ABC يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 09:45:47

يەرلىك تۇخۇم

يەرلىك تۇخۇم
                            (ھېكايە)




ئەسئەت ئەمەت




بالا باققۇچىنىڭ دادىسى قىزىنى ئەكىتىشتىن بىر ئاي بۇرۇن ئۇلارغا تىلىفون قىلىپ:
-بىرەۋىگۇل بالىڭىزنى قانداقراق بېقىۋاتىدۇ؟- دەپ سورىغان ئىدى. ئۇ بۇنىڭدىن بۇرۇن بىرەر كۆڭۇلسىز گەپ ئاڭلاپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلىگەندەك ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن ئىدى. ئۇ بۇ ھەقتە تۆت ئايدىن كىيىن ئېغىز ئاچقان بولسىمۇ، ئايال ئۇ ئادەمگە مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەش پۇرسىتىنىڭ كەلگىنىدىن يەنىلا خوش بولدى.
-ياخشى بېقىۋاتىدۇ. بەك چىچەنكەن، بىز بەك رازى بولدۇق- دىدى ئۇ.
بۇنى ئاڭلاپ ئۇ ئادەم گەپ ئەگىتىپ ئولتۇرمايلا:
-قىزىم كىچىك تۇرۇپ بالاڭلارنى سىلەر رازى بولغىدەك بېقىپ بىرىۋېتىپتۇ. بۇنىڭدىن  سىلەرمۇ خوش بولۇپسىلەر. شۇڭا ئىش ھەققىنى ئازراق كۆتۇرۇپ بەرسەڭلار بىزمۇ خوش بولاتتۇق- دىدى.
ئۇنىڭ بىز دىگىنى ئەمەلىيەتتە ئۆزى ئىدى. قىزى بۇ يەردىكى تۇرمۇشىدىن ناھايىتى رازى ئىدى. ئۇنىڭ ئايىلى بولسا قېچىپ كەتكەن.
ئايال دەرھال بىر نەرسە دىيەلمەي:
-يولدىشىم بىلەن مەسلىھەتلىشىپ جاۋاپ بىرەي. مۇشۇ تىلىفوننىڭ يېنىدا بەش مىنوت تۇرۇپ تۇرالامسىز؟- دىدى.
-ھەئە- دىدى قارشى تەرەپ.
ئايال تىلىفوننى قويۇپ ئەھۋالنى ئىرىگە دىدى.
-خەققە تاقابىل تۇرۇشنى قاچان ئۈگىنەرسەن. قىزىنى ماختىساڭ ئۇ ئىش ھەققىنى ئۆستۇرۇپ بەر دىمەمتى. كىيىنچە بىر گەپ بولار دەپ گەپنى ئۈزىۋەت- دىدى ئۇ تىرىكىپ.
ئايال تىلىفوننى ئۇرغاندا ئۇ تۇرۇپكىنى ئايىلىنىڭ قولىدىن ئېلىۋېلىپ قارشى تەرەپ بىلەن ئۆزى سۆزلەشتى. ئۇ ئازراق تەكەللۇپ قىلىشقاندىن كىيىن:
-سۈرۈشتۇرۇپ باقساڭلا بولىدۇ، ھىچكىم بالا باققۇچىغا بىزدىن جىق ھەق بەرمەيدۇ، كىيىنچە قاراپ باقارمىز- دىدى.
ئۇلار ئىش شۇنىڭ بىلەن تۈگىدى دەپ ئويلىغان ئىدى. ئەمدى ئۇ ئادەم ئۇلارغا:
-قىزىمنى بۇندىن كىيىن بالا بېقىشقا سالمايمەن. ئەتە چۈشكىچە بېرىپ قىزىمنى ئەكىتىمەن- دەپ تىلىفون قىلغان ئىدى.
بۇ گەپ ئايالنى پاراكەندە قىلىۋەتتى. ئۇ قىزنى ئەكىتىشكە ئۆزلىرىنىڭ ھەقنى ئۆستۇرۇپ بىرىشكە ئۇنىمىغانلىقى سەۋەپ بولغانمىدۇ دەپ، ئىش ھەققى توغرىسىدا ئىرى بىلەن قايتا مەسلىھەتلىشىشكە تىرىشتى.
-ئۇنىڭغا ماقۇل دەپ قويساڭ ئۇ بىر ئاينى ئۆتكۈزۈپ يەنە ئۆستۇرۇپ بىرىڭلار دەپ قوپىدۇ. شۇڭا قىزىنى نەگە ئاپارسا ئاپارسۇن- دىدى ئىرى- ئۇنىڭغا يول قويۇپ ئاخىرىغا چىقالامتىڭ.
ئۇ ئۇنداق دىگىنى بىلەن يەنە بىر بالا باققۇچى تېپىشقا توغرا كەلسە بۇنىڭ غېمىنى قىلىشىپ بەرمەيتتى. بۇ ئىشنىڭ ئۆزىگە قالىدىغانلىقى ئايالغا ئايان بولغاچقا، ئايال يەڭ ئىچىدە بولسىمۇ قوشۇپ بىرىش نىيىتىگە كەلدى. يەنە بىر بالا باققۇچى تېپىشنىڭ تەسلىكى ئايالغا ئايان ئىدى. ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارغا مەجبۇرى مائارىپ تۈزۈمى بولغاچقا تۇرمۇشى قانچە نامرات بولسىمۇ، بالىلىرىنى بالا بېقىشقا بىرىش ھەممىلا ئاتا- ئانىنىڭ قولىدىن كەلمەيتتى. لىكىن بۇ ئادەمنىڭ بۇ تۈزۈمگە تاقابىل تۇرالايدىغان بىرەر تەدبىرى باردەك 11 ياشلىق ئوغلىنى ئىچكىرىدە ئاشخانا ئاچىدىغان، لىكىن قىلىدىغان ئىشى گۇمانلىق بىر تونۇشىغا بىر يىللىق ئىجارە بەرگەن. ئاندىن 10 ياشقا كىرمىگەن قىزىنى ناھىيە ئىچىدىكى بىر ئائىلىگە بالا بېقىشقا بەرگەن ئىدى.
ئۇلارنىڭ بىلىشىچە ئۇ ئادەم  ئوتۇن يېرىۋاتقاندا بىر كۆزىگە ئوتۇن چاچراپ كىتىپ يارىلانغان. داۋالىنىشقا ئىقتىسادى يار بەرمەي يارىلانغان كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغان. نەچچە ئايدىن كىيىن ئايىلى مەلىدىكى بىر ياش بالا بىلەن قېچىپ كەتكەن. ئۇ ئادەم ئايىلى قېچىپ كەتكەندىن كىيىن خۇددى ئۆيدە ھىچكىم قالمىسۇن دىگەندەك بالىلىرىنىمۇ كەينى- كەينىدىن يولغا سالغان. ئۇنىڭچە بالىلىرىنىڭ تەقدىرىنى مۇشۇنداق بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۇنىڭ كۆزى سەۋەپچى ئىكەن. ئۇنىڭغا كۆزى خۇددى ماراپ ياتقان شۇملۇقتەك ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى، خاتىرجەملىكىنى، تاپقان- تەرگىنىنى، ئىشقىلىپ ئۇنىڭ بارلىقىنى ۋەيران قىلىپ تۈگەتمىگىچە ئارام تاپمايدىغاندەك تۇيۇلىدىكەن. چۈنكى يارىلانغان كۆزى قارىغۇ بولۇپلا توختاپ قالماي يەنە بىر كۆزىنىمۇ كاردىن چىقىرىشقا تىرىشىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ دىيىشىچە بۇ كۆز زىيانكەشلىكىنى توختاتمايدىكەن بۇ ئۆيدىكى ھىچكىمگە خاتىرجەملىك يوق ئىكەن.
ئۇلار بالا باققۇچى ئىزدەپ يۈرگەندە بۇ ئادەمنىڭ بۇ قىزى نەچچە ئاي بالا باققان ئائىلىدىن تېخى نەچچە كۈن بۇرۇن ياندۇرۇپ كىلىنگەن ئىكەن. ئۇ ئائىلىدىكى ئايال ئۇ قىزنى كىچىك دىمەي ئائىلە خىزمەتكارىدەك قاتتىق- يىرىك ئىشنىڭ ھەممىسىگە سېلىشقا تىرىشقان ئىكەن. دادىسى بۇنىڭغىمۇ سەۋرى قىلىپ ئولتۇرسا ئۆي ئىگىسى ئەر ئۆيدە خوتۇنى بولمىسىلا قىزنى مەھكەم قۇچاقلاپ يۈزىنى قىزنىڭ يۈزىگە توخىتىماي سۈركەيدىغان ئادەتنى چىقىرىۋالغان. شۇ قېتىم ئۇ بەلكىم ئالدىراپ كەتمەي ساقىلىنى ئېلىۋېتىپ سۈركىگەن بولسا قىزنىڭ يۈزى ئۇنچە قىزىرىپ كەتمىگەن، دادىسى قىززىللىقنىڭ سەۋەبىنى سورىمىغان، قىزمۇ دىمىگەن، قىزنىڭ دادىسى ئۇنى ”ئادەم قېلىپىدىن چىققان ھايۋان“ دەپ تىللىمىغان، ھەم قىزىنى ياندۇرۇپ كەتمىگەن بولاتتىمىكىن. ئۇ:
-قىزىڭ يالغان سۆزلەشنى خېلى ئۈگىنىپتۇ. چوڭ بولسا قويمىچى بولۇپ ساڭا بالا باققۇچىلىقتىن جىقراق كىرىم قىلىپ بەرگىدەك- دەپ ئۆزىنى ئاقلاشقا تىرىشقان. ئاندىن بۇ غەزىپىنىڭ ھەقلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ يىگىرمە نەچچە كۈنلۇك بالا بېقىش ھەققىنى بەرمىگەن ئىدى. قىزنىڭ دادىسى بولسا ئۈنىمىنىڭ يوقلىقى ئۇنىڭغا ئاللىقاچان ئايان بولۇپ كەتكەن:
-ئۇ پۇلنىڭ ساڭا سىڭگىنىنى بىر كۆرۇپ باقاي- دىگەن گېپىنى ئۇنىڭغىمۇ بىر تەكرارلىغان.
ئۇ ئەر بولسا:
-مۈشتۇمچىلىك بالاڭنى بالا بېقىشقا سالغىنىڭغا لەنەت. سەنمۇ بىر ئەركىشى بولۇپ قاپسەن- دەپ تىللىغان.
ئۇ ئۇنىڭ دىگىنىگە پىچاق بىلەن ئۇنىڭ قارنىنى يېرىۋېتىشتىن باشقا ئۇسۇلدا جاۋاپ قايتۇرالىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىپ، ئارقىسىغا قارىمايلا كەتكەن.
ئۇ قىزىنى ياندۇرۇپ كەلگەندىن كىيىن ئىشلىرىنىڭ نىمىشقا تەتۈر كىلىۋېرىدىغانلىقىنى تولا ئويلاپ مىڭىسىدىن ئۆتمەي بىر كېچە بولۇشىغا ھاراق ئىچكەن ئىدى. نەچچە كۈندىن كىيىن قىزىنىڭ ئىش ھەققىنى بۇرۇنقىلاردىن 100 سوم جىق بىرىشكە، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەش ئايلىقنى ئالدىن بىرىشكە ئۇنايدىغان شەھەردىن كەلگەن بۇ ئايالغا يولۇققان. بۇ ئايال ئىشەنچلىك تۇيۇلغاچقا، ئاندىن ئۇنىڭ داۋالىنىشى ۋە تۇرمۇشى يەنە يار لىۋىگە كىلىپ قالغاچقا قىزىنى شۇ ئىش بولغان تۇرۇپمۇ ئامالسىز يەنە بالا بېقىشقا بەرگەن.
ئەمدى ئۇلار دىلىغۇل ھالدا ئۇنىڭ دادىسىنى كۈتۇپ ئولتۇراتتى. ئايال ئۇنىڭ تىلىفوندىكى كەسكىنلىكىگە باھانى ئۆستۇرۇش ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇشنىڭ تەسلىكىنى سەزگەن، شۇنداقتىمۇ ئۈمىتنى ئۈزمىگەن ئىدى. ئۇلار قىزنىڭ تەييارلىقىنى قىلدى. بەش ئاي ئىچىدە قىزنىڭ ياغاق تۇرقى، يىرىك تىرىسى خېلى ئەسلىگە كەلگەن. ھازىر ئۇلار ئۇ قىزنى تونۇمايدىغانلارغا:
-بۇ بىزنىڭ قىزىمىز- دىسە ئۇلار گۇمانلانمىغىدەك قىياپەتكە كەلگەن ئىدى. ئۇ ئايال قىزنى تاپقاندا قىز ئادەمنىڭ ئىچى ئاغرىغىدەكلا زەئىپ، خۇنۇك ئىدى. ئۇ  ئايال ئۇنى بىرەر ۋاق تويغىدەك تاماق يەپ باقمىغاندەك سەزگەن. ئاندىن قىزنىڭ دادىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ بالا باقالىشىغا كۆزى يەتمىسىمۇ ئىچ ئاغرىقىدىلا بەش ئايلىق پۇلنى ئالدىن بېرىپ ئۇنى ئېلىپ كەتكەن. نىيىتى ئۇنى ئۆيىدە بىر مەزگىل تۇرغۇزۇش، ئۇلارغا شۇ باھانىدا ئازراق ياردەم قىلىشلا  ئىدى. ئۇ قىزنى ئېلىپ ماڭغاندا ئۇنىڭ دادىسى ناھايىتى بىپەرۋا قاراپ تۇرغان ئىدى. قىز دادىسى بىلەن ھىچ ئىش بولمىغاندەك خوشلاشقان، گەپ ئاڭلايدىغان بالىلاردەك دادىسىنىڭ تاپىلىشى بويىچە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭغان، ئاپتوۋۇزدا بولسا ئۈنسىز يىغلاپ يۈزى ياشتىن بويۇلۇپ كەتكەن ئىدى.
ئۆيگە كەلگەندە ئىرى قىزنى كۆرۇپ:
-بۇ قانداق بالا باقالايدۇ؟- دەپ ھەيران قالغان. ئۇ ئىرىگە نىيىتىنى دىگەن. ئىرى:
-بۇنداقلار كۆپ تۇرسا قايسى بىرىنى قۇتۇلدۇرىسەن؟. ھاماقەتمۇ نىمە سەن؟- دىگەندە ئۇ:
-مەن ھاماقەت بولۇپ قالساممۇ مەيلى، ئۇنى كەتكۈزمەيمەن. ئىككىمىزنىڭ مۇئاشىغىمۇ بىرمۇنچە زاكات كىلىدۇ.  بۇنى چوقۇم جايىغا تەككۇزۈش بىزگە پەرز- دىگەن.
ئۇ تەقۋادار قىياپىتىدە يۈرىدىغان ئېرىنىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاشنىڭ بۇنىڭدىن ئەپلىك يولى بارلىقىنى بىلمەي شۇنداق دىگەن. ئىرى بولسا ئايالى ئۇنىڭ ئاجىزلىقىنى تۇتۇۋالغاندەك كەيپسىزلەنگەن، بۇ ئىش توغرىسىدا ئېغىزىنى قايتا ئاچالمىغان ئىدى.
قىز بىرئاز خىجىلچان بولغاچقا، ئاندىن ئۆي ئىگىلىرىدىن بىرئاز قورققاچقا دەسلەپتە ئىشنىڭ ئېپىگە تازا كىرىشەلمىدى. ئەمما بۇ ئەھۋال ئايالنىڭ ئەنسىرىگىنىدەك ئۇزۇن داۋام قىلمىدى. بىر ھەپتىدىلا قىز ئىشنى ئۇنىڭ ئارزۇسىدەك يۇرۇشتۇرۇپ كەتتى. قىز خېلى تەجىربىسى بار بالا باققۇچى چىقىپ قالدى. قىز ئۇلارنىڭ ئىككى ياشلىق ئوغلىنى گوللاپ تەڭ ئوينايتتى. بالىنىڭ غەلۋىسىمۇ ئاساسەن يوقالغان. قىز يېشىغا نىسبەتەن خېلىلا جېنى چىڭ، تەدبىرلىك ئىدى. ئايال ئۇنىڭغا بەك مىھرىۋان بولغاچقا قىزمۇ ئۇنى ئۆز كۆرىدىغان بولدى. ئۇ ئايالنىڭ تاماق ئىتىشىگە ياردەملىشەتتى. بالا ئۇخلاپ قالغاندا ئوينىمۇ ئۆزى يالغۇز پاكىز تازىلاپ چىقالايتتى. ئۇلار ئىشتىن كەلگىچە كۆكتات ئادالاپ تاماققا تەييارلىق قىلىپ قوياتتى. سەھەردە سۈت ئەكىرىشنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ بۇ ئىشلارنى ئىشتىياق بىلەن قىلغاچقا ئايالمۇ ئۇنى جىق ئىشقا سېلىۋەتكەندەك ھىس قىلمايتتى. ئايال قىزدىن گەپ ئىگىلەپ باقسا ئۇنىڭ ئانىسى شۇنداق ئىشچان بولۇپ، ئۇنى كىچىكىدىن باشلاپلا ئانىسى ئۆزى بىلەن تەڭ ئىش قىلىشقا يىتەكلىگەن ئىكەن. كىيىن ئۇ بالا بېقىشقا بارغان ئائىلىمۇ ئۇنى بولۇشىغا ئىشقا سېلىپ، ئىشقا خېلى پىشۇرغان بولۇشى مۇمكىن. ئايال بۇنداق بىر بالا باققۇچىغا ئىرىشىشنى ئۆزىنىڭ ياخشى كۆڭلىگە خۇدانىڭ قىلغان ئىلتىپاتى دەپ قاراش دەرىجىگە يەتكەن. ئېرىنىڭ نارازى تۇرقىمۇ خېلى ئۆزگەرگەن ئىدى. ئايال بوش ۋاقىتلىرىدا ئۇنىڭ مەكتەپتە چالا قالغان دەرسلىرىنى داۋاملىق ئۇگەتتى. ئۇنىڭ زىھنىنىڭ ياخشىلىقىنى كۆرۇپ ئۇنىڭ مەكتەپتىن توختاپ قالغىنىغا ئىچى ئېچىشقان ئىدى. ئۇ ئۇنى بالىسى بىلەن قويۇپ ئىشقا كەتسە ئازراقمۇ ئەنسىرىمەتتى. بۇنداق خاتىرجەملىك ئۇنىڭ بالا باققۇچى تەكلىپ قىلىش تارىخىدا بولۇپ باقمىغان ئىدى. ئۇ بۇرۇنقى بالا باققۇچىلىرىنى ئويلىسا بۇ قىزغا بەرگەن ھەقنىڭ بەكمۇ ئەرزىمەسلىكىنى ھىس قىلاتتى. ئۇلارنىڭ تۈنجى بالا باققۇچىسى 50 ياشلاردىكى چوڭ ئايال ئىدى. ئۇ بالىنىڭ يىغلىشى بىلەن ئانچە كارى يوق يۇرەتتى. بالا دىگەننىڭ كۆزىگە بەك قارىسا بالا چوڭ بولغاندا داۋخو ئادەم بولۇپ قالىدۇ دەيتتى. ئالۋاڭغا ئىش قىلاتتى. ئىككىنچىسى 11 ياشلىق قىز ئىدى. ئۇ بالا باققان مەزگىلدە بالىسى تولا ئۇخلايدىغان بولۇپ قالغان. بۇ جىم تۇرمايدىغان بالىغا نىمە بولۇۋاتقاندۇ دەپ ئۇلار دوختۇرغىمۇ نەچچە كۆرسەتكەن. ئۇلار ئىشتىن كىلىپ بالا ئۇخلاۋاتقان، ئۇ قىز تىلىۋىزور ئالدىدا ئولتۇرغان ئەھۋالنى دائىم دىگۇدەكلا ئۇچراتقان. بىر كۈنى ئۆي ئىگىسى ئەر ئىشقا مېڭىپ بولۇپ،  ئۇنتۇپ قالغان نەرسىسىنى ئالغىنى ئۆيگە قايتا كىرگەن. قىزنىڭ كىچىك بىر قەغەز بولاقنى سالىدىغان يەر تاپالماي ئالاقزادە بولۇپ كەتكىنىنى كۆرۇپ ئۇنى ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ ئالغان ۋە ئېچىپ ئۇششاق پارچىلانغان دورا تابلىتكىلىرىنى كۆرگەن. قىزغا قاتتىق پوپوزا قىلسا قىز قورقۇپ كىتىپ، بۇنىڭ ئۇيقۇ دورىسىلىقىنى ئىقرار قىلغان. قىزنىڭ ئانىسى ’بالا بەك غەلۋە قىلسا بۇنى ئىچكۈزۇپ قوي‘ دەپ بۇ دورىلارنى بەرگەن ئىكەن. ئۇلار ئىشقا كەتكەن ھامان ئۇ بالىغا بۇنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىچكۇزىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئۈچىنىچى بالا باققۇچىسى 16 ياشلىق قىز بالا بولۇپ ئۇ قىز يېرىم يىل تۇرغان مەزگىلدە مۇشۇ ئەتراپتىكى بىر بالا مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن. ئۇلارنىڭ تىلىفون ھەققىنىمۇ كۆپەيتىۋەتكەن. يانچۇقىدىكى پۇللىرى كەملەپ قالىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرغاچقا ئۇلار پۇلنى ياكى پۇلغا ئەرزىگۇدەك نەرسىلىرىنى قويۇشتىن قورقىدىغان بولۇپ قالغان. ئاخىر چاتاق چىقىپ قالمىسۇن دەپ ماڭغۇزۇۋەتكەن ئىدى. كىيىن ئۇلار بالىسىنى ئۆزلىرىنىڭ ئانىلىرىغا، تۇققانلىرىغا قارىتىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇنىڭغا  بۇ بالىسىنى چوڭ قىلىش بەك مۇشكۇل تۇيۇلۇپ كەتكەن ئىدى.
بۇ بالا باققۇچى قىز بەش ئاي ئىچىدە بۇ ئۆينىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلىنىپ كەتتى. ئۇ ئايال ۋاقىت چىقسىلا بالىسىنى ھارۋىغا سېلىپ ھەيدەپ، قىزنى ئەگەشتۇرۇپ باغچىغا باراتتى. كەچلىرى مەيداننى ئايلىناتتى. قىزنىڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرىنى ئېلىپ بىرەتتى. دائىم يېڭى كىيىم ئېلىپ بىرىپ ئۇنى چىرايلىق ياساپ قوياتتى. قىزنى مۇنچىدا ئۆزى يۇيۇپ، ئۇنىڭ چاچلىرىنى ئۆزى تاراپ قوياتتى.
ئوزۇقلىنىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدىغان بۇ ئائىلىدە قىز تىز ئەسلىگە كەلدى. جېنى ئاز قالغان جانىۋارنى قۇتقۇزىۋالغۇچى، جانۋارنىڭ بەدىنىدە جۇش ئۇرغان ھاياتىي كۈچنى ئۆزىنىڭ جېنىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارىغاندەك ئايالمۇ شۇخىل ھىسسىياتقا كىلىپ قالدى.
ئەمدى بولسا بۇ قىز كىتىش ئالدىدا تۇراتتى. ئايال قىزنىڭ تەقدىرىگە ئارىلىشالمايدىغانلىقىنى ئويلاپ ناھايىتى ئازاپلاندى. قىزنىڭ تۇرقىدىن يۇۋاشلىق چىقىپ تۇراتتى. ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ قىزدىن ئەنسىرەيتتى. ئۇ قىزنى قۇچىقىغا ئېلىپ ئۇنىڭ سۇس ساغۇچ چېچىنى سىلاپ ئولتۇراتتى. بەلكىم بۇ ئۇلارنىڭ ئاخىرقى جەم بولۇشى مۇمكىن. دادىسىنى ساقلاپ ئولتۇرغان شۇ پەيتتە قىز تۇيۇقسىز:
-ئاچا ئەمدى قانداق قىلارمەن. دادام مىنى ئەكىتىپ يەنە كېچىچە ئۇسسۇلغا سالىدىغان بولدى.- دىگەن ئىدى، خۇددى دادىسىنىڭ كىلىشى ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بىر كۆڭۈلسىزلىكتەك.
-بۇ نىمە دىگىنىڭىز؟- دەپ سورىغان ئايال.
-دادام ئۆيگە مەس كەلسىلا قولىغا دۇتتارنى ئېلىپ چالىدۇ. مەن يېرىم كىچىدە ئۇخلاۋاتساممۇ ”ھەي بىرەۋى، قوپە. ماڭا ئۇسۇل ئويناپ بەر“ دەپ ۋاقىرايدۇ. ئۇنىمىسام تىللاپ، سىلكىپ قوپۇرىدۇ، ھېرىپ كەتسەممۇ ئوينىغۇزۇۋېرىدۇ. مىمانلىرىغىمۇ كەچكىچە ئويناتقۇزىدۇ.
-ئۇسۇلچىلىقىڭىزنى ھەجەپ بىزگە دىمەپسىزغۇ؟
-دادامدەك ئۇسسۇل ئوينىتارمىكىن دەپ قورقتۇم.- قىز خىجىل بولۇپ يەرگە قارىدى.
-بىزگە بىر پەدە ئويناپ بىرەمسىز؟.
-مۇزىكا قويۇپ بىرىڭ ئەمىسە.
ئۇلار مۇزىكا قويدى. قىز بېشىنى گىلدىڭلىتىپ، پىرقىراپ، ئۇسۇلنىڭ رىتىمىنى ياخشى كەلتۇرۇپ بىر مۇزىكا تۈگىگىچە ئوينىدى. ئوينىغان ئۇسۇلى يېشىغا نىسبەتەن كۆپ پىششىق ئىدى. ئۇ قىزنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىنى ئۆزلىرىدىن يوشۇرۇپ كىلەلىگىنىگە ھەيران قالدى.
-ھەجەپ چىرايلىق ئوينىيالايدىكەنسىز. دادىڭىزنىڭ ئۇسۇلىڭىزنى ياخشى كۆرىشى بىكار ئەمەسكەن. بۇ چىرايلىق ئۇسۇلىڭىزنى كىمدىن ئۈگەنگەنتىڭىز؟
-ئانام ئۈگىتىپ قويغان. دادام ”سەن ئاناڭغا بەك ئوخشايسەن. مەن ئاناڭغا بەك ئامراقتىم“ دەيدۇ. دادام مەس چاغدا مىجەزى بەك ئەسكى. بىر كۈنى ’ئاناڭنى بەك كۆرگۇم كەلدى‘ دەپ يىغلىدى. مىنىڭمۇ ئانامنى بەك كۆرگۇم كەلگەن. لىكىن مەن دادامنىڭ يىغلىغىنىدىن قورقۇپ كىتىپ يىغلىدىم. ”سەن ئاناڭدەك چىرايلىق ئۇسسۇل ئوينايسەن. شۇڭا مەن ئۇسۇلىڭغا بەك ئامراق“ دەيدۇ. دادام كەلسە قانداق قىلارمەن. بېشىم بەك قاتتى. ئۇسسۇل ئوينىتىپ مىنى ساراڭ قىلىپ قويىدىغان بولدى.
ئۇ راستلا غەمگە پېتىپ قالغاندەك جىمىپ كەتكەن. لىكىن دادىسى كەلگەندە ئۇ دادىسىغا ئۆزىنى ئاتتى:
-دادا سىنى بەك كۆرگۇم كەلدى- دەپ يىغلىدى ئۇ، ئاندىن دادىسىنىڭ ئاغرىق ئۆڭ كۆزىنىڭ ئالماشتۇرمىغىنى ئۇزۇن بولغاچقا قارىداپ كەتكەن تېڭىقىنى سىلىدى- كۆزەڭ تېخى ساقايمىدىمۇ.-ئۇ يۈزىنى دادىسىنىڭ بوينىغا چاپلاپ تېخىمۇ يىغلىدى. ئۇ ئادەمنىڭمۇ كۆزىدىن ياش ئەگىدى. شۇ تاپتا تۇرقىغا قاراپ ھىچكىم ئۇلارنى دادا- بالا دىمەيتتى.
ئۇ ساقىلىنى ئالدۇرمىغىنى بىر ھەپتىدىن ئاشقان، كىيىملىرى كونا ھەم كىر، بەدىنى بۇراپ كەتكەن، كۆزىنىڭ كىرلىشىپ كەتكەن تېڭىقى يۈزىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلىگەن بۇ خۇنۇك ھالىتىدە بۇ كىشىلەرنىڭ دىققەت مەركىزدە تۇرۇپ قالغىنىغا ئىچى سىقىلىۋاتقاندەك تىزرەك ئۆيدىن چىقىپ كىتىشكە ئالدىرىدى.
-بىز ماڭىلى، بولمىسا بەك كەچ قالىمىز.- ئۇ كونا بىر يالتىراق خالتىنى بۇلۇڭدىكى ئىشكاپنىڭ ئۈستىگە قويدى- ئازراق يەرلىك تۇخۇم ئالغاچ كەلگەنتىم.
ئايال خالتىنى ئالدى.
-نىمىشقا ئاۋارە بولغانسىز، سىزگە كۆپ رەخمەت
ئايالنىڭ ئىرى ئۇنى كىرىسلوغا تەكلىپ قىلغاندا ئۇ ئەيمەنگەندەك ئولتۇرغىنى ئۇنىمىدى. ئايال ئامالسىز ئورۇندۇق قويۇپ بەردى.
-نىمىگە ئالدىرايسىلەر، ئەمدى تاماق يەپ ماڭىسىلەر.- دىدى ئايالنىڭ ئېرى.
-رەخمەت، تاماققا ئولتۇرالمايمىز- دىدى ئۇ ئادەم.
ئۇنىڭ ئېنىق يېشىنى چىرايىدىن بىلمەك تەس ئىدى. ئايال ئۇنىڭ يېشىنى  30 بىلەن 40 ئارىسىدا بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان ئىدى. ئۇ بۇ ئادەمنى ئۇچراتقاندىن بۇيان ئۇنىڭ كىشىلەر بىلەن ئامال بار ئاز بىللە تۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى سەزگەن.
-بىز ھەقنى ئۆستۇرۇپ بىرەيلى دىگەن- دىدى ئايال، ئۇ بىرەۋىگۇلنى تۇتۇپ قېلىشقا ئاخىرقى تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىۋاتاتتى. بۇ گەپنى يالغۇز دىيىشكە پۇرسەت چىقىدىغانلىقىغا كۆزى يەتمەي ئامالسىز ئېرىنىڭ ئالدىدا دەۋەردى. ئامالىنىڭ بېرىچە ئىرىگە قارىماسلىققا تىرىشتى.
-قىزىمنى بۇندىن كىيىن بالا بېقىشقا سالمايمەن- دىدى ئۇ تىلىفوندا دىگىنىگە ئوخشاشلا.
-قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ تامىقىڭنى ئەكىلە ماڭە- دىدى ئەر ئايالىغا مىھمانلارنىڭ ئالدىدا يۈز خاتىرە قىلماي. ئۇ ئايالىنىڭ ئۆزلىرىگە پايدىسىز يەنە بىرەر گەپ قىلىپ سېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى ئىدى. ئايال ئىرىنىڭ مىجەزىنى چۈشىنەتتى. ئايال بولسا ئەمدى ئامال قالمىدى دەپ ئويلىغاچقا ئورنىدىن تۇردى. ئۇ پولو ئەتكەن ئىدى.
-تاماققا ساقلاپ قالمايسىلەر، تاماق پىشىپ بولغان- دىدى ئايال تاماقخانىغا مېڭىپ.
-سىللە ئايالىڭلارغا ئازار بەرگەنمۇ يا، نىمىشقا قېچىپ كىتىدۇ- دىدى ئۆي ئىگىسى ئەر. ئايال ئېرىنىڭ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئايىمىغانلىقىدىن چۆچۈپ، ئاشخانىدىن چىقتى. ئىرىگە بۇنداق گەپ قىلماسلىققا ئىشارەت قىلدى. ئىرى ئىشىڭنى قىل دىگەن مەنىدە قولىنى سىلكىدى.
-كۆزىنىڭ دەردى بار ئادەمنىڭ خوتۇنىنى باشقۇرۇش ھوقوقى بولمايدىغانلىقىنى بىلمەپتىمەن، مەن ساق چاغدا خېلى ئېغىرىمنى كۆتۇرىدىغان خوتۇن مەن بۇنداق بولۇپلا تاۋى نازۇك بولۇپ كەتتى. ئاران تۇرغان ئادەمگە بانا تېپىپ بىرىپتىمەن،- دىدى ئۇ.
-ھازىر كۆزۈڭلەرنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟- سورىدى ئەر ئۇنىڭ تۇرقىدىن بىئارام بولۇۋاتقاندەك چىرايىنى پۇرۇشتۇرۇپ. ئايال ئىرىنى ئەمدىلا چۈشىنىۋاتقاندەك ئۇنىڭغا ھەيران بولۇپ قاراپ تۇرۇپ قالدى.
-ئاللا خالىسا- دىدى ئەر. ئۇلار ئۇنىڭ گىپىنىڭ ئاخىرى بارمىكىن دەپ ئويلىغان ئىدى. ئەمما بۇ ئۇنىڭ جاۋابى ئىكەن. ئۇلار بۇنىڭدىن ھىچنىمىنى بىلەلمىدى.
ئايال ئۇ ئادەمنىڭ تاماق يىگەندە قورۇنۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئايرىم راسلىغان ئىدى. ئۇ تاماقنى ناھايىتى تىزلا يىۋەتتى. قىزچاق بولسا يىتىشىشكە تىرىشتى. دادا بىلەن قىز تامىقىنى ئۇلاردىن بۇرۇن يەپ بولدى. ئۇ ئادەم يەنە ئۇسۇپ بىرىشكە ئۇنىمىدى. ئۇ ئۇلار بىلەن بىر جوزىدا بولۇپ قالغىنى ئۈچۈن ناھايىتى جىددىلىشىپ كەتكەندەك كۆرۇنەتتى. ئاندىن ئۇنىڭ ئېرىمۇ سۆرۈن ئولتۇرۇپ ئۇنى تېخىمۇ قورۇندۇرۇۋەتكەندەك قىلاتتى. ئايال ئۆزلىرى يەپ بولماستىلا ئۇ ئادەمنى ئازاپتىن خالاس قىلماقچى بولدى.
-بىز سىزنى تۇتۇپ قالالمىدۇق. بىر- ئىككى كۈن تۇرسىڭىزمۇ بولاتتى.
-رەخمەت- دىدى قىزنىڭ دادىسى. ئۇ ئورنىدىن تۇردى.
قىز مېڭىشتىن بۇرۇن بالىنى چىڭ قۇچاقلاپ سۆيدى. بالىنىڭ يۇزىنى، چېچىنى سىلىدى.
-ياقۇپجان، مىنى ئۇنتۇپ قالماڭ جۇمۇڭ.
بالا ئۇنىڭ گىپىنى بىلگەندەك ئۇششاق چىشلىرىنى چىقىرىپ كۈلدى. بېشىنى ئۇنىڭغا سۈركىدى. قىزنىڭ دادىسى بىتاقەت ساقلاپ تۇراتتى. قىز بوۋاقنى ئانىسىغا بىرىشىگە ئۇ قىزىغا قولىنى ئۇزاتتى. ئۇ بىر قولى بىلەن قىزىنى يىتىلەپ، بىر قولىدا قىزنىڭ كىيىملىرى قاچىلاغان سومكىنى  كۆتۇرۇپ ئىشىكتىن چىقتى. ئۇلار پەلەمپەينىڭ ئوتتۇرا باسقۇچىغا كەلگەندە ئۆي ئىگىلىرىگە تەڭ قارىدى. ئەر خوش دىگەندەك بېشىنى لىڭشىتتى. قىز:
-خوش ئاچا، خوش ئۇكام- دەپ ئوڭ قولىنى كۆتەردى. ئاۋازى يىغلامسىرىغاندەك چىقتى. ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇنى دادىسى يىتىلەپ چۈشۇپ كەتتى.
ئايال ئۆزىنىڭ قىزىنى باشقا ئادەم ئېلىپ كەتكەندەك ئۆيگە كىرىپلا كۆزىدىن ياش قۇيۇلۇشقا باشلىدى.
-بولدى قىل، ئۇ بالاڭمىتى؟- دىدى ئىرى ئۇنىڭغا سوغۇقلا.
ئۇ قىزنىڭ كىيىمىنى قاچىلىغان سومكىغا ئىككى يۈز كوي سېلىپ قويغان ئىدى. ئۇلارنىڭ مۇئاشى ئۆزلىرىگە ئاران يەتكەچكە، ئىرىگە تۇيدۇرماي قىلغان بۇ ياردەمنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش ئۈچۈن  ئۇنىڭ بىرەر ئاي تىجەشلىك ياشىشىغا توغرا كىلەتتى. ئۇ ئىرىگە سانىغان بۇ قارىسى ئۈچۈن بولسىمۇ ئىرىنىڭ بۈگۈنكى يولسىزلىقىنى كۆڭلىدىن چىقىرىۋەتتى.
ئۇلار كىتىپ خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىنمۇ ئۇنىڭ ئايرىلىش ئازاۋى يىنىكلىمىدى. قىز ئېسىگە كەلسىلا ئازاپلىنىپ كىتەتتى. ئۇنىڭدىن كىيىن ئوغلىنى ئىجارىگە بەرگەن بۇ ئادەمنىڭ قىزىنىڭ تەقدىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرالىشىدىن ئەنسىرەپ قالدى. باشقا بالا باققۇچىمۇ تاپتى. لىكىن ئۇ قىز خىيالىدىن كەتمىدى. ئۆيدە كىچىك بالىسى بار، خىزمىتىمۇ ئالدىراش، ئارىلىقمۇ يۈز يىگىرمە كىلومىتىردىن ئاشىدىغان، ئارىدا ئىككى ماشىنا ئالمىشىدىغان، يېزىغا قاتنايدىغان ماشىنا بەك قىستاڭ بولغاچقا، ئاندىن دادىسى نىمە دەپ قالار، ئىرىم توغرا چۈشىنەرمۇ دىگەن دىلىغۇللىقىمۇ بولغاچقا ئۇ قىزنى يوقلاپ بېرىشقا پۇرسەت چىقىرالماي نەچچە ئاينى ئۆتكۈزۈۋەتتى. بۇگۈن ئۇ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ تۇيۇقسىز ’بۇنداق كىتىۋەرسەم يىل ئاتلاپ كىتىدىغۇ‘ دەپ، قەتئىي نىيەتكە كەلدى. ئۇ ئادەم قىزىنى ئېلىپ كىتىشكە كەلگەندە يىگىرمە ئالتە تال تۇخۇم ئالغاچ كەلگەن ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ يەرلىك تۇخۇملارنى ئىرى بىر ماختاپ سالغان ئىدى:
-يەرلىك تۇخۇم دىگەن مۇنداق بولىدۇ. تەمىمۇ باشقىچە. بىزنىڭ بۇ يەردە يەرلىك تۇخۇم دىگەننىڭ ھەممىسى يالغان.
ئەمدى ئايال قىزنى كۆرۇپ كىلىشكە يەرلىك تۇخۇم ئىزدەشنى باھانا قىلماقچى بولدى.
-مەن بىرەۋىگۇلنىڭ مەلىسىدىن يەرلىك تۇخۇم تېپىپ كىلەي دەيمەن، بۇ يەرنىڭ تۇخۇمى ئېغىزىمغا تېتىماي قالدى- دىدى ئايال. ئەمەلىيەتتە ئۇ تۇخۇملار بىلەن بۇ يەردىكى تۇخۇملارنىڭ بىرەر پەرقى بارلىقىنى بىلمىگەن ئىدى.
ئويلىمىغان يەردىن ئىرى ئۇنىڭغا سوغۇق سۇ سەپمىدى.
-جاپاسىدىن قورقمىساڭ مەيلى بېرىپ كەل، كەچكىچە قايتىپ كىلەرسەن.
ئايال ئوڭۇشلۇق يولغا چىقالىدى.
ئۇ قىزنى كۆرۇشنى ئويلاپ ھاياجانلىنىپ تۇرغاچقا يول ئۇزىراپ كەتكەندەك تۈگىمەسكە قالدى. ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەردىن ۋىلايەت مەركىزىگىچە بولغان قىرىق بەش كىلومىتىر، ۋىلايەت مەركىزىدىن ناھىيىگىچە ئاتمىش يەتتە كىلومىتىر مۇساپىنى ئانچە جاپا تارتماي تۈگەتتى. لىكىن ناھىيىدىن يېزىغىچە 18 كىلومىتىر ئارىلىقتا بىرئاز جاپا تارتىپ قالدى. شەھەرلەردىن بىراك قىلىۋېتىلگەن ماشىنىلار مۇشۇنداق جايلارغا يىغىلغاندەك قىلاتتى. ئۇ بىر ئەسكى جىپقا چىقتى. ئۇ ئەسلى يەتتە كىشىلىك بولۇپ، كىراكەش ئۇنىڭغا كوپ ئادەم سىغدۇرۇش ئۈچۈن ئەسلىدىكى ئورۇندۇقلىرىنى ئىككى ئۇزۇن ئورۇندۇققا ئالماشتۇرغان. بۇ ماشىنىدا ئولتۇرۇپ باقمىغان ئادەم ئۇنىڭغا 18 يولۇچى سالغىنى بولىدىغانلىقىنى ھەرگىز تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى. شوپۇر 18- يولۇچىنى سىغدۇرالماي بۇ يولۇچىلارنىڭ سەۋەنلىكىدەك ئۇلارغا توختىماي ھۆرپەيدى. يېزىلىق بۇ كىشىلەر راستىن سەۋەنلىك ئۆزلىرىدىدەك بىر- بىرىنى قىستايتتى. ماشىنا يولغا چىقاندا يولۇچىلار بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەندەك ماشىنا سىلكىنسە تەڭ سىلكىنەتتى. بۇ مۇساپە ئاخىرى يوقتەك بىلىنىپ كەتتى. ئۇ چۈشكە ئاز قالغاندا يېزىغا كىلىپ بولدى. گەرچە 9- ئاي كىرىپ قالغان بولسىمۇ ھاۋا يەنىلا شۇنداق ئىسسىق بولۇپ، چۈشكە يېقىنلاشقانسېرى ئىسسىق تېخىمۇ كۈچىيىۋاتاتتى. ئۇ تونۇمىسىمۇ ئۆزىگە سەمىمى سالام قىلغان كىشىلەرگە سالام قايتۇرۇپ، ئەسكى تاملىق پاكار ئۆيلەرنى ياقىلاپ كەتكەن يېزا يولىدا ئون نەچچە مىنوت ماڭدى. ئۇ مۇشۇ يۆنۈلۈشتە ماڭسام تاپالايمەن دەپ ئويلىغان ئىدى. كىتىۋېتىپ ئۆزىنى نىشاندىن ئېزىپ قالغاندەك ھىس قىلدى. ئۇ بۇ مەلىگە بىرلا قېتىم كەلگەن ئىدى. ئۇ بىر يول ئاچىلىغا كىلىپ توختىدى.
-بىرەرسىنى ئىزدەمسىز.
ئانچە قېرى ئەمەس بىر ئايال 20 نەچچە مىتىر نېرىدا ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى. ئۇ ئەتراپقا قاراپ ئۇنىڭدىن باشقا ئادەم يوقلىقىنى كۆرۇپ شۇ ئايالنىڭ گەپ قىلغانلىقىنى پەرەز قىلدى.
-ئۆمەر دىگەن ئادەمنى ئىزدەيتىم.
ئايال ئۇنىڭغا قاراپ كىلىۋېتىپ سورىدى:
-ئۆمەر قاسساپنىمۇ؟
-قاسساپلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن. بىر كۆزى ئاجىز ئادەم.
-ھە، ھە ئۆمەر قارىغۇنى دەڭ- دىدى ئۇ ئايال. ئۇ بۇ ئايالنىڭ ئۇنى ئىزدىشىنى ئەقلىگە سىغدۇرالمىغاندەك ئۇنىڭ ئۈستى- بېشىغا بىر قارىۋەتتى.
-ئۇنى نىمىشقا قارىغۇ دەيسىلەر؟
-بۇ مەلىدە تۆت ئۆمەر بار، لەقىمىنى دىمىسە كىملىكىنى ئايرىغىنى بولمايدۇ. يۇرسىلە، مەن كۆرسىتىپ قوياي. ئۆزلىرىمۇ خېلى يېقىن تېپىپ كەپلا.
ئۇ قارىغۇ دىگەن سۆزنى ھىچقانداق يامان نىيىتى يوقتەكلا ئاتايتتى. ئۇ ئايالغا ياندىشىپ ماڭدى.
-سىزنى ئاۋارە قىلماي، دەپ بەرسىڭىز ئۆزەم تېپىپ بارالايمەن.- دىدى شەھەرلىك ئايال.
ئۇ ئايالدىن ئىنكاس بولمىغاندىن كىيىن ئۇ ئامالسىز كىتىۋەردى.
-ئۇنىڭ تۇققىنى بولامسىز؟- دىدى ئايال تۇيۇقسىزلا.
-قىزى مىنىڭ بالامنى بېقىپ بەرگەن. شۇڭا كىلىشىم.
-بىرەۋى جىنتەك پاكىز بىر ئائىلىدە بالا بېقىپتىكەن. نەچچە ئاي بۇرۇن شۇنداق چىرايلىق بولۇپ كەپتىكەن. ھە سىلىنىڭ ئۆيدە تۇرۇپتىكەندە.
ئايال ئۇنىڭغا ئەمدى خېلى ھۆرمەت بىلەن قارىدى.
-ئۆمەر ئۆزى ئوبدان بالا، شۇ خوتۇنى ئوسال چىقىپ قالدى. ئۇنىڭ كۆزىگە جىددى پۇل لازىم بولۇپ قېلىپ بالىسىنى بىر كۇلىچىغا ئىجارىگە بەرگەن. ۋاقتى توشۇپمۇ بالىسىنى تاپالماي يۇرىدۇ.
-بالىسى يوقاپ كىتىپتىمۇ؟
-ياق، ئەكىرىپ كەتكەنلەر يەنە بىر يىل تۇرسۇن دەپ تۇققانلىرىدىن بىر يېرىم مىڭ كوي ئەۋەتىپتىكەن. ئۇ پۇلنى ئالغىنى ئۇنىماي بالامنى ئەۋەتىپ بەرسۇن دەپتۇ. لىكىن نەچچە ئاي بولدى، بالىسى تېخىچە يوق. تېراي دىسە يەر ئاز، تىجارەتكە پۇل يوق كۈنى تەس بولدى. ئەنە ئاۋۇ ئىشىك شۇ.
ئايال توختىدى. ئۇ ئەمدى بىر نەرسە دەپ بىرىدىغاندەك قىلمايتتى. شەھەرلىك ئايال:
-ئاچا سىزگە كۆپ رەخمەت- دەپ ئايال بىلەن خوشلاشتى. ئۇ ئىشىككە قاراپ كىتىۋېتىپ ئايالنى جايىدىن مىدىرلىمىغاندەك ھىس قىلدى. ئۇ ئىشىك ئالدىغا بېرىپ ئارقىسىغا قارىدى. ئايال راستىنلا جايىدا تۇراتتى. ئۇ ئۇنىڭ قارىغىنىدىن ئوڭايسىزلانغاندەك ئارقىسىغا ئۆرۇلدى.
ئۇ ئۇلارنىڭ ئىشىكىنى شېلى تۆكۈلۈپ كەتمىسۇن دىگەندەك ئېھتىيات بىلەن چەكتى.
-چىما؟- دىگەن قوپال بىر ئاۋازدىن كىيىن ئىشىك ئېچىلدى. ئىشىكنى قىزنىڭ دادىسى ئاچقان ئىدى. ئۇ ئادەم ئۇنى كۆرۇپ نىمە ئىشىڭىز بار دىگەندەك قاراپ تۇرۇپ قالدى. ئاندىن ئېسىنى تېپىپ ئىشىكنىڭ يېنىغا ئۆتۇپ تۇردى.
-كىرسىلە.
ئايال:
-قانداق ئەھۋالىڭىز؟ ياخشى تۇردىڭىزمۇ، بىرەۋىگۇل ياخشى تۇرغاندۇ؟- دەپ ئەھۋال سورىغاچ ھويلىغا كىردى. بۇ كىچىكلا ھويلا بولۇپ قوتاننىڭ قىغى بۇراپ تۇراتتى. ئۇ ئادەم ئۆيگە ئالدى بىلەن كىرىپ كەتتى. بىر نەرسىلەرنى ئالدىراش ئۇيان- بۇيان يۆتكىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. ئۇ ئۆيدىن چىقىپلا:
-ئۆيگە كىرسىلە- دىدى.
كىيىمى رەتلىك، تۇرقىدىن خاتىرجەملىك چىقىپ تۇرغان بۇ ئايالنى ئەسكى ئۆيىگە باشلاش ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئوسال قىلىش بولۇپ تۇيۇلغاندەك ئۇلار ئۆيگە كىرگەندە ئۇنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ كەتتى.
-بىرەۋىگۇل، كۆرۇنمەيدىغۇ؟- دىدى ئۇ ئۆيگە كىرىپ. ئۇ ئۇ ئادەمنىڭ كەيپسىز تۇرقىنى كۆرۇپ، ئۇنىڭ قىزىمنى بالا بېقىشقا سوراپ كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ گۇمانلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن تىزلا ئېغىز ئاچتى- مەن يەرلىك تۇغۇم سېتىۋالغاچ كۆرۇشۇپ كىلەي دەپ كەلگەنتىم.- دىدى ئۇ.
گەپنى ئېغىزىدىن چىقىرىپ بولۇپ، كىلىش سەۋەبى ھەققىدە باشقىچىراق بىر باھانانى ئالدىن ئويلاپ قويمىغانلىقىغا پۇشايمان قىلدى. ئۇ بىرەۋىگۇلنى كۆرگۇم كىلىپ كەلدىم دىسە ئۇنىڭ ئىشەنمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ توقۇغان بۇ باھانىسى ئۇنى ئىشەندۇرەلەشتىن تېخىمۇ يىراقلاپ كەتتى.
-قويغا غازاڭ سىرىگىنى چىقىپ كەتكەن- دىدى ئۇ. ئاندىن ھويلىغا چىقىپ ئۈنلۇك ئاۋازدا- ھەي بىرەۋى، ئەمدى يېنىپ كەل- دەپ ۋارقىرىدى.
ئۇ قايتىپ كىرىپ ئايالغا سۇپىدىكى كۆرپىنى كۆرسەتتى.
-ئولتۇرسىلا، ھازىر كىرىپ قالارمىكىن.
ئايال ئولتۇرۇپ قائىدە بويىچە ئەھۋاللاشتى.
-تىنچ ئامان تۇردىڭىزمۇ؟ كۆزىڭىز خېلى ياخشى بولۇپ قالدىمۇ؟
-ئاللا خالىسا- دىدى ئۇ چۈشىنىكسىز گىپىنى يەنە تەكرارلاپ.
ئۇ كۆزىنى ئالدىراپلا چۆڭ بىر لاتا بىلەن تېڭىۋالغاندەك قىلاتتى، لاتا ناھايىتى كىلەڭسىز كۆرۇنەتتى.
بىرەۋىگۇلنىڭ ئاياق تىۋىشى يېقىنلىغاندا قويلار ئۇنىڭ يەم ئېلىپ كىلىۋاتقانلىقىنى بىلگەندەك مەرەشكە باشلىدى. ئۆي ئىچىدىن ھويلا ئىشىكى كۆرۇنۇپ تۇراتتى. سۆۋەت كۆتۇرگەن، ئۇستى- بېشى شۇنچە كونا، ۋىجىك بىر قىز ئىشىكتە پەيدا بولغاندا ئۇ ئايال ئۇنىڭ ئارقىسىدا بىرەۋىگۇل باردەك بىتاقەت ساقلىغىنى تۇردى. قىز كىرىپلا:
-دادا سۆۋەت تېخى توشمىغانتى- دىدى.
ئۇ ئايال خۇددى بىرەۋىگۇلنىڭ بۇنداق تۇرقىنى كۆرۇپ باقمىغاندەك ھەيران قالدى. ئۇ قىزنى تۈنجى قېتىم ئەكەلگەندە ئۇنىڭ تۇرقى ھازىرقىدەك ئىدى. ئەمما كەتكەندە بۇنداق ئەمەستىغۇ؟. ئۇنىڭ بۇنچە تىز ئەسلىگە قايتىپ قالىدىغانلىقىنى ئۇ ئەقلىگە سىغدۇرالمىدى. ئۇ ئۆيدىن چىقىپ بىرەۋىگۇلنىڭ ئالدىغا كەلدى.
-مىنى تونۇدىڭىزمۇ؟- دىدى ئۇ قىزغا ئېڭىشىپ قاراپ. قىزنىڭ مەينەت بولۇپ كەتكەن چېچىنى تۈزەۋاتقاندا يۈرىكىنىڭ ئېچىشىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدى. ئۇ قىزغا ھىچ ئىش بولمىغانلىقىنى، ئۇنى دادىسى سېتىۋەتمىگەنلىكىنى كۆرۇپ كۆڭلى ئازراق بولسىمۇ جايىغا چۈشتى. بۇمۇ ئۇنىڭغا خېلى تەسەللى ئىدى.
قىز ئۇنى كۆرۇپ ھىچقانچە ئىپادە بىلدۇرمىدى. ئۇ ئايالغا بىردەم كۆز ئۈزمەي قاراپ تۇردى. بۇ چاغدا قويلارنىڭ مەرىشى كۈچىيىپ كەتتى. ئۇ سەۋرى قىلالمىغاندەك غازاڭنى ئېلىپ بېرىپ ئوقۇردىن بېشىنى چىقىرىپ تۇرغان ئىككى قوينىڭ ئالدىغا تۆكتى. ھەركىتى ناھايىتى پىششىق ئىدى. ئۇ سۆۋەتنى ئوقۇرنىڭ يېنىغا قويۇپ قايتىپ كەلدى.
-مىنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟- دىدى ئۇ يەنە.
-ياق- دىدى قىز بېشىنى چايقاپ. ئاندىن نىمە قىلىشىنى بىلمىگەندەك قورۇنۇپ تۇرۇپ قالدى.
ئايال بايا قىزنىڭ تۇرقىدىكى ئۆزگىرىشتىن ھەيران قالغان بولسا ئەمدى ئۇنىڭ مىجەزىدىكى ئۆزگۇرۇشنى كۆرۇپ،  ئۇ قىزغا سىڭدۇرگەن بارلىق ئەجرى بىكار كەتكەندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالدى.
ئايال يىمەكلىك قاچىلانغان يالتىراق خالتىنى قىزغا ئۇزۇتۇپ:
-قاراڭ! سىز ياخشى كۆرىدىغان ھىچنىمىنى ئۇنتۇپ قالمىدىم.- دىدى.
قىز خالتىنى ئېلىپ ئىچىگە ئورۇق، مەينەت قولىنى سېلىپ، ئازراقلا خوشاللىق ئىپادىلىدى. قىزنىڭ بالىلارغا خاس مىجەزىنى ئۇ ئازراق بولسىمۇ كۆردى. قىز شاكىلاتنىڭ يالتىرىقىنى سويىۋېتىپلا دادىسىنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي ئۇنىڭغا بىرنى چىشلەتتى. ئاندىن ئۆزىنىڭ ئېغىزىغا سالدى. ئايال نەچچە ئاي بۇرۇن قىزغا ئاتاپ سۇس يېشىل رەڭلىك بىر قۇر كۈزلۇك كىيىم سېتىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭغا دەل كىلىشىدىن دىلىغۇل بولۇپ تۇراتتى. ئۆيگە كىرىپلا:
-قاراڭ بۇ كىيىمنى ياخشى كۆرەمسىز؟، كىيىپ بېقىڭە- دىدى.
قىز كىيىمنى ئېلىپ قازناقتەك بىر ئۆيگە كىرىپ كەتتى. ئۇ چىققاندا ئايال ئۇنى كىيىمى خۇنۈكلەشتۇرۇپ قويۇپتىكەن دەپ ئويلاپ قالدى. قىز خېلى ئىسكەتىگە كىلىپ قالغان ئىدى. لىكىن قىز يېقىن كەلگەندە يېڭى كىيىم ئىچىدە قىزنىڭ كىر باسقان تۇرقى تېخىمۇ گەۋدىلىنىپ كەتتى. ئايال كىيىمنى، ئاندىن قىزنىڭ ئۈستى- بېشىنى تۈزەشتۇرۇپ ئۇلارنى ماسلاشتۇرۇشقا تىرىشتى.
-ھەجەپ ياراشتى، شۇنداق چىرايلىق بولۇپ كەتتىڭىز، ياخشى كۆردىڭىزمۇ؟- دىدى ئايال.
قىز ھەئە دىگەندەك بېشىنى لىڭشىتتى، ئاندىن زوقى كەلگەندەك چاپىنىنىڭ پېشىنى، ئىشتىنىنىڭ تىزىنى سىلىدى. قىز يېڭى كىيىمنىڭ ئىچىدە بىرئاز جانلىنىپ قالدى. كىيىم ئازراق ئۇزۇن كىلىپ قالغان ئىدى.
-كىچىك كەلگەندىن چوڭ كەلگەن ياخشى، ئۆسۈۋاتىسىز ئەمەسمۇ؟- دىدى ئايال قىزغا تەسەللى بەرگەندەك. ئۇ كىيىمنىڭ ئاساسەن ماس كەلگىنىدىن خوش بولدى.
قىزنىڭ دادىسى بولسا تاق كۆزى بىلەن قىزىغا زوقى كەلگەندەك بىردەم قاراپ تۇردى. ئاغرىق كۆزىنى تېڭىۋالغان لاتا ئۈستىگە سۈرۈلۇپ كىتىپ كۆزىنىڭ ئاستى قىسمى ئازراق كۆرۇنۇپ قالغان ئىدى. بۇنى كۆرۇپ ئايالنىڭ كۆڭلى غەش بولۇپ كەتتى. ئۇ كۆزىنى دەرھال ئېلىپ قاچتى.
ئۇ ئادەم ئۆزىنى ئۆيدە جىق تۇرۇپ كەتكەندەك ھىس قىلدىمۇ تۇيۇقسىز سىرتقا ماڭدى.
قىز يېڭى كىيىمنىڭ خوشلىقىدا بايىقى ياتسىراشنى ئۇنتۇپ قالغاندەك بىر ئەسكى يىشىكنىڭ ئىچىدىن بىر دەپتەرنى تارتىپ چىقتى. بۇ ئۇنىڭ مەكتەپتىكى چېغىدا رەسىم دەرسىگە تۇتقان دەپتىرى بولۇپ، ئۇ ئۇنىڭ بوش قالغان بەتلىرىگە يېڭىدىن نۇرغۇن رەسىم سىزغان ئىدى. ئۇ ئۇ رەسىملىرىنى ئايالغا ئەكىلىپ كۆرسەتتى. ئايال ئۈچۈن بۇ ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىدىكى چوڭ ئىلگىرلەش ئىدى. ئايال كىچىك بالىنىڭ قالايمىقان جىجىشىغا تولغان بۇ دەپتەرنى ۋاراقلاپ ئۇنى يالغاندىن بىرمۇ بىر ماختاپ چىقتى. قىز بەك خوش بولغاندەك قىلاتتى. ئۇلار بىللە تۇرغان ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يىراقلىشىپ كەتكەن ئارىلىق يېقىنلاۋاتقاندەك ئايالنىڭ بىئاراملىقىمۇ خېلى يىنىكلەپ قالدى. ئۇ رەسىملەردىن قىزنىڭ خىياللىرىنى بىلمەكچى بولغاندەك خېلى سىنچىلاپ قارىدى. قىزچاق يېڭى كىيىمىنى باشقىلارغا داملاتقىسى كەلگەندەك تالاغا چىقىپ كىتىپ بەش مىنوتلاردا كىردى. ئۇ ئايالنىڭ ئالدىدا نىمە قىلىشىنى بىلمىگەندەك بىردەم ئولتۇردى.
-دوستلىرىڭىز جىقمۇ؟- سورىدى ئايال.
قىز بارماقلىرىنى بىرمۇ بىر چىقىرىپ قىز بالىنىڭ ئىسمىدىن تۆتنى سانىدى.
-دادىڭىزنىڭ كۆزى ياخشى بولۇپ قالدىمۇ؟
قىز ياق دىگەندەك بېشىنى چايقىدى:
-مەن كۈندە كۆزىگە دورا تىمىتىپ قويىمەن- دىدى ئۇ.
قىز ئورنىدىن تۇرۇپ قازناققا كىرىپ كەتتى. قازناقتىن چىققاندا ئۈستىدە كونا كىيىمى پەيدا بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ بالىلىقىنىمۇ يېڭى كىيىمى بىلەن سېلىۋەتكەندەك تەمكىن بىر قىياپەتتە ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. كۈچىنىڭ يىتىشىچە رەتلىك قاتلىغان يېڭى كىيىم ئۇنىڭ قولىدا تۇراتتى. ئۇ ئۇنى ئايالنىڭ ئالدىغا قويدى.
-نىمە بولدىڭىز؟- سورىدى ئايال.
-خاپا بولمىسىلا ئاچا. مەن سىلە بىلەن كىتەلمەيمەن. دادامنى يالغۇز قويۇپ كەتسەم بولمايدۇ. شۇڭا بۇ كىيىملەرنى قايتۇرۇپ بىرەي.
-مەن سىزنى ئەكەتكىنى كەلمىدىم. سىزنى كۆرگۇم كىلىپ يوقلاپ كەلدىم- دىدى ئايال ئۇنى قۇچىقىغا تارتىپ.
قىزنىڭ خوشلىقى يەنە سەل ئەسلىگە كەلدى. ئۇ ئايالغا ئىشىنەلمىگەندەك قارىدى.
-سىز چوڭ بولغاندا نىمە بولۇشنى ئويلايسىز؟- دىدى ئۇ قىزنىڭ بىرەر قىزىقىشى بارمىكىن دەپ.
-مەن چوڭ بولغانسېرى ئانامغا ئوخشاپ قېلىۋېتىپتىمەن. ئۆيدە ئانامنىڭ ئورنىنى باساي دەيمەن- دىدى قىز.
-دادىڭىز يەنە سىزنى كىچىسى ئۇسۇل ئوينىتامدۇ؟
قىز جاۋاپ بەرمەي كالپۇكىنى يىمىرىپ تۇردى. ئۇنى يات كۆرۇپ دىگۇسى كەلمەيۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇمۇ كولاپ سورىمىدى. ئۇ ھويلىدا قىزنىڭ ئىككى قولىدىن تۇتۇپ كۆتۇرۇپ، ئۆزى جايىدا ئايلىنىپ قىزنى پىرقىراتتى. قىز ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى چاغدا مۇشۇنداق ئويناشنى ياخشى كۆرەتتى. خوشلىقىدىن چىرقىراتتى. لىكىن بۇ قېتىم بۇ ئويۇندىن قىز ئانچە خوش بولۇپ كەتمىدى.
چۈش ئۆتۇپ كىتەي دەپ قالغان ئىدى.
-سىز مەن بىلەن كىتىپ نەچچە كۇن ئويناپ كىلەمسىز.
-ياق- دەپ بېشىنى چايقىدى قىز- دادام يالغۇز قالىدۇ.
ئايال قىزنى قۇچاقلىدى. كۆزىگە ياش كەلدى.
-مەن قايتاي، بىرەۋىگۇل. مىنى سېغىنسىڭىز ماڭا تىلىفون ئۇرۇڭ. تىلىفون نومۇرىم ھازىرمۇ ئېسىڭىزدىمۇ؟
-ئېسىمدە- دىدى قىز- مەن سىزگە لەغمەن ئىتىپ بىرەي. مەن ھەممە تاماقنى ئىتەلەيمەن.
قىز بۇ گەپلەرنى قىلغاندا ئۇ ئايالغا ھەقىقەتەن بۇ ئىشنى قىلالايدىغاندەك كۆرۇندى.
- تامىقىڭىزنى بەك يىگىم بار ئىدى، ئالدىراپ قالدىم. رەخمەت. بودو كىلىپ چوقۇم يەيمەن- دىدى ئايال.
بۇ چاغدا ئايال قىزنىڭ بالىلىقىنىڭ ئازلاپ كەتكىنىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەندەك بولدى. ئۇ بالا مىجەزى بىلەن بۇ ئۆيدە ئانىسىنىڭ ئورنىنى باسالمايتتى. ئۇ مۇددەتتىن بۇرۇن چوڭ بولۇشقا تىرىشقان، ھەم بۇنى خېلى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىدى.
-ئەمىسە چاي بولسىمۇ قاينىتاي- دىدى قىز.
ئۇ قىزنىڭ كۆڭلىنى قايتۇرماي دەپ ماقۇل بولدى. ئۇ قىزغا ئوت قالىشىپ بەرمەكچى بولىۋىدى قىز ئۇنىمىدى. ئۇ ئىشقا كىرىشكەندە يېشىغا يات تەمكىن، چاققان بولۇپ قالغان ئىدى. قىزنىڭ دادىسى يەرلىك تۇخۇم ئىزدەپ چىقىپ كەتكەن ئىكەن. ئۇ كىرىپ:
-ئۆتكەن يىلى توخۇ فېرمىسى ئاچقان بىرى زىيان تارتىپ كىتىپتىكەن. يېزا باشلىقلىرى بىر چۆجىنى بىر كويدىن ئالىسەن دەپ ھەممە ئۆيگە ئون- ئون بەشتىن زورلاپ ساتقان. ھەممىسى توك چۆجىسى. بۇ يېزىدىكى تۇخۇملارنىڭ كوپىنى شۇلار كاكىلايدۇ. يەرلىك توخۇ بەك ئاز قالدى. خوشنىمىزنىڭ بالىسىنى ئەۋەتتىم. يەرلىك توخۇسى بارلارنىڭكىدىن يىغىپ كەلگىنى كەتتى- دىدى ئۇ. قولىدا يېڭى يېقىلغان ئىككى توقاچ، بىر قوغۇن تۇراتتى. ئۇ ئۇلارنى كونا كات ئۈستىگە قويدى.
-سىزنى بىر مۇنچە ئاۋارە قىلدىم، رەخمەت- دىدى ئايال.
ئىككى ئېغىزلىق، ئىستىن قارىداپ كەتكەن، ئۈستى چەللە باراڭدەكلا يېپىلغان ئۆيدە ئۇ ئۈن- تىنسىز بىرەۋىگۇلنىڭ ئوت قالىشىغا قاراپ ئولتۇراتتى. ئوچاقتا يۆل ئوتۇن كۆيەلمەي پىسىلداپ ئاۋاز چىقىراتتى. بىرەۋىگۇل چاينىڭ قاينىماي كەتكىنىگە جىلى بولۇپ ئوتنى توختىماي پۇۋلەيتتى. ئىستىن يوتۇلەتتى. كۆزىنى ئۈگىلايتتى. دادىسى ھويلىدا بىر ئەسكى يىشىكنى تازىلاپ، ئوڭشاش بىلەن ئاۋارە ئىدى. خېلى ۋاقىتتا قازاننىڭ كىژىلدىغان ئاۋازى، ئاندىن يەنە خېلى ۋاقىتتا قاينىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. قىزچاق ئورنىدىن تۇرۇپ ئايالنىڭ ئالدىغا داسقان سالدى. بۇ بىر كونا رەخ پارچىسى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە دادىسى ئەكىرگەن ئىككى توقاچنى قويدى. ئوچاق بېشىغا بېرىپ قازاننىڭ تۇۋىقىنى قوشۇقنىڭ سېپى بىلەن ئاچتى. چاي قاينىغان ئىدى. ئۇ تاكچىدىن ئۈچ چىنە ئېلىپ ئىچىگە ئازراقتىن چاي سالدى. كىرلىشىپ كەتكەن چۆمۇچ بىلەن قايناقسۇ ئېلىپ چىنىلەرگە قۇيدى. بۇ ئىشلارنى ئۇ ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن قىلدى.
بىرەۋىگۇلنىڭ بالىلىقىغا بۇ ئۆيدە ئورۇن يوقتەك قىلاتتى. ئۇنىڭ دادىسى ئازغىنە ۋاقىت ئىچىدە بىر كۆزىدىن، ئايالىدىن، ئاندىن (ۋاقىتلىق بولسىمۇ) بالىسىدىن ئايرىلىپ قالغان. بۇ كىلىشمەسلىكلەر ئۇنىڭ چىراي ئالامەتلىرىنى پۈتۈنلەي سۈپۇرۈپ تاشلىغاندەك، ئۇنىڭ چىرايىدا ھىس- تۇيغۇدىن ئەسەر قالمىغان، ھەر قانداق ئەھۋالدا ئۇنىڭ مىجەزى، گەپلىرى ناھايىتى قۇرغاق ئىدى. ئۇ ئادەم گەپ قىلىشنىمۇ ئېغىر كۆرىدىغاندەك تەسىر بەرگەچكە ئايال ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ بېقىش نىيىتىدىن يالتايدى.
-دادا چاي ئىچىۋال- دىدى بىرەۋىگۇل. بۇ چاغدا دادىسىنىڭ ئىشىمۇ تۈگىگەن ئىدى. ئۇ قولىنى چالا-بۇلا يۇيۇپلا سۇپىدىكى ئەسكى كىگىزگە كىلىپ ئولتۇردى.
-قوغۇننى ئەكەل- دىدى بىرەۋىگۇلغا.
بىرەۋىگۇل قوغۇن بىلەن پىچاقنى ئەكىلىپ دادىسىنىڭ ئالدىغا قويدى. دادىسى قوغۇننى پىچتى. قوغۇننىڭ مىزىلىك پۇرىقى دىمىقىغا كىرگەندە ئايال قاتتىق ئۇسسىغىنىنى ئېسىگە ئالدى. بايا چىۋىن خېلى ئاز ئىدى. قوغۇننىڭ پىچىلىشى بىلەن چىۋىن ئولاشقىنى تۇردى. ئۇ ئادەم ئىرەڭ قىلمىدى. بىرەۋىگۇل باشتىن ئاخىر چىۋىنلەرنى قورۇغاچ مىھماننى قوغۇنغا تەكلىپ قىلىپ تۇردى. ئۇنىڭ دادىسى بېشىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرۇپ قوغۇندىن بىر تىلىم يىدى. ئاندىن يېرىم ناننى ئىككى چىشلەپ دىگۇدەك يەپ تۈگەتتى. ئارقىدىن چاي ئىچتى. ئۆزىنىڭ ئالدىراپ كەتكەنلىكىدىن خىجىل بولغاندەك ئەتراپىغا قاراپ قويدى. قىزى خۇددى چوڭ ئايالدەك ئۇ ئادەم يەنە كىملەرنىڭ ئۆيىدىن يەرلىك تۇخۇم تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى ئۇنىڭ مەسلىھەتىگە سالدى.
-زەيتۇنخاچامنىڭكىگە چىقتىڭمۇ؟.
ئۇلار يەنە قايسى ئۆيلەردىن يەرلىك تۇخۇم تاپقىنى بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشتى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ:
-سۈرۈشتۇرۇپ باقاي- دەپ چىقىپ كەتتى. بىرەۋىگۇل خۇددى چوڭ ئايالدەك مىھماننى پات- پات چايغا تەكلىپ قىلاتتى. ئايال بىرەۋىگۇل قايناتقان، كىر ۋە ئىس تېتىپ كەتكەن چاينى ئوتلىغانسېرى ئۆينى قاپلىغان ئىس كۆزىگە تەپكەندەك كۆزىدىن ياش چىقىپ كەتتى. نان بەك تەملىك ئىدى. ئۇ بۇنداق تەملىك ناننى خېلى ئۇزۇندىن بۇيان يەپ باقمىغان ئىدى. قىز كەمسۆز، تەمكىن ئايال بولۇشنى نىيەت قىلغاندەك ئولتۇراتتى.
دادىسى بىر دەمدە بىر يىشىك كۆتۇرۇپ كىردى. يىشىككە بۇرۇن چۆجە قاچىلىغان بولسا كېرەك، ئەتراپلىرىدا چۆجىنىڭ بېشى پاتقىدەك خېلى جىق تۆشۇك بار ئىدى، ھازىر ئۇ تۆشۇكلەردىن تۇخۇم كۆرۇنۇپ تۇراتتى.
-نەچچە پۇل بولدى- سورىدى ئايال.
-يەرلىك تۇخۇم بولغاچ خەق باھاسىنى كۆتۇرىۋالىدىكەن.
ئۇنىڭ گىپىدىن تۇخۇمنىڭ بىر كۆيدىن توختىغانلىقىنى بىلدى.
ئۇ مەلۇم قىلغان پۇلنى پۈتۇن سانغا تولۇقلاپ، يەنە ئۈچ يۈز كوي قوشۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا قويدى. ئۇ ئۆيىنىڭ ئوچۇق ھىساباتىدىن بۇنچىلىك پۇل چىقىم قىلالمايتتى. ئۇ بۇ پۇلنى نەچچە ئايدىن بۇيان خۇپىيانە تىجەپ يىغقان ئىدى. ئۇ بۇ پۇلنى جايىغا تەككۇزەلىگىنى ئۈچۈن خېلى يىنىكلەپ قالدى.
-جىق بىرىۋەتتىڭىز- دىدى بىرەۋىگۇلنىڭ دادىسى. ئۇ پۇلنى ياندۇرۇۋېتىشكە تىرىشتى. ئامال قىلالماي ئالاقزادە بولۇپ كەتتى.
-خىراجەت قىلارسىلەر، بىرەۋىگۇل بىزنىڭكىدە تۇرغاندا جىق غېمىمىزنى يىنىكلەتكەن، شۈڭا بۇ پۇل ئوشۇق كەتمەيدۇ- دىدى ئايال ئۇنىڭ قوبۇل قىلىشىغا بانا تېپىپ بىرىشكە تىرىشىپ، ھەم ئەمەلىيەتمۇ دىگىنىدەك ئىدى.
قىزنىڭ دادىسى ئوڭايسىزلىنىپ تۇرۇپ قالدى. ئايال مۇشۇ پۇرسەتتە تۇيۇقسىز قىزنى يەنە بىر سوراپ بېقىش نىيىتىگە كەلدى. ئۇ قىزنىڭ بۇ ئەھۋالىغا قۇلىقىنى يوپۇرۇپ، ھىچقانداق تىرىشچانلىق كۆرسەتمەي كىتىشنى كوڭلى خالىمىدى. ئۇ قىزنىڭ ئۆزلىرىدىن ئايرىلغان چاغدىكى تۇرقىنىڭ ئەسلىگە كىلىشىنى ئۇ قانچىلىك ئارزۇ قىلاتتى- ھە. ئۇ بۇنى ئويلاپ كۆزىدىن ياش چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭغا قىز بۇ ھالىتىدە ئۆتسە ئۇنىڭ ئىستىقبالىدىن قىلچە ئۈمىد يوق ئىدى.
-بىرەۋىگۇلنى ئۆزەمنىڭ قىزىدەك ياقتۇرۇپ قالغانتىم. ئۆزەم چوڭ قىلىپ ئۇنى مۇۋاپىق تۇرمۇش يولىغا سېلىپ قويسام دەپ ئويلايتتىم. يولدۇشۇممۇ مۇشۇ قاراشتا. ئۇنىڭ ئىش ھەققىنى يېشى چوڭايغانسېرى يەنە ئۆستۇرۇپ بەرسەك، بىز بىلەن ئۆتسە، ھەممە ئىشىنى ئۆز قىزىمىزدەك ئورۇنلاشتۇرساق، بۇنداق بولسا ئىستىقبالىغىمۇ پايدىسى بولارمىتىكىن دەپ ئويلاشقان ئىدۇق. ئەلۋەتتە سىلەرنىڭ ئاتا- بالىلىق مۇناسىۋىتىڭلارغا قىلچە تەسىر يەتكۇزمەيمىز. مىنىڭ دىگىنىم بىرەۋىگۇل بۇ يەردە داۋاملىق ياشىسا...- ئۇ قىزنىڭ بۇ يەردىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىن چوڭ پەرقلىنىشى ناتايىن بولغان، ھەتتا ئۇلاردىنمۇ ناچار بولۇشى مۇمكىن بولغان كىيىنكى تۇرمۇشىغا تەسەۋۋۇرىنى دەپ باقماقچى ئىدى. لىكىن شۇملۇق چىللىغان بولۇپ قالماسلىق ئۇچۇن گىپىنى شۇ يەردە يىغىشتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. ئۇلارنىڭ قىزغا بۇندىن كىيىن بىرىشى مۇمكىن بولغان ئىش ھەققىنىڭ ئۇنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ئازراق بولسىمۇ ياردىمى تىگىدىغانلىقىنى بولسا ئۇنىڭ غۇرۇرىغا تىگىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئېغىزغا ئالالمىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى دىيەلىگەن بولسا قانچە ياخشى بولاتتى.
ئۇ ئادەم بېشىنى كۆتۇرۇپ ئۇنىڭغا يالغۇز كۆزى بىلەن يالتتىدە قارىدى. بۇ ئۇنىڭ تۈنجى قېتىم تاق كۆزىدە ئۇنىڭغا تىك قارىشى ئىدى. ئۇ ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ بۇ كۆزىدىن ئۇنىڭ غۇرۇرىنىڭ زەربىگە ئۇچرىغانلىق ئىزناسىنى كۆرۇپ ئازاپلىنىپ كەتتى. ئۇ ئادەم قولىدىكى پۇل بىلەن ئايالنىڭ گىپىنىڭ ئالاقىسى باردەك پۇلنى تاشلاپ بىرىشكە تەييار بىر ھالەتتە:
-قىزىمنى ئۆزەم چوڭ قىلىمەن. ئەتىنىڭ ئىشىنى بىر خۇدا بىلىدۇ- دىدى. ئۇ ئادەم باشقا ياققا قاراپ، ئىچدىكى بىر ئاغرىقنى زورى بىلەن بېسىۋاتقاندەك ئاھاڭدا يەنە- قىزىمنى بۇندىن كىيىن بالا بېقىشقا سالمايمەن. بۇ بۇرۇن بالا باققان ئۆيدىكى ھېلىقى نامەرتنىڭ ’مۇشچىلىك بالىنى بالا باققۇزۇپ سەنمۇ بىر ئەركىشى بولۇپ قاپسەن‘ دىگەن گىپى ئېسىمگە كەلسىلا يۇرىكىم ئاغرىيدۇ. مەنمۇ بىر ئەركىشىدەك ياشاشقا تىرىشىپ باقاي دەيمەن.
ئايال ئۇنىڭ قولىدىكى ئۆزىگە ئۇزىتىشقا تەييار تۇرغان پۇلغا قاراپ، گىپىنىڭ ئۇنىڭغا ئەكس تەسىر قىلغىنىنى ھىس قىلدى. خىجىللىقتىن قىزىرىپ كەتتى. ئۆزىگە ئۇزىتىلغاندەك تۇرغان پۇلنى كۆرمەسكە سالدى. ئايال ئۇنى پۇلنى ئۆزىگە تاشلاپ بىرەرمىكىن دەپ قورقۇپ تۇراتتى. لىكىن بۇ مۇھتاج ئادەم ئۇنچە يۈزسىز ئەمەس ئىدى. ئۇلار بىر پەس جىمىپ كەتتى. ئۇ ئادەم ئېغىز ئاچقاندا بولسا ئۇنىڭ ئاۋازىدا نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان كەم بولۇپ كەلگەن ھىس- تۇيغۇ تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالغان ئىدى:
-سىزگە كوپ رەخمەت، بۇنى ئوزىڭىزنىڭ قىزىدەك ئەتىۋارلاپ ئىزدەپ كەپسىز. ھازىر كىمگە كىم كۆڭۇل بۆلىدۇ. بىز سىزنىڭ ياخشىلىقىڭىزنى كۆپ كۆرۇپ كەيتتۇق. بىزدىن يانمىسا خۇدايىمدىن يانا.
بۇ ئايالنىڭ ئۇ ئادەمنىڭ تىلىدىن بىر ئادەمگە كونكىرت كۆڭۇل ئىپادىلىگىنىنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشى ئىدى. ئايال بۇرۇن ئۇ ھەرقانداق ئادەمدىن نەپرەتلىنەمدۇ نىمە؟ دەپ ئويلاپ قالغان ئىدى. ’ئۇ ئايىلىدىن، ئاندىن ئۇچراتقان ئادەملىرىدىن ئارقا- ئارقىدىن زەربە يىگەچكە شۇنداق بولۇپ قالسا كېرەك‘ دەپ ئويلىغان ئايال ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئاخىر ئۇنى ئۇ قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن ئوڭۇشلۇق چىقالىغاندەك، ياكى ئۇنىڭ قەلبىگە ئازراق يورۇقلۇق چۇشكەندەك ھىس قىلىپ كۆزىگە ياش ئالدى. ھەم ئۇ ئادەمنىڭ كۆزىدىن غىل-پال ئەگىگەن ياشنى كۆردى. ئاندىن ئۆزىنىڭ خىيالىنىڭ توغرىلىقىنى جەزملەشتۇردى.
-بىرەۋىگۇلنى مەكتەپتە ئوقۇتۇشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟- دىدى ئۇ ئاخىرقى تىرىشچانلىقىنى كۆرسۇتۇپ.
-مەن بۇرۇن بۇنى ئويلاپ باقمىغان.- دىدى ئۇ.
ئايال ئۇنىڭ مىجەزىدىكى بىپەرۋالىقنىڭ يۇمشاۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدى.
-بىرەۋىگۇل بەك ئەقىللىق. ئوقۇماي ئۆتۇپ كەتسە بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ- دىدى ئايال، ئاندىن ئۇ ئادەمنىڭ تەڭقىسلىقتا قالغاندەك تۇرقىغا قاراپ ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن جىق گەپ قىلىش ئىمكانىيىتى يوقلىقىنى ھىس قىلدى، ھىلىمۇ ئۇ ئاز بولمىغان نەتىجىگە ئىرىشكەن ئىدى.
- سىلەرنى بەك بىسەرەمجان قىلدىم. سىلەرگە كۆپ رەخمەت، داسقانغا دۇئا قىلىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن- دىدى ئايال. ئۇ بۇ جەم بولۇشتىن بەك رازى بولغان ئىدى. شۇ تاپتا ئۇ ئۆزىنىڭ نىمىشقا بالدۇرراق يولغا چىقمىغىنىدىن بەك ئەپسۇسلاندى.
ئۇ ئادەم ئىككى قولىنى كۆتۇرۇپ بىر مىنوتتىن ئارتۇق سۇرە ئوقۇپ دۇئا قىلدى. ئۇ ئەستايىدىللىق بىلەن يۈزىنى سىپىغاندا كۆزى يەنە پارقىرىغاندەك قىلدى.
-بىرەۋىگۇلنى ئېلىپ بىز تەرەپلەرگىمۇ بېرىڭ. سىلەرنى كۆرسەك بىز بەك خوش بولىمىز.- ئايال شۇنداق دەپ ئورنىدىن تۇردى.
-ئاللا خالىسا بارىمىز- دىدى ئۇ ئادەم. شۇ تاپتا ئۇنىڭ چىرايى ئۇ دەرىجىدە ئىپادىسىز ئەمەس ئىدى.
ئايال ھويلىغا چىقىپ قولىنى يىشىككە ئۇزاتقاندا يىشىكنى ئۇ ئادەم چاققانلىق بىلەن ئالدىدا ئېلىۋالدى.
-ئۆزەم كۆتۇرەي- دىدى ئايال.
ئۇ ئادەم يىشىكنى بەرمەي:
-مەن بىكەتكىچە ئاپىرىپ بىرەي- دەپلا ئىشىكتىن چىقىپ كەتتى. بىرەۋىگۇل دادىسىنىڭ كەينىدىن:
-دادا مەنمۇ بارايمۇ؟- دەپ توۋلىدى.
-مەن ھازىر كىلىمەن- دىدى دادىسى.
ئايال بىرەۋىگۇلنىڭ ئالدىدا زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ، ئۇنى مەھكەم قۇچاقلىدى. كۆڭلى بۇزۇلۇپ كۆزىگە يەنە ياش كەلدى. ئۇ ئالقىنى بىلەن قىزنىڭ ئورۇق دۇمبىسىنى، چىگىش چاچلىرىنى، ياغاق- يىرىك يۈزىنى سىلىدى. قىز دادىسىدەك ئىپادىسىز مىجەز بىلەن (ھىچ بولمىغاندا دادىسىنىڭ بۇرۇنقى مىجەزىدە) قاراپ تۇراتتى. ئۇ بۇنى ئېغىر ئالمىدى.
-مەكتەپتە ئوقۇغىڭىز بارمۇ؟
قىز ھەئە دىگەندەك بېشىنى لىڭشىتتى.
-مەن دادىڭىزغا دەپ قوياي، سىزمۇ ئوقۇيمەن دەپ تۇرىۋېلىڭ جىماڭ- دىدى ئۇ.
-ماقۇل- دىدى قىز. ئۇ بۇ قىزنىڭ يالغان گەپ قىلمايدىغان مىجەزىنى ياخشى كۆرەتتى. يەنە ئۇنىڭ گەپ ئاڭلايدىغان مىجەزىمۇ بار. ئۇ ئۇنى مەھكەم قۇچاقلاپ ئۇنىڭ يۈزىگە سۆيدى.  
-ئۇكىڭىز سىزگە سالام ئېيتتى.
قىزنىڭ يۈزىگە بالىلارچە كۈلكە يۇگۇردى. قىز ئۇنىڭ بالىسى ھەققىدە مۇشۇ چاققىچە ھىچ نىمە دىمىگەن ئىدى. ئايال ئۇنىڭ يانچۇقىغا ئون نەچچە كوي پارچە پۇل سېلىپ قويدى.
-ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرىڭىزنى ئالارسىز- دىدى ئۇ.
-رەخمەت- دىدى قىز، ئۇنىڭ كۆزلىرىدە يەنە بىرئاز خوشاللىق ئىزنالىرى ئەكس ئەتتى.
ئايال ئىشىكتىن چىققاندا بىرەۋىگۇل ئۇنى يېزىلىقلارنىڭ ئادىتى بويىچە:
-ئۆيگە يەنە كىلەلا- دەپ ئۇزىتىپ قويدى.
-چوقۇم كىلىمەن- دىدى ئايال.
                                                                ( «تارىم» 2010- يىل 3- سان)

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 10:39:36

تەسىرلىك ھىكايىكەن

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 11:37:11

مەرھۇم ئەركىن ئەمەتمۇ ياخشى ھىكايىلەرنى يازاتتى،مەرھۇمنىڭ«مازار چاشقىنى»ناملىق ھىكايىسىنى ھەر قېتىم ئۇقۇسام ئۆزەمچە سوغوق تەرگە چۈكۈپ كىتىمەن:(

dartman211 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 12:07:38

ئاخىرى بولغان بولسا ھە

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 12:12:55

ئاخىرىنىڭ بولمىغىنى ياخشى بوپتۇ.ئاخىرى بولسا ،ئاسانلا ئەستىن چىكىتىدۇ بۇ ھىكايە. ئوبدان يېزىلىپتۇ.

bedexshan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 12:19:51

ھېكايە دېگەن موشۇنداق بولمامدۇ

wuyyu يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 12:49:38

    ھېلىقى ئۆزىنىڭ مېيىتىنى ئۆزى كۆتۈرۈپ بېرىپ ئاخىرى كۆمۈلمەي قېلىپ، كېيىن بىر قاتار ئىشلار يۈز بېرىدىغان ھېكايىسىنى يوللاپ قويغان بولساڭلار، ۋۇييۇ دەۋەتسەم...

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 13:04:01

بەك ياخشى يېزىپتۇ.
ئوقۇپ بولۇپ كاللامغا «دېدەك ئېزورا» فىلىمىدىكى پېرسۇناژلار بىلەن بۇ ھېكايىدىكى پېرسوناژلار ئارىسىدىكى سېلىشتۇرما كەلدى، گەرچە زامان جەھەتتىن ئىككى يۈز يىل پەرقلەنسىمۇ.

mamnun يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 15:42:03

ئېسىل ھېكايىكەن.

albAX يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 16:10:33

  ناھايىتى چىن يېزىلىپتۇ ، ئاللاھ ھەممىزگە ئىنساپ بەرگەي ، قېيىنچىلىقىمىزنى ئاسان قىلغاي ، ھەممىمىزنى تېخىمۇ رەھىمدىل قىلغاي !

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 16:32:26

بەك چىرايلىق يېزىلغان ھېكايىكەن بۇ ... ...

pain333 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 16:36:51

مەن ئوقۇپ كىتىپتىمە ئوقۇپ كىتىپتىمە بىرچاغدا كىم يازغاندۇ ؟ شەھلا يازدىمىكىن-ەپ قارىسام...
خۇددىي كۆرىۋاتقاندەك ئوقۇپ چىقتىم. بەك جىق نەرسىلەرنى ھېس قىلغان بولمىسا بوغۇزۇمغا تۇرۇپ قالدى....

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 16:45:21

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   afiyfiy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-29 16:46  

http://bbs.izdinix.com/thread-48996-1-1.html
ئاپتورنىڭ ماۋۇ ھېكايىسىنىمۇ ئوقۇپ بېقىڭلار.

pain333 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 16:56:59

دادا پۇلنى يۇزۇمگە ئاتارمۇ قانچىلىك ئوڭايسىز ئوسال ھالەتتە بولارمەن دەپ تەڭ قورۇقتۇم خانىم بىلەن.
مىنى يەنە ئەكىتەرمۇ دادامدىن ئايرىلىپ قالارمەنمۇ دەپ ئوخشاشلا سوغۇق مۇئامىلە قىلدىم.ئىچىلالمىدىم... خانىمغا چاي
قايناتقۇچە ئوت پۇۋلەپ دېمىغىم ئىچىشتىى. كۆزلىرىمنى ئاچالمىدىم. خانىم بىلەن بىرەۋىگۈللەرگە پۇل يېغىپتىمەن...چېۋىنلاردىن بىئارام بولمۇدۇم. قۇغۇن بەك تاتلىق بولسا كېرەك...ناننىڭ ھېدىنى سۆيدۇم...يەشىكنى بەلكىم مەن كۆتۈرگەندىمە. بىر كۆزۈمدىن ياشلار ئاققاندۇ...
بىرەۋىگۈل! ئوقۇمۇدۇم ئاڭلىدىم...

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 17:14:47

ياخشى يېزىلغان ھېكايە ئىكەن.{:112:}

ALMAS333 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 17:21:11

بۇ ھىكايە «تارىم» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان بولسا،  قارىغاندا «تارىم» ژورنىلىمۇ خېلى ئىلگىرى باسقان چىراي.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 17:24:51

ئۇزۇن بوپتىكەن بۇنداق كىرىشىپ بىر نەرسە ئوقۇمىغىلى. كىنو كۆرگەندەك بولدۇم. ئەسەردىكى پىرسۇناژلاردىن ئەتراپىمدىلا نۇرغۇنى بار...

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 17:28:17

pain333 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-29 16:56:59 static/image/common/back.gif
دادا پۇلنى يۇزۇمگە ئاتارمۇ قانچىلىك ئوڭايسىز ئوسال ھا
ئوخشاپ كېتىدىغان كەيپىيات...:handshake

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 17:37:47

ALMAS333 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-29 17:21 static/image/common/back.gif
بۇ ھىكايە «تارىم» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان بولسا،  قار ...

2010- يىلى بېسىپتىكەن، ھازىر «تارىم» دا بۇنداق ئەسەرلەرنى كۆرۈش تەسمىكىن

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 17:41:05

afiyfiy يوللىغان ۋاقتى  2014-10-29 13:04 static/image/common/back.gif
بەك ياخشى يېزىپتۇ.
ئوقۇپ بولۇپ كاللامغا «دېدەك ئېزورا ...

يەنە بىر ھېكايىسىمۇ نادىركەن ... توۋا ، مۇشۇنداق يازغۇچىنى بىلمەيدىكەنمىنا ، ئاتۇشلۇقمۇ؟ يەنە بىر ھېكايە ئوقۇغۇنۇم ئېسىمدە ، مومىسىنىڭ ھوشۇقىنى قولتۇقىقىغا تېڭىۋېلىپ ،كاتتا ئامەتلەرگە ئېرىشىدىغان بىر ھېكايىمۇ مۇشۇ ئادەمنىڭ قەلىمىگە ئوخشاپ تۇرىدۇ ،شۇ ھېكايىنى بىلەمسىز؟ بولسا شۇنى يەنە بىر ئوقۇسام بولاتتى ...
بەت: [1] 2 3 4
: يەرلىك تۇخۇم