dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 07:48:00

ئۇنتۇلۇپ كېتىش

ئۇنتۇلۇپ كېتىش
*
غېنى سەمەت
*
پۇللار مېنى ئۇنۇتۇپ كەتتى
مەن ئۇنۇتۇپ كەتكەندەك نەسىھەتلەرنى
گۈللەر مېنى ئۇنۇتۇپ كەتتى
مەن ئۇنۇتۇپ كەتكەندەك تېگى پەسلەرنى
*
ئورگىنالى قايتقان ئەسەردەك
مەن شۈمشۈيۈپ ياتقىلى نە ۋاق
بىلمەسمەن قوشنىلىرىم ئۆلۈپ كەتتىمۇ
بىلمەسمەن ياغقىنى يامغۇرمۇ، قارمۇ
ھېچبىر ئىشقا رايىم يوق شۇنداق
*
كۆزلىرىم پىلدىرلاپ قالغان مەھەلدە
تاماقتىن دېرەك يوق، ياردىن خەۋەر يوق
مەسخىرە قىلسىمۇ مەيلىتى ئۆيۈم
بولمىسا تاملارنىڭ كۆزلىرى يورۇق
*
بۇۋاقنىڭ داكىسى ئېسىمگە كەلدى
پېقىردەك شۇنچە تېز قۇرۇپ كېتىدۇ
مىسكىنلىك غەنىيمەت غۇربەتلىك كەبى
بېلىقتەك ئۇنتۇغاق ئۇشبۇ دەۋراندا
غېرىبنىڭ ھالىغىمۇ غېرىب يەتمەيدۇ
*
قەسەمنى شارابتەك ئىچكەن دوستلىرىم
خوش بولاي، قەسەمدەك يوقاپ كېتىڭلار
سىلەردىمۇ بار نازۇك بىر قەسىر
بەلكى ئىسمى كۆڭۈل دەيدىغان
ئۆتۈنەي، شۇ قەسىرىڭلارنى  يوقلاپ قويۇڭلار
*
ئەسلەشنى كۈتمىدىم، ۋايسىمىدىم ھەم:
يادىڭدا بارمۇ - يوق ئەي دۇنيا مەن دەپ؟!
ئارانلا تۇرغان شۇ قەلبىمنى ئاياپ
ياتارمەن تايىنى يوق ئۆزۈمگە سۆزلەپ…
2014-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۈرۈمچى


Toghrak يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 08:34:10

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Toghrak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-28 08:36  

ياخشى چىقىپتۇ،تەڭگە تاشلاي دىسەم ..........،يا چىراي ىپادىسى يوللىغىلى بولمايدىكەن.    چوڭ بارماقنى چىقاغان چىراي ىپادىسى

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 09:18:48

قېنى ماۋۇ غېنەكباي،تېمىنى ماڭا چىقارغۇزۇپ ئۆزى يوقا{:92:}{:92:}{:92:}

pari87 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 12:28:23

بۇ شېئىرنى بەكمۇ ياقتۇردۇم ... تەڭگە بىرەي دېسەم شېئىرنىڭ پەش چىكىتى يوقكەن...:lol
بەت: [1]
: ئۇنتۇلۇپ كېتىش