karam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 01:10:51

گۇگىل تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى ئامازون بىلەن روبىرو رىقابەتلىشىدۇ.


گۇگىلنىڭ (Google) ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى كىم؟ گۇگىلنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى شىمىېيد (Schmidt) يېقىندا بېرلىندا بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىپ، گۇگىلنىڭ رىقابەتچىسىنىڭ مىكروسوفت (Microsoft) ياكى ياخۇ (Yahoo) بولماستىن بەلكى ئامېرىكىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا شىركىتى ئامازون (Amazon) ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

شىمىېيدنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن بىر يىلدا ئۈچتىن بىر قىسىم توردىن مال سېتىۋالغۇچىلار ئامازوندىن مال سېتىۋالغان بولۇپ، بۇ سان گۇگىلدا مال سېتىۋالغانلار سانىنىڭ ئىككى ھەسسىگە توغرا كېلىدىكەن.

گۇگىلمۇ بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تېرىشىۋاتقان بولۇپ، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا گۇگىل سان فىرانسېسكو ۋە كىرېمنىي جىلغىسىدا مالنى شۇ كۈنى ياكى ئىككىنچى كۈنى يەتكۈزۈپ بېرىدىغان «گۇگىل مال سېتىۋېلىش، تېز يەتكۈزۈش» نى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇپ، كېيىن مال يەتكۈزۈش دائىرىسىنى نىيۇيورك ۋە لوس ئانژېلىسقا كېڭەيتكەن. گۇگىلنىڭ تېز يەتكۈزۈش ساھەسىگە كىرىشتىكى نىشانى ئامازوندىن ئېشىپ كېتىشلا ئەمەس ئىكەن. گارتنېر (Gartner) تېخنىكا مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2017-يىلىغا بارغاندا ئامېرىكا سېتىش ساھەسىدىكى %10 سودا تور ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىپ، يىللىق سودا سوممىسى 720 مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن.

كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، گۇگىلنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسپى نۆۋەتتە يەنىلا مەبلەغ سېلىنىش باسقۇچىدا بولۇپ، پايدا تېپىش تاپالماسلىقى بۇندىن كېيىنكى كەسىپ كۆلىمىگە باغلىق ئىكەن.

بۇ ساھەگە كېيىن قەدەم باسقان گۇگىلغا نىسبەتەن، «غوجا ئاكىسى» ئامازوندىن ئېشىپ كېتىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس. گۇگىل گەرچە ئامېرىكىدىكى ئىككىنچى چوڭ  پارچە سېتىش شىركىتى كوستكو (Costco) بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان بولسىمۇ، لېكىن تەمىنلەيدىغان مالنىڭ سانى جەھەتتە ئامازوندىن خېلىلا ئارقىدا. گۇگىل كەلگۈسىدە مال يەتكۈزۈپ بېرىش دائىرىسى، ئىستېمالچىلار ۋە ھەمكارلاشقۇچىلار سانى جەھەتتە زور كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك.
مەنبە:ئەرقال تاراتقۇسى

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 11:00:45

ئەمدى زاكىربەگ بىلەن ئامازوننىڭ باشلىقى مۇشلىشىپ كەتسە خېرىدار تالىشىپ {:92:}{:92:}{:92:}

function يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 11:12:40

زاكىربەگ :lol

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 13:06:06

زاكىربەگ فىيىسبوكتىمۇ مال ساتامدىكەن.

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 09:35:56

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-28 13:06 static/image/common/back.gif
زاكىربەگ فىيىسبوكتىمۇ مال ساتامدىكەن.

ئالسا ساتار :lol
بەت: [1]
: گۇگىل تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى ئامازون بىلەن روبىرو رىقابەتلىشىدۇ.