passs يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 18:25:11

ئامىرىكا دوللىرى نىمىشقا بۇنچە يامان

ئامىرىكا  دوللىرى نىمىشقا بۇنچە  يامان

   بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا خەلق پۇلىنى ئوبرورت قىلىمىز ، بەزىلىرىمىز ئۈچ تۆت ئەۋلاد خەلق پۇلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە شاھىت بولغانلارمۇ بار.  يېقىنقى يىللاردىكى  خەۋەرلەردە خەلق پۇلىنىڭ ئىشلىتىشچانلىقىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى ھەم دۆلىتىمىزنىڭ  نۇرغۇن سودا شىرىكچىلىكىدىكى دۆلەتلەر بىلەن خەلق پۇلىنى شۇ دۆلەت پۇلى بىلەن بىۋاستە ئالماشتۇرۇپ سودا قىلىش كىلىشىمنامىسىنى ئىمزالاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتىمىز .  خەلق پۇلىنىڭ ئامىرىكا دوللىرىغا بولغان  قىممىتىنىڭ  ئۈزلۈكسىز  ئېشىشىغا ئەگىشىپ نۇرغۇن دۆلەتلەر خەلقى ئۆزلىكىدىن  خەلق پۇلىنى ساقلاۋاتقانلىقىنىمۇ ئاڭلىغان  بولساق كېرەك (بۇنداق پۇل ساقلاشتىن كېلىدىغان پايدا نىسبەتەن يۇقىرى ) .   

   سىزگە ماڭا بەلكىم چەت ئەلنىڭ پۇلىنى كۆرسەتسە بىر ياكى ئىككى دۆلەتنىڭ پۇلىنى تونىيالىشىمىز مۇمكىن ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ تونىيالايدىغىنى  ئامىرىكا دوللىرى بولسا كېرەك . چەتئەللىكلەرمۇ ئوخشاش ئۇلارما ئوخشاشلا ئامىرىكا دوللىرى ، ياۋرۇ ، ياپۇن  پۇلى دىگەندەك پۇللارنى تونۇيدۇ  .  

        چەت ئەللەردە ساياھەت قىلغانلار ، خىزمەت قىلغانلار ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى ، تونۇيدىغىنى يەنىلا ئامىرىكا دوللىرى .  بىز ھەممىمىز ۋوللىۋوت كىنولىرى ياكى باشقا كىنولاردا دائىم ۋەيرانچىلىق ، بالايى ئاپەت كەلگەندە مەيلى باي بولسۇن قاراقچى  بولسۇن ئادەتتىكى كىشىلەر بولسۇن  ھەممىسى ئامىرىكا دوللىرى ئېلىۋېلىشنى تەكىتلەيدۇ ، بۇ ھەم رىئاللىقتىما شۇنداق ، مەسىلەن ئادەم تۇتقۇن قىلغانلار بىۋاستە ئامىرىكا دوللىرى تەلەپ  قىلىدۇ  .  

  ئۇنداقتا سىز بىر مەسىلىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ئاشۇ كىشىلەر نىمىشقا ئامىرىكا دوللىرىنى تەلەپ قىلىدۇ ، چۈنكى يەرشارىنىڭ ھەر قانداق  بىر بۇلىڭىدا ئامىرىكا دوللىرىنى تاپقىلى بولۇپلا قالماي ئىشلىتىشچانلىقى شۇنداق يۇقىرى ، ھەم   شۇ  دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى كۆپلەپ دوللارنى ساقلايدۇ ، ( دۆلىتىمىزدە پەقەت خەلق پۇلىلا قوللىنىدۇ ، شۇڭا بىز چەت ئەل پۇلىنى جىق تونۇپ كەتمەيمىز ، ئەمما سىزگە تەۋسىيەرىم بىر كۈنلەردە خەلق پۇلى ئامىرىكا دوللىرىغا كاساتلاتسا سىز دوللارنى ئىككىلەنمەي ساقلاپ قويسىڭىز بولىدۇ ، يالغۇز دوللارلا ئەمەس خەلق پۇلى ھەر قانداق بىر پۇلغا كاساتلاشسا سىز شۇ پۇلنى ساقلاڭ ، بۇنداق بولغاندا سىز نۆل خەتەر بىلەن كۆپ پۇل تاپالايسىز ) .   بەلكىم كاللىڭىزغا بىر سۇئال كەلگەن بولىشى  مۇمكىن ، نىمىشقا ئامىرىكا دوللىرى بۇنچە  يامان .

  نىمىشقا ئامىرىكا دوللىرى بۇنچە  يامان ،  ھەر قانداق بىر نەرسىنىڭ سەۋەپ  نەتىجىسى بولىدۇ ، مەسىلەن  بىزدىكى بەزى بىر ئىللەتلەر ، چۈشكۈنلۈكلەرنى نەچچە يۇز ئالدىدىكى تارىخقا ئارتىش ، گەرچە  بۇگۈنكى كۈندە  ياخشى بولغان  ئىلگىرلەشلەر بولغان  بولسىمۇ ، بىز ياشلارنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ يىتەرسىز بولىشى ، جەمئىيەت تەرەتقىياتىنىڭ ئۆنۈملۈك ، ئاساسىنىڭ پۇختا بولىشىغا كۆرسىتىۋاتقان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ  ئېنىرگىيىسى بەك ئاجىز بولىۋاتىدۇ ، ياپۇنلۇقلارنىڭ  بۇگۈنكى نەتىجىسىنىڭ سەۋەبى ئەجداتلارنىڭ  ئۈزلۈكسىز يېڭىلىقلارنى قۇبۇل قىلىشى ھەم  ئۇلارنى ئۆز جەمئىيىتىگە ئۆزلەشتۈرۋېتىش ۋە بۇگۈنكى كۈندىكى ياپۇن ئەۋلادلىرىنىڭ  داۋاملىق تىرىشچانلىقى .  دۆلىتىمىزنىڭ بۈگۈنكى دۇنيا ئورنىدىكى نەتىجىلىرىنى   بىز  يېقىنقى زامان ئىسلاھات ئېچىش يولىنىڭ توغرا بولغانلىقىنىڭ سەۋەبىدىن كۆرسەك، ئۇنىڭ  ئورنىنىڭ بەزى بىر يېتەرسىزلىكلىرىنى ئوخشاشلا تارىختىكى بەزى بىر سەۋەنلىكلەرگە ئارتىمىز  . ئوخشاشلا ئامىرىكا دوللىرىنىڭ  بۈگۈنكى تەسىرى ئاشۇ ئامىرىكىلىقلارنىڭ  ئەجداتلىرىنىڭ  تىرىشچانلىقى ، ئىزدىنىشلىرى  بىلەن  بۈگۈنكى كۈندىكى ئامىرىكىلىقلارنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ .

  ئۇنداقتا ئامىرىكا  دوللىرىنى بۈگۈنكى كۈندە مۇشۇنداق ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىپ تۇرغان زادى نىمىلەردۇر ؟

   ئامىرىكا دوللىرى ۋە  ئېنىرگىيە :

1. ئامىرىكا دوللىرىنىڭ بىردىنبىر  نىفىت باھاسىنى بىكىتىشتىكى پۇل بولىشى . ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرى ئامىرىكا بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ  نىفىت ئېشلەپچىقىرىش دۆلىتى سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن تەۋرەنمەس بولغان نىفىت باھاسىنى پەقەت ۋە پەقەت ئامىرىكا دوللىرى ئارقىلىق باھا ھىساپلاش كىلىشىمنامىسىنى ئىمزالىدى ھەم بۇنى نىفىت ئىكىسپورت قىلغۇچى ئەزا  دۆلەتلەرگە كېڭەيتتى ھەم ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى . شۇنىڭدىن تارتىپ ئامىرىكا دوللىرىنىڭ كۈچلۈك ئاجىز بولىشى بىۋاستە نىفىت باھاسىنىڭ قانداق بولىشىغا تەسىر كۆرسەتتى . ئۇنداقتا نىفىت باھاسىنى بىكىتىشتىكى بىردىنبىر پۇل بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامىرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى ئاشسا نىفىت باھاسى چۈشىدۇ ، ئامىرىكا دوللىرى پاخاللاشسا  نىفىت باھاسى ئۆسىدۇ .

  دەپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك بولغان بىر نوختا شۇكى نۇرغۇن دوسلار بۇ كىلىشىمنى بەلكىم سەئۇدىنى ئامىرىكىغا يەردەم قىلغان سۈپىتىدە قارايدۇ ھەم  سەئۇدىنى تىللىشى مۇمكىن ، ئەمما بۇ كىلىشىمدىن  سەئۇدى ، ئامىرىكا ھەم باشقا نىفىت ئىكىسپورت قىلغۇچى ، ئىمپورت قىلغۇچى  شۇنداقلا پۈتۈن  دۇنيا مەنپەئەتلەندى ، ئەلۋەتتە ئامىرىكىنىڭ ئېرىشكەن پايدىسى ئەڭ كۆپ بولدى ھەم بولاۋاتىدۇ ، چۈنكى ئۇ دوللارغا بۈگۈنكى دۇنيادا   تەۋرەنمەس تېرەك بولاۋاتىدۇ .  

2.  ئامىرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ نىفىت ئىستىمال قىلىش دۆلىتى بولىشى . ھەممىمىزگە مەلۇمكى تۆنۈگۈنكىچە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نىفىت ئىستىمال قىلىش دۆلىتى ھەم ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەت بولسا  ئامىرىكا ئىدى ( ھازىر جوڭگۇ ئەڭ چوڭ نىفىت ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەت  ، ئامرىكىنىڭ ئۆزىدىكى  بىر نىمە ھاسىلاتلىق  ئېنىرگىيەنى ئېچىش ، ئىسمىنى بىلەلمىدىم ) ، شۇ سەۋەپتىن ئامىرىكا ئىقتىسادى گۈللەنسە  تەبىلا نىفىتقا بولغان ئېھتىياج ئېشىپ نىفىت باھاسى ئۆرلەيدۇ ، دوللارنىڭ قىممىتى ئاشىدۇ .  نىفىت باھاسى ئۆرلەپ كەتسە  زاۋۇت  شىركەتلەرنىڭ ئېشلەپچىقىرىش تەنەرقى ئېشىپ كېتىپ ، ئامىرىكا ئىقتىساد ئېشىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ ، ئىقتىساد ئېشىش ئاستىلىسا نىفىت باھاسى چۈشىدۇ .

    يۇقارقى تەپسىلاتلاردىن  شۇنى بىلىلەيمىزكى  ھەر قانداق بىر دۆلەت نىفىت سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئامرىكا دوللىرى ئېشلىتىدۇ ،   بۇ  ھال  ئۇنىڭ ئېشلىتىش دائىرىسىنى تېخىمۇ  جانلىقلىققىا  ،  كەڭرىلىككە ئىگە قىلغان .  ئەمدى بەزى بېر دۆلەتلەر ئۆز پۇلى ياكى نەرسىلەر ئارقىلىق نىفىت  سېتىۋالىدۇ ، بۇنداق  سېتىۋېلىشتىما ئوخشاشلا ئاۋۋال نىفىت باھاسى ئامىرىكا دوللىرى  بويىچە ھېساپلاپ ئاندىن دوللارنى شۇ دۆلەت پۇلىغا سۇندۇرۇپ  ئېلىپ بېرىلىدۇ ، بۇ خىل سودىنى ئېلىپ بېرىشتىكى مۇھىم بىر شەرت  نىفىت سېتىۋالغۇچى دۆلەت بىلەن نىفىت سېتىپ بەرگۈچى دۆلەتنىڭ چوقۇم قويۇق سودا ئالاقىسى بولىشى كېرەك ، ئۇنداق قويۇق سودا  ئالاقىسى بولمىسا  بۇ خىل دوللارنى  بىرلەمچى شەرت قىلىپ ئۆز پۇلى ياكى نەرسە ئارقىلىق نىفىت  سېتىۋېلىش  ئاساسەن يۈز بەرمەيدۇ . ھازىر ھەممەيلەنگە ئايانكى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى كۈچى شۇنداق يۇقىرى ، ئەمما دۆلىتىمىز ئەڭ كۆپ ئىمپورت قىلىدىغان نەرسە بولغان نىفىتنى سېتىۋېلىشتا  باياتىنقىدەك ھالقىلار مەۋجۇت بولغانلىقى ئۈچۈن  خەلق پۇلىنىڭ ئېشلىتىشچانلىقىنى  كېڭەيتىشتىكى چوڭ بىر تەسىر كۈچ بولاۋاتىدۇ .

   ئامىرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ئېنىرگىيە ئىستىمال دۆلىتى بولىشى  دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نىفىت بازارنىڭ ئامرىكىدا بولىشىنى  شارائىت  بىلەن تەمىنلىگەن ،  ئەمدى لوندۇن بازىرىما شۇنداق  چوڭ  بىراق  ئىككىلىسى ئوخشاش بىر مەنپەئەتتە  .

  ئامىرىكا دوللىرى ۋە  ئالتۇن : قەدىمدىن تا ئالدىنقى  ئەسىرگىچە ئالتۇن ئىزچىل خەلقىئارادا  ئومۇميۈزلۇك قوللىنىپ كەلگەن ، ھەم پۇتۇن دۇنيا ئىتىراپ قىلىدىغان بىردىنبىر  ئوبرورت ۋاستىسى بولغان ، ئەمما ئالدىنقى ئەسىرنىڭ  70  - يىللىرىدىن تارتىپ  ئالتۇننىڭ ئورنىنى ئامىرىكا دوللىرى ئېلىپ  خەلقىئارادا ئومۇميۇزلۇك قوللىنىلدى .

   19 - ئەسىردە  ئەنگىليە دۇنيانىڭ ئىقتىسادىنى كونتىرول قىلغان ھەم  بارلىق سودىدا ئالتۇن بىرلىك قىلغان  پۇل ئالماشتۇرۇش  يولىنى قوللانغان ،  بەلكىم بۇ شۇ ۋاقىتتىكى ئەمىلى ئەھۋالغا ماس كەلگەن بولىشى مۇمكىن ( ئەنگىليە ئەينى ۋاقىتتا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ 30~40 پىرسەنتىنى ئىگەللىگەن ) ، يەنى ئەنگىليە سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق پۇتۇن دۇنياغا مال تاراتقان ،  دۇنيا ئوبروتىدا ئالتۇن  قوللىنىلغانلىقى ئۈچۈن  كۆپلەپ ئالتۇن ئەنگىليەگە  يىغىلغان ،  بىرىنچى  دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن  ئەنگىليەنىڭ ئىقتىسادى  كۈچى  ئاجىزلاپ  ئامىرىكا  تەدرىجى سانائەت ئىشلەپچىرىشتا  ئاساسى ئورۇنغا ئۆتتى ،  بۇ ۋاقىتتا ئامىرىكا  يەنىلا ئالتۇن بىرلىك قىلغان پۇل ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى قوللاندى ، چۈنكى ئەينى چاغدا  ئامىرىكا ئاساس قىلغىنى ئەنگىليەنىڭ  ئىقتىساد ئېڭى .   ئامىرىكا ئىقتىسادىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يېرىمىگە يېقىن ئىگەللىشىگە ئەگىشىپ دۇنيا ئالتۇن زاپىسى ئامىرىكىغا  يېغىلدى .  50 ~ 60 - يىللاردا  ياۋرۇپا ، ياپۇنلارنىڭ تەدرىجى باش  كۆتۈرىشىگە ئەگىشىپ  ئالتۇن كۆپلەپ ئامىرىكا قولىدىن چىقىپ كىتىشكە باشلىدى ،  بۇ چاغدا ئامىرىكلىلىقلار قاندا قىلغاندا   مۇشۇ ئالتۇنلارنى ساقلاپ قالغىلى بولىدىغانلىقى  ھەم دوللارنىڭ رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدا ئىزدەنگەن ، ھەم  كۈچلۇك ئىقتىسادىغا تايىنىپ  مەجبۇرى  ئاساستا  ئالتۇننى بىرلىك قىلغان  پۇل ئالماشتۇرۇشنىڭ ئورنىغا  ئامىرىكا  دوللىرىنى ئاساس قىلغان پۇل ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى قوللاندى . شۇنىڭدىن  تارتىپ  دۇنيادا دوللار ئاساس  ئالتۇن ئىككىلەمچى بولغان ۋەزىيەت شەكىللەندى .

   بۈگۈنكى دۇنيادا  ئالتۇن سودىسىنىڭ مۇتلەت كۆپ قىسمى يەنىلا  دوللار  ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ ، مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن  ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشى  دوللارغا  بېقىنىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىققان ،  يەنى دوللار قىممىتى ئاشسا  ئالتۇن  باھاسى چۈشىدۇ ، دوللار كاساتلاشسا  ئالتۇن  باھاسى ئۆسىدۇ ، بۇ يەردە ئالتۇن مۇتلەق پاسسىپ ئورۇندا ئۆزگىرەيدۇ ،  بەلكىم نۇرغۇن كىشىلىرىمىز  ئالتۇننىڭ يۇقىرى  باھادا  سېتىۋېلىپ  ساقلاپ قويغان ھەم  ئالتۇننىڭ   قايتىدىن  ئاشۇ قىممەت باھاغا قايتىشىنى ئارزۇ  قىلىشى مۇمكىن ،  بۇ بەلكىم  ھازىرقى ئامىرىكا  يۈرگۈزگەن ئىقتىساد سىياسەتلىرىگە ئاساسەن ئېيىتقاندا بىر چۈشگە ئوخشاش خىيال  بولسا كېرەك ،  شۇڭا يۇقىرى باھادا ئالتۇن ئېلىپ ساقلىغانلار بولسا  باھا مۇۋاپىق ئۆرلىگەندە قولىدىن چىقىرۋېتىشنى ئويلىشپ باقسا بولىدۇ ، لىكىن كەلگۈسى بەش ئالتە يىلدىن كېيىن بەلكىم  باشقىچە بولىشى  مۇمكىن بۇنى شۇ  ۋاقىتىكى ئەھۋالغا  قارايمىز ئەلۋەتتە .

   ئالتۇننىڭ مۇشۇنداق پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ  قېلىشى ،  سودىنىڭ  ھەممىسى دوللاردا ئېلىپ بېرىلىشى  دوللارنىڭ  تەسىر كۈچىنى تېخىمۇ  كېڭەيتتى ھەم  ئورنىنى  مۇستەھكەملىدى ، دۇنيادا  ئالتۇن سودىسىلا ئەمەس بەلكى چوڭ  تاۋارلار سودىسىنىڭ كۆپىنچىسى دوللار بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ ، بۇ تاۋارلار  ئىچىدە پەقەت ئالتۇننىڭلا  پۇل ئوبرورت بولۇش  رولى  بار  ،  ھېلىھەم  دوللاردىن  قالسىلا  ئەڭ ئىشەنچىلىك بولغان  ئوبرورت قورالىدۇر ، بىر كۈنلەردە ئامىرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ   ئىناۋېتى چۈشۈپ كەتسە بەلكىم ئالتۇن قايتىدىن باش كۆتۈرىشى مۇمكىن .

  مەبلەغ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش قورالى ئىچىدە دوللار يەنىلا بىرىنچى تاللاش ،  ئەگەردە دوللار كۇرسى چۈشۈپ كەتسە ئالتۇن  بىز ئويلىشىدىغان ئەڭ ياخشى تاللاش بولىدۇ . دوللار قىممىتى ئاشسا كىشىلەر قولىدىكى ئالتۇننى چىقىرىپ كۆپلەپ دوللار ساقلايدۇ ، بۇ ھال ئالتۇننىڭ باھاسىنى تېخىمۇ چۈشۈرۋەتىدۇ . دوللار كۇرسى چۈشسە كىشىلەر كۆپلەپ دوللارنى قولىدىن چىقىرىپ  ئالتۇننى سېتىۋالىدۇ ، بۇ ھال دەل ئالدىنقى بېر مەزگىل ئالتۇن  باھاسىنىڭ  يۇقىرى  بولىشى ھەم ھازىر تۆۋەن بولىشىدىكى ئەھۋالنى تامامەن چۈشەندۈرۈپ  بېرىدۇ .

ئامىرىكا دوللىرى ۋە  دوللار كۆرسەتكۈچى :

    ھەر قايسى دۆلەتلەر  قەغەز پۇل  ئىشلەتكەندىن  كېيىن  پىرىۋوت نىسبىتى بارلىققا كەلدى ، ھەم  پىرىۋوت نىسبىتىنى مۇقىم قىلدى ، بۇنداق قىلىش بۇرۇن  دۇنياغا  ناھايتى ياخشى بولغان  گۈللىنىشلەرنى ئېلىپ كەلگەن ، ئەمما يەنە شۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدا  دۇنيا سودىسىنىڭ گۈللىنىشى  ھەم  ئىقتىسادى كىرزىسلارنىڭ كۆپلەپ يۈز بېرىشى مۇقىم پىرىۋوت نىسبىتىنىڭ  كۆپلىگەن يىتەرسىزلىكىنى ئاشكارلىدى ،  شۇ  سەۋەپدىن يەنە شۇ ئامىرىكا  مۇقىم  پىرىۋوت نىسبىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ  ئۆزگىرىشچان پىرىۋوت نىسبىتىنى قوللاندى ( مۇقىم پىرىۋوت نىسبىتىنى  ئەمەلدىن  قالدۇرۇپ  ئۆزگىرىشچان پىرىۋوت نىسبىتىنى قوللىنىش كىلىشىنامىسى بار ، كىلىشىم ئىسمىنى ئېسىمگە  كەلتۈرۈپ  بولالمىدىم  ) .  

مۇقىم پىرىۋوت نىسبىتىنىڭ ھىم پايدىلىق زىيانلىق تەرەپلىرى بار   ،  پىرىۋوت نىسبىتى مۇقىم  بولسا  ، خەتەر ئاز ،  مەبلەغ كىرگۈزۇپ چىقىرىشتا خەتەر يوق ، خەلقئارالىق ھىساپ ئاددى ، ئۇچۇق  بولىدۇ ،  ئىمپورت - ئىكىسپورتتا مال باھاسى مۇقىم  بولىدۇ ، تاشقى پىرىۋوت ھايانكەشلىك  قىلمىشى  بولمايدۇ   ۋە  باشقا  دىگەندەك   .    كەمچىللىكى  بولسا  تاشقى پىرىۋوتتىن پايدىلىنىش  ئۆنۈمدارلىقى تۆۋەن ، سودىدىكى  بازار تەڭشەش رولى تۆۋەن ، دۆلەت ئىچىدىكى كىچىك داۋالغۇشمۇ  دۆلەت  ئىقتىسادىغا چوڭ تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ .

  ئۆزگىرىشچان پىرىۋوت  نىسبىتىنىڭمۇ  پايدىلىق زىيانلىق تەرەپلىرى بار ، پىرىۋوت نىسبىتى ئۆزگىرىشچان  بولسا  ،  خەتەر كۆپ ، خەلقىئارالىق ھېساپ بوغۇشتا چىقىم كۆپ  بولىدۇ ، تاشقى پىرىۋوت بازىرىدا ھايانكەشلەر كۆپ  بولىدۇ  ۋە  باشقىلار .    ئارتۇقچىلىقى بولسا ، تاشقى پىرىۋوت زاپىسىدىن  ئۆنۈملۈك پايدىلانغىلى  بولىدۇ ، ئاكتىپ پاسسىپ بالانىسلارنى تەڭشەشتە  بازارنىڭ  رولى  چوڭ بولىدۇ ،  دۆلەت ئىچىدىكى  كىرزىسلارنى ھەل  قىلىش  ئاسان يەنى  خەلقىئارانىڭ يەردىمىدە   بولىدۇ .   

  مۇقىم پىرىۋوت بىلەن ئۆزگىرىشچان پىرىۋوتنىڭ مۇناسىۋىتى بولسا  بىرسىنىڭ ئارتۇقچىلىقى يەنە  بىرسىنىڭ كەمچىللىكى ،  بىرسىنىڭ كەمچىللىكى يەنە  بىرسىنىڭ ئارتۇقچىلىقى .   

  مەن مۇتلەق ئۆزگىرىشچان  پىرىۋوت نىسبىتىنى قوللىغۇچى ، ئەگەردە  ئۆزگىرىشچان پىرىۋوت نىسبىتى قوللانمىغان بولسا   بىز مەبلەغ سېلىۋاتقان   تاشقى پىرىۋوت  بازىرى بولمىغان  بولاتتى ،   خەلقىئارا  ئوتتىرىسىدىكى  مەبلەغ پايدىلىنىش ئۆنۈمى  بۇنچە يۇقىرى  بولمىغان  بولاتتى .

  ئامىرىكا  دوللار   كۆرسەتكۈچى بولسا   ئامىرىكا دوللىرىنىڭ  بىر سېۋەت پۇلغا بولغان پىرىۋوت  ئايرىۋاش نىسبىتىنى كۆرسىتىدۇ ،  يەنى دوللار كۆرسەتكۈچى بولسا ئامىرىكا دوللىرىنىڭ  ياۋرۇ ، ياپۇن يىنى ، فونىستېرلىڭ ، كانادا دوللىرى ، شىۋىتسىيە پۇلى ،  شىۋىتسارىيە پۇلىغا بولغان پىرىۋوت  ئايرىۋاش نىسبىتى كۆرسىتىدۇ ،  ئەمدى  ھازىر  باشقىلار بەزى  ۋاقىتتا  ئامىرىكا  دوللىرىنىڭ  يىگىرمە نەچچە خىل پۇلغا  بولغان  پىرىۋوت ئايرىۋاش نىسبىتىدىكى ئامىرىكا دوللار كۆرسەتكۈچىنى قوللىنىدۇ ، بىز  ئاساسلىق قوللىنىدىغىنىمىز  يەنىلام   بېشىدىكى ئالتە خىل  پۇلغا  بولغان پىرىۋوت  ئايرىۋاش نىسبىتىدۇر .

    ئەڭ دەسلەپتە دوللارنىڭ ئالتە خىل  پۇلغا  بولغان  نىسبىتى  يەنى دوللار كۆرسەتكۈچى 100  بولغان ،  بۇ  قىممەت تارىختا 165 گە  چىققان ، ھەم  75 نىڭ ئاستىغىما  چۈشۈپ باقتى ، ھازىر 85  ئەتراپىدا  ئايلىنۋاتىدۇ .   دوللار كۆرسەتكۈچىنى بىر پۇتۈن قارىساق  دوللار بىلەن ئالتە خىل پۇلنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى 50  پىرسەنتتىن بولىدۇ .  بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋالغىلى بولىدىكى دوللارنىڭ  خەلقىئارا سودىدىكى تەسىر كۈچىنىڭ نەقەدەر چوڭ ئىكەنلىكىنى ،   ئەمدى ئالتە خىل پۇلنى بىر پۇتۇن گەۋدە دەپ قارىساق  ياكى بىر نىسبەت دەپ قارىساق ئۇنداقتا  ھەر قايسى پۇللارنىڭ تەسىر كۆرسىتىش نىسبىتى ياۋرۇنىڭ 57.6  ،  ياپۇن يىنى  13.6 ، فونىستىرلىڭ  11.9 ،  كانادا پۇلى 9.1 ،  شىۋىتسىيە پۇلى 4.2 ، شىۋىتسارىيە پۇلى 3.6 ،  نىسبەتتە بولىدۇ ،  بۇ  ئەڭ دەسلەپكى قىممىەت  ھازىر بەلكىم ئازراق ئۆزگىرىش بولغان  بولىشى  مۇمكىن  ، ئەمما شۇ  قىممەتلەردىن جىق  پەرىقلەنمەيدۇ  ياكى پەرقى يوق دىيەرلىك .

   يۇقىرقى قىممەتلەردىن شۇنى كۆرگىلى بولىدىكى  دوللار   كۈچىنىڭ  نەقەدەر چوڭ ئىكەنلىكىنى ، ھەم شۇنى بايقايمىزكى  دوللار كۆرسەتكۈچىنى بەلگىلەيدىغان  دۆلەتلەرنىڭ  دۇنيا ئىقتىسادىدا   ئىگىلىگەن نىسبىتىنىڭ  چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز ، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن  دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆزگىرىشى  بىۋاستە دۇنيا سودىسىغا ،  تاۋار باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ .

  دوللار كۆرسەتكۈچى ئۆزگىرىشى  نۇرغۇن  تاۋارلار بىلەن ئۆزگىرىش ئوڭ  تاناسىپ ، ياكى تەتۈر تاناسىپ تۈزىدۇ ، ئەمدى بۇنى سىز مۇتلەق مۇشۇنداق بولىدۇ دەپ قارىۋالسىڭىز بولمايدۇ ، بەزىدە ئوڭ تاناسىپ  تۈزىدىغان قانۇنىيەت  تەتۈر تاناسىپ تۈزىشى مۇمكىن ۋە ياكى تۈزمەسلىكى مۇمكىن  ، پەقەت مۇشۇنداق رەڭگارەڭ ، قانۇنىيەتلىك ، قانۇنىيەتسىز بولغاندىلا ئاندىن بازار سىز بىزنى قىزىقتۇرالايدۇ ، جەلىپ  قىلالايدۇ ، ھاياجانغا سالالايدۇ  . مۇتلەق  قانۇنىيەتنىڭ كىمدە بولىدىغانلىقىنى   كۆپچىلىك بۈلىدۇ ،  شۇڭا  بازار ئۆزگىرىشىنى  قېلىپلاشتۇرۋېلىش توغرا ئۇسۇل ئەمەس .

  تۆۋەندە بىز  دوللار كۆرسەتكۈچى بىلەن تاۋار  ئوتتىرىسىدىكى  بەزى بىر ئاساسەن  مۇقىم بولغان  قانۇنىيەتلەرنى كۆرەيلى .

دوللار كۆرسەتكۈچى ئامىرىكا ئىقتىسادى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان  بولىدۇ ، ئىقتىساد ئۆسۈم بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان  بولىدۇ .

     دوللار كۆرسەتكۈچى بىلەن  تاۋار باھا ئۆزگىرىشىنىڭ  مۇناسىۋىتى :  باياتىن دىگەندەك نۇرغۇن تاۋارلار دوللار ئارقىلىق باھا سۇندۇرلۇپ ئېلىپ  سېتىلىدۇ ، شۇنداق  بولغانلىقى ئۈچۈن  چوڭ تاۋارلار باھاسى  بىلەن دوللار كۆرسەتكۈچى  نىسبەتەن يۇقىرى بولغان تەتۈر تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ ،  ئەمدى دوللار  كۆرسەتكۈچى بىلەن  ئامىرىكا ئەمىلى ئۆسۈم نىسبىتى ( ئامىرىكا  زاپاس پۇل كوممىتى چىقارغان ئۆسۈم نىسبىتىدىن  پۇل پاخالچىلىق نىسبىتىنى ئېلىۋەتكەندىكى ئۆسۈم نىسبىتى )  ئوڭ  تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ ،  يەنى ئەمىلى ئۆسۈم قانچە  يۇقىرى بولسا دوللار كۆرسەتكۈچى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ ،  ئەمىلى ئۆسۈم نىسبىتى قانچە تۆۋەن  بولسا دوللار كۆرسەتكۈچى  شۇنچە كىچىك بولىدۇ   .  دوللار كۆرسەتكۈچى   مۇنداقچە  ئېيىتقاندا  ئامىرىكا پايچىكلىرى  بىلەن ئوڭ تاناسىپ ،  دۆلەت زايۇمى بىلەن تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ دىسەكمۇ  بولىدۇ ، ئەمما بۇما  ئۆسۈمنىڭ ئۆزگىرىشىگە  ئاساسەن ئېيتىلغان . مەسىلەن دۆلەت زايۇمىنىڭ  ئۆسۈم  نىسبىتىدىن  پۇل  پاخالچىلىق   نىسبىتىنى چىقارغاندىن كېيىنكى   نىسبىتى  ئەمىلى ئۆسۈم نىسبىتى  بىلەن پەرق قانچە چوڭ  بولسا (ئەمىلى ئۆسۈمدىن شۇنچە چوڭ بولسا )  زايۇمنىڭ پايدىسى شۇنچە ياخشى بولىدۇ ، كىشىلەر زايۇمنى تالىشىپ  سېتىۋالىدۇ ،  بۇ  چاغدا  دوللار كۆرسەتكۈچى نىسبەتەن ئاجىز ياكى چۈشۈش يۆنىلىشىدە بولىدۇ ،  تەتۈرى  تەتۈر يۆنىلىشتە  بولىدۇ .

  دوللار كۆرسەتكۈچىگە يەنە  ياۋرۇپا ئىقتىسادى ،  ياپۇن ئىقتىسادىمۇ  بىۋاستە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ ،   دوللار  كۆرسەتكۈچى بولسا ئاشۇ  دۆلەتلەرنىڭ  ئەمىلى ئىقتىسادى  ئۆزگىرىش  بىلەن بەك قويۇق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ . ( ئامىرىكا دوللىرى   دىگەننى  دوللار دەپلا   يازدىم  ) .

    ئامىرىكا دوللىرى ۋە ئامىرىكا ئىقتىسادى :

     ھەر قانداق  بىر كۈچلۈك ئىقتىسادى بولغان دۆلەت ئارقىسىدا  كۈچلۈك بولغان  سانائەت  كۈچى بولىدۇ ، كۈچلۈك  سانائەت كۈچلۈك ئىقتىسادقا ۋەكىللىك قىلىدۇ ،   ئامىرىكا  سانائىتىنىڭ  يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققى قىلىشىدا  نۇرغۇن  ئامىللار بار ،  مەسىلەن مائارىپ تۈزۈلمىسى ، سىياسەت تۈزۈلمىسى ، دۇنيا ۋەزىيەت ئۆزگىرىشلەرنىڭ نەتىجىسى دىگەندەك ،   كۈچلۈك ياساش كۈچى  ئامىرىكىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سودا  دۆلىتىگە ئايلاندۇردى ( بۇ  يىل دۆلىتىمىز ئامىرىكىدىن ئېشىپ  ئەڭ چوڭ سودا دۆلىتى بولدى ) ، ئامىرىكا پۈتۈن  دۇنيادىن  خام  ئەشيا كىرگۈزىدۇ ، ھەم پۈتۈن  دۇنياغا سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدۇ  ، بۇ ھال  يالغۇز ئامىرىكىلا ئەمەس پۇتۈن دۇنيانى  مەنپەئەتلىنۋاتىدۇ ، بۇ سودىلارنىڭ ھەممىسى ئەلۋەتتە ئامىرىكا دوللىرى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ .

  ئامىرىكا  ساياھەتچىلىرىنىڭ  پۇتۇن دۇنياغا تارقىلىشى بىر ھىساپتا دوللارنىڭ دۇنياغا تارقىلىشىغا ئوخشاش ،  نۇرغۇن  دۆلەتلەر مۇشۇ ساياھەتچىلەرگە تايىنىپ دۆلەت چىقىمىنى قامدايدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن  كۆپلەپ ساياھەتچىلەر ئۈچۈن قولايلىق سىياسەتلەرنى چىقىرىدۇ ،  مەسىلەن دوللارنى بىۋاستە شۇ دۆلەتتە  ئوبرورت  قىلىشقا يول  قويۇش  دىگەندەك  .  دۇنيادىن  ئامىرىكىغا بېرىپ  ئىشلەش  جان باقىدىغانلارمۇ كۇرمۇڭ  ، ئۇلارنىڭ ئېلىپ قايتىدىغىنى بولسا يەنە  شۇ ئامىرىكا دوللىرى .

شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى  مۇشۇلاردىن سىرىت  دوللارنىڭ بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئورنىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرىشىدىكى مۇھىم  ئامىلنىڭ بىرسى  ئامىرىكا  جەمئىيىتىنىڭ  سىڭدۇرىشچانلىقى ، يەنى قايسى ئېرق ، دىن ، مىللەت بولسۇن  ناھايتى تىزلا ئامىرىكا جەمئىيىتىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئاينىلالايدۇ ، گەرچە بۇ نۇرغۇن  ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن بولغان  بولسۇن  بۈگۈنكى دۇنيادا ھىچقانداق دۆلەت ياكى رايۇندا بۇ خىل ئالاھىدىلىك يوق بولسىمۇ ئاجىز  ھالەتتە .  ئالدىنقى ئامىللارنى قاتتىق كۈچ دىسەك ئېنىقكى ئامىرىكا جەمئىيىتىنىڭ سىڭدۇرىشچانلىقى يۇمشاق كۈچ ھىساپلىنىدۇ ، بۇنىڭ رولى دوللارنىڭ  دۇنيادىكى ئورنىنى ساقلاشتا كۆرۈمسىز ھالەتتە چوڭ تېرەك بولاۋاتىدۇ دەپ قارايمە .

    ئاخىرىدا دەيدىغىنىم  دوللارنىڭ بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئورنى ئىرىشىشكە تىگىشلىك ھەققى ،  گەرچە  نەپكە ئىرىشىشتە بىز ئەمگەككە تايىنىىپ قىممەت يارىتىۋاتقان ، ئۇلار ماشىنىدا پۇل بېسىپ قىممەت يارىتىۋاتقان بولسىمۇ ، دۇنيادا مۇشۇنداق بىرلىككە كەلگەن پۇلنىڭ بولىشى پۈتۈن  دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىسىغا پايدىلىق ، ئەلۋەتتە  ئامىرىكىلىقلار بىزدىن بەكراق تىرىشىدۇ ، ئەمگەك ئارقىلىق قىممەت يارىتىدۇ ، بىراق ئۇلاردا پۇل بېسىپ قىممەت يارىتىش ئىقتىدار بار ، ئۇندىن بۆلەك ھىچقانداق دۆلەت بۇنداق تەمىناتتىن بەھرىمان بولالمايدۇ .

  ئىقتىسادى ھادىسىلەرنىڭ ئۆزگىرىشى بەك مۇرەپكەپ ، كۆپ  خىل ئامىلدىن تەركىپ تاپقان بولىدۇ ، شۇڭا تەھلىل ئېلىپ بارغاندا  ئامال بار جىق نەرسىلەردىن پايدىلىنىڭ ، ھەم مەلۇم بىر قانۇنىيەتنى ئاساس قىلىۋالماڭ ، بۈگۈن ئاساسلىق ئۆزگىرىشنى پەيدا قىلغان ئامىل كىيىنكى قېتىم ھىچقانداق رولى بولماسلىقى مۇمكىن .

   بىلىدىغانلىرىمنىڭ  چەكلىك بولغانلىقىدىن  ھەم ۋاقىت سەۋەبىدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى تەپسىلى سۆزلەشكە بولماي قالدى ،  بەزى مەزمۇنلار خاتا ياكى مۈجىمەل بوپ قالغان بولسا  تورداشلارنىڭ ئەپۇ  قىلىشىنى سورايمە .

بۇ ماقالىنى ھەر قانداق  تور بەتكە   كۆچۈرسىڭىز بولىدۇ ، بىراق ئەجرىم ئۈچۈن ئۇندىدار نۇمۇرىمنى بىللە كۆچۈرسىڭىز  رەھمەت .

ئۈندندار نۇمۇرۇم : 728339627

  

  



aLKaMaL1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 09:53:44

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aLKaMaL1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-29 09:58  

تەھرىرلەندى

aLKaMaL1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 09:58:03

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aLKaMaL1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-29 10:01  

دوللار ئامرىكىنىڭ كۈچى، دوللار بىر تىزگىنەك ھەم نۇختا، بەزى دۇنياۋى
چوڭ ئويۇنلارنىڭ ئىنتىر كونۇپكىسى، دەريا دەريا قانلارنىڭ ھەزىمچىسى
قوش بىسلىق قورال،

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 11:08:05

مۇشۇ ماقالىنىمۇ ناچار باھالىغانلار راستلام ناچاركەن

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 11:38:11

ئامىرىكا  دوللار   كۆرسەتكۈچى بولسا   ئامىرىكا دوللىرىنىڭ  بىر سېۋەت پۇلغا بولغان پىرىۋوت  ئايرىۋاش نىسبىتىنى كۆرسىتىدۇ
  بۇ گەپنى چۈشىنەلمىدىم

esyankar75 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 12:01:34

ErkinQush يوللىغان ۋاقتى  2014-10-29 11:08 static/image/common/back.gif
مۇشۇ ماقالىنىمۇ ناچار باھالىغانلار راستلام ناچاركەن

ناچار دەپ مەن باھالىدىم ، سەۋەبى  ‹‹ئامىرىكا دوللىرى نىمىشقا بۇنچە يامان ›› دىگەن چوڭ تىمىنى يورۇتۇپ بىرەلمىگەن ،  مەن ماقالىنى ئوقۇپ ئامىرىكا دوللىرىنىڭ نىمىشقا يامانلىقىنى ھىس قىلالمىدىم ، ئاپتۇر ئاساسلىقى ئىنىرگيىگە باغلاپ قويۇپتۇ  .  مىنىڭچە  بۇ تىمىنى يىزىش ئۈچۈن بولمىدى دىگەندە ئامىرىكا فىدراتسىيە بانكىسىنىڭ كىلىپ چىقىشىنى ، ئۇنىڭ ھەقىقىي فۇنكىسىيىسىنى ،  ئامىرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ،  روسچىلىد جەمەتىنىڭ ئامىرىكا پۇل مۇئامىلە كەسپىگە قانداق كىرگەنلىكىنى شۇنداقلا 1- 2- دۇنيا ئۇرۇشى بىلەن پۇل - مۇئامىلىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ، ئامىرىكىنىڭ دۆلەت زايۇمىنىڭ ھەقىقىي تۈپ ماھىيىتىنى ئىنىقراق دىمەي تۇرۇپ  قىچىشمىغان يەرنى قاشلىغاچقا ناچار دەپ باھا بەردىم .   
يەنە بىرى ئاپتۇرنىڭ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىغا ۋېيشىن نۇمۇرىنى قىتىپ قويۇپ  ۋېيشىن نۇمۇرۇم بىلەن تارقاتساڭلار دەپ ئۆتۈنىشى ناچار دەپ بىسىشىمغا تۈرتكە بولدى .  ئەمدى جاۋاب بېرىڭە مەن ناچارمىكەنمە ياكى كۆرەلمەسمىكەنمە ؟

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 13:44:01

esyankar75 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-29 12:01 static/image/common/back.gif
ناچار دەپ مەن باھالىدىم ، سەۋەبى  ‹‹ئامىرىكا دوللىرى  ...

باللا  يېڭى ياچىكەن {:86:}  ئالدىرىماي ياخشى يازىدىغان بوپكىتىدۇ دەيمەن..........جېق سۆز قىسقارتىلدى......


شۇڭا بىر ئەلا باھالاپ قويساق تېخىمۇ تىرىشىدۇ. ناچارلاپ قويساق يازماس بولىدۇ شۇ...... خۇددى ئۇقۇغۇچىنى قاپاق  قاپاق دەۋەرسە مەكتەپكە بارماس بولغاندەك :handshake

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 13:46:07

ئۈندىدار نومۇرىنى يېزىپ قۇيىشىنى ئېلان دەپ چۈشەندىم :lol:lol:lol

passs يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 10:32:01

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-10-29 11:38 static/image/common/back.gif
ئامىرىكا  دوللار   كۆرسەتكۈچى بولسا   ئامىرىكا دوللىرىن ...

دوللار كۆرسەتكۈچى بولسا ئامىرىكا دوللىرىنىڭ  كۆپ  خىل  پۇلغا بولغان  ئايرىۋاش  نىسبىتىنى كۆرسىتىدۇ ، بىر سېۋەت پۇل دىگىنىمىز شۇ  كۆپ  خىل  پۇل دىگەن  مەنىدە ،  ھازىرقى دوللار كۆرسەتكۈچىسى  بولسا  ياۋرۇ ، يىن ، فونىستېرلىڭ ، كانادا دوللىرى ، شىۋىتسىيە ، شىۋىتسارىيە پۇللىرىغا بولغان ئايرىۋاش نىسبىتى خالاس ، ئەمدى يېڭىدىن گۈللەنگەن دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدا ئىگەللىگەن نىسبىتىنىڭ ئېشىىشىغا ئەگىشىپ دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنى تېخىمۇ ئېنىق ئىپادىلەش  ئۈچۈن باياتىن دىگەن ئالتە خىل پۇلغا يەنە خەلق پۇلى ، تۈركىيە لىراسى ، ھىندىستان ، بىرازىلىيە ۋە باشقا دۆلەتلەر پۇلىنى قوشۇپ ھىساپلاۋاتقان ئەھۋاللار بار ،  ئەمما   دۇنيادا يەنىلا شۇ ئالتە خىل  پۇلغا  بولغان  ئايرىۋاش  نىسبىتىدىكى  دوللار  كۆرسەتكۈچىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ .

passs يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 10:43:03

esyankar75 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-29 12:01 static/image/common/back.gif
ناچار دەپ مەن باھالىدىم ، سەۋەبى  ‹‹ئامىرىكا دوللىرى  ...

رەھمەت ، سىزنىڭ ياخشى پىكىرلىرىڭىزغا ،  بۇندىن كىيىن  ياخشى تەلىملەر  بولسا  داۋاملىق بېرەرسىز ، چۇقۇم دىگەنلىرىڭىزنى ئەستايىدىل  ئويلىشىمەن . ئەمما  بىر نوختا ئېنىقكى ئەگەردە ئېنىرگىيە دوللار ئارقىلىق باھا سۇندۇرۇلمىسا ، مەسىلەن ياۋرۇ ياكى ئالتۇن ، خەلق  پۇلى  ئارقىلىق باھا  ھىساپلايدىغان  ئىش بولسا  ئامىرىكا مەيلى قانچىلىق كۈچلۈك بوپ كەتسۇن دوللار بۈگۈنكىدىك بۇنداق  ئورۇنغا ئىرىشەلمەيدۇ ، ئەمدى ئامىرىكىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ بۇنداق تەرەققى قىلىشىنى ئىزدەنگەندە سىز  دىگەندەك ئامىرىكا زاپۇس پۇل كوممىتىنىڭ كىلىپ چىقىش  تارىخى ، رولىنى چوقۇم  سۆزلاش كېرەك .

passs يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 10:48:05

ErkinQush يوللىغان ۋاقتى  2014-10-29 13:44 static/image/common/back.gif
باللا  يېڭى ياچىكەن   ئالدىرىماي ياخشى يازىدىغان ب ...

ئىلھامدۇرۇش بەرگەنلىكىڭىزغا رەھمەت ، بەش ئالتە يىلدىن بويان ئۇيغۇرچە يازما يازمىغان يېقىندىن بويان ئانچە مۇنچە يېزىۋاتىمەن ، تولۇقتا ئۈگەنگەن ماقالا يېزىشتىكى نۇرغۇن ئۇسلۇپ ، قوراشتۇرۇش دىگەندەك نەرسىلەرنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، مەن چوقۇم بۇلارنى ياخشىلاپ كېتەلەيمەن .

passs يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 11:02:34

ErkinQush يوللىغان ۋاقتى  2014-10-29 13:46 static/image/common/back.gif
ئۈندىدار نومۇرىنى يېزىپ قۇيىشىنى ئېلان دەپ چۈشەندىم :lo ...

ئۈندىدار  نۇمۇرنى قالدۇرۇشتا مەلۇم مەقسەتلەر بار ، ھازىر جەمئىيىتىمىز تەلەپ قىلىدىغىنى ئونۋىرىسال ساپانىڭ يۇقىرى بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ ، ئەمما مەن بىر ساھادە  چوڭقۇرراق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشنى باشقا ساھەدە مۇۋاپىق دەرىجىدە بىلىم بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن ، مەن ئۇنداقتا جەمئىيەتتىكى ساپاسى يۇقىرى بولغان  كىشىلەر توپىنى قانداق ئىزدەپ تاپىمەن ،  بۈگۈنكى ئۈندىدار ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى مەلۇم كىشىلەر توپىدىلا چەكلىنىپ  قالىدىغان نەرسە بولمىدى ، شۇڭا مەن ئويلايمەن ھەر  ساھادىكى بىلىمى چوڭقۇر كىشىلىرىمىز بولسا يازما ئاستىغا مۇشۇنداق ئۈندىدار نۇمۇرىنى قالدۇرۇپ  قويسا بىز ئۆزىمىز قىزىققان ياكى ھەر ساھادىكى كىشىلەر بىلەن ئالاقا باغلاپ ساپايىمزنى ئۆنۈملۈك ئۆستۇرسەك دەيمەن .

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 12:52:01

passs يوللىغان ۋاقتى  2014-10-30 10:32:01 static/image/common/back.gif


دوللار كۆرسەتكۈچى بولسا ئامىرىكا دوللىرىنىڭ  كۆپ  خىل
بىر دوللارنىڭ قىمىتى قانچە خەلىق پۇلىغا ياكى لىراغا تەڭ ئىكەنلىكىنىقانداق ھىسابلايدۇ ، قايسى ئورۇن بىكىتىدۇ

passs يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 17:12:46

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-10-30 12:52 static/image/common/back.gif
بىر دوللارنىڭ قىمىتى قانچە خەلىق پۇلىغا ياكى لىراغا ت ...

بۇنى ھىساپلاش بىر قەدەر تەس ، سىز  كۈندە ئېلان قىلىپ  تۇرغان سانلىق قىممەتكە ياكى بەزى دىتالنى چۈشۈرۋالسىڭىز ئۇ ھەممە پۇلنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى مىنۇت سىكۇنۇت بويىچە  سىزگە دەپ  بېرىدۇ .  ئادەتتە بۇ  سودا ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆزگىرەپ تۇرىدۇ ،  بۇنىڭ بازىرىما يەنىلا شۇ  ئامىرىكىدا .

passs يوللانغان ۋاقتى 2014-10-30 17:16:05

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   passs تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-30 17:17  

سسسسس
بەت: [1]
: ئامىرىكا دوللىرى نىمىشقا بۇنچە يامان