ABC يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 12:16:41

بالىلىرىمىز نىمە ئويلايدۇ- قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن

قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن


مەن ئۆزۈم دۇچ كەلگەن مۇنۇ بايانلارنى تورداشلار نەزىرىگە سۇنۇشنى لايىق تاپتىم،بۇنى ھەممىمىز بىردەك مۇلاھىزە قىلىپ باقساق.                    
مېنىڭ ئۆيگە قايتقۇم يوق                    


كوچا ئاپتوبوسىدا يېنىمدىلا ئولتۇرغان ئىككى قىزنىڭ سۆھبىتى دىققىتىمنى تارتتى.                       
-ئاداش ،بۈگۈن قايسى ئۆيگە بارىسەن؟     
-ئىككىلا ئۆيگە بارغۇم يوق،-نىمىشقا؟
-دادامنىڭ يېنىغا بارسام ئاپاڭنىڭ يېنىغا بار دەيدۇ، ئاپامنىڭ  يېنىغا بارسام داداڭنىڭ يېنىغا بار دەيدۇ،ئىككى ئوتتۇرىدا قېقىلىپ –سوقۇلۇشتىن خويمۇ تويدۇم،  قىز ئۇلۇق-كىچىك تىندى.
يۈرىكىمگە سانجىلغان ئاچچىق ئازاپتىن مەنمۇ ئېغىر تىندىم.
ئۇلار ئاجرىشىپ كەتسە بولاتتى


دوستى:-ئاداش داداڭ بىلەن ئاپاڭ ئاجرىشىپ كەتتىمۇ؟
-ياق تېخى ،ئۇلار ئاجرىشىپ كەتسە بولاتتى.
-نىمىشقا ئۇنداق دەيسەن؟
-ئۇلارنىڭ كۈندە جاڭجاللىشىپ يۈرگىنىدىن ئاجرىشىپ كەتكىنى ياخشى ئەمەسمۇ؟يا ئۆي ئۆيگە ئوخشىمىغان يا ئادەم خاتىرجەم ئۈگۈنۈش قىلغىلى بولمىغان،يا مەن بىلەن كارى بولمىغان.
-ئۇلار ساڭا پۇل بەرمەمدۇ؟مېنىڭ ئاتا-ئانام ئۇرۇشۇپ قالسىلا ماڭا پايدا ئۇلار قولۇمغا پۇلنى تۇتقۇزۇپ «ماڭە سىرتقا چىقىپ ئوينا» دەيدۇ.
-پۇلنىغۇ بېرىدۇ،لېكىن پۇل قانداقمۇ ئاتا-ئانىنىڭ ،ئىللىق ئائىلىنىڭ ئورنىنى باسالىسۇن ئاداش.....
-ئۇ دىگىنىڭغۇ راست،بىراق سىلەر مەندىن ياخشىكەنسىلەر،مەن ئۇنداق چاغدا پۇل دەيدىغان بولسام ،ئۇلار مېنى بىر-بىرىگە ئىتتىرىشىپ پومزەك قىلىپ ئوينايدۇ،-ئۈچىنچى قىز سۆز قىستۇردى.
-نىمىسى ياخشى،سىرتتا يالغۇز تايىنى يوق نەرسىلەرنى يەپ ئىشىككە تەلمۈرۈپ ئولتۇرىدىغان گەپ شۇ.
ماگىزىندا


-ئاداش بۈگۈن بۇ پۇلنىڭ ھەممىسىنى خەجلىۋېتەيلى.ئاپاملارغا مۇكاپات بېرىپتىكەن ئۆتكەنكى ئىشنى دادامغا دەپ قويمىغىنىم ئۈچۈن ماڭا مۇكاپات بەردى.
-سەن مۇكاپاتنى ياخشى ئالىدىكەنسەن،مېنىڭ ئىمتىھان نەتىجەم يۇقۇرى چىقمىسا مۇكاپات تۇرماق پۇلمۇ يوق.
-قورقما مەن بار ئەمەسمۇ ،بۈگۈن ئالدىرىمايدىغانسەن؟
-ياق ئالدىرىمايمەن،بەرىبىر ئۆيگە بارساممۇ ئاپام-داداملار يوق.
-بىراق سەن يەنىلا مەندىن بەختلىك چۈنكى ئاپاڭ بىلەن دائىم بىللە بولالايسەن.
مانا بۇ مەن ئەتراپىمدا ئۇچراتقان،ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن ئىشلارنىڭ بىر قىسمى.بۇلار ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى بالىلار.بۇلاردىن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان،مەكتەپ ۋە جەمىيەتنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان بىر قىسىم ناچار خاھىشلارنىڭ پەرزەنتلەرنىڭ قورقماس ،بەتخەج،بىپەرۋا بولۇپ كېتىشىنىڭ تۈپ مەنبەسى يەنىلا بىز ئاتا-ئانىلار ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇ.
ھازىر مەكتەپ ۋە جەمىيەت بالىلارنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا باش قاتۇرىۋاتىدۇ،« پەرزەنت تەربىيسىنى كۈچەيتىش » ھەممىلا جايدا تەكىتلىنىۋاتىدۇ.ھەر دەرىجىلىك مائارىپ ئورۇنلىرى، مەكتەپلەر بۇ ئىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ.مەكتەپلەر مۇتەخىسسىسلەرنى تەكلىپ« سۆھبەت يىغىنى »ئۇيۇشتۇرۇپ پەرزەنتلەردە كۆرىلىۋاتقان مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇلاھىزە ۋە مۇنازىرە يۈرگۈزىۋاتىدۇ.مەن بىر قېتىملىق ئاتا-ئانىلار يىغىنىدا مۇنداق بىر ئىستاتىستىكا نەتىجىسىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتكەن ئىدىم.

                    50-يىل      70-يىل     يېقىنقى
ئائىلىنىڭ تەسىرى      %20        50        70
مەكتەپنىڭ تەسىرى      30          30        10
جەمىيەتنىڭ تەسىرى     50         20        20

مانا بۇ  بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى،ئائىلىنىڭ پەرزەنتلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى يېقىنقى يىللاردا ئىنتايىن چوڭ بولىۋېتىپتۇ.
پەرزەنتلەر ھەممىمىزنىڭ يۈرەك پارىسى،جەمىيەتنىڭ ،مىللەتنىڭ كەلگۈسى.ھازىر نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن تىپىرلاۋاتقان بولسىمۇ،لېكىن ئاز بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار يۇقۇرقىدەك ناچار خاھىشلار بىلەن پەرزەنتلىرى قەلبىدە داغ قالدۇرۇپ پەرزەنتلىرىنىڭ ھىسسىياتى،ئارزۇسى،كەلگۈسىگە سەل قارىماقتا.
پەرزەنتلەر ئۈچۈن ئانا ئائىلىدە مۇھىم ھىساپلىنىدۇ. يۇقۇرقى بايانلار قىزلارنىڭ ئاغزىدىن چىققان. بىر قىز بالا ئۈچۈن ئانا ئۇنىڭ ھەم دوستى، سىردىشى ھەم يول باشلىغۇچىسى،ئۇستازى بولالىشى كېرەك. پەرزەنت تەربىيسىدە ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتى،مەجبۇرىيىتى بىر قەدەر ئېغىر.بۇ ئىشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئاتىنىڭ مەسئۇلىيىتى يوق دىمەكچى ئەمەسمەن. پەرزەنت قەلبىدىكى ياخشى ئاتا بولماقمۇ ئاسان ئەمەس،بۇ زور مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت تەلەپ قىلىدۇ. ئاتا ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى،شۇڭا ئۇ ئائىلىدىكى تۈۋرۈكلۈك، ئاتىلىق مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك. ھالقىلىق پەيتلەردە بىرى چوقۇم قۇربان بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.كۆپىنچە بۇ قۇربان بېرىشنى ئاياللار ئۈستىگە ئالىدۇ، شۇڭا ئاياللار ئانا بولغانلىقى بىلەن قەدىرلىنىدۇ، «ئانا !» دىگەن بۇ سۆزنىڭ سالمىقى ئىنتايىن ئېغىر.قىزلارنىڭ كەلگۈسىدە قانداق بولۇشى،ئەلبەتتە بىز ئانا بولغۇچىغا باغلىق. شۇنداق بىر ئاتا-ئانا بولۇڭكى، پەرزەنتلىرىڭىز سىزنى خۇرسىنىپ،غەزەپلىنىپ تۇرۇپ ئەمەس، پەخىرلىنىپ ئاتايدىغىن بولسۇن. ئاتا-ئانا بولغۇچى  پەقەت ئۇلارنىڭ كىيىمىنى، پۈتۈن ،قورسىقىنى توق قىلىپلا مەكتەپ بوسۇغۇسىغا ئاپىرىپ قويساق بولمايدۇ. ئالدى بىلەن ئائىلىمىزنى ئىناقلىققا، پەرزەنتلىرىمىز قەلبىنى خاتىرجەملىك ۋە شاتلىققا تولدۇرىشىمىز لازىم. ئۇلارنىڭ يولسىز بولغان تەلەپلىرىنى رەت قىلىپ،يوللۇق ئارزۇلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ، ۋاختىمىز قىس بولسىمۇ ئۇلار ئۈچۈن ئازراق ۋاقىت ئاجرىتىپ ئۇلار بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ ،ئۇلارنىڭ كۆڭۈل كۆزىنى كۆرەيلى،قەلبىگە سىڭىپ كىرەيلى.ئۇلارنى قېيدىشىشنىڭ، پۇلنىڭ قورالى قىلىپ قويمايلى.ئاتا-ئانىلاردىن مەيلى قانداق سەۋەنلىك ئۆتۈشۈدىن،بىر-بىرىدىن قانچىلىك رەنجىشىدىن ھەتتا ئاجرىشىپ كېتىشىدىن  قەتئىنەزەر پەرزەنتلەر گۇناھسىز. ئۇلار بىز ئۈچۈن مۇھىم بولغىنىدەك، بىزمۇ ئۇلار ئۈچۈن مۇھىم. ئۇلارنى بىر-بىرىمىزگە ،شۇنداقلا سىرتقا ئىتتىرمەيلى. ئۇلارنىڭ يۇمران قەلبىنى ئازاپقا ئەمەس خۇشاللىققا تولدۇرايلى. ئۇلارغا كۆيۈنۈشنى،سۆيۈشنى،مىننەتدار بولۇشنى بىلدۈرەيلى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىشنى ئاۋال ئۆزىمىزدىن باشلايلى،كەلگۈسىگە بىر ئەۋلات ياراملىق پەرزەنتلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن ھەممىمىز بىردەك تىرىشايلى.

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 17:26:32

قاراماي گېزىتىگە مۇشتەرى بوپتىكەنسىزدە

atella يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 19:30:39

بېڭگۈەنلەردىكى ياتاق ئاچقۇزۇپ ئويناۋاتقان قىممارلار...ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن نارەسدىلەرنىڭ كۆزياش ۋە ھەسرەت نادامەت ئۈستىگە قۇرۇلغان،:(

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 19:43:04

رۇسلاننىڭ ئىنكاسىنى
بەت: [1]
: بالىلىرىمىز نىمە ئويلايدۇ- قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن