tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 14:06:57

مەنپەئەت ۋە بەدەل(فېليەتون)

فېليەتون




    مەنپەئەت بىلەن بەدەلنىڭ قەدىمدىنلا مەۋجۇتلۇقى ھەممىگە ئايان، بۇرۇن ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ناھايىتى نورمال بولۇپ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا يېقىندىن بۇيان ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىپ كىتىپتۇ.
    ئۇشبۇ كۈنلەردە كەڭ دالىدىكى جىمى جانلىقلار ھېچنىمىدىن بىغەم، ئارتۇقچە ئىشلارنى ئويلىمايدىغان تۇرغۇن تۇرمۇشقا ئۆزلىرىمۇ سەزمىگەن ھالدا كۆنۈپ كېتىپتۇ.
    مۇشۇنداق تىنچ كۈنلەردە، مەنپەئەت بىلەن بەدەل قاتتىق ئازارلىشىپ قاپتۇ.

    كۈنلەرنىڭ بىرىدە بەدەل مەنپەئەتنى ئىزدەپ ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۆزىنىڭ سۆزلىرىنى بايان قىلىپتۇ.

    ـــ مەنپەئەت، سەن بىلەن بۇرۇن ھېچقانداق ئۆچ-ئاداۋىتىم يوق ئىدى، ئەمما يېقىندىن بۇيان، ماڭا باشقىچە غەرەزدە بولۇۋاتىسەن، مەنىۋىيىتى پۈچەكلىشىپ، ھاياتلىقنىڭ قىممىتىنى ئۇنتۇشقان بەزى جانلىقلار ساڭا قارىغۇلارچە ئىنتىلىپ، مېنى بەكلا ھالسىرىتىۋەتتى.ئۇلارنىڭ ئەقلىنىڭ قاياقلارغا غايىب بولغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ ئۇلار سېنىڭ قۇلۇڭغا ئايلاندى، سەن جاھاننى مالىمان قىلدىڭ.
    بەدەلنىڭ سۆزىنى ئېغىر بېسىقلىق بىلەن ئاڭلىغان مەنپەئەت تەمكىن ھالدا ئېغىز ئاچتى:

    ـــ بەدەل، سەن بەكلا قاقشاپ كەتتىڭغۇ، مەن سېنىڭ ئالدىڭدا شۇنچە گۇناھكارمۇ؟ سېنىڭ ئەقلىڭ بولسا ئوبدان ئويلاپ باق، ھەركىم ماڭا ھالال تەرى، ئەجىر-ئەمگىكى ئارقىلىق ئېرىشىسە، سېنىڭمۇ يۈزۈڭ يورۇق بۇلۇپ كەلدى، ئەمما ھېچقانداق مىھنەت قىلماي ماڭا ئېرىشكەنلەر بىر تەرەپتىن مېنىڭ ئوبرازىمنى خۇنۈكلەشتۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن سېنى بەكمۇ مۈكچەيتمەكتە، غاپىللىق، ھورۇنلۇق، تەييارغا ھەييار بولۇش، ھارامغا ئىنتىلىش قاتارلىقلار سېنىڭ بىلەن مېنىڭ خاراكتېرىمىزنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.

    مەنپەئەتنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان بەدەلنىڭ ئاچچىقى خېلىلا بېسىقىپ قالغان بولۇپ، مەنپەئەتنىڭ سۆزى ئۇنىڭغا يېڭى ئۈمىدلەرنى بېغىشلىغان ئىدى.

    ئۇ مەنپەئەتكە دوستانە بىر قاراپ قويۇپ سۆز قىلدى:
    ـــ ياخشى نىيەتتە ئېيتقان سۆزلىرىڭدىن تەسىرلەندىم، ساڭا بىر تەكلىپىم بار، ئاڭلاشنى خالارسەنمۇ؟

    ـــ قۇلىقىم سەندە، ـــ دېدى مەنپەئەت.
    بەدەل سۆزىنى داۋام قىلدى:

    ـــ بىز بۇنىڭدىن كېيىن ئارىمىزدا ئىختىلاپ كۆرۈلمەي تېخىمۇ ئىناق ئۆتۈشىمىز ئۈچۈن ئالدى بىلەن يامان غەرەزدىن يىراق تۇرايلى، جىمى جانلىقلار ساڭا ئېرىشىش يولىدا توختىماي تىرىشسۇن. مەلۇم مەنپەئەتنىڭ قەستەن قىزىقتۇرۇشى بىلەن ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان بەدەللەر ئەمدى تۆلەنمىسۇن. ئۇلار سۇدەك ئۆتۈۋاتقان قىممەتلىك ھاياتىنى قەدىرلەپ، بەخت يولىنى ئىزدىسۇن، بارچە كۆڭۈللەرگە ئازادىلىك بېغىشلايدىغان شەربەت سۆزلىرىڭنى ئېسىمدە چىڭ ساقلايمەن.

    ــــ مېنىڭمۇ ئەڭ چوڭ ئۈمىدىم شۇكى، جىمى جانلىقلارئۆزلىرىنىڭ كېلەچىكىگە ئوبدان ئىگە بولۇپ ئىزباسارلىرىنى بىلىم، ۋىجدان، غۇرۇر بىلەن كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىشلەپ ئاتا ئىزىنى بويلاپ، مەزمۇت قەدەملەر بىلەن دۇنياغا باقسۇن، ـــ دېدى مەنپەئەت بەدەلنىڭ چىڭ سىقىمدىغاچ.

    بۇ ۋاقىتتا قۇياش ئاسمان بىلەن بوي تالىشىۋاتقاندەك ئېگىز بولۇپ ياخشىلىققا يول ئالغان، چىن مەنىدىكى مېھرى ـ مۇھەببەتنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ ياشاۋاتقان جانلىقلارغا ئۆزىنىڭ تەڭداشسىز نۇرىنى سېخىيلىك بىلەن چاچماقتا ئىدى.
مەنبە:تور دۇنياس
بەت: [1]
: مەنپەئەت ۋە بەدەل(فېليەتون)