بەڭباش توشقاننىڭ ئاقىۋىتى
بەڭباش توشقاننىڭ ئاقىۋىتىمۇھەممەد ئابدۇللا نۇرمۇھەممەد سەبىي
بۇرۇنقى زاماندا بىر ئورمانلىق بولغان ئىكەن. بۇ ئورمانلىقتا نۇرغۇنلىغان ھايۋاناتلار ياشايدىكەن. ئەسلىدە بۇ ئورمانلىقنى ئىنسانلار بىلمەيدىكەن. ئىنسانلار دەرەخلەرنى كېسىپ يەرلەرنى ئېچىپ يۈرۈپ بۇ ئورمانلىقنى بايقاپ قاپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئىنسانلار بۇ ئورمانلىققا پات _ پات كېلىپ ئوۋچىلىق قىلىدىغان بوپتۇ.
بىر كۈنى بۇ ئورمانلىققا ماھىر بىر ئوۋچى كەپتۇ ھەم ئورمانلىقتىكى ئەپچىل،ياىشى يەرلەرنى تاللاپ باسماق قۇرغىلى تۇرۇپتۇ. بۇنى ئۇچۇپ كېتىۋاتقان ياۋا كەپتەر كۆرۈپ قاپتۇ_دە، باشقىلارغا خەۋەر يەتكۈزمەكچى بوپتۇ. قارىغۇدەك بولسا بىر توشقان ناخشا ئېيتىپ ھېلىقى باسماق بار تەرەپكە كېتىۋاتقۇدەك...
مېنىڭ ئىسمىم ئاق توشقان،
يولۋاستىنمۇ مەن چاققان.
ھەممە توشقان ئىچىدە،
مېنىڭ نامىم بەك چىققان.
سالام قىلار يولۋاسمۇ،
تۈلكە دىگەن كاززاپمۇ.
يۇرت _ جامائەت ئىچىدە،
مەندەك بولماق ئاسانمۇ؟
شۇنداق يامان توشقانمەن،
ئۇتۇپ _ ئۇتۇپ چىققانمەن.
ئوۋچىدىنمۇ قورقمايمەن،
مايمۇندىنمۇ چاققانمەن.
لاي،لاي،لاي،لاي ...
ئەركىن كۈلۈپ مەن ئويناي.
توشقاننى كۆرگەن ياۋا كەپتەر توشقانغا:
ئەي توشقانباي _ توشقانباي،
نەگە ماڭدىڭ يالغۇز ، تاق؟
ئوۋچى قىلتاق قۇرۇوتۇ،
چۈشۈپ قالما، قايتقىن، ياق ...
دەپتۇ. توشقان ياۋا كەپتەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىماسقا سېلىپ مېڭىۋىرىپتۇ.
راست ئېيتىمەن، توشقانباي،
بۇ يولۇڭدا بار تۇزاق.
ئىشەنگىن سەن سۆزۈمگە،
چۈشۈپ قالساڭ بەك چاتاق ...
دەپتۇ ياۋا كەپتەر. بۇنى ئاڭلىغان توشقان پىسەنت قىلمىغان ھالدا:
__ سەن يالغانچى، مىنى ئالدىيالمايسەن. مېنى ئالدايمەن دېگۈچە ئۆزۈڭنىڭ ئىشىنى بىل. مەن ھېچكىمدىن قورقمايمەن. ھازىرغا كەلگۈچە مەن قىلتاققا چۈشۈپ باقمىغان، ئوۋچىدىنمۇ قورقمايمەن، سەن مەندىن غەم يېمەي ئۆزۈڭدىن غەم يە، __دەپتۇ.
بۇنى ئاڭلىغان ياۋا كەپتەر توشقاننى ئىشەندۈرەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ ئۇنىڭغا ئارتۇق گەپ قىلماپتۇ. توشقان بولسا، مەن ھېچكىمدىن قورقمايمەن... دەپ قىلتاق تەرەپكە قاراپ مېڭىۋېرىپ قىلتاققا چۈشۈپ قاپتۇ.
بايىدىن بىرى قىلتاقنى قۇرۇپ يوشۇرنۇپ تۇرغان ئوۋچى ياۋا كەپتەر بىلەن توشقاننىڭ سۆھبىرىنى ئاڭلىغانكەن. توشقاننىڭ نەسىھەتنى ئاڭلىماي قىلتاققا چۈشكەنلىكىنى كۆرۈپ توشقانغا:
ئەي توشقانباي _ توشقانباي،
سەن نېمانچە باشباشتاق.
نەسىھەتنى ئاڭلىماي،
چۈشتۈڭ مانا ۋاي ئەخمەق.
دەپتۇ. توشقان زارلاپتۇ، قاقشاپتۇ، ئورنىغا كەلمەپتۇ. باشباشتاقلىق ئاخىرى توشقاننىڭ بېشىغا چىقىپتۇ.
بۇ ئەسىرىم: تارىم غۇنچىلىرى ژۇرنىلىنىڭ 2010 يىللىق 8_9 قوشما سانىدا ئېلان قىلىنغان.
مۇمكىن بولسا بالىلار ئەدەبىيات سەھىپىسى قۇشۇلغان بولسا ؟ باشباشتاق دېگەن نېمە دېگەن گەپ بالىلار ئەدىبىياتى سەھىپىسى قۇرۇلسا بۇلىدۇ ، ئەمما بالىلار كۆپ ۋاقتىنى مۇنبەردە زايا قىلىۋەتمەسلىكى كېرەك .... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Toghrak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-27 20:04
atella يوللىغان ۋاقتى 2014-10-27 19:24
باشباشتاق دېگەن نېمە دېگەن گەپ
Bengwash,oz beshimchi سەبىجان،ئەمدە بالىلار ئەدەبىياتىغا ئىشتىياق باغلىدۇقما ؟نەتىجە زور جۇما سىللىدە،بىلوگىڭلىغا كىرسەم تۈركچە ناخشىلىنى ئۇيغۇرچىغا ئۆرۈگىلى تۈرۇپسىلە،داۋاملىق تىرىشىڭلا ،ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلغان ناخشىلىمۇ ياخشى چىقىپتۇ. Toghrak يوللىغان ۋاقتى 2014-10-27 19:59:01 static/image/common/back.gif
Bengwash,oz beshimchi
√ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا horazjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-27 20:25
atella يوللىغان ۋاقتى 2014-10-27 19:24 static/image/common/back.gif
باشباشتاق دېگەن نېمە دېگەن گەپ
باشباشتاق ، گەپ ئاڭلىمايدىغان دىگەن مەنىنى بىلدۇردۇ ،..قەدىمقى زاماندا ياشىۋاتقان ۋاقىتلىرىمىزدا ئۇيغۇر قىزلىرىىنىڭ ھەممىسى دىگىدەك چوڭلانىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ياغلىق چىگەتتى، يىگىتلەرمۇ چوڭلا گەپ قىلسا، ئىشقا بۇيرىسا يۇگرەپ يۇرۇپ ئىشقىلاتتى چۇنكى ئۇ ۋاقىتلاردىكى ئاتىلا ھەقىقى ئەركەكتەك ۋىجدانلىق ،غورورلۇق ئەركەكلەر ئىدى ، شۇ ۋاقىتلادا ياغلىق چەگمەيدىغان پاخ -پاق قىزلائۇچرىسا باش باشتاق ( بېىشىدا ياغلىق يوق ) ياكى ئاتا -ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدىغان قىزكەن دەيتتى ..ماڭا ئوخشاش ئەتتىگەن چىكەتسە كەشتە پەيدا بولدىغان قۇلاق كەستىلەنىمۇ باشباشتاق بالىكەن دەيتتتى... horazjan يوللىغان ۋاقتى 2014-10-27 20:24 static/image/common/back.gif
باشباشتاق ، گەپ ئاڭلىمايدىغان دىگەن مەنىنى بىلدۇردۇ ...
خورازجان ۋە توغراق قىزنىڭ چۈشەندۈرشىگە رەھمەت... ياۋا كەپتەر، ئاھ ياۋا كەپتەر... ئەسىىلامۇ ئەلگيكۇم تېلفۇندا چىقۋاتىمەن ، تېلفۇنۇم ئالما ۋاللەي ئويۇنچۇقلىرىغا ئاۋازلىق قىلىپ قوشۇپ قويسا بولغىدەك. ikkimo يوللىغان ۋاقتى 2014-10-27 22:19 static/image/common/back.gif
ئەسىىلامۇ ئەلگيكۇم تېلفۇندا چىقۋاتىمەن ، تېلفۇنۇم ئال ...
ۋەئەيلۇم ئەسسالام ................... مېنىڭ NOKIA ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، مېنىڭ تېلېفونۇم يوق!:( salambay يوللىغان ۋاقتى 2014-10-27 20:30 static/image/common/back.gif
ياۋا كەپتەر، ئاھ ياۋا كەپتەر...
«كۆك كەپتەر قىسسسى» ئىسىڭلىگە كەلگەن ئوخشىمامدۇ؟:lol بۇ بالا تەخەللۇسىغا ماس ئەسەر يازىدۇ دىسە ... ikkimo يوللىغان ۋاقتى 2014-10-27 22:19 static/image/common/back.gif
ئەسىىلامۇ ئەلگيكۇم تېلفۇندا چىقۋاتىمەن ، تېلفۇنۇم ئال ...
راستەك قىلدۇ ... abduzaher يوللىغان ۋاقتى 2014-10-27 20:05 static/image/common/back.gif
سەبىجان،ئەمدە بالىلار ئەدەبىياتىغا ئىشتىياق باغلىدۇق ...
كۆپ رەھمەت ...!
ھەي شۇ بىر زامانلاردا قەلەم بىلەن ئېتىشتىم مانا ئەمدى تىزيول بىلەن ئېتىشىۋاتىمەن ... مان بۇ ئەسەرنى رادىيولدىن ئڭلىغاندەك قىلىمەن.
بەت:
[1]