ئۆزىنىڭ پىسخىك ساغلاملىققا ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇللىرى
ئۆزىنىڭ پىسخىك ساغلاملىققا ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇللىرى1.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆز-ئۆزىنى قۇبۇل قىلالايدۇ.ئەكسىچە بولسا،ئۆز-ئۆزىنى ئىنكار قىلىدۇ.
2.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆز-ئۆزىنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ھۆرمەتلەيدۇ.ئەكسىچە بولسا،ئۆزىنى ھۆرمەتلەش ئەمەس،بەلكى ئۆزىدىن بىزار بولىدۇ.
3.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆزىگە ئىشىنىدۇ،ئەكسىچە بولسا،گۇمانلىنىدۇ.
4.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە ئۆز-ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش تۇيغۇسى مول بولىدۇ.ئەكسىچە بولسا،بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل ياكى يوق بولۇپ،ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئامالسىز قالىدۇ.
5.پىسخىكىسى ساغلام كىشىلەر سەمىمىي-ساداقەتمەن كېلىدۇ،ئەكسىچە بولسا،ياسالما ۋە سەمىمىيەتسىز بولىدۇ.
6.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۈمىدۋار بولىدۇ.ئەكسىچە بولسا،روھى چۈشكۈن بولىدۇ.
7.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆزىنىڭ شەخسى ئىقتىدارىنىڭ نېمىلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ.ئەكسىچە بولسا،ئۆلاز ئىقتىدارى ھەققىدە ھېچنېمىنى دەپ بېرەلمەيدۇ.
8.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆز مۇۋاپىقىيىتىدىن ئىپتىخارلىنىدۇ.ئەكسىچە بولسا،غەلبە قىلىشتىن قورقىدۇ ياكى غەلبىسىنى ئىنكار قىلىدۇ.
9.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆز كەيپىياتىنى كونتىرول قىلالايدۇ.ئەكسىچە بولسا،ھاياجانلىنىپ كونتىروللىقىنى يوقىتىدۇ.
10.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،يەككە چەكلىمىلىكلەرنى قۇبۇل قىلالايدۇ.بۇ سەۋەبلىك ئارامسىزلىنىپ،خىجىل بولۇپ ئۆزىنى جىنايەتكاردەك ھېس قىلمايدۇ.ئەكسىچە بولسا،تەنقىدلىنىش ۋە يېڭىلىشتىن قورقىدۇ.
11.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،بىرەر ئىش قىلغاندا تەشەببۇسكار ۋە بېرىلىشچان بولىدۇ.ئەكسىچە بولسا پاسسىپ بولىدۇ.
12.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،مەسىلىلەرنى مەركەز قىلىدۇ.ئەكسىچە بولسا،پەقەت ئۆزىنىلا مەركەز قىلىدۇ.
13.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ھېسىيات جەھەتتە باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ.ئەكسىچە بولسا،ئەكسىچە بولسا باشقىلارغا سوغۇق مۇئامىلىدە بولىدۇ.
14.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئىشەنچىسى تولۇپ تاشقان بولۇپ،ئۆزىنى باشقىلارغا ئاشكارىلىيالايدۇ.ئەكسىچە بولسا،ئىشەنچىسى كەمچىل،ئۆزىنى يۇشۇرۇشقا تىرشىدۇ.
15.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆز پىكرىنى بايان قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ.ئەكسىچە بولسا،خىجىل بولۇپ،ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرغا قويۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.
16.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ھەقىقي ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلالايدۇ.ئەكسىچە بولسا،ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرىنى بېسىشقا ئۇرىنىدۇ.
17.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،مېھرىبان ۋە ئاقكۆڭۈل بولىدۇ.ئەكسىچە بولسا،ھۇجۇم قىلىش قىلمىشى ئېغىر ھەم باشقىلارغا دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قارايدۇ.
18.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،باشقىلارغا كۆيۈنۈش ۋە باشقىلارنى ئاسىراشنى بىلىدۇ.ئەكسىچە بولسا،باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ،سوغۇق مۇئامىلە قىلىدۇ.
19.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئىلاستىكىچانلىقى يۇقىرى،يەنى ماسلىشىش چانلىقى يۇقىرى بولىدۇ.ئەكسىچە بولسا،قاتمال،مۇتەئەسسىپ،ئۆزگەرمەس بولىدۇ.
20.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆزىنى مۇداپىيە قىلىش ئېڭى تۆۋەنرەك بولىدۇ.ئەكسىچە بولسا،ئۆزىنى يۇكسەك دەرىجىدە مۇداپىيە قىلىدۇ.
21.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۈمىد ئارزۇلىرى ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن مۇۋاپىق بولىدۇ.ئەكسىچە بولسا،ئەمىلىيەتتتىن ھالقىغان،بەك ئاددىي ياكى ھېچقانداق ئۈمىد ئارزۇسى يوق بولىدۇ.
22.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،باشقىلارنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرىنى قۇبۇل قىلالايدۇ،ئۆگىنىشنى خالايدۇ.ئەكسىچە بولسا،تايىنى يوق قۇسۇرلارنى تاپىدۇ،باشقىلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى قۇبۇل قىلمايدۇ.
23.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆسۈپ-يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەجىربىلەرگە خۇشاللىق بىلەن يۈزلىنەلەيدۇ.ئەكسىچە بولسا،يېڭى تەجىربىلەرگە قارشى تۇرىدۇ.
24.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش ۋە جەڭ ئېلان قىلىشتىن ھوزۇر ھېس قىلىدۇ.ئەكسىچە بولسا،خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىشنى خالىمايدۇ،مەغلۇپ بولۇشتىن قورقىدۇ.
25.پىسخىكىسى ساغلام بولسا، سالماق ۋە بىمالال يۇرىدۇ.ئەكسىچە بولسا،پاسسىپ ھەم جىددىيلىشىپلا يۈرۈيدۇ.
26.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆزىنى ئۆزگەرتىشنى خالايدۇ.ئەكسىچە بولسا،خالىمايدۇ.
27.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆز ئىقتىدارىنى توغرا،دەل جايىدا ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ.ئەكسىچە بولسا،ئۆزىنى ئاجىز،ئوڭايلا زەربىگە ئۇچىرايدىغاندەك كۆرسىتىدۇ.
28.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆز ھەرىكىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.ئەكسىچە بولسا،ياردەمسىز قالدىم،دەپ قارايدۇ ياكى ئۆزىنى ئەيىبلەپ مەسئۇلىيەتتىن قاچماقچى بولىدۇ.
29.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆزىگە مۇۋاپىق كۈرەش نىشانى بېكىتەلەيدۇ.ئەكسىچە بولسا،بۇنداق كىشىلەرنىڭ يېرىمى دېگۈدەك توغرا ۋە ئېنىق نىشانى بولمايدۇ.
30.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،مۇستەققىل ۋە ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولالايدۇ.ئەكسىچە بولسا،باشقىلارغا تايىنىۋالىدۇ.
31.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،قەتئىي ۋە كەسكىن بولىدۇ.ئەكسىچە بولسا، بىر ئىشنى دائىم يېرىم قىلىپ تاشلاپ قويىدۇ.ئوڭايلا بەل قويۋېتىدۇ.ھەتتا بەزىلىرى ئۆز ھاياتىدىنمۇ كېچىدۇ.
32.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆزىدىن رازى بولىدۇ،باشقىلارنىڭ يېقىنچىلىق مۇناسىۋەتلىرىدىن خۇشاللىق ھېس قىلىدۇ.ئەكسىچە بولسا،ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدۇ،ھەم باشقىلارنىمۇ كۆرەلمەيدۇ.
33.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،شەخسى تىرىشچانلىقىنىڭ ئۆز ھاياتىغا گەۋدىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.ئەكسىچە بولسا،مۇتەئەسىپلىك بىلەن موھىت ۋە شارائىتتىن ئاغرىنىدۇ.
34.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ھاياتلىققا بولغان كۆزقارىشى: ”مەنمۇ يامان ئەمەس،مەن ئۆز ھاياتىمنى قولۇمدا تۇتۇپ تۇرالايمەن“دېگەندىن ئىبارەت بولىدۇ.ئەكسىچە بولسا، ”مەن بەك ناچار،ھاياتىمنى كونتىرول قىلىشقا ئامالسىزمەن“دەپ قارايدۇ.
35.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ھازىرى ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن يۆلىنىش بېكىتىۋالىدۇ.ئەكسىچە بولسا،بۇرۇنقى كەچۈرمىش ۋە كەلگۈسى ئارزۇ-ئۈمىدكە نىسبەتەن تەتۈر پوزىتسىيىدە بولىدۇ.
دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق پىسخىلوگ بى شۇمىن خانىمنىڭ ”بەختنىڭ سىرىنى ئېچىش ”ناملىق كىتابتىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلندى
بۇنى ئەلى مۇئەللىم بىر تەستىقلامدۇ يا ؟ مۇشۇلارنى ئوقىغان ئادەمنىڭ پىسخىكىسىدا چوقۇم چاتاق بار. xahla91 يوللىغان ۋاقتى 2014-10-29 13:10 static/image/common/back.gif
مۇشۇلارنى ئوقىغان ئادەمنىڭ پىسخىكىسىدا چوقۇم چاتاق با ...
مەن بايا بىر قۇرىنى ئوقۇپ چىقىپ كەتكەن... :lol Uyghuri يوللىغان ۋاقتى 2014-10-29 13:02 static/image/common/back.gif
بۇنى ئەلى مۇئەللىم بىر تەستىقلامدۇ يا ؟
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
ئەلى مۇئەلىمنىڭ تۇنۇگۇنكى شىنجاڭ خەلىق رادىيو ئۇزىلىدا بىر ئاشپەز بالىغا بەرگەن مەسلەھىتىدىن چۆچۈدۈم . ئۇ ئاشپەز بالا 20ياش ئانالىزىم بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن . شۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن مەسلىھەت سورىسا ، ئەلى مۇئەلىم ، ھەپتىدە قانچە قىتىم شۇغۇلىنىسىز دەپ سورىدى ، ئۇ ئاشپەز بالا ، ھەپتىدە 3 قېتىم ئانالىزىم بىلەن ھوزۇرلىنىمەن ، دىسە ، ئەلى مۇئەلىم بۇ نورمال ، ئەنسىرەپ كەتمەڭ ، سىز كەسپىڭىزدە ئۇتۇق قازنىڭ ، ياخشى داڭلىق ئاشپەز بولۇشقا تىرشىپ ، ئانىلىىمنى قىلىۋېرىڭ دەيدۇ . پۈتۈن شىنجاڭ دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار ئاڭلايدىغان تاراتقۇدا ،ئەخلاققا چىتىلىدىغان ، ياشلارنىڭ چۈشكۈنلەشتۇردىغان ناچار بۇ قىلىقنى ، ئۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرىۋېرىڭ دىگىندىن ھەيرانلىق ئىچىدە تەكرار - تەكرار تۆۋە دەپ كەتتتىم . ساق ئادەم يوقمىكىن ھازىر... tuz يوللىغان ۋاقتى 2014-10-29 13:22 static/image/common/back.gif
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
ئەلى مۇئەلىمنىڭ تۇنۇگۇنكى شىنجا ...
ئانانىزم قىلىمەن دېگەن بولسا، ياق، سىز ئانانىزم قىلمايسىز، ئۇيغۇرلاردەك بۇنداق ئەخلاقلىق مىللەتتە ئانانىزم يوق، دېگەن بولسا تازا توغرا بولاتتى-ھە! tuz يوللىغان ۋاقتى 2014-10-29 13:22 static/image/common/back.gif
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
ئەلى مۇئەلىمنىڭ تۇنۇگۇنكى شىنجا ...
يالغاننى تولا ئاڭلاپ كۆنۈپ قېلىپ، راستقا تۆۋە دەيدىغان بولۇپ قاپسىزمۇ نىمە؟ Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى 2014-10-29 13:48 static/image/common/back.gif
ئانانىزم قىلىمەن دېگەن بولسا، ياق، سىز ئانانىزم قىلم ...
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
مەن ئۇنداق دىمەكچى ئەمەس ، دېمەكچى بولغۇنۇم پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ چوڭ - كىچىك ئاڭلىغۇچىىلىرى ئاڭلايدىغان نوپۇزلۇق بىر تارتقۇدا ئانالىزىمدىن ئىبارەت بۇ ناچار قىلىقنى قوللىماي ، يىراق تۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسا دېمەكچى ....
ئەڭ ئىچىنىشلىق رەزىللىك ، رەزىللىك قىلغۇچى پەردازلىنىپ قوللاشقا ئىرشىشتۇر ! ALMAS333 يوللىغان ۋاقتى 2014-10-29 13:59 static/image/common/back.gif
يالغاننى تولا ئاڭلاپ كۆنۈپ قېلىپ، راستقا تۆۋە دەيدىغ ...
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
ئوغرىنىڭ غەلبىسىنى قاراقچى قۇتلايدىغاننى كۆرسەم تەكرار - تەكرار تۆۋە دەيدىغان بوپ قالدىم .... tuz يوللىغان ۋاقتى 2014-10-29 14:03 static/image/common/back.gif
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
ئوغرىنىڭ غەلبىسىنى قاراقچى قۇتل ...
ئۇنداق بولسا، داۋاملىق تۆۋە قىلىۋېرىڭ! tuz يوللىغان ۋاقتى 2014-10-29 13:22 static/image/common/back.gif
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
ئەلى مۇئەلىمنىڭ تۇنۇگۇنكى شىنجا ...
قارىغاندا ئەلى مۇئەللىمنىڭ بىشىدىن ئۆتكەن ئىش ئوخشايدۇ . :lol ھىچقىسى يوق . بىرسى قىلىۋېرىپ پىسخىك بولسا يەنە بىرسى ئاشپەز بولىدۇ ..... :lol تۇز غا چاقچاق erkak يوللىغان ۋاقتى 2014-10-29 14:18 static/image/common/back.gif
قارىغاندا ئەلى مۇئەللىمنىڭ بىشىدىن ئۆتكەن ئىش ئوخشا ...
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
ئەپ ئەپسۇسنارلىقى ھېلىقى بالا ئەلى مۇئەلىمدەك سۆزلەيدىغان كەسىپ بىلەن شۇغۇلانماي ، ئوڭ قولى ھەم چەپ قولىنى ئىشلىتىدىغان ئاشپەزلىك كەسپىنى قىلدىكەن ئەمەسمۇ :lol ھەرقانچە داڭلىق ئاشپەز بوپ كەتسىمۇ قولى لاۋزا ئاشپەز چىقىدۇ:lol tuz يوللىغان ۋاقتى 2014-10-29 14:30:52 static/image/common/back.gif
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
ئەپ ئەپسۇسنارلىقى ھېلىقى بالا ئە
قايسى ئاشخانىدا خېمىر چەيلەيدىغان بالىكەن، ئولاش چولاش بېرىپ كېلىلى.:lol tuz يوللىغان ۋاقتى 2014-10-29 13:22 static/image/common/back.gif
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
ئەلى مۇئەلىمنىڭ تۇنۇگۇنكى شىنجا ...
ئىنساپ قىلىلى بۇرادەرلەر... ئاخشام مەنمۇ ئاڭلىغان شۇ بەرگەن مەسلەھەتنى ئۇ ئاشپەز بالا ئاتا-ئانىسىدىن نارازى بولۇپ ئۈرۈمچىگە يۈك-تاقلىرىنى جابدۇغىلى تۇرۇپتكە، شۇڭا ئىككىللىنىپ ئەلى مۇئەللىمدىن مەسلەھەت سوراپتۇ ، ئەلى مۇئەللىم ئۇبالىدىن باشتا كۈندە نەچچە قىتىم ئانانىزىم قىلسىز دەپ سورغانتى ئۇ ئاشپەز بالا ھەپتىدە ئۈچ قىتىم دەپ جاۋاپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن ئەلى مۇئەللىم ئەنسىمىرمەڭ ئۇكە سىزدەك ياشتىكى باللاردا بۇ ئەھۋال نۇرمالنى ھادىسە دەپ ئۇ بالىنىڭ گۇناھكارلىق تۇيغۇسىنى يىڭىشىكە ياردەم بەردى ، ئەگەر كۈندە ئۈچ قىتىم دىگەن بولسا باشقىچە مەسلەھەت بىرەتتى ، باشقىلارنى قارلىغىلى ئارانلا تۇردىكەنسىلە ، مىنىڭچە ئۇ بالىمۇ شۇنداق رازى بولدى ، ھەم ئەلى مۇئەللىم 21ياشقا كىرگەندە چوقۇم تاشلىۋىتىسەن خاتىرجەم بولۇپ ھۈنىرىڭدە چىمپىيۇن بول دىدى تىل دىگەندە كونتىكىسىت دىگەن گەپ بار ،بىر سورۇندا دىگەن گەپ شۇ سورۇندىن باشقا يەرگە كۆچكەندە ئەسلىدىكى ئىپادىلمەكچى بولغان مەنىسى ئۆزگىردىغان ئەھۋال بولىدۇ ، بىرەر ئادەم سەل ئالدىغا مىڭىپ كەتسە كەينىدىن پۇتلاپ تۇرمىساق بولمايدۇ ھە !!! بىر ئابزاس ئىنكاس يازسام يوقاپ كەتتىغۇ {:87:} nur000 يوللىغان ۋاقتى 2014-10-29 14:55 static/image/common/back.gif
تىل دىگەندە كونتىكىسىت دىگەن گەپ بار ،بىر سورۇندا دىگ ...
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
پۇتلايدىغان مەقسەد قەتتى يوق ، 28- چىسلا كەچ سائەت 9 دا ئەلى مۇئەلىمنىڭ شىنجاڭ خەلىق رادۇيى ئۇزىلىدا ئاڭلىغۇچىلارغا بەرگەن مەسلەھەتىنى ئاڭلاپ بىقىڭ . بەلكى شىنجاڭ خەلىق رادىيوسىنىڭ تورىدا بولىشى مۈمكىن . ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى بۇنى دىسىڭىز بولىدۇ . ئەمما بىلمەي تۇرۇپ ئۇنى بۇنى دىسىڭىز ئىزىپ كىتىسىز . بىلىش دىگەن نېمە ؟ ئۆزىنىڭ بىلمەيدىغىننى بىلىش ، ئەڭ چوڭ ئەڭ ياخشى بىلىشتۇر ! tuz يوللىغان ۋاقتى 2014-10-29 15:22 static/image/common/back.gif
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
پۇتلايدىغان مەقسەد قەتتى يوق ، 28- ...
ئەپەندىم، مەن دەل ئاخشام شۇ ئاشپەز بالىغا بەرگەن مەسلەھەتىنى ئاڭلىغان بولغاچقا سىزنىڭ باشتىكى ئىنكاسىڭزغا قارتا بىر ئابزاس ئىنكاس يازسام تەستىق كۈتۋاتقان بولغاچقا قايتا يازمىغان ئىدىم...