mevlana يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 14:46:11

يالاڭ ئاياق ئادەمنىڭ ھېكايسى(مەۋلانا)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mevlana تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-10-28 14:56

يالاڭ ئاياق ئادەمنىڭ ھېكايسى

1
ھەقىقى قۇل بولماي تۇرۇپ ھەقىقى ھۆر بولغىلى بولماس

بەزىلەر ئۇنى ھاياتىنى باشقىلارغا نەسىھەت ۋە يول كۆرسۈتۈشكە ئاتىغان خۇدانىڭ مۆمىن بەندىلىرىدىن بىرى دېيشسە، بەزىلەر تېخىمۇ مۇبالىغىلەشتۈرۈپ ئۇنى تېنى بار ئەرۋاھ بولسا كېرەك، دىيىشىدۇ. تېخى ئۇنى مەلۇم بىر ئىشنى كۆزلەپ پات-پات ئىنسان سۈرىتىگە كىرىۋالىدىغان سالىھ جىنلاردىن بىرى بولىشى مۇمكىن، دېگەنلەرمۇ بار...
ئۇ ھەر ۋاقىت مەقسىتىگە ناتوغرا ۋاستىلار ئارقىلىق ئەمەس، توغرا ئۇسۇل قوللىنىش ئارقىلىق يېتىشنى ئادەت قىلغان بىرى بولۇپ، قەيەردىندۇر پەيدا بولۇپ قالاتتى. ئۇنىڭ يېراق ئەلدىن ۋەياكى يېقىن يۇرۇتتىن كەلگەنلىكى پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا تەۋە سىر ئىدى. ئۇ ھەر گەلگىنىدە كىشىلەر ئارىسىدىن مەلۇم بىرىنى كۆزلەپ كېلەتتى-دە، ئۇنىڭغا روشەنلىككە سېلىشتۇرغاندا يوچۇنراق، ئېنىقلىققا سېلىشتۇرغاندا ئىشارەتلىك سۆزلەرنى قىلاتتى. ئەجەبلىنىەرلىكى، ئۇنىڭ ئىيتقانلىرى نەسىھەتلەرگە چاڭقاق زېمىننىڭ سۇغا مۇھتاج بولغىنىدەك مۇھتاج ئېكەنلىكى ئەلپازىدىن چىقىپ تۇرىدىغان ئاڭلىغۇچىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇرۇشى ئىدى.
مانا بۇ ئاخشام ئۇ باشقىلاردىن بېشىرنىڭ ئۆيىنى سۈرۈشتۈرمەكتە...
بېشىر ئۆزى ئوتتۇز ياش ئەتراپىدا بولۇپ، تۇرمۇشنىڭ خوشاللىقلىرىدىن ئوبدانلا نېسىۋېسى بار، نام-شۆھرەتكە ئىگە، ئابرويلۇق، قەددى قامىتى كېلىشكەن، پۇلدار بىر يېگىت ئىدى. شۇنداق بولىشىغا قارىماي ئۇنىڭ پۈتۈن تۇرمۇشىنى نە بېشى، نە ئاخىرىنى بىلگىلى بولماس بوشلۇقلار قاپلاپ ئالغان بولۇپ، شۇ سەۋەب ئۇ ھاياتىنىڭ ھەر دەقىقىسىنى ئويۇن-تاماشىغا، كەيپ-ساپاغا تولدۇرۇش ئارقىلىق كۆڭلىنى تىندۇرۈپ كېلىۋاتقان ئىدى.
بېشىرنىڭ ئاتىسى ۋاپات بولغاندا ئۇنىڭغا ئاتىسىنىڭ ھەيۋەتلىك ياسالغان قەسىرى بىلەن قوشۇلۇپ بارلىق مال-مۈلۈكى مىراس قالغان ئىدى. ئۇ بۇ چوڭ قەسىرنى لەززەت-ھەۋەسلىرىنىڭ پەيزىنى سۈرۈشكە ماكان ئىزدەۋاتقان بەد ئەخلاق دوسلىرىغا ئاتىۋەتكەن بولۇپ، پۇل-مىلىنى قەيەر ئۇدۇل كەلسە ئاياپ ئولتۇرماي خەجلەۋىرەتتى. شۇقەدەر خەجلەيتتىكى، نامراتلىشىپ كېتىشتىن ۋەيا مال-دۇنياسىدىن ئايرىلىپ قىلىشتىن ئەنسىرەپ قالمايتتى.
ھېلىقى ناتونۇش شەيخ قەسىرنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگەندە كۈن كەچ بولاي دەپ قالغان بولۇپ، شەيخ ھاسىسى بىلەن قەسىرنىڭ ئېشىكىنى قېقىشقا باشلىدى. ئىشىك ئېچىلىپ ئارقىدىن كۆزلەرنى قاماشتۇرىدىغان، كىشىنى ھەيرەتكە سالىدىغان باغۇ-بوستانلىقلار نامايان بولۇشقا باشلىدى...
بىردىنلا ئىشىك باقار توۋلاپ كەتتى:
- ھەي ئامىرە! بۇ ئالدىنقى قېتىم ھېلىقى سېنىڭ خوجايىنىڭ بېشىرنى ئىزدەپ كەلگەن شەيخ شۇ ئەمەسمۇ؟
بۇنى ئاڭلىغان ئامىرە دەرھال يېتىپ كەلدى. ئامىرە مېجەزى تەلۋېرەك، چىرايىدىن مۇز يېغىپ تۇرىدىغان بىردېدەك بولۇپ، ئادەتتە ئۇ قاپاقلىرىنى تۈرۈپ سۆزلەيدىغان، دېگەن گەپلىرىمۇ خۇددى ئادەمنىڭ مېڭىسىغا تاش ئاتقاندەك تېگىدىغان بىرى ئىدى. ئۇ شەيخكە قوپاللىق بىلەن:
- سەن كېم، نېمە ئىشىڭ بار ئىدى؟ ئالدىنقى كۈنى خوجايىنىمنى ئىزدەپ كەلگىنىڭدە ساڭا ئۇنىڭ ئۇخلاۋاتقانلىقىنى دېگەنتىم ئەمەسمۇ، ئەمدى يەنە نېمە دەپ كەلدىڭ؟ خوجايىنىم بېشىرنى ئىزدىسەڭ ئۇ ھازىر ئۇخلاۋاتىدۇ. ئۇ ئادەتتە كېچە ۋاقتى بولمىغۇچە ھەرگىز ئويغانمايدۇ. بالدۇر ئويغاندى دېگەندىمۇ بۇۋاقىت خەخلەر ئۇخلاشقا تەييارلىنىۋاتقان چاغلار بولىدۇ. مىنىڭ خوجايىنىم دېگەن كۈندۈز بالىلىرىدىن ئەمەس، بەلكى كېچىنىڭ خوجايىنلىرىدىن، دېدى.
شەيخ ئۇنىڭغا:
- ئۇنداقتا، خوجايىنىڭ كېچىنىڭمۇ خوجايىنلىرىدىن ئىكەندە، دېدى.
ئامىرە تېخىمۇ سوغۇق تېگىپ:
-شۇنداق، خوجايېنىم يالغۇز كېچىنىڭلا خوجىسى بولماستىن، بەلكى پۈتۈن دۇنيانىڭ خوجىسى. ئۇ دۇنيانى ئوڭ قولىدا تۇتېۋىلىپ سول قولىدا خەجلەيدىغانلاردىن. سېنىڭ ئۇنىڭدا زادى نېمە ئىشىڭ بار ئىدى؟ دېدى.
شەيخ بىراز تەئەججۇبلەنگەن ھالدا ئۇنىڭغا:
- مەن سەن دۇنيانىڭ خوجىسى دېگەن ئاشۇ كىشى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭدىن ئۇ ھۆرمۇ ياكى قۇلمۇ؟ دېگەن بىرلا سوئالنى سورىغۇم بار ئىدى، دېدى.
ئامىرە مەسخىرىلىك ھالدا قاقاقلاپ كۆلۈۋەتتى ۋە ئىشىك باقارغا قول ئىشارىتى قىلىپ تۇرۇپ: ھەي تېز كەلگىن! ماۋۇ ئالجىغان قېرى خوجايىنىمدىن سەن ھۆرمۇ ياكى قۇلمۇ دەپ سورىماقچىكەن، دەپ توۋلىدى. ئاندىن شەيخكە يېقىنراق كېلىپ خۇددى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىسىغا سۆز قىلىۋاتقان تەرىزدە: ئەلۋەتتە مال-مۇلۇكى ، ئابرويى، نام-شۆھرىتى دېگەنلەر يەتكىچە بار، يەنە كېلىپ كېچىنى خالىغانچە نازۇ-نېمەتكە تولدۇرالايدىغان ئادەم ھۆر بولىدۇ، دە. بىلىپ قوي: ئۇ دېگەن ھۆر، ھۆر...دېدى.
شەيخ ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇردى ۋە دېدەككە قاراپ:
شۇنداقمۇ، ھەي ئېسىت! ئەگەر ئۇ ئۇيقۇسىدىن ئويغانسا ئۇنىڭغا يەتكۈزۈپ قويكى: ئۇ ھەقىقى قۇل بولماي تۇرۇپ ھەقىقى ھۆر بولالمايدۇ.
شەيخ قايتىشقا تەمشىلىۋاتقاندا ھېلىقى دېدەك شەيخنىڭ سۆزىگە چاۋاك ئۇرۇۋىتىپ توساتتىن ئىشىك باقارنىڭ يېغلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى ۋە ئۇنىڭدىن:
- ھەي ئىشىك باقار! نېمىگە يېغلايسەن، ئەجەبا ساڭىمۇ كېسەل يۇقتىمۇ؟ دەپ سورىدى.
ئىشىك باقار:
- ھەي دېدەك! كاشكى، بوۋاينىڭبۇ چوڭقۇر مەنىلىك سۆزلىرىنى بىرئاز چۈشۈنۈۋالىسام، ئۇنىڭ ھوزۇرىدا ئولتۇرۇپ بىردەم بولسىمۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىسام دەپ قېلىۋاتىمەن، دېدى.
ئىشىك باقار گىپىنى دەپ بولۇپلا شەيخنى بىر تەرەپتىن ئىزدەشكە باشلىدى، دېدەكمۇ بىر تەرەپتىن ئىزدىگىلى تۇردى. ئەمما ھەر ئىككىلىسى شەيخنىڭ ئىزىنىمۇ تاپالمىدى. ئىشىك باقار قوللىرىنى شاپاللىغان ھالدا قايتىپ كەلدى. ئىشىك باقار: بوۋاي قەيەرگىمۇ كەتكەندۇ؟ شەيخ قەيەردىدۇ؟ ئەجەبا ئۇ باشقىلار ئىيتقاندەك غايىپ ئەرۋاھمىدۇ؟ دېگەن سۆزلەرنى تەكرارلىماقتا ئىدى. بۇنى ئاڭلىغا ئامىرە:
- ئۇ چوقۇم بىز پاراڭلىشىۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ غىپپىدە تېكىۋەتكەن نېمە. ياكى بولمىسا ئۇ چوقۇم يولنىڭ ئەتراپىدىكى دەرەخلەرنىڭ ئارقىسىغا مۈكۈنىۋالدى، دېدى.
خىلى ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ئىشىك باقار تېخىچە ئويغا پېتىپ ئولتۇراتتى. دېدەك ئامىرە بولسا: «ھەقىقى قۇل بولماي تۇرۇپ ھەقىقى ھۆر بولغىلى بولمايدۇ» دېگەن سۆزنى تەكرارلاۋاتاتتى...

2
مەن كېمگە تايېنىشىم كېرەك؟

ھويلىغا قاۋۇل ئاتلار بىلەن جابدالغان مۇھتەشەم بىر ئات ھارۋىسى كىرىپ كەلدى. ھارۋىدىن بىشىرنى زىيارەت قىلغىلى كەلگەن بىر توپ ياشلار چۈشتى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ باشقىلارمۇ كېلىشكە باشلىدى. ئاتلىق ۋە پىيادە بولۇپ يەنە بىر مۇنچە ياشلارمۇ كېچىنىڭ يۇرۇتقۇچىلىرى سۈپىتىدە تاماشا سورىنىغا يېتىپ كېلىشكەن ئىدى.
مانا، كېچىلەرنىڭ ئەپەندىسى، ياشلارنىڭ سەركىسى بېشىرمۇ ئۇيقۇسىدىن ئويغاندى. ھويلىدا نەغمە-ناۋا ياڭرىماقتا، قەدەھلەر ئۆز-ئارا ئالماشماقتا، كەيپىيات يۇقىرى چوقىغا كۆتۈرۈلمەكتە ئىدى.شۇ ئەسنادا بېشىر ئامىرەنى چاقىردى ۋە ئۇنىڭدىن ئۇخلاۋاتقان چىغىدا بىرەر ئىش بولغان ياكى بولمىغانلىقى توغرۇلۇق سورىدى. ئامىرە بوۋاينىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەرگىنىدە ھەممىنىڭ مەسخىرىلىك قەھقەھەلىرى ئەتراپنى بىر ئېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما قەدەھ بىشىرنىڭ قولىدا قېتىپ تۇرۇپ قالغان ئىدى.
- نېمە، ئۇ نېمە دېدى دېدىڭ؟ مەن ھەقىقى قۇل بولمىغۇچە ھەقىقى ھۆر بولغان ھېسابلانمامدىكەنمەن؟ بۇ ئۆمرۈمدە ئاڭلىغان تۈنجى ئۆزگىچە سۆز ئىكەن، دېدى بىشىر.
ئۇ كۈلۈشۈۋاتقانلارغا جۆر بولاي دېگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئەقلى ئۇنى يېراقلارغا سۈرۈكلىمەكتە ئىدى. بوۋاينىڭ سۆزلىرىنىڭ قېتىدا ئۇنى قاتتىق چۈچۈتكەن بىر مەنا بار بولغاچقىمۇ، ئەيتاۋۇر ئۇ چاۋاك بىلەن ئىشارەت قىلىپ تېخىمۇ كۆپ شاراپ تارتىشقا بۇيرىدى...
بۇۋاقىتتا ئامىرە ئىككى ياشلىق بالىسىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويغان بولۇپ، بالىسى ئۇنىڭ ئارقىسىدائۆمىلەۋاتاتتى.بالا ئۆزى يالغۇز تۇتماي مېڭىشنى ئۈگەنمەكچى بولۇپ ئۆرە قوپۇپ بىر توختاپ، بىر مېڭىپ قىلغىلى تۇردى. ئاز ئۆتمەي بالا ماڭالماي يەڭدەشكە ۋە چىقىراشقا باشلىدى. بۇنى كۆرگەن ئىشىك باقار ئامىرەگە:
- بالاڭنى تۇتۇۋالغىن! ئۇ ساڭا تايانماي ماڭالىغۇدەك بولماپتۇ، دىدى.
بۇ مەنزىرىگە شاھىت بولغان بېشىر بالا ھەققىدىكى گەپلەردىن كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە ئۆز ئۆزىگە:
- كېچىك بالا جېنىدا بىر نەرسىگە تايانماي ماڭالمايدىكەن. ئەجەبا بىزمۇ بۇ ھاياتقا نىسبەتەن بالا ئەمەسمىدۇق؟ بىزمۇ ئەلۋەتتە مەلۇم بىر نەرسىگە، يەنە كېلىپ بىزنى قولىمىزدىن تۇتۇپ يېتەكلەيدىغان قۇدرەتلىك ۋە بۈيۈك بىر شەيئىگە تايانماي تۇرۇپ ماڭالمايمىز. ئۇنداقتا مەن زادى نېمېگە تايىنىشىم كېرەك؟ دەپ پىچىرلاشقا باشلىدى.
ئۇ ئويلىغانسېرى كاللىسىغائاغىرىق كېرىۋالغان بولۇپ، بېشى توختىماي لوقۇلداشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دوسلىرىغا ئۆزۈر ئىيتىپ ئۇلاردىن ئايرىلدى ۋە ئۇخلىماقچى بولدى.
چۈشىدە بىرى ئۇنىڭغا ۋەھىمىلىك ئاۋازدا: سەن چوقۇم بىر نەرسىگە تايىنىشىڭ لازىم، بولمىسا ھەرگىز توغرا يۈرەلمەيسەن، يەڭدەيسەن، يېقىلىسەن، پارچىلىنىپ كېتىسەن، دەپ پىچىرلىماقتا ئىدى. ئاۋاز بىردىنلا ئۈنلۈكلىشىشكە باشلىدى... ئاۋاز ئۈنلۈكلەشكەنسېرى شاۋقۇن-سۆرەن ئىچىدە بىر ئاۋاز ئۇنىڭ قولاق تۈۋىدە جاراڭلاشقا باشلىدى. ئاۋازدىن تۆۋەندىكىدەك سادا كەلمەكتە ئىدى:
- سەن ھەقىقى قۇل بولماي تۇرۇپ ھەقىقى ھۆر بولالمايسەن. قولۇڭنى ئىگەڭنىڭ قولىغا قويغىن! ئەنە شۇ چاغدا يولنى توغرا يۈرەلەيسەن، ھەق يولنىڭ بەلگىلىرىنى كۆرەلەيسەن. ئەسلا قورقمىغىن! چۈنكى، قاچان يەڭدىگۈدەك بولساڭ ئۇ سېنى تۇتۇۋالىدۇ.
بۇ سۆزلەر ئۇنىڭ چۈشىدە بارغانچە يۇقىرى كۆتۈرلۈشكە باشلىدى. بارا-بارا بۇ ئاۋازلار يۇقىرىلاپ گويا دۇمباق ئۇرغاندەك تەۋرىنىش ھاسىل قىلماقتا...
بېشىر ۋاقىرغان ھالىتىدە ئويغىنىپ كەتتى. بۇ چاغدا ھېلىقى بوۋاي ئىشىك ئالدىغا كەلگەن بولۇپ، ئامىرە ئۇنى قوغلىۋېتىپ تۇرغان ئىدى. بېشىر ئۇنىڭدىن نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى سورىغىنىدا، ئامىرە ھېلىقى بوۋاينىڭ يەنە شۇ سوئالنى سوراش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئىيتتى. بۇنى ئاڭلىغان بېشىر ئورنىدىن چاچراپ تۇردى-دە، يالاڭ ئاياق پېتى بوۋاينىڭ ئارقىسىدىن: «مانا مەن بار. مانا مەن...» دېگىنىچە يۈگۈرۈپ چىقتى. ئەپسۇسكى، شەيخ غايىپ بولغان ئىدى. بېشىر ئەنەشۇ شەيخنى... ئۇنىڭ ھېلىقى سۆزىنى، بەلكى، ھېلىقى قەلبىنى چىرمىۋالغان ۋە كەيپ-ساپاغا تولغان تۇرمۇشىغا خاتىمە بەرگۈزگەن ئۆزگىچە مەنىنى ئىزدەپ شۇ يۈگۈرگىنىچە يېڭى ھاياتىنى باشلىغان ئىدى.. ئەنە شۇنىڭدىن كىين بېشىر يالاڭ-ئاياق كىشىگە ئايلاندى. ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ مەڭگۈ ئاياق كىيىپ باقمىدى. چۈنكى، ئۇ ئاشۇ كۈندىن باشلاپ ھاياتىنى ئۆمۈر بويى ناماز ئېچىدە تۇرغاندەك ياشاپ ئۆتكۈزگەن ئىدى.

(بېشىر ئىبن ھافىي ھەزىرەتلىرىنىڭ ھافىي (يالاڭ ئاياق ئادەم) دەپ ناملىنىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى مانا بۇ دۇر.-ت)

ئاپتور: مۇھەممەد لەبىب.
مەۋلانا تەرجىمىسى.

pansat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 17:24:31

ھەقىقى قۇل بولماي تۇرۇپ ھەقىقى ھۆر بولغىلى بولماس


مەنىسى بەك چوڭقۇر گەپ ئىكەن.مەن نەپ ئالدىم.
سىلىگە رەھمەت

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 18:34:19

بۇ بىر راست بولغان ئىشمىدۇ ياكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا تارقالغان شۇنداق رىۋايەتلەردىنمىدۇ؟
ئەگەر شۇنداق بولسا، مەۋلانا ئۇستاز «ھەقىقىي قۇل بولماي تۇرۇپ ھەقىقىي ھۆر بولغىلى بولماس» دېگەن بۇ ئىخچام جۈملىنىڭ مەنىسىنى ۋە بېرىدىغان ھېكمەتلىك ئۈگۈتلىرىنى بىر شەرھىلىۋىتىپ ئاياغلاشتۇرغان بولسا تېخىمۇ مۇكەممەل بولار ئىكەندۇق.

ئەسەر تىلىنىڭ راۋانلىقى، سۆز جۈملىلەرنىڭ پاساھەتلىكلىكى، مەنالىرىنىڭ روشەن ۋە جايىدىلىقى مەۋلانا ئۇستازنىڭ مەن قايىل بولىدىغان تەرەپلىرىدىن. مۇشۇنداق يۇقىرى سۈپەتلىك ئەسەرلەرنىڭ يەنە سۇنۇلۇپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئۇستازغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە مۇكاپاتى بولغاي.

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 19:04:07

خەتكۈچ!!!!!!!

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 20:51:27

تەرجىمە بەك ئېسىل چىقىپتۇ. رەھمەت مەۋلانا ئەپەندىم.{:112:}
تەرجىمانلىقمۇ بىر ھۆنەر ئىكەن. ياخشى تەرجىمە قىلالمىسا، ھەرقانچە ئېسىل ئەسەر بولسىمۇ كىشىگە ئادەتتىكىدەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدۇ.
يازمىلىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن، ياقتۇرۇشۇمدىكى نۇرغۇن سەۋەپلەرنىڭ ئىچىدىكى بىر سەۋەپ، سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزدا ھازىر كۆپ ئۇچىراتقىلى بولمايدىغان، ياش بالىلار چۈشەنمەي قالىدىغان بەزى سۆزلۈكلەر ئۇچىرايدۇ. مۇشۇنداق سۆزلۈكلەر يۇقاپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىدى. سىز ۋە سىزگە ئوخشاش ئەزىزلىرىمىزگە رەھمەت.{:112:}

2828288 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 20:57:40

مۇھتەششام دىگن ئۇيغۇرچە سۆزما؟

oqugin يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 21:07:55

مەن بۇ ئەسەردىن نۇرغۇن بىلىم ئېلىۋالدىم بۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلىپ بىزگە يەتكۈزگەن مەۋلانا قېرىندىشىمغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 21:30:18

2828288 يوللىغان ۋاقتى2014-10-28 20:57 static/image/common/back.gif
مۇھتەششام دىگن ئۇيغۇرچە سۆزما؟

ھەشەمەتلىك دىگەن سۆز ئىكەنغۇ.:o

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 22:09:24

   مەۋلانە ئۇستازنىڭ ئىسمىنى كۆرسەملا، بۈيۈك ئىسلام مۇتەپەككۇرى مەۋلانە جالالىددىن رۇمىي ھەزرەتلىرى يادىمغا يېتىپ قالىدۇ .تەخەللۇسىدىن قارىغاندا بۇ زات رۇملۇقلار نەسلىدىن بولسا كېرەك. ئەگەر مەۋلانە ئۇستازىمىز قىممەتلىك ۋاقتىدىن سەرىپ ئېتىپ، بۇ زاتنىڭ تارىخىي ئىش ئىزلىرىدىن مۇنبەردىكى قېرىنداشلارنى بىر ۋاقىپلاندۇرۇۋەتسە، اللە كاتتا ئەجىرلەرنى بەرگەي!

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-11-8 07:37):
جالالىددىن رۇمىينىڭ بەزى كۆزقاراشلىرى ھەقىيقەتتىن چەتنەپ كەتكەندەك تۇيۇلامدۇ-قانداق؟

iqbal يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 22:52:01

ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت..ئاۋۇ سۆزنى ئاڭلاپلا يىغلاشقا باشلىغان ئىشىك باقاردىنمۇ ئاندىن كەيىپ ساپا ئىچىدە ياشاۋاتقان بىرى تۇرۇپ ئۇمۇ ئاڭلاش بىلەن چوڭقۇر ئويغا چۆككەن ۋە تېزلا ھەقىقەتنى تونىغان بېشىرئىبنى ھافىي ھەزرەتلىرىدىنمۇ ئەجەپلەندىم...بۈگۈن بىزلەر كىتابۇللاھتىكى مەنىسى ئوپئوچۇق ھۈكۈملەرنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇتەسىرلەنمەيمىز،ئەمەلغۇ يوق گەپ:funk: ....ئاقىۋەتلەرنى ئويلىسا يامان قورقۇنۇچقا چۈشىدۇ كىشى:funk:

iqbal يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 22:55:23

ناچار باھالىغۇچى چوقۇم تازا ئىچى ياماندىن بىرى چېغى،ئەمەس بولسا مانا مەن دەپ ئوتتۇرىغا چىقسۇن،كەچۈرۈم سورىۋالىمىز نارازىلىقى يوللۇق بولسا:lol

qoldikibulah يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 23:10:32

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qoldikibulah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-10-28 23:14

؟

pain333 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 02:31:52

ئەسلىسەم ئاۋۋالقىلار گۇناھ-مەسىيەتلەرنى بەدىنى كۆتۈرۈپ قالسىمۇ يۈرەكلىرى كۈتۈرەلمەيدىكەن...
گۇناھلارنى كۆتۈرەلمەيۋاتقان ئەزالىرىنىڭ مۇنكىراتلىرىغا بەرداشلىق بىرەلمەيۋاتقان
شۇ يۈرەك ھامان تاشلاتقۇزىدىكەن ئەزالاردىن شۇ ئېغىر بىئارام يۈكلەرنى. بىر لەھزىلەر كىلىپ بىر ئاددىيغىنە ھەق سۆز ۋەجىدىن روھ ئەمىن-ئاراملىق، قەلبلەر ئازادە--ھۆرلۈك مەقاملىرىغا پەرۋاز قىلىدى. تەن ئىتائەت ۋە مەدھىيەلىك بىر قۇللۇق بىلەن ھەقىقى مەنا ۋە قىممىتىنى روياپقا چىقاردى.
رەببىگە قۇل بولۇش لەززىتى ،دەشت-چۆللەردە ئاياقلىرىڭ كۆيمىگەنمىدۇ؟! يالاڭئاياق ئادەم! بىز ياشاۋاتىمىز قەلىبلەر قاتتى. گۇناھلارغا رەزىللىكلەرگە بەرداشلىق بىرەلەيدىغان ھالەتتە قىتىپ كەتتى.
شۇنىڭ ئۈچۈن بىز پۇتۇڭنىڭ چۆللەردە كۆيۈپ كەتمىگىنىگە ھەيران قالىمىز. شۇنچىلىك ئاددي بىر سۆز سەۋەبىي چۆرىۋەتكەن ئەيش-پاراغەتلىرىڭگە تاڭ قالىمىز ئىشىنەلمەيمىز. شۇنداق!گۇناھلارنىڭ ئېغىرىنى قەلب كۆتۈرەلىگەندە ھەممە رىۋايەتكە ئايلىنىدۇ...

SATAN يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 03:40:17

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   SATAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-10-29 06:14

ھەقىقى قۇل بولماي تۇرۇپ ھەقىقى ھۆر بولغىلى بولماس
ئىسىل گەپكەن .
ئۇزىنى سۆيمەيدىغان ئىنسان قۇللۇقنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدۇ شۇنداقملام ئۇزىنى سۆيمەيدىغان ئىنسان ھۆرلۇكنىڭ تەمىنى مەڭگۇ تىتىيالمايدۇ

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 04:43:22

ھەقىقى قۇل بولماي تۇرۇپ ھەقىقى ھۆر بولغىلى بولماس دىگەن بۇ جۈملىنى لوگىكىغا سىلىپ باقساق:
1.ھەقىقى ھۆرلىككە ئىرىشىش ئۈچۈن ھەقىقى قۇل بولۇش كىرەك.
2.ھەقىقى قۇل بولمىغان كىشى ھەقىقى ھۆر كىشى ئەمەس.
بۇ يەردە ھۆرلۈك ئاتالغۇسىغا ئىرىشىش ئۈچۈن ئىنسان چوقۇم قۇل بولۇش دىگەن شەرىتكە ئۇيغۇن بولىشى كىرەك.
يۇقارقى جۇملە رىئاللىقنى توغرا ئىچىپ بىرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ھەقىقەت ئەمەس.چۈنكى رىئال جەمىيەتتە ھەقىقى قۇل بولماي تۇرۇپمۇ ھۆر بولغىلى بولىدۇ.ھۆر بولىشى ئۈچۈن چوقۇم قۇل بولغانلىقى شەرتى كىرەك ئەمەس.

SATAN يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 05:57:41

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   SATAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-10-29 06:16

يۇقارقى جۇملە رىئاللىقنى توغرا ئىچىپ بىرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ھەقىقەت ئەمەس.چۈنكى رىئال جەمىيەتتە ھەقىقى قۇل بولماي تۇرۇپمۇ ھۆر بولغىلى بولىدۇ.ھۆر بولىشى ئۈچۈن چوقۇم قۇل بولغانلىقى شەرتى كىرەك ئەمەس
مەلۇم مەنىدىن ئېيىتقاندا دىگىنىڭىزنىڭ ئاساسى بار .لىكىن يىنە باشقا تەرەپتىن پىكىر يۇرگۇزۇپ كۆرسەك بۇنىڭ يىنە مۇنداقمۇ جەريانلىرى بۇلىدىكەن .
ئىنسان ئەمىلىيەتتە بىر ھىسىيات قەلەندىرى . ئىنسان پۇتۇن ھاياتىدا ھەر خىل ئارزۇ ئىستەكلىرىنى قۆغلۇشۇپ ياشاپ ئۇلۇپ كىتىدۇ . ئىنسان ھەر دائىم مەلۇمئارزۇ ياكى مەخسەتتە ياشايدۇ   ئىنسانلاردىنسەن نىمە ئۇچۇن ياشايسەن دەپ سۆرىسىڭىز بەزەنلەر دەيدۇمەن ئۇزۇم ئۇچۇن ياشايمەن ، بەزەنلەر دەيدۇمەن ئاتا-ئانام ئۇچۇن ياشايمەن ، بەزەنلەر دەيدۇمەن مۇھەببىتىم ئۇچۇن ياشايمەن ،بەزەنلەر دەيدۇ مەن مىللىتىم ئۇچۇن ياشايمەن ، بەزەنلەر دەيدۇمەن دىنىم ئۇچۇن ياشايمەن ،يىنەبەزەنلەر دەيدۇكۆڭلۇمگە پۇككەن ئارزۇ ئارمانلىرىم ئۇچۇن ياشايمەن ،،،، بەزەنلەر دەيدۇ ،،،،،،،، ،،،،، ئۇمۇممەن ئېيىتقاندا ئىنسان بۇ دۇنيادا مەلۇم مەخسەت ۋە ئارزۇ بىلەن ياشايدۇ،دىمەك ئىنساننىڭشۇ ئارزۇ مەخسەتلىرى ئىنساننى ئۇزى ئارزۇ قىلغان ھىسىياتلىرىغا قۇل بۇلۇشقا باشلايدۇ .ئىنسان بۇ ئۆمۇرىدە شۇ خىل ھىسىيات ئىچىدە ھىسىيات قۆغلۇشۇپ ياشاپ ئۇلۇپ كىتىدۇبىر ئارزۇسى قاندۇرۇلسا تەبىىئلام 2- بىر ئارزۇ شەكىللىنىدۇبۇنى قاندۇرسا يىنە تەبىئىلام 3- خىل ئارزۇ شەكىللىنىدۇبۇ مەنادىن ئېيىتقاندائىنسان بىر ھىسىيات قەلەندىرىدۇر .
ئەگەر ئىنسان ئۇزىنىڭ بىر قۇل ئىكەنلىكىنى يەنى ئۇزىنىڭ ھىسىياتى ۋە ئارزۇلىرىنىڭ قۇلى ئىكەنلىكىنى ھەقىقى سەزگەن ۋاختىدا ئۇزىدىكى ھەقىقى مەننى بايقاپ چىقالايدۇ شۇ چاغدائىنسان ئۆز ھىسىياتلىرىنى ئەقىلنىڭ سۇزگۇچىدىن ئۆتكۇزۇشكە باشلايدۇشۇ ئارقىلىق قۇللۇق بىلەن ھۆرلۇكنىڭ ئۆتتۇرىسىدا بىر چىگرا سىزىىپ چىقىدۇ ، ئەگەر ئىنسان ئۆز ھىسىياتىنى ۋە ئارزۇلىرىنىئەقىل ئارقىلىق تەڭپۇڭلاشتۇرىۋالىسا ھەقىقى قارار قىلىش ھۆقۆقىنى ئۆز قۇلىغا ئالغان بۇلىدۇ ،
تۆسقۇنسىز قارار قىلىش ھۆقۆقىنى تۇتۇپ تۇرۇش ئىنساننى ھەقىقى ھۆرلۇككە باشلايدۇ ،
كائىناتتىكى بارلىق مەۋجۇداتلار ئىچىدە پەقەت ئىنسانلام قۇللۇقتىن غالىپ كىلىش ئىختىدارىغا ئىگە قىلىنغان .

iqbal يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 06:38:10

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iqbal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-10-29 06:41

بۇ يەردىكى ھەقىقىي قۇل ۋە قۇللۇقنىڭ ھۆر ۋە ھۆرلۈكنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمىگەندەك تۇرىلا ئۇمۇن تەقسىر...يەنە جىقراق «تەپسىر»لەپ باقسىلا،سايىلىرىدە ئوبدان جاۋاپقا ئېرىشىپ قالىدىغاندەك تۇرىمىز {:92:}

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 09:00:58

بىر ئالىم مۇنداق دەيدۇ:
ئىنساندا ھەرخىل خاھىشلار بولىدۇ.. ئىنسان ياراتمىشتىلا شۇنداق ھەرخىل خاھىشلار بىلەن بىللە يارىتىلغان. مىسالەن: ئىنساندا يىمەك ئىچمەك ،ئۇخلاش ...قاتارلىق خاھىش ئېھتىياجلار بولىدۇ. بۇنى پەقەت شۇ خىل يول بىلەنلا قاندۇرغىلى بولىدۇ.ئۇنى ھالال يول بىلەن قاندۇرمىغاندا ،شەك شۈبىسىزكى ھارام يول بىلەن قاندۇرماي مۈمكىن بولمايدۇ. شۇنىڭدە ئىنساندا ھەم قۇللۇق خاھىشى باشتىن ئاياغ بولىدۇ. ئەگەر ئىنسان ئاللاھقا قۇللۇقنى بەجا كەلتۈرمىگەندە ، ئۇ ئۆزى بىلىپ بىلمەيلا باشقا نەرسىگەقۇل بولۇپ قالىدۇ. مىسالەن : ئىنسانلارغا ،ئاتالمىش ئەركىنلىككە ۋە ئۆزى بىلىدىغان مەلۇم نەرسىلەرگە ...
ئومۇمەن ئىنساننىڭ پۈتۈن تارىخى مانا شۇنداق بولۇپ كەلگەن. ئاللاھقا ئېتىقاد قىلمىسا ،باشقا نەرسىلەرگە ،بۇتلارغا ،تۈرلۈك تۈمەن شەيئىلەرگە قۇللۇق كەلتۈرگەن. بۇ شۇنداق بولماي مۈمكىن ئەمەس.مانا بىر قىسىملار ھېچنىمىگە قۇللۇق قىلمايمىز دەيدۇيۇ ...ئۆزىنىڭ ئەڭ پەس قۇل ھالەتكە كېلىپ قالغىنىنى بىلىپ بولالمايدۇ.
ئىنساندا ئەگىشىش خاھىشى بولىدۇ. مەسلەن بالا تۇغۇلغاندىن تارتىپلا ئاتا ئانىنى دوراشقا باشلايدۇ. ئەگەر ئۇ ھەممىگە قادىر زات ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلمىغاندا ،ئۇ بىلىپ بىلمەيلا ھەرخىل نەرسىلەرگە ئەگىشىشكە باشلايدۇ.
دەسلەپكى ياراتقان زات ، تەڭداشسىز ،ئادىل زاتقا قۇللۇق كەلتۈرۈش نېمىدىگەن چوڭ ھۆرلۈك ھە...؟!...ياراتقۇچىنىڭ پەيغەمبىرى بولغان مۇھەممەد(ئۇزاتقا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن)كە ئەگىشىش نەقەدەر پۇشايمانسىز ئەگىشىش ھە؟!....

patih007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 09:11:46

Uyghur يوللىغان ۋاقتى2014-10-29 09:00:58 static/image/common/back.gif
بىر ئالىم مۇنداق دەيدۇ:
ئىنساندا ھەرخىل خاھىشلار بولى
ئىزدىنىشتا مەن قايىل بولىدىغان قېرىندىشىمنىڭ بىرى سىز ، سىزنىڭ سۆزلىرىڭىز ھەقىقەتەن ئادەمنى قايىل قىلىدۇ .

murad يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 10:33:00

ھەقىقەتەن ھەققە ھەقىقىي قۇل بولمىغىچە، خەققە قۇل بولۇپ ئۆتىدىغان گەپ. ئېسىل ئەسەركەن.
«يەڭدەش» دېگەن سۆزنى ئۆگىنىۋالدىم، شۇ باھانىدە. بىر يانغا ساقىپ كېتىش دېگەن گەپكەن.
بەت: [1] 2 3 4
: يالاڭ ئاياق ئادەمنىڭ ھېكايسى(مەۋلانا)