parxat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 15:25:50

تەۋسىيە دېتال: ۋىدىئو ئېلانلىرىنى سۈزۈش قورالى


تونۇشتۇرماقچى بولغان بۇ دېتالنىڭ خەنچە ئىسمى 视频广告过滤大师، ئۇيغۇرچە ۋىدىئو ئېلانلىرىنى سۈزۈش قورالى دىسەك بولىدۇ، ئاساسلىق ئىقتىدارى توردا قويۇلىدىغان ۋىدىئو (كىنو ۋە باشقا فىلىم تور بېكەتلىرىدىكى ۋىدىئولارنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىدۇ)لارغا قىستۇرۇلغان ھەرخىل ئېلانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھالدا تونۇش ۋە سۈزۈش بولۇپ، دۆلىتىمىز ئىچىدىكى يۇكۇ، تۇدۇ، 56 ...قاتارلىق ئاساسلىق ۋىدىئو تور بېكەتلىرىنى قوللايدۇ. ئېلان سۈزۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك. سېغىمى ئاران 4 مىگابايت ئەتراپىدا، بارلىق مەشغۇلات سىستېمىسىنى قوللايدۇ.
چۈشۈرۈش ئادرىسى:
ئورگان تورىدىن چۈشۈرۈش

بەيدۇ دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 19:17:40

دېتالنى چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم، 优酷غا ھەقىقەتەن ئىشلەيدىكەن، باشقا تور بەتلەرنىڭ سىنلېرىنى سىناپ باقمىدىم.

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 19:34:10

adsafer نى ئىزچىل ئىشلىتىۋاتمەن ... ieغا تامامەن بۇلدۇ ، تور بەت يۈزدىكى ھەر قانداق ئېلان ۋە ۋىدو ئېلانلىرغا بىردەك ماس كىلدۇ ...


ئەگەر باشقا تور كۆرگۈ ئىشلەتسىڭىز ، ھازىر ھەرقانداق تور كۆرگۈنىڭ قۇشۇمچە قىستۇرمىسى بار... شور تور كۆرگۈنىڭ قىستۇرما ئىزدەش رايۇنىغاad ياكى 去广告دەپ كىرگۈزسىڭىز ساماندەك ...


مەن ئېلاندىن خوشلاشقىلى بىر يىلچە بولدى .... بىر مىنۇتلۇق ۋىدىئوغا 80 سكونتلىق ئېلان بىردۇ بۇ دەيۈزلە...


يەنە بىر قىسىم تور بەتكەكىرسە ئەدەم كۈزدىن ئوت چىقىرىپ كىتباغان {:87:}

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 09:32:06

مەن adsafer نى ئىشلىتىۋاتقان ، بۇنىمۇ سىناپ كۆرەي.

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 10:33:06

مەن بۇنداق دېتاللارغا ئېھتىياجلىق ئەمەس، سىن تور بېكەتلىرىدىكى ئېلانلارنى دېمىسەم قەتئىي ئاچقۇم كەلمەيدۇ، شۇڭا ما تېمىنى ناچار باھالايمەن{:87:}

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-11-6 11:02:37

سىناپ باقتىم ، فىلىم باشلىنىشتىن بۇرۇن بېرىلىدىغان ئېلان فىلىمىنى توسۇپ قالغىنى بىلەن بەت يۈزىدىكى بۇرجەكلەرگە بېرىلگەن ئەخلەت مەينەت كۆزنەكلەرنى توسالمايدىكەن، ئۇنىڭ ئامالى يوقمۇ؟ ھازىر تور بەتنى بالىلار ئاچسىمۇ قاچان كۆزى شۇنداق مەينەتچىلىككە چۈشۈپ كۆزنەكلەرنى ئېچىپ قالىدىكەن دەپ ھەرۋاقىت دىققەتچىلكتە جىددىلىشىپ يۈرگەن ئادەم.
بەت: [1]
: تەۋسىيە دېتال: ۋىدىئو ئېلانلىرىنى سۈزۈش قورالى