SYAWUSH يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 14:21:33

[تەرجىمە فىلىم] سەربەدارلار (تارىخىي ھېكايە فىلىم)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   SYAWUSH تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-27 14:27  

      سەربەدارلار





ئۇيغۇرچە نامى: سەربەدارلار
خەنسۇچە نامى: 被处绞刑的人
دەۋلەتى: ئىران
تىلى: پارسچە
خېتى: ئۇيغۇرچە
قويۇلغان ۋاقتى: 1983- يىلى
تۈرى: تارىخىي ھېكايە
رېژىسسور: موھەممەدئەلىي نەجەفىي
يازغۇچى ۋە مەسلېھەتچى: كېيھان رەھگوزار
روللاردا:    توغاي تېيمۇرخان:- فىرۇز بېھجەت موھەممەدىي
               فاتېمە:- سۇسەن تەسلىمىي
               تەركان خاتۇن:- ئەفسانە بايېگان
               ئەرغۇن شاھ:- جەمشىد لايېق
               قازىي شارەھ:- ئەلىي نەسىرىيان
               شەيخ ھەسەن جۇرىي:- ئەمىن تاروخ
               خاجە قوشېيرىي:- موھەممەدئەلىي كېشاۋەرز
               خانى باشتىن:- ئېنايەت بەخشىي
               ئەمىر مەھمۇد ئەسفەرايېنىي:- موھەممەد ئەبھەرىي



     سەربەدارلار - خوراسان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى موغول (موڭغۇل) ئىستېلاچىلىرىغا قارشىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھەمدە شۇ كىشىلەرنىڭ ئاشۇ پائالىيىتىنىڭ نامى بولۇپ، «دارغا ئېسىلغۇچىلار»، «دارغا مەھكۇملار»، «كاللىدىن كەچكەنلەر» قاتارلىق مەنىلەرگە ئىگە. فىلىمدە  ئاساسلىق تەسۋىرلەنگىنى بولسا، خوراسان ۋە شۇنىڭ ئەتراپىدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان چەنگىز ئەۋلادلىرى ئىلخانلارنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدىكى پائالىيەتلىرىدۇر.

      سەمىمىي ئاگاھلاندۇرۇش: مەزكۇر فىلىم پەقەت تىل ۋە تارىخقا نىسبەتەن ئىشتىياق يۈزىسىدىن، سىناق ئۈچۈن كۆرۈشكە بىرىنچى قىسمىلا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، فىلىمنىڭ بارلىق ھوقۇقى فىلىمنى ئىشلىگەن ئورۇنغا مەنسۇب. ھەرقانداق شەخس ياكى ئورۇن تەرىپىدىن سودا خاراكتېرىدە ئىشلىتىلسە، ۋە ياكى نامۇۋاپىق پايدىلىنىپ، سەلبىي ئاقىۋەت پەيدا قىلسا، تامامەن شۇ كىشى ياكى شۇ ئورۇن ئۆزىلا مەسئۇل بولىدۇ.چۈشۈرگەن بولسىڭىز 24 سائەت ئىچىدە يۇيىۋېتىڭ.


فىلىمغا دائىر سۈرەتلەر:















بىۋاسىتە كۆرۈڭ:
http://v.youku.com/v_show/id_XODEyNDQ2NDg4.html

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 10:56:04

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qashqari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-28 10:57  

بۇ تارىخى فىلىم مىنى «تارىخى رەشىدىي»دىكى بايانلارغا باشلاۋاتىدۇ قىنى تەپسىلى كورۇپ باقاي .

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 11:05:36

رەسىملىرىدىن يامان قوقۇنۇشلۇقتەكقۇ ....

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 11:16:52

ئۇيغۇرچە خېتى ئوقۇشقا ئۈلگۈرمەيدىكەن، تۈز خەت نۇسخىسى بولغان بولسا بەك ياخشى بولاركەندۇق...:(

SYAWUSH يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 11:25:30

terjiman يوللىغان ۋاقتى  2014-10-28 11:16 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرچە خېتى ئوقۇشقا ئۈلگۈرمەيدىكەن، تۈز خەت نۇسخىسى ...

فىلىم تۈسى ھەم تىلىنىڭ ئىستېتىك تۇيغۇسىغا ماشلاشتۇرۇش ئۈچۈن دىۋانىي خەت نۇسخىسى تاللاندى. ئوقۇشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، بۆلگىلى بولىدىغان مۇرەككەپ جۈملىلەر ۋە ئۇزۇن-ئۇزۇن جۈملىلەر ئىككى ياكى ئۈچ-تۆتكە بۆلۈۋېتىلىپ، كەينى-كەينىدىن كۆرۈنىدىغان قىلىندى. بۆلۈۋەتسە بولمايدىغان قىسمەن جۈملىلەرگە كەلگەندە، فىلىمنى تورمۇزلاپ قويۇپ ئوقۇغايسىلەر.

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 11:57:50

سەربەدارلار - خوراسان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى موغول (موڭغۇل) ئىستېلاچىلىرىغا

موغول بىلەن مۇڭغۇل بىر گەپ ئەمەستۇ. تارىخى ئەسەرلەردە 1500-يىللىرى ھازىرقى شىنجاڭ رايونىدىكى بىز ئۇيغۇرلارنى موغول دەيدىكەنتۇق.

Estami يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 12:00:42

چۈشۈرۈش ئاددېرسى يوقمۇ ؟

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 12:30:58

بۇرۇنقى دەۋرگە ئەكىرىپلا كەتتى. بىراق، داۋامىنى قانداق قىلامىز؟ قاچان چىقىدۇ

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 13:49:15

خېتىنى تۈزۈك ئوقۇغىلى بولمىدى

elipbe يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 16:23:49

ئاپىرىن قولۇڭلارغا دەرت كەلمىگەي!

peleck يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 18:37:51

كىنو ئارتىسلىرىنى قەيەردىنمۇ تاپقاندۇ.  ئىراندا بىر تۈركۈم قازاق قىرىنداشلار بار دەۋاتاتتى،شۇلاردىن ئالدىمۇ، كىيىم-كىچەك ۋە تەرقى تۇرقىدىن شۇلارغا ئوخشايدىغاندەك...............

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 21:27:19

alip يوللىغان ۋاقتى  2014-10-28 11:57:50 static/image/common/back.gif


موغول بىلەن مۇڭغۇل بىر گەپ ئەمەستۇ. تارىخى ئەسەرلەردە
موغۇل دىگىنى تۈركلەزكەن مۇڭغۇللار ، چىڭگىزخاننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەۋلاتلىرى تۈركلىشىپ كەتكەن ، سەئىدىيە خانلىرىمۇ موغۇل ، بابۇرمۇ موغۇل ، چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدىمۇ موغۇل دەيىتتى ، ساپ موڭغۇلنى قالماق دەيىتتى ، تارىخى رەشىدى ، تارىخى ئەمىنىيە ، ھەمىدىلەردە موڭغۇللار بىلەن موغۇلنى پەرقلەندۇرۇپ ئاتايتى

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 21:36:39

تېكىست خەت نۇسخىلىرى بىلەن ماۋزۇ خەت نۇسخىلىرى كەسكىن ئايرىلىدۇ. مەيلى پارسلار،تۈركلەر ياكى ئەرەبلەر بولسۇن، ياكى بىز بولايلى دىۋانىنى تېكىست خەت نۇسخىسى قىپ باقمىغان. تېكىست ئۈچۈن ئەڭ ئاددىي خەت نۇسخىلىرى تاللىنىدۇ، مەسىلەن ئەلكاتىپنىڭ تۈز، تۈز توم، گېزىت،گېزىت توم،تور ، تور توم ۋە ياكى باشقا تۈز خەت
نۇسخىلىرى...دېگەندەك.

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 23:21:30

ئىران تارىخى فىلىملەرنى خېلى ياخشى ئىشلەيدىغاندەك قىلىدۇ.  ئەپسۇس، خېتى راۋان ئوقۇغىلى بولىدىغان نۇسخىدا بولسىچۇ

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 09:06:35

چۈشۈرۈپ قويۇپ كۆرۈشگە ۋاقىت يەتمىسىمۇ 24 سائەت ئىچىدە ئۆچىرىۋېتىمىزمۇ؟فىلىمنى چۈشۈرۈشكە تەمىنلىگەندە شۇفىلىمنى 24سائەتتىن كىيىن كومپىيۇتېرىمىزدىن غايىپ قىلىدىغان پىروگىراممنىنىمۇ بىرگە تەمىنلىگەن بولسا  بىرقاتار جاۋاپكارلىقتىن خالى بولۇپ قالىدىكەنمىز:P

abdukayyum يوللانغان ۋاقتى 2014-10-29 13:08:49

ھەقىقەتەن بولىدىغان كىنودەك قىلىدۇ، ئەمدى بىر قىسىم تەرجىمە قىلىنغان بولسا قالغىنىنىمۇ تەرجىمە قىلسا بوپتىكەن، ببۇ جەمئى نەچچە قىسىم كىنودۇ؟

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-1 21:51:07

ئەسلى فارىسچىدىن تەرجىمە قىلىندىمۇ؟ كىم تەرجىمە قىلغاندۇ؟
بەت: [1]
: [تەرجىمە فىلىم] سەربەدارلار (تارىخىي ھېكايە فىلىم)