choice يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 15:39:02

شوپۇكنى تىللاپ يۈرۈپ ئەخلەت چېلىكىگە كىرگۈزەلەمسىز...

بانان شوپۇكىنى ھەرقانچە تىللىسىڭىزمۇ ئەخلەت چېلىكىگە كىرگۈزىۋېتەلمەيسىز!
(تەرجىمە ئەسەر)
ئۇنۋېرسىتېتىتىكى پەلەمپەيلىك چوڭ زال ئىچىدە بىردەمدىن كېيىن لىكسىيە باشلىنىش ئالدىدا تۇراتتى.  لىكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنغان پىراففىسور  دۆلەت ئىچى سىرتىدا خېلىلا داڭ  چىقارغان  كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇنۋېرسىتتا لىكسىيە سۆزلەيدىغانلىقى ھەققىدە 2كۈن بۇرۇنلا ئېلان  چاپلانغان ئىدى. ئوقۇغۇچىلار بەس – بەس بىلەن زال ئالدىغا يىغىلىپ پراففىسورنىڭ لىكسىسىينى نەق مەيداندا ئاڭلاپ باقماقچى بولۇشتى، لىكسىيە باشلىنىدىغانغا  10مىنۇت قالغاندا ئوقۇغۇچىلار زالغا كىرىشكە باشلىدى،  ھەممەيلەن زالغا قەدەم ئېلىپلا ئىشىك ئالدىدا تۇرغان بانان شوپۇكىنى كۆرۈپ  پۇتىنى تېزلىكتە يۆتكەپ شوپۇكتىن قاچۇردى ھەمدە بۇ ئىشتىن ئاغرىنىپ غۇدۇراشتى:-- «ۋاي توۋا بۇ قايسى قىلىقسىزنىڭ ئىشىدۇ؟!. »،«ئاممىۋى سورۇندىمۇ مۇشۇنداق قىلىق قىلامدۇ؟!» تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ نىمە قىلغىنى بۇ؟! »،«توۋا ھازىر ئادەملەر نىمە بولۇپ كېتىپ بارىدۇ ھە، پەقەت ساپاسى يوق دەيمەن!.....» ھەممەيلەن بۇ ئىشتىن نازارى بولۇشۇپ غۇرۇرىغىنىچە جايىغا كېلىپ ئولتۇرۇشتى.نەچچە مىنۇتتىن كېيىن پىراففىسور دەل ۋاقتىدا زالغا يېتىپ كەلدى، يەردە تۇرغان بانان شوپۇكىنى بايقاپ ، شوپۇكقا ئىنچىكىلەپ قاراشقا باشلىدى، زال ئىچى بىردىنلا تىمتاسلىققا چۆمدى. ھەممەيللەن بويۇنلىرىنى سوزۇپ پىراففىسورنىڭ ئىش ھەركىتىنى دىققەت بىلەن كۈزۈتۈۋاتتى. پىراففىسور پۇتىدا تۇرغان نەرسىنىڭ بانان شوپىكى ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئاڭقىرىپ بولغاندىن كېيىن ئاچچىقلىنىپ شوپۇككە قاراپ سۆزلەشكە باشلىدى:--« سەن بۇ يەردە تۇرساڭ قانداق بولىدۇ ھە؟! ئەخلەت چېلىكىدە تۇرماي ساڭا بۇ يەردە نىمە بار؟ نىمانداق پەزىلەتسىز نەرسە سەن، مۇھىت ئاسراش دىگەننىمۇ بىلمەمسەن، بىرەرسى ساڭا تېيىلىپ يىقىلىپ چۈشسە قانداق قىلىسەن؟ قانداق گەپ ھە بۇ ؟!» ھەربىر ئاچچىقلىنىپ سۆزلىگەندە، پراففىسورنىڭ كۆز ئەينىگى ئۇنىڭ قاڭشىرى ئۈستىدە بوشقىنە تىترەيتتى. بۇ كۆرۈنۈش كىشىگە كارتۇن فىلىمدىكى ئۇششاق ئىشلارغىمۇ ئاچچىقلىنىپ سەكرەپ كېتىدىغان ئوردەك دونالدونى ئەسلىتەتتى. پەستە ئولتۇرغانلار پاراقلاپ كۈلۈشكە باشلىدى، ئەمما پىراففىسور بولسا  بانان شوپۇكىگە قاراپ توختىماي ئاچچىقلىنىۋەردى.
ئاخىرى ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن  تاقىتى توشقان بىرەيلەن ۋاقىرىدى:« پىراففىسور، بولدى  قىلىڭ ئەمدى، ھەرقانچە كۈچەپ تىللىسىڭىزمۇ بانان شوپۇكىنى تىللاپ يۈرۈپ ئەخلەت چىلىكىگە كىرگۈزىۋېتەلمەيسىز.»
پىراففىسور بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئوقۇغۇچى تەرەپكە بۇرۇلدى، يۈزىگە كۈلكە يۈگۈردى. ئاندىن بانان شوپۇكىن  مۇنبەر يېنىدىكى ئەخلەت چېلىكىگە تاشلىدى. قولىنى سۈرتىۋەتكەندىن كېيىن سورىدى:ـ بايىقى ئوقۇغۇچى نىمە دىدىڭىز؟ سۆزىڭىزنى يەنە بىر قايتىلىۋېتىڭە!
زال ئىچى بىردىنلا جىمىپ كەتتى، ھىچكىمدىن سادا چىقمىدى.
پىراففىسور:-- مەن ئاڭلىدىم، سىز بايا ماڭا بانان شوپۇكىنى ھەرقانچە كۈچەپ تىللىسىڭىزمۇ ئەخلەت چېلىكىگە كىرگۈزىۋېتەلمەيسىز دىدىڭىز—مانا بۇ مېنىڭ بۈگۈن سۆزلىمەكچى بولغان تېمام.
بۇ ۋاقىتتا تامدىكى چوڭ ئېكراندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ زالغا كىرىشكە باشلىغان ۋاقىتتىكى كۆرۈنۈشلىرى كۆرسىتىلىشكە باشلىدى. ئېكراندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ شوپۇكتىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكەن چاغدىكى ھەرخىل ھەركەتلىرى، چىراي ئىپادىلىرى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ دەسلەپتە كۆپچىلىك بىر ھازا كۈلۈشتى، كېيىن ھەممەيلەننىڭ ئۈنى تۇتۇلۇپ جىمىپ كەتتى.
پىراففىسور سۆزىنى داۋام قىلدى:--بۇنى مەن قەستەن مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان ئىدىم.بانان شوپىكىنى تىللىغانغا ئۇ ئۆزى ئەخلەت چېلىكىگە كىرىپ كەتمەيدۇ ئەلبەتتە، مەن سىلەرگە چۈشەندۈرمەكچى بولغان بۇ داۋلىنى ئۆزۈڭلار بايقىدىڭلار.
داۋلىنى چۈشۈنۈش -بىر ئىش،  مۇشۇ داۋلىنى ئىش ھەركىتىمىزدە يېتەكچى قىلىش   بولسا  باشقا بىر ئىش. مېنىڭچە بۇ يەردە ئولتۇرغان نەچچە يۈز ئوقۇغۇچىنىڭ ھەممىسىلا بانان شوپىكىنى قانچىلىك تىللىساقمۇ ئۇنى تىللاش ئارقىلىق ئەخلەت چېلىكىگە كىرگۈزىۋەتلىكى بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ، بىراق ھىچكىم بۇ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھەركەت قىلمىدى. ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن شۇ ئاددى ئىشنى قىلىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىدى.
نۇرغۇن كىشىلەر جەمئىيەتنىڭ رەھىمسىزلىكىدىن قاخشايدۇ –يۇ، ئەمما ئۆزىگە كەلگەندە كىچچىكىنە تەببەسسۇم ئاتا قىلىشقىمۇ پىخسىقلىق قىلىدۇ؛مۇھىت بۇلغاندى دەپ قاخشايدۇ، بىراق  بېرىپ ئەخلەتلەرنى ئازراق بولسىمۇ تېرىپ تازىلىۋېتىشنى خالىمايدۇ؛ چىرىكلىكنى خىيانەتچىلىكنى قارغايدۇ – يۇ ،قارغاپ بولۇپ يەنە ئۆزى ئىش بېجىرمەكچى بولسا مۇناسىۋەت ئىزدەپ ئارقا ئىشىك قىلىشقا ئالدىرايدۇ؛ ئەخلاق ساپانىڭ تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقىنغا ئۆكۈنىدۇ – يۇ، ئۆزى باشلامچى بولۇپ بىرەر ساۋاپلىق ئىش قىلىشنى خالىمايدۇ.... دىمەك ھەممىلا ئادەم ئاغرىنىدۇ، قاخشايدۇ، قارغايدۇ...
بىراق ھىچكىم ئۆزى باشلامچى بولۇشنى خالىمايدۇ، مەسئۇلىيەتنى ھەمىشە باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويۇپ ئۆزىنى  ئامالسىزلىقتا بىچارە دەپ بىلىدۇ. بۇنداق قىلىقلار ۋە روھى ھالەتلەر پاسسىپ تەرەپلەرگە كەڭ يول ئېچىپ ئادەمنى ئۈمۈتسىزلىككە باشلايدۇ.
ئەمەلىيەتتە ئشىلار بىز ئويلىغاندەك ئەمەس. جەمئىيەتنىڭ ھەربىر تەرەققىياتى كىشىلەرنىڭ ھەركىتى بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ، ئەگەر مەن ئەخلەتنى قالايمىقان تاشلىمىسام، دۇنيادا بىر كىشىلىك بۇلغۇنۇش مەنبىيى ئازلايدۇ. ئەگەر مەن ئەتراپىمدىكى ئەخلەتلەرنى تازىلىۋەتسەم دۇنيادا پاكىز جايدىن بىرى كۆپىيىدۇ؛ ئەگەر مېنىڭ ئىش ھەركىتىم بىرەرسىگە تەسىر قىلسا ئۇنداقتا دۇنيادا پاكىز جاينىڭ كۆپۈيىشىگە يەنە بىر ئۇمۈت تۇغۇلىدۇ. يەر شارىدا 5مىليارد ئادەم بار، بۇ ھەرگىزمۇ كۆز يەتمەس چەكسىز سان ئەمەس. ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ دۇنيادىكى بىر كىشىلىك ئورنىمىزغا، ئىنسانلار ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىمىزگە ئىشەنچىدە ھەمدە مەسئۇلىيەتتە بولۇشىمىز كېرەك.
شۇنىسى ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ئەخلەتنى ھەرقانچە تىللىسىڭىزمۇ ئۇنى تىللىغانغا ئەخلەت چېلىكىگە ئۆزى كىرىپ قالمايدۇ، چوقۇم سىز ھەركەتكە كېلىشىڭىز، يەنى ھازىردىن باشلاپ ھەركەتكە كېلىشىڭىز كېرەك.
پىراففىسورنىڭ لىكسىيىسى ئاياقلاشتى. يىغىن زالىنى كۈچلۈك چاۋاك ساداسى بىر ئالدى،  چاۋاك چالغۇچىلارنىڭ شۇ تاپتىكى ھىسسىياتى تولىمۇ مۇرەككەپ  بولۇپ بۇنى ئېنىق تەسۋىرلەش قىيىن ئىدى.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 20:24:24

ياخشى ئەسەر، ياخشى تەرجىمە.

قەھرىمانغا ئېچىرقاپ كەتكەن ھەم قەھرىمانغا خۇمار بولۇپ قالغان دەۋىر.

xinjiangtour يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 20:41:50

مەنمۇ كۆپۈنچە يولدا ئۇچىرىغان تاش توقماقلارنى باشقىلار پۇتلىشىپ كەتمىسۇن دەپ ،پىكاۋىمدىن ئاتايىن چۈشۈپ كىشلەرگە دەخلى قىلمايدىغان يەرگە تاشلىۋەتسەم ياكى يولدىكى شوپۇك ،يېشىكنىڭ قەغەزلىرى ،تاماكا قالدۇقلىرىنى ئايرىم خالتىغا سېلىپ ،ماشىنامغا ئېلىپ يېراقتىكى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىماقچى بولسام بەزىلەر ھاڭۋىقىپ قاراشسا بەزىلەر مېنى زاڭلىق قىلىپ كۈلىشىدۇ .نادانلار .:lol

yawayibala يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 22:30:05

بەك ياخشى دەرس سۆزلەش ئۇسۇلى بوپتۇ ،ھەقىقەتەن فىراففىسور دىگەنگە لايىق لاھىيلەپتۇ بۇ لىكسىيىنى :)

albAX يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 22:41:08

  ئالامەت .............. 14يىللار ئىلگىرى مەس ئاغىينىللىرىمنىڭ ئۆيگە قايتقىچە يولدا ئۇچرىغان ئەخلەت ساندۇقلىرىنى ئۆزۈپ مېڭىشى ، مىنىڭ ئەخلەت ساندۇقلىرىنى تىكلەپ مېڭىشلىرىمنى ئەسلەتتى ..................{:90:}

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 23:08:57

yawayibala يوللىغان ۋاقتى  2014-10-29 22:30:05 static/image/common/back.gif
بەك ياخشى دەرس سۆزلەش ئۇسۇلى بوپتۇ ،ھەقىقەتەن فىراففى
ناۋادا ئوقۇغۇچىلاردىن بىرى كىرگىچە بانان شۆپىكىنى ئىلىۋىتىپ قالغان بولسا، پىراپپىسور قانداق قىلار بولغىيدى؟ بۇ چوقۇم چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى مەكتەپ.

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 07:05:50

:lol

welld يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 07:47:19

شوپۇك دىگەن نىمە ئۇ؟« شۆپەك» تۇ؟

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 07:54:38

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   choice تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-30 08:00  

xinjiangtour يوللىغان ۋاقتى  2014-10-29 20:41 static/image/common/back.gif
مەنمۇ كۆپۈنچە يولدا ئۇچىرىغان تاش توقماقلارنى باشقىلا ...

چۈنكى سىز ئۇلاردىن پەرقلىق، بۇ پەرق ئۇلارنى ئەسلىدە بىئارام قىلىدۇ بىراق كىشىلەر ھەمىشە ئۆزىدىكى ئاجىزلىقنى خىجىللىقىنى ئۇدۇل بىلدۈرمەستىن ئەكسىچە ئۇسۇلدا ئىپادىلەپ ئۆزىنى ئۇستۈن ئورۇندا قويۇشقا ئۇرۇنىشىدۇ. بىر چاغدا مەكتەپتە ئوغلۇم  دادىسى كېسەلدىن بالدۇرلا تۈگەپ كەتكەن، ئاپىسى كېسەل سەۋەبىدە بالىغا قارىغۇدەك مادارى يوق بىر ئوينىڭ بالىسى ئۇرۇشۇپ قاپتۇ،  سەۋەبى ئۇ بالا ئوغلۇمدىن مېنى بۇنىڭدىن كېيىن ئۇچرىغان يەردە لاۋدا دەيسەن دەپ تەلەپ قىپتۇ. ئوغلۇم بولسابىكاردىن نىمىشقا سېنى لاۋدا دەيتتىم دەپ ئىدىيىسىدىن ئۆتكۈزۈلمەي ئۇرۇشۇپتۇ،  سۈرۈشتە قىلسەم بالىنىڭ مۇقىم بارار جايىمۇ يوق دىيەەرلىك ئىكەن، ئوغلۇمغا بالىنىڭ دادىسىنىڭ يوقلىقىنى، ئاپىسىنىڭمۇ سەكرەتتە ئىكەنلىكىنى، ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ  ئۆيىدە قېقىلىپ سوقۇلۇپ چوڭ بولىۋاتقانلىقىنى، تولىمۇ بىچارە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردۇم، دىمەك بالا ئۆزىگە يار يۆلەك بولغىدەك ئادىمى بولمىغانلىقتىن تاشقى كۆرۈنۈشتە شۇنداق كۈچلۈك بولۇش باشقا بالىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالماسلىق ئۈچۈن لاۋدا بولۇش ئارقىلىق  تۇرمۇشتىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ باشقا بالىلاردىن ئۈستۈن تۇرۇشنى ئويلىغان گەپ،
قىسقىسى سىز قىلغان ئىشلارنى قىلالمىغىنىدىن خىجىل بولغان كىشىلەر قايىللىقىنى بىلدۈسە ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولىدۇ. شۇ سەۋەپ ئۇلار كۈلۈشۈپ مازاق قىلىش ئارقىلىق سىزنى ئېتىراپ قىلىشتىن قاچقان گەپ، دادام ئاپاملار بىزگە كۆۋرۈك سېلىش، ئاممىۋى ھاجەتخانىلارنى كىشىلەرگە بىلدۈرمەي تازىلاپ قويۇش، يولدا پۇتلۇشۇپ تۇرغان تاش ۋە توساقلارنى ئېلىۋېتىش چوڭ ساۋاپ دەپ نەسىھەت قىلاتتى، ئەمدى مەن بۇ نەسىھەتلەرنى باللىرىمغا قىلىۋاتىمەن.

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 07:59:05

welld يوللىغان ۋاقتى  2014-10-30 07:47 static/image/common/back.gif
شوپۇك دىگەن نىمە ئۇ؟« شۆپەك» تۇ؟

بانان شوپىكى  لۇغەتكە قاراپ باقتىم

kinglion يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 09:11:56

بۇ كىشى ئەجابا ھەممە ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇ شۈپەكنى ئېلىۋەتمەيدىغىنىنى بىلىدىكىنا؟؟؟

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 10:05:26

kinglion يوللىغان ۋاقتى  2014-10-30 09:11 static/image/common/back.gif
بۇ كىشى ئەجابا ھەممە ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇ شۈپەكنى ئېلىۋەتمە ...

مەن ئويلايمەن بۇ بىر يازما، ھەربىر يازما چوقۇم يۈز بېرىش مۈمكىنچىلىكى بولغان ھەرخىل رىئاللىقنى تولۇق ئويلىشىپ ئاندىن يېزىلىشى كېرەكمۇ؟

kinglion يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 10:16:27

مەن دېمەكچى، ئومومىي ۋەزىيەت شۇنداق، يەنى بۇ خوشنىلاردا يۈز بەرگەن ۋەقەكەن.

xinjiangtour يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 14:09:28

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xinjiangtour تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-30 14:20  

choice يوللىغان ۋاقتى  2014-10-30 07:54 static/image/common/back.gif
چۈنكى سىز ئۇلاردىن پەرقلىق، بۇ پەرق ئۇلارنى ئەسلىدە ب ...

شوپۇرلىرىمىز ۋە يولۇچىلارنىڭ يامان بىر ئادىتى بار ،شوپۇر تاماكا چېكىپ كېتىۋىتىپ دېرىزىدىن تاماكا قالدۇقىنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۋەتمەيلا تاشلايدۇ،بۇنداق قىلغاندا ئەتىراپتا پاختا ،ئوتۇن،پاخاللار بولۇپ قالسا ئوت كېتىپ باشقىلارغا زىيان يەتمىسۇن دەپ ئويلاشمايدۇ،باشقىلارغا زىيات يەتكىنى ئۆزۈمگە قىلغان زىيان دىگەننى ئويلىمايدۇ.
يولۇچىلار بولسا شوپۇرنىڭ دىققەتسىزلىكىدىن پايدىلىنىپ يەپ-ئىچكەن يېمەكلىكلەرنىڭ يالتىراق ،قەغەز،گازىر شوپىكى ۋە ۋاھاكازالارنى دەرىزىدىن يولغىلا تاشلايدۇ،ئۆزىڭىز چىقارغان ئەخلەتلەرنى ئايرىم خالتىلارغا قاچىلاپ ،كېيىنكى توختايدىغان بېكەتكە بارغاندا شۇ يەردىن ئەخلەت تۇڭى ياكى ئەخلەت تاشلاشقا بولىدىغان ئورۇننى تېپىپ تاشلىسا بولىدىغۇ.
يېقىندا مەن تۇرۇشلۇق بىنانىڭ ئۇدۇلىدىكى بىنا ئارقى تەرەپكە ئانام كىر يېيىپتۇ ،ئانام ياشنىپ قالغاچقا كىرلەرنى ئۆزۈم ئەكىرىپ بېرىش مەخسىتىدە كىرلەرنى يىغىۋاتسام ، ئۈستىنكى قەۋەتتىن بىرى بالكۇندىنلا ئەخلەت تۆكتى،تاس قالدى بېشىمغىلا چۈشكىلى ،بۇنداق ئىشلار ئەتىراپىمىزدا كۆپ ،مۇمكىن بولسا ھەممىمىز مۇشۇ ماقالىدىن ئېبرەت ئېلىپ پاكىزلىققا ئەھمىيەت بەرسەك ،جەميىتىمىزنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاپ ،ئۆزىمىزنىڭ سالامەتلىكىمىزنى قوغدىغان بولىمىز.

welld يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 08:11:29

choice يوللىغان ۋاقتى  2014-10-30 09:59 static/image/common/back.gif
بانان شوپىكى  لۇغەتكە قاراپ باقتىم

شۆ دەپ يېزىڭە، شو ئەمەس. :lol

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 08:27:32

welld يوللىغان ۋاقتى  2014-10-31 08:11 static/image/common/back.gif
شۆ دەپ يېزىڭە، شو ئەمەس.

{:194:} خوپ، كاللا دىسە پاچاق دەپ يۈردۇممۇ نىمە مەن ھە،{:181:} سەت بوپتۇ
بەت: [1]
: شوپۇكنى تىللاپ يۈرۈپ ئەخلەت چېلىكىگە كىرگۈزەلەمسىز...