پاي بازىرنىڭ ئىككىنجى تەڭشىلىش دولقۇنى تېخى ئاخىرلاشمىدى
بۇ ، ھەپتە بازار ئۇدا تەڭشىلىش يۆلۇنىشىنى نامايەن قىلدى . قىسقا مەزگىلدىن قارغاندا ، بارلىق قىسقا مەزگىلىك ئوتتۇرچە سىزىق بۇزۇلۇپ تاشلاندى . بولۇپمۇ ، بۇ نۆۋەتلىك بازارنىڭ ئۆسۇش تونىلى بۇزۇلۇپ تاشلاندى . تېخنىكا جەھەتتىن ئانالىز قىلساق ، بۇ تۆۋەتلىك ئۆسۇش ئاخىرلىشىپ بولدى ، كېيىكى بازارنىڭ قەدىمى مۇشۇ نۆۋەتلىك بازارغا بولغان تۇزەش دولقۇن تىپى بولىشى كېرەك . نۆۋەتتە كۇزەتسەك تۇزەش دولقۇنى ئەمدىلا قوزغالدى . قىسقا مەزگىل ئىچىدە ، گەرچە تەكرارلىنىش مۇمكىنچىلىقى بولسىمۇ ، بىراق ئۇمۇمى جەھەتتىن ، بۇ نۆۋەتلىك تۇزەش تېخىمۇ ئۇزۇن بولغان ۋاقىتتا ھەزىم قىلىشقا مۇھتاج .ۋاقىت كۆزنىكىنىڭ شەكلىگە تېخنىكا جەھەتتىن ھۆكۇم قىلساق ، ئاددىراق مۇھىم بولغان فىبوناچىنىڭ پروگرسسىيەسى بىلەن ئانالىز قىلساق ، ئەگەر ، بۇيىل 3-ئايدىكى 1974 نوقتىنى قوزغۇلۇش نوقتىسى قىلساق ، 21 كۇندە قىسقا مەزگىلىك چوقىنى ،34 كۇندە قىسقا مەزگىلىك تېگىنى ، 89 كۇندە قوزغۇلۇشقا باشلىغىنىنى ، 144 كۇندە نىسپەتەن چوقىنى كۆرگەنلىكىنى شۇنداق ئېنىق كۆرۋالالايمىز . شۇڭا ، كېيىنكى ۋاقىت كۆزنىكى 233 كۇنگە ، يەنى كېلەر يىلنىڭ يىل بېشىغا توغرا كېلىدۇ ، مۇشۇنداق قارغاندا ، بۇ نۆۋەتلىك تەڭشىلىشنىڭ ۋاقتى ئۇزۇنراق .
ش ئا ك (شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۇچى)
بوشلۇق تەرەپتىن ، ئىلگىرى دەپ ئۆتكەندەك (يەنى ئىلگىرى 2444 نوقتىدا ، ئورۇندا چوڭ دەرىجىلىك تەڭشىلىش قىلدۇ دېگەن ) ئىككىنجى دولقۇننىڭ تەڭشىلىشى بىرىنجى دولقۇننىڭ ئۆسكەن 0.16 ياكى 0.5 ئورۇنغا قايتىشى كېرەك ، بۇ كۈچلۈك تەڭشىلىشكە تەۋە . مۇشۇ نەزىريە بويۇنچە بولغاندا ، پاي كۆرسەتكۇچى 2231-2182 ئەتىراپىدا ئىككىنجى دولقۇننىڭ تەڭشىلىشىنى ئاخىرلاشتۇرسا بولدۇ .
ش ئا ك (شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۇچى)
بۇ نوقتىنى گاننى گىرادوس سىزىقى ئارقىلىق ھۆكۇم قىلىپ چىقارغىلى بولدۇ ، 2:1 تېرەك گىرادوس سىزىقى نۆۋەتتە دەپ 2200 نوقتا ئەتىراپىدا ئىكەنلىكىنى كۆرۋالغىلى بولدۇ . گەرچە ، كەلگۇسىدە داۋاملىق سوزۇلۇپ ئۆسۇش ئېھتىمانلىقى بولسىمۇ ، لېكىن بوشلۇق چوڭ ئەمەس ، بۇ بوشلۇق 2250 نوقتا ئاستىدا بولشى كېرەك . شۇنىڭ ئۈچۈن ، بۇ نەچچە ھەپتىلىك ۋاقىتنىڭ تەڭشىلىشى ، چۇشۇش ھەجىمىنىڭ چوڭقۇرلىشىش ئارقىلىق قىسقا مەزگىلىك بازاردا بىر ئۆسۇش پۇرسىتى بولدۇ ، لېكىن بۇ قولمىزدىكى پايلارنى تەڭشەيدىغان ۋاقىت . مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كېيىكى مەشخۇلاتىدا ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇش قىلىش پىلانى بولىشى كېرەك ، قارىغۇلارچە ئۆسۇشنى قوغلاش باپ كەلمەيدۇ .
ئانالىزنى 25-چىسىلا قىلىپ بولغان ئەمدى يوللاندى .
مۇھەرىر : ھۈسەنجان پائۇل ئەپەندىم كۆرۈنمەيدىيا؟ ناھايىتى ياخشى چۈشەندۈرۈپسىز رەھمەت ، مۇشۇنداق پاي ھەققىدىكى مۇلاھىزلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي .
سىزدىن بىر ئىشنى سورىۋالاي ، مەن بۇرۇن تورلاردىن يولداشلارنىڭ تەنە قىلىپ ‹‹دۆلىتىمىزنىڭ پاي بازار يۆلۈنىشىنى ھەتتا ۋال كوچىسىدىكى ئىقتىسادشۇناسلارمۇ چۈشەندۈرۈپ بىرەلمەيدۇ›› دىگەنلىكىنى ئوقۇغان سىزنىڭچە باھار بايرىمىغىچە بولغان بازارنى سىز ئېيقاندەك خەلىقئارالىق قائىدىلەر بىلەن چۈشەندۈرگىلى بولارمۇ ؟ ئەگەر بازار راستلا سىز دىگەندەك تەڭشەش باسقۇچىغا كىرسە قولىمىزدىكى پايدىسىدا تۇرىۋاتقان پايلارنى قولدىن چىقىرىپ پۈرسەت كۈتسەك بولارمۇ؟ ئىزدىنىشتە ئىقتىساسلىقلار ھەقىقەتەن كۆپ ! birmoo يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 22:53 static/image/common/back.gif
ئىزدىنىشتە ئىقتىساسلىقلار ھەقىقەتەن كۆپ !
شۇنداق بىلىك بىلەن ئىزدىنىش ئىقتىساسلىقلار ماكانى .
بىلىككە يەنە نىمە بولغاندۇ ،بىر-ئىككى ئايچە بولوپ قالدى ئېچىلمىدى . kanat520 يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 21:58 static/image/common/back.gif
ناھايىتى ياخشى چۈشەندۈرۈپسىز رەھمەت ، مۇشۇنداق پاي ھە ...
بۇ يەردە دېيىلگەن گەپ چوڭ كۆلەملىك مال ئېلىش ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ .
بەت:
[1]