alnure يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 21:23:18

داۋاملاشتۇرۇش

داۋاملاشتۇرۇش

ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى «ئالتۇن قىدىرىش قىزغىنلىقى دا، بىر ئادەم ئۇ يەر-بۇ يەرنى قېزىپ يۈرۈپ ئالتۇن كان تېپىۋاپتۇ.ئۇ تولىمۇ خۇشال بوپتۇ،قازغانسېرى ئۈمۈدلىنىپ قېزىۋىرىپتۇ،كىيىن كان تومۇرى تۇيۇقسىز ئۈزۈلۈپ قاپتۇ.شۇنداقتىمۇ ئۇ داۋاملىق قېزىۋىرىپتۇ،لىكىن ئاخىرقى ھېساپتا تىرىشچانلىقى بىكار بوپتۇ.ئۇ ئاخىرى كاندىن ۋاز كىچىش نىيىتىگە كەپتۇ. سايمانلىرىنى بىر بوۋايغا ئەرزانلا سېتىۋىتىپ پويىزغا ئولتۇرۇپ قايتىپ كېتىپتۇ.بوۋاي كان ئېچىش ئىنژىنىرى تەكلىپ قىپتۇ.بۇرۇن قېزىپ توختاپ قالغان يەردىكى ئۈچ گەز تۆۋەنلىكتىن ئالتۇن بايقىلىپتۇ.بوۋاي باشقىلار تاشلىۋەتكەن يەردىن نەچچە مىليون ئامېرىكا دوللىرى تېپىپتۇ،چىداملىق روھى كەمچىل ھېلىقى ئادەم بۇ ئىشنى ئاڭلىسا بەلكىم پۇشايماندىن بوغۇلغۇدەك بولار.

مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمەن دەيدىكەنسەن،چىداملىق روھىڭنى مەڭگۈ ساقلىشىڭ ،ئىشنى يىرىم يولدا تاشلاپ قويماسلىقىڭ كىرەك .ئەلۋەتتە،ئۇسۇل،پىلاننى تەڭشەشكە بولىدۇ،لېكىن مەغلۇبىيەت بېسىمى كاللاڭنى ئىگىلىۋالمىسۇن.

ئالدىراپ ۋاز كەچسەڭ،كېيىن پۇشايماندا قالىسەن. بۇ گەپنى ئېسىڭدە چىڭ ساقلا.قىيىنچىلىققا قانچە كۆپ ئۇچىرىساڭ،ئىشنى شۇنچە قەتئىي داۋاملاشتۇر. بەزىدە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتقاندا،كۆزلىگەن نىشانغا تولۇق يېتىپ بولالمىغاندا،يەنىلا قەتئىي داۋاملاشتۇر. ئازراق مۇۋەپپەقىيەتنى كۆرۈپلا توختاپ قالما.

قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش بىر خىل نىشانغا يەتمىگۈچە بولدى قىلماسلىق روھى،ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپكە بولغان بىر خىل كۈچلۈك ئېتقاد،يىراقنى كۆرەرلىكنىڭ بىر خىل ئىپادىسى.ئۇ قاراملىق قىلىش ئەمەس، بەلكى ئومۇملۇقنى كۆزىتىش ۋە كەلگۈسىنى مۆلچەرلەشتىن كېيىنكى ئاقىلانە تاللاش،تىخىمۇ مۇھىمى،ئۇ كىشىلىك ھاياتقا بولغان تولۇپ تاشقان ئۈمۈدۋارلىق پوزىتسىيسى .قاتتىق يەر تەۋرەشتە بەخىتسىز كىشىلەر خارابىلىك ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالىدۇ،يىمەكلىك يوق،سۇ يوق،يورۇقلۇق يوق،ھاۋامۇ شۇنداق شالاڭ،بىر كۈن ،ئىككى كۈن،ئۈچ كۈن...ھايات قىلىشتىن ئۈمۈد بارمۇ؟ بەزىلەر ئىشەنچىسنى يوقىتىدۇ،تىزلا ئاجىزلىشىپ،بەخىتسىز ھالدا ئۆلۈپ كىتىدۇ.بەزىلەر بولسا ھاياتىدىن قەتئىي ئۈمۈد ئۈزمەيدۇ،سىرتىدىكىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى تېپىپ قۇتۇلدۇرۇپ چىقىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ.ئۇلار ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىغىچە ئۈمۈدىنى ئۈزمەيدۇ....نەتىجىدە،ئۇلار ھاياتلىقنىڭ مۆجىزىسىنى يارىتىدۇ،ئەزرائىل بىلەن ئېلىشىشتا غەلبىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

قەتئىي بوشاشما ــ قىينچىلىقتا يولۇققاندا،شۇنچىكىم نەتىجىگە ئېرىشكەندە،ئۈمۈدسىزلىك پاتقىقىغا پاتقاندا ...بوشاشماشلىق غەلبە دېمەكتۇر !

ھارماي-تالماي ئىلگىرلەش سېنى غەلبىگە ئېلىپ بارىدۇ،مۇھىم پەيىتتە ئىشتىن باش تارتىش ئەركەكلىك ئەمەس.

قەيسەر بول ،ۋاز كىچىش تولىمۇ ئاسان، باشنى تىك تۇتۇپ ئىلگىرلەش ھەممىدىن تەس . زەربىگە ئۇچىرغىنىڭدىن يىغلاش ــ ئۆلۈم ھەر دائىم شۇنداق ئاسان؛

چېكىنىش،سۆرۈلۈپ مېڭىشمۇ ئاسان.لېكىن،ئۈمۈدسىز ئەھۋالدىمۇ توختىماي كۆرەش قىل، مانا بۇ ھەقىقىي ھايات كومېدىيىسى. پەقەت چىداملىق ئادەملەرلا ئوڭۇشسىزلىق ئالدىدا بوشىشىپ كەتمەيدۇ.

مەنبە: "دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى" دىگەن كىتاپتىن ئىلىندى.
   تورداشلارنىڭ بۇ كىتابنى ئوقۇپ  بىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن


  

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 08:41:44

خەتلەر نورمال ئەمەس
بەت: [1]
: داۋاملاشتۇرۇش