ماقال-تەمسىل ۋە ھىكمەتلىرمىز ..
نىسى - نەس ، ھەپتە بولسا بەس ، ئاي بولسا ئۇرۇش ، يىل بولسا قەسەم .بىرگە خۇدادىن قورىققاندىن قورق ، بىرگە خۇدادىن قورقىمىغاندىن قورق .
پادىشاھلىق ئەل بىلەن ، تۆمۈرچىلىك يەل بىلەن .
يىقىندىن خوتۇن ئالساڭ قۇلاققا ئارام يوق ، يىراقتىن خوتۇن ئالساڭ ئۇلاغقا .
كۆڭۈل كۆرمىگىچە كۆز كۆرمەس .
قىرىق يىل دېھقانچىلىق قىلغان كىشىگە دوزاق ئوتى ھارام .
نەسىھەت قىل ، ئاڭلىمىسا سۈكۈت قىل .
كەپتەر بەغەزدە توختايدۇ ، دۇنيا قەغەزدە .
خىرىدارنىڭ كۆزى بولسا كاسىپ ئاچ قالىدۇ .
تەپەككۇر ئۈنچىلىرى ..
ھەقىقەتنى تونۇشتىكى ئاساسى توسالغۇ - سەپسەتە ئەمەس ، بەلكى ساختا ھەقىقەتتۇر.
بۇلبۇل ئادەم ئەمەس ، شۇنداقتىمۇ ئۇ تۇغۇلغان كۈنى ئۈن چىقارماي ، ۋاختى كەلگەندە سايراشقا باشلايدۇ .
ئات تىيىلغاق يەدە يىقىلسا ، ئادەم چىرايلىق گەپتە يىقىلىدۇ .
تاغ ھەرقانچە ئىگىز بولغان بىلەن كىشىلەرنىڭ پۇتىدىن ئىگىز ئەمەس .
مەنسەپ بىر چوققىدۇر . ئۇنىڭغا قانات قاققان قىران بۈركۈتمۇ چىقىدۇ . يامىشىپ يۈرۈپ يىلانمۇ چىقىدۇ .
توپلىغۇچى : ئۆزۈم
بەت:
[1]