dunya يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 08:57:55

ماڭا ئەركىنلىك بەر، دادا !!

دادا، ئۇزۇندىن بۇيان ساڭا دىيىشنى ئويلىغان، ئەمما دىيىشكە پېتىنالمايۋاتقان بىر گېپىم بار ئىدى . بۈگۈن كۆڭلۈمدە ئويلىغانلىرىمنى ساڭا قەغەز يۈزىدە بولسىمۇ ئىزھار قىلىۋېلىشقا رۇخسەت قىلغىن !
دادا، كىچىك ۋاقىتلىرىمدا مېنىڭ يۈتۈپ كېتىشىمدىن ياكى نىيىتى بۇزۇق ئەسكى ئادەملەرنىڭ ئالداپ ئېلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، مېنى ئەتىگەن ۋە كەچتە مەكتەپكە ئۆزۈڭ ئاپىرىپ ئەكىلەتتىڭ. چۈنكى ئاپامنىڭ خىزمەت ئورنى ئۆيىمىزدىن يىراقراق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچە كېچىلىك ئىسمىنىدا ئىشلەيىتتى.
ھازىر مەن ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىپ ئاق-قارىنى پەرق ئەتكۈدەك بولدۇم . بىراق سەن مەن چوڭ بولغانسېرى ماڭا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيىتتىڭ. قىز ساۋاقداشلىرىم بىلەن تېلفۇندا نورمالنى پاراڭلاشسساممۇ ، مېنى 《قىزلار بىلەن مۇھەببەتلىشىۋېتىپتۇ》دەپ ئويلاپ ، مەكتەپكە كېلىپ قىز ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئالدىدا مېنىڭ يۈزۈمنى قويمىساڭ؛ 《تاماكا چېكىشنى ئۈگىنىۋالىدۇ ياكى تورخانىغا ئۈگىنىپ قالىدۇ》دەپ پارچە-پۇرات خەجلىگىلى بىر تىيىنمۇ پۇل بەرمىسەڭ؛ 《ئەسكى بالىلار بىلەن ئارىلىشىپ قېلىپ يامان يولغا مېڭىپ قالىدۇ》دەپ مېنى سىرىتقا چىقىپ ئوينىغىلى قويمىساڭ؛ ھېيىت-ئايەملەردە مۇئەللىمنىڭ ياكى ساۋاقداشلارنىڭ ئۆيىگە بارىمەن-دەپ ئۆيدىن چىقسام، كەينىمدىن خۇددى ئاپشاركىدەك ئىز قوغلاپ ماڭساڭ؛ ھەتتا تېلېۋىزۇر كۆرىۋاتسام 《ھازىر ھەممە قانالدا بىمەنە نەرسىلەرنى بېرىدىغان بولۇپ كەتتى》دەپ مېنى تېلېۋىزۇرمۇ كۆرگىلى قويمىساڭ .............
دادا، ئىدىيەڭنى ئازات قىلساڭچۇ؟! ھېلىمۇ مەن مەكتەپداشلىرىمنىڭ ئالدىدا قورقۇنچاق، قىز ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئالدىدا غەيرى مىجەز، مەھەللىدىكى تەڭتۇشلارنىڭ ئالدىدا ئۆي مۈشۈكى، مۇئەللىملەرنىڭ ئالدىدا يارىماس ھېساپلىنىمەن.
دادا، سىنى بەك مۇتەئەسسىپ، خۇراپىيمىكەن دىسەم، بەزى 《مودىلار》نى ناھايىتى تېزلا قۇبۇل قىلىسەن. بىرەر تۇققىنىمىز 《بالامغا ئىسكىرىپكا چېلىشنى ئۈگىتىۋاتىمەن 》 دىسە، مېنىڭ قىزىقىشىم بىلەن كارىڭ يوق ئەتىسىلا ماڭىمۇ ئىسكىرىپكا ئېلىپ بېرىسەن. بىرەر خىزمەتدىشىڭ بالىسىغا پىئانىنو چېلىشنى ئۈگىتىۋاتقان بولسا شۇ ھامانلا خەقنى دورايسەن. 《دادا، ماڭا گىتار ئېلىپ بەرسەڭ》دەپ ئۆز ئارزۇيۇمنى ئېيىتسام، 《گىتار دىگەننى ھاراقكەش چالىدۇ》دەپ ئاغزىمنى تۇۋاقلايسەن.
دادا، ئالدىنقى مەۋسۈمدە مېنى قانداق دۇمبالىغىنىڭ ئېسىڭدىمۇ؟
جۇغراپىيە ئىمتىھانى يىللىقلار بويىچە قىيىن چىقىرىلىپ، مەن 63 نومۇر ئېلىپ سىنىپ بويىچە بىرىنجى بولدۇم. لېكىن سەن ئىمتىھان نەتىجىسىنى كۆرۈپلا مېنى تىللاپ كىيىم ئاسقۇچ بىلەن ئۇردۇڭ. قانچە چۈشەندۈرسەممۇ 《باھانە سەۋەپلىرىڭ كۆپ سېنىڭ》دەپ گېپىمنى ئاڭلىمىدىڭ.
بىر قېتىم سەن سىرىتقا چىقىپ كەتكەندە تاپشۇرۇقۇمنى ئىشلەپ بولۇپ تېلېۋىزۇر كۆردۈم. سېنىڭ قايتىپ كەلگەندىكى ئاياق تىۋىشىڭنى ئاڭلاپلا ئالمان-تالمان تېلېۋىزۇرنى ئۆچۈرىۋېتىپ كىتاۋىمغا قارىۋالدىم.
سەن گۇمان قىلىپ 《شەيتان ساندۇقى》نى كۆرسىتىپ، تېلېۋىزۇر كۆردۈڭمۇ ؟-دەپ سورىدىڭ، مەن سېنىڭ 《ئۈگىنىش قىلماي ئويناپسەن》دەپ ئەيىپلىشىڭدىن قورقۇپ 《ياق》دىگىنىمنى بىلىمەن، يەنە تاياققا قالدىم . ئەسلى ئۇقسام سەن قىزىپ كەتكەن تېلېۋىزۇرنى تۇتۇپ بېقىپ مېنىڭ يالغان ئېيىتقىنىمنى بىلىۋاپتىكەنسەن. شۇنىڭدىن كېيىن مەن ساڭا راسىت گەپ قىلمايدىغان بولدۇم. تۈرلۈك چارە-ئاماللارنى ئويلاپ سېنى قايمۇقتۇرۇپ، ئۆزەم خالىغان ئىشلارنى قىلىدىغان بولۇۋالدىم.
دادا، سەن ھەمىشە 《جاھان بۇزۇلۇپ كەتتى، بالىلار ئەسكىرىشىۋالدى، بالىمىزنى خۇدايىم ساقلىسۇن》لا دەيسەن . لېكىن بىلەمسەن يوق، ئادەمنىڭ بۇزۇلۇشىغا سىرىتقى ئامىللار ئەمەس، ئىچكى ئامىلمۇ سەۋەپلىك.
دادا، بىلىمەن ، ماڭا كۆيۈنۈپ كەلگۈسىمنى ياخشى بولسۇن دەيسەن. لېكىن كۆڭۈل بۆلۈشمۇ چېكىدە بۇلۇشى كېرەك. مەن تۈرمىدىكى مەھبۇس ئەمەس ! ماڭىمۇ ئازراق ئەركىنلىك بەرگىن، دادا !!!

مەنبە : 《ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى》نىڭ 2641-سانىدىن ئېلىندى.

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 09:18:44

(پارسچە)
بۇ ، بومماپتۇ دادىڭىز
(ئۇيغۇرچە)
بۇ بومماپتۇ ئاتىڭىز غا دەپ قويايلى
چىڭ تۇتقىنى ياخشى چۈنكى جەمىيەت قالايمىقان ئەنسىز شۇڭا ئەنسىرەيدۇ
لىكىن سىزنىڭ مۇستەقىل كۆز قارشىڭىزنىڭ بولىشى قانداق ئادەم بولۇشنى تاللاش ھوقۇقىنىمۇ بەرمىگىنى سىزنى ماشىنا ئادەم ئورنىدا كۆرگەنلىك بوپ قاپتۇ ، مىنىڭچە ئائىلە تەربىيەسى تاياق ئارقىلىق ئەمەس ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش توغرا خاتا كۆزقارشى يىتىلدۈرۈش دىگەندەكلەردە يىتەكلەپ قالغىنىنى سەل ئەركىن قويۇپ بىرىش كىرەك

Erkbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 13:40:03

سىرىتتا ئوت كۆيۈۋاتسا ،ئوتنى ئۆچۈرۈشتىن يالتىيىپ ئىشىك - دېرىزىنى ھىم تاقاپ ئولتۇرغاننىڭ پايدىسى بارمۇ؟!ئەڭ ياخشىسى ئوتنى ئۆچۈرۋەتكەن ياخشى!
بەت: [1]
: ماڭا ئەركىنلىك بەر، دادا !!