pirogrammer يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 18:03:04

ASP.NET دەرسلىكى(1-قىسىم مۇھىت ھازىرلاش ۋە كىرىش)

  ASP.NET دا تور بېكەت ئېچىش مۇنبىرىمىزنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسلىق نىشانى بولۇپ، مۇنبەر قۇرۇلغاندىن بېرى ASP.NET غا دائىر ھېچقانداق دەرسلىك ياكى ماتېرىيال يوللانمىغان ئىدى. ئۆزۈممۇ بۇ پىروگرامما تىلىغا ئالاھىدە ئىشتىياقى بولغاچقا بىر كۈندە ياكى ئىككى كۈندە بىر قىسىم دەرسلىك ئىشلەشنى ئويلىشىپ، ئۇشبۇ دەرسلىكنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتىمەن.
  بۇ دەرسلىكنىڭ ئاخىرىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن مۇنبەرداشلارنىڭ يېقىندىن قوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەگەر ئانچە قىزىقىش بولمىسا بۇ دەرسلىك ئىزلەشنى توختىتىپ قويۇشىمىز مۇمكىن. شۇڭا مۇنبەرداشلارنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىنى ۋە ئۇستازلارنىڭ يوليورۇقلاردا بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
  
  ئەمىسە دەرسنى باشلاپ كەتتۇق. دەرسنى باشلاشتىن ئاۋۋال كومپيۇتېرىمىزغا Visual Studio 2010/2012/2013 نەشرىلىرىنىڭ خالىغان بىرى قاچىلانغان بولىشى كېرەك. ناۋادا بۇ ئېچىش مۇھىتى قاچىلىمىغان بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئادرېستىن چۈشۈرۈڭ:
چۈشۈرۈش
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

  قاچىلاش باشقا يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلىغانغا ئوخشايدۇ. لېكىن سىز بۇنى قاچىلىشىڭىز ئۈچۈن كېتىدىغان شەرتلەر: C دىسكا سىغىمىڭىزدىن 20G بوشلۇق بولىشى، شۇنداقلا C دىسكىغا قاچىلىشىڭىز شەرت. قاچىلىغان ۋاقىتتا بىر مۇنچە تاللاش ئورۇنلرى بار، سىز ئامال بار ھەممىسىنى تاللىغان ئاساستا قاچىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

  خوش، ئەمدى بىز Visual Studio2013 دە ASP.NET  تور بېتى ئېچىش تەييارلىقىنى قىلىمىز.
  1. Visual Studio2013 نى قوززغىتىمىز

2.  ASP.NET پىروگرامما ئېچىش تۈر ھۆججىتىدىن بىرنى قۇرىمىز

3. 1. كۆرستىلغىنى بولسا تۈر ئېچىش تىلىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا ئىككى تىلدا ئېچىشقا بولىدۇ. بىز C# تىلىنى تاللايمىز. نېمىشقا بۇنى تاللايمىز؟ بۇنىڭ جاۋابى بىلمەكچى بولسىڭىز نەزىرىڭىز ماۋۇ يازمىدا بولسۇن: #C تىلى ئارقىلىق نېمە ئىشلارنى قىلىغىلى بولىدۇ؟ . 2- قۇرۇش ASP.NET تۈرىنى تاللايمىز. 3- تور بېكەت پىروگراممىمىزنىڭ ساقلىنىدىغان ئورنى. بىر نەرسىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. ئەڭ ئۈستى بۇرجەكتە .NET Framwork 4.0 نى تاللايمىز. بۇ ھەقتە كېيىنچە توختىلىمىز. 4- جەزملەش.

4. ئەمدىكى باسقۇچتا يېڭىدىن Web كۆزنىكىنى ئاكىرىمىز. رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك قىلىڭ.

  5. بۇ كۆزنەك سىزنىڭ ئاچماقچى بولغان تۈرىڭىزنىڭ، يەنى باشبەتنىڭ نامىنى بىلدۈرىدۇ. ASP.NET تىلىدا Default دېگىنى HTML, PHP لاردىكى Index بىلەن ئوخشاش. شۇڭا ئاشتا تۇرۇۋەرسۇن. جەزملەڭ.

  6. خۇش، ئەمدى بىز بىمالال كود يېزىش باسقۇچىغا كىردۇق. كود يېزىش باسقۇچى ئىككىنچى قىسىم دەرسلىكىمىزدە سۆزلىنىدۇ. قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز پىروگراممېرلار مۇنبىرىدە بولسۇن.

   پىروگراممېرلار مۇنبىرى

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-10-29 20:19):
Visula Studio2013 نى چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://www.visualstudio.com/zh-cn/downloads

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 18:14:15

VS تا يازامدۇقما؟ ئانداقتا مەنمۇ ھەپىلىشىپ باقسام بولغۇدەك. #c ئۆگەنگەچ بىر ۋاقىت چىققاندا.

pirogrammer يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 20:01:32

Kulke يوللىغان ۋاقتى  2014-10-29 18:14 static/image/common/back.gif
VS تا يازامدۇقما؟ ئانداقتا مەنمۇ ھەپىلىشىپ باقسام بولغ ...

ھەئە، شۇنىڭدا يازىمىز.

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 20:41:04

ئاۋۇ ئادرېستا VS نىڭ ھەقسىز نەشىرى بارمۇ؟
ئوقۇغۇچىلار نۇسخىسى پۈتۈنلەي ھەقسىزمۇ؟

Erkbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 20:51:47

سىلەر php  دا تور بەت قۇرۇپ  APS  دەرسلىكى ئىشلىمەكچى بوپ قاپسىلەرغۇ . PHP غا قارىغاندا asp قانداق ئارتۇقچىلقلار غا ئېگە.

yasineli يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 21:32:17

Erkbeg يوللىغان ۋاقتى  2014-10-29 20:51 static/image/common/back.gif
سىلەر php  دا تور بەت قۇرۇپ  APS  دەرسلىكى ئىشلىمەكچى بوپ ق ...

مېنىڭچە
تەييار سىستېمىلارنى ئۆزگەرتىپ ياساشتا php قولايلىق مەسىلەن:
phpcms , discuz , wordpress ..... قاتارلىق. ھەمدە php پۈتۈنلەي ھەقسىز.
0 دىن باشلاپ يازىدىغان ئىش بولسا asp.net ياخشى تاللاش چۈنكى visual studio دەك ياخشى ئېچىش قورالىنىڭ ياردېمىدە ناھايىتى تېزلا ئىشنى پۈتتۈرگىلى بولىدۇ.

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 05:50:05

بېشىنى باشلىدىڭلار، ئاخىرىغىچە يېزىپ ماڭساڭلار ئاندىن ئەلانى باسىمەن.

heqteyur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 08:29:17

ئىزچىل داۋام قىلىپ، بىرەرسى شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئاددىي بولسىمۇ بىرەر بېكەت يازغۇدەك دەرىجىدە بىلىم ئالغۇدەك دەرسلىك تەييارلىشىڭلارنى ئۇمىد قىلىمەن.
غەيرەت قىلىڭلار.

pirogrammer يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 09:50:34

MSM يوللىغان ۋاقتى  2014-10-29 20:41 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ ئادرېستا VS نىڭ ھەقسىز نەشىرى بارمۇ؟
ئوقۇغۇچىلار ن ...

ھەقسىز 90 كۈن ئىشلىتەلەيسىز. ئىلتىماس قىلىش سەل ئاۋارىچىلىق، ئەمما ئەرزىيدۇ

pirogrammer يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 09:54:24

Erkbeg يوللىغان ۋاقتى  2014-10-29 20:51 static/image/common/back.gif
سىلەر php  دا تور بەت قۇرۇپ  APS  دەرسلىكى ئىشلىمەكچى بوپ ق ...

  ASP.NET لىق مۇنبەر سىستېمىسى يېزىش خېلى خېلى پىروگراممېرلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ(بۇنداق دېيىشىمنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرى بار، بۇنى پىروگراممىدىن خەۋرى بارلار  ئاساسەن چۈشىنەلەيدۇ). دىسكازنى تاللىشىم ھەممىمىز مۇشۇ دىسكازغا كۆنۈپ قالدۇق، ھەم بۇنى باشقۇرۇش بىر قەدەر ئاسانراق، بىرەر مەسىلە كۆرۈلسە ھەل قىلىش چرىلىرىنى توردىن تېپىش خېلىلا ئاسان. شۇڭا قلۇم يەتمىگەم شاخقا قولۇمنى ئۇزاتماي تۇردۇم.

pirogrammer يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 09:55:16

heqteyur يوللىغان ۋاقتى  2014-10-30 08:29 static/image/common/back.gif
ئىزچىل داۋام قىلىپ، بىرەرسى شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئاددى ...

شۇنداق قىلىشقا تىرىشىمەن. گەپ ئەمدى مۇشۇ تېخنىكىغا قىزىقىدىغانلار ئاز بولامدۇ يوق...

heqteyur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 10:14:08

pirogrammer يوللىغان ۋاقتى  2014-10-30 09:55 static/image/common/back.gif
شۇنداق قىلىشقا تىرىشىمەن. گەپ ئەمدى مۇشۇ تېخنىكىغا قى ...

قىزىقىدىغانلار ئازمۇ كۆپمۇ دېگەننى بەك ئويلاپ كەتمەڭ، دەرسنى داۋاملىق تەييارلاپ ماڭسىڭىز قىزىقىدىغانلار ھامان چىقىدۇ.
ئەلۋەتتە شارائىتىڭىز يار بەرسە، قوساقنى ئاچ قويۇپ قىلغىلىمۇ بولمايدۇ بۇ ئىشلارنى.

okojan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 18:07:57

مۇشۇنىڭغا ئائىت كەسپى تور بەتلەر بولسا تونۇشتۇرساڭلا ......رەھىمەت ..!

okojan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 18:09:53

ئوقوغۇچلار ھەقىسىز نۇسخسى دىگنى ،تولۇق ھەقسىزمۇ ..؟  پەقەت ئۇگۇنشكلا بولدىمۇ دىمەكچىمۇ يا ..؟
بەت: [1]
: ASP.NET دەرسلىكى(1-قىسىم مۇھىت ھازىرلاش ۋە كىرىش)