك سورىدى.
     -جىن باركەن، قورقۇپ كەتتىم،- دىدى موماي، قاڭقى بۇرۇن تولا سورىغان سۇئالنى يەنە سورىدى.
        -ھۆرەك، تىللانى نەگە كۆمدۈڭ؟
       - تىللا يوق.
        -قاسىمباي بىر كوزا تىللا بىرىپتىكەن، نەگە كۆمدۇڭ؟
-پوق يەپسەن.
قاڭقى چۆچۈپ كەتتى. ئەمما موماينىڭ مىدىرلىماي ئۇخلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلى ئارامغا چۈشتى. ئۇ ئېڭىكىنى يۈلەپ ئولتۇرۇپ خىيالغا كەتتى: ئۆتكەندە مامۇت كۈرۈك «قاڭقى، سەن قاچان ئۇتقان؟ سەن ئۇتتۇرمىساڭ بىز كىمدىن ئۇتىمىز؟! » دەپ مەھەللىلىك بالىلار ئالدىدا ئەجەب مازاق قىلدى-ھە. خەپ كۈرۈك، مەن سىنى بوغۇز قىلۋەتمىسەم….
       قاڭقى ئويلۇنۇپ ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قالدى. بېشىغا تاققىدە قىلىپ تەگكەن كالتەك ئاۋازى بىلەن تەڭ ئويغىنىپ، دىرىڭڭىدە ئورنىدىن تۇرۇپ قوغۇنلۇققا قاراپ چاپتى. بىر ھازا ھەپلىشىپ چۆنەكلەرگە يىغىلىپ قالغان سۇنى چىقاردى. راسا ھارغان چاغدا يېرىلىپ كەتكەن قوغۇندىن بىرنى ئىلىپ يەي دەپ شۇنداق كۆتۈرىشىگە قوغۇن ئىچىدىن بىر پاقا سەكرەپ چىقتى. ئۇ ئەمدى پاقىغا ئامەت كەپتۇ-دە، دەپ پۇتى بىلەن پاقىنى يىراققا ئىرغىتىۋەتتى. قولىنى قوغۇننىڭ يېرىقىدىن ئىچىگە تىقىپ ئۇرۇقىنى سىرىپلا ئېلىپ تاشلىدى- دە يۈز-كۆزلىرىنى ئالا بۇلماچ قىلىپ قوغۇننى بىردەمدە سوقۇپ بولدى. ھۇزۇرلىنىپ ئولتۇرۇپ ئىتقا قارىدى. ئىتنىڭ تۈكلىرى سەل كۆپۈپ قالغانىدى. ئۇنىڭ چاپىنىنى لايغا مىلاپ رەسۋايى ئەزىم قىلۋەتكەن‪، ‬ئۆزى قوغۇنلۇقنى بىر كىم كۆتۈرۈپ كەتسىمۇ تۇيمىغۇدەك ھالدا ئۇيقۇغا كەتكەنىدى.
         ھۆرى موماي شۇ كۈندىن تارتىپ قوپالماي قالدى. قاڭقىنى ئىشقىمۇ بۇيرىمايدىغان بولدى. ھويلىدىكى ئۆچكىگىمۇ بىر نەرسە بەرمىدى. قاڭقىنىڭ قىمار ئويناشقا دەسمايىسى قالمىدى. مامۇت كۈرۈك ھەي قاڭقى تاز، تۈنۈگۈن كاكىلدىڭمۇ؟ دەپ ئۇنى زاڭلىق قىلىدۇ. ھەممىدىن مۇھىمى مومايدىن بايلىقنى سوراپ بىلىۋېلىشى كېرەك.
     _ ھۆرەك، قاسىم باي نىمەڭ؟ -دېدى قاڭقى.
     _ يارىم.
     _نەچچە ئەرگە تەگدىڭ؟
    _ بەشكە. مەن ئىشچان، چىرايلىق ئىدىم، -دېدى موماي. قاڭقى ئۇنىڭ بەدبەشىرە تۇرقىغا قاراپ ئالىيىپ قويدى.
     _ ئەمسە تىللانى نەگە كۆمدۈڭ؟!
     _ يوق يەپسەن.
     قاڭقى چۆچۈپ كەتتى. لېكىن موماي ئويغانمىغانىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ يەنە سۇئال سوراپ سېلىشىدىن قورقۇپ قوغۇنلۇققا چىقىپ ئۇخلىدى. ئاسماندىكى جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلار ئۇنىڭ كۆزىگە بىر كوزا تىللادەك كۆرۈنۈپ كەتتى. لېكىن ئۇ ئۆزى ئەزەلدىن تىللا كۆرۈپ باقمىغانىدى. پاشىلار غىڭىلدايتتى. سوغوق ئارىلاش مەيىن شامال زەيكەش پۇرىقىنى ئېلىپ كىلەتتى. چۆنەكلەردە پاقىلار كۇرۇلدايتتى. پاشىلارنى ئۇچۇرالمىغان قانداق شامال بۇ! قېرى ئىت غىڭشىپ قوياتتى. قاڭقى چۈشىدە بىر ئەسكى تامنى بىرنى تەپسە بىر كوزا ھەرە چۈشۈپ ئۇنى قوغلىغۇدەك، موماي چىشسىز ئاغزىنى يوغان ئىچىپ قاقاقلاپ كۈلگۈدەك.
        تاڭ ئاتتى. ئۇ چۈشىنى بىردەمدە ئۇنتۇپ قالدى. ئۆيىگە بېرىپ چىنىگە زاغرىدىن بىرنى چىلىدى. ئاندىن ئىككى قوشۇق قوي مىيىنى سېلىپ، چاي قۇيۇپ دۈملەپ قويدى. مامۇت كۈرۈك قايسى كۈنى شۇنداق پەيزى بىر شەيتان ھارۋا سېتىۋاپتۇ. ھەي كۈرۈك، ساڭا داداڭ دۇئا قىلىپتىكەن. ماڭا دادام نىمىشقا دۇئا قىلمىغان بولغىيدى؟  ئۇ دادىسىنى بەك غۇۋا ئويلايتتى. ئىشقىلىپ دادىسىنى ئويلىسا، قىماردا ئۇتتۇرۇپ ئانىسىنى ئۇرغان ۋاقتى كۆز ئالدىدا پەيدا بۇلاتتى. لىكىن چىرايى تازا ئېنىق ئەمەس ئىدى. قاڭقى قوي مېيىنىڭ پۇرىقىدىن ھۇزۇرلىنىپ چاينى ئىچتى. ئاندىن مومىسىغا نان چىلاپ قويدى. تۈنۈگۈن بىر موماي ئوت كۆچۈرۈپ قويغاندىن بېرى ھۆرەك خېلى ياخشى بولۇپ قالغاندەك قىلاتتى.
        قاڭقى كۈندۈزدە قوغۇنلارنى ئۈزدى، سانىنى كەم مەلۇم قىلدى. كەچ پىشىن بىلەن قوغۇنلارنى سىتىپ بولدى. پۇلنىڭ يېرىمىنى ئىلۋىلىپ قالغىنىنى بەردى. موماي قاڭقىغا غەزەپ بىلەن ئالىيىپ قۇيۇپ، كۈندە نەچچە قىتىم قاراپ باقىدىغان ساندۇقىغا سېلىپ قويدى. ساندۇقتا بىر پارچە كېپەنلىك رەخت بىلەن ئاق رومال ۋە كونا-يىڭى كىيىملەر بار ئىدى. ئاندىن بۇلتۇرقى جىگدىدىن ئازراق بار ئىدى. قاڭقى ساندۇقتىكى نەرسىلەرنى بىر نەچچە قېتىم ئوغۇرلاپ قىمار ئوينىغان، موماينىڭ ئېسى جايىدا بولمىغاچ تازا تۇيالمىغانىدى. شۇنداقتىمۇ بۇلار ئاخىرەتلىكىم دەپ ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇراتتى. قاڭقىغا موماي ئۆچلۈكىدىن ھىچ نەرسە دەپ بەرمەي ئۆلۈپ قالىدىغاندەك كۆرۈندى.
        كەچتە قاڭقى ئۆيگە كىردى. موماي تېخىمۇ سەتلىشىپ كەتكەندەك كۆرۇندى. ئۇنىڭ چىشسىز ئاغزى كۆك قۇرۇتتەك لۆمۈلدەپ تۇراتتى. قاڭقى دائىم ئۇنىڭ شۇنداق ئورۇق، تاياقتەك تۇرۇپمۇ ياشاۋاتقانلىقىغا ھەيران بولاتتى. ئۇنىڭ ئۆپكىسىدىن قۇرۇق تېرىنىڭ تاراقلىشىدەك ئاۋاز چىقاتتى. ئۇ بېشىنى يانغا بۇرىۋالدى. قاڭقى بۈگۈن نىمە سورايدىغانلىقىنى تازا ئويلىدى. ناۋادا سورىۋالمىسا بۇ پىخسىق موماي سىرلىرىنى گۆرگە ئېلىپلا كېتىدۇ. قاڭقى شۇ قۇتۇر كۈرۈكنىڭ ئالدىدا ئۆمۈر بۇيى بېشىنى كۆتۈرەلمەي ئۆتىدۇ. كۈرۈك دائىم شەھەرگە قاتناپ تۇرىدۇ. قاڭقى شۇ چاغقىچە بىرەر قېتىممۇ بېرىپ باقمىدى. قىمارغىمۇ دەسمايە بولمىسا، دۇئا بولمىسا ئۇتقىلى بولمايدىكەن!  مومايغا دۇئا قىلىپ قوي، دىمەكچى بولدى، ئۆلۈمىمنى تىلىدىڭ دەپ ھاسا تەڭلىشىدىن قورقتى. شۇنداقتىمۇ سورىماي تۇرالمىدى.
        -ھۆرەك، سەن ئۆلۈپ كىتىسەن، تىقىپ قويغان نېمەڭ بولسا دەپ قويۇپ كەت، بىكار ئارماندا كېتىسەن.
        مومايدىن ئاۋاز چىقمىدى. قاڭقى تۇرۇپلا قالدى. موماي دائىم دەرھاللا جاۋاب بېرەتتى. خېلى بولدى، ھىلىقى كۈنى قوغۇنلۇقتىن قىچىپ كىرگەندىن بۇيان، شۇنداق تەرسا مىجەز بۇلۇۋالدى. قاڭقى ئاۋازىنى مۇلايىم چىقىرىپ يەنە سورىدى. موماينىڭ كانىيىدىن خارت-خۇرت قىلغان ئاۋاز چىقىپ كەتتى. ئۇ نىمە ئىش؟ دىققەتتە تىڭشىۋىدى، موماي تەستە نەپەس ئېلىۋىتىپتۇ. بىردەمدىن كېيىن ئۇ ھوشىدىن كەتكەندەك بولدى. يۈزىدىن ئىسقا ئوخشاش كۆكۈش بىر نەرسە كۆتۈرۈلدى. قاڭقى داڭ قىتىپ قالدى. كۆزىگە ئشىنەلمىدى. موماينىڭ كالپۇكلىرى لۆمۈلدەشكە باشلىدى. ئىس يەنە كۆتۈرۈلدى.
    - قاڭقى مەمەت، - موماينىڭ ئاۋازى جانسىز تىترەپ چىقتى، -مەن ساڭا بىر نەرسە قالدۇرۇپ كېتىمەن، شەرتىم مېنى ئۆلگەندىن كېيىن قاسىم باينىڭ قېشىغا قويىسەن. ئاندىن قەبرەمنى قاتۇرۇپ ھەر پەيشەنبە يوقلاپ تۇرىسەن!
       قاڭقى مەمەتنىڭ بەدىنى تىكەنلىشىپ كەتتى. موماينىڭ ئويغاق ياكى ئۇيقۇلۇق ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدى. تېخى قاسىم باينىڭ قېشىغا قويغۇدەكمىشمەن، بۇ ئالجىغان موماي نىمىلەرنى دەۋاتىدۇ، دەپ غۇدۇڭشىدى، بىر تۇرۇپ ئاڭلاپ باقمايمەنمۇ دەپ ئويلىدى.
       -قاڭقى مەمەت، تىڭشا ھەم ئىسىڭدا مەھكەم ساقلا، مەن ئۆلۈپ بىر يىلدىن كىيىن گۆرۈمنى ئاچقىن. چۇقۇم كەچتە. كېپىنىمنى بەك يىرتۋەتمە، ئاندىن سول پۇتۇمنىڭ ئوشۇقىنى ئالىسەن، ئۇنى قولتۇقۇڭغا ئېسىۋالساڭ ئوشۇق سېنى مۇرادىڭغا يەتكۈزىدۇ!- دېدى موماي.
     موماي جىمىپ كەتتى. قاڭقى موماينىڭ راست دەۋاتقانلىقىغا ئىشىنەلمىدى. ئۆزىنى قاسىم باينىڭ قېشىغا كۆمدۇرىمەن دەپ شۇنداق ئالجىۋاتامدۇ يا؟ مەيلى نىمىلا بولسۇن، سىناپ بىقىش كېرەك. موماينىڭ غۇۋا تىنىقى بارلىقىنى بىلگەندىن كىيىن، كۆڭلى بىر ئاز ئارامغا چۈشتى. مامۇت كۈرۈكنىڭ ئانىسى ئوشۇق قۇيۇپ كەتكەندىمۇ؟ ئۆزىگىمۇ بۇ توغۇرلۇق گەپ قىلىپ بەرمىگەن ئىدىغۇ؟ سوراپ بىقىش خەتەرلىك. ئەڭ ياخشىسى كۈتمەكتىن باشقا ئامال يوق. قاڭقى مەمەت مومايغا گۇمان بىلەن قاراپ قۇيۇپ قوغۇنلۇققا ماڭدى. بېرىپلا سويمىدىن بىرنى يېرىپ يىدى-دە، بىردەمدىلا ئۇخلاپ قالدى. چۈشىدە گۆرگە كىرىپ قارىسا موماينىڭ قورسۇقىدا بىر كاللەك يىلان تۇرغۇدەكمىش، ئوشۇقنى ئالغىلى قويغۇدەكمىش، قاڭقى ۋارقىراپ ئويغىنىپ كەتتى. قېرى ئىت روھسىز بىر نەچچىنى قاۋاپ قويدى. ئاسمان يۇلتۇزلار بىلەن توشۇپ كەتكەن، قاڭقى مەمەتنىڭ كالپۇكىنى پاشا چېقىپ دوردايتىپ قويغانىدى.
  قاڭقى ئويغانغاندا كۈن خېلى ئۆرلىگەنىدى. ئۇ ئىتتىك ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆيىگە ماڭدى.
يولدا ئىزلارغا دىققەت قىلىپ ھىچ نەرسىنى پەرق قىلالمىدى. ئۆيگە پېتىنالماي تەستە كىردى. موماينىڭ ياتقانلىقىنى كۆرۈپ خاتىرجەم بولغاندەك بولدى. چاينى ئەزمىلىك بىلەن ئىچتى. قوي مېيىنى كۆپ سالدى. مومايغىمۇ نان چىلاپ قاچىنىڭ ئاغزىنى كۆمتۈرۈپ قويدى. بىردەمدىن كىيىن ئەسنەپ كەتتى، موماينى تۈرتتى. ئۇ مىدىرلىمىدى، يەنە تۈرتتى. قولىنى مەيدىسىگە ئېلىپ كېلىپ تىڭشىدى. ھىچ ئاۋاز چىقمىدى. ئىتتىك قوشنا ئايالنى چاقىرىپ كىردى. ئۇ ئايال يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ موماينى ھۆرىخان ئاچا، دەپ چاقىردى. پىشانىسىگە قولىنى ئاپىراي دىگەندە يوغان بىر چىۋىن غوڭ قىلىپ ئۇچۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاللا توۋا كۆتۈرۈپ ھازا ئېچىشقا باشلىدى. قاڭقى ئىشىك تۈۋىدە ھاڭۋېقىپ قالدى. قوشنىسى موماينى پەرىشتىدەك سۈپەتلەپ قوشاق قوشۇشقا باشلىدى. ئاۋازى شۇنداق يېقىملىق ئىدى. ھۆرى موماينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىردەمدە يىقىن ئەتراپتىكىلەر ئاڭلاپ بولدى. ئۇلار كېلىپ ھەممىسى بىر ھەرە توپىدەك غۇڭۇلداپ ھازا ئېچىشتى. قاڭقى بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمىدى. ئۇ ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي ئۇياققا- بۇياققا چۆرگىلەپ يۈردى. يىغلاي دېۋىدى كۆزىگە ياش كەلمىدى.
         جامائەت موماينى ئۇلۇغ كۈندە ئۆلۈپتۇ، دەپ نامازدىن كېيىن قويماقچى بولدى. قاڭقى باشقا گېپى يوقلۇقىنى ئېيتتى. پېشىن نامىزىدىن كىيىن موماينىڭ نامىزى چۈشۈرۈلۈپ جىنازا يولغا چىقتى. جىنازا ئالدىدا قاڭقى يالغۇز كېتىپ باراتتى. مامۇت كۈرۈك ئۇنىڭغا يىتىشۋىلىپ يېنىدا گەپ قىلماي ماڭدى. باشقىلار ئۇنىڭغا پاختىلىق چاپان، كونا قۇلاقچا كىيدۈرۈپ، بېلىگە ئاق بەلباغ باغلاپ قويغانىدى. قاڭقى بىر تۇرۇپ بۇ قېرى ئەجەپ ئىسسسىق بىر كۈندە ئۆلدى. بىر يىل قانداق توشار، دەپ ئويلىسا، بىر تۇرۇپ موماي ئۆلىدىغان چاغدا ئالجىپ ئالا جوقا گەپ قىلغان بولغىيدى، دەپ ئويلايتتى. يول توپا بولغاچ ئۇزۇن سەپنىڭ ئارقىسىدا چاڭ-توزان ئەگىشىپ كېلەتتى. ئۇنىڭ تەرلەپ ماجالى قالمىغىلى تۇردى. شۇ تاپتا پاقا شوراپ قويغان بولسىمۇ بىر قوغۇن بولسا ئەجەپ ياخشى بۇلاتتى، دەپ ئويلىدى. مەھەللە سىرتىغا چىقىپ خېلى ماڭغاندىن كىيىن مازارلىققا بارغىلى بولاتتى. قاڭقى ئانچە-مۇنچە ئۈندەرىگەندەك ئانامەي، دەپ ۋارقىراپ قوياتتى. لېكىن ئۆزىنىڭ ۋارقىراۋاتقانلىقىغا كۆڭلىدە ئىشىنەلمەي كېلىۋاتاتتى. پاختىلىق چاپان شۇنداق ئېغىر، ئاسماندا قۇياش بارلىق زەھىرىنى ئۇنىڭغىلا سانجىۋاتقاندەك قادىلىپلا تۇرۇۋالدى. مىيىت ئۇزاتقۇچىلار  ھېلىدىن-ھېلىغا جىنازا كۆتۈرۈشكە ئالمىشىپ تۇراتتى. قاڭقى بىر تۇرۇپ بۈگۈن ئۆلگىنىمۇ ياخشى بولدى، ئۇلۇغ كۈن بولغاچقا كۆپ ئادەم كەلدى، دەيتتى. ئۇلارنىڭ ئارسىدا ئۆزى تۇنۇمايدىغانلارمۇ كۆپ ئىدى. قارىغاندا موماينىڭ تەڭتۈشلىرى خېلى باردەك قىلاتتى. ئۇلار چورۇقنىڭ ئۇچىدا توپىنى كۈرەپ، توزۇتۇپ ماڭاتتى. قاڭقى پات-پاتلا ئانامەي، دادامەي، دەپ قۇيۇپ، يىڭى بىلەن تەرلىرىنى سۈرتۈپ كېتىپ باراتتى.
     مەھەللە كىچىك بولسىمۇ زاراتگاھلىقى خېلى چوڭ ئىدى. ئۇلار قەبرىلەرنى ئارىلاپ، كولاپ قويغىلى خېلى بولغان بىر گۆرنىڭ ئالدىغا كەلدى.  بۇنىمۇ موماي ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان ئوخشايدۇ، ئەتراپنى يانتاق، جىن تاۋۇزى قاپلاپ كەتكەنىدى. بەزى چوڭراق قەبرىلەرگە ئالا-تاغىل بايراقلار سانجىپ قۇيۇلغانىدى. ئىككى ئادەم گۆرنىڭ ئىچىگە سەكرەپ كىردى. ئىككى ئادەم مىيىتنى جىنازىدىن چىقاردى، كىگىزدىن يەشتى، ئاندىن تاشقارقى گۆرگە چۈشۈردى. بىرى موماينى ئىچكىرىكى گۆرگە ئېلىپ كىرىپ كەتتى. گۆر كولانغىنىغا ئۇزۇن بولغاچ تاشقارقى گۆردە تۇرغانلار توپىغا كۆمۈلۈپ كەتتى. قاڭقى توپا بېسىققاندا قارىۋىدى، كېپەنلىكتىكى موماينىڭ ئېچىپ قۇيۇلغان يۈزى پارقىراپ كەتكەندەك بولدى.
         موماينىڭ قىرىقى توشقاندا قاڭقى مەھەللە-كويدىكىلەرنى يارما ئاش ئېتىپ ئۇزاتتى. شۇ كۈنگىچە ئاق بەلباغ تۇنۇغۇسىز بولۇپ، پاختىلىق چاپان قۇرۇتلاپ كەتكەنىدى. مامۇت كۈرۈك قوناق ياردەم قىلدى، ئۆيىگە ئانچە-مۇنچە تاماق ئەپكىرىپ بېرىپ تۇردى. شۇنداقتىمۇ قاڭقى«خەپ كۈرۈك، بىر يىلمۇ توشار» دەپ ئىچىدە خەپلەپ يۈردى. قاڭقىغا بېشىغا تېگىدىغان ھاسا ۋە خورەك ئاۋازىلا كەملەپ قالغاندەك تۇراتتى. ئۇ كەچتە بۇرۇنقىدەكلا يۇلتۇزلارنىڭ  ئاسماندا جىمىرلاشلىرى، پاقىنىڭ كۇرۇلداشلىرى، پاشىنىڭ بىر كۈن بىر يېرىنى  يەنە بىر كۈن يەنە بىر يېرىنى دوردايتىپ قۇيۇشلىرى… ئىشقىلىپ قاڭقى قوغۇندىن ئازراق پۇل قىلىۋالدى. ئەمدىكى ئۈمىدى يەنە گۆردە قالدى. بۇ موماي تىرىكىدە ئۆچ ئالالماي ئۆلگەندىن كىيىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن مېنى ئالداۋاتامدۇ يا، دەپمۇ ئويلاپ كېتەتتى. زادى شۇ قوتۇر ئوشۇقتا نېمە كارامەت باردۇر؟  قاڭقى بىرى پېشىدىن تارتقاندەك مازارلىققا باردى. موماينىڭ قەبرىسىنى پەرق قىلالماي كۆپ جىلە بولدى، ئەتراپ قورقۇنۇچلۇق ھەم سۈرلۈك ئىدى. شىرىققىدە قىلغان ئاۋازلا قاڭقىنى تىترىتىپ، جېنىنى ئېلىشقا يىتىپ ئاشاتتى. ئۇ ئەمدى گۆرنى ئېچىشقا قۇربى يەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. كۆز ئالدىدا شۇنداق سەت ئالۋاستىلار پەيدا بولاتتى، يوقىلاتتى. بەزىسى مومايغا ئوخشايتتى. ئۇ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قاچتى. ناۋادا بىر ئاۋاز «توختا !» دىسىلا قاڭقى ئۆلۈپ قالغان بولاتتى. بولدى، قېرى قاغىنىڭ گۆرىگە كىرمەيمەن. بويى بىلەن تەڭ ئالتۇن بەرسىمۇ، قوغۇننىڭ پۇلىنى تىقىۋالىمەن، ئىتنىڭ ئورنىغا مېنى باغلامدىكەن تېخى… قوغۇنلۇققا كەلگەندىلا ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسەبىيلەرچە پىچىرلاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى.
       شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ ھەر كۈنى كەچتە شۇنداق قېچىپ كېلىدىغان، ئاغزىدا بىر نېمىلەرنى توختىماي پىچىرلايدىغان بولدى. مازارلىققا باراتتى، قاچاتتى، باراتتى، يەنە قاچاتتى، قەبرىلەر ئارلىشىپ كەتتى. ئۇ ئەندىشىگە چۈشۈپ قالدى. ئۇنداقتا قانداق بولىدۇ؟ كۈندۈزدە ئۇ تۇيدۇرماي بېرىپ بىر نەرسىنى بەلگە قىلىۋاتاتتى. كەچتە يەنە يۈتتۈرۈپ قوياتتى. كۆپ ۋاقتى مازارلىقتا ئالاقزادىلىكتە تۈگەيتتى، كۆپ ئورۇقلاپ كەتتى. چىرايىدىن توپا ئۆرلىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ بىر يىل توشمايلا ئۆلۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ قورقۇپ قالدى.
         بۇ كۈنى ئاي قاراڭغۇسى بولغان ئىدى. قاڭقى تىمسىقلاپ بىرى پېشىدىن تارتقاندەك مازارلىققا باردى. خۇپتەن نامىزى ئوقۇلۇپ بولغىنىغا خېلى بولغان ۋاقىت ئىدى. ئەتراپ تىمتاس، يىقىن جايدىن قوينىڭ مەرىگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. قاڭقى نىشاننى پەرق قىلالمىدى، ئادىشىپ قالدى. كېيىن يەنە تام ياقىلاپ كىرىش ئېغىزىغا كەلدى. ئاندىن نىشاننى ئۇدۇللىۋىلىپ ماڭدى، بىر ئادىشىپ يەنە توغرىلىۋىدى. ئەتراپقا سىنچىلاپ قارىدى. قەبرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ بىردەم ئارام ئالدى، ئاندىن تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ توپىنى تارتىشقا باشلىدى، توپا يۇمشاق، نەمخۇش ئىدى، يۈرىكى قاتتىق سوقۇۋاتاتتى. ھەر سوققاندا ئۆزىنىڭ تىترەپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلاتتى. ئاغزى قۇرۇپ كەتتى. پۈتۈن ئىچ باغرى، ئۆپكىسىنى مازار توپىسى قاپلاپ كەتكەندەك ھېس قىلاتتى. شۇنداقتىمۇ ئازلا قالدى، مۇنكىر-نەكىر، يەنە بىر پەستىن كېيىن… دەپ پىچىرلايتتى. ئىچكىرىكى گۆرنىڭ خىشى كۆرۈنگەندە چېكە تومۇرى يېرىلىپ كېتىدىغاندەك سوقۇپ كەتتى. ھەي، كاساپەت تومۇرلىرىم ئېتىلىپ كەتمىگىدى، دەپ پىچىرلىدى. بىردەم ئولتۇرۇپ ئارام ئالغۇسى كەلدى، لېكىن ئالدىرايتتى. بىر نەرسىنىڭ خارتىلدىغان ئاۋازى ئۇنى ئوڭدىسىغا ئۇچۇرۋەتتى. ھۇشىنى يىغىپ دىققەت بىلەن تىڭشىدى، كۆزىنى ئېچىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. ئاۋاز گۆردىن چىققاندەك قىلمايتتى، شۇندىلا كۆڭلى ئارامىغا چۈشۈپ كۆزىنى ئاچتى. گۆرنىڭ يۇقىرى تەرىپىدە بىر ئىت ھاسىراپ تىلىنى ساڭگىلتىپ تۇراتتى. قاڭقى مەمەت چالمىدىن بىرنى تېپىپ پەملەپ تۇرۇپ ئاتتى. قورقۇپ تىترەپ كەتكەچكىمۇ تەگكۈزەلمىدى. ئىت قېچىپ كەتتى، ئاندىن يىراقتا تۇرۇپ ھۇۋلاشقا باشلىدى. قاڭقىنى سۈر بىسىپ پۈتۈن بەدىنى تەرلەپ كەتتى. بىسمىللا، دەپ خىشقا قولىنى ئۇزاتتى ۋە دەرھال تارتىۋالدى. گۇناھلىق ئىش قىلىۋىتىپمۇ شۇنداق دىسە بولامدىغاندۇ، دەپ ئويلاپ قالدى. بولدىلا، ھەممىسى مومايغا ھېساب، ئۇ خىشقا قولىنى ئۇزاتتى. خىشقا چاپلىشىپ قالغان توپا شۇررىدە سىيرىلىپ چۈشتى. بىرنى، ئىككىنى ئالدى. گۆر ئىچىدىن سېسىق پۇراق ئېتىلىپ چىقتى. قاڭقى تۇمشۇقىنى پېشىدە ئورۇۋېلىپ، كۆزىنى يۇمۇپ تۇردى. ۋاقىت ئاستا ئۆتەتتى. لېكىن بىر تۇرۇپ تاڭ ھازىرلا يورۇيدىغاندەك، كىشىلەر ئۇنى كۆرۈپ قالىدىغاندەك تۇيۇلاتتى. ئاخىرى تۇمشۇقىنى تۆشۈككە ئاپىرىپ باقتى. پۇراق ئاۋۋالقىدىن سۇسلاپ قالغاندەك ئىدى. ئۇ كۆزىنى يۇمۇپ بۇرنىنى پۈركەپ، بىر قولى بىلەن سىيلاپ-سىيپىلاپ خىشلارنى سۆكۈشكە باشلىدى. خىش بەك يوغان بىلىندى، ئۇنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە خىش بۇنچە چوڭ ئەمەستەك ئىدى. ھېرىپ ھالىم قالمىغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىدى. قولىنى تۆشۈك ئىچىدە ئايلاندۇرۇپ بېقىۋىدى ئۆزى پاتقۇدەك ئېچىلغانلىقىنى ھىس قىلدى. گۆرگە بىر تەرەپتىن شىرىلداپ توپا ئېقىپ كىرىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ كەينىچە كىرىشكە باشلىدى، تىنىقلىرى توختاپ قالدى. چېكە تۇمۇرلىرى ئۇزاق-ئۇزاققا بىر سوققاندەك، كاللىسى تىترەپ كېتىۋاتقاندەك بىلىندى. گۆرگە كىرىپمۇ بولدى، ئۇھ، دەپ ھاردۇق ئالدىيۇ، شۇئان كۆڭلى ئېلىشىپ كۆزى قاراڭغۇلىشىپ كەتتى. بىر پەستىن كىيىن سۇبھاناللا، دەپ كۆزىنى ئاچتى. ئالدىدا پارچە سۆڭەكلەر تېرىلىپ ياتاتتى. ئەجەپ ئىش، شۇنداق ئاسان قۇرۇت يەپ كەتكەندىمۇ؟ خۇدا ماڭا ئىچ ئاغرىتقان ئوخشايدۇ، دەپمۇ ئويلاپ قالدى. ئىچ باغرىغا توپا-تۇمانلىق سېسىق پۇراق سىڭىپ كەتتى. تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ دەل ئۆلۈكنىڭ قۇرساق تەرىپىدە ئولتۇرغانلىقىنى بىلىپ قېلىپ ئىتتىك قوپتى. لېكىن بېشى گۆرنىڭ تورىسىغا تېگىپ لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى. كاللىسى ئوڭ -تەتۈر چۆرگىلەپ، گۆر دۈم كۆمتۈرلگەندەك بولدى، ۋارقىراپ تاشلىۋىدى، كانىيىدىن ھىچقانداق ئاۋاز چىقمىدى. گۆر ئاغزىدىن قاپقاراڭغۇ تۈن كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئاغزى شۇ قاپقاراڭغۇ تۈننىڭ دەھشەتلىك ئاغزىدەك، ھازىرلا ئۆزىنى يۇتۇۋېتىدىغاندەك تۇيۇلاتتى. بۇ ئېغىز ئىچىدە كۆكۈش نۇر چېچىپ تۇرغان ئىككى نەرسە كۆرۈندى. ئۇ ساراسمىگە چۈشۈپ قالدى، بىردەم قىمىرلىماي تۇرغاندىن كىيىن ئۇنىڭ ھېلىقى ئىتنىڭ كۆزى ئىكەنلىكىنى بىلىپ بىر ئاز جانلاندى. ئۇ ئەتراپقا سەپسىلىپ يەرنى قارىسىغا سىپلاشقا باشلىدى. كۆزى غۇۋا ئاقىرىپ تۇرغان بىر پارچە سۆڭەككە چۈشتى. ئۇ ئوشۇقتەك تۇراتتى ھەم باشقا سۆڭەكلەردىن پەرقلىق ئىدى. ئۇنى ئالماقچى بولدى. لېكىن ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدى. بىر تۇرۇپ موماينىڭ ئۆزىنى ئالدىغىنىنى جەزىم قىلاتتى، بىر تۇرۇپ بالدۇر كېلىپ قالغانلىقىم ئۈچۈن شۇنداق بولدى، دەپ ئويلايتتى. قاڭقىنىڭ گۆردىن سۇغۇرلۇپ چىقىشىغا ئىت بەدەر تىكىۋەتتى. ئۇ ئوشۇقنى يانچۇقىغا سېلىۋالدى. قايسى پۇتنىڭكىنى ئالغاندىمەن دەپ دەرگۇمان تۇرۇپ قالدى. قايتا كىرىشكە ماجالى قالمىغانىدى. خىشلارنى كەلسە-كەلمەس تىزىپ، توپىنى ئىتتىرىشكە باشلىدى. قانداقلا قىلسۇن ئەسلىدىكىگە ئوخشىتالمىدى. باشقا يەردىكى قۇرۇق توپىدىن چاپىنىغا ئۇسۇپ ئەپكىرىپ گۆر ئۈستىگە چاچتى، يەنە ئوخشىمىدى.  ئاخىر ئۆيىگە قاراپ بەدەر قاچتى. ئاخىر ئىككىسى ئىككى تەرەپكە قاچتى. بىر پەستىن كېيىن ئىت ئۆزىنى قوغلىمايۋاتقانلىقىنى بىلىپ، كۆكۈش كۆزلىرىنى پارقىرتىپ قاراپ قالدى.
     قاڭقى شۇ چاپقىنىچە ئۆيگە كەلدى ۋە سوغوق سۇدىن راسا ئىچتى، ئىچ-باغرىدىكى توپا-تۇمانلار پاتقاققا ئايلىنىپ كەتكەندەك بولدى، بىردەمدە لايدەك ئېزىلىپ ئۇيقۇغا كەتتى. چۈشىدە، قاسىم باينى كۆردى. ئۇ ئېتىكاپ ئالدىدا تۇراتتى. چاپانلىرى يىرتىق، بەدىنىمۇ مايماق كۆرۈنەتتى. جامائەت ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ تۇراتتى. ئۇ بولسا ئوشۇقى يوق پۇتىنى كۆرسىتىپ جامائەتكە زارلىناتتى، قاقشايتتى. ئاقساپ مىڭىپ قۇياتتى. ھاسىسىنى شىلتىپ قوياتتى. جامائەت غۇڭۇلداپ سۈرىلەرنى تەكشى ئاۋازدا ئوقۇيتتى، بەزىلەر ياقىسىنى، پېشىنى چىشلەيتتى، ئۇيۇقنىڭ يىنىدىكى جىن چىراغ غۇۋا يورۇپ تۇراتتى. قاسىم باي يەنە ئوشۇقنى كۆرسۈتۇۋاتاتتى…
    قاڭقى ئويغۇنۇپ قارىسا، كۈن خېلى ئۆرلىگەنىدى. كۆزىنى ئۇۋۇلاۋېتىپ چۈشىنى ئويلىدى. نېمىدىن بىشارەت بېرىدىغانلىقىنى ئۇقالماي ئۇزاق ئولتۇردى. قوينىدا بىر ئوشۇق تۇراتتى.
         ئۇ بىر كۈن كەچكىچە يۈرەكزادە بولۇپ يۈردى. بىردەمدىلا ئاغزىنىڭ ئەتراپىغا قوقاق چىقىپ كەتتى. ئۇ قىچىشۋاتقان قوقاقنى تاتلىغاچ ئورۇق ئۆچكىگە قاراپ ئولتۇرىۋەردى. ئورۇقلاپ كەتكەن ئۆچكە كىچىك بالا يىغلىغاندەك مەرەپ قوياتتى، كۆزلىرىنى مۆلدۈرلەتتى. ناماز شام بولغاندا ئۆچكە قاتتىق مەرىدى. قاڭقى چۆچۈپ قارىغانىدى، ئۇ قاسىم بايغا ئوخشاپ قالدى. ياشاڭغۇراپ تۇرغان كۆزلىرى، بىر تۇتام ساقىلى… قاڭقى بىر ۋاراقلاپلا ئۆيگە قىچىپ كىردى. سۇبھاناللانى شۇنچە تەكرارلىسىمۇ ئۆچكە مەرەشتىن توختىمىدى. ئاغزىدا دەل شۇ، نەق ئۆزى، ئۆچكە، دەپ بىر بۇلۇڭغا تۈگۈلۈپ كىرىۋالدى، ئاخىرى ئۇخلاپمۇ قالدى. چۈشىدە قاسىم باي ئاقساق پۇتىنى خالايىققا كۆرسىتىپ زارلايتتى، قارغايتتى. بىردە ئۆچكىگە ئايلىنىپ مەسچىتتە چۆرگىلەپ يۈرەتتى، مەرەپ قۇياتتى. قاڭقى بولالمىدى. ھويلىدا ئۆچكە مەرەۋاتاتتى. ئۇ ئاستا مېڭىپ مازارلىققا باردى. گۆر ئوچۇق ئىدى، كۆمگەندەك قىلىۋاتاتتىمغۇ دەپ ئويلىدى. ئىشنىڭ تېگىگە زادى يىتەلمىدى. قوينىدىكى ئوشۇقنى گۆر ئىچىگە تاشلىۋەتتى.
     كۈن شۇنداق ئۆتۈۋەردى. قاڭقى ئاچ قالمىدى، لېكىن قىمارنى شۇنىڭدىن كىيىن ئوينىمىدى. ھازىر كېچىچە مامۇت كۈرۈكنىڭ ئالتۇنلىرىنى ئۇتۇپ چۈشەپ چىقىدىغان بولدى.  قاسىم باي چۈشىدە كۆرۈنمىدى. يۈزىدىكى قوقاقلار بارا-بارا يوقاپ كەتتى. قېرى ئۆچكە ئەمدى قاسىم باي ئەمەستەك تۇراتتى. ئۇ ئۆينىڭ بىر ئېغىزىدىن باشقىلىرىنى تاشلىۋەتتى، مەھەللە ئېغىزىدىكى كۆل بېشىدا قارتمۇ ئوينىمىدى. كۈرۈك نەچچە قېتىم دوغا چاقىرغان بولسىمۇ خەپ، شۇ ئوشۇقنى بىر ئالاي، شۇ چاغدا كارامىتىڭنى بىر كۆرەي، دەپ ئىچىدە خەپلەپ يۈرىۋەردى، قوشنىلىرى بۇ قاڭقىغا جىن چاپلاشقاندەك تۇرىدۇ، ھىچ بولمىغاندا ئۆيلەپ قويساق بولاتتى، دەپ ئۇنىڭغا ئەردىن چىققان يېتىم جۇۋاننى سايە قىلدى، قاڭقى ئۇنىمىدى. قېرى ئاياللار ئۇھ تارتىپ ھەي سېنىڭ يېشىڭدا… بۇ بالىنىڭ بىرەر كەمتۈك تەرىپى بارمىدۇ يا ؟! دىيىشىپ ئامالسىز باش چايقاپ قىلىۋېرىشەتتى. بۇ گەپمۇ ئاستا-ئاستا يىتتى. بىراق، قاڭقى ئۈستىدە تەڭتۇشلار ئارسىدا باشقا گەپلەر ئاۋۇپ قالدى. مامۇت كۈرۈك بۇ دورام تېخىمۇ يايراپ كەتتى، بىر كۈنى يۈزىدىن-يۈزىگە ئوغۇل بالا دىگەن شۇ يەردىن كەتكۈزۈپ قويسا… ھەي، ھەتتا قىمارمۇ ئوينالمايدۇ، دېدى. ئامال يوق. قاڭقى چىداپ يۈرىۋەردى.
ئۇ بىر كۈنى قوپۇپ ئويلىنىپ قالدى. نېمىشقا سازلىقنى ئۇنتۇپ قالغاندىمەن؟  ئۆچكىنى تاشلاپلا شۇ يەرگە بارمايمەنمۇ؟ ئۇ زەيكەشلىككە قاراپ ماڭدى. ئۇ يەر ئۈچ-تۆت چاقىرىم كېلەتتى، بۇرۇنلاردا تولا بارىدىغان. قاڭقى كەڭ سازلىقنى بىر كۆرۈپلا شۇنداق ئازادلىشىپ قالدى، كۆڭلى بۇزۇلۇپ يىغلاپ كەتتى. كۆڭلۈگە ئورنىشۋالغان توپىلار ئېقىپ چىقىپ كەتكەندەك بولدى. بىرەر  بۇلاقنىڭ كۆزىگە چۈشۈپ كىتىپ قالماي دەپمۇ ئويلىمىدى. ساز سۈيىگە چۆمۈلۈپ قىن-قىنىغا پاتماي ئويناپ كەتتى. قاڭقى يەنىلا يىغلاپ تاشلىدى. بىلىقلار ئۇنىڭ بەدىنىنى غىدىقلايتتى، سازلىقنىڭ ئەتراپى قۇمۇش بىلەن قاپلانغانىدى، باشلىرىدا ئېغىر توزغاقلار ئىغاڭلاپ تۇراتتى، ئاندا-ساندا غازنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. قاڭقى موماينىڭ ئوشۇقىنى ئۇنتۇپ كەتتى، سۇدىن چىقىپ شور يەردە ياتتى. قاڭقى قوپۇپ ساز سۈيىنىڭ يىنىغا باردى. ئۇششاق بېلىقلار تەرەپ-تەرەپكە قىچىپ كەتتى. بىردەمدىن كىيىن ئۇلار ئاستا-ئاستا قاڭقىنىڭ ئالدىغا كەلدى، لەشلەرنىڭ ئارسىغا كىردى. ئۇ چەبدەسلىك بىلەن لەشنى يۇلۇپ قۇرۇق يەرگە ئاتتى. ئاندىن كۆتۈرۈپ سىلكىدى. باشمالتاقتەك پارقىراق زاغرا بېلىقلار، بۇدۇرۇققىنە بېلىقلار يەرگە سەكرەپ چۈشتى. قاڭقى ئۇلارنى تېرىۋىلىپ ئۇزاق قاراپ كەتتى. يۇمۇلمايدىغان كۆزلىرى، سىيلىق بەدىنى، قۇيرۇقلىرى… قاڭقى ماڭا سايە قىلىشقىنى مۇشۇ بېلىقتەك بولسا كاشكى، دەپ ئويلاپ قالدى. ئۇنىڭچە ئۇ كۆرگەن ھەم ئېسىدە قالغانلارنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن چىرايلىقى شۇ بېلىق ئىدى. ئۇ بېلىقلارنى سۇغا سېلىپ قويدى. بېلىقلار دەسلەپ تازا ئىشىنەلمەي تۇردى. كېيىن ھايت دېگۈچە كۆزدىن يوقالدى. ئۇ قايسى بىرلىرىنىڭ قايسى تەرەپلەرگە كەتكەنلىكىگە ئۇزاق سىنجىلاپ قاراپ تۇردى. يۈرىكى ئېغىپ كىتىۋاتقاندەك ھېس قىلدى. ئاندىن ئارقىمۇ-ئارقا بىر نەچچە قىتىم يەنە شۇنداق قىلىپ ئوينىدى. بېلىقلارغا قانىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. قوش چاڭگىلىغا سۇ ئېلىپ بېلىقلارنىڭ ئالقىنىنى غىدىقلىشىدىن ئۇزاق، سۇ سىرغىپ تۈگەپ كەتكۈچە ھوزۇرلىنىپ تۇردى.
     كەچكى شەپەق كۆل يۈزىنى قىزارتۋەتكەندە قۇشلارنىڭ ئاۋازى كۆپەيدى. سازلىق ئوتتۇرسىدىكى دۆمبەللەردىن ياۋا ئۆردەكنىڭ غاقىلدىغان ئاۋازى ئاڭلىناتتى. قاڭقى بىر دۆڭلۈكنىڭ ئاستىغا كەلدى، دۆڭنىڭ ھەممە يېرىدە ۋىلىقلاپ كىچىك-كىچىك بۇلاقلار چىقىپ تۇراتتى. ئۇ بىر بۇلاق كۆزىنى كۆمدى. لېكىن سۇ بىردەمدە كۆتۈرۈلۈپ چىقتى. ئىشقىلىپ بۇ كىچىكىدىن تارتىپ ئوينىغان ئويۇن. ئۇ چاغدا مامۇت كۈرۈك بىلەن بىللە ئوينايتتى. كۈرۈك ھازىرغۇ ئاينىپ كەتتى. قاڭقى قورسىقى ئېچىپ كوركىراشقا باشلىغاندا، ئۆيگە قايتىپ كەلدى.
     قاڭقى يېرىم كېچە بولغاندا ئويغىنىپ كەتتى. ئۇيقۇسى قاچقانىدى. ئولتۇرۇپ ئۇزاق ئويلاندى. كۆز ئالدىدا بېلىقلار پەيدا بولمىدى. بۇلاقلار بۇلدۇقلاپ تۇرمىدى. ئۇ ئورنىدىن ئىتتىك تۇرۇپ مازارلىققا قاراپ چاپتى. بىر نەرسە پېشىدىن تارقاندەك بولدى. ئۇ چاققانلىشىپ كەتتى. بىردەمدە ئۆزىمۇ ئۇقماي ئۆزىنى گۆرنىڭ خىشىنى تارتىۋاتقان ھالدا كۆردى. ئىچكىرىدىن زەي، سېسىق پۇراق چىقىپ تۇراتتى. ئۇ گۆر ئىچىگە پۇتچىلاپ چۈشتى. مېيىت ساقلا تۇراتتى. ئۇ باشقا گۆرنى كولاپ قالغاندىمەنمۇ، دەپ ئەندىشە قىلدى. كېيىن كېپەنلىكنى ئاستا تارتىپ سالدۇرۇشقا باشلىدى، تۈرۈلۈپ قىلىپ كۈچەپ بىر تارتتى، تۇيۇقسىز بىر نەرسە كېلىپ ئېڭىكىگە تەگدى. ئۇ ئوڭدىسىغا ئۇچۇپ كەتتى. قاڭقى ئاجايىپ چوڭقۇر ئازگالغا چۈشۈپ كېتىپ باراتتى، چۈشەتتى، چۈشەتتى. زادى تېگى كۆرۈنىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ۋاي، دەپ ئىككى قولىنى شىلتىۋىدى، قولى نەم توپىغا تەگدى. قاڭقى ئۆزىنىڭ قانداقسىگە گۆر ئۈستىگە چىقىپ قالغانلىقىنى بىلەلمەي  ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ كەتتى. بىر نەرسىنىڭ ئېڭىكىگە تەگكەنلىكى ئېسىدە. ئېڭىكىنىڭ قاتتىق ئاغىرۋاتقانلىقىنى سەزدى. تاشقىرىقى گۆرگە سىيرىلىپ چۈشۈپ خىشنى ئېگىز-پەس تىزدى. توپىنى جان-جەھلى بىلەن تارتىپ چۈشۈرۈشكە باشلىدى. ئىچىدە ئىت موماي، ۋاقىت توشمىدى، دەپ تەپكىنىڭمۇ_ ھە؟ قېرى قاغا، مەمەت قاڭقىنىڭ ھالىنى بىلمەمتىڭ! سەن قېرى، ئۆلۈك تۇرۇپمۇ قانداق تەپتىڭ؟! دەپ سۆزلەيتتى. راست قانداق تەپكەندۇ؟ ئويلا، ئويلا ئۆيگە بەدەر قاچتى. ئۆيدىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ تۇيماي قالدى. ئاندىن ئارقىسىغا يېنىپ ئۆيگە كىردى. ئۆچكە مەرىۋىدى، يۈرىكى تېخىمۇ سېلىپ كەتتى. ئۇ ھارغانىدى. تېزلا ئۇيقۇغا كەتتى. چۈشىدە چاچلىرى چۇۋۇق، كېپەنلىرى يىرتىق بىر موماي قاڭقىنى سۈرۈپ چىقتى. ئەتىسى ئېڭىكىنىڭ مايماق بولۇپ قالغانلىقىنى ئەينەكتىن كۆردى.
     قاڭقى شۇنىڭدىن كىيىن خېلى ۋاقىتقىچە مازارلىققا قورقۇپ بارالمىدى، گۇمانلاندى. موماينىڭ ئۆزىنى ئالدىغانلىقىنى تېخىمۇ جەزىملەشتۈردى. لېكىن ئۈمۈدىنى ئۈزەلمىدى. قارا قىشنىڭ ئۇزۇن كېچىلىرى مازارلىقتا دېلغۇل بولۇپ ئۇزاق-ئۇزاق تۇردى. قېرى ئۆچكىنى سېتىۋەتتى. ئىت ئۆلۈپ قالدى. ئۇنىڭ چىللىدىن چىقالمايدىغانلىقىغا ئۆزىنىڭمۇ كۆزى يەتكەنىدى. مامۇت كۈرۈك بۇلتۇر شەھەرگە كىرىپ كەتكەن پېتى قايتىپ چىقمىدى. كىشلەرمۇ ئۇنى ئۇنتۇپ قالغاندەك ئىدى. بىراق مەھەللە- كويدىكىلەر قاڭقىنى ساراڭ دەپ بىلىدىغان بولدى. بولمىسا مومىسىنىڭ گۆرىنى قازاتتىمۇ؟
        ھەش - پەش دېگۈچە قوغۇن پىششىقى بولۇپ قالدى. ئويلىسا شۇنداق تەسكە چۈشكەن كۈنلەرنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىگە ئۆزىمۇ بىر نەرسە دېيەلمەيتتى. قوغۇننىڭ باش بۇرنىنى قورقماي ئۆزى يەۋالدى. بازارغا ھەپتىدىن كېيىن ئەكىرسە قىمارغا لايىق ئازراق بىر نەرسە چىقىرىۋالىدۇ. ئۇ كېچە -كېچىلەپ ئاسمانغا قاراپ ياتاتتى. خىيالىغا بېلىققا ئوخشاش چىرايلىق قىزلار كىرىپ تۇراتتى. لېكىن ئۇلار كۆپرەك جىنغا ئوخشايتتى. پاشا غىڭشىپ ئۇخلاتمايتتى. ئەتراپنى پاقا، چىكەتكىنىڭ ئاۋازى بىر ئالغانىدى. غۇر-غۇر شامال زەيكەشنىڭ، قوغۇن پېلەكلىرىنىڭ پۇرىقىنى ئېلىپ كېلەتتى. قاڭقى كۆزى ئەمدى ئۇيقۇغا بېرىپلا ئويغىنىپ كەتتى. بىرى ئۇنى تۈرتكەندەك قىلغانىدى. خېلى ئويلاپ كۆردى. ۋاقىتنى تەپسىلىي ھېسابلىدى. ئاندىن مازارلىققا ئۇچقاندەك باردى، كولىدى، بەك چوڭقۇر كولىدى. بۇ قېتىم ئازمىدى. تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغاندەك تۇراتتى. ئاخىرى قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن، گۆر ئېچىلدى. قاڭقى ئوشۇقنى ئالغىچە يۈرىكىم يېرىلىپ كەتمىسىلا بولاتتى، دەپ ئويلىدى. بۇ قېرى موماي يەنە بىرەر توزاق قۇرۇپ ئولتۇرغان بولمىسۇن، ئاۋايلاش كېرەك. ئېڭىكىمگە تەپكەن قېرى… ياكى ئۇرغاندۇ. سەت ئالجوقا، ياق،  توۋا، پەرىشتىدەك قېرىغان مومام، ئېسىل مېھرىبان چوڭئانام ئىدى. كۆيۈمچان، بېلىقتەك مومام. ئۇ گۆرنىڭ ئىچىگە كىردى، ئىسكىلىت تېرىلىپ تۇراتتى. مېيىتنىڭ سول تەرىپىنى تەستە پەرق قىلدى. ئوشۇق پارقىراپ نۇر چېچىپ تۇراتتى، ئۇ ئالدى، قوللىرى كۆيۈپ كەتكەندەك بولدى. سۆڭەكلىرى تېرىلىپ كەتتى. ئاھ، موماينىڭ ئوشۇقى، سېنى بىر يىل كۈتتۈم، مازار چاشقىنىدەك ھەممە يەرنى كولاپ بولدۇم. قاڭقى ھوشۇقنى كۆزلىرىگە سۈرتۈپ كەتتى، يۈرىكىگە تاڭدى، ئاندىن گۆردىن سۇغۇرۇلۇپ چىقتى. چىقىپلا يېتىپ قالدى. كۆڭلى كەتكەندەك بولدى. ئاھ، خۇدا، قوغۇنۇمنى تېرىسام بولمامتى، بېلىقىمنى، بۇلىقىمنى ئوينىسام بولمامتى. ماڭا قايسى كۈنلەرنى كۆرسىتەر ئەمدى بۇ ئوشۇق، مېنى راستىنلا مۇرادىمغا يەتكۈزەمۇ؟!
   
ئاۋات شەھەرنىڭ كوچىسىدا قاڭقى تېنەپ- تەمتىرەپ يۈرەتتى. ئۇ خۇش بولۇپمۇ كەتمىدى، ماگىزىنلارغا كىردى، چىقتى. ماگىزىن ئەينىكىگە قارىسا ئۆزىنىڭ شۇ يىرگىنىشلىك بەدبەشىرىسى، مايماق ئېڭىكى، قارا ئورۇق يۈزى… بۇلار ئوشۇققا تۆلىگەن بەدەل. ئۇ ئاخىرى نېمىگە ئېرىشەر؟ قاڭقى بۇ يەرنىڭ ئادەملىرىنىڭ قانداقلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغانىدى. ئۇ مەتودەك دوقۇرۇپ يۈرىۋەردى. بىر چاغدا بىرى دولىسىغا قاقتى. قاڭقى چۆچۈپ كەتتى. قارىسا بىرى ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭ قولىغا بىر سومكىنى تۇتقۇزۇپ قويدى ۋە سومكىنى قالايمىقان تاشلاپ قويماڭ، بىكار يۈتۈپ كېتىدۇ، دەپ كىتىپ قالدى. قاڭقى ئاغزىنى ئۆمەللەپ بولغۇچە ئۇ ئادەم كۆزدىن غايىپ بولغانىدى. ئۇ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى.
     قاڭقى ئوشۇقنى ئېلىپلا بۇ يانغا ماڭغانىدى. ئۇ ھېچنەرسە ئويلىماي، پەقەت شەھەرگە بارساملا بولدى، دەپ كېچىلەپ ماڭغانىدى. ھازىر نېمە قىلارىنى ئۇقماي تۇرۇپ قالدى. سومكا خېلى ئېغىر تۇراتتى. مۇنداق چىرايلىق سومكىنى ئۇ بۇرۇن زادىلا كۆرۈپ باقمىغان، ئېچىپ قاراپ بېقىشقا پېتىنالمىدى، تەستە مېڭىپ كوچىغا چىقتى. نەگىلا قارىسا مىغىلداپ تۇرغان ئادەم، قاراپ باقايچۇ دەپ خىلۋەترەك بىر يەرنى تەستە تاپتى. سومكىنى يەرگە قويدى. لېكىن ئاياغ ئاۋازى ئاڭلىنىپ توختاپ قالدى. بىر ئايال ئۇنىڭ كۆزىگە يېقىملىق قارىدى. بېلىققا ئوخشىمىسىمۇ بەك پۇزۇر ئايال ئىكەن دەپ ئويلىدى ئۇ، يۈرىكى پوكۇلداپ كەتتى. كۆزىنى ئېلىپ قاچسىمۇ ئايال ئۇدۇل كېلىۋەردى. قاڭقىغا سالام قىلدى. قاڭقىمۇ سالام قايتۇردى. ئاغزىنى تەستە مىدىرلىتىپ «سومكا سىلىنىڭمۇ؟» دېمەكچى بولۇۋاتقاندا ئايال:
     - سەھرادىن كەللىمۇ؟ - دەپ سوراپ قالدى.
     -ھەئە، بۇ… -دەپ قاڭقى تۇرۇپ قالدى.
     - بۇرۇن كېلىپ باققانمۇ؟
    - ياق، كەلمىگەن، تەلەي سىناي دەپ بىر كەلدىم. راست مامۇت كۈرۈك. بىز دوست ئىدۇق. شۇنى ئىزدەپ كەلگەنىدىم.
     - كىم؟ مامۇت ئىسىملىك ئادەم تولا، كۈرۈك دېگەن ئادەمنى ئاڭلاپ باقماپتىمەن.
     - زەيكەشتىن كەلگىلى بىر يىل بولمىدى. ئېگىز قاڭشارلىق ئادەم.
     - ھە، راست مامۇت ھاجىم. قويسىلا يىگىتچاق. مەن بۇرۇن ئۇنى ياخشى كۈتكەنىدىم. ھازىر مەندىن چاندى. نېمە، بىرەر مەدىكارچىلىقى بولسا قىلىپ بېرەي دەپ كەلگەنمۇ؟ يا باشقا ئىشقىمۇ؟
    - ياق، مەن ئۇنىڭ بىلەن قىمار ئوينىغىلى كەلدىم.
     ئۇ ئايال بىردەم قاراپ قالدى. ئۇنىڭ گېپىگە ئىشەنمەيدىغاندەك تۇرۇپ كەتتى. قاڭقى بۇ ئايالنىڭ ئۆزىگە نېمىشقا مۇنداق يىقىنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلەلمىدى. ئۇنىڭ ئۆزىنى بىمالال تۇتۇۋاتقانلىقىغا ھەۋىسى كەلدى.
     - نېمە ھۈنەر قىلدىلا؟
    - ھۈنىرىم يوق. قىمار ئوينايمەن،- دېدى قاڭقى. شۇ تاپ ئۇ سومكىنىمۇ ئۇنتۇپ قالغانىدى.
     - گەپنىڭ پوسكاللىسىنى دەيدىكەنلا. لېكىن بۇ تۇرقلىرى بىلەن شەھەردە ھېچ ئىشنى بىر باشقا چىقىرالمايلا. بەك تەس. ناۋادا خالىسام بىر ئاي ئىچىدە بۇ شەھەردىكى ھەرقانداق ئادەمدىن قېلىشمىغۇدەك پەيزى يىگىت قىلىۋېتىمەن، - دېدى.
      - نېمە شەرت بىلەن؟ - دېدى قاڭقى ئېڭىكىنىڭ ئوڭلىنىشىغا ھەرگىز ئىشەنمەي.
      - سومكىدا نېمە بارلىقىنى بىلەمدىلا؟- دەپ سوراپ قالدى ئايال.
      - ياق، - دەپ جاۋاب بەردى قاڭقى.
      - ئۇنداقتا بىلمەيلا قويسىلا. ئۇ سومكىنىڭ سىلىنىڭ ئەمەسلىكىنى بىلىمەن. مەن بىر كۈن پېيىدا يۈردۈم. قىزىق، كېيىن سىلىنىڭ قوللىرىغا چۈشۈپ قالدى. شۇنى بەرسىلە، باشقا نەرسە تەلەپ قىلمايمەن،- دېدى.
       قاڭقىنىڭمۇ مۇنداق يۈرۈۋەرگىسى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈرۈكنى تېپىشى كېرەك ئىدى.
        قاڭقى يېڭى كىيىملەرنى كىيدى. ھېلىقى ئايال تاماق ئېتىپ بېرەتتى، كېچىچە ئۇنىڭ بەدىنىنى يۇمشاق قوللىرى بىلەن ئۇۋۇلاپ چىقاتتى، مۇنچىغا چۈشۈرەتتى. تەلەپپۇزىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرەتتى. مېڭىش-تۇرۇشنى ئۆگىتەتتى. ئىشقىلىپ قاڭقىغا ئۆزىنىڭ ئەمدىلەتىن ئايىقى چىقىۋاتقاندەك بىلىندى. كۆپ ئۆتمەي تېرىلىرى يۇمشاپ، رەڭگىمۇ ئاقىرىشقا باشلىغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ كۈندۈزى راسا ئۇخلايتتى. كېچىچە بەك ھېرىپ كېتەتتى، ئايالنىڭ ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئەركىلەشلىرى ئۇنىڭ ھالىنى قويمايتتى. تاماقلار شۇنداق مەززىلىك ئىدى. يوتقانلار، ئولتۇرىدىغان يەرلەر… ئىشقىلىپ قاڭقى مەمەت چەكسىز ھوزۇر ئىچىدە ياشاۋاتاتتى. سومكىنى ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇپ كەتتى. مومايغا بىر نەچچە قېتىم دۇئا قىلدى. چوقۇم مازىرىنىڭ قېشىغا مەسچىت سالدۇرىمەن، دەپ ئۆزىگە قەسەم بېرەتتى، كېيىنرەك مازارلىقنىڭ بەك يىراق ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئېلىپ مەسچىت سالدۇرغاننىڭ پايدىسى يوق، شۇنداق تۇرىۋەرگەن تۈزۈك، ياق، بىر گۈمبەز سالدۇراي، كۈرۈك ھاجىم بولغاندەك مەنمۇ ھاجىم بولۇپ قالسام موماينىڭ ھەيۋەتلىك گۈمبىزى بولسا، مېنىڭ ئىناۋىتىمگىمۇ پايدىسى بار دىگەنلەرنى خىيال قىلدى. ئاخىرىدا، مومام بۇ ئايالنىمۇ ئاتايىن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانمۇ يە؟ دەپ چوكاننىڭ كۆزىگە ئۇزاق قاراپ كەتتى. لېكىن مەنىلىك قاراش ۋە جىلۋىدىن باشقا ھېچ نەرسىنى ھېس قىلالمىدى. نېمىدىگەن راھەت، ھوزۇر، جەننەتمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا سىرلىقلىقىنى يوقىتىپ قويىدۇ، بېلىقمۇ ئۇ ئايالدەك سىلىق ئەمەس دېگەن يەرگە كەلدى.
     ۋاقىت بەك تېز ئۆتۈپ كىتىۋاتاتتى. قاڭقىنىڭ بۇ يەردىن زادى كەتكۈسى يوقتەك ئىدى. بىر كۈنى قاڭقى مەمەت ئۇخلاۋاتاتتى. ئۇ ئايال نۇقۇپ ئويغىتىپ قالدى. ئاندىن، بازارغا چىقىمىز، دەپ يېڭىلا ئېلىپ كىرگەن كاستۇم-شىمنى كىيگۈزدى. قولىدىن يىتىلەپ تالاغا ئېلىپ چىقتى. قاڭقى سىرتقا چىقىپ، كۆزىنى ئاچالمايلا قالدى. ئۇنىڭ پەقەت چىققۇسى يوق ئىدى. ئۇنىڭغا خۇددى جەننەت ئىشىكىدىن چىقىپ كېتىۋاتقاندەك، ئەمدى قايتا كىرەلمەيدىغاندەك تۇيۇلاتتى. يۈرىكى ئاغاتتى. قاڭقى مەمەت گاراڭلىقتا قايسى ئۆيدىن، قايسى كوچىدىن قانداق بازارغا چىقىپ قالغانلىقىنى ئۇقالمىدى. بىر يەرگە كەلگەندە ئايال:
     -ھەي سەھرالىق، ئەمدى ئۆزۈڭ مېڭىپ باق!- دەپلا غايىپ بولدى. قاڭقى يۈرىكىنىڭ شۇررىدە ئېرىپ كېتىشىدىن ئۆزىنى ئاران ساقلاپ قالالىدى، ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىدى. قاڭقى ماگىزىن ئەينىكىدىن ئۆزىنى قايتا كۆرگەندە ئاغزىنى ئېچىپلا قالدى. ئايالدىن مىڭ مەرتە رازى بولدى . ئۇنى سېغىندى.
     ئۇنى پەرىشتە، دەپ ئاتىدى. كوچىلاردا خېلى ئازادە مېڭىپ يۈردى. كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە قاراۋاتقانلىقىدىن مەغرۇرلاندى. لېكىن ئۇ ئايالنىڭ ئىسمىنىمۇ ئۇقمايدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆپ ئەپسۇسلاندى. ئۇنىڭ قېشىغا كەچتە كەتكۈسى كەلدى. بىراق نىشاننى پەرق قىلالمىدى. بۇلار خۇددى خىيالدەك، ياكى بىرى سۆزلەپ بەرگەن چۆچەكتەك تۇراتتى.
     ئۇ بىر نەچچە كۈن لاغايلاپ كۈن كەچۈردى. بۇ كۈنى توخۇ سوقۇشتۇرۇش مەيدانىغا كېلىپ قالدى. ئوتتۇرىدا بىر چوڭ، بىر كىچىك خورازنى بىر-بىرىنى قان قىلىپ سۇقۇشتۇرۇپتۇ. بىرى دو چىقىدىغان بامۇ ! دەپ قاڭقىنىڭ كۆزىگە قارىدى. قاڭقى تەمتىرەپ قالدى. تەۋەككۇل قىلىپ نەچچىنى دېسە شۇنچىگە دو چىقتى. قاڭقى كىچىكىگە تۇردى. ئۇ بايۋەچچە چوڭىغا تۇردى. ئەتراپتىكىلەر قاڭقىنىڭ ئەخمەقلىكىگە قاراپ ئۇنى كالۋا دەپ قويدى. ئىككى خوراز راسا سوقۇشۇشقا باشلىدى. كۆپ ئۆتمەي چوڭ خوراز سەل ھېرىۋىدى، كىچىكى تۇيۇقسىز ئارقا-ئارقىدىن سەكرەپ ئىككىنى تەپتى. چوڭى ئوڭدىسىغا چۈشۈپ قوپالمىدى. تىپىرلاپ يېتىۋەردى. كىشىلەر قاڭقىنىڭ مۇنداق ئالدىن بىلەرلىكىدىن ھەيرانۇ ھەس بولۇشتى. ئۇنى ئىنتايىن تەجىربىلىك قىمارۋاز، دەپ ماختاشتى. ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلدى. كۆپ ئۆتمەي ئۇنىڭ ئۈلپەتلىرى كۆپىيىپ كەتتى. ئۆزىمۇ خېلى پۇل توپلىۋالدى، لېكىن ھىلىقى ئايال ئىزدەپ كەلمىدى. ئۇ ئۆيمۇ سىتىۋالدى، باشقىلارنىڭ مەسلىھىتى بىلەن بىر كىچىك دۇكانمۇ ئىچىۋالدى. شۇنداق قىلىپ قاڭقى بەزىدە ئەزەلدىن مۇشۇ يەردە ياشاپ كېلىۋاتقاندەك، بۇرۇنقى كۈنلىرىنى تېخى ئاخشام چۈشكەن چۈشىدەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدى.
        كۈنلەر شۇنداق ئۆتۈۋەردى. قاڭقى بىر كۈنى دۇكاندا ئولتۇرسا بىرى كىرىپ كۆرۈشتى. زەڭ قۇيۇپ قاراپ ئالدىدا مامۇت كۈرۈكنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردى، تەرلەپ كەتتى، لېكىن ئۇنىڭ ئۆزىنى تونۇمىغىنىغا ھەيران قالدى. ئۇلار بىردەم سودا-تىجارەت توغۇرلۇق پاراڭلاشتى. ئاخىرى قاڭقى مېنىڭ ئىسمىم قاڭقى مەمەت، زەيكەشلىك دىگەندە ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى. لائىلاھە… دەپ ياقىسىنى چىشلەپ، ئارقىسىغا قارىماي بەدەر كىتىپ قالدى. قاڭقى ھەي مېنىڭ نامىمنى ئاڭلاپ بىر ئويناپ باقاي دەپ كەپتىكەن ئەمەسمۇ، ھەي، چاتاق قىپتىمەن ئەمەسمۇ، دەپ ئەپسۇسلاندى. ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي كۈرۈك يەنە كەلدى. بۇ قېتىم ئۇ شۇنداق دوستانە ئىدى، تېخى قاڭقى دەپمۇ قويدى. قاڭقىمۇ ئۇنى كۈرۈك دەپ قويدى، لېكىن ئىككىلىسى ئەتراپقا قاراپ قۇيۇشتى.  قاڭقى كۈرۈكنىڭ چىرايىنىڭ تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى، ئولتۇرۇپ چاي ئىچىپ پاراڭلاشتى. مەھەللە- كويلاردىكى دوستلىرىنى سورىدى. ئاخىرى گەپ تاپالماي بىر-بىرىگە قاراپ قېلىشتى. مامۇت كۈرۈك مەن سىنى كۈتۈۋېلىشىم كېرەك، دەپ ئۆيىگە باشلاپ تۇرۇۋالدى، قاڭقى تۈزۈت قىلدى، ئۇنىمىدى، كۈرۈكمۇ قويۇۋەتمىدى. كوچا ئايلىنىپ خېلى ئۇزۇندا بىر ئۆيگە كىلىشتى. كۈرۈك ئىشىكنى بىرخىل رىتىمدا خېلى قاقتى. ئىشىكنى بىر موماي چىقىپ ئاچتى. ئۆي ئىچى ئاجايىپ ھەيۋەت، سالقىن، ئازادە، ئۆزىگە لايىقلىقى بار ئىكەن. گۈل نەقىشلىك تام-تورۇسلار، ئېسىل ئۆي جابدۇقلىرى… ھەي، دەپ قالدى قاڭقى، كۆڭلىدە شۇ كۈرۈك ئەجەب بىيىپ كېتىپتۇ، كونا ھۈنەرنى تاشلىغان ئوخشىمامدۇ، دەپ ئويلىدى، ئىچىدە يەنە خەپلەشنىمۇ ئۇنتۇمىدى. كۈرۈك ئايالىنى ئەكىلىپ كۆرسەتتى. قاڭقىنىڭ بىر قاراپلا يۈرەكلىرى پۇلاڭلىشىپ كەتتى. تولغان ساغرلىرىنى كۆرۈپ ئۆزىنى ئۇنتۇپ قالدى. كۈرۈك بولسا پەخىرلەنگەندەك تۇراتتى ۋە ھە، مەزەگە باقىلى، دەپ توختىماي تەكلىپ قىلاتتى. گەپ ئارلىقىدا مامۇت ئۇنىڭدىن شەھەرگە قانداقسىگە كېلىپ قالغانلىقىنى كوچىلاپ سوراۋەردى. قاڭقى ئالتۇن مەندىلا بار دەپ ئويلىما، جۇمۇ، دەپلا قويدى.
     ئۇلار شۇنداق يىقىن ئۆتىۋەردى، قاڭقى ئۇنىڭ ئېغىز ئېچىشىنى كۈتۈپ يۈرىۋەردى. ئاخىرى كۈرۈكنىڭ ئاغزى قىچىشتى. بىر كۈنى ئۇنى ئۆيىگە باشلاپ بېرىپ مېھمان قىلدى. ئاندىن ئىچىمىز پۇشۇۋاتىدۇ، دەپ قارتا ئەكەلدى، بىكارلىق ئويناشتى. مەززىسى يوقكەن دەپ ئازراقتىن ئۇل تىكىشتى. بارا-بارا كۆپەيتتى. كۈرۈك شۇ كېچىدىلا قاڭقىغا نۇرغۇن ئۇتتۇرۋەتتى. قاڭقى بەك تەستە موماينى مىڭنى تىللاپ يۈرۈپ ئاران بىر قېتىم ئۇتتۇرۇپ بەردى. كۈرۈك كۆزىگە ئىشەنمەي قالدى. چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ خىرىسمۇ قىلدى، بىراق ئاقمىدى.
     كېيىن ئۇلار خېلى كۈنلەرگىچە بىر-بىرىنى ئىزدەشمىدى، ئۇتتۇرۋەتكەن پۇلىغا كۈرۈكنىڭ ئىچى ئېچىشتى. ئاخىرى يەنە ئۆزى كېلىپ تەكلىپ قىلدى. قاڭقى ئوينىمىدى. كۈرۈك ئۇنىمىغانغا قويمىدى. ئۇلار ئاز-پاز ئويناپ قويۇشتى. قايتىدىن يېقىن دوست بولۇپ قالدى. قاڭقى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بىمالال كىرىپ چىقىپ تۇراتتى. بىر قېتىم كۈرۈكنىڭ ئايالى ناز بىلەن قېشىدىن ئۆتكەندە قاڭقى ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋالدى. ئۇنى كۆرسە يۈرىكى قاتتىق سوقۇپ كېتەتتى، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلەلمىدى، پەيت كۈتتى، ئامال بولمىدى، نەپسى تاقىلداپ كەتتى، ئىشىق ئوتى قىيناپ ھالىنى قويمىدى.
     بىر كۈنى قاڭقى مەمەت چوتاچىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ كۈرۈكنىڭ ئۆيىگە باردى. ئۇمۇ نېمىگە كېلىشكەنلىكلىرىنى بىلىپ، چوتاچىلىرىنى ئادەم ئەۋەتىپ ئەكەلدۈردى. ئالدىدا قوساقنى ياخشى تويغۇزۇشتى. كېيىن ئايرىم ئۆيگە كىرىپ ئويۇننى باشلاشتى. بۇ دۆرەم ئوشۇقتا ئويناشتى. دەسلەپتىن تارتىپ كۈرۈك ئۇتتۇرىۋەردى. پۇللىرىنى تىكىپ بولدى. ئاغىنە دەپ قاڭقىدىن قەرز ئالدى. يەنە ئۇتتۇردى. ئوشۇق ئاتسىلا چۇ، ياكى ئالاچۇ چۈشەتتى. قىماردا بۇرۇن خېلى نامى چىققان بۇ كۈرۈكنىڭ نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي بېشى قاپاق بولۇپ كەتتى. ساڭا باش ئىگەمدىمەن قاڭقى تاز، دەپ دو چىقىۋەردى. تاڭغا يىقىن ئۆينىمۇ باھالىتىپ ئۇتتۇرۋەتكەنلىكنى ئاران تەستە ئېسىگە ئالالىدى. قاڭقى يۈرىكى توختاپ قالغاندەك سالقىن ئوينايتتى، ئۇنىڭ ئۇششۇقلۇق قىلىشلىرىغا پىسەنت قىلمايتتى. ئۆي خېتى ۋە كۈرۈكنىڭ ھۆججىتى قاڭقىنىڭ قوينىدىن چىقىپ تۇراتتى. كۈرۈك تەن بەرمەي يەنە ئوغۇل بالىچىلىق، دەپ ۋارقىراپ قوياتتى، ئاۋازى شۇنچە زەئىپ ئىدى. ئۇ قاڭقىدا نېمە كارامەت بارلىقىنى زادىلا ئۇقالماي قالدى. ئاخىر ئۆزىنى كاچاتلاپ يىقىلدى، يالۋۇردى. بىز بىر يۇرتلۇق، كىچىكىمىزدىن بىرگە ئۆسكەن، دوستلۇقىمىزنىڭ يۈزىنى قىل، دېدى. قاڭقى گەپ قىلماي تۇرىۋەردى. ئۇ ئاخىرى ھەي دەيۈز كاپىر ! كۆڭلۈڭدىكىدەك بولسۇن، خوتۇنۇمنى تىكتىم، دەپ ۋارقىردىيۇ، سولىشىپ سۆزىنىڭ ئاخىرى پەسلەپ كەتتى. ئىككى تەرەپنىڭ بازبازچىلىرى گۇۋاھ بولدى. قاڭقى مەمەت ئۇتقان پۇل، ئۆي-جاينىڭ  ھەممىسى بىلەن كۈرۈكنىڭ خوتۇنىغا دو چىقىدىغان بولدى. كۈرۈك ئۇتسا ھەممىگە، خوتۇنغىمۇ ئىگە بولىدىغان بولدى. كۈرۈك تەرلەپ تەپچىرەپ چىرايىدا قان دىدارى قالمىدى، چىقىپ تەرەت ئېلىپ بىر ۋاق نەپىمە ناماز ئوقۇدى، سۆرىلەرنى ئوقۇپ ئۆزىگە ھۈرۈپ تۇردى، قاڭقى ئىچىدە ھۆرى مومام بىلىقتەك مومام… دەپ پىچىرلايتتى. ئاخىرى باشقىلارنىڭ دەۋىتى بىلەن كۈرۈك يا شاھى مەردان دەپ ئوشۇقنى ئاتتى-دە، دەرھال بۇزۇۋەتتى. ئۇششۇقلۇق قىلىپ، قولۇم تىترەپ كىتىپ چۈشۈپ كەتتى، دەپ تۇرۇۋالدى، كۆپ توۋلاشتى. قاڭقى بولاپتۇ، دەپ يول قويدى. قاراپ تۇرغانلار قاڭقىنىڭ مەردلىكىندىن ھەيران قېلىپ بارىكاللا ئېيتىشتى. كۈرۈك ئوشۇققا سۆرە ئوقۇپ ھۈرىۋەردى، باشقىلار يەنە ئالدىراتتى. ئاخىرى ئاتتى-دە، ئوڭدىسىغا يىقىلىپ چۈشتى. كۆرۈپ تۇرغان چوتاچىلار  قېتىپ قالدى. بىرى كۈرۈككە سۇ چېچىپ تۇردى.
     قاڭقى كەلگەنلەرگە چوتانى ئايىماي بەردى. كۈرۈكنىڭ ئادەملىرىنىمۇ كەڭ قوللۇق بىلەن رازى قىلدى. كۈرۈك ھوشىغا كېلىپ مىڭ تەستە خوتۇنىنى تالاق قىلدى. خوتۇنىنى چاقىرتىپ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىپ، بىر كوپلېت بىيىت ئوقۇدى:

ئەي دىلرابا ئۆلەرمەنمۇ ئوتۇڭدا كۈيۈپ،
دوزاختىمۇ يۈرمەس ئىدىم مۇنچىلا كۆيۈپ.

     ئاخىرىنى چۈشۈرەلمەي ياقىسىنى پارە-پارە قىلىپ قار-يامغۇر يىغلاپ كەتتى. شېرىكلىرى ئوغۇل بالىچىلىق، دەپ ئۇنى تەستە يۆلەپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى. قاڭقى ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي خوتۇننىڭ خانىسىگە ئېتىلدى. باشقىلار ھاي، شەيتانغا ھاي بەرسىلە، نامەھرەم، ئىددەت دەپ ئۇنى تەستە تۇتۇۋالدى.
     قاڭقى مەمەت ئۈچ ئاينى شۇنداق تەستە، كۈن ساناپ ئۆتكۈزدى. شۇ خوتۇننىڭ ۋىسالىدا كۆيۈپ ھالسىزلاندى. ئاخىرى ۋاقىتمۇ توشۇپ، تۆت ئادەمنى گۇۋاھ قىلىپ ئۇنى ئۆزىگە نىكاھ قىلدۇرۋالدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن كۈنلىرىنى بېھىشتىكى كۈنلەر، دەپ ئاتايدىغان بولدى. ئۇنىڭ قىزغىنلىقىدىن مەست-خارامۇش بولۇپ يېتىۋەردى. ئۇ بەڭنى تەڭ چېكىشىپ بېرەتتى. چوتاچىلىرى قاڭقىنى ئىزدەپ كېلىپ قىمارغا قىزىقتۇرالمىدى. ئۇ كۈندۈزى خۇش ياقسا دۇكان ئاچاتتى. بولمىسا ئۆيدە خوتۇنىنىڭ قۇچىقىغا بېشىنى قۇيۇۋېلىپ ئۇخلايتتى، ياكى ئۇنى چىمدىپ ۋارقىرىشىدىن ھوزۇر ئالاتتى. يىلمۇ ئۆرۈلدى، خوتۇنى ئېغىر ئاياق بولدى. قاڭقىنىڭ ئىشقى ھەسسىلەپ ئېشىپ باراتتى. ئۇنىڭ نېمە گېپى بولسا ئاڭلايتتى، ھەرقانداق تەلىپىنى ئىجاۋەت قىلاتتى. لېكىن دائىم كىمنىڭ بالىسىدۇ! مېنىڭمۇ ! ياكى كۈرۈكنىڭ ياكى ئۈچ ئاي ئىچىدە… دەپ ئۇزاق ئويلىناتتى. يۈرەكلىرى پۇچىلىناتتى. سوراپ بېقىشقا ئاغزى كۆيەتتى. بەزىدە شۇ چاغلاردا نەدە بولغىيتىڭ؟ دەپ قايتا-قايتا سوراپ قوياتتى. خوتۇنى ئۇنىڭ قىماردا مۇنداق تەلىيى كېلىشىنىڭ سەۋەبىنى سوراپ تۇرۇۋالاتتى. قاڭقى گەپنى ئېلىپ قېچىپ نەچچە قېتىم جاۋاب بەرمىدى. ئايال دۇتارنى شۇنداق مۇڭلۇق چالاتتىكى، تارىلار تىلى باردەك سايراپ كېتەتتى. قاڭقى كېچە-كۈندۈز ئەيشى-ئىشرەتلىك ھايات كەچۈرۋاتاتتى، شۇ شېرىن كېچىلەرنىڭ تاڭغا ئۇلاشقانلىقىنى كۆرگەندە ئەپسۇسلىنىپ كېتەتتى. ئايالنىڭ قۇچىقىدىن چۈشكىسى كەلمەيتتى. ئۇ كىچىكىدىن كەتمەن چېپىپ جاپالىق ياشاپ كۆنگىنىگە قارىماي مۇنداق راھەت تۇرمۇشقا بەك ئىجىل بولۇپ كەتتى. شۇ ئوشۇقى قولتۇقىدا ساڭگىلاپ تۇراتتى. پات-پات خوتۇنىنىڭ بىر يەرلىرىگە پېتىپ، ئۇنى چىرقىرىتىپ سالاتتى. بىر قېتىم بۇ ئوشۇق خوتۇننىڭ كۆكرىكىگە پېتىپ كەتتى. ئۇ ئاچچىقىدا بىر چىرقىراپ، ھەي مەمەت، بۇ نېمىنىڭ ئوشۇقى؟ يا بۆرىنىڭ ئوشۇقىغا ئوخشىمايدۇ، چوشقىنىڭمۇ، ئىتنىڭمۇ، دەپ سورىدى. قاڭقى دەسلەپ تەرلەپ كەتتى. تەڭقىسلىقتا قالدى. كېيىن سورىمايلا قويساڭ بولاتتى. بۇ بىر قېرى چوشقىنىڭ ئوشۇقى، بىراق ئامەتنىڭ ھەممىسى مۇشۇنىڭدا. بۇ بولسا ھەممىنى قىلغىلى بولىدۇ، دېدى. خوتۇنى بىر ھازا ئاغزىنى ئېچىپ ھەيران بولۇپ تۇردى. كېيىن چوشقىنىڭ دەپ يىرگەنگەندەك بولدى، تەتۈر قارىۋالدى، ئاندىن ئىتتىك ئۆرۈلۈپ ئۇنى قۇچاقلاپ مەمىتىم، گۆھىرىم، دېگىنىچە سۆيۈپ كەتتى. قاڭقى مومىسىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇدى، ئۇخلىسىمۇ چۈشىگە كىرمەيتتى.
     يىل ئۆتۈپ كەتتى. قوغۇن پىشىشقا باشلىغان بىر كۈنى تالادا شارقىراپ يامغۇر يېغىۋاتاتتى، قاڭقى مەمەت يېرىم كېچىدە مەستلىكتىن تەستە يېشىلدى. خوتۇنى تۇغقىلى كەتكەچكە ئۆيدە يالغۇز قالغانىدى. قارىسا گىلەمنىڭ بىر مۇنچە يېرىگە قۇسۇۋېتىپتۇ. قوپۇپ سوغوق سۇدىن راسا ئىچكەنىدى، بېشى چىڭقىلىپ ئاغرىپ كەتتى، تالادا يامغۇرنىڭ تال بارىڭىغا شارىلداپ قۇيۇلۋاتقان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بېشى گاراڭ ھېچ نەرسە كاللىسىغا كىرمەيتتى. بىر چاغدا ھويلىدا بىرىنىڭ پاتقاق كېچىپ يۈرگەنلىكىنى تۇيدى، كاللىسى سەل سەگەكلەشتى. زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈشكە تىرىشىپ ئۇزاق ئويلاندى. كىممۇ بۇ يامغۇرلۇق كېچىدە ئۇنى ئىزدەپ كەلگەندۇ؟ ئىشىكنى ئېتىشنى ئۇنتۇپ قالدىمۇ يا؟ بىردەمدىن كېيىن ھەربىر ئىشىكنى ئىتتىرىپ باققان ئاۋاز كەلدى. بەزى ئىشىكلەر غىچ قىلىپ ئېچىلپ يەنە يېپىلىپ قالاتتى، قەدەم ئاۋازى رىتىمسىزدەك قىلاتتى. خوتۇنى قايتىپ كەلدىمىكىن دېسە بۇ مۇمكىن ئەمەس. مانا قەدەم تاۋۇشى يىراقلاپ كەتتى. قاڭقى مەمەت يۈرىكىنىڭ دەھشەتلىك سېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، بىردە توختاپ قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلاتتى. مەستلىكى ئاللىياقلارغا يوقاپ كەتتى. ئىشىك ئىتتىرىلدى، ئېچىلمىدى.  قاڭقى خىرقىراپ «كىم ؟»  دەپ توۋلىدى. ئىشىك ئىتتىرگەن ئاۋاز يوقاپ كەتتى، جاۋابمۇ بولمىدى. ئارىدىن شۇنداق ئېغىر  بىر مىنۇت ئۆتتى. ئىتتىرگەن ئاۋاز قايتا ئاڭلاندى. ئاخىرى ئىشىك ئىلگىكى ئۆزلۈكىدىن شاراقشىپ چۈشۈپ كەتتى، ئىشىك غىچ قىلىپ ئېچىلدى. تالادىن سوغۇق شامال ئارىلاش يامغۇر پۇرىقى ئۈسۈپ كىردى. بۇسۇغىدىن پەرەنجىگە ئورۇنۋالغان بىرى ئوڭ پۇتىدا ئاتلاپ كىردى. ئۇنىڭ تۇرقى بەك سەت ئىدى. قاڭقى داجىپ تامغا چاپلىشىپ قالدى. كىرگەن كىشىنىڭ ئەر ياكى ئاياللىقىنى بىلىپ بولمايتتى، بىر پۇتى تېخى تالادا ئىدى. قاڭقى ئۇ كىشىنىڭ ئىككىلىنۋاتقانلىقىنى سەزدى، ئۇنىڭ دۈمچەك تۇرقى تۇنۇشتەكلا قىلاتتى. قاڭقى ئېسىگە ئالالمىدى. ئۇ بىردە ئەرۋاھقا ئوخشىغاندەك كۆرۈنەتتى، ئۇچىسىدىن يامغۇر تامچىلاپ تۇراتتى. قاڭقى مەمەت چىراغ يىپىنى تەستە تاپتى ۋە چىراغنى ئىتتىك يېقىۋەتتى. ئالدىدا ئاق كىيمى تىتىلىپ كەتكەن بىرى تۇراتتى. ئۇنىڭ سول پۇتى تۈگۈكلۈك ئىدى. ئوشۇقنىڭ پەس  تەرىپى ساڭگىلاقلىق، بوشلۇقتا ئېسىلىپ تۇراتتى. قاڭقى مومىسىنى بىردىنلا تونۇدى، ۋارقىراپ تاشلىدى. ئاۋازى چىقماي قالدى. موماي ئاقساقلاپ، زورۇقۇپ قاڭقىنىڭ ئالدىغا كەلدى. چىرايى بەك مىسكىن كۆرۈنەتتى. ئاغزىنى ئۆمەللىدى.
-ھەي، دەيۈز ھارىمى، ئەھدىڭگە ۋاپا قىلغىنىڭ، مېنى ئۇنتۇمىغىنىڭ قېنى؟! ئوشۇقۇمنى قايتۇرۇپ بەر!- دېدى. قاڭقى مەمەتنىڭ يۈرىكى ئاغزىغا كەپلىشىپ قالدى، بىر نېمە دىيىشكە ئۇرۇنۇپ باقتى. قولتۇقىدىن بىر نەرسە سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ كەتتى. ھاسا پىرقىراپ كېلىپ ئېڭىكىگە تەگدى…
        كېيىنكى ئىشلار تازا ئېسىدە يوق. ئېڭىكى تۈزلىنىپ قاپتۇ. يەنە شۇ سارىيىدا يېتىپتۇ . قاڭقى جۆيلۈپتىمەن دەپ ئويلاپ قالدى. لېكىن بىردىن قولتۇقىنى سىيلاپ بېقىپ تاتىرىپ كەتتى. « توۋا، بۇ ئىت قېرى، گۆردىن قانداق چىققاندۇ؟ » دەپ ئويلىنىپ كەتتى. لېكىن ھېچ نەرسىنى ئۇقالمىدى. ھېچقانداق جاۋاب تاپالمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىشلار تەتۈرسىگە ئايلانغىلى باشلىدى. خوتۇنى تولا يىغلاپ يۈرۈپ خېتىنى ئالدى. بۇرۇن ئۆزىگە ئۇتتۇرۋەتكەنلەر ئەمدى دېيىشۋالغاندەك ئۇنى ئىزدەپ كېلىۋەردى. قالغىنى يېرىم يىلغا ئاران توشىدى. قاڭقى ئورۇقلاپ قۇرۇپ كەتتى. ھەممىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر مۆجىزە بولۇپ قالدى.

     قاڭقى سازلىققا كەلدى. سازلىقنىڭ يىراق چېتى غۇۋا كۆرىنىپ تۇراتتى. ئەتراپتا قومۇش توزغاقلىرى ئېغىر بېشىنى لىڭشىتىپ تۇراتتى. قومۇش تېگىدە كىچىك بېلىقلار ئاغزىنى سىرتقا چىقىرىپ ماكىلدىغان ئاۋاز چىقىراتتى. ياۋا ئۆردەكلەر كۆرۈنمەيتتى. ساپسېرىق بىر قۇش يېقىن ئەتراپتا قۇيرۇقىنى لىكىلدىتىپ ئەتراپقا ئەنسىز قاراپ تۇراتتى. بۇلاقلار ئوخشاشلا پۇرقىراپ چىقىۋاتاتتى. قاڭقى سەل چوڭراق بۇلاقتىن بىرنى تېپىپ ئوچۇمىغا سۇ ئېلىپ ئىچتى. سۇنىڭ سوغوق تەمى بىر ۋاقىتلاردىكىگە شۇنداق ئوخشاپ كەتتى. قاڭقى يىغلاپ سالدى. قىرغاق تۈۋىگە كەلگەندە كىچىك بېلىقلار گۈررىدە تارقاپ كەتتى. قاڭقىنىڭ يۈرىكى ئېغىپ كەتتى. بىردەم ھاڭۋىقىپ تۇردى. ئۇلارنى لەش بىلەن قوشۇپ قىرغاققا ئاتقۇسى كەلمىدى. ئۇ شۇ پېتى ئۇزاق تۇردى. ئۇ ئويلىناتتى. ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى. بىردەم ئىشىنەتتى. قايتا گۆر قازماقچى، بارلىق شۇ مازاردا ياتقانلارنىڭ ئوشۇقىنى ئۇشتۇپ ئېلىپ بازارغا ئاپىرىپ ساتماقچى بولاتتى. ئېڭىكىنى تۇتۇپ باقاتتى. قوقاقنىڭ يارا ئىزلىرى تېخى بار ئىدى. قاسىم باي توكۇر پېتى كېلىپ چۈشىدە ئۇنى سۆككەنلىكى ئېسىگە كەلدى. بىر ۋاقىتتا شىپىرلىغان ئاۋاز كەلدى. قاڭقى بىر قاراپ مامۇت كۈرۈكنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. قاڭقى قىمىرلاپمۇ قويمىدى. بۇ ۋاقىت ھاۋا بىر ئاز سەلكىنلەپ قالغانىدى، كۈرۈك ۋارقىرىدى. قاڭقى قاراپمۇ قويمىدى. شۇنىڭ بىلەن مامۇت كۈرۈك قاڭقىغا يىقىنلاپ كەلدى. قولىدا پىچاق تۇراتتى. قاڭقى ئوغۇل بالا بولساڭ پىچاقنى تاشلىۋەت ! دەپ ۋارقىرىدى. ئارقىدىن يەنە بىر نەچچىنى ۋارقىرىدى. مامۇت كۈرۈك پىچىقىنى يەرگە سانجىپ قويدى. ھايت-ھۇيت دېگۈچىلىك ئارلىقتا قاڭقى كۈرۈك بىلەن پومداقلىشىپ كەتتى. ئوشۇققىچە، تىزغىچە ئالىدىغان دۆڭ سۇدا خېلى مۇشتلاشتى. بىر- بىرىنى تۇنۇۋالغۇسىز بولۇپ كەتتى. يۈز-كۆزىنى لەش، قارا لاي قاپلاپ كەتتى. زەيكەشنىڭ كۆزىگە چۈشۈپ كەتتى. يەنە چىقتى. ئاخىرى ماجالى قالمىدى. ئاخىرى بىر-بىرىنى قويىۋەتتى. قاڭقى سۆرىلىپ قىرغاققا چىقتى. ئارقىدىن كۈرۈك چىقتى. ئۇلار بىر-بىرىگە ئۇزاق قاراپ كەتتى. بىرەر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشمىدى. قاڭقى تېكىنىڭ چېچىغا چاپلىشىپ قالغان كىچىك بېلىقلارنى كۆردى. يەنە كۆڭلى بۇزۇلۇپ يىغلاپ كەتتى…


  مەنبە:«تارىم» ژۇرنىلىنىڭ  1991-يىللىق 4- سانى.

مەنبە:خۇشدىل مۇنبىرى http://huxdil.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=844   

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 01:36:44

ئەستا ما سەت  ئىشنى .................رەسىمنى ئۈستىگە يوللۇغاندەك قىلۋىدىم ئاستىغا چۈشۈپ قاپتۇ دىسە :funk:
قارىسام ئا مۇنبەردە سەل توپا بېسىپ قاپتۇ ، يەرلىك تۇخۇمدا ئەرىكتىكىنكام ئىزدىنىشقا يوللىساق دەپ قالدى شۇڭا يوللاپ قويۇشۇم ...............................ئۇقۇمىغانلار ئۇقۇۋالغاي:)

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 01:36:49

تەكرار ئىنكاس

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 09:06:41

pdfقىلىپ ياساپ قويغانتىم ئاۋۇ يەرلىك تۇخۇم بىلەن ماۋۇ چاشقاننىڭ ھىكايىسىنى يوللاپ قوياي دىسەم قاملاشمايدىيا …

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 13:19:19

EzQi0908 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-30 09:06 static/image/common/back.gif
pdfقىلىپ ياساپ قويغانتىم ئاۋۇ يەرلىك تۇخۇم بىلەن ماۋۇ چ ...

ئاپتۇر كۆپ ئەمگەك سىنڭدۈرۈپ يېزىپتىكەن. لېكىن تارىم ژورنىلىدا تەھرىر يوق بولغىمىتى؟

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 13:26:17

ئىلكىتاب نۇسخىسى

albAX يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 14:56:43

   بىريەردە كۆرگىنىم ئىسىمدە ، ئەسلىدە شۇ يىللاردا «تارىم»دا كۈرۈپتىكەنمەن دە ؟ سېھرى رىئالىزىم ئۇسلۇبى بولسا كىرەك . ئۇيغۇر پىسخىكىلىرى ، ئويلىنىشلىرى............................ياخشى گەۋدىلەنگەن.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 13:35:59

راست بۇ ھېكايىنى تولۇقسىزدىكى چاغلاردا ئوقۇغاندەك قىلىمەن، شۇ زامانلاردا مۇشۇھېكايە ۋە مۇھەممەد باغراشنىڭ «ئاپئاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى» دېگەن ھېكايىلىرى ئاجايىپ تەسىر قىلغان ئىدى ماڭا...
بەت: [1]
: مازار چاشقىنى (ھېكايە)