visualuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 22:01:18

يەرلىكتىكى فونت نۇسخىسىنى ئىشلىتىش(VB.NET)

ئادەتتە كومپىيوتېر سىستېمىسىغا ئۇيغۇرچە فونت نۇسخىسى قاچىلانمىغان بولغاچقا. يۇمشاق دىتال ئاچقۇچىلارنىڭ دىتال يۈزىدە ئىشلەتكەن فونت نۇسخىسىنى ئىشلەتكۈچىنىڭ سىستېمىسىغا قاچىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. بىر تەرەپتىن ئېيىتقاندا كىچىك دېتاللارغا نىسبەتەن بۇ ئۇسۇل سەل ئاقمايدۇ. نۆۋەتتىكى ئۇسۇل ئارقىلىق خالىغان فونت ھۆججىتى ئىچىدىكى فونت نۇسخىسىنى تارتىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.Imports System.Drawing.Text
Imports System.Drawing

Public Class Form1

    Private Sub Form1_Load(sender As Object, e As EventArgs) Handles MyBase.Load
        Dim pfc As PrivateFontCollection = New PrivateFontCollection
        pfc.AddFontFile("E:\VS2012\alkatip.ttf")
        Me.Button1.Font = New Font(pfc.Families(0), 12, FontStyle.Regular)

    End Sub

End Class

Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 20:29:09

ماۋۇ بولىدىغان ئىش ئىكەن. مەنمۇ بىر مەزگىل نېتنى ئۆگىنىپ تاشلىۋەتكەن. سىزدىن تەلىم ئالسام قانداق بولار؟ ئاۋال ماڭا بىر ئىشنى ئۆگىتىپ قويسىڭىز.
مېنىڭ ۋ ب دا ئازراق ئاساسىم بار. ۋ ب نېتنىمۇ ئازراق بىلىمەن. لېكىن ماڭا ياقمىغان يېرى قۇشقاچنى سىنارەت بىلەن ئاتقاندەك، ۋ ب نېتنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ۋىژۇئال ستادىيۇنى قاچىلاش كېرەك ئىكەن. بۇ نەرسىنىڭ سىغىمى نەچچە گىگابايىت كېلىدۇ. يەنە قاچىلاشمۇ ئاۋارىچىلىق. مەن پەقەت ۋ ب نى ئۆگەنسەملا بولدى، ستادىيۇنىڭ قالغان ئاتارمەن - چاپارمەنلىرى بىلەن كارىم يوق، لازىمىمۇ يوق (چۈنكى بىلمەيمەن) شۇڭا مۇمكىن بولسا بۇرۇنقى ۋ ب 6.0 دەك ئاددىي نۇسخىسى (精简版) بولسا تەۋسىيە قىلسىڭىز. قۇشقاچنى رەگەتكە بىلەن ئاتساممۇ بولاتتى.

visualuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-2 22:00:23

Uyghuran يوللىغان ۋاقتى  2014-11-25 20:29 static/image/common/back.gif
ماۋۇ بولىدىغان ئىش ئىكەن. مەنمۇ بىر مەزگىل نېتنى ئۆگىن ...

  Express نۇسخىسىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. visualstudio2012 Express دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۈڭ.(600MB) ياكى visualstudio 2005 نى چۈشۈرۈڭ(تۆۋەنرەك نەشىرى سەل ئاددىيراق ھاجىتىڭىزدىن چىقالايدۇ)

Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 09:19:29

رەھمەت سىزگە

ahmatjanxp يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 01:01:46

ناھايىتى ياخشىكەن . ئىمكان بولسا ئالاقىلاشساق قانداق  ?
بەت: [1]
: يەرلىكتىكى فونت نۇسخىسىنى ئىشلىتىش(VB.NET)