ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 00:12:19

ئويۇنخۇمارلارغا تەۋسىيە

يېقىندا بىر كومپىيوتىر ئويۇنىنى ئويناشنى باشلىغان ئىدىم. بۇ ئويۇن مېنىڭ نەزىرىمدە ياخشى لايھەلىنىپتۇ، شۇڭىلاشقا ئويۇنخۇمار تورداشلارغا تەۋسىيە قىلغۇم كېلىپ قالدى.
بۇ ئويۇننىڭ ئېنگىلىزچە ئىسىمى: PlanetExplorer
خەنچە ئىسىمى: 星球探险家

ئويۇن ئارقا كۆرۈنىشى: بۇ ئىلمىي فانتازىيە  ئويۇنى بولۇپ، يەرشارىلىق، ئاي شارىلىق ۋە مارىسلىق تەۋەككۈلچىلەر ئالەم سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ. مارىئاننا دەپ ئاتىلىدىغان پىلانتقا كەلگەندە نامەلۇم ئېلكتىرۇن ئاۋارىيەسىگە دۈچ كېلىپ، ئالەم ئايروپىلانى بۇ پىلانتقا چۈشۈپ كېتىدۇ. ئاۋارىيەدىن ھايات قالغۇچىلار بۇ پىلانتىتا يېڭى ھاياتىنى باشلايدۇ.
ئويۇن خاراكتىرى: رول ئېلىش(角色扮演类) تىپىدىكى ئويۇن، مودىل ياساش(沙盘类) دىگەندەك بىر قانچە خىل تۈردىكى ئويۇنلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان ئالاھىدە بىر ئويۇن. تېلفوندا ئوينايدىغان(我的世界  minecraft)دىگەن ئويۇنغا ئوخشاپ قالىدۇ. بۇ ئويۇندا سىز قانداق نەرسە ياسىسىڭىز، نىمە ئىش قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ.
ماس كېلىدىغان كىشىلەر: كۆز قارىشىمدا ھەر قانداق ياش قورامدىكى ئويۇنخۇمارلارنىڭ ھەممىسىگە ماس كېلىدۇ.

بۇ ئويۇننىڭ سىتىم ئەپ بازىرىدىكى سېتىلىش باھاسى 24.9 ئامېرىكا دوللىرى. (ئەلۋەتتە جۇڭگۇ تورلىرىدىن ھەقسىز چۈشۈرۋالغىلى بولىدۇ، ھەقلىق نۇسخىسىنى سېتىۋېلىش ئىمكانىيېتى يوق بولغاچقا مەن ھازىر ئويناۋاتقىنىمۇ ئوغرى نەشىرى) ھازىرقى نەشىرى
0.84 پات يېقىندا 0.85 نۇسخسى چىقىشى مۇمكىن.
تۆۋەندىكىلىرى بۇ ئويۇننىڭ ئىكران رەسىملىرى:
باشلاش كۆزنىكى


تىزىملىك


بۇ رەسىمدىكىسى مېنىڭ بەش ياشلىق ئوغلۇم ياسىغان ياغاچ ئۆي



تۆۋەندىكى رەسىملەردىكى بولسا مەن ياسىغان بازا ۋە قازغان كانلار



:lol

تۆۋەندىكى رەسىملەردىكى بولسا، مودىل ياساسقا ئائىت بولغان قىسىمى بولۇپ، ياغاچ ماشىنا بىلەن شەمشەرنى ئۆزەم ياساپ چىقتىم، بازىدىكى قوغدىغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە ئۆزەم ياسىغان شەمشەردىن بىردىن تارقىتىپ بەردىم. جىپ ماشىنا بىلەن تۇخۇمسىمان ئۇچارنى بۇ ئويۇننىڭ ISO مۇنبىرىدىن چۈشۈرگەن.




بۇ ئويۇن بۇ يىل بېشىدا تارقىتىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ھازىرغىچە شىركەت تور بېكىتىگە ئەزا بولۇپ تىزىملاتقانلار 7000 دىن ئارتۇق، ئەلۋەتتە بۇ ساننىڭ ئىچىدە مەنمۇ بار.:lol

تۆۋەندىكى رەسىملەر بولسا بۇ ئويۇننىڭ تور بېكىتى ۋە سىتىم ئەپ بازىرى قاتارلىقلار.




ئىشىنىمەنكى ئويۇنخۇمار تورداشلىرىمىز بۇ ئويۇننى ياقتۇرۇپ قالىدۇ.
ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى بۇ ئويۇن ھازىرغىچە سىناق باسقۇچىدا بولۇپ، ئويۇندا نۇرغۇن باگ(bug) لار بار. ماشىنىنىڭ سۈرئېتى 60 كېلومىتىردىن ئېشىپ كەتسە، تولا يەر ئاستىغا كىرىپ كېتىدۇ. NPC لار ئەقىللىق ئەمەس، تولا يولدىن ئېزىپ قالىدۇ، ۋەزىپىلەرنى قايتا-قايتا ئوقۇپ كىرگۈزۈپ بەك تەستە ئورۇنلىدىم. كومپىيوتىرغا بولغان تەلەپ سەل يۇقۇرى، كومپىيوتىرى ئانچە ياخشى ئەمەسلەر ئوينىيالماسلىقى مۇمكىن. مەن خاتىرە كومپىيوتىردا تەلەپنى ئەڭ تۆۋەن چەككە توغۇرلاپ بېكىتىپ ئوينىغان بولساممۇ، سۈرئەت يەنىلا ياخشى ئەمەس. FPS بەزىدە 10 غا چۈشۈپ قالىدۇ. 0.84 بۇ نۇسخىسىنىڭ تىلى ئېنگىلىزچە ۋە خەنچە ئىككى تىللىق. مودىل ياساش، كان سىكانىرلاش قاتارلىق قىسىملىرى، قورال جابدۇقلارنىڭ بەزى چۈشەندۈرۈشلىرى يەنىلا ئېنگىلىزچە. ئورگان تور بېتىمۇ ئېنگىلىزچە، خەنچە نۇسخىسى يوق. مودىل ياساشقا ئائىت بولغان يۇقىرى تېخنىكىلارنىڭ چۈشەندۈرۈلىشى پۈتۈنلەي ئېنگىلىزچە، سەۋىيەم چەكلىك بولغاچقا تولا قىينالدىم.

ئوغلۇمغا ئاساسى مەشغۇلاتىنى ئۈگۈتۈپ قويغان ئىدىم. ئۆزى ئۆي ياساپ ئويناپ يۈرىدۇ. بالىلارنىڭ تەپەككۈرىنى ئېچىشقىمۇ سەل پايدىسى باردەك ھېس قىلدىم.

ئويۇنخۇمار دوسلارنىڭ ياقتۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 00:21:43

بۇ تېما پەقەت ۋە پەقەت ئويۇنخۇمار تورداشلارغىلا تەۋسىيە قىلىندى.
كومپىيوتىر ئويۇنىغا قىزىقمايدىغانلار، كومپىيوتىر ئويۇنىنى ۋاقىت ئىسراپ قىلىش دەپ قارايدىغانلار، كومپىيوتىر ئويۇنى ھارام دەپ پەتىۋا پىچىدىغان موللام دوستلار، ئىلىمگە ھېرىسمەن بىلىمخۇمار دوستلار، كىچىك بالىلار ئويۇن ئوينىسا بولمايدۇ دەپ قارايدىغان پىسخىك مەسلىھەتچىلەر ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىڭلار.

بۇ ئويۇنغا قىزىققۇچىلار ئويۇننىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى ئۆزەڭلار ئىزلەپ تېپىڭلار ياكى بولمىسا دوللار تۆلەپ سېېتىۋېلىش ئىمكانىيېتى بار دوستلار يۇقۇرقى رەسىمدىكى سىتىم ئەپ بازىرىدىن ھەقىقى نەشىرىنى سېتىۋالساڭلارمۇ بولىدۇ.

شىركەت مۇنبىرىدە بۇ ئويۇننىڭ مودىل ياساش قىسمىغا ئائىت بولغان نۇرغۇن تېمىلار بار ئىكەن. تىلى پۈتۈنلەي ئېنگىلىزچە، قۇربى يېتىدىغان تورداشلارغا كۆپ قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ. خەنچە مۇنبەرلەردىمۇ ئانچە مۇنچە بار، بەيدۇدىن ئىزلەپ تېپىشقا بولىدۇ.

isyankar731 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 07:51:01

مەن ياقتۇردۇم..لېكىن مودىل ، مەيدانلارنىڭ چىنلىق دەرىجىسى سەل تۆۋەنمۇ قانداق؟؟ئويناش ئۇسۇلى ، مەزمۇنى خېلى بولىدىكەنتۇق بولمىسا.. تەڭشەكلىرىنى يۇقىرى قىلىپ تەڭشىسە يامان ئەمەس بولۇپ قالۇرمۇ يە؟؟ ھە -راس سىغىمى قانچىلىككەن ؟؟

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 08:11:49

ۋەقەلىكى يامان ئەمەسكەن تەسۋىرى ئىنچىكە ئەمەسكەن شۇنداقتىمۇ چۈشۈرۈپ ئويناي:lol

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 08:22:44

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kakkur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-28 08:27  

ئەسلى ئايرىم تىما قىلىپ يازاي دىگەن بۈگۈنكى پۇرسەتتە مىششەدىلام قىسقارتىپ يوللىۋېتەي.

ئويۇن ئىسمى :使命召唤11:高级战争

  《使命召唤11:高级战争》最低配置要求:

   操作系统:Windows 7 64-Bit / Windows 8 64-Bit / Windows 8.1 64-Bit
   CPU:Intel® CoreTM i3-530 @ 2.93 GHz / AMD PhenomTM II X4 810 @ 2.80 GHz 或更好
   内存:6 GB
   硬盘:55 GB
   显卡:NVIDIA® GeForce® GTS 450 @ 1GB / ATI® Radeon® HD 5870 @ 1GB 或更好
   声音:兼容DirectX
   DirectX:11
   互联网:宽带互联网连接


بۇ ئويۇننى ئادەتتە ئويۇنخۇمارلار ئويۇنلارنىڭ دادىسى دەپ قويىدۇ، بۇ  ھەقىقەتەن ئېتىش ئويۇنلىرى ئىچىدىكە  قالتىس ئويۇن
سەپلىمە تەلىپى سەل يۇقىرى سېلىشتۇرغاندىن كىيىن چۈشۈرۈڭ بىكار 55 جىلىق نەرسىنى چۈشۈرۈپ بولغاندا قوزغالماي تۇرۋالمىسۇن
( سەپلىمە ئۇچۇرىغا ئەڭ تۆۋەن سەپلىمە ئۇچۇرى يېزىلدى)
ئۇنتۇپ قاپتىمەن بۇ ئويۇن كىلەر ئاينىڭ 4-ىنچى كۈنى تارقىتىلىدۇ

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 10:06:55

سىتراتىگىيەلىك پىلان تۈزۈپ ئوينايدىغان ئويۇنلار بارمۇ ، مەسىلەن Red alert 红警 قىزىل تىرۋوگا دىگەندەك ؟
ئەسكەر بولۇپ قورال ئىشلىتىپ يۈرگەندىن گېنىرال بولۇپ ئوينىغان ياخشى دەيمەنغۇ، قېرىغاندا:P

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 10:38:02

yollugh يوللىغان ۋاقتى  2014-10-28 10:06 static/image/common/back.gif
سىتراتىگىيەلىك پىلان تۈزۈپ ئوينايدىغان ئويۇنلار بارم ...

تېمىدىكى ئويۇن خنزۇچە تولۇق تىزىملىكلڭرى بولغان بولسا ياخشى بولاتتىكەن
خەنچە ئىسمى 要塞دەيدىغان ئويۇن بار،红色警戒شا ئوخشاپ كېتىدۇ

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 10:42:15

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2014-10-28 08:22 static/image/common/back.gif
ئەسلى ئايرىم تىما قىلىپ يازاي دىگەن بۈگۈنكى پۇرسەتتە م ...

مۇشۇ ئويۇننىڭ 8-قىسمىنى پۈتتۈرۈپ توختاپ قالغانچە نەچچە يىل بوپتۇ ئويۇن ئويناپباقماپتىمەن ، بەزىدە تۇرۇپ ئەسلەپقالىمەن شۇ ئويۇندىكى مەزمۇن ۋە قوراللارنى . مەشخۇلات تەرتىپى پۈتۈنلەي راس قوراللاردىن پايدىلانغان . ئىشقىلىپ ياخشى ئويۇنتى . قانچىنچى قىسمى ؟ تالىبانلارنى تولا ئېتىپ ئىچىم سەل سىقىلغان ، ئەمەلىيەتتە تالىبانلار ئۇ ئويۇندىكىدەك بەكمۇ ھاماقەت ئەمەستۇ دەيمەن .
شۇ ۋاقلاردا بىر خەۋەر كۆرگەنتىم قايسى بىر شېركەت ئېلان قىلغان تالىبان رولىدا چىقىپ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئاتىدىغان بىر ئويۇن چىقىشىغا بىر بەس مۇنازىرە قوزغىغانتى ئامېرىكىدا . كىيىن بۇ ئويۇننى تارقاتتىمۇ تارقاتمىدى بىلمىدىم .

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 11:01:26

مېنىڭ كومپىيۇتېرىم بۇ ئويۇنلار بىلەن  كۈچ ئېلىشىپ بولالمىغىدەك، يەنىلا تانكا دۇنياسىدا چېپىپ يۈرسەم بولىدىغان ئوخشايدۇ .{:101:}

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 11:33:57

asalam يوللىغان ۋاقتى  2014-10-28 10:42 static/image/common/back.gif
مۇشۇ ئويۇننىڭ 8-قىسمىنى پۈتتۈرۈپ توختاپ قالغانچە نەچچ ...

4-چى قىسمى

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 11:56:09

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2014-10-28 08:22:44 static/image/common/back.gif
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kakkur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-28 0
ياردەم قىلساڭلار.
2007-يىلنىڭ خاتىرە كومپىيىتىرىتى، سىمسىز تور قۇبۇللىغۇچ قاچىلىدىم، بەلگىلىرىدە تورغا ئۇلاندى، سۆرئىتى ياخشى دەپ چىقىدۇ، لىكىن تور كۆرگۈچنى ئېچىلمىدى، بارماق دېسكىدىن IE8نى قاچىلاي دىسەم تورغا ئۇلانمىغان دەپ چىقىۋالدى.
بولسا ئىنچىكە مەشغۇلات تەرتىپىنى دەپ بەرسەڭلار، رەھمەت.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 13:03:56

密码插入1 , 密码插入2      دىكىدەك رىئاللىققا ئۇيغۇنراق ئۇيۇنلار بولسا بوتتى.

密码插入3  تىىخى چىقمىغان ئوخشايدۇ.

sohrat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 14:31:51

سىتراتىگىيەلىك پىلان تۈزۈپ ئوينايدىغان ئويۇنلار بارمۇ ، مەسىلەن Red alert 红警 قىزىل تىرۋوگا دىگەندەك ؟

ئاچقۇچلۇق سۆز: 命令与征服   Command & Conquer
قامۇستىكى چۈشەندۈرۈشى:
《命令与征服》(英文名:Command & Conquer,台译:终极动员令, 简称C&C或CNC),是美国Westwood Studios为个人电脑发行的一系列即时战略游戏(RTS-Real Time Strategy)。美国艺电(Electronic Arts)收购Westwood之后,将《命令与征服》系列扩张成数个系列的共同商标。《命令与征服》游戏故事讲述,在1995年,一种叫做泰伯利亚的矿石坠落在意大利的泰伯河,之后开始大量繁殖,之后在神秘人物凯恩的领导下,NOD兄弟会开始了与全球防御组织(GDI)争夺泰伯利亚的斗争。

قامۇس مەزمۇن http://baike.sogou.com/v255800.htm
1.《命令与征服:泰伯利亚黎明(Command & Conquer:Tiberian Dawn)》

(Aug.31 1995)

2.《命令与征服:隐秘行动》(Command & Conquer:The Covert Operations)》

(April.30 1996)

3.《命令与征服:红色警报(Command & Conquer:Red Alert)》

(Oct.31 1996)

4.《命令与征服 红色警报:反戈一击(Command & Conquer Red Alert:Counterstrike)》

(Mar.31 1997)

5.《命令与征服 红色警报:劫后余生(Command & Conquer Red Alert:Aftermath)》

(Sept.30 1997)

6.《命令与征服:最后的幸存者(Command & Conquer:Sole Survivor)》

(Nov.30 1997)

7.《命令与征服2:泰伯利亚之日(Command & Conquer 2:Tiberian Sun)》

(Aug.24 1999)

8.《命令与征服2 泰伯利亚之日:火焰风暴(Command & Conquer 2 Tiberian Sun:Firestorm)》

(Mar.8 2000)

9.《命令与征服:红色警报2(Command & Conquer:Red Alert 2)》

(Oct.21 2000)

10.《命令与征服 红色警报2:尤里的复仇(Command & Conquer Red Alert 2:Yuri's Revenge)》

(Oct.10 2001)

11.《命令与征服:叛逆者(Command & Conquer:Renegade)》

(Feb.25 2002)

12.《命令与征服:将军(Command & Conquer:Generals)》

(Feb.10 2003)

13.《命令与征服 将军:绝命时刻(Command & Conquer Generals:Zero Hour)》

(Sept.22 2003)

14.《命令与征服3:泰伯利亚之战(Command & Conquer 3:Tiberian Wars)》

(Mar.26 2007)

15.《命令与征服3:凯恩之怒(Command & Conquer:Kane's wrath)》

(Mar.24 2008) 

16.《命令与征服:红色警报3(Command & Conquer:Red Alert 3)》

(Oct.28 2008)

17.《命令与征服 红色警报3:起义(Command & Conquer Red Alert 3:Uprising)》

(Mar.16 2009)

18.《命令与征服4:泰伯利亚黄昏(Command & Conquer 4:Tiberian Twilight)》

(Mar.16 2010)

بۇلارنىڭ ئاساسەن دىگۈدەك ھەممىسىنى ئىز قۇغلاپ دىگۈدەك ئويناپ باققان، سىزگە تەۋىسسىيە قىلىدىغىنىم:.12.《命令与征服:将军(Command & Conquer:Generals)》

(Feb.10 2003)

13.《命令与征服 将军:绝命时刻(Command & Conquer Generals:Zero Hour)》

(Sept.22 2003)

14.《命令与征服3:泰伯利亚之战(Command & Conquer 3:Tiberian Wars)》

(Mar.26 2007)

15.《命令与征服3:凯恩之怒(Command & Conquer:Kane's wrath)》

(Mar.24 2008) 

ھەممىسى ئىستىراتىگىيە ئويۇنلىرى، بولسا دىسكىسىنى تېتىپ سېتىۋېلىپ ئويناڭ، تور دۇنياسىدىن چۈشۈرسىڭىز بەسەيلەر ئۆزگەرتىپ تۈزگىنىدىن ھەزەر ئەيلەڭ.

Faith يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 15:07:23

مەن شۇ  call of duty11 نى ساقلاۋاتىمەن. GTA 5 نىڭ پىسى نۇسقىسىنى ساقلاۋاتقىلى بىريىلدىن ئاشتى.

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 15:23:10

鬼泣3~4~5     虐杀原形2    古墓丽影8~9      مەن ياقتۇرۇپ ئوينىغان ئويۇنلار.... مەنمۇ 鬼泣5نى ئىككى يىلچە ساقلىدىم ... بەك ساقلاپ كەتكەچكىمۇ ، ئىككى كۈندىلا تۈگىتىپ قويدۇم...ئەمدى 6 قاچان چىقار ...     

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 16:05:50

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kakkur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-28 16:07  

Comeon يوللىغان ۋاقتى  2014-10-28 15:23 static/image/common/back.gif
鬼泣3~4~5     虐杀原形2    古墓丽影8~9      مەن ياقتۇرۇپ ئوينىغان ئويۇنلا ...

مەن 古墓丽影9نى ئىككى قېتىم ئويناپ تۈگەتكەن ، بەك ياخشى ئويۇنكەن 10-چىسى كىلەر يىلى 6- ئايدا چىقامىش

بىر گەپنى سورىۋالاي 虐杀原形2 دە  مەلۇم بىر ۋەزىپىگە كەلگەندە  كاتەك بەلگىسىدىن بىرسى بېسىڭ چىقىۋالدى كونۇپكا تاختامدىكى ھەممىنى بىر رەت بېسىپ چىقىتىم بولمىدى ئۇ قايسى كۆونۇپكا

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 16:33:02

isyankar731 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-28 07:51 static/image/common/back.gif
مەن ياقتۇردۇم..لېكىن مودىل ، مەيدانلارنىڭ چىنلىق دەرىج ...

سېغىمى چوڭ ئەمەس، ئاران 4.5گىگابايىت. تەڭشەكلىرىنى يۇقۇرى قىلىپ تەڭشىسە، كۆرۈنۈشلىرى ھەر ھالدا يامان ئەمەس.
مودىل ياساش ئىقتىدارى ياخشى، ھازىر بار بولغان ھەر قانداق نەرسىنىڭ مودىلىنى ياساپ چىققىلى بولىدۇ. ئۆزىڭىز ئويناپ كۆرۈپ باقسىڭىز ھېس قىلىسىز.
مودىللار فىزىكىلىق قانۇنىيەتلەرگە چوقۇم بويسۇنىشى كېرەك. تىك ئۇچار ئايروپىلان ياساپ، ئىككى قېتىم مەغلۇپ بولۇپ، فىزىكىدىكى ئېغرلىق كۈچ مەركىزى قانۇنىيېتىنى ئاندىن ئەسكە ئالدىم.:lol

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 16:35:09

Faith يوللىغان ۋاقتى  2014-10-28 15:07 static/image/common/back.gif
مەن شۇ  call of duty11 نى ساقلاۋاتىمەن. GTA 5 نىڭ پىسى نۇسقىسىنى  ...

GTA5 مەنمۇ ساقلاپ ئولتۇرىمەن، چىداپلا PS ياكى بولمىسا   XBOX دىن بىرنى ئالايمىكىن دەپ يەنە توختاپ قالدىم.:lol

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 16:40:45

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2014-10-28 16:05 static/image/common/back.gif
مەن 古墓丽影9نى ئىككى قېتىم ئويناپ تۈگەتكەن ، بەك ياخشى ئو ...

Prototype2 نى ئويناپ 68% بولۇپ بولدى، غول لېنىيە ۋەزىپىلىرىنى تاماملاپ بولدۇم.
سىز دەۋاتقان كاتەكچە چىقىۋالغان كۇنۇپكىنى ئۆزىڭىز تەڭشىۋالسىڭىز بولىدۇ، مەن Q كۇنۇپكىسىغا تەڭشەپ قويغان. بۇ ئىقتىدارى ۋەزىپە ئورۇنلىغاندا بەك كۆپ ئىشلىتىدىغان ئىقتىدار، بىئوسىكاننىر، نورمال ئادەملەر بىلەن يۇقۇملانغان ئادەملەرنى ئايرىپ بېرىدۇ. نىشاننىڭ ئورنىنى بەلگىلەيدۇ. ئىسىمىنى  بىئو رادار دەپ قويساق بولامدىكىن.

بالام ئوينايمەن دەپ تۇرىۋالىدۇ. لىكىن ئوينىغىلى قويمىدىم. زوراۋانلىق، قان تۆكۈش بەك كۆپ ئويۇن بۇ.

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 16:57:52

使命召唤نى ئوينىساملا ،بىشىم چىڭقىلىپ ،كۈزۈم تۇرلىشىپ،ئىچىم ئېلىشىپ كىتىدۇ.بەزى ئۇيۇنلارنى ئۇينىسا ئۇنداق بولمايدۇ بەزى ئۇيۇنلاردا شۇنداق بۇلىدۇ.كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ تۈۋەن بولسا ،كۆرىنىش راۋان بولمىسا شۇنداق بۇلامدىغاندۇ؟
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7
: ئويۇنخۇمارلارغا تەۋسىيە