ياخشىلىق
كىمدە - كىم قىلسا گەر ساڭا ياخشىلىق،ھەسسىلەپ قايتۇرغىن ئاڭا ياخشىلىق.
كىشىگە ياخشىلىق قىلساڭ ئۇنىتقىن،
كىشىدىن قىلمىغىن تاما ياخشىلىق .
ياخشىلىق يولىنى ئاچار ياخشىلىق ،
ياخشىلىق ئۇرقىنى چاچار ياخشىلىق.
ياخشى نام ئىنسانغا بىباھا خىسلەت ،
ياخشىلار كىشىگە قىلار ياخشىلىق .
نامىڭغا ياخشى نام قاتار ياخشىلىق ،
ئەيىب ۋە نۇقساندىن ياپار ياخشىلىق .
ئەگەردە ياخشىلىق قىلماقچى بولساڭ ،
قەدەمدە قانچىلاپ ياتار ياخشىلىق .
ياخشىلىق قىلغانچە ئاشار ياخشىلىق ،
ياخشىدىن ياخشىغا ئاقار ياخشىلىق.
شۇم نىيەت كىشىلەر تاپالماس ئۇنى ،
بەتنىيەت كىشىدىن قاچار ياخشىلىق .
ئاپتۇر : غۇلامجان قادىرى
ئەسكەرتىش : ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز ئىشلەتمەڭ . بىر ياخشىلىق مىڭ بالادىن قۇتقۇزار .
ياخشى يىزىلغان شېئىركەن ......ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر.:P ياخشىلىق دىگەن بۇ سۆزمۇ قۇلاققا شۇنداق چىرايلىق ئاڭلىندۇ جۇمۇ .
ئاپتۇرغا رەھمەت!
بەت:
[1]