OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 14:46:58

ئوغۇز:كەچكۈزدىكى مۆلدۈر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   OCUZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-29 14:48  

ب‍ۆگۈن 2014-يىل 10-ئاينىڭ 29-كۈنى (چارشەنبە)ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈش سائەت 12دىن 12يېرىمغىچە كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرىدا مۆلدۈر ئارىلاش يامغۇر  ياغدى.مۆلدۈر ئالاھىزەل 8مىنۇت ئەتراپىدا چۈشتى،ئۇنىڭدىن كېيىن يامغۇرغا ئۆزگەردى ،مۆلدۈرنىڭ چوڭلۇقى قوي مايىقىدەك كۆممە قۇناقتەك كىلىدىغان بولۇپ، سېمۇنت يەرلەردە مۆلدۈرلەر خۇددى مەرمەردەك دومۇلاپ ئادەمگە تەبىئەتنىڭ ئۆزگىچە سېھىرى كۈچىنى ھىس قىلدۇردى.ئېسىمدە قېلىشىچە كۈزدە مۆلدۈر يېغىش كەمدىن كەم كۆرۈلىدىغان ھادىسە بولۇپ،كەمىنە مۆلدۈر ئارىلاش ياغقان بۇ يامغۇردىن قانغۇچە زوق ئېلىش بىلەن بىرگە بىر نەچچە پارچە سۈرەتكە تارتىپ خاتىرە قالدۇرۇشقا مۇيەسسەر بولدۇم.شۇنىڭ بىلەن  تورداشلارنىڭمۇ بۇ قېتىمقى  مۆلدۈر ئارىلاش ياغقان يامغۇردىن ئازتولا زوق ئېلىشنى ئۈمىد قىلىپ بىر نەچچە پارچە سۈرەتنى يوللىدىم.      

elipbe يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 17:04:10

سىز مۆلدۈردىن ھوزۇر ئالدىڭىز ؟
بىچارە دېھقانلىرىمىزنىڭ كۈزلۈك ھوسۇل ئىشلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەنمىدۇ ؟

bedexshan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 17:38:43

مۆلدۈر ئۇيغۇرغا نىم ئىش قىلىپ بەردى؟:lol

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 08:30:43

سىز مۆلدۈردىن ھوزۇر ئالدىڭىز ؟
بىچارە دېھقانلىرىمىزنىڭ كۈزلۈك ھوسۇل ئىشلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەنمىدۇ ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم!ماۋۇ تىمىنى ۋاقىت چىقىرىپ كۆرگىنىڭىزگە ،ئىنكاس يازغىنىڭىزغا رەھمەت!قىززىق بولغىنى ماڭا تۆنۈگۈن چۈشتە مۆلدۈر ئارىلاش ياغقان يامغۇردىن زوق ئېلىش نىسىپ بولۇپلا قالماي،كەچقۇرۇن سائەت 9دىن 9يېرىمگىچە قەشقەر شەھىرىنىڭ  كەچتىكى يامغۇرلۇق  مەنزىرىسدىن زوق ئېلىش نىسپ بولدى.بۇ قېتىمىقى يامغۇر ئۆتكۈنچى ھەم دائىرىلىك ياغقان بولغاچقا سىز ئېيتقاندەك دېھقانلىرىمىزنىڭ كۈزلۈك ھوسۇل ئىشلىرىغا تەسىر كۆرسەتمىدى،ئەكىسچە بۇ يامغۇر  كانجا سۈيىگە تەشنا كۈزگى بۇغدايلارغا،تىيلىش ئالدىدا تۇرغان كىپەزلەرگىمۇ خۇپمۇ ياقتى،كىپەز تەرگۈچىلەر تەرگەن كىپىزىمىز جىڭغا ئولتۇردىغان بولدى دەپ خۇشال بولۇشتى.مۇندىن كېيىن دېھقانلىرىمىزنى بىچارە دەپ سۈپەتلىمەسلىكىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن،ئۇيغۇر دېھقانلىرى بىچارە ئەمەس!
بەت: [1]
: ئوغۇز:كەچكۈزدىكى مۆلدۈر