karam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 17:32:01

10جۈملە راس گەپ ، سىز قىلالامسىز ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-29 17:49  

  10 جۈملە راس گەپ



  1.تىلەمچى سىزدىن ئاش تىلىسە پۇل ، پۇل تىلىسە ئاش بېرىڭ .

2. ئاممىۋى ئاپتوبۇسدا قېرى ، ئاجىز ، كىسەلچان ،مېيىپ ۋە ئىككى قات ئاياللارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئورۇن بىرىڭ . قارشى تەرەپنىڭ رەھمىتىگە كۈلۈمسىرەپ قويسىڭىزلا بولدى . ئورنىڭىزنى بوشتىپ بەرگەندىن كىيىن ئاپتۇبۇستىن چۇشىدغان قىياپەتتە ئۇ كىشىدىن يىراق تۇرۇڭ . شۇنداق قىلسىڭىز ، ئورنىڭىزدا ئولتۇرغان كىشى ئوڭايسىزلىنىپ قالمايدۇ .

3. ھاۋا سوغوق ياكى يامغۇر ، قار ياققان كۈنلەردە ، كۆكتات ، مىۋە - چېۋە ، گىزىت - ژۇرنال سېتۋااتقان قېرىنداشلارغا ئازراق بولسىمۇ سودا قىلىپ بىرىڭ ، بۇ ئۇلارغا قىلغان ياردىمىڭىز .

4. يولدىن ئېزىپ قالغان بالا ياكى بوۋاي - مومايغا يولۇققىنىڭىزدا ئامال بار ئۆيىگىچە ئاپىرىپ قويۇڭ ، ئەگەر ئۆيىگە ئاپىرىپ قويالمىسىڭىزمۇ ئاپتۇبۇسقا سېلىپ قويۇڭ ، ساقچىخانىغا ئاپىرىپ قويسىڭىزمۇ ئائىلسىدىكىلەرگە تېلفۇن بىرىپ ئۇچۇر بەرسىڭىزمۇ بولدۇ .

5. يولدىن ئېزىپ قالغانلارنىڭ باشقىلاردىن يول سوراۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالسىڭىز ، ئۇلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم قىلىڭ .

6.بىرەرسىنىڭ  پۇل قاپچۇقىنى ( پورتمال ) نى تېپىۋالسىڭىز ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بىرىڭ . ئەگەر پۇلغا بەك ئېھتىياجلىق بولسىڭىز  ئىچىدىكى نەخ پۇلنى ئېلىپ قېلىپ ، پۇل قاپچۇقىنى ‹‹ پالانچى يەردىن تېپىۋالدىم ›› دىسىڭىزمۇ بولدۇ . ئۇنىڭدىكى ئىناۋەتلىك كارتا ، كىملىك ، پىراۋا ،،، قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۆز پىتىچە ئىگىسىگە بەرسىڭىز ئۇ كىشى يوقالغان ئازراق پۇل ئۈچۇن ئانچە قىلىپمۇ كەتمەيدۇ . بىراق سىز ئۇ كىشىنىڭ ئادىرسىنى يېزىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . كېيىنچە پۇل تاپقاندا ئۇ كىشىدىن كەچۈرۈم سوراپ پۇلنى قايتۇرۇپ بەرسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولدۇ .

7. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى قامداش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ ئىشلىشى قەدىرلەشكە تېگىشلىك روھ ، ئوتتورا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرنىڭ ، بولۇپمۇ قىز ئوقوغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ شۇنداق . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بىرەر ئىش قىلۋاتقانلىقىنى ياكى نەرسە - كېرەك سېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭىزدە چوقۇم ئۇنىڭغا ياردەم قولىڭىزنى سۇنۇڭ ، ئەگەر ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق بولمىغان بولسا ھەرگىزمۇ  سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلمايدۇ . ئۇنداق ئوقۇغۇچىلارنىڭ غەيرىتىگە بارىكاللا ! ئۇلارغا كۆپرەك ئىلھام بىرىپ كۆيۈنۈش كىرەك .

8. كېچىلىك بازارلاردا ، يول ئۈستىگە  يايما يايغانلاردىن ئازراق بولسىمۇ نەرسە - كېرەك سېتىۋېلىڭ . ئۈلارنىڭ ئۇلارنىڭ سېتىۋاتقانلىرى ئەرزان  نەرسىلەر ، شۇڭا ئارتۇقچىە باھا تالىشىپمۇ ئولتۇرماڭ . ئائىلسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى بولسا ئۇلار  شۇ كىچىدە ، يول . ئۈستىدە  شۇ سوغۇقتا توڭلاپ تۇرۇپ  يايما يېيىپ ئولتۇرامىدى ؟

9. ئەگەر ئىقتىسادىي ئەھۋالىڭىز ياخشى بولسا پۇللىرىڭىزنى ئەيشى - ئىشرەت ،كەيىپ - ساپاغا ئىشلەتمەستىن بىرەر خەيرىلىك ياخشى ئىشقا سەرىپ قىلىڭ . يەنى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قالغان نامرات ئوقۇغۇچىلارغا  ياردەم قولىڭىزنى سۇنۇپ قويۇڭ . ئۆزىڭىزنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىمىسىڭىز ، قىلغان ئىشىڭىز  تېخىمۇ ساۋابلىق بولدۇ .

10. ئەگەر شارائىتىڭىز يار بەرسە ، ھەم يۇقىرقى سۆزلەرنىڭ ئازراق بولسىمۇ ئاساسى بار ، دەپ قارسىڭىز ، ئۇلارنى باشقىلارغىمۇ يەتكۈزۈپ قويۇڭ ، چۈنكى ئىناقلىق تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە جەمىيەتتە ياخشلار كۆپەيسە ھەمىمىز بەخىت ئىچىدە ياشايمىز .

مەنبە: ئىزدىنىش مۇنبىردىكى  karam  ( قارام ) نىڭ ئۆز قەلىمى . 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 16- كۈنى يېزىلغان .

elipbe يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 18:10:16

تور دۇنياسىدىن توپلىغان تەرمەچلەر ئوخشايدۇ دېسەم ئىجادىيەتكەن ئەمەسما ؟

tumurjan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 18:23:08

نىمانداق تۇنۇش قۇرلاردۇ بۇ دىسەم، بۇرۇن ئۈندىداردا كۆرگەن ئىكەنمەن. ئەسلى ئاپتۇرى سىز ئىكەنسىز ھە.{:112:}

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 18:24:21

elipbe يوللىغان ۋاقتى  2014-10-29 18:10 static/image/common/back.gif
تور دۇنياسىدىن توپلىغان تەرمەچلەر ئوخشايدۇ دېسەم ئىجا ...

2009-يىلى ئىنتېرنېت تور دۇنياسىغا تۇنجى يولىغان يازمام {:92:}

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 19:21:24

alip824 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 19:29:01

http://bbs.izdinix.com/thread-31245-1-1.html. 2008يوللانغان تىما بۇ. ياخشى گەپلەر بار

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 21:14:41

   پورتمالدىكى پۇلنى ئېپ قېلىپ، پورتمالنى ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىش بولسا ياخشىلىققا يامانلىقنى ئارىلاشتۇرۇپ قىلىش قاتارىغا كىرىدىكەن، ياخشىلىق قىلغان ئىكەنمىز مۇكەممەل، ئھسان بىلەن قىلمايمىزمۇ.

wuyyu يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 12:05:57

تىلەمچىنى نېمىشقا ئۇنداق ئەخمەق قىلىمىز؟

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 13:19:35

wuyyu يوللىغان ۋاقتى  2014-10-30 12:05 static/image/common/back.gif
تىلەمچىنى نېمىشقا ئۇنداق ئەخمەق قىلىمىز؟

كەسىپ قىلىۋالدۇ{:92:}

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 13:20:30

sahabe يوللىغان ۋاقتى  2014-10-29 21:14 static/image/common/back.gif
پورتمالدىكى پۇلنى ئېپ قېلىپ، پورتمالنى ئىگىسىگە تاپ ...

بەش بارمىقىمىز تەڭ ئەمەس {:92:}

Qumaltag يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 16:24:33

ئەگەر سەن بىرىگە بىر تال بېلىق بەرسەڭ ،قورسىقىنى بىر كۈن باققان بولىسەن .ئەمما سەن ئۇنىڭغا بېلىق تۇتۇشنى ئۆگىتىپ قويساڭ،ئۇنى ئۆمۈر بويى باققان بولىسەن .
‏                                    

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 18:54:39

uyghur7800 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-29 19:21 static/image/common/back.gif
بالۇن قاپىيە. چوڭ يولدىن تار يول ياخشى، قازان قايناۋ ...

ئانچە - مۇنچە قاپىيە ئويناپ قويامدۇق {:92:}

aymuhammat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 20:30:50

uyghur7800  يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 19:21 |ئايرىم كۆرۈش
بالۇن قاپىيە. چوڭ يولدىن تار يول ياخشى، قازان قايناۋەرسە ھامان تاشىدۇ . يوۋ پانا ماۋۇ گەپلەرنى


ھاياجانلانغاندا ياكى ئەجەپلەنگەندە،ھەيران قالغاندا،ئشقىلىپ ھەرقانداق ۋاقىتتا يوۋپانا دېمەڭ بەك يامان بۇلىدۇ.

aymuhammat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 20:33:29

راستىنلا قىلىشقا تېگىشلىك ئشلاركەن رەھمەت سىزگە.

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 20:38:23

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 10:20:12

tumurjan يوللىغان ۋاقتى  2014-10-29 18:23 static/image/common/back.gif
نىمانداق تۇنۇش قۇرلاردۇ بۇ دىسەم، بۇرۇن ئۈندىداردا كۆ ...

{:92:}

neFese يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 22:23:43

ياخىشى تېما ئىكەن ،

ئەھمىيەتلىك بىر تېما بوپتۇ {:112:}

بەت: [1]
: 10جۈملە راس گەپ ، سىز قىلالامسىز ؟