DDV يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 09:39:41

ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى

ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى
ئابابەكرى ئابدۇقادىر
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى، بىر ئىش بىلەن خوتەن شەھىرىگە بېرىشقا توغرا كېلىپ، ئەتتىگەندىلا ناھىيە بازىرىغا كىردىم. ئادەتتە ناھىيە كوچىلىرىدا قەدەمدە بىر ئۇچراپ: «خوتەنگە بارامسىز؟» دەپ سوراپ تۇرىدىغان شوپۇرلاردىن بىرسىمۇ ئۇچرىمايۋاتاتتى. ناھىيە بازىرى ئىچىدە قاتنايدىغان كىچىك ماشىنىلارمۇ بەكلا ئالدىراش ئىدى. بېكەت ئالدىغا پىيادە كەلدىم. بېكەت ئالدىدىمۇ يولۇچى تاپالماي ئايلىنىپ يۈرىدىغان كىچىك ماشىنىلار كۆرۈنمەيتتى. يولۇچىلار بېكەت دەرۋازىسى ئالدىدا توپلىشىپ تۇرۇۋالغان ئىدى. خوتەن تەرەپتىن بىرەر كىچىك ماشىنا كەلگەن ھامان ئۇلار شۇ ماشىنىغا ئۆزىنى ئېتىشاتتى. بېكەت ئالدىدا يېرىم سائەتكە يېقىن تۇرغاندىن كېيىن ئاران بىر ماشىنىغا چىقىشقا مۇۋەپپەق بولۇپ خوتەنگە ماڭدىم. يېرىم سائەت ئەتراپىدا ماڭغاندىن كېيىن خوتەن شەھىرىگە كىردۇق. شەھەر ئادەملەر ۋە ماشىنىلارغا تولغان بولۇپ، قەيەرگىدۇر كەلكۈن كەبىي ئاقاتتى. ئات بازىرى دوقمۇشىغا كېلىپ ماشىنىدىن چۈشۈشۈمگە ئون بەش ياشلار چامىسىدىكى چىرايلىققىنا بىر قىز ئالدىمنى توسۇپ: «ئاكا، گۈل ئېلىۋېلىڭ، دانىسى ئاران بەش يۈەن. يۈرگەن قىزىڭىزغا سوۋغا قىلسىڭىز سىزدىن چوقۇم خۇش بولىدۇ...» دېدى. قىزنىڭ تاتلىق گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بۈگۈن ئۇيغۇر ياشلىرى غەربلىكلەردىن يۇقتۇرغان «ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى» ئىكەنلىكى دەرھال ئېسىمگە يەتتى. شۇ ھامان ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان يىگىت-قىزلارغا چۈچۈك تىللىرى بىلەن چۇڭۇلداپ سۆزلىگەچ گۈل سېتىۋاتقان قىزغا قارىدىم. قىزنىڭ ئالدىدىكى سۇلياۋ چېلەكتە قىرىق-ئەللىك تالدەك گۈل تۇراتتى. قىز بىر جۈپ ياشقا گۈل سېتىپ بولغاندىن كېيىن مەن تەرەپكە قاراپ، تېخىچە ئورنۇمدا تۇرغىنىمنى كۆرۈپ مېنى گۈل سېتىۋالىدۇ، دەپ ئويلىدىمۇ، يەنە بايىقى سۆزلىرىنى تەكرارلىدى. قىزغا گۈل ئالمايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. قىز تاتلىق بىر تەبەسسۇم بىلەن مېنى ئۇزىتىپ قويدى. ئاچچىق ئويلار ئىلكىدە كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ كۆرۈشمەكچى بولغان ئادەمنىڭ ئىشخانىسىغا قاراپ ماڭدىم. يول بويى قوللىرىدا گۈل تۇتۇۋالغان ھەرخىل سىياق، ھەرخىل ياشتىكى ئادەملەرگە قاراپ بىر قىسمىلا بولۇپ قالدىم. ئاچچىق خىيال ئىچىمنى ئۆرتىگەن ھالدا كۆرۈشمەكچى بولغان ئادەمنىڭ ئىشخانىسىغا كەلدىم. ئىشخانىدا 27-26 ياشلار چامىسىدىكى چىرايلىق، يارىشىملىق كىيىنگەن بىر قىز كومپيۇتېردا بىر ئىشلارنى قىلىپ ئولتۇرغان ئىكەن. ئۇ مېنى يان تەرەپتىكى كرېسلودا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. مەن ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۇ قىز مەن كۆرۈشمەكچى بولغان ئادەمنىڭ يېرىم سائەت بۇرۇن خىزمەت بىلەن K ناھىيەسىگە كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ ئادەمگە تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ ئەتە كىلىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنى ئەتىگىچە ساقلىماقچى بولدۇم. ئىشخانىدىن چىقىپ گۈلباغقا كەلدىم ۋە چۈشلۈك تاماق يېيىش ئۈچۈن گۈلباغ دوقمۇشىدىكى «ئوردا تائاملىرى» ئاشخانىسىغا كىردىم. شۇنچە چوڭ ئاشخانىدا ئولتۇرغۇدەك بىرەر ئورۇنمۇ يوق ئىدى. بىردەمدىن كېيىن كۈتكۈچىنىڭ يول باشلىشى بىلەن چەتتىكى بىر بوش ئورۇندۇققا كىلىپ ئولتۇردۇم. ئادەتتە شۇنداق تېز چىقىدىغان تاماقمۇ بۈگۈن قېرىشقاندەك ناھايىتى ئۇزۇندا چىقتى. تاماقنى يەپ بولۇپ سىرتقا چىقتىم. گۈلباغ دوقمۇشىغا جايلاشقان بىرلەشمە خەۋەرلىشىش بىناسى ئالدىدا ئايىغىمنى مايلىتىۋېتىپ يوللارغا قارىدىم. يوللاردا ماشىنا ۋە ئادەملەر يەنىلا كۆپ ئىدى. ئايىغىمنى مايلىتىپ بولۇپ «شىنخۇا كىتابخانىسى»غا كىردىم. كىتابخانا ئىچىدىمۇ لىققىدە ئادەم. ئادەمنىڭ كۆپلۈكىدىن يېڭى كىتابلارنىمۇ كۆرەلمەي، بىردەم ئايلىنىپ كېلىش ئۈچۈن ئىتتىپاق مەيدانى تەرەپكە ماڭدىم. يول بويىدىكى ئاشخانا، كىيىم-كېچەك دۇكانلىرى، تاللا بازارلىرى... ۋاژىلداپ قايناپ كەتكەن بولۇپ، خۇددى جىمىي ئادەم شەھەر ئىچىگە توپلىشىۋالغاندەكلا ئىدى. ئىتتىپاق مەيدانىدىمۇ ئادەملەر مىغىلدىشاتتى. بۇ ھالدىن ئىچىم پۇشۇپ، ياتاققا بېرىپ دەم ئالماقچى بولدۇم. خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ ئۇدۇلىدىكى مېھمانخانىغا بېرىش ئۈچۈن كوچا ئاپتوبۇسى بېكىتىگە كەلدىم. كوچا ئاپتوبۇسلىرىدىكى ئادەملەر كوچىدىكى ئادەملەردىنمۇ كۆپتەك قىلاتتى. ئاپتوبۇسقا چىقىش مۇمكىن بولماي تاكسىغا ساقلىدىم. يېرىم سائەت ساقلىغان بولساممۇ بىرەر بوش ماشىنا كەلمىدى. خىيال سۈرگەچ پىيادە مېڭىپ مېھمانخانىغا كەلدىم. بۇ مېھمانخانىمۇ بۈگۈنكى بايرامنىڭ تەسىرىدىن چەتتە قالمىغان ئىدى. مېھمانخانا كۈتكۈچىسىنىڭ: «ياتاق قالمىدى» دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ ئۈن-تىنسىز كەينىمگە ياندىم. مېھمانخانا يېنىدىكى خۇسۇسىيلار كىتابخانىسىدىن سېتىۋالغان بىر نەچچە ژۇرنالنى ئوقۇپ كۈننى كەچ قىلدىم. كەچ بولغاندا گۈلباغقا كەلدىم. كەچلىك تاماق يېيىش ئۈچۈن يەنە ھېلىقى ئاشخانىغا كىرىپ بىر بوش ئۈستەلگە كېلىپ ئولتۇردۇم. كۈتكۈچى مەن بۇيرۇغان تاماقنى ئېلىپ كەلدى. تاماق يەۋاتقىنىمدا يېنىمدىكى ئۈستەلدە تامىقىنىڭ چىقىشىنى ساقلاۋاتقان بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى.
— يېقىندىن بۇيان تىجارىتىڭىز قانداقراق كېتىۋاتىدۇ؟
— يامان ئەمەس. سىزنىڭچۇ؟
— كىچىككىنە كىيىم دۇكىنىنىڭ سودىسىنى قانچىلىك ياخشى بولاتتى دەيسىز؟ پەقەت شۇ ئىككى ھېيتتىلا ئاز-تولا پۇل تېپىۋالىدىكەنمىز. قالغان چاغدا تاپقان پۇل دۇكان ئىجارىسى، توك، سۇ پۇلى دېگەنلەردىن ئاشمايدۇ...
— ئۇغۇ شۇ، بەزىدە تىجارەت دېگەننىڭ ئارزۇلايدىغان يېرى يوق.
— شۇنى دەڭە.
— تىجارەتنىڭ ئالدىراشلىقىدا سىز بىلەن مۇشۇنداق پەيزى بىر كۈننى ئۆتكۈزۈش ئەجەپ تەسكە چۈشتى دېسە...
— شۇنى دەيمەن، سىزمۇ پو ئېتىپ قويۇپ، ھە دېسە ئۆيىڭىزدىن چىقالمايدىكەنسىز. ئايالىڭىزدىن قورقىسىز دېسەم تېخى ئۇنىمايسىز؟
— ئايالىمدىن قورققىنىم ئەمەس، ئۈچ بالا بار ئەمەسمۇ باقىدىغان؟
— ئۇنداقتا ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىنى نېمە دەپ چۈشەندۈرىسىز؟
— مۇھەببەت دەپ...-ئەر سەت ھىجايدى. شۇ ھامان ئۇ ئەرگە سەپسالدىم. ئۇ 45 ياشلار ئەتراپىدىكى ئادەم بولۇپ، ساقىلىنى پاكىز قىرىپ، چېچىنى يان تەرەپكە ئايرىپ تارىۋالغان، ئۈستىگە قارا رەڭلىك كاستيۇم كىيىۋالغان ئىدى. تۇرقىدىن قارىغاندا يېڭىدىن تىجارەت يولىغا كىرىپ، قولى ئەمدىلا ئازدۇر-كۆپتۇر پۇل كۆرگەن يېڭى تىجارەتچىدەك قىلاتتى. يېنىدىكى ھەمراھى 40 ياشلار چامىسىدىكى ئايال بولۇپ، گەپ-سۆزلىرىدىن، كىيىۋالغان كىيىملىرىدىن ۋە قىلىۋالغان گىرىملىرىدىن ئۇنىڭ سەھرادىن كەلگەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى.
— قېرىغاندا مۇھەببەت، مۇھەببەت... دېسىڭىز ئادەمگە قىزىقلا تۇيۇلىدىكەن.
— نەدىكىنى، بىز تېخى قېرىمىدۇق. بۇ بىزنىڭ شاش ئاتتەك چاپچىپ تۇرىدىغان چاغلىرىمىز. يۈرىكىمدە سالغان ئوتلىرىڭىز لاۋۇلداپ كۆيۈپ تۇرىدۇ شۇ تاپتا...
— ئۇنداقتا مېنى راستلا ياخشى كۆرەمسىز؟
— راست بولماي ئەمىسە.
— بۇ يەردە ماڭا بۇنداق دېگەن بىلەن ئۆيىڭىزگە بارسىڭىز ئايالىڭىزغىمۇ بۇنداق گەپلەردىن تاغارلاپ دەيدىغانسىز؟
— نەدىكىنى، ئۇنى ھەر قېتىم كۆرسەم ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغىنىمغا شۇنداق پۇشايمان قىلىمەن.
— ئەر كىشى دېگەن شۇنداق نېمە ئەسلى.
— ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ.
— راست ئەمەسمۇ؟
— بولدىلا، باشقا گەپ قىلايلى. ھە راست، ئېرىڭىز ئۈرۈمچىگە نېمىشقا چىقىپ كەتتى؟
— مالغا ماڭدى.
— قاچانلاردا كىرىدۇ؟
— ھەپتىلەردىن كېيىن كىرەرمىكىن؟
— ئۇنداقتا ياخشىغۇ. ئەمىسە بۈگۈن-ئەتە قايتمايلى.
— ئۆيگە قايتماي نەگە بارىمىز؟
— شەھەر دېگەندە ئالىي دەرىجىلىك مېھمانخانا دېگەن تولا نېمە. بۈگۈن ياتاقتىن بىرنى ئاچقۇزۇپ تۈزۈك ياشايمىز.
— قېلىننىڭ گېپىنى...-ئايال شۇنداق دەپ ناز بىلەن كۈلۈپ قويدى.
— بۈگۈنكى ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ سىزگە بىر سوۋغات تەييارلىغان ئىدىم. ھېلى ياتاققا كىرگەندە سىزنى خۇش قىلىۋېتەي.
— ۋاي راستمۇ؟ سىز نېمىدېگەن ياخشى...-ئايالنىڭ نازلىنىشلىرىدىن سەسكىنىپ، تېخىچە يەپ بولالمايۋاتقان تامىقىمنى قويۇپ سىرتقا چىقىپ كەتتىم. بىرلەشمە خەۋەرلىشىش بىناسى ئالدىدىكى رىشاتكا ئۈستىگە جەينىكىمنى قويۇپ يولدىن تىنىمسىز ئۆتۈۋاتقان ماشىنىلار بىلەن ئادەملەرگە قارىغاچ خىيال سۈرۈشكە باشلىدىم...
غەرب مەدەنىيىتىدىن ئۇيغۇر يىگىت-قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىپ، تەسىر-دائىرىسىنى بارا-بارا كېڭەيتكەن ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى مانا ئەمدىلىكتە ياشلاردىن ھالقىپ ئائىلىسى، ئايالى ۋە بالىلىرى بار بىر تۈركۈم ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشىغا بۆسۈپ كىرىپتۇ. بۇ بايرام بىر قىسىم نادان كىشىلىرىمىزنىڭ قارىغۇلارچە قوبۇل قىلىشى بىلەن ئەسلى ماھىيىتىنى يوقىتىپ، مىللىتىمىزنىڭ ئەدەب-ئەخلاقىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغان، ئائىلە ۋە نىكاھتىن ئىبارەت سۆيۈملۈك قورغانلىرىمىزغا ھۇجۇم قىلىدىغان، قىسقىسى، بىر قىسىم ناشۈكۈر كىشىلەرنىڭ ئەخلاقتىن چەتنىگەن ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى قاندۇرىدىغان پائالىيەت سورۇنىغا ئايلىنىشقا باشلىدى. ئۆز تۇرمۇشىدا بولمىغان ئىشلارنى مەدەنىيەت دەپ چۈشىنىدىغان بىر قىسىم ئادەملەر بۇ بايرامنى ناھايىتى تېزلا ئۆزلىرىنىڭ چىركىن تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇۋالدى. نەتىجىدە ئەخلاق بىلەن قۇرۇلغان بارلىق رامكا-قورغانلار پاچاقلاپ تاشلىنىپ، ئىككى جىنسنىڭ بىر-بىرىگە بولغان شەھۋانىي ئىنتىلىشلىرىنى مۇھەببەت دەپ چۈشىنىدىغان، ماكان، زامان ئايرىماي ئىشرەت پەيزىنى سۈرۈپ، پاك جۈپلىرىنىڭ ھالال رىزقىغا خىيانەت قىلىدىغان ھادىسە كىلىپ چىقتى.
ئىنسانىيەت دۇنياسى ئاپىرىدە بولغان ۋە ئادەملەر يارالغان نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان دۇنيادىكى ئىككى يۈزدىن ئارتۇق دۆلەتتە ياشاۋاتقان نەچچە مىڭلىغان كىشىلەر ئەخلاقنىڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. ئەخلاقنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي مۇۋازىنىتىنى تەڭشەپ تۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلار ئۇنى قوغداش ئۈچۈن ناھايىتى زور قۇربانلارنى بەردى.
ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزىگە خاس ئەخلاق ئۆلچەملىرىگە ئىگە قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇيغۇرلار قەدىمىي زاماندا ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، باتۇر-قورقۇمسىزلىقى، ۋە قەيسەر-مەردانىلىقى بىلەن بەلگىلىك تەسىر كۈچىگە ئىگە بولغان، تارىختا سانسىزلىغان شۆھرەتلىك ئىزنالارنى قالدۇرغان. ھالبۇكى، 21-ئەسىرنىڭ بوسۇغىسىدىن قەدەم ئېلىپ تېخى ئون نەچچە قەدەم باسا-باسمايلا ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەخلاق قارىشى بىزنىڭ ئېڭىمىزدا خۇراپىيلىق، مەدەنىيەتسىزلىك، قالاقلىق سانىلىپ، ياۋروپانىڭ تاشلاندۇق مەدەنىيىتى ئالدىدا بويۇن قىسىپ قېلىشقا ۋە قاياقلارغىدۇر چۆرۈۋېتىلىشكە باشلىدى. ئاتالمىش ياۋروپا مەدەنىيىتىنى قوللىغۇچى، قوبۇل قىلغۇچى مۇرتلار ئەخلاقنى ئاددىي بىر نەرسە ئورنىدا كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ پەس كۆڭلىنى ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن خۇش قىلىپ، ئارقا كوچىلاردا تېنەپ يۈرمەكتە.
ئىنسانلار ئۈچۈن ئەخلاقنى دەپسەندە قىلىش ماھىيەتتە ئۆزىنى ۋەيران قىلىش بولۇپ، ئۆز قەۋمىنىڭ ئەخلاق مىزانلىرىنى قوغدىيالمىغان ئادەمنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق پاجىئەگە يۈز ئاچىدۇ. بۇ پاجىئەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل ئادەملەرنىڭ ئەخلاقتا چېكىنىشى بولۇپ، بارلىق يوقىتىش ئەخلاقنىڭ يوقىلىشىدىن باشلىنىدۇ...
بىر چاغدا يۈز-كۆزلىرىمنى يېنىك سىيپاپ ئۆتكەن سەلكىن شامالدىن ۋۇجۇدۇم بىر ئاز ئىللىقلىققا چۆمگەندەك بولدى. سائىتىمگە قارىدىم. سىترىلكا 11 نى كۆرسىتىپ تۇراتتى. يول چىراقلىرى ئۆچۈپ بولماستا بىرەر مېھمانخانىدىن ياتاق تېپىۋېلىش ئۈچۈن ئالدىرىدىم. شۇ تاپتا خىيالىمغا: «بۈگۈن ھېلىقى ئازغۇن ئەر-ئايالغا ئوخشاش قانچىلىغان ئادەم چەت ناھىيە، يېزا ۋە كەنتلەردىن ‹ئاشىق-مەشۇقلار› بايرىمىنى خۇشال ئۆتكۈزىمىز، دەپ ئۆزىنىڭ ھالال جۈپلىرىگە خىيانەت قىلىپ، شەيتان بىلەن ئۈلپەت بولۇش غەرىزىدە شەھەرگە كەلگەندۇ؟» دېگەن سوئال پەيدا بولدى...

بۇ ماقالە «يېڭى قاشتېشى» ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ 2011-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 5-ﺳﺎﻧﯩﺪا ئېلان قىلىنغان.

tuz يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 11:27:26

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

ئاياللاردا ئىپپەت - نۇمۇسنىڭ يوقىلىشى ، ئەرلەردىكى ئەركەكلىك مەسئۇلىيەتنىڭ ئۆلگەنلىكىنىڭ بىشارىتىدۇر . مۇشۇنداق ئەخلاقسىز شەرەپسىز شەرمەندە رەسۋالارنىڭ كاساپىتىدىن ، غۇرۇرلۇق ، ۋىجدانلىق ، ئەخلاق - پەزىلەتلىك كىشىلەرگە ۋىجدانى چۇقان كۆتۈرۈپ ئارامچىلىق يوق ...............

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 12:01:16

مەن داۋاملىق موتو ساقلايدىغان جايدا تۇرۇپ تازا خىيال سۈرۈپسىلە:lol

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 12:13:44

بازارلىق تېما.

zaghra يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 12:26:25

ئەرلەرنىڭ دەردىنى تۆكۆۋالىدىغان ،ئاياللارنىڭ بىزگە تەسەللى بىرىدىغان تىما:P:lol

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 13:00:05

DDVغا نان تۈگۈرۈپ يەپ ئولتۇرۇپ كەلگەن ئىلھام نىڭ جىددىي تۈرۈتكىسىدە يىزىلغان ‘’ئەسەر‘’ ئىكەندە

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 13:19:56

راس شۇنداقتەك قىلدۇ، 10 ياشلىق بالىنىڭ ماقالىسىدەك چىقىپتۇ، قىلچە يىڭىلىق يوق.. lol:lol:lol:lol

cooloff يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 13:44:22

ھارمامسىلەر مۇشۇنداق بىر نىمىلەرنى يېزىپ ، قىلچىلىك پايدىسى يوق گەپلەركى، ئادەمنى چۈشكۈنلەشتۇرۈپ ،ئۇيغۇرلار مۇشۇنداق ھالغا كەپ قالدۇقمۇ دەپ ياقىلىرىمىزنى چىشلەتكۈزىدىغان گەپلەركەن.........ئۇدۇللا دەۋەدىم!

bayram يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 15:46:25

مىسرانىمغا يوللانغان بولسا ئاۋات تېمىلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىدىن گۇمان يوق ئىدى،لېكىن  يېقىننىڭ ياقى ئىزدىنىشتىمۇ ساراڭلار خېلى ئاۋۇپ قالدى  ،شۇلار سەۋەبلىك  كونا نورمال ئەزالارمۇ جۆيلۈيدىغان بولۇپ قېلىۋاتىدۇ ، شۇڭلاشقا بۇ تېمىنىڭ ئاۋاتلىق بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ.{:112:}

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 15:47:43

بۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ نېمە يېزىۋاتقانلىقىنى ، ئەسلى ‹يېزىش›دېگەن نەرسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىشكە يەنە ئۈچ-تۆت مىڭ يىللار بارمىكىن ...

bayram يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 15:54:18

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-28 12:13 static/image/common/back.gif
بازارلىق تېما.

ئەخلەت يېمەكلىكتەكمۇ:lol

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 15:55:28

بۇ ئىنكاسلار بۇ تىمىنىڭ ئاۋاتلىشىشىنىڭ مۇقەددىمىسىمۇ؟

bayram يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 16:03:22

«غەرب مەدەنىيتى »دېگەن نېمە ؟

wuyyu يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 16:05:45

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-28 12:13 static/image/common/back.gif
بازارلىق تېما.

قوناق

elipbe يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 16:18:10

قاغىغا جاھان قارا كۆرۈنەرمىش  دەيتتى چوڭلار

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 16:24:09

بۇ يىل ئاشىق مەشۇقلار بايرىمى بولغاندا، ئالاھىدە سالاھىيەتتىن بىرنى ئارقا ئىشىك بىلەن ھەل قېلىپ، بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا بايرام ئۆتكۈزىۋاتقان ئۇيغۇر ئاشىق مەشۇقلارنىڭ سانىنى ئېلىپ باقىدىغان ئىشمىكىن.

tuz يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 16:52:49

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

مۇنبەرداشلار ئارسىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت كۆپىنچە ئەيبىنى ئالدى بىلەن قارشى تەرەپتىن ئىزدەشتىن كېلىپ چىقىدۇ .
ئىللەتلەرنى قامچىلاپ رەددىيە بىردىغان ، خىسلەتلەرنى ئالقىشلاپ مەھدىيە ئېيتىدىغان ئىسىل مىللەتقۇ بىز ؟ زادى نىم بولغاندۇق ؟ قۇسۇر تاپمىساق كۆڭلىمىز ئارام تاپمايدىغان كۈنگە قالدۇقمۇ ئەمدى ؟ !

KARAHANJAR يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 17:01:59

ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى
بۇ بايارمغا يىنە 2 ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت بار . ئالدىن ئالا يۇرگۇزىلىۋاتقان تەشۋىقاتكەندە بۇ .

KARAHANJAR يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 17:43:55

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KARAHANJAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-28 17:53  

ئىللەتلەرنى قامچىلاپ رەددىيە بىردىغان ، خىسلەتلەرنى ئالقىشلاپ مەھدىيە ئېيتىدىغان ئىسىل مىللەتقۇ بىز ؟ زادى نىم بولغاندۇق ؟ قۇسۇر تاپمىساق كۆڭلىمىز ئارام تاپمايدىغان كۈنگە قالدۇقمۇ ئەمدى ؟ !
كىسەل جىق بۇ خەقتە    ئۇيغۇرۇم دىگەنلەرگە  تار مىللەتچى  دىگەن قالپاق تەييار ، پەن تېخنىكا  تەرەقىيات دىگگنلەرگە دىن دۇشمىنى دىگەن قالپاق تەييار  ،  دىنىم دىگەنلەرگە چالا مۆللا ياكى بىر نىمىگە ھۆددىگەر پىر دىگەن قالپاق تەييار ، تۇرۇك دىگگنلەرگە ئاشقۇنم مىللەتچى پان تۇركىس دىگەن قالپاق تەييار ، مۇسۇلمان دىگەنلەرگە ئەرەپنىڭ ئىشىكى دىگەن قالپاق تەييار  ،  كۇزۇڭنى ئاچ دىگەنلەرگە غەرىپنىڭ غالچىسى دىگەن قالپاق تەييار ، ،،،،، ئىش قىلىپ بۇ دۇنيا دا ھەممە ئادەم ئۇزىگە ئۇزى ئىگە بۇلۇپ ياشاۋاتسا بىزنىڭكىلەر مۇشۇنداق قىلتاقلار تۇپەيلى ئۇزىگە ئۇزى ئىگە بۇلالماي  ئۇزى بۇلۇپ ياشىيالماي  ياكى بىر باشقىلاردىن ئۇلگە ئالالماي ياشايدۇ  

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 18:07:04

KARAHANJAR يوللىغان ۋاقتى  2014-10-28 17:43 static/image/common/back.gif
كىسەل جىق بۇ خەقتە    ئۇيغۇرۇم دىگەنلەرگە  تار مىللەتچى ...

باشقا مىللەتلەر توغۇرلۇقمۇ تەتقىقاتىڭىز بارمۇ؟
بەت: [1] 2 3
: ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى